تاۋۇس ئەللەيىن(ياسىنجان سادىق چوغلان)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-03 04:58:13

تاۋۇس ئەللەيىن(ھېكايە)ياسىنجان سادىق چوغلانئېشەكمۇ ئۇچامدۇ؟ئۇچۇرسا ئۇچىدۇ.نۇرمۇھەممەت توختىراستىنى دېگەندە بوز ھاڭگا ئادەتتىكىچىلا بىر ئېشەك ئىدى. بوي - بەستى، رەڭگى رويى، يول يۈرۈشى ئۆز جەمە...

    تاۋۇس ئەللەيىن(ھېكايە)
    ياسىنجان سادىق چوغلان


     ئېشەكمۇ ئۇچامدۇ؟
     ئۇچۇرسا ئۇچىدۇ.
     نۇرمۇھەممەت توختى
    راستىنى دېگەندە بوز ھاڭگا ئادەتتىكىچىلا بىر ئېشەك ئىدى. بوي - بەستى، رەڭگى رويى، يول يۈرۈشى ئۆز جەمەتىدىكىلەردىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيتتى. ئەمما ھارۋا سۆرىگەن، يۈك كۆتۈرگەندىكى ھورۇنلۇقى سەۋەبىدىن سەپرا ئىگىسىنى ئاياۋسىز ساۋاپ ئوڭ قۇلىقى بىر تەرەپكە قىڭغىيىپ قالغاچقا، تەقى - تۇرقىنى خېلىلا كۆرۈمسىز كۆرۈنەتتى. جەمەتىدىكى باشقىلار ئىككى قۇلىقىنى تىك تۇتۇپ، سۆلەت بىلەن ئۇيان - بۇيان چىپىپ يۈرۈشلىرى ئۇنىڭ ھەسىتىنى قوزغايتتى. ئۇ ئىككى قۇلىقىنى ھەرقانچە تىك قىلىپ بىقىشقا تىرىشسىمۇ شورى قۇرغۇر ئوڭ قۇلىقىنىڭ كەپتەر قونىدىغان پەغەزدەك قىڭغايغىنى قىڭغايغانىدى. ئەمما ئۇنىڭ بىرقىسىم ئارتۇقچىلىقلىرىمۇ يوق ئەمەس ئىدى. يەم - خەشەككە كەلگەندە جەمەتىدىكى ھەرقانداق بىرىدىن ئىشتىھالىق ئىدى. سەپرا ئىگىسى پىخسىقلىق قىلماي ئوقۇرغا تۆكۈپلا تۇرسا بوغۇز بىلەن ساماننى كورسىلدىتىپ يەپلا تۇراتتى. مىنگەندە ئانچە - مۇنچە ھالۋۇزلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا تەپكەك، چىشلىگەك خۇيى يوق ئىدى. ئاۋازى ئاجايىپ ياڭراق بولۇپ بىر ھاڭرايدىغان بولسا پۈتۈن مەھەللىنى بېشىغا كىيەتتى. ھەئە، ئۇ ئۈچ خىل ئەھۋال ئاستىدا ھاڭرايتتى: بىرىنچىدىن كېچىچە قورسىقى ئېچىپ كېتىپ تېخى تاڭ يورىمىغان قاق سەھەردە ئىگىسىنى قوپۇپ تېزرەك بوغۇز بېرىشكە ئالدىرىتىپ ھاڭرايتتى. ئىككىنچىدىن قورسىقى تويغاندىن كېيىن ھاڭراپ قوياتتى. ئەلۋەتتە بۇ توقلۇقتىن شوخلۇق چىققانلىقىنىڭ ئالامىتى ئىدى. ئۈچىنچىدىن جەمەتىدىكى يات جىنىسلارنى  مادا ئېشەكنى كۆرگەندە ھاڭرايتتى. بۇنداق چاغدا ئۇ ئەتراپىدا ئادەم بار - يوق دېمەي، ھارۋا سۆرەۋاتقان، يۈك كۆتۈرىۋاتقانلىقى بىلەن ھېسابلاشماي، ھارغان - ئاچقانلىقى بىلەنمۇ كارى بولماي بارلىق ئاۋازى بىلەن ھاورىغىنىچە ئۆزىنى جان - جەھلى بىلەن ئاشۇ جانىۋارغا ئاتاتتى.  ئەڭ چوڭ ئەيىپى ئالدىراش يۈك ئارتىپ ياكى ھارۋا سۆرەپ كېتىپ بارغاندا تۇيۇقسىزلا سۈيدۈك پۇراپ توختىۋېلىشى ئىدى. بۇنداق چاغدا ئۇنىڭغا يەنە تاياق كار قىلمايتتى. ھەرقانچە ئالدىرىتىپ ئۇرغان بىلەنمۇ جاھىللىق بىلەن تىرەجەپ، سۈيدۈكنى قىنىپ - قىنىپ پۇراپ بىشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قارىغىنىچە تۇمشۇقلىرىنى ھوزۇرلۇق پۈرۈشتۈرەتتى.
    شۇنداقلىقىغا قارىماي بوز ھاڭگىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئارزۇ - ئارمانلىرى بار ئىدى. كونا كومىلاچ تاملىق بولسىمۇ ئەمما ئۆگزىسىدىن يامغۇر ئۆتمەيدىغان ماكانى  ئېغىلىنى ياراتمايتتى. سەپرا ئىگىسىنىڭ پات - پات ئايىغىغا چۈشەك تاشلاپ قۇرۇقداشلىرىدىن، تۇياقلىرىنى ئۇپراپ كەتمىسۇن دەپ تاقىلىتىپ قويۇشلىرىدىن، تامىغىنى قىيشىپ قالمىسۇن دەپ ھەر كۈنى ئەتىگىنى ئوقۇرىغا ئىششەك ①(ئىششەك  يەرلىك ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ تۆت جىڭ دېگەن مەنىدە.) بوغۇز  قوناق تۆكۈپ بېرىشىدىن، ساماننى سۇغا چىلاپ پاكىزە يۇيۇپ، لاي - توپىلىرىنى چىقىرىۋېتىپ بۇغداي ئۇنىنىڭ كىپىكى بىلەن كۈنجىرە ئارىلاشتۇرۇپ ھەلەپ ئېتىپ بېرىشلىرىدىن ئۇ يەنىلا رازى ئەمەس ئىدى.
    «بىر پۇرسەت بولسا بۇ يەردىن قۇتۇلسام، كەڭرى بىر ئورمانغا بارسام، بارلىق ھايۋانلار ماڭا پەرمانبەردارلىق قىلسا، خالىغانچە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، خىيالىمغا كەلگەننى قىلسام، چىرايلىق مادا ئېشەكلەر ماڭا ھەمراھ بولسا...»
    بوز ھاڭگا ئۆزىنىڭ خىيالىدىن ئۆزى ھاياجانلىناتتى - دە، ئېغىلنىڭ ئۆگزىسىنى ئېچىۋەتكۈدەك، تۆت تىمىنى ئۆرىۋەتكۈدەك، نوختا - چۇلۋۇرىنى ئۈزۈۋەتكۈدەك، ئەلپازدا ھاڭرايتتى. ئۇنىڭ ھاڭراشلىرىدىن بىزار بولغان مەھەللە ئىتلىرى نالىلىك ھۇۋلايتتى.
    راستىنى ئېيتقاندا نۇسرەتجان ئادەتتىكىچىلا بىر ئادەم ئىدى. بىر كۈنى ئەتتىگىنى ئۇنىڭ تۇيۇقسىزلا پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرگەن خىزمەتچىلەر ئۇنىڭ ئىدارىغا يېڭىدىن يۆتكىلىپ كەلگەنلىكىنى بىر - بىرىگە كۇسۇرلىشىپ خەۋەر قىلىشتى - دە، كېيىنىشى، بوي - بەستى ۋە چىراي - شەكلىگە قاراپ ئۇنىڭ ئۆزلىرىدىن ۋاي دەپ كەتكۈدەك دەرىجىدە يۇقىرى تۇرمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىشتى. نۇسرەتجان ئانچە تارتىنچاقلاردىن ئەمەستەك قىلاتتى. چىرايىغا يېقىملىق كۈلكە يۈگۈرتۈپ، بىلىنى ئالدىغا سەل ئىگىپ، چاققان - چاققان قەدەم ئالغىنىچە ھەممە بۆلۈم - ئىشخانىلارغا كىرىپ خىزمەتداشلار بىلەن بىر قۇر كۆرۈشۈپ چىقتى.
     ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم، تونۇشۇپ قويايلى، ئىسمىم نۇسرەتجان. ئىدارەڭلەرگە يېڭىدىن يۆتكىلىپ كەلدىم. ئىجادىيەت - تەتقىقات ئىشخانىسىدە ئىشلەيدىغان بولدۇم. خىزمەتتە ياردەم قىلىشىڭلارنى سورايمەن.
    ئۇنىڭ سۆزلىشىمۇ شۇنچىلىك يېقىملىق، شۇنچىلىك مۇلايىم ئىدى. بىر قېتىم سالام - سائەت قىلىشىپلا ھەممەيلەن ئۆزلىرىنىڭ ئۇنى ياقتۇرۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىشتى.
     بولىدىغان يىگىتكەن ھە!
     ئاجايىپ قىزغىن...
     خۇشخۇيلىقىنى دەيمىنا...
     نېمدېگەن مۇلايىم، كەمتەر...
     ئۆزلىرىمۇ ئاجايىپ كىلىشكەن يىگىتكەن.
     ئىجادىيەت - تەتقىقات ئىشخانىسىغا يۆتكەلدىم دەمدا نېمە؟
     قانداق دەيلا؟
     ئىدارىمىزنىڭ ئىجادىيەت - تەتقىقات ئىشخانىسىغا ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىجادىيەت - تەتقىقات نەتىجىلىرى خېلىلا كۆزگە كۆرۈنگەن كىشىلەرنىڭمۇ ئۆلچەمگە شەرتلىرى توشماي يۆتكىلىپ كېلەلمىگەن ئىدى. مانا ئەمدى بۇ نۇسرەتجان دېگىنى بىر كېچىدىلا سالامنىڭ يوغىنىنى بېرىپ، پىخسىق ئېرىگە ھېيتلىق كىيىم ئالدۇرغان خوتۇن كىشىدەك ھىجىيىپ، زاڭدىن سۆڭەك چىققاندەكلا پەيدا بولۇپ قالغىنىغا قاراپ دەيمىنا.
     بەلكىم ئۇنىڭ بىز بىلمەيدىغان ئىجادىيەت - تەتقىقات نەتىجىلىرى باردۇر.
     شۇنداق، بۇندىن كېيىن بىلىپ قالارمىز.
     نېمىلا دېگەن بىلەن كىشىگە خېلىلا يېقىملىق تەسىرات بېرىدىغان يىگىت ئىكەن.
    ھەپتە ئۆتكەندە نۇسرەتجاننىڭ تۈركۈمگە بۆلۈپ قىلغان مېھماندارچىلىقىغا داخىل بولغان بىرقىسىم خىزمەتداشلار ئۇنى يەنە بىر قېتىم ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاشتى. باشقىلار بىلەن ھال تارتىپ سىڭا قولى بىلەن كۆرىشىدىغان، قاپىقى يامان، مۇز چىراي ئىدارە باشلىقى بىلەنمۇ چاقماق تېزلىكىدە ئىچقويۇن - تاشقويۇن بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قايىللىق بىلەن قاراشتى.
    نۇسرەتجاننىڭ مۇنداق ئۈچ چوڭ ئارتۇقچىلىقىنى خىزمەتداشلار ئاسانلا سېزىۋىلىشتى. بىرىنچى ئارتۇقچىلىقى: يان تېلېفونى توختىماي سايراپ تۇراتتى. ئۇ باشقىلار بىلەن قىزغىن سالام - سائەت قىلىشقىنىغا ئوخشاش تېلېفوندىمۇ چىرايىغا مىڭ خىل كۈلكە يۈگۈرتۈپ قىزغىن سۆزلىشەتتى. ئىككىنچى ئارتۇقچىلىقى: ئىدارىنىڭ تازىلىق، سىياسىي ئۆگىنىش قاتارلىق پائالىيەتلىرىگە تولىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشاتتى. ئۈچىنچى ئارتۇقچىلىقى: ھەر قانداق مېھماندارچىلىقىدا قىزلار كەم بولمايتتى. جەمئىيەتنىڭ ھەر خىل قاتلىمىدىكى قىزلار بىلەن قويۇق باردى - كەلدى قىلىشاتتى.
    ئەلۋەتتە نۇسرەتجاننىڭ مۇز چىراي باشلىق بىلەن زىيادە يېقىن بولۇپ كېتىشى بىرقىسىم خىزمەتداشلارنىڭ ھەسرىتىنى قوزغىمايمۇ قالمىدى.
     قانداق يىتىم بۇ نۇسرەتجان دېگەن.
     باشلىقنىڭ قۇيرۇقىدەكلا.
     قۇيرۇقى ئەمەس قۇلى دەڭلا قۇل.
     باشلىققا ئىتتەكلا سادىق نىمىكىنا ئۇ.
     ئۇنىڭ كۈن بويى ئىشخانىسىغا كىرگىنىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.
     قاچان قارىساڭ باشلىقنىڭ ئىشخانىسىدا تۇرغىنى تۇرغان.
     ھەر كۈنى رېستوران، بەزمىخانىلاردا ئىككىسى بىللە.
     ھەرقانچە بولسىمۇ ئاخشىمى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ياتىدىغاندۇ ئۇ يىتىم.
     كىم بىلىدۇ ئاخشىمى باشلىقنىڭ خوتۇنى بىلەن يوتقان تالىشىپ باشلىقنىڭ يېنىدا يېتىۋالامدۇ تېخى.
     باشلىقمۇ بۇ يىتىمنىڭ تاماششاسىغا ئوبدانلا كۆنۈپ قالغاندەك قىلىدۇ.
     زادى ئادەمدەك چالا ھىجىيىپ، بىكاردىن  - بىكار سالام قىلىپ يۈرگىنىدىن قورقماي بولمايدۇ.
    بۇ بوز ھاڭگىنىڭ شەھەرگە تۇنجى قېتىم كىرىشى ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇنى سەپرا ئىگىسى پات - پات بىرەر ھارۋا ئوتۇن، ياكى 2 - 3 تاغار قوناق - تېرىق دېگەندەك نەرسىلەرنى باسقان ھارۋىغا قېتىپ، شەھەرنىڭ ئوتۇن - ياغاچ بازىرى، جوۋۇ①(ئاشلىق بازىرى) دېگەندەك يەرلىرىگە ئاپىرىپ تۇراتتى. شۇڭلاشقىمۇ ئۇ شەھەرنىڭ بۇ تەرەپلىرىنى ئوبدان بىلەتتى. سەپرا ئىگىسىنى جورۇتمايلا شەھەرنىڭ ئەگرى - بۈگرى يوللىرىدا ئازماي ئۆز يولىنى تىپىپ ماڭاتتى. ئەمما بۇ قېتىم شەھەر كوچىسىدا بوز ھاڭگا ئىگىسىنى ئەمەس، ئىگىسى بوز ھاڭگىنى باشلاپ ماڭدى ھەم بوز ھاڭگىنى بىر نەچچە ئېغىز قاتتىق تىللىدى، دەشكۈشلىدى، ھەتتا سالپىيىپ قالغان ئوڭ قۇلىقىغا ئىككى - ئۈچ قېتىم قامچىمۇ سالدى. بوز ھاڭگا بۇ تارتقۇلۇقنىڭ ھەممىسىنى ھارۋىنىڭ ئۈستىدە يۈزىنى چۈمبەل بىلەن ئورىۋىلىپ ئولتۇرغان ئايال خوجايىندىن كۆردى. چۈنكى سەپرا ئىگىسى بۇ قېتىم ھارۋىغا ئوتۇن ياكى ئاشلىق باسماي ئايالنى ئولتۇرغۇزۇپ شەھەرگە كىرگەن، بوز ھاڭگىنىڭ شەھەردە تولا مېڭىپ كۆنۈپ كەتكەن كوچىلىرى خېلى ئۆزگۈرۈپ كەتكەنىدى.
    شەھەرنىڭ ماتا - چەكمەن، شايى - ئەتلەس بازىرىغا كىلىپ ھارۋا ئۈستىدىكى ئايالنىڭلا ئەمەس، بوز ھاڭگىنىڭ كۆزلىرىمۇ ئالا - چەكمەن بولۇپ كەتتى. بۇ بازاردا باپكار، بوياقچى، گەزلىمە سودىگىرى بىللە تىجارەت قىلاتتى. باپكارلار توقۇپ ئەپكەلگەن ھەر خىل ماتالارنى گەزلىمە سودىگەرلىرى سېتىۋىلىپ بوياقچىلاردا ھەر خىل رەڭدە بويىتاتتى. بوياقچىلار ھەر يوغان بوياق كۆلچەكلىرىدە ماتا - رەختلەرنى تۈرلۈك رەڭلەردە بوياپ، گۈل بېسىپ، موما ياغاچنىڭ ئىككى بېشىغا باغلىغان تانىلارغا يىيىپ قوياتتى. تۈرلۈك رەڭلەردە بويىلىپ، ھەر خىل گۈل نۇسخىلىرى چۈشۈرۈلگەن ماتالار، شايى - ئەتلەسلەر بۇ بازارنى ئاجايىپ رەڭدار تۈسكە كىرگۈزگەن ئىدى.
    سەپرا ئىگىسى بوز ھاڭگىنى ھارۋىدىن چىقىرىپ، ھارۋىنىڭ چاقىغا باغلاپ قويدى - دە، ئالدىغا بىر باغ بىدە تاشلاپ بېرىپ، ئايالى بىلەن گەزلىمە سودىگىرىنىڭ دۇكىنىغا قاراپ ماڭدى.
    بوز ھاڭگا ئالدىدىكى بىدىنى ئەمدى كورسىلدىتىپ چايناپ تۇرۇشىغا بۇرنىغا يېقىملىق بىر پۇراق ئۇرۇلدى. بوز ھاڭگا ئۈچۈن بۇ تولىمۇ شېرىم ھەم ھاياجانلىق بىر پۇراق ئىدى. بوز ھاڭگا دەرھال بېشىنى كۆتۈرۈپ ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتتى. ئۇنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرى پۇراق كەلگەن نىشاننى ئاسانلا بايقىۋالدى. يۈز قەدەم يىراقلىقتا بىر مادا ئېشەك قۇلاقلىرىنى تىك تۇتۇپ، قۇيرۇقىنى نازاكەتلىك شىپاڭشىتقىنىچە، ئۇزۇن كىرپىكلىك چوڭ - چوڭ قارا كۆزلىرىنى بوز ھاڭگىغا تىكىپ نازلىنىپ قاراپ تۇراتتى. بوز ھاڭگىنىڭ كۆزلىرى سۈر مادىنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچرىشىشى بىلەن ھامان ۋۇجۇدى تەڭداشسىز بىر ھاياجاندىن سىلكىندى - دە، ياڭراق ناخشىسى ئارقىلىق سۆيگۈ ئىزھار قىلماقچى بولغاندەك بار ئاۋازى بىلەن ھاڭرىدى. ئۇنىڭغا جاۋابەن سۈر مادا بېشىنى نازاكەت بىلەن كۆتۈرۈپ، قۇلاقلىرىنى تىكلەپ، لەۋلىرىنى نازلىق پۈرۈشتۈرۈپ ماك چايناشقا باشلىدى. بۇنى كۆرۈپ بوز ھاڭگا قايتىدىن كۈچ - قۇۋەتكە تولدى - دە، ھاڭرىغان پېتى ئۆزىنى باغلاقتىن بوشۇتۇش ئۈچۈن زەرپ بىلەن يولقۇنۇشقا باشلىدى. ئەسلىدە بوز ھاڭگىنىڭ نوختىسىنىڭ ھالقىسى بوشاپ قالغان بولۇپ، سەپرا ئىگىسى ئۇنى بايقىماي قالغانىدى. ئۇنىڭ چۇلۋۇرى شۇ يەردىنلا ئۈزۈلۈپ كەتتى. باغلاقتىن بوشانغان بوز ھاڭگا ھاڭرىغان پېتى سۈر مادىغا قاراپ ئوقتەك ئېتىلدى.
    شۇ پەيتتە سۈر مادا بوز ھاڭگىنىڭ قاراملىقىدىن چۆچىدىمۇ ياكى نازلانغان قىلىپ قېچىپ باققۇسى كەلدىمۇ ۋەياكى ئەتراپىدىكى مىغ - مىغ ئادەملەردىن ھايا قىلىپ خالىيراق يەرگە كەتكۈسى كەلدىمۇ ئەيتاۋۇر بوز ھاڭگىدىن 10 نەچچە قەدەم ئارىلىق قالدۇرۇپ بەدەر قاچتى. شۇ تاپتا بوز ھاڭگىنىڭ كۆزىگە سۈر مادىدىن باشقا ھېچنىمە كۆرۈنمەيتتى. «پولتوڭ» قلىغان ئاۋاز بىلەن تەڭ بوز ھاڭگا ئۆزىنى بىر كۆلچەكتە كۆردى. ئۇنىڭ ئەس يادى سۈر مادىنى قوغلاش بىلەن بولۇپ كېتىپ بوياقچىنىڭ كۆلچىكىگە چۈشۈپ كەتكەنىدى. بوز ھاڭگا كۆلچەكتىن چۆچىگەن پېتى سەكرەپ چىقتى - دە، بىرنەچچە قەدەم ماڭا - ماڭمايلا يەنە بىركۆلچەككە چۈشۈپ كەتتى. بۇ قېتىم ئۇنىڭ بەدىنى خېلىلا قىززىق بىر ھارارەتنى سەزدى. بوياق كۆلچىكىگە بىر ئېشەكنىڭ سەكرەپ چۈشكىنىنى كۆرگەن بوياقچى شاگىرتلىرى بىلەن قوللىرىغا بىر تالدىن دۇمبا ئالغىنىچە ئۇنى ئەدەپلەش ئۈچۈن غەزەپ بىلەن ئېتىلدى. بۇ دەھشەتنى كۆرۈپ بوز ھاڭگا شۇنچىلىك قورقتىكى جان - جەھلى بىلەن قېچىشقا باشلىدى. ئۇ قانچە ئالدىرىغانسېرى بوياق تۇڭىغا شۇنچە بەك سەكرەيتتى. شۇ تەرىقىدە بوز ھاڭگا 10 نەچچە بوياق تۇڭىغا سەكرەپ چىقتى. بوياقچى ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن دۈمبە - يانپاشلىرىغا بىرنەچچە دۇمبا يەپمۇ ئۈلگۈردى.
    شۇ تاپتا بوياقچى بوز ھاڭگىنى تۇتىۋالسا تېرىسىنى تىرىك تۇرغۇزۇپ سويىۋالماي قويمايتتى. بوز ھاڭگا بۇ دەھشەتنى ئاللاقاچان سېزىپ ئۈلگۈرگەنىدى. شۇڭا ئۇ ھېلىقى سۈر مادىنى ئاللاقاچان ئېسىدىن چىقىرىپ، ھايات قېلىش ئۈچۈن جان - جەھلى بىلەن تىرمىشىۋاتاتتى. ئۇ ئىككىنچى تۇتۇلۇپ قالماسلىق، ئادىمىزات ئاياغ باسمىغان چۆل - جاڭگالغا قېچىپ بېرىپ ئارامخۇدا ياشاشنى نىيەت قىلىپ جان - جەھلى بىلەن قاچماقتا ئىدى.
    بۇ تۆت قەۋەتلىك خىزمەت بىناسى باشقا ئىدارە - ئورگانلارنىڭ خىزمەت بىناسىدىن پەقەت سۈرلۈكلىكى بىلەنلا پەرقلىنىپ تۇراتتى. ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىشخانىلارغا پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ كىرىشەتتى. خىزمەت ئۈستىدىمۇ پىچىرلىشىپ سۆزلىشەتتى. ئىش بىجىرىشتىن سەل قولى بوشىغان خىزمەتچىلەرمۇ ئۈستەلگە بىر پارچە گېزىتنى قويىۋېلىپ ئەستايىدىل گېزىت كۆرگەندەك، سىياسىي ئۆگىنىش قىلىۋاتقاندەك قىياپەتكە كىرىۋالاتتى. دىمىسىمۇ باشلىقنىڭ خىيالىغا كەلگەندىلا قەرەلسىز ئاچىدىغان يىغىنلىرى ۋە يىغىندا چىرايىدىن مۇز ياغدۇرۇپ ئولتۇرۇپ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇش، قىسقارتىش ھەققىدىكى تەلەپپۇزى قاتتىق سۆزلىرى ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى مۇجىۋەتكەن ئىدى. ئەمما نۇسرەتجان كېلىپلا بۇ ئىدارىنىڭ بۇرۇختۇرما ھاۋاسى بىردىنلا ئۆزگەردى. باشلىقنىڭ خىيالىغا كەلگەندە ئاچىدىغان يىغىنلىرى ئازلاپ، ھېلىقى پات - پات كۆرسىتىپ خىزمەتچىلەرنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇپ تۇرىدىغان «قارا مۈشۈك»لىرى يوقاپ، ئادەم تىللىمايدىغان بولۇپ قالغانىدى. نۇسرەتجاننىڭ شىپىرلىغان ئاياغ تىۋىشى 2 - قەۋەتنىڭ كارىدورىدا پەيدا بولۇشى ھامان ئىدارىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگىرەيتتى. چۈنكى نۇسرەتجان باشلىق ئىشخانىسىغا كىرىش ھامان ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلار ئىدارىنىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ ئاللاقاياقلارغىدۇر يۈگىرەيتتى.
    باشقا خىزمەتچىلەر ئۈچۈن خان ئوردىسىدەك سۈرلۈك بولغان باشلىق ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكى نۇسرەتجان ئۈچۈن خۇددى ئۆز ئۆيىنىڭ ئىشىكىدەكلا ئىدى. ئۇ باشلىق ئىشخانىنىڭ ئىشىكىنى ئەركىلىگەن قىياپەتتە تاك - تاك قىلىپ ئىككى چىكەتتى - دە، ئىجازەت ئالمايلا ئۈسۈپ كىرىۋېرەتتى.
    نۇسرەتجاننى كۆرۈپ باشلىقنىڭ چىرايىغا پاللىدە كۈلكە يۈگۈردى. نۇسرەتجان يۈگۈرۈپ كەلگىنىچە باشلىقنىڭ سىڭا قولىنى ئىككى قوللاپ مەھكەم قىسقىنىچە ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ئەھۋال سوراشقا باشلىدى.
     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باشلىق، ئاخشامقى تاماششانىڭ خېلى پەيزى بولدىمۇ - يا؟ قاپاقلىرىنىڭ ئىششىپ، كۆزلىرىنىڭ قىززىرىپ كەتكىنىگە قارىغاندا كېچىچە ئۇخلىمىغاندەكلا قىلىلا، ۋاي قېرىپ قالدىم دەپ قويىلا تېخى. دېگەن بىلەن يىلىكلىرى تولۇق، پۇت - قوللىرىنىڭ ماغدۇرى بار جۇمۇ سىلىنىڭ. سىلى بىر كىچىدە قىلغان ھۈنەرنى بىز ئۈچ كېچىدىمۇ قىلالمايمىز. يېشىمىز كىچىك بولغان بىلەن بىز دېگەن نېمىتى ھېلىقى...
     خېمىيىۋى ئوغۇت سېلىپ تېرىغان بۇغداينىڭ لەڭمىنىنى يەپ چوڭ بولغان بالىلار - دېدى باشلىق ھۇزۇرلىنىپ كۈلگەچ. نۇسرەتجاننىڭ قەستەن تاپالمىغان گېپىنىڭ ئايىغىنى دەپ بېرىپ.
    پىنسىيە يىشىغا يىقىنلاپ قالغان باشلىق مۇشۇ گەپنى قىلىشقا، شۇ ئارقىلىق ياتلاردىن يەنىلا ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكە تولىمۇ ئامراق ئىدى. بۇنى ئوبدان چۈشەنگەن نۈسرەتجان بۇ گەپنى باشلىقنىڭ ئاغزىغا قەستەن سېلىپ بېرەتتى. دېمىسىمۇ نۇسرەتجاننىڭ كىشىلەرنى ماختاشقا ئالاھىدە تالانتى بار ئىدى. ئۇنى كامالەتكە يەتكەن ماختاششۇناس دىسە ئارتۇق كەتمەيتتى. شۇڭلاشقىمۇ ئۇ باشقىلارنى قانداق سورۇندا قانداق باختاش ھەققىدە توختىماي باش قاتۇراتتى، خىيال سۈرەتتى...
    نۇسرەتجان باشلىقتىن ئاشۇرۇپراق ھوزۇرلىنىپ كۈلگەندىن كېيىن باشلىقنىڭ ئىش ئۈستىلىدىكى ئاغزى ئوچۇق تۇرغان بىر قاپ ئالىي دەرىجىلىك تاماكىنى قولىغا ئالدى - دە، باشلىققا بىر تال تۇتۇپ چاقماق ياققاندىن كېيىن ئۆزى بىر تالنى تۇتاشتۇردى.
     ھەقىچان ئەتتىگەندە ئىشقا ئالدىراپ ناشتا قىلمىدىلىغۇ دەيمەن؟
     نۇسرەتجان باشلىقنىڭ ئىپادىسىز تۇرغىنىنى كۆرۈپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى - بۇنداق قىلسىلا قانداق بولىدۇ باشلىق. سالامەتلىكلىرىنى ئاسرىسىلا دەيمەن. تەنلىرى سالامەت بولسا خىزمەتنىمۇ قىلۋالغىلى بولىدۇ. قارىسىلا خىزمەتكە كىچىكىپ قالىمەن دەپ ناشتا قىلمىسىلا قانداق بولىدۇ.
    باشلىق خوشياقمىغان ھالدا جاۋاب بەردى.
     سەل بېشىم ئاغرىپ تۇرىدۇ. چىشلىۋالدىمىكىن كاساپەت.
     قايسىسى؟ ھاراقمۇ ياكى ئاخشامقى چىرايلىق خېنىممۇ؟ - سورىدى نۇسرەتجان باشلىقنىڭ كۆزىنىڭ ئىچكىرسىگە قاراپ غىلجىڭ بىر خىل كۈلكە بىلەن.
     ھەر ئىككىلىسى - دېدى باشلىق مەغرۇرلۇق بىلەن.
     تېتىسا ئاشۇنداق چىشلىۋالىدۇ - دېدى ئېپىدە كەلگەن پۇرسەتتە ماختاشنى قولدىن بەرمەي كۆنۈپ قالغان نۇسرەتجان.
     دېگەن بىلەن پەيزىلىرى بار جۇمۇ باشلىق سىلىنىڭ ئاشۇنداق تېتىپ، قاندۇرۇپ، كۆڭلىنى تولۇق ئېلىپ ھۈنەر قىلغاندىكىن ئەلۋەتتە چىشلىۋالىدۇ - دە، قوپسىلا بۈگۈن سىلىنىڭ ئىشخانىدا ئولتۇرىدىغان كۈنلىرى ئەمەس، يۈرسىلە راسا ئارام ئالدۇرۇپ قوياي سىلىنى.
     ئارام ئالامدۇق؟ قانداق ئارام ئالساق بولار؟ - دېدى باشلىق نۇسرەتجاننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ رايىش كىچىك بالىلارغا ئوخشاش.
    دېمىسىمۇ شۇ تاپتا باشلىقنىڭ ھوزۇرلىنىپ بىر ئارام ئىلىۋالغۇسى بار ئىدى. موللاتاپقاق نۇسرەتجان بۈگۈنمۇ باشلىقنىڭ كۆڭلىدىكىنى تاپقان ئىدى. ئۇ ئالدىرىماي جاۋاب بەردى.
     ئىدارىمىزنىڭ ئاممىۋى ھاجەتخانىسىنى رىمونت قىلىشىنى ھۆددىگە ئالغان لاۋبەن ھەپتە بولدى باشلىققا بىر پىيالە چاي قۇيىۋالسام دەپ چۆرگىلىگىلى. ئاشۇنى ئىلىۋىلىپ ئاۋۋال ھورداقخانىغا بارايلى. تازا بىر ھوردىنىپ بىرەر سائەت قىنىپ ئۇخلىۋالسىلا، ئاندىن كېيىن ئۇيانقى دوقمۇشتا يېڭىدىن تايلاندچە بەدەن ئۇۋىلاش مەركىزى ئىچىلىپتۇ. شۇ يەرگە كىرىپ بەدەنلىرىنى راسا بىر ئۇۋىلىتايلى. ئاندىن كېيىن كۆڭۈللىرى تارتىپ قالسا قىزلاردىن بىر نەچچىنى توۋلاپ مۇزىكا ئاڭلىغاچ تانسا ئوينامىز.
     بوپتۇ مۇشۇنداق بولسۇن ئەمىسە - دېدى باشلىق رازىمەنلىك بىلەن.
    نۇسرەتجان ئۈكلىگەن كاللىدەك ھىجايغىنىچە ئۈستەل ئۈستىدىكى تېلېفونغا قولىنى ئۇزاتتى.
    چەكسىز ئورمانلىق تىمتاسلىققا چۆمگەن ئىدى. يولۋاس پادىشاھنىڭ چۈشلۈك ئارامىنى بۇزىۋەتمەسلىك ئۈچۈن بارلىق ھايۋانلار شەپە چىقارماي ئۆز تىرىكچىلىكىنىڭ غىمىدە يۈرىشەتتى. يولۋاس پادىشاھ كۆلنىڭ بويىدىكى قۇچاق يەتكۈسىز يوغىنىغان دەرەخنىڭ سايىسىدا چۈشلۈك ئۇيقۇسىنى ئۇخلاۋاتاتتى. تۈلكە، يىلپىز، قاپلان، بۆرە قاتارلىق ۋەزىر - ۋۇزۇرالىرى ئۇنىڭ ئويغىنىشىنى كۈتۈپ پەرمانبەردارلىق بىلەن تۇرىشاتتى.
    بوز ھاڭگا ماتا - گەزلىمە بازىرىدا بوياقچىنىڭ 10 نەچچە بوياق كۆلچىكىگە كىرىپ سەكرەپ چىققاندىن كېيىن، بوياقچىنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ قولىدىكى غۇلدا - دۇمبالاردىن مىڭ تەستە قۇتۇلۇپ قاچقىنىچە توختىماي ئۈچ كېچە - كۈندۈز يۈگۈردى. قورسىقى ئاچسا ئازراق ئوت - چۆپ يىدى. ئۇسسىسا سۇ ئىچتى. ئۇندىن باشقا چاغدا توختاپ قالمىدى. يۈگۈرگەچ ئادىمىزات ئاياغ باسمىغان، تىپ - تىنىپ بىر جاڭگالنى ئىزدەيتتى. ئۇ ئەنە ئاشۇنداق يۈگرەپ مانا بۇ چەكسىز ئورمانلىققا كېلىپ قالغانلىقىنى بىلمەيلا قالدى. ئورمانلىق ھەقىقەتەن چەكسىز ھەم تىپ - تىنىچ خۇددى بوز ھاڭگا ئوڭىدىمۇ، چۈشىدىمۇ ئارزۇ قىلىدىغان جاينىڭ نەخ ئۆزى ئىدى. تىپ - تىنىچ چەكسىز ئورمانلىق، ئورمانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا سۈپ - سۈزۈك، لىپمۇ - لىق سۇ قاچىلانغان كۆل. ياپيىشىل يۇمران ئوت - چۆپلەر... ئۇ ئەمدى ئەتتىگەندىن كەچكىچە ھارۋا سۆرىمەيدۇ. يۈك كۆتەرمەيدۇ. جۇۋاز چۆرگىلەتمەيدۇ. ئەڭ موھىمى سەپرا ئىگىسىنىڭ تىل - ھاقارەتلىرىنى ئاڭلىمايدۇ. تاياق - قامچىلىرىنى يىمەيدۇ. ئىسىت ئۇنىڭ شۇنچە چىرايلىق، دۇنيادىكى ھە قانداق ھايۋانلارنىڭكىدىن ئۇزۇن، تۇرقىغا سۆلەت بېغىشلايدىغان چىرايلىق قۇلىقى تاياق - قامچا زەربىسىدىن مانا مۇشۇنداق قىڭغىر بولۇپ قالدى ئەمەسمۇ؟ تېخى بۇ تاياقلارنى ئاز دىگەندەك ھېلىقى سەپرا ئىگىسى ھە دىسىلا ئۇنى ھاقارەتلەپ كېتىشلىرىچۇ. ئىسىت، شۇ تاپتا ھېلىقى كۈنى بازاردا ئۇچرىغان سۇر مادا مۇشۇ يەردە پەيدا بولۇپ قالسىچۇ؟ ئاھ! نېمە دىگەن قالتىس ئىش بولاتتى ھە!
    ئاخىرى ئارزۇسىدىكىدەك ماكانغا يىتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلغان بوز ھاڭگا ھېرىپ - ئاچقىنىنىمۇ ئۇنتۇپ خوشاللىقتىن بارلىق ئاۋازى بىلەن ھاڭراپ تاشلىدى. ۇنىڭ ھاڭرىشىدىن تىپ - تىنىچ ئورمانلىق لەرزىگە كەلدى. بىخارامان ئۇخلاۋاتقان يولۋاس پادىشاھ ئۆمرىدە ئاڭلاپ باقمىغان بۇ ئاۋازدىن ئاجايىپ بىر دەھشەتنى ھىس قىلىپ شۇنچىلىك چۆچۈپ ئويغاندىكى سەكرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ شۇ ھامان جايىغا گۇپپىدە يىقىلدى. يولۋاس شاھنىڭ يۈرىكى بۇ دەھشەتلىك ئاۋازدىن يېرىلىپ كەتكەن ئىدى. تۈلكە، قاپلان، يىلپىز، بۆرە قاتارلىق ۋەزىر - ۋۇزۇرالار يولۋاس شاھنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ لاغ - لاغ تىترەشكىنىچە ئۆزلىرىنى ئۆلۈك شاھنىڭ دالدىسىغا ئالدى. بوز ھاڭگا بولسا قانغىدەك بىر ھاڭراپ پۈتكۈل ئورمانلىقنى پات - پاراققا سېلىۋەتكەندىن كېيىن، سۇ ئىچكىلى بىخىرامان كۆل بويىغا كەلدى. ئۇ سۇ ئىچىش ئۈچۈن شۇنداقلا ئېڭىشىپ ھەيرانلىقتا كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى. سۈپسۈزۈك كۆل سۈيىدە ھەر بىر تۈكى نەچچە خىل رەڭدە جۇلالىنىپ تۇرغان ئاجايىپ بىر مەخلۇق ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى. بوز ھاڭگا كۆزۈمگە شۇنداق كۆرۈنۈپ كېتىپ بارامدۇ نېمە دەپ سۇغا قايتا نەزەر تاشلىدى. بوي - تۇرقى، چىراي - شەكلى ئۆزىگە ئوخشايدىغان، ئەمما رەڭگى، تۈكلىرى ئاجايىپ رەڭدار بىر مەخلۇق ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى."كىمدۇ بۇ؟" بوز ھاڭگا ئىككى تەرىپىگە قارىدى. كۆل بويىدا ئۆزىدىن بۆلەك ھېچكىم يوق. تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كۆزى ئۆزىنىڭ بەدىنىگە چۈشۈپ يۈرىكى تەسۋىرلىگۈسىز بىر ھىس تۇيغۇدا دۈپۈلدەپ كەتتى. ئۇنىڭ بەدىنىمۇ بايا كۆل ئاستىدا ئايان بولغان ھېلىقى مەخلۇقنىڭكىگە ئوخشاش ئاجايىپ رەڭدار ئىدى. غەلىتە ئىشلار يۈز بېرىۋاتامدۇ نېمە؟ قېنى ئۇنىڭ بەدىنىدىكى توپ - چاڭ ئۆرلەپ تۇرىدىغان، قوتۇرلىرىنىمۇ ياپالمىغان، ھىچقانداق جۇلاسى يوق بوزرەڭ تۈكلەر. شۇ تاپتا بوز ھاڭگا ئۆزىنىڭ ماتا - گەزلىمە بازىرىدا بوياقچىنىڭ ھەر خىل بوياق قاچىلانغان كۆلچەكلىرىگە چۈشۈپ كېتىپ بىر - بىرلەپ سەكرەپ چىققانلىقىنى زىنھار ئەسلىيەلمەيتتى. ئۇ كۆل سۈيىدىكى ئۆزىنىڭ ئاجايىپ رەڭدار تۇرقىنى تاماششا قىلغاچ خىيالغا كەتتى.
    «ئەسلىدە مېنىڭ بوي - تۇرقۇم، رەڭگى - رويۇم مۇشۇنداق كېلىشكەن، مۇشۇنداق چىرايلىق ئىكەندۇق. ھېلىقى سەپرا ئىگەم ماڭا بىر كۈنمۇ ئارام بەرمەي ھىلى ھارۋىغا قاتسا، ھىلى جۇۋازغا قاتسا، ھىلى سۆرەم سۆرىتىپ توختىماي تىللاپ - دۇمۈالاپ ئاخىرى ئاشۇنداق كۆرۈمسىز، قىرچاڭغۇ قىياپەتكە كەلتۈرۈپ قويغان ئىكەندە. خۇداغا مىڭ شۇكرى. قاچمىغان بولسام ئۆزۈمنىڭ بۇنچىلىك كېلىشكەن، سۇمباتلىق ئىكەنلىكىمنى مەڭگۈ بىلەلمەس ئىكەنمەن. ئەسلى تۇرقۇمنىڭ بۇنداق چىرايلىق، كېلىشكەن بولغىنىغا قارىغاندا ئىسمىممۇ «ئىشەك» دىگەن بۇنداق سەت نام بىلەن ئاتالمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئادەملەر جەمەتىمىزنى ئارام ئالدۇرماي ئىشلىتىپ، دۇمبالاپ مۇشۇنداق رەزگى، قوتۇر ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويۇپ ئاندىن «ئىشەك» دېگەن مۇشۇنداق سەت ئىسىمنى قويىۋالغان بولۇشى مۇمكىن. بارچە مەخلۇقات ئاجايىپ چىرايلىق، راڭدار دەپ تەرىپلىشىدىغان تاۋۇسنىڭ رەڭگىمۇ شۇ تاپتا مېنىڭ رەڭگىم بىلەن تەڭلىشەلمەس...»
     - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تەڭداشسىز پالۋان ئالىيلىرى بىر قوشۇق قېنىمىزدىن كەچكەيلا.
    تۇيۇقسىز بىلدۈرۈلگەن بۇ كاتتا ئېھتىرامدىن بوز ھاڭگىنىڭ خىياللىرى ئۈزۈلۈپ كەتتى. ئۇ بەش قەدەم يىراقلىقتا ئۆزىگە تىزلىنىپ، باش ئۇرۇپ تۇرغان تۈلكە، يىلپىز، قاپلان، بۆرە قاتارلىق يىرتقۇچىلارنى كۆرۈپ ھەم قورقۇنچ ھەم گۇمانسىراش ھەم تەئەججۈپ ئىلكىدە تۇرۇپ قالدى. «بۇ نېمە ئىش ئەمدى؟» بوز ھاڭگا قورقۇنچىنى يوشۇرۇپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئېھتىرامىنى ئىلىك ئالدى.
     ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، سىلەر كىم بولىسىلەر، ماڭا نېمىشقا بۇنچە ھۆرمەت - ئېھتىرام بىلدۈرىسىلەر؟
     بىز دېدى تۈلكە كۆزلىرىنى ئوينىتىپ، ھەممە ئەزالىرىدىن كۈلكە يۈگۈرتۈپ خوشامەتكويلۇق بىلەن. مۇشۇ ئورمانلىقنىڭ خاقانى يولۋاس پادىشاھنىڭ ۋەزىرلىرى بولىمىز. بايام جانابى ئالىيلىرىنىڭ تارتقان تەڭداشسىز، ھەيۋەتلىك نەرىلىرىدىن قورقۇپ يولۋاس پادىشاھىمىزنىڭ يۈرىكى يېرىلىپ ئۆلۈپ كەتتى. ئەل - يۇرت بىر كۈنمۇ باش - پاناھسىز، پاسىبان - يولباشچىسىز قالسا بولمايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىنى خانلىق تەختكە ئولتۇرغۇزۇپ پادىشاھ قىلىۋېلىش قارارىغا كەلدۇق.
     يولۋاس پادىشاھنىڭ ۋەلئەھدىسى يوقمىدى؟ - دەپ قسورىدى بوز ھاڭگا ھىچنىمىنى چۈشەنمەي.
     بولىشىغۇ بارتى - دېدى يىلپىز ئالدىغا بىر قەدەم چىقىپ ئېھتىرام بىلدۈرۈپ - بىز ھازىرغىچە بۇ ئورمانلىقتىكى ھايۋانلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈكى، باھادىر - پالۋاننى يولۋاس دەپ بىلىپ، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇنۇپ، ئۇنى پاسىبان پادىشاھىمىز دەپ بىلىپ كەلگەن ئىدۇق. ئەپسۇس ئۇ ئۆزلىرىدەك باھادىر ئەزىمەتنىڭ تارتقان بىر نەرسىدىن قورقۇپ يۈرىكى يېرىلىپ ئۆلدى. سىلىدەك تەڭداشسىز كۈچ - قۇدرەتلىك بىر ئەزىمەت تۇرغان يەردە، ئەمدى ئاشۇ قورقۇنچاقنىڭ ۋەلئەھدىسى بىزگە پادىشاھ بولسا ئەقىلگە سىغامدۇ. بۇ بىز ئۈچۈن ھاقارەت. ئىلتىماسىمىزنى رەت قىلماي بىزگە پادىشاھ بولغايلا تەڭداشسىز پالۋان ئالىيلىرى.
     شۇنداق قىلسىلا - دېدى قاپلانمۇ خوشامەتكويلۇق بىلەن ئىگىلىپ - بىز ھازىرغىچە يولۋاسنىڭ ئۇچىسىدىكى تون - سەرۇپاينى خانۇ - خاقانلارغا خاس ھەقىقىي شاھانە تون - ھەرۇپاي دەپ ئويلاپ كەپتىكەنمىز. مانا شۇ تاپتا ئالىيلىرىنىڭ ئۇچىسىدىكى تون - سەرۇپاينى كۆرۈپ كۆزىمىز ئىچىلىۋاتىدۇ. ياراتقان ئىگىسى ئۆزلىرىنى پادىشاھلارغا خاس ئاجايىپ رەڭدار، جۇلالىق، گۈزەل تون سەرپاي بىلەن ياراتقان ئىكەن ئەمەسمۇ.
    بۆرىمۇ باشقىلاردىن قالماسلىق ئۈچۈن ئالدىغا بىر قەدەم چىقىپ بوز ھاڭگىغا سالام بەردى:
     ئالىيلىرىنىڭ مۇبارەك نام - شەرىپى كىم ولىدىكىن ؟ بىلىۋالساق ئالىيلىرىنىڭ تەختتە ئولتۇرۇش مۇراسىمىنى سەلتەنەتلىك نام - شەرەپلىرى بىلەن جاكارلىساق ياخشى بولاتتى.
    شۇ تاپتا بوز ھاڭگا ئۆزىنى خېلىلا اتوختىتىۋالغان بولۇپ، ۋۇجۇدىدىكى قورقۇنچلار ئاللاقاياقلارغىدۇر تاراپ كەتكەن ئىدى. شۇڭا ئۇ پادىشاھلارغا خاس سالاپەت بىلەن ئالدىرىماي جاۋاب بەردى:
     بوپتۇ سىلەرنىڭ ئىلتىماسىڭلارنى قوبۇل قىلىپ پادىشاھ بولسام بولاي، نام - شەرىپىمنى تاۋۇس ئەللەيىن دەپ ئاتىساڭلار بولىدۇ.
     خوش، دەرھال جاكارچى چىقىرىلسۇن، تاۋۇس ئەللەيىن شاھ ئالىيلىرىنىڭ تەختتە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا ئورمانلىقتىكى بارلىق ھايۋانلار تولۇق قاتناشسۇن.
    شۇنداق قىلىپ بوز ھاڭگىنىڭ «ئېشەك» دېگەن نامى «تاۋۇس ئەللەيىن»گە ئۆزگۈرۈپ، ئۆزى ئورمانغا پادىشاھ بولۇپ قالدى.
    مۇز چىراي باشلىق خېلىلا ياشىرىپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئاق ئارىلاپ قالغان چاچلىرى ھازىر قۇندۇزدەك پارقىرايتتى. چەت ئەلنىڭ داڭلىق ماركىلىق، ئوچۇق رەڭلىك كىيىملىرى باشلىقنى ئۆز يېشىدىن 10 نەچچە ياش كىچىك كۆرسىتەتتى. ئۇنىڭ بۇ تۇرقىنى كۆرگەن تەڭتۈشلىرى ھەيران.
    باشلىق بولسا خوشال ئىدى. ئەلۋەتتە بۇنىڭ ھەممىسى نۇسرەتجاننىڭ تۆھپىسى ئىدى. شۇ كۈنلەردە باشلىق تولىمۇ رايىش كىچىك بالىغا، نۇسرەتجان بولسا ئەستايىدىل، تەلەپچان، كۆيۈمچان ئانىغا ۋەياكى ساداقەتمەن ئاغۋاتقا ئوخشاپ قالغان ئىدى.
     چىك ئا... قارىسىلا ئىشتانلىرى بىلەن كۆينەكلىرىنىڭ رەڭگى تازا ماسلاشماپتۇ. بىر ئاز ساقلاپ تۇسىلا. مەن ئۆيگە چىرىپل ھىلىقى چىغ يوللۇق قىزىل كۆينەكلىرىنى ئاچىقاي، ئىشخانىدىلا ئالماشتۇرۋالسىلا.
     پاھھۇي!... يىگىت - يىگىت. قارىسىلا ماۋۇ كىيىملىرىنىڭ يارىشىپ خۇددى تويى بولىدىغان يىگىتكىلا ئوخشاپ قالغانلىرىنى، ئاخشاملىققا سورۇنغا كەلگەن قىزلار سىنى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققىلى 3-4 يىل بولغان بالاڭزا ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ ئۆيلەندىڭىزمۇ دەپ سوراپ يۈرمىسۇن يەنە.
     قارىسىلا مۇنۇ فىرانسىيىنىڭ ئەڭ يېڭى مودىدىكى مۇراسىم ۋە دالا كىيىملىرى. ئاياغ كىيىملىرىدىن تارتىپ ئىچ كىيىملىرىگىچە تولۇق بىر يۈرۈش تېخى تۈنۈگۈن كەلگەن مالكەن. ماۋۇسى يەڭگەمنىڭ، ماۋۇسى سىلىنىڭ...
    ھېلىقى ئۆتكەن يىلى قىش ئىدارىمىزنىڭ پارقازىنىغا كۆمۈر توشۇپ بەرگەن ئاداش ئۇچراپ قېلىپ پۇلىنى تۆلىۋەتتى. باشلىققا دەپ باقسىڭىز بۇ يىل قىشنىڭ كۆمۈرىنىمۇ مەن توشۇپ بەرسەم دەيدۇ. بۇلار كىچىككىنا كۆڭلىمىش، چوڭراق كۆڭلۈمنى باشلىققا ئايرىم بىلدۈرىمەن دەيدۇ. يەڭگىمىز بىلەن بىللە بارىدىغان بۈگۈن كەچتىكى قاتار چايغا مۇشۇ كىيىملەرنى كىيىپ بېرىڭلار، سورۇندىكىلەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىپ كەتسۇن.
    شۇ كۈنلەردە نۇسرەتجانغا باشلىقلا ئەمەس، ئۇنىڭ ئايالىمۇ ئامراق بولۇپ قالغان ئىدى. بەزى چاغلاردا بۇ ئىككى ئائىلە كىشىلىر بىرەر ۋاخ تاماقنى بىللە يىگەچ كوچا ئايلانغىلى چىقىپ قالاتتى. بۇنداق چاغدا نۇسرەتجاننىڭ ئايالى باشلىقنىڭ ئايالىنى يۆلەپ پەپىلەپ ماڭاتتى. نۇسرەتجان بولسا بىر كۆزىنى يولدىن، بىر كۆزىنى باشلىقتىن ئۈزمەي، باشلىقنىڭ ھەربىر سۆزىنى بىشىنى لىڭشىتىپ ماقۇللىغاچ، ئاغزى يۇمۇلماي كۈلگىنىچە ماڭاتتى.
    نۇسرەتجان تىك سىزىق بويىچە ئۆسۈۋاتاتتى. ئۇ دەسلەپ يۆتكىلىپ كەلگەن «ئىجادىيەت تەتقىقات ئىشخانىسى»غا بىر قېتىم بىشىنى تىقىپ قويمايلا دەسلەپ ئىدارىنىڭ ئىشخانا مۇدىرلىقىغا، ئاندىن مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلدى. «ئىجادىيەت تەتقىقات ئىشخانىسى»نىڭ ئىشىكى بولسا دۈملەنگەن پىتى تۇرىۋەردى.
    مۇز چىراي باشلىق نۇسرەتجاننى چوڭ - كىچىك يىغىنلاردا «ئىقتىدارلىق»، «قابىلىيەتلىك»، «ئىختىساسلىق»، «ئۈمىدلىك»... دېگەندەك سۆزلەر بىلەن پات - پات ماختاپ تۇراتتى. باشقا خىزمەتچى خادىملارنى نۇسرەتجاندىن ئۆگىنىشكە، نۇسرەتجاننى ئۈلگە قىلىشقا چاقىراتتى. نۇسرەتجانمۇ باشلىقنى «قابىلىيەتلىك»، «پىشقان»، «ھەر تەرەپلىمە يىتىلگەن»، «بىلىملىك»، «يىراقنى كۆرەر»، «ئىختىساسلىقلارنىڭ قەدرىگە يېتىدۇ» دەپ ئۇچۇراتتى. ئۇنىڭ قابىلىيىتىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار بايقىيالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىدارە باشلىقلىق ئورنىدىن مىدىرلىيالماي بىسىلىپ قالدى دەپ ئەپسۇسلىناتتى.
    ئىدارىدىكى خىزمەتچى خادىملار نۇسرەتجاننىڭ باشقا خۇي - مىجەزىنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمىسىمۇ لېكىن ئۇىڭ ئۇچرىغانلىكى كىشىگە ئۈكلىگەن كاللىدەك ھىجىيىپ تەبەسسۇم قىلىشىغا، سالام - سائەتنى چوڭقۇر قىلىپ ئەھۋال سورىشىغا قايىل ئىدى.
     ھەي مۇشۇ نۇسرەتجاننى كېچىسى ئۇخلىغاندىمۇ ھىجايغان پېتى ئۇخلامدىكىن دەيمەن.
     تاس قالىدۇ - دە، ئالدىغا ئۇچرىغانلىكى ئىت - مۈشۈككىمۇ ھىجىيىپ سالام بەرگىلى.
     نۇسرەتخاننىڭ ئانچە - مۇنچە قاپاق تۈرىدىغان ۋاقىتلىرىمۇ باردۇر؟
     ھەي تاڭەي.
     كىمدىكىم نۇسرەتجاننى قاپاق تۈرگۈزەلىسە، مۇز چىراي ئىدارە باشلىقىمىزنى كۈلدۈرەلىسە 500 كويدىن مىڭ كوي تىكتىم.
     ھېلىغۇ مىڭ كويكەن، بىر تۈمەن تىكسەڭمۇ مۇمكىن ئەمەس جۇمۇ بۇ ئىش.
    بوز ھاڭگا  تاۋۇس ئەللەيىن شاھ ئالىيلىرى بۇ چەكسىز ئورماننىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ۋۇجۇدىنى خۇشاللىق بىلەن ۋەھىمە تەڭلا چىرمىۋالدى. ئۇنىڭ خۇشاللىقى سەپرا ئىگىسىنىڭ تىل - تايىقىدىن، ئەتىگەندىن كەچكىچە تىنىم تاپماي ئىشلەشتىن قۇتۇلغانلىقى، نوختا - چۇلۋۇرسىز، باغلاقسىز ئەركىن - ئازادە ياشىشى ئىدى. ۋەھىمىسى بولسا پادىشاھلىق سەلتەنەتىنىڭ قانچە ئۇزۇن داۋاملىشىشىغا كۆزىنىڭ يەتمەسلىكى ئىدى. ئۇ بۇ ئورمانلىقتىكى ھايۋانلارنىڭ «ئېشەك» جەمەتىنى ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ بوياقچىنىڭ كۆلچىكىدىكى بوياقلاردا بويىلىپ رەڭدار تۈسكە كىرگەن ئاجايىپ - غارايىپ تۇرقىغا ھەۋەسلىنىپ، ھەمدە پۈتكۈل ئورماننى بىشىغا كىيىپ ھاڭرىشىدىن قورقۇپ كېتىپلا بۇ شاھلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزۇپ قويغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەنبىدى. ئۇ رەڭدار، جۇلالىق تۇرقىنى باشقا ھايۋانلارغا كۆز - كۆز قىلىشنى ۋە كۈنىگە بىرنەچچە قېتىم ئورمانلىقنى زىل - زىلىگە سېلىپ بار ئاۋازى بىلەن ھاڭراپ قويۇشنى پەقەتلا ئىسىدىن چىقارمايتتى.
    تاۋۇس ئەللەيىن شاھ ئالىيلىرى بۇ ئورمانلىقتىكى ئاجىز ھايۋانلارنىڭ كۈچلۈك ھايۋانلارغا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، ئاجىز ھايۋانلارنىڭ ئوت - چۆپ، مىۋىلىك دەرەخلەرنىڭ مىۋىسى ۋە يوپۇرمىغىنى يەيدىغانلىقىنى، كۈچلۈك ھايۋانلار بولسا ئاشۇ ئاجىز ھايۋانلارنىڭ گۆشنىلا يەيدىغانلىقىنى بىلگىنىدە، ۋۇجۇدىنى ۋەھىمە بىسىپ قانداق قىلىش ھەققىدە ئۇزاق باش قاتۇردى. چۈنكى ئۇنىڭ شاھلىق تەختىنىڭ ئالدىغا تۈلكە، قاپلان، يىلپىز، بۆرە قاتارلىق ۋەزىرلىرى توشقان، كىيىك، بۇغا، قىرغاۋۇل، ئولاي... قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىنى كۈنىگە ئۈچ ۋاخ تىزىپ قوياتتى. يېڭى، ئىسسىق پېتى تۇرغان بۇ گۆشلەرنى كۆرگەنلىكى يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ئىشتىھاسى ئېچىلىپ، شۆلگەيلىرى ئېقىپ كېتەتتى. تاۋۇس ئەللەيىن شاھ ئالىيلىرى بولسا ئەزەلدىن گۆش يەپ باقمىغانىدى. ئەمما بۇ سىرنى ئاشكارىلاشقا بولمايتتى. شۇنداقتىمۇ سۇدىكى تۇرقىغا بىر قاراپلا ئۆزىگە «تاۋۇس ئەللەيىن» دەپ ئىسىم قويۇشقا ئۈلگۈرگەن بۇ قوتۇر ئىشەكنىڭ قورسىقىدا خىلاىلا ھۈنىرى بار ئىدى. شۇڭا ئۇ ئانچە قىينالمايلا ئامال تاپتى.
     جانابى ئەمىرلىرىم، دېدى ۋىرلىرىگە قاراپ مۇلايىم تەلەپپۇزدا، مەن بۇ ئورمان مەملىكىتىدە ھەق - ئادالەت ئورنىتىپ، ئورمانلىقتىكى بارلىقى چوڭ - كىچىك ھايۋانلارنى بەخت - سائادەتكە ئىرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇزۇن مەزگىل گۆش يىمەي، پەرھىز تائاملارنى يەپ روزا تۇتۇپ، ئىبادەت قىلىشقا تەڭرىگە ۋەدە بەرگەنمەن. شۇڭلاشقا بۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ ئۈچ ۋاخ غىزايىم ئۈچۈن گۆش ئەپكەلمەي ئوت - چۆپ، دەل - دەرەخنىڭ يوپۇرماقلىرىنى، زەر - زىرائەتلەرنىڭ دانلىرىنى، پىشقان مىۋە - چىۋىلەرنى ئېلىپ كېلىڭلار. گۆش تۈرىدىكى بۇ شاھانە غىزالارنى سىلەر ساداقەتمەن ۋەزىرلىرىمگە ئىلتىپات قىلدىم.
    تاۋۇس ئەللەيىن شاھ ئالىيلىرىنىڭ بۇ قەدەر تەقۋادار، ئاقكۆڭۈل، سېخى، مەردلىكىنى كۆرۈپ ۋەزىرلەر دەرھال تىزلىنىپ مىننەتدارلىقنى بىلدۈردى.
     شاھ ئالىيلىرىنىڭ ئىلتىپاتىغا ھەشقاللا، ياشىغايلا، ياشىغايلا تۈمەنمىڭ يىللار ياشىغايلا.
    ئەزەلدىنلا چىچەنلىكى بىلەن نام چىقارغان تۈلكە شاھ ئالىيلىرىدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن سورىدى:
     ئالىيلىرى ئۆزلىرى ئول روزا ئىبادىتىدىن، پەرھىز غىزا مۇددىتىدىن قاچان پارىخ بولىدىلا؟
     بۇنى مەنمۇ بىلمەيمەن، دېدى بوز ھاڭگا  تاۋۇس ئەللەيىن شاھ ئالىيلىرى ئويلانغان قىياپەتتە، قاچانكى قىلغان ئىبادىتىم، تۇتقان روزام تەڭرىگە مەقبۇل بولۇپ، مىنى بۇ ئىشلاردىن پارىخ بولۇشقا ۋەھىي كەلمىگۈچە مەن ئول گۆشسىز - پەرھىز تائام يىيىشنى چەكسىز داۋاملاشتۇرىمەن.
    ئۇلار تاۋۇس ئەللەيىن شاھ ئالىيلىرىنىڭ تەۋرەنمەس ئىرادىسىگە قايىل بولۇشۇپ، شاھ ئالىيلىرىنىڭ ئۈچ ۋاخ غىزاسى ئۈچۈن ئوت - چۆپلەرنىڭ ئۇچىنى، دەل - دەرەخلەرنىڭ يۇمران يوپۇرماقلىرىنى، ھەر خىل زىرائەتلەرنىڭ دانلىرىنى، ھەمدە تۈرلۈك مەي باغلاپ پىشقان مىۋە - چىۋىلەرنى ئەكەلدۈرۈپ بەردى. تاۋۇس ئەللەيىن شاھ ئالىيلىرى بولسا بۇ نېممەتلەرنى ئىشتىھا بىلەن يەيتتى. ۋەزىرلىرى يەۋاتقان گۆشكە كۆز قىرىنىمۇ سىلىپ قويمايتتى.
    توقلۇقتىن شوخلۇق چىقىدۇ دېگەندەك خاتىرجەملىك ۋە مول نىممەتلەر تاۋۇس ئەللەيىن شاھ ئالىيلىرىنىڭ ھاۋايى - ھەۋىسىنى پات - پات قوزغاپ قويىدىغان بولۇپ قالغانىدى. بۇنداق چاغدا ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا ماتا - گەزلىمە بازىرىدا ئۇچرىغان گۈزەل سۈر مادا كېلەتتى - دە، پۈتكۈل ئەزايى ھاياجاندىن تىترەيتتى. ئىشقى - پىراقنى ئاشۇ مەشۇقىغا يەتكۈزمەكچى بولغاندەك بار ئاۋازى بىلەن ھاڭرايتتى...

    نۇسرەتجاننىڭ تىلىكى ئەمەلگە ئېشىپ ئىدارە باشلىقى ئاخىرى ئۆستى. ئۇنىڭ ئورنىغا نۇسرەتجان تەيىنلەندى. ئۇ ئىدارە باشلىقلىق ۋەزىپىسىگە رەسمىي ئولتۇرۇپن ھەپتە ئۆتكەندە ئىدارىدىكى مۇئاۋىن بۆلۈم دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خادىملارنى تەشكىللەپ، شەھەرنىڭ ئەڭ كاتتا بەزمىخانىدا، ئىدارە باشلىقىنىڭ مەنسىپىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى قۇتلۇقلاش ھەمدە يىڭى خىزمەت ئورنىغا ئۇزىتىش يۈزىسىدىن سورۇن ئۇيۇشتۇردى.
     ئالدى بىلەن مۆھتەرەم باشلىقنىڭ ئىزىز تىنىنىڭ مەڭگۈ - مەڭگۈ ساغلام تۇرىشىنى تىلەيمەن، دېدى نۇسرەتجان ئەڭ ئاۋال قەدەھ سۆزى سۆزلەپ، باشلىقىمىز ئىدارىدىن كەتكەن بىلەن يىراققا كەتمىدى. بەلكى يەنە بىر بالداق يۇقىرى رەھبەرلىك ئورنىغا چىقىپ، خىزمەتلىرىمىزنى تېخىمۇ كەڭ قوللاپ، يىتەكچىلىك قىلىدىغان ئورۇنغا ئۆستى. بۇ بىزنىڭ بەخت - تەلىيىمىز. شۇغىنىسى باشلىقنىڭ بۇندىن كېيىنكى باشقۇرۇش دائىرىسى كەڭ، خىزمىتى جاپالىق، شۇنداقتىمۇ بىزدەك شاگىرتلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى، تىككەن كۆچەتلىرىنى سۇغۇرۇپ، پەرۋىش قىلىپ تۇرۇشىنى تىلەيمەن.
    نۇسرەتجاننىڭ سۆزىگە ھەممەيلەن چاۋاك چېلىشتى. باشلىق نۇسرەتجان تۇتقان بىر رۇمكا ھاراقنى قولىغا ئېلىپ تۇرۇپ، نۇسرەتجاننىڭ ئىقتىدارىنى، ئالىملارچە بىلىمىنى، تالانتىنى بىرھازا ماختىغاندىن كېيىن نۇتقىنى تۆۋەندىكى سۆزلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇردى:
     تىرىشىپ ياخشى ئىشلەڭ نۇ جۈيجاڭ، سىلەر ياشلار كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرى. ئۈمىد سىلەردە. مەن سىزنىڭ تېخىمۇ ئۆسۈپ يۇقىرى ئۆرلىشىڭىزگە تىلەكداشمەن ھەم سىزنى قەتئىي قوللايمەن.
    مەدھىيە سكزلىرى ھېلى مۇز چىراي باشلىقنىڭ، ھىلى كۈلگۈنچەك نۇسرەتجاننىڭ شەنىگە توختىماي يىغىپ تۇردى. ئۈستەلدىكى چوكا تىگىشكە ئۈلگۈرمىگەن قورۇمىلار يىڭىلىنىپ تۇراتتى. سۈپ - سۈزۈك شاراپلار تولدۇرۇلغان رومكىلار يىقىملىق جىرىڭلايتتى. يېڭىدىن يېڭى ھەيۋەتلىك سۆزلەر بىلەن بىر - بىرىنى ماختاپ ئۇچۇرۇشاتتى.
    بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئىدارىدىكى بۆلۈم دەرىجىلىكلەر نۇسرەتخاننى قۇتلۇقلاپ سۆز قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن شەخسلەر بويىچە نۇسرەتخاننى قۇتلۇقلاش زىياپىتى بەس - بەستە باشلاندى. ئۇلار نۇسرەتجاننى خۇددى شار پۈۋلىەەندەك پۈۋلەيتتى، ئۇچۇراتتى.
    نۇسرەتجاننىڭ كۈلكىسى ئىدارە باشلىقلىق مەنسىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنمۇ پەقەتلا ئۆزگەرمىدى. قول ئاستىدىكى خىزمەتچىلەرگە خۇددى ئۈكلىگەن كالىدەك ھىجىيىپ قارايتتى. قىزغىن سالام - سائەت بىلەن ئەھۋال سورايتتى. يىغىننىمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ ئاچاتتى. ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇش، خىزمەتتىن توختىتىش، جەرىمانە ئىلىش... قاتارلىق تەدبىرلەرنى  كۈلۈپ تۇرۇپ تەكىتلەيتتى. شۇنداقتىمۇ خىزمەتچىلەرنىڭ يۈرىكى گال پىچاقتا تىلغاندەك سىرقىرايتتى. ئۇلار نۇسرەتجاننىڭ ئاشۇ  ھىجىيىپ تۇرغان چىرايىنى يىراقتىن كۆرسىلا بىئارام بولۇپ، ۋەھىنە بىسىپ ئۆزلىرىنى چەتكە ئېلىشقا ئالدىرايتتى.

    كۆز باغلانغان مەھەلدە تۇيۇقسىزلا چىلەكتە قۇيغاندەك ياغقان يامغۇر ئەتىسى تاڭ سۈزۈلۈشكە يىقىن چىپپىدە توختىدى. ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغان قۇياش چەكسىز ئورمانلىققا ئالتۇندەك نۇرلىرىنى سىخىيلىق بىلەن چىچىشقا باشلىدى. كېچىچە ياغقان يامغۇردا چىلىق - چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەن ھايۋانلار ئاستا  مىدىرلىشىپ بىر كۈنلۈك تىرىكچىلىكنىڭ غىمىگە چۈشۈشتى.
    ئەتىگەندىلا تەۋۇس ئەللەيىن شاھ ئالىيلىرىنىڭ ھۇزۇرىغا سالامغا كەلگەن تۈلكە، يىلپىز، قاپلان، بۆرە قاتارلىق ۋەزىرلەر شاھ تەختىدە جالاقلاپ تىترەپ تۇرغان بوز ھاڭگىنى كۆرۈپ كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قىلىشتى. غەزەپتىن چىشلىرىنى غۇچۇرلاتتى.
     كىمسەن؟ تەپ تارتماستىن پادىشاھىمىزنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇشقا قانداق پىتىندىڭ؟ دېدى بۆرە چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ.
    بۇ قوپال ئاۋازنى ئاڭلاپ بوز ھاڭگا  تاۋۇس ئەللەيىننى بىردىنلا سۈر باستى. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ شاھلارغا خاس سالاپەت بىلەن جاۋاب بەردى:
     بىر كېچىدىلا ئەقلىڭلاردىن ئادىشىپ قالمىغانسىلەر مۆھتىرەم ئەمىرلىرىم. مەن سىلەرنىڭ ئۇلۇغ خاقانىڭلار تاۋۇس ئەللەيىن بولىمەن...
    بوز ھاڭگا شۇنداق دېگەچ ئالدىدىكى  يامغۇر سۈيى جۇغلىشىپ قالغان كۆلچەككە شۇنداقلا قاراپ، مىڭىسىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. ئۆپكىسى ئاغزىغا قاپلىشىپ، پۇت - قوللىرى تىترەپ، پۈتكۈل ئەزايىنى سوغۇق تەر باستى. شۇ تاپتا ئالدىدىكى يامغۇر سۈيىدە ئۇنىڭ كۆزىگە ھەر بىر تۈكلىرى ھەر خىل رەڭدە جۇلالىنىپ تۇرىدىغان ئاجايىپ تاۋۇس ئەللەيىن ئەمەس، سەپرا ئىگىسىنىڭ تىل - تايىقى ئاستىدا غىڭ قىلماي ھارۋا سۆرەيدىغان، جۇۋاز چۆرگىلىتىدىغان، يۈك كۆتۈرىدىغان ئەبگا بوز ھاڭگا  كۆرۈمسىز قوتۇر ئېشەك تۇراتتى. ھەئە، كېچىچە ياغقان يامغۇر بوز ھاڭگىنىڭ بەدىنىدىكى ھەر خىل بوياقلارنى پاك - پاكىزە يۇيۇۋەتكەن بولۇپ، كۆرۈمسىز، پاخپىيىپ تۇرغان تۈكلىرى تۇرقىنى تېخىمۇ سەتلەشتۈرىۋەتكەنىدى.
     بىزنى ئالداشقا پىتىنىۋاتامسەن تېخى، دېدى قاپلان خەنجەردەك ئۆتكۈر چىشلىرىنى چىقىرىپ خىرىس قىلغىنىچە، بىلىپ قوي تاۋۇس ئەللەيىن شاھ ئالىيلىرى ھەرگىزمۇ ساڭا ئوخشاش كۆرۈمسىز ئەبگا ئەمەس. ئۇنىڭ ئاجايىپ رەڭدار تون - سەرۇپايىنى، جاھاننى لەرزىگە سالغۇچى ھەيۋەتلىك ئاۋازىنى ھېچكىمنىڭكى بىلەن تەڭلەشتۈرگىلى بولمايدۇ. قىسقىسى ئۇ بىزنىڭ تەڭداشسىز پاسىبانىمىزدۇر. ئېيتە، ئۆزەڭ زادى كىم؟ تەپ تارتماستىن ئۆزۈڭنى تاۋۇس ئەللەيىن شاھ ئالىيلىرى دەۋېلىشقا قانداق پىتىندىڭ؟
    بوز ھاڭگا مۇدھىش بىر ۋەھىمە چاڭگىلىدا  تىپىرلايتتى. قورقىنچتىن دىمى ئىچىگە چۈشۈپ، تاڭلايلىرى قۇرۇپ، پۇت - قوللىرىدا جان قالمىغانىدى.
     مە... مە...ن... را... راستىنلا... تا...ۋۇس ئەللەيىن. ئىشەنمىسەڭلار ما...ما...نا ئاۋازىقمنى ئاڭلاپ بىقىڭلار.
    بوز ھاڭگا شۇنچە كۈچىگەن بولسىمۇ كانىيى قۇرۇق، لەۋلىرى تىترەپ تۇرغانلىقتىن ھاڭرىيالماي ئاۋازى بوغۇلۇپ خاقىراپ قالدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ پۈتكۈل ئورمانلقنى لەرزىگە سالغۇچى ياڭراق ئاۋازى ئۆچكەندەك قىلاتتى. ئۆزىگە ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ تۇرغان يىرتقۇچ ۋەزىرلىرىنىڭ قان تولغان كۆزلىرىگە قاراپ، تىنىنى ئۆلۈم ۋەھىمىسى چىرمىۋالدى.
     خۇدا ھەققى ماڭا ئىشىنىڭلار، دېدى بوز ھاڭگا يىغلامسىرىغان ھالدا، مەن راستىنلا تاۋۇس ئەللەيىن شۇ. كېچىچە ياغقان لەنىتى يامغۇر بەدىنىمدىكى بوياقلارنى يۇيىۋېتىپتۇ...
    زىرەك تۈلكە بوز ھاڭگىنىڭ بۇ بىچارە ھەم كۆرۈمسىز تۇرقىغا قاراپ ئاللىقاچان بىرنەرسىنى پەملىگەنىدى. شۇڭا ئۇ بوز ھاڭگىنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ سورىدى:
     ئادەملەر بىزلەرنى ھەر خىل خاس ناملار بىلەن ئاتايدۇ. مەسىلەن مىنى تۈلكە، ماۋۇ ۋەزىرلەرنى يىلپىز، قاپلان، بۆرە... دېگەندەك. ئېيتە سىنى نېمە دەپ ئاتايتتى؟
    بوز ھاڭگا ئۈچۈن بۇ جاۋاب بېرىش بەكمۇ تەس سوئال ئىدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ بۇ سوئالغا قاۋاب بەرمەي قۇتۇلالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتتى.
     مېنى... مېنى... دېدى ئۇ دۇدۇقلاپ تۇرۇپ، مېنى ئادەملەر ئېشەك دەپ ئاتايتتى...
     ئېشەك؟! تۈلكىنىڭ كۆزلىرى غەزەپتىن چەكچىيىپ كەتتى. ئەسلىدە ئادەملەر «گۆشى ھارام، كۈچى ھالال» دەپ ئاتايدىغان قوتۇر ئېشەك سەن ئىكەنسەندە؟
    تۈلكىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ باشقىلار ھەيران بولۇپ بوز ھاڭگىغا قارىدى. ئەپتى - بەشىرىسى ئاشكارىلانغان بوز ھاڭگا بولسا جالاقلاپ تىترىگىنىچە ئاران - ئاران يەر دەسسەپ تۇراتتى.
     ۋەزىرلەر، دېدى تۈلكە ھەمراھلىرىغا چۈشەندۈرۈپ، بۇ ئەبلەخ بىزنى ئالداپتۇ. جاھاندا «تاۋۇس ئەللەيىن» دەيدىغان مەخلۇق بولغان ئەمەس. بۇ ئەبلەغ ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتىنى تۈرلۈك رەڭدە بويىغاننى ئاز دەپ، بىزنىڭ كۆزىمىزنىمۇ بوياپ بىزگە پادىشاھ بولىۋاپتۇ. بۇ لەنەتتەككۈر مەن سىلەرگە دائىم گىپىنى قىلىپ بېرىدىغان، گۆشنىڭ تەمىنى تىتىپ بېقىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ھېلىقى ئېشەك دېگەن مەخلۇق دەل مۇشۇ شۇ. ئەتىگەنلىك ناشتىلىق پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەيلى. قېنى مەرھەمەت.
    بىچارە بوز ھاڭگا قىچىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىدى. نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئۇنىڭ خىزمىتىنى ساداقەتمەنلىك بىلەن  بىجىرىپ كەلگەن بۇ يىرتقۇچ ۋەزىرلىرى ئۇنى بىر دەمدىلا خامتالاش قىلىپ يەۋەتتى.

    شەھەردە ئۈچ كۈندىن بىرى يىغىۋاتقان يامغۇر ھىچ توختايدىغاندەك ئەمەس. تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە  يۈرگەن نۇرغۇن ئادەملەر يامغۇردا چىلىق - چىلىق ھۆل بولۇپ كەتسىمۇ قوللىرىغا دالدىلانغۇدەك ھېچنېمە ئالماي بىخىرامان يۈرۈشمەكتە. ئەمما بىرقىسىم ئادەملەر كۈنلۈك كۆتۈرىۋېلىشقان بولۇپ، كۈنلۈكنىڭ دالدىسىدا كىيىملىرى تىرناقچىلىكمۇ ھۆل بولمىغانىدى. جاھاننىڭ ئىشلىرى ئاجايىپ. ئۈچ كۈندىن بىرى ياغقان يامغۇر شەھەردىكى بەزى ئۆيلەرنىڭ خېلى پۇختا يىپىلغان ئۆگزىلىرىنى تىشىۋەتكەن بولسىمۇ لېكىن مۇنۇ ئاز بىرقىسىم كىشىلەر كۆتۈرىۋېلىشقان كۈنلۈكنىڭ ئالدىدا يەنىلا ئامالسىز. ئاشۇ كىچىككىنە كۈنلۈك ئۇلارنى قوغداپ قالغان.
    ئەنە يىراقتىن نۇسرەتجان كېلىۋاتىدۇ. ئۇ قولىغا بىر تال كۈنلۈك ئېلىۋالغان بولۇپ  شۇنچە ھەيۋە بىلەن تاراسلاپ چۈشۈۋاتقان يامغۇر ئۇنى ھېچنېمە قىلالماپتۇ. ئۇ كۈنلۈكنىڭ دالدىسىدا ئاشۇ يىقىمسىز ھىجىيىشى بىلەن كېلىۋاتىدۇ. ئۇچىسىدىكى چەت ئەلنىڭ داڭلىق ماركىلىق كىيىملىرى ئازراقمۇ ھۆل بولمىغان كۈلكىسىدە بولسا ھېچقانداق مەنا يوق.
    ئويلاپ قالدىم. ھېلىقى بوياقچىنىڭ كۆلچىكىگە چۈشۈپ كەتكەن بىچارە قوتۇر ئېشەك  تاۋۇس ئەللەيىن شاھ ئالىيلىرىنىڭ نۇسرەتجانغا ئوخشاش كۈنلۈكى بولغان بولسا، كۈنلۈكى بىلەن ئاشۇنداق يامغۇردىن دالدىلانغان بولسا بەلكىم ھازىرغىچە ھىلىقى ئورمانغا پادىشاھلىق قىلىۋەرگەن، بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ كاتتا يايلاققا خاقانلىق قىلغان، تۈلكە، يىلپىز، قاپلان، بۆرە قاتارلىق ۋەزىر - ۋۇزۇرالىرىغا، شىر، يولۋاسلارمۇ قىتىلىپ ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلغان بولار ئىدى.
    يەنە ئويلاپ قالدىم. كۈنلۈكلەر ئاستىغا كىرىۋالغانلىكى ئادەملەرنى يامغۇردىن مەڭگۈ دالدا قىلىپمۇ بولالماس.
    ئاخىرىدا يەنە ئويلىنىپ قالدىم: بىر كۈنى ھەرقانداق كۈنلۈكنى تېشىپ ئۆتكىدەك شۇنداق بىر قۇدرەتلىك يامغۇر ياغىدۇكى ئاي - ھاي...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.