ئاق ئادەم قىزىل ئادەمنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلى

يوللىغۇچى : H2O يوللىغان ۋاقىت : 2008-04-01 20:08:00

ئامېرىكا قىتئەسىنى ئىشغال قىلغان «بۇلاڭچىلارنىڭ» گېپىنى دائىم ئاڭلىدۇق. بىز كۆرگەن «مەرگەن كىنولىرى» بىزگە ھىندىيانلارنى بىر ۋەھشى ھايۋان، ياۋروپالىقلارنى بولسا مەدەنى بىر ئىنسان دەپ ئۆگەتت...

    ئامېرىكا قىتئەسىنى ئىشغال قىلغان «بۇلاڭچىلارنىڭ» گېپىنى دائىم ئاڭلىدۇق. بىز كۆرگەن «مەرگەن كىنولىرى» بىزگە ھىندىيانلارنى بىر ۋەھشى ھايۋان، ياۋروپالىقلارنى بولسا مەدەنى بىر ئىنسان دەپ ئۆگەتتى. تارىخ كىتاپلىرىمۇ پۇتۇنلەي ئاق تەنلىكلەرنىڭ قەھرىمانلىقلىرى بىلەن تولغان ئىدى. ئەمما كېيىن ئۇگەندۇق، ئەسلىدە ئامېرىكىنى كرىستوف كولۇمبۇدىن، ئامېرىكو ۋېسپۇكى دىن بۇرۇن «كەشىپ» قىلغان، ئۆزلىرىگە يۇرت قىلغانلار بار ئىكەن. ئۇيغار ۋە قەھرىمان دەپ بىلگەنلىرىمىز، ئەسلىدە ۋىژدانسىز بۇلاڭچىلار، كۆزى تويمىغان ئاچكۆز قاتىللار ئىكەن. ياۋايى ۋە ھايۋان دەپ بىلگەنلىرىمىز ئەسلىدە يۇرتلىرىنى بۇ نۇمۇسسىز بۇلاڭچىلارغا قارشى ئىسسىق قانلىرى بەدىلىگە قوغدىغان ۋەتەنسۆيەرلەر ئىكەن.
    تۆۋەندە ئوقۇيدىغىنىڭىز مەكتۇپ بولسا، ھىندىيانلارنىڭ باشلىقى SEATTLE تەرىپىدىن «ۋاشىڭتون دىكى ئۇلۇغ رەھبەرگە» يەنى 1853- 1857 يىللىرىدىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى فرانكىلىن پايرىس قا يېزىلغان. مانا سىلەرگە ،  «ئادەم تېرىسى سويغۇچىلار»  دەپ بىلگىنىمىز ۋە بىر نەچچە خىلى چېقىراشتىن باشقا گەپ بىلمەيدۇ دەپ قارىغىنىمىز ھىندىيانلارنىڭ باشلىقىنىڭ خېتى.

    ۋاشىڭتوندىكى بۇيۇك رەھبەر بىزنىڭ تۇپراقلىرىمىزنى سېتىۋالماقچى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ بىر خەت يېزىپتۇ. دوستلىقىنى ئىزھار قىلىپتۇ.  بۇ ئۇلۇغ رەھبەر... ئەمما بىز سىزنىڭ دوستلۇقىمىزغا ئىھتىياجلىق ئەمەسلىكىڭىزنى بىلىمىز.
    كۆك يۇزىنى قانداق سېتىۋالالايسىلەر؟ ياكى ساتالايسىلەر؟ ياكى تۇپراقلارنىڭ ئىسسىقلىقىنى؟
    ئاغزىمدىن چىققان گەپلەر يۇلتۇزلارغا ئوخشايدۇ، ئۇلۇغ رەھبەر، بۇ سۆزلەر ھىچقاچان ئۆچۇپ قالمايدۇ. شۇنىڭ ئۇچۇن سۆلىگەنلىرىمگە ئىشىنىڭ.
    ھاۋانىڭ پاكىز پۇراقلىرىغا سۇلارنىڭ جىلۋىسىگە ئىگە بولمىغان بىرسى ئۇنى قانداق ساتالايدۇ؟
    مۇقەددەستۇر بۇ تۇپراقلار مەن ۋە خەلقىم ئۇچۇن... يامغۇردىن كېيىنكى پارقىراق ھەربىر قارىغاي يۇپۇرمىقى
    دېڭىزنى قۇچاقلىغان قۇملۇق ساھىللار
    قاراڭغۇ ئورمانلارنىڭ قوينىدىكى تۇمانلار
    ناخشا ئېيتىۋاتقان ھاشارەتلەر...
    ۋە بىلىڭكى، قىزىل تېرىلىك ھىندىياننىڭ ئەسلىمىلىرى دەرەخلەرنىڭ ئىچىلىرىگە سىڭىپ كەتكەن.
    تۇپراق بىزنىڭ ئانىمىز  ۋە بىزنىڭ ئۆلۇكلىرىمىز، بۇ تۇپراقلارنى ئۇنۇتمايدۇ ، كىيىك، ئات ۋە بۇركۇتلەر بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز
    قىيالار، ئوتلاقلار، تايلار ۋە ئىنسانلارنىڭ ئىللىق مېھرى ھەممىسى بىر ئائىلە
    ۋاشىڭتوندىكى ئۇلۇغ رەھبەر بىزدىن تۇپراقلىرىمىزنى ئالغاندا، بۇلارنىڭ ھەممىنى بىزدىن ئالىدۇ. ئۇلۇغ رەھبەر بىزنىڭ ئاتىمىز، بىز ئۇنىڭ بالىلىرى بولىدىكەنمىز تېخى...
    ئۇلۇغ روھ خەلقىمىزنى سۆيىدۇ، ئەمما ھىندىيان بالىلىرىنى تاشلاپ كەتتى. ئەمدى سىلەرگە ھەر خىل ماشىنىلارنى بېرىۋاتىدۇ ۋە ئىنتايىن يېقىندا تۇيۇقسىز ياغقان يامغۇردىن كېيىن تېشىپ، ئۇيىمىزگىچە كىرگەن دەريالاردەك، ئاق ئادەملەر بۇ تۇپراقلارنىڭ ھەر بىر غېرىچ يېرىگىچە توشىدۇ. بىز يىتىم قالدۇق. چۇنكى ئاقساقاللىرىمىز ھەر خىل ھىكايىلەرنى بىزگە سۆزلەپ بېرەتتى.
    بىلگەن بولساڭلار...
    دەريالارنىڭ ۋە ئۆستەڭلەرنىڭ ئىچىدە ئاققان سۇلار پەقەت سۇدىن ئىبارەت ئەمەس
    ئاتىلىرىمىزنىڭ قانلىرى ئۇ.
    بىلىپ قېلىڭلار، بۇ تۇپراقلارنى سىلەرگە ساتقان چېغىمىزدا چۆللەرنىڭ پارقىراق سۇلىرىدا خەلقىمنىڭ كەچۇرمىشلىرىنىڭ سۆزلەنگەنلىكىنى
    بالىلىرىڭلارغا ئۆگىتىشىڭلار كېرەك
    سۇلاردىن چىققان ئاۋازلار -ئەجداتلىرىمنىڭ ئاۋازىدۇر، دەريالار قېرىنداشلىرىمىزدۇر
    بۇلارنى بالىلىرىڭلارغا ئۇگىتىشىڭلار كېرەك.
    ئاق ئادەم بىزنى چۇشەنمەيدۇ
    بىلىمىز.
    تۇپراق ئۇنىڭ قېرىندىشى ئەمەس، دۇشمىنى
    ئاتىلىرىنىڭ قەۋرىلىرىنى ئارقىسىدا تاشلاپ كېتىدۇ ئاق ئادەم... تۇپراقنى بالىلىرىدىن ئوغۇرلايدۇ
    ئاچكۆزلىكىڭ دۇنيانى قاپلايدۇ ئاق ئادەم  ... ۋە سەندىن چوڭ بىر چۆل مىراس قالىدۇ :
    سەھەر تۇمانلىرى تاغلارنىڭ قارنىدىن تۇغقان قۇياشنى كۆرىدۇ ۋە قاچىدۇ.
    ئاتىلىرىمىزنىڭ كۇللىرى مۇقەددەس تۇپراقلارغا يېيىلىدۇ. مەن ھىندىيان ۋە چۇشەنمەيمەن.
    شەھەرلىرىڭلارنىمۇ چۇشەنمەيمەن، ئۇ يەرلەردە جىمجىتلىق يوق... ياپراقلارنىڭ ئاۋازلىرىنى، ھاشارەتلەرنىڭ چىرىلداشلىرىنى... قۇشلارنىڭ سايراشلىرىنى ۋە پاقىلارنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلىيالايدىغان بىر يەر يوق ئۇ يەرلەردە.
    مەن بىر ھىندىيان ۋە چۇشەنمەيمەن. مەن كۆللەرنى يالاپ كەلگەن شاماللارنىڭ ئاۋازىنى، چۇش يامغۇرىنىڭ پاكىزلىقىنى، ۋە پاكىز قارىغاي ياپراقلىرىنىڭ پۇرىقىنى سۆيىمەن.
    سىزگە بۇ توپراقلارنى ساتساق، بىلىڭلاركى، ھاۋا بىزنىڭ ئۇچۇن قىممەتلىكتۇر ۋە ھاۋا پۇتۇن جانلىقلارنىڭ ئورتاق ياشاش مەنبەسىدۇر. شۇنىڭ ئۇچۇن ئۇنى بۇلغىماڭلار. ھاۋا ھايات بەرگەن ھەممە نەرسە بىلەن روھىنى بۆلىشىدۇ.
    تۆمۇر ئات ( پويىز ) ئۆلتۇرۇپ نەسلى قۇرۇپ كېتىشىگە سەۋپچى بولغىنىڭىز مىڭلارچە ياۋا كالىدىن قىممەتلىكمۇ؟ قانداقسىگە؟
    چۇشىنەلمەيۋاتىمەن
    ھايۋانلار ئىنسانلارنى تاشلاپ كەتسە ئىنسانلارنىڭ روھلىرى يالغۇزلۇقتىن ئۆلمەمدۇ؟
    ھايۋانلارنىڭ بېشىغا كەلگەنلەر ئىنسانلارنىڭمۇ بېشىغا كېلىدۇ.
    تۇپراقنىڭ بېشىغا كەلگەنلەر بالىلىرىنىڭمۇ بېشىغا كېلىدۇ
    بالىلىرىڭىزغا، ئۇستىگە دەسسەۋاتقان بۇ تۇپراقلارنىڭ، ئەجداتلىرىمىزنىڭ كۇللىرى بىلەن بىرلەشكەنلىكىنى سوزلىشىڭلار كېرەك. بىز بالىلىرىمىزغا ئۆگەتكەن نەرسىلەرنى، سىلەرمۇ بالىلىرىڭلارغا ئۇگىتىڭلار. تۇپراق بىزنىڭ ئانىمىز. ئۇنىڭغا تۇكۇرمەڭلار. تۇپراق ئىنسانغا ئەمەس، ئىنسان تۇپراققا ئائىت. ئىنسان ھايات زەنجىرىنىڭ پەقەت بىر پارچىسى...
    ئاق ئادەم نىمىنى سېتىۋالماقچى بولىۋاتىدۇ؟
    كۆكلەر ۋە يەرنىڭ ئىسسىقلىغىنىمۇ؟ چېپىۋاتقان بۇغىلارنىڭ سۇرئىتىنىمۇ؟
    بىز بۇلارنى سىلەرگە قانداق ساتالايمىز؟ ۋە سىلەر قانداق سېتىۋالالايسىلەر؟
    بىر قەغەز پارچىسىنى ئىمزالىغانلىقىمىز ۋە ئاق ئادەمگە بەرگەنلىكىمىز ئۇچۇن، ھەممە نەرسىنى قىلالايدىغانلىقىنى ئويلاۋاتامدۇ ئاق ئادەم.
    ھاۋانىڭ پاكىزلىقىغا ۋە سۇلارنىڭ جۇلالىسىغا ساھىپ بۇلالمىساق، بۇنى قانداق ساتىمىز سىلەرگە؟ ئەڭ ئاخىرقى ياۋا كالىمۇ ئۆلگەندە ئۇلارنى قايتىدىن قانداق سېتىۋالالايسىلەر؟
    ئاق ئادەم ئۆتكۇنچى بىر ھۇكۇمراندۇر ۋە ئۇ ئۆزىنىڭ ھەممە نەرسىگە كۇچى يېتىدىغانلىقىنى ئويلاۋاتىدۇ.
    بىر ئىنسان ئانىسىغا ساھىپ بۇلالامدۇ؟
    كۇنلىرىمىزنىڭ قالغىنىنى نەدە ئۆتكۇزىدىغانلىقىمىز مۇھىم ئەمەس. بالىلىرىمىز دادىلىرىنى غورۇرلىرى سۇنغان ھالدا كۆردى. جەڭچىلىرىمىزنىڭ يۇزلىرى يەرگە قاراشقا مەجبۇر بولدى. مەغلۇبىيەتلەردىن كېيىن ئۆزلىرىنى ئىچىملىككە ۋە يەپ ئىچىشكە ئۇردى. بۇ يول بىلەن بەدەنلىرىنى ئۇيۇشتۇردى. بىر نەچچە قىشلىق ئۆمرىمىز قالغان بۇ تۇپراقلاردا، يېقىندا بىزگە ماتەم تۇتىدىغان ھىچكىم قالمايدۇ. ئەمما يىغلىمايمەن ! ئىنسانلار دېڭىزدىكى دولقۇنلارغا ئوخشاش كېلىپ كېتىدۇ. بىز كېتىمىز ئەمما ئاق ئادەمنىڭ بىر كۇنى چۇشىنىدىغان ھەقىقەتنى بىز بۇگۇندىن تارتىپ بىلىمىز. ھەممىمىز ئوخشاش بىر ئۇلۇغ روھتىن كەلگەن. ئاق ئادەملەرمۇ بىر كۇنى بۇ تۇپراقلاردىن كېتىدۇ. بەلكى پۇتۇن ئېرىقلاردىن تېخىمۇ تېز. ياتىغىڭلارنى زەھەرلەشكە داۋام قىلىڭلار ۋە بىر كۇنى ئۆزەڭلارنىڭ ئەخلىتى ئىچىدە تۇنجۇقۇپ كېتىسىلەر.بۇ تەغدىرنى بىز ھازىر بىلەلمەيمىز. ئەمما گۇمران بولغان چېغىڭلاردا پۇتۇن ئەتراپقا پارلاق بىر نۇر چاچىسىلەر.

        پۇتۇن ياۋا كالىلار ئۆلتۇرۇلگەندىن كېيىن، توسۇن ئاتلار كۆندۇرگەندىن كېيىن، ئورمانلارنىڭ ئەڭ مەخپى بۇلۇڭلىرغىچە دۇنيا ئىنسان پۇرىقىغا تولغاندىن كېيىن، سۇيۇملۇك ئىدىرلىقلارنىڭ گۇزەللىكى كىرلىتىلگەندىن كېيىن... كۆزۇڭلارنى ھەقىقى ئېچىپ ئەتراپقا قارىغان چېغىڭلاردا... كۆكتىكى بۇركۇتلەرنىڭ يوق بولغانلىقىنى، شامالدەك چاپقۇر ئاتلارنىڭ يوق بولغانلىقىنى كۆرىسىلەر. بىلەمسىلەر بۇ نىمە دىمەك؟ بۇ ھاياتنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە ھايات قېلىش ئۇچۇن مۇجادىلە قىلىشنىڭ باشلىنىشى دىمەكتۇر. ئۇلۇغ روھ بىزنىڭ ھايۋانلارغا ۋە ھىندىيانلارغا ساھىپ چىقىشىمىزنى تەلەپ قىلدى. بەلكىم بۇنىڭ ئالاھىدە بىر مەنىسى باردۇر. لېكىن ھازىر بۇنى بىلەلمەيمىز.

        بىز ( قېرىنداشلىرى ئارىسىدا قانچىلىك پەرق بولسا بولسۇن ) ھەر ئىنساننىڭ ئۆزى خالىغان مۇھىتتا ياشىشىنى ئۇمىد قىلىمىز. ئەگەر بىز تەكلىپىڭلارنى قۇبۇل قىلساق، بۇ پەقەت يېڭى تۇپراقلارنى قوغدىشىمىز ئۇچۇندۇر ۋە ئۇ يەردە ئاخىرقى كۇنلىرىمىزنى راھەت ۋە تېنچلىق ئىچىدە ياشىيالىشىمىز مۇمكىن بەلكىم!.........

    ئەڭ ئاخىرقى ھىندىيان بۇ تۇپراقلاردىن كەتكەن كۇنى ۋە ئۇنىڭ ئەسلىمىسى يالغۇز بىر بۇلۇتنىڭ چەكسىز ئوتلاقلار ئۇستىدىكى سايىسىگە ئۆزگەرگەن ۋاقتىدا، ئەجداتلىرىمىزنىڭ روھىمۇ بۇ قىيالىقلاردا ۋە ئورمانلىقلاردا ياشاشقا داۋام قىلىدۇ.

    سىلەرگە بۇ تۇپراقلارنى ساتقان چېغىمىزدا، سىلەرمۇ خۇددى بىز سۆيگەندەك سۆيۇڭلار. ئۇنىڭغا بىز كۆڭۇل بۆلگەندەك كۇڭۇل بۆلۇڭلار. ۋە ئۇنى ئاسراڭلار. بۇ تۇپراقلارنى ۋە ئۇستىدىكى جانلىقلارنى بالىلىرىڭلار ئۇچۇن قوغداڭلار. چۇنكى بۇ دۇنيا مۇقەددەستۇر. ئاق ئادەملەرمۇ بىزنىڭ تەغدىرىمىزدىن قۇتۇلالمايدۇ. بەلكى بىز ھەممىمىز قېرىنداش. روھلىرى بۇ تۇپراقلار بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ئاتىلىرىمىزنى ئەسلەپ قويۇڭلار.
    ~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

    ۋە ئەپسۇس ئاق ئادەم قىزىل تېرىلىك ھىندىيانلارنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلىمىدى. ئۆزىنى ھەممە نەرسىدىن ئۇستۇن تۇتۇشقا باشلىدى. يەرنى، كۆكنى، دېڭىزنى بۇلغىدى. ھەتتا ھازىر باشقا پىلانىتلارنىمۇ بۇلغىماقچى بولىۋاتىدۇ. يۇز ئەللىك يىل بۇرۇن پۇتۇن ياۋا كالىلارنى ئۆلتۇرگەن ئاق ئادەم. ھىندىيانلارنىمۇ يوق قىلدى ۋە نىھايەت ئاتوم بومبىسى بىلەن يۇزمىڭلىغان ئىنساننى، چوڭ-كىچىك، قېرى- ياش دىمەي قەتىل قىلدى. ھايۋانلارنىڭ بېشىغا كەلگەنلەر ئىنسانلارنىڭمۇ بېشىغا كەلدى. ئاق ئادەم، قىزىل ئادەمنىڭ دىگىنىدەك يۇپراققا دۇشمەن بولدى. ئاچكۆزلىكى دۇنياغا بالا بولدى. يىلانغا ئوخشايدىغان قوللىرىنى ئافرىقىغا، ئاسىياغا، ئانتىراكتىكاغا ئۇزاتتى. ئاق ئادەم ھەممە نەرسىنى سېتىۋالالايدىغانلىقىنى ئويلىدى. ئاخىرىدا نېگىرلارنى ئېلىپ ساتتى، تويمىدى، ئاق ئاياللىرىنى ساتتى، يەنە تويمىدى. ئۆزىنى ساتتى.

    ئەمدى ئاق ئادەم ئۆزىنىڭ ئەخلىتى ئىچىدە تۇنجۇقۇپ قېلىۋاتىدۇ.
    توغرا ئاق ئادەممۇ بىر ئۆتكۇنچى ھۇكۇمران. ئەمما بۇنى بىلمەيۋاتىدۇ.
    بۇ ئىشلارنىڭ بولىشىنى يۇز ئەللىك يىل بۇرۇن بىلگەن ھىندىيانلارنىڭ باشلىقى بىر غايىپنى بىلگۇچى ئەمەس ئىدى. ئەمما تۇپراقلىرىنى ئىشغال قىلغان ئاق ئادەمنى ئىنتايىن ياخشى تونۇغان ئىدى !!!!

    ئىسىت ساڭا ئاق ئادەم ئىسىت !!!!

    سەن پۇتۇن دۇنيانى بۇلغۇغانلىقىڭنى ئاز دەپ، بالىلارنىڭ ساپ مىڭىلىرىنىمۇ بۇلغاۋاتىسەن. قەغەزنى بۇلغۇدۇڭ، مېڭىنى بۇلغۇدۇڭ... ئىسىت ! ئاق ئادەم، سەن ئەسلىدە نىمىدىگەن قارا ............................

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق