ئەرنىڭ مۇھەببىتى

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-03-06 18:02:29

ئەرنىڭ مۇھەببىتىمۇبادا كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆلۈپ كېتىدىغان كۈنىمىز كەلگىنىدە، مەن سىزنىڭ قوينىڭىزدا تۇرۇپ بۇ ھاياتتىن ئايرىلىشنى خالايمەن، مەيلى پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تېپىلمىسىمۇ، يەنە ...

     
     ئەرنىڭ مۇھەببىتى
     

    \


    مۇبادا كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆلۈپ كېتىدىغان كۈنىمىز كەلگىنىدە، مەن سىزنىڭ قوينىڭىزدا تۇرۇپ بۇ ھاياتتىن ئايرىلىشنى خالايمەن، مەيلى پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تېپىلمىسىمۇ، يەنە بىر قېتىملىق تاللاش پۇرسىتى كەلسە، مەن يەنىلا سىز بىلەن ئۆتكەن ئەسلىمىلىرىمدەك يەنە بىللە ئۆتۈشنى خالايمەن.

                                     ــــ ئىلاۋە

    توي قىلغان كۈنى كېچىسى، مەن كامىلدىن مۇنداق بىر سۇئال سورىدىم؛

    -كامىل، بىز ھامان بىر كۈنى قېرىيمىز، ئۆلىمىز. مۇبادا تاللاش پۇرسىتى بولۇپ قالسا، سىز نەدە ئۆلۈپ كېتىشنى تاللايتىڭىز؟

    گەپ ئېغىزىمدىن چىقىشىغىلا ھەي، دەپ، دېگىنىمگە پۇشايمان قىلىپ قالدىم. بۈگۈنكىدەك كۈندە بۇنداق سۇئالنى سورىشىم، دېمىسىمۇ پەقەتلا قاملاشمىغانىدى.

    دەرۋەقە، كامىل جىمىپ كەتتى.

    ئەمدى ئېغىزىمنى ئېچىپ، دېگەن گېپىمنى تۈزىتىۋالاي دەپ تۇرۇشۇمغا، كامىل ئېغىز ئېچىپ قالدى.

    -مۇبادا كۈنلەرنىڭ بىرىدە راستلا شۇنداق ئۆلۈپ كېتىدىغان يېرىمىزنى تاللىيالىساق، مانا بۈگۈنكىدەك سىزنىڭ قوينىڭىزدا ئۆلۈپ كېتىشنى خالايمەن، رەنا. ئەگەر يەنە قايتا تاللاش پۇرسىتى كېلىپ قالسا، پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي قالساممۇ، سىز بىلەن بىللە بولۇشنى تاللايمەن، سىز بىلەن يەنە شۇ ئەسلىمىلىرىمىزنى قايتىلاشنى خالايمەن.

    قاراڭغۇدا كامىلنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرەلمىدىم. شۇنداقتىمۇ، ئۇنىڭ ئەستايىدىل ۋە قەتئىي تەلەپپۇزى، قەلبىمنى غايەت زور تەۋرىنىش بىلەن زىلزىلگە كەلتۈرگەندەك بولدى.

    دۇرۇس. شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە مەن ئەڭ بەختلىك ئايال ئىدىم.

    كامىل مۇلايىم خاراكتېرلىك بىر ئەر. ئۇنىڭ ھازىرقى قەدەر شۇنچە چوڭ گۇرۇھتا ئادەتتىكى بىر خىزمەتچى بولۇپ قېلىۋاتقىنىغا، ئۇنىڭ مۇشۇ مىجەزى سەۋەبلىك ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى مەن بىلمەيمەن. ئەينى ۋاقىتتا توي قىلغان چېغىمىزدا، نۇرغۇن يېقىنلىرىم مېنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇنى تاللىغىنىمنى چۈشىنەلمەي قېلىشقانىدى. قانداقلا بولمىسۇن، ئۇنىڭ كەسىپچانلىقى مېنىڭدەك كۈچلۈك ئەمەس ئىدى. ئۇ بىر قانائەتچان ئادەم ئىدى. مەنمۇ ھەم ئىزچىل ھالدا، ئۇنىڭ ئاشۇ كۆيۈمچان قەلبى ئىككىمىزنى تەڭپۇڭلۇققا ئىگە قىلىپ تۇرىدۇ، دەپ ئويلايتتىم.

    توي قىلىپ يېرىم يىلدىن ئاشتى. بىز يەنىلا ئاشۇ ئۇلارنىڭ شىركىتىدىن تەمىنلەپ بەرگەن كونا قورۇسىدىكى ئۈچ قەۋەتلىك بىنانىڭ ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيىدە تۇرۇۋاتىمىز، گەرچە ئۈچ ئېغىزلىق بۇ كىچىكمۇ ئەمەس چوڭمۇ ئەمەس ئۆيدە ئىجارە تۆلەپ تۇرۇۋاتقان بولساقمۇ، ھېچقايسىمىز ئاغرىنىش ھېس قىلمايتتۇق. كامىلنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، «ھامان بىر كۈنى ھەممە نەرسىلىرىمىز بولاتتى.» گەرچە مېنىڭمۇ باشقا خىزمەتداشلىرىمغا، ساۋاقداشلىرىمغا، دوستلىرىمغا ئوخشاش چىرايلىق بىر ئۆيۈمنىڭ بولۇشىنى، ئۆزىمىزنىڭ ئۆيى بولۇشنى ئارزۇ قىلساممۇ، ئىستىمال سەۋىيىسى ئۇچقاندەك ئېشىۋاتقان بۇ چوڭ شەھەردە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنى خاتىرجەم ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئۆزىلا مېنى ھارغۇزۇپ قويۇپ، بۇلارنى ئويلايدىغانغا زېھنى-قۇۋۋىتىممۇ يېتىشمەي قالاتتى.

    شۇنداقتىمۇ كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، مەن بارا-بارا بىر خىل ھەسرەت ئىچىدە قالدىم. بۇرۇن مەن ئاددىيلىقنىڭ ئۆزىلا مۇھەببەتنىڭ ھەقىقىي مەزمۇنى دەپ ئىشىنەتتىم، ئەمما كۈندىن-تۈنگە ئۇلاشقان، قېلىپتا قۇيغاندەكلا بىر خىل رېتىمدىكى تۇرمۇش مېنى جىسمانىي ھەم روھىي جەھەتتىن زېرىكتۇرۈشكە باشلىدى. كۈندىلىك يېيىش، ئىچىش، ئۇخلاش. ئىشلەشتەك تۇرمۇش ئىلگىرىكى رومانتىكلىقنىڭ ئورنىنى ئالدى. نىكاھتىكى مەززىسىزلىك مېنى نىكاھ تۇرمۇشىمىزنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن گاڭگىرىتىپ قويدى.

    مەن كامىلنىڭ مېنىڭ ھېسسىياتىمنى چۈشىنەلىشىنى ياكى، بەزىبىر ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلاتتىم. ئەپسۇس كامىل ھېچنىمىنى ھېس قىلالمىغاندەك، ھەركۈندىكىدەك ئۆتىۋەردى. كامىلنىڭ يېزىقچىلىق قابىلىيىتى يامان ئەمەس ئىدى، تېخى ژورناللاردىمۇ ئانچە-مۇنچە ئەسەر ئېلان قىلغانىدى. شۇڭلاشقىمۇ، كامىل ئىشتىن چۈشسىلا ئۈستەلنىڭ ئالدىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرغىنىچە بىرنېمىلەرنى يېزىپ كېتەتتى. مەن ئۇنى ئۆز كەسپىگە، خىزمىتىگە كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىپ ئىزدىنىشى توغرىسىدا كۆپ قېتىم دېگەن بولساممۇ، ھېچقانداق تەسىر كۈچى بولمىدى. ئۇزۇن مۇددەتلىك مەزگىل ئىچىدە توپلانغان، نىكاھ تۇرمۇشىغا بولغان گاڭگىراش ۋە ھەسرەت چېكىش مېنىڭ يۈرۈگۈمنى قەدەممۇ-قەدەم سەزمەس قىلىپ پېچەتلەپ قويدى، مەن كامىلنىڭ مۇھەببىتىنى قىلچىلىكمۇ ھېس قىلالماس بولۇپ قالدىم.

    سەردار مانا مۇشۇنداق ۋاقىتتا مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا بۆسۈپ كىردى.

    شىركىتىمىز بىر قېتىملىق كەچلىك يىغىلىش قىلدى. مەن ئۆزۈم يالغۇز زىياپەت زالىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى فونتاننىڭ ئەينەك خىشلىق قىرىدا ئولتۇراتتىم. شۇ زېرىكىشلىك چېكىگە يەتكەن پەيتتە، بىر ئەر مېنى تانسا ئويناشقا تەكلىپ قىلدى. زىياپەت باشلىنىپ، مەن مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان ياقى مېنى نەچچە ئەر خىزمەتداشلىرىم، باشقا تارماق شىركەتتىكى ناتونۇش كەسىپداش ئەرلەرمۇ مېنى تانسىغا تەكلىپ قىلىشقان ئىدى، ئەمما مەن ئۇلارنى ھەرخىل باھانە-سەۋەبلەر بىلەن چىرايلىقچە رەت قىلىۋەتكەنىدىم. ئەمما ئالدىمدا تۇرغان بۇ ئەرنىڭ ۋۇجۇدىدىكى، ھەربىر سۆز ھەرىكەتلىرىدىن تۆكۈلۈپ تۇرغان ئەرلىك سالاپەت، بولۇپمۇ كەسىپتە غەلبە قازانغان ئەرلەردە بولىدىغان بىر خىل جەلپ قىلىش كۈچى، مېنى ئۇنى رەت قىلىشقا ئامالسىز قىلىپ قويدى.

    لەرزان مۇزىكا قوينىدا بىز يېنىك قەدەملەر بىلەن سەھنىدىكىلەرگە قوشۇلۇپ كەتتۇق، غۇۋا چىراق نۇرى بېشىمنى سەل قايدۇرغاندەك قىلىپ قويۇۋاتاتتى. ئۇ قۇلىقىمنىڭ تۈۋىدىلا ئاستا دېدى:

    -رەنا! شۇنداقمۇ؟ كارخانا پىلان بۆلىمىدىن.

    ئۇشتۇمتۇت ھالدىكى بىر خىل ھەيرانلىق ئىچىدە، بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم. ئالدىمدىكى ئەرنىڭ بويى بەكمۇ ئېگىز ئەمەس، شۇ بىر مېتىر 78 لەر ئەتراپىدا ئىدى، ئەمما ئۇ قىياپەت، ئۇ سالاپەت مېنى ئۇنىڭغا بىر خىل ھۆرمەت نەزىرى بىلەن قارىماسلىققا ئامالسىز قىلىپ قويۇۋاتاتتى.

    -ھەيران قېلىۋاتامسىز؟ ئەگەر قول ئاستىمدىكى خادىملىرىمنىڭ ئىسمىنىمۇ بىلمىسەم، مەن بۇ ئىشنى قىلمىساملا بولىدۇ!

    ئۇنىڭ تەنتەكلەرچە قىلغان سۆزى مېنى دەماللىققا جىددىيلەشتۈرۈپ قويدى؛

    -سىز....

    قىيىشقاندەك مۇشۇ چاغدا مۇزىكا ئاخىرلىشىپ قالدى، ئۇ ئاستا قۇلىقىمنىڭ يېنىغا پىچىرلاپ دېدى:

    -ئىسمىم سەردار، سىز بۈگۈن مەن تانسىغا تاتقان بىردىنبىر ئايال!

    ئۇ گېپىنى تۈگىتىپلا كېتىپ قالدى، مەن ئۆزۈم يالغۇز جايىمدا قېتىپلا قالدىم.

    بۇ ئەر بىزنىڭ شىركەتنىڭ باش دېرىكتورى؟ مەن بولسام، بۇ كەچلىكتە ئۇنىڭ بىلەن تانسا ئوينىغان بىردىنبىر ئايال؟

    شۆھرەتپەرەسلەرچە بولغان رازىمەنلىك ئېقىمى يۈرۈگۈمدە ئاستا ئېقىپ ئۆتتى.

    ئۆيگە يېرىم كېچىدە ئاران قايتىپ كەلدىم-دە، ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ كىردىم. كامىل يەنىلا شۇ بۇرۇنقىدەك ئۈستەل ئالدىدا مۈكچىيىپ ئولتۇراتتى، مېنىڭ كەلگىنىمنى كۆرۈپ يېزىۋاتقان نەرسىسىنى يىغىشتۇرۇپ، ئاشخانا ئۆيدىن ماڭا ئاتاپ قاينىتىپ قويغان قارا توخو شورپىسىنى ئېلىپ چىقتى. چۈنكى توي قىلىپ تا ھازىرغىچە بەك چارچاپ كەتكەچكىمۇ، ياكى بەدىنىمنىڭ ئاجىزلىقىدىنمۇ ئىشقىلىپ پەرزەنتلىك بولالمايۋاتاتتۇق. شۇڭا كامىل ماڭا ھەركۈنلۈكى قارا توخۇنىڭ شورپىسىنى قاينىتىپ تۇراتتى. بۈگۈنمۇ ئۇ يەنە شۇ شورپىدىن بىر چىنە قۇيۇپ ئالدىمغا ئېلىپ كەلدى.

    -مەڭ، شورپىڭىز بەك قايناپ كەتتى... ئىسىقىدا..

    -توخۇ شورپىسى، بىلىمەن!-ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدۈم، كامىل سەل ئوڭايسىزلانغاندەك بېشىنى تۇتۇپ قويدى. مۇھەببەتلەشكەن چېغىمىزدىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە ئۇ ئۆزىنىڭ ئوڭايسىزلانغىنىنى مۇشۇ ھەرىكىتى بىلەن ئىپادىلەپ كېلىۋاتاتتى. ئەمەلىيەتتە مەن ئۆزۈممۇ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلىۋەتكىنىمنى بىلمەيتتىم. ئوغرىنىڭ يۈرۈگى پوك-پوك دېگەندەك ئۇنىڭغا ھەيۋە قىلىپ، كۆڭلۈمدىكى ۋەھىمىنى يوقاتماقچى بولىۋاتقاندەك قىلىۋاتاتتىم:

    -سىز مۇشۇ شورپىنى قاينىتىش بىلەن شۇ ئۇنى-بۇنى جىجاشتىن باشقا نېمىنى قىلالايسىز؟ ھە؟ دەپ بېقىڭە نېمە قىلالايسىز؟

    كامىلنىڭ چىرايى شۇ زاماتلا ئۆزگەردى، مەن ئېيتقۇسىز بىر خىل خىجىللىق ئىچىدە ئۇنىڭ قولىدا ھورى چىقىپ تۇرغان شورپىغا قارىدىم-دە، مۇلايىملارچە:

    -كەچۈرۈڭ، كامىل. بەك چارچاپ قالغان ئوخشايمەن.

    كامىل ئۆزىنى سەل ئوڭشىۋالدى-دە، كۆيۈنۈش ئاھاڭىدا دېدى:

    -جېنىم، بالدۇرراق ئارام ئېلىۋېلىڭ!

    -ھىم.

    بېشىمنى لىڭشىتتىم.

    كەچتە مەن توي قىلغان ياقى تۇنجى قېتىم كامىلغا دۈمبەمنى قىلىپ ياتتىم، ئۇ مېنى كەينىمدىن قۇچاقلىماقچى بولغاندا، يېنىك بىر تىركىشىپ قويدۇم.

    كامىلنىڭ بېلىكى دەقىقە ھاۋادا قېتىپ قالدى ۋە ئاستا ئورنىغا قايتتى.

    مەن ئۈندىمىدىم. قاراڭغۇلۇق ئىچىدە، سەردارنىڭ شۇ سالاپەتلىك سىماسى كۆرۈنگەندەك بولدى.

     \

    ئادەتتىكىدەكلا بۇ تۇرمۇش يەنە ھەپتە داۋاملاشتى.

    بۈگۈن ھەپتە ئاخىرى، ئەمدىلا ئىشتىن چۈشەي دەپ تۇرۇشۇمغا سەردار تېلىفون قىلىپ قالدى. مەن ئۇنىڭ مېنىڭ تېلىفون نومۇرۇمغا بىۋاستە تېلىفون قىلالىغانلىقىغا مەن ئازراقمۇ ھەيرانلىق ھېس قىلمىدىم. مېنىڭ باشلىقىم بولغاندىن كېيىن بۇنچىلىك ئىش نېمىتى؟!

    ئۆيگە كەلگىنىمدە كامىل ماڭا سۇ ئۈستى باغچىسىغا بېرىپ ئايلىنىپ كېلەيلى، ئۇ باغچىنى بۈگۈندىن باشلاپ ھەقسىز قىلىۋېتىپتۇ، دېدى. مەن ئۇنىڭغا كەچتە خىزمەتداشلىرىمىزنىڭ بىر زىياپىتى بارلىقىنى، ئۇ يەرگە بارمىسام بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ھەم سىياسىي ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى سەل يۈز كېلەلمەسلىك بىلەن ئېيتتىم. كامىل بۇنى ئاڭلاپ سەل ئۈمىدسىزلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا كۈلۈپ تۇرۇپ كەچتە بالدۇرراق قايتىپ كېلىشىمنى تاپىلىدى.

    يەر شارى مېھمانسارىيى شەھىرىمىزدىكى خېلى داڭلىق مېھمانساراي، ئادەتتە بۇنداق مېھمانسارايلارغا شۇنداق كاتتىلار كىرىپ-چىقىپ يۈرۈشەتتى. ئەيمىنىپ-قورۇنۇپ يۈرۈپ مېھمانخانا ئالدىغا كېلىشىمگە ئوچۇق كۆك رەڭلىك كاستيوم-بۇرۇلكا كىيگەن سەردار ئالدىمغا چىقتى.

    ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مېھمانساراينىڭ زالىغا كىرىپ، كۆز ئالدىمدىكى ھەشەمەتچىلىكتىن داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم. نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى فونتان كۆلچىكىنىڭ كەينىدە چىرايلىققىنە بىر قىز رېيال چېلىۋاتاتتى. ئىككى تەرەپتىكى ئېسىل ئۈستەللەردە ئالىپتە كىيىنگەن ئەر-ئاياللار غىزالىنىۋاتاتتى.

    ئىختىيارسىزلا ئۇچۇمدىكى مودىدىن قالغان كىيىملىرىگە سەپ سالدىم-دە، ئوڭايسىزلىنىپ تېخىمۇ قورۇلۇپ قالدىم.

    بىز چوڭ زالنىڭ يان تەرىپىدىكى بىر پىكوس دەرىخىنىڭ كەينىدىكى بوش ئۈستەلگە جايلاشتۇق. بۇ يەر كۆزدىن خېلى خالى يەر ئىدى. ئىچىدىن سىرتنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتىيۇ، سىرتتىن ئىچىنى ئالدىراپ كۆرگىلى بولمايتتى. خۇشبۇي ئىچىملىكلەرنى ۋە ئېسىل نازىمەتلەرنى يېگەندىن كېيىن، كەيپىياتىم خېلى تۇراقلىشىپ ئېچىلىپ قالدىم. سەردارمۇ كۆزلىرىنى خۇمارلاشتۇرغىنىچە مەندىن سۇئال سوراشقا باشلىدى:

    -ھېلىقى كۈنى مېنىڭ نېمە ئۈچۈن سىزنى تانسىغا تەكلىپ قىلغىنىمنى بىلەمسىز؟

    ئىپادە بىلدۈرمىدىم.

    -چۈنكى سىزنىڭ شۇ يەردە يالغۇز ئولتۇرغان قىياپىتىڭىز مېنى ئۆزىگە ئەسىر قىلىۋالغانىدى.

    مەن تېخىمۇ بەك قايمۇقۇپ قالدىم، شىركىتىمىزدىكى شۇنچە كۆپ نازىنىن قىزلارنىڭ ئارىسىدا مەن ئۆزۈمنى ئەڭ ئالدى دېيەلمەيمەن.

    -سىزنىڭ يولدىشىڭىزغا بەك ھەۋەس قىلىپ قالدىم، ئەگەر مېنىڭمۇ سىزدەك بىر چىرايلىق ئايالىم بولىدىغان بولسا، بۇنداق ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان مەزگىلىدە ئۇنى ئۇپراتمىغان بولاتتىم.

    سەردارنىڭ تېگى بار سۆزلىرى مېنى ھودۇقتۇرۇپ قويدى. بۇنداق سالاپەتلىك، ئەرلىك جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان كىشىنىڭ، تېگى بار، مەقسەتلىك خاراكتېرىدىكى سۆزلەرنى قىلىشى مېنىڭ تۇيۇقسىزلا غەلىتە بىر قورقۇنچقا سېلىپ قويدى. زادى نېمىدىن بۇنچىلىك قورققىنىمغا كەلسەك، ئۇنىڭغا ئېنىق بىر نېمە دېيەلمەيتتىم.

    مەن سەل تىركەشكەن تەلەپپۇزدا دېدىم:

    -ياق، باش دېرىكتور، مېنىڭ يولدىشىم بىر لاياقەتلىك ئەر.

    سەردار تۇيۇقسىز كۈلۈپ كەتتى.

    -سىز ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ئالداۋاتىسىز! بىر بەخت ئىچىدىكى ئايالنىڭ كۆزلىرى سىزنىڭكىدەك ئۈركۈپ ھەم ياردەمسىز ھالدا پارقىراپ تۇرمايدۇ! سىزنىڭ كۆزلىرىڭىزدىكى مەڭدەشلەر، ئۇنىڭدىكى ئەسلىدە بار بولغان سېھرىي كۈچلەرنىمۇ يوقىتىۋېتىپتۇ.

    شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە، ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى مېنىڭ يۈرەك ئاغرىقىمغا قاتتىق زەربە بولۇپ تەگدى. مەن خۇددى كىچىك بالىدەك ئۈستەلگە بېشىمنى قويۇپ، ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتىم. بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدىكى بارلىق ئەلەملىرىم، سەردارنىڭ نەچچە ئېغىز سۆزى بىلەنلا ئېچىلىپ كەتكەنىدى.

    رېيال مۇزىكىسىنىڭ رېتىمىغا ئەگىشىپ، سەردارنىڭ قولى چېچىمنى سىلاش بىلەن، مۇڭلۇق بىر ئاھاڭدىكى ئاۋازى قۇلىقىم يېنىدا شىۋىرلىدى.

    -رەنا! تۇرمۇشىڭىزنى قايتىدىن رەڭدارلاشتۇراي، بولامدۇ؟

    خۇددى بىر كۈچلۈك قاينام مېنى ئۆز قوينىغا تارتىپ ئېلىپ كىرىپ كەتكەندەك، ئىختىيارسىز بېشىمنى لىڭشىتتىم.

    ئۇ كۈنى كېچىسى، مەن ئۆيگە قايتمىدىم.

    بىر ئەر كىشى مېنىڭ ھايات قىزغىنلىقىمنى قايتىدىن قوزغىتىپ، مېنى ئاشۇ ــــ غايىپ بولغان گۈلباغقا قايتىدىن ئېلىپ كىردى.

     

    كېيىنكى بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە، مەن خۇددى ئېسىلزادە خېنىملاردەك ئاجايىپ ھەشەمەت ئىچىدە ياشىدىم. مەن ھەمىشە سەردارنى قولتۇقلىغىنىمچە، خۇددى بىر جۈپ ئەر-خوتۇندەك ھەر خىل يۇقىرى دەرىجىلىك ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە كىرىپ-چىقىپ يۈردۈم. بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنچىلىك راست بولسىمۇ، مەن خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك گاڭگىراپ يۈرەتتىم.

    ھېلىقى كەچتە قايتمىغان كۈنى، كامىل مەندىن بەك كۆپ ئىشلارنى سوراپمۇ كەتمىدى. كېيىن شىركەتتىكى خىزمەتداشلىرىمدىن شۇ كۈنى كامىل ماڭا تېلىفون قىلىپ ئالالماي، تېلىفوننى خىزمەتداشلىرىمغىمۇ ئۇرغانلىقىنى بىلدىم. مەنچە كامىل مېنىڭ ئۇنىڭغا يالغان سۆزلىگىنىمنى بىلىپ بولغانىدى. ئەمىسە ئۇ نېمىشقا مېنىڭ يۈزۈمگە سالمايدۇ؟ ئەمما مېنىڭ سەردار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىممۇ ئىنتايىن مەخپىي، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنداق ئالىي دەرىجىدىكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە كامىلنىڭ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قېلىشىمۇ، ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

    كامىل بۇرۇنقىدىنمۇ بەك جىمىپ كەتتى. ئىشتىن چۈشۈپ، ئۆيگە كېلىپلا بېشىنى كۆتۈرمەي يېزىقچىلىق قىلىشقا چۈشۈپ كېتەتتى. مەن ئېغىز يېرىپ ئۇنىڭدىن گەپ سورىساممۇ، ئاران-ئاران جاۋاب بېرەتتى. ئۇنىڭ بۇنداق چايقىلىپ يۈرۈشلىرى مېنىڭ تېخىمۇ ئۆچلۈكۈمنى كەلتۈرەتتى. ھېچ چۈشىنىكسىزلا، كامىل ئىككىمىز سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا چۈشۈپ قالدۇق.

    كامىل ھازىر ئۆزى يالغۇزلا تاماق قىلىپ يەيتتى. مەن بولسام كامىل بىلەن سىرتتا ياپونىيە تائاملىرى، فىرانسوزچە سەيلەرنى تويغىچە يەپ كېلەتتىم. پەقەت بىر قېتىم، ئۆيگە كېلىپ قالايمىقان بولۇپ كەتكەن ئاشخانىنى ۋە ئۈستەل ئۈستىدىكى تەييار چۆپ خالتىلىرىنى كۆرگىنىمدىلا، قەلبىمدە خىجىللىق تۇيغۇسى پەيدا بولغاندەك بولدى.

    بىر كۈنى، سەردار بىلەن تۈرلۈك ماللار سودا سارىيىدا ئايلىنىپ يۈرەتتۇق. بۇنىڭ ئىچىدىكى ماللارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ئېسىل ماللار بولۇپ، مەخسۇس سەرداردەكلەر ئۈچۈن بېكىتىلگەن باھادا ئىدى. بۇلارغا قاراپ ئۆزۈمنىڭ ئۇنداق كىشىلەر قاتارىدا ئەمەسلىكىمنى ئويلىغان بولساممۇ، ئەمما شۇ دەسلەپتىكى شۆھرەتپەرەسلىك خاھىشىم تويۇنغاندەك بولدى.

    ئىككى تەرەپتىكى ئاسقۇلارغا ئېسىلغان كىيىملەرنى خوشياقمىغاندەك ھالدا كۆرۈۋاتقىنىمدا، سەردارنىڭ قەدەملىرى تۇيۇقسىز يېنىمدىلا توختاپ قالدى. يېنىمغا بۇرۇلۇپ ھەيرانلىق نەزىرىم بىلەن سەردارغا قارىدىم، ئەمما ئۇنىڭ كۆزلىرى مەندە ئەمەس، ئۇدۇلىغا قاراپ تۇراتتى-دە، ئېغىزى مىدىرلىدى:

    -ئاۋۇ ئەر خېلىدىن بېرى سىزگە قاراپ تۇرىدۇ.

    مەن ئۇ ئىما قىلغان تەرەپكە قارىدىم. بەدەنلىرىم كىرىشىپ قېتىپ قالغاندەك بولۇپ، شۇ جايغا مىقلاپ قويغاندەك پۇتلىرىمنى يۆتكىيەلمەي قالدىم.

    كامىل ئىدى.

    مەن قاتتىق ھودۇقتۇم. ئۇ ئۆزىنىڭ قولى يەتمەيدىغان بۇنداق جايلارغا ھەرگىز كەلمەيتتى، شۇڭا مەن ئۇخلاپ چۈشۈمدىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بۇنداق يەردە ئۇچرىشىپ قالارمەن، دەپ ئويلىمىغان ئىدىم.

    كامىلنىڭ كۆزلىرى ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر نۇرلار ئىچىدە چاقنايتتى، خۇددى ئىنتايىن نۇرغۇن نەرسىلەر بىرلەشكەن بۇ قاراشلار، مېنىڭ يۈرۈگۈمنى ئامبۇردا قىسقاندەك ئاغرىتتى. مەن سەردارنى تاشلاپ، كامىل تەرەپكە قاراپ يۈگۈردۈم:

    -كامىل، مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاڭ....

    كامىل كەينىگە ئۆرۈلۈپلا يۈگۈرگىنىچە كېتىپ قالدى.

    مەن ئورنۇمدىلا ئولتۇرۇپ قالدىم، لېۋىمنى چىڭ چىشلىگىنىمچە ئۇ كەتكەن تەرەپكە قاراپ قاققان قوزۇقتەك قېتىپلا قالدىم.

    سەردار يېنىمغا كەلدى-دە، مۆرەمنى ئۆزىگە تارتقىنىچە:

    -بولدى، بۇنداق قىلماڭ، مەن سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قوياي!- دەپ كۈلدى.

    ئۇنىڭغا ئالىيىپ قاراپ قويدۇم، ئۇنىڭ مۇشۇنداق چاغدىمۇ كۈلەلىگىنىگە قاراپ، كۆڭلۈمدە ئاغرىنىش ۋە پۇشايمان پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭغا مېنى ئۆينىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ قويغىچە بىر ئېغىز گەپ قىلمىدىم.

    ئۆيدە، كامىل بىرنىڭ كەينىدىن بىرىنى ئۇلاپ تاماك چېكىپ ئولتۇراتتى. غۇۋا چىراغ نۇرى ئاستىدا، ئۆي ئىچى سارغۇچ تۇمانغا تولغاندەك كۆرۈنەتتى. شۇ مىنۇتنىڭ ئۆزىدە ئازابتىن چېقىلغان كامىل، كۆزۈمگە بىردەمدىلا نەچچە ياش قېرىپ كەتكەندەك كۆرۈندى.

    مەن، شۇ تونۇشقىلى بەش يىل بولغان تونۇش چىرايغا تىكىلىپ تۇرۇپ، بۇرنۇم ئېچىشقاندەك، بوغۇزۇمغا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك بولدۇم. كۆز چاناقلىرىم نەملەشتى.

    كامىل تاماكىنى ئىچىگە كۈچەپ بىرنى تارتتى ۋە ئاندىن تاماكا قالدۇقىنى مىقىپ ئۆچۈردى، ئاندىن چىشلىرىنىڭ ئارىسىدىن چىقارغاندەك بىر تەلەپپۇزدا:

    -رەنا، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بالدۇرراق ئارام ئېلىڭ!- دېدى.

    ئۇنىڭ بۇ سوغۇققانلىقى مېنىڭ ئويلىغان يېرىمدىن چىقمىغانىدى. مەن بىر خىل يوشۇرۇن خەۋپنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم، ھەم غەيرەتكە كېلىپ دېدىم:

    -سىز.... سىزنىڭ مەندىن سورايدىغانلىرىڭىز يوقمۇ؟

    ئۇ بېشىنى چايقىدى. سوغۇق ھەم ئامالسىز كەيپىياتتا كۈلۈپ قويدى-دە:

    -ھاجىتى قالمىدى. بىلگەندىن بىلمىگەن ياخشى.

    لەۋلىرىمنى كۈچ بىلەن چىشلىدىم:

    -كامىل، مەن.....

    كامىل قولىنى پۇلاڭلىتىپ، سۆزۈمنى ئۈزدى-دە:

    -رەنا، بولدى، گەپ قىلماڭ. مېنىڭ راستلا ئاڭلىغۇم يوق. ئىككىڭلارنىڭ ئىشىنى، ئەمەلىيەتتە مەن ئاللىبۇرۇنلا بىلىپ بولغان.

    بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىغىنىمدا، ئۇنىڭ لەۋلىرىدىكى ئازابلىق مەسخىرىنى كۆرۈپ قالدىم.

    -ئۇنتۇپ قالماڭ، مېنىڭ نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى مەندەك قولىدىن ئىش كەلمەسلەر ئەمەس. مەن ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىگە ئىزچىل ئىشەنمەي كەلگەنىدىم. ئەمما بۈگۈن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ قالدىم.سىز ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان چېغىڭىزدىكى ئۇ خوشال كۈلكىلىرىڭىزنى، مېنىڭ كۆرۈپ باقمىغىنىمغا بەكمۇ، بەكمۇ ئۇزۇن بولغانىدى.

    كامىل يەنە بىر تال تاماكا تۇتاشتۇردى. قاتتىق قاتتىق ئىچىگە تارتقاندىن كېيىن دېدى؛

    -رەنا، سىزنىڭ ئالدىڭىزدا مەن بەك خىجىل.

    يىغلىدىم. ئەسلىدە، ئۇ كۆرۈنگىنىدەك ئۇنداق پەرۋاسىز ئەمەس ئىكەن.

    -كامىل، بىز باشتىن باشلايلى،  ماقۇلمۇ؟

    كامىل تاماكا چەككىنىچە، ماڭا سوغۇق قاراپلا تۇراتتى، ئۇ تاتارغان چىرايلارغا قاراپ تۇرىۋەرگۈدەك ماجال مەندە قالمىغانىدى.

    ئۇنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشى، ماڭا ئەڭ ئېنىق بولغان جاۋابنى بەرگەنىدى.

     \

    بىر ھەپتىدىن كېيىن، كامىل ئىككىمىز توي خېتىمىزنى ئاجرىشىش خېتىغا ئالماشتۇردۇق.

    سوتتىن چىقىۋېتىپ بېشىم قايغاندەك بولدى، خۇددى بۇنى بىر چۈشتەك ھېس قىلىۋاتاتتىم.

    ھاۋا ئىنتايىن ئوچۇق ئىدى، ئەمما قەلبىمنى بىر قارا بولۇت بېسىۋالغاندەك نەپەس ئېلىشىممۇ قىيىن تۇيۇلىۋاتاتتى.

    ئىككىلىمىز گەپ-سۆز قىلماي ماڭدۇق. يەنىلا كامىل ئارىمىزدىكى سۈكۈتنى بۇزدى:

    -يۈرۈڭ، ئۆيگە قايتىپ ئۇنى ساقلىغاچ، نەرسىلىرىڭىزنى يىغۇشتۇرغاچ تۇرۇڭ.

    يەنە ئۈندىمىدىم، ئىچىمدە دېگۈدەك گەپمۇ، ھېچنىمە قالمىغاندەك ئىدى. ئىنتايىن كۈچلۈك بىرخىل چۈشكۈنلۈك ۋۇجۇدۇمنى قاماللىۋالغانىدى. يىغلىغۇم كەلدى. ئىنتايىن ئۇشتۇمتۇتلۇق ئارىسىدىكى پەيتلىك كەيپىيات ئىدى. تا ھازىرغىچە، خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك ئۆزۈمنىڭ نەدىلىكىنى بىلەلمەيۋاتاتتىم.

    ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرگەن شۇ ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، نەرسىلىرىمنى يىغۇشتۇرۇشقا باشلىدىم، مەن ئىككىمىزنىڭ يىغقان پۇلنىڭ چېكىنى كامىلغا قالدۇرۇپ قويماقچى بولغىنىمدا، ئۇ رەت قىلىپ پەقەتلا ئالغىلى ئۇنىمىدى.

    سىرتتا ئالدىراتقاندەك ئۇرۇلغان ماشىنا گۈدۈك ئاۋازى ئاڭلاندى.

    سەردار كەلگەن ئىدى.

    ئىشىك ئالدىغا كېلىپ، چوڭقۇر تىندىم. كۆزلىرىمنى يۇمدۇم. بۇ ئۆيدىكى شۇنچە تۇنۇش پۇراقلار مانا ھازىردىن باشلاپ ياتلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا، يۈرۈگۈم شۇنچىلىك قالايمىقان ئىدىكى، نەدىن باشلاپ رەتلىۋېلىشنىمۇ بىلمەيتتىم.

    تۇيۇقسىز، كامىل مېنى توختاتتى-دە، بىر قۇتىنى ماڭا سۇندى، مەن سۇئال نەزىرى بىلەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ، قولىدىكى قۇتىنى ئالماي تۇردۇم. ئۇنىڭ چىرايىدا يەنە شۇ بۇرۇنقىدەك جىددىيلىشىش كۆرۈلدى:

    -بۇ... بۇنى سىزگە سوۋغا قىلاي، خاتىرە بولۇپ قالسۇن!

    -رەھمەت!

    مەن قۇتىنى ئېچىپ كۆرۈپ باقاي دېيىشىمگە، ئۇ قولۇمنى توسۇۋالدى.

    -كېتىپ كۆرۈڭ، ياكى مەڭگۈلۈككە ئاچمايلا قويۇڭ!

    يىغلىغۇم كېلىپ بۇرنۇم ئېچىشتى.

    سىرتقا قارىدىم. ھېلىلا ئوچۇق تۇرغان ھاۋا بىردەمدىلا تۇتۇلۇپ كەتكەنىدى. ئەمدىلا چۈشتىن قايرىلغان بولسىمۇ، خۇددى گۇگۇم چۈشكەندەك قاراڭغۇلۇق قاپلاشقا باشلىغانىدى.

    تورۇشقا ئېسىلغان چىراغمۇ تۇيۇقسىز ئۆچۈپ يەنە ياندى-دە، لىڭشىغاندەك بولدى، تېنىم شۈركۈنۈشكە باشلىدى.

    سىرتتىن ماشىنىنىڭ گۈدۈك ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى.

    چىراغ يەنە ئۆچۈپ قالدى.

    لامپۇچكا شۇ تەرىقىدە يېنىپ-ئۆچۈپ، يېنىپ-ئۆچۈپ، ئەڭ ئاخىرقى بىر يورۇقلۇقتىن كېيىن، تىركەشگىنىچە ئۆچۈپلا قالدى، دەل شۇ دەقىقىدە مەن كامىلنىڭ يۈزلىرىدىن سىرغىپ چۈشكەن ياشنى كۆردۈم.

    تۇيۇقسىز پۇتۇمنىڭ ئاستى تەۋرىنىشكە باشلىدى.

    ئۆيمۇ ئۇياق-بۇياققا سىلكىنىشكە باشلىدى.

    بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنچىلىك ئۇشتۇمتۇت يۈز بەردى.

    پەقەت نەچچە دەقىقە ئىچىدىلا، ھەممە يەر قىيا-چىياغا تولدى. ھەرخىل قورقۇنچلۇق ئاۋازلار مېنىڭ تەشۋىشىمنىمۇ ئەڭ يۇقىرى چەككە ئېلىپ چىقتى.

    تورۇستىن تام پوستلاقلىرى سويۇلۇپ چۈشۈشكە، ئۆي تېخىمۇ بەكرەك چايقىلىشقا باشلىدى.

    ئەزەلدىن بۇنداق ئەھۋال بولۇپ باقمىغان بۇ شەھەردە، مەن خۇددى ئاخىرقى زامان بولۇۋاتقاندەك ۋەھىمە ئىچىدە قالدىم.

    بىر جۈپ كۈچلۈك بېلەك مېنى چىڭ قۇچاقلىدى، قۇلىقىمنىڭ يېنىدا بولسا تۆۋەن ئەمما تەمكىن بىر ئاۋاز ياڭرىدى:

    -رەنا، جېنىم، قورقماڭ، سىزنى سىرتقا ئاچىقىپ قويىمەن، ئاندىن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ چاققان بۇ يەردىن كېتىڭ!

    كامىلنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا، سىرتتىن ماشىنىنىڭ توختىماي بېرىۋاتقان گۈدۈك ئاۋازى ئاڭلاندى. كامىل مېنى قوغداپ چىڭ تۇتقىنىچە، ئىشىكنى ئېچىشقا ئۇرۇنىۋاتاتتى. مەن بولسام پۈتۈن ئاۋازىم بىلەن:

    -سەردار، سەردار!- دەپ ۋارقىرايتتىم. ئەمما ھېچكىم جاۋاب قىلمايتتى.

    ئۆينىڭ كۈچلۈك تەۋرىشىدە، مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ تىك مېڭىشقا ئامالسىز قالدىم. سەردارنىڭ مېنى ساقلىمايلا، ئۆزىنىڭ جان قايغۇسىدا قېلىپ مېنى تاشلاپ كېتىشى مېنى تېخىمۇ ماغدۇرسىزلاندۇرۇپ، ئالدانغاندەك ھېسسىيات ئىچىدە ئۈمىدسىزلىككە تولدۇم.

    ئۈستى تەرەپتىن ئاڭلانغان كۈچلۈك غاراسلىغان ئاۋاز بىلەن تەڭ، مەن كامىل تەرىپىدىن بىر ياققا ئىتتىرۋېتىلدىم. قاراڭغۇلۇق ئىچىدە شۇنداق ئېغىر بىر نەرسە مېنىڭ پۇتۇمنى بېسىۋالغان بولۇپ، قاتتىق ئاغرىقتىن مەن ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ ۋارقىراپ كەتتىم.

    كەينىدىن كامىلنىڭ ئېڭرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.

    مەندىكى ۋەھىمە ئېڭىمغا تەسىر كۆرسىتىۋاتاتتى، شۇنىڭ بىلەن قالايمىقان ھالدا باش-ئاخىرى يوق سۆزلەرنى قىلىشقا باشلىدىم.

    -ئۇ ئەبلەخ! مېنى تاشلاپ قېچىپتۇ! ئەبلەخ!

    تۇيۇقسىز ھېلىقى ئاچچىق ئاغرىق مېڭەمگە قايتىدىن چىقىپ، مېنى قايتىدىن ئۆزۈمگە قايتۇرغاندەك بولدى. مەن كامىلنى چاقىردىم.

    قاراڭغۇلۇق ئىچىدە، كامىلنىڭ ئاۋازى ئىنتايىن ئېنىق ئاڭلاندى:

    -ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى. رەنا، سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟

    -مېنىڭ پۇتۇم، پۇتۇمنى بىر نەرسە بېسىۋالدى. مىدىرلىتالمىدىم!-ئاۋازىمغا يىغا ئارىلىشىپ چىقىۋاتاتتى،- ھېلىقى ئىپلاس ئەبلەخ، مېنى تاشلاپ كەتتى، ۋۇ ھايۋان!

    كامىل جاۋاب قىلمىدى، خېلىدىن كېيىن ئۇھسىنغان تەلەپپۇزدا:

    -ھازىر بۇنداق ئەسقاتمايدىغان گەپلەرنى قىلمايلى، مانا، ھېچ بولمىغاندا مەن يېنىڭىزدا بارغۇ؟!-ئۇ سەل تۇرۇۋالدى ئاندىن ئامالسىز بىر ئاھاڭدا دېدى،- قارىغاندا بىزنى قۇتقۇزىدىغانلار، ئەتە تەڭ ئاتقاندىن كېيىن ئاندىن كېلىدىغان ئوخشايدۇ. مېنىڭ پۇتۇمنىمۇ بىر نەرسە بېسىۋالدى، مىدىرلىيالمىدىم.

    \

    بۇنداق دوزاختەك ۋەھىمىنى مەن ئەزەلدىن ھېس قىلىپ باقمىغان ئىدىم. ئاغرىق ئازابى ۋە ۋەھىمە مېنى ئاللىبۇرۇنلا نورمال پىكىر قىلالماس قىلىپ قويغانىدى.

    ئۆزۈمنى ھەممە نەرسىنىڭ ھەتتا ھاياتلىقنىڭمۇ چېكىگە كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلىۋاتاتتىم.

    -رەنا!

    كامىلنىڭ بۇ چاقىرىشىدا خۇددى كۈلۈۋاتقاندەك ئاھاڭ بار ئىدى.

    -توي كېچىسى مەندىن سورىغان سۇئالىڭىز ھازىرمۇ ئېسىڭىزدىمۇ؟

    -....

    -ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟ ياخشىراق ئويلاپ بېقىڭە، دەل توي كېچىسى سورىغان ئىدىڭىز.

    كامىلنىڭ تەمكىنلەرچە قىلغان گەپ-سۆزلىرىدە مەن خېلىلا ئۆزۈمگە كېلىپ قېلىۋاتاتتىم. گەرچە بۇنداق چاغلاردا ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن بۇنداق سۇئاللارنى سورىغىنىنى بىلمىسەممۇ، يەنىلا ئۇنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەردىم.

    -رەنا، سىزچە ئەتە... ئەتىنىڭ گېزىتىگە مۇنداق بىر خەۋەر بېسىلارمۇ؟ تېمىسى نېمە دېسىڭىز؟.... بىر جۈپ مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئەر-ئاياللار يەر تەۋرەشتە ھالاك بولغان.. دېگەندەك...

    كامىلنىڭ ئاۋازى تىترەپ چىقىۋاتاتتى. مەن گاڭگىراپ، جىددىيلىشىپ سورىدىم:

    -كامىل، سىزگە بىر ئىش بولمىغاندۇ؟

    چېكى يوق بۇنداق قاراڭغۇلۇق ئىچىدە پەقەت، پەقەت كامىللا ماڭا بىردىنبىر تەسەللى ئىدى.

    -ماڭا... ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى.. مەندىن... مەندىن ئەنسىرىۋاتامسىز؟

    ئۇنىڭ سۆزى تۈگىمەيلا قاتتىق بىر يۆتىلىش ئەگىشىپ كەلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا، جىمجىتلىق. كامىلدىن سادا يوق، تىركىشىۋېرىپ، شۇ ئارىلىقتا پۇتۇمنىڭ ئاغرىقىدا ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن.

    بىلمەيمەن، قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، بىر چاغدا ھوشۇمغا كەلدىم، كۆزۈمنى ئېچىپ، يەنە شۇ چەكسىز قاراڭغۇلۇقنى كۆردۈم. ۋەھىمە خۇددى غايەت زور بىر مەخلۇقتەك پۈتۈن بەدىنىمنى قاماللىۋالغان ئىدى. مەن چەكسىز ياردەمسىز ھالەتتە كامىلنىڭ ئىسمىنى توختىماي چاقىردىم.

    خېلىدىن كېيىن، كامىلنىڭ ئىنتايىن ئاجىز ئاۋازى ئاڭلاندى:

    -رەنا، جېنىم..... مەن بار.... سىزچۇ...ياخشىمۇ؟

    ئازاب ئىچىدە يىغلاپ تاشلىدىم.

    -كامىل... مەن... مەن قورقىۋاتىمەن...

    -يىغلىماڭ..... جېنىم يىغلىماڭ ماقۇلمۇ؟ -كامىلنىڭ ئاۋازىدىن جىددىيلىشىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى،-مەن... مەن سىزگە ھەمرا بولىمەن.... يىغلىماڭ.... يىغلىماڭ

    ئۇنىڭ ئۆزىنى قاتتىق بېسىۋالغان ھالەتتە تۇرۇپ، ماڭا تەسەللىي بېرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، يۈرۈگۈم جارتىلداپ يىرتىلغاندەك بولدى.

    -راست دېدىم... يىغلىماڭ... بۇرۇن دېگەن ئىدىمغۇ... مەيلى قانداق ئىش بولسۇن.... مەن... مەن ھامان سىزنىڭ... يېنىڭىزدا.. دەپ.

    كامىلنىڭ نەپىسى بارغانسېرى ئىتتىكلەۋاتاتتى.

    -كامىل، مېنى قورقۇتماڭ، مېنى قورقۇتماڭ! ھۈ ھۈ ھۈ......

    مەن ئۆكسۈپ، ئېسەدەپ يىغلىدىم.

    ئەمما كامىلدىن سادا كەلمىدى.

    تېخىمۇ جىدىدىيلەشتىم. يۈرۈگۈم قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك سوقۇپ كېتىۋاتاتتى.

    -ئۆھك...ئۆھۆ... رەنا، مەن.. ئۇيقۇم كەلدى.... بەك كەلدى....

    كۆز ياشلىرىم تاغ سۈيىدەك شىددەت بىلەن ئېقىپ كېتىۋاتاتتى.

    -ياق... جېنىم كامىل. ياق! چىداڭ! ماقۇلمۇ، غەيرەت قىلىڭ! ئۇخلاپ قالماڭ، بولامدۇ؟ ئۆتۈنەي، ھەرگىز ئۇخلاپ قالماڭ!

    -ھىم... ھىم... ئۇخلىماي.... سىزگە ھەمرا.. بولاي... تاڭ ئاتقۇچە....

    كامىلنىڭ جانسىز ئاۋازى ھاۋادا لەيلەپ قالدى.

    بىر تۇتام ئوت كۆكرىكىمدە يېنىشقا باشلىدى. كاللامدا بۇرۇنقى چاغلار، ئىككىمىزنىڭ مۇھەببەتلەشكەن، توي قىلغان چاغلىرىمىزدىكى مەنزىرىلەر توختىماي ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى. گەرچە باشتىن ئاخىر شۇنداق ئاددىي بولسىمۇ، مانا ئەمدى شۇ ئاددىيلىقنىڭ ھەممىدىن قىممەتلىك ۋە راست، چىنلىقىنى ھېس قىلىۋاتقانىدىم. مەن ئىزچىل ئۆزۈمنىڭ ئازابىنى ئويلاپلا كەپتىمەنۇ، ئەمما ئۆزۈم ئىزدىگەن شۇ بەختنىڭ دەل مۇشۇ ئاددىيلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالماپتىمەن. مانا، مۇشۇنداق ھايات-ماماتلىق گىردابىدىلا بۇنىڭ تېگىگە يېتىپ تۇرۇپتىمەن.

    -رەنا، مەن... مەن بەك.. مۇزلاپ كەتتىم... قارىغاندا... رەنا، ئامالىم يوق ئىكەن.... سىزگە ھەمرا بولالمىدىم!

    كامىل مانا مۇشۇنداق چاغدىمۇ ئۆزىنى ئەيىبلەۋاتاتتى.

    -ياق!

    جېنىمنىڭ بارىچە ۋارقىرىدىم.

    -ياق! مەن يول قويمايمەن! كامىل، سىز دېگەن! ماڭا ھەمرا بولىمەن، دەپ سىز دېگەن! ئەمدى سىزدىن ئايرىلمايمەن، كامىل، بىر ئۆمۈر سىز بىلەن بىللە ئۆتىمەن! ماقۇل دەڭ! ماقۇلمۇ؟ كامىل!

    قاراڭغۇلۇق، چەكسىز سۈكۈت. سوغۇق مۇزدەك ھاۋادىن ئۆلۈمنىڭ پۇرىقى كېلىۋاتاتتى.

    -كە...كەچۈرۈڭ... رەنا... مەن گېپىمدە تۇرالمىدىم....

    غايەت زور ئۆكۈنۈش، پۇشايمان يۈرۈگۈمنى قاماللىدى، ئۇستىخانلىرىمغا سىڭىپ كىرگەن شۇنداق بىر ئازابنى نەگە چىقىرىشىمنى بىلەلمىدىم، كۆز ياشلىرىم بولسا يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك توكۇرلاپ چۈشمەكتە. مەن شۇندىلا، ئۆز ھاياتى ئارقىلىق مېنى قۇتقۇزۇۋالغان بۇ ئەرنىڭ مېنى شۇنچىلىك دەرىجىدە سۆيىدىغانلىقىنى ھېس قىلىۋاتاتتىم. ئەپسۇسكى، ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتى بەدىلىگە ئۆز مۇھەببىتىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.

    چەكسىز ئازاب ئىچىدە، كامىل ئۆزىگە ئۆزى گەپ قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى، ئاۋازى پاشا غىڭشىغاندەك شۇنچە ئاجىز ئىدى.

    -مۇبادا..... بىر كۈنى... دۇنيادىن ئايرىلىش توغرا كېلىپ قالسا.... مەن سىزنىڭ قوينىڭىزدا.... جان بېرىشنى خالايمەن..... پۇشايماننى ئالىدىغان.... قاچا بولمىسىمۇ، مەن يەنە.....سىزنى.... ئىزدەپ...

    مەيلى قانچىلىك زارلاپ يىغلاپ تۇرۇپ كامىلنى چاقىراي، ئۇنىڭ ئاۋازى ئىككىنچى ئاڭلانمايلا قويدى. يۈرەكنى مۇجۇپ، تىتما قىلىۋەتكۈدەك پۇشايمان ئۆكۈنۈش مېنى چەكسىزلىككە ئېلىپ كېتىۋاتاتتى.

    سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان سوغۇق جىمقىتلىق ئىچىدە، مەن توختاۋسىز ئازابلانماقتا ئىدىم.

    قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، بىلمىدىم، مەن بۇ يەردىن قۇتقۇزۇپ چىقىلدىم. كۆز ئالدىمدا مەن ئۆمۈر بويى ئۇنتۇپ قالمىغۇدەك شۇ مەنزىرە.

    پۈتۈن بىر ئۆرۈلگەن تام، كامىلنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى بېسىۋالغان، پەقەت قولى بىلەن بېشىلا سىرتتا قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئاستىدىن ئېقىپ چىققان قان خېلى چوڭ يەردە ئاللىبۇرۇن قېتىپ بولغانىدى. كامىلنىڭ چىرايى مەن تۇرغان تەرەپكە قاراپ، كۈلۈمسىرىگىنىچە قېتىپ قالغان بولۇپ، خۇددى ماڭا تەسەللى بېرىپ خاتىرجەم قىلماقچى بولغاندەك تۇراتتى.

    كۆكرىكىمگە تۈمەن مىڭ جىڭ ئېغىرلىقتىكى بازغان بىلەن ئۇرغاندەك شۇنداق بىر ھېسسىياتتا، ئۇنىڭ يېنىغا ئېتىلىپ باردىم، بەدىنىمدىكى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ۋارقىرىدىم:

    -كامىل......

    ئاۋازىم پۈتكۈل خارابىيلىقنى تېشىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، ئاللىبۇرۇن تىنىقىدىن قالغان كامىلنى ئويغىتالمىدى.

    ئەتراپتىكى قۇتقۇزغۇچى خادىملارنىڭ ئىچىدىن ياش تۆكمىگەن بىرىمۇ قالمىدى.

     

    بىر ئايدىن كېيىن، سەردار قوللىرىدا گۈل دەستىلىرىنى كۆتۈرگىنىچە دوختۇرخانىغا كەلگىنىدە، ئۇنىڭ قولىدىكى گۈلنى ئېلىپ ئۇنىڭ يۈزىگە كۈچ بىلەن ئاتتىم. كېسەل كارىۋېتىمنىڭ ئەتراپىنى يېزىقچىلىق قەغەزلىرىگە يېزىلغان يازمىلار قاپلىغانىدى. بۇ يازمىلار كامىلنىڭ خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا يېزىپ تاماملىغان «ئايالىمنى سۆيىمەن» دېگەن كىتابى بولۇپ، بۇنىڭدا ئىككىمىزنىڭ مۇھەببەتلەشكەندىن تارتىپ توي قىلغاندىن كېيىنكى تۇرمۇشلىرىمىزغىچە ھەممە نەرسە قالدۇرۇلماي يېزىلغان ئىدى.

    (گۈليارە تۇرسۇن خەنزۇچىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلدى)

    \

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئەرنىڭ مۇھەببىتى