«بۇيۇك ئۇچ تۇرك ئالىمى » غا كىرىش سۆز

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-05 12:26:54

ئوتىنى يوق مىللەت، ئوتى يوق ئىللەت-«بۈيۈك ئۈچ تۈرك ئالىمى » غا كىرىش سۆزپراففىسور دوكتور زەكائى شەن(كۆكنۇر نېت تورى تەييارلىدى)مەزكۇر ئەسەر ياراق كەشپىياتچىسى ئەبۇل ئىز ئەرراززاز جەزەرى...

     

    ئوتىنى يوق مىللەت، ئوتى يوق ئىللەت
    -«بۈيۈك ئۈچ تۈرك ئالىمى » غا كىرىش سۆز

    پراففىسور دوكتور زەكائى شەن

    (كۆكنۇر نېت تورى تەييارلىدى)

    مەزكۇر ئەسەر  ياراق كەشپىياتچىسى ئەبۇل ئىز ئەرراززاز جەزەرى، بۇيۇك ماتىماتىكا ئالىمى، ئالگىبرا(ئەلجەبىر) پېنىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەد ئىبن مۇسا ئەلخارەزمى ، مەنتىقە ئىلمىنىڭ پېشاۋاسى ،بۇيۇك پەيلاسوپ فارابى ھەققىدە يېزىلىپ 2002- يىلى ئىستانبولدا نەشىر قىلىنغان ئەسەرگە ئاتالغان.

     

     

    2001-يىل 11- ئاينىڭ 28- كۈنى ئىستانبۇل سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ شامال ئېنىرگىيىسىنى قوللىنىشى ھەققىدىكى ئويلىغانلىرىمنى كۆپچىلىككە سۇنۇش مەقسىتىدە ئىش بانكىسى لەۋۋە قوشماق قەسىرلىرىدە ئېچىلغان تۈركىيە ئېنىرگىيە مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتىم. بۇ يىغىندا سۆزلىمەكچى بولغانلىرىمنى مۇندەرىجە تېكىستىنى كومپيوتېرغا ئوقۇغۇچۇم دوكتۇر ئەخمەت د. شاھىن ئالغانىدى. مەن كومپيوتېر ئېكرانىدا كۆرۈلگەن تېمىلار بويىچە چۈشەندۈرمەكچى ئىدىم. بىراق كومپيوتېر يۈزى باشتا سەل غۇۋالىشىپ، تېخنىكىلىق مەسىلىنىڭ ھەر ۋاقىت يۈز بېرىشىم ۇمكىنلىكىدىن بىشارەت بەردى. ئادەتتە بۇ خىلدىكى چاتاقلارنىڭ بولىدىغانلىقى نەزەرگە ئېلىنىپ يىغىنلاردا چاتاق ئوڭشالغىچە سۆزلەپ تۇرغىدەك نەرسە تەييارلاپ قويۇلاتىى. شۇڭا مەنمۇ چاتاق ئوڭشالغىچە كۆپچىلىككە بۇنىڭدىن 800 يىل بۇرۇن ئارتوكول تۈركلىرى زامانىسىدا دىياربەكىردە ياشىغان بەدىئۇززامان ئەرراززاز ئەبۇل ئىز جەزەرى توغرىسىدا پاراڭ قىلىپ بەردىم. بۇ كىشى غەرپ قاراڭغۇ جاھالەت ئىچىدە يول تاپالماي، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ شۇ دەۋردىكى سەۋىيىسىگە يېتىشەلمەيۋاتقانلىقلىرىدىن زارلىنىۋاتقاندا (1200 – يىللىرى) ھازىرلاردا بىز بىلىدىغان سىلىندىر، سىپتون، ئەگمە ئوق ۋە ھەر تۈرلۈك چىشلىق چاقلارنى قوللىنىپ ياراق(ئۇسكىنە) لاھىيىلەپ چىققان ۋە ئۇنىڭ رەڭلىك سخېمىسىنى سىزغان. بۇ ياراقلار شامال كۈچى ياكى ھايۋان كۈچىدىن پايدىلىنىپ تۆۋەندىكى سۇلارنى يۇقىرىغا يەنى يەر يۈزىگە چىقىرىش فۇنكىسىيىسىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ رەڭلىك سخېمىسىى بىر تېخنىكا خەرىتىسى سۈپىتىدە مۇئەللىپنىڭ كىتابىدا چۈشەندۈرۈلىشى بىلەن بىللە ئۇچرايدۇ. ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر چەتئەللىك ئالىملارنى كۆككە كۆتىرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىلمىي ۋە مەرىپەتلىك ئىنسانلار ئىكەنلىكى دىيىشىدۇ. مەن بۇ خىل كىشىلەرنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيەت مۇھىتىدا ياشاپ ئاناتولىيە تۈرك تۇپراقلىرىدا تەتقىقات، بايقاش ، كەشپىياتلار بىلەن شۇغۇللانغان ۋە بۇ ساھەدە نەتىجە قازانغان بولسىمۇ، لېكىن، ئەقەللىسى ئۆز خەلقى تەرىپىدىن تونۇلمىغان ئالىم ئەبۇل ئىز ئەلجەزەرى ھەققىدە سۆز ئاچتىم. بۇ بۇيۇك ئىنسان، تۈرك ئالىمى ۋە كەشپىياتچىسى دۆلىتىمىزدە ئاقارتىشنىڭ سىھىرلەنگەن پىلاكاتى بولۇپ، خۇددى تەمجت پولوسىدەك تۇرماستىن، ئۆزى بەرپا قىلغان مەرىپەت نۇرى ئارقىلىق بولۇپمۇ دائىم زامانىۋىيلىق ، تەرەققىيات دەپ توۋلايدىغان كىشىلىرىمىزگە بۇنىڭدىن 800 يىل ئىلگىرىلا ئىلمىيەت ئالىمىگە قانداق يېقىنلىشىشنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەنىدى. ئەپسۇسكى خەلقىمىز ئۇنى تونۇپ بولالمىدى. ھەتتاتونۇلىشى بىھاجەت سانىلىپ تارىخنىڭ توپا- چاڭلىرىغا كۆمۈلۈپ قالدى. ھالبۇكى، تارىخىمىزدا ئۇ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش،بېشىدىن ئۆتكەنلەردىن تەجرىبە ئېلىپ ،ئىشتىن كىيىن نىمە قىلىش كىرەكلىكىنى بىلگەن ،تۈرك- ئىسلام مەدەنىيىتى مۇھىتىدا يېتىىشپ ئالىم بولغانلار خېلى بار. بۇ ئالىملىرىمىزنىڭ ھاياتى بىلەن تونۇشۇپ، ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ياشلىرىمىزغا چوقۇمكى بىر ئىلھام ۋە روھ چەشمىسى بولالايدۇ. ئۇلارنىڭ نىمە ئىش قىلغانلىغىنى بىلىش ياشلارغا تەتقىقات روھى ئاتا قىلىش بىلەن بىللە، ئۇلارنى كەمسىنىش ھېسسىياتىدىن قۇتۇلدۇرالايدۇ. ياشلىرىمىزدىن كەلگۈسى پەن- تېخنىكا تەرەققىياتىغا ئۆز مەدەنىيىتى ۋە كىشىلىكى بىلەنھەسسە قوشۇدىغانلار چىقىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، غەرپ ھەيرانلىغى بىلەن زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تىرىشماق، پەقەت شەكىل ۋە شەكلەن ھالىتىدىلا قالىدۇ. تەتقىقات ۋە تەرەققىياتتا تەقلىدچى ، كۆچۈرمىكەش، چەتئەلپەرەسلەر ۋە ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچىلا تىرىشچانلىق كۆرسۇتۇش،دۆلىتىمىزنى پاتقاققا پاتۇرۇپ ئىلگىرى باسقۇزمايدۇ. بۇ كېسەلنىڭ داۋاسى ئالدى بىلەن ئۆز مەدەنىيىتى ۋە ئۆزلىرىگە يېقىن مەدەنىيەتلەرنى تەتقىق قىلىش، مۇشۇ ئاساستا تۇرۇپ ئىلىم- مەرىپەتنى يىلتىزدىن پەرۋىش قىلىشنى سەل چاغلىماسلىقتۇر. ئەگەر قىممەت قاراشلىرىمىزنىڭ غەرپكە، بولۇپمۇ ھازىرلاردا ئامېرىكىغا ھەۋەسلىنىپ تۇرۇپ چىشى چىقىدىغان بولسا، تەبىئىكى بۇنىڭ پايدىسى چەتئەللىكلەرگە بولىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزدە ھېچقانداق ئىلمىي ئەمگەكلەر بولۇپ باقمىغانسىغا «ئىلمىيلىق»پەش قىلىنىپ، مەدەنىيىتىمىزنى ئۆزگەرتىش تېرىشچانلىقلىرى ئوتتۇرغا چىقىدۇ. بۇنداق گالۋاڭلارنىڭ ئۆزى ئىچىگە چۇشكەن بۇ پاتقاقتىن قۇتۇلمىغى پەقەت ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ كىملىك قازىنىش بىلەنلا مۇمكىن بولىدۇ. شۇڭا زامانىۋىلىشىش، ئىلمىيلىق، تەرەققىيات، دەۋر ئاتلاش دىگەندەك شوئارلاربىلەن ئەمەس، بەلكى كىملىكى بار،كىشىلىكى بار ھالدا بولۇش،باشقا مەدەنىيەتلەرنى ئۆگىنىشتىن ئاۋۋال ئۆز مەدەنىيىتىمىز بىلەن ئۇچراشمىقىمىزنى زۆرۇر قىلىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندىلا كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئىلىم ۋە تېخنىكىلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ۋە ئۇنى قوللىنىشتا بىزنىڭمۇ تېگىشلىك ئورۇنغا ساھىپ بولۇپ، دۇنياۋى رىقابەت سېپىگە قوشۇلالىشىمىزدىن ئېغىز ئاچقىلى بولىدۇ.

    1839- يىلىدىكى تانزىمات ئىسلاھاتىدىن باشلاپ جۇمھۇرىيەت دەۋرىنى ئۆزئىچىگە ئالغان ھازىرغا قەدەر بولغان ۋاقىت ئىچىدە غەرىپكە ،ھەتتا كىيىنكى كۇنلەردە كلاسسىك غەربى ياۋروپانىمۇ ياراتماي، ئامېرىكىغا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنىڭ ئەۋەتىلىشى. بۈگۈنگە قەدەر ئۇنۋېرسىتىتلاردا ئۇنۋان، كۇتۇپخانىلاردا ئۆز ھاياتىدىكى قىززىق، سىرلىق، دەب-دەبىلىك ئىشلار توغرىسىدىكى ئەسەرلەرنى كۆپەيتىشتىن باشقا، ئەجىبا ھەقىقى ئىلمى ۋە تېخنىكىلىق ئىلگىرلەشكە قانچىلىك پايدىسى بولدى؟ ئەلۋەتتە بۇ مەسىلىگە ئوچۇق يۈزلىنىپ تۇرۇپ بۇنىڭ تەدبىرلىرى ھەققىدە ئىزدىنىپ باقماي بولمايدۇ. دۆلىتىمىزدە مۇتەخەسىسىلەر ۋە ئۇنۋېرسىتىتلىرىمىزدا ئازساندا بولسىمۇ غەرپنىڭ ئالدىدا بېشىنى كۆتۇرۇپ تۇرىدىغان ئەھلى ئىلىملىرىمىز بار. لېكىن بۇلارغا دولەتنىڭ .. ياكى ئۇنىۋېرسىتتا ئىلمدرلىغىدىن بەكرەك سىياسى بولغان نوپۇزلارنىڭ بەرگەن ئەتىۋاسى نىمىگە ھىساپ بولىدۇ؟ نوپۇز بېرىشنىڭ مىزانى زادى نىمە؟ سىياسەتلەرنى ھىمايە قىلسا بىلىم نوپوزى بولىدۇ، مۇكاپاتلىنىدۇ، ئەمما ئۇنداقتا قانچىلىك ئادەم سىياسەتكە ئەمەس، ئىلىمگە چۈشۈپ ئالىم سانىلىدى؟
       تەبىىكى بۇنداقلار ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى تونىتاي دىمەيدۇ. ئۆز ئۆتمۇشىدىكى ئىلمىي چۇشەنچە ۋە مېتودلارنى بىلىشنى ئىستىمەيدۇ،ئۆزلىرىمۇ سەزمىگەن ھالدا باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ تەشۋىقاتچىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ھەتتا ئىسلامىيەتتىن خېلى بۇرۇنقى يۇنان مەدەنىيىتىنى كۆككە كۆتىرىدۇ-يۇ،ئۇنىڭ ئىلمى ماھىيىتىنى چۇشەنمەيلا كاپىلدايدۇ.بۇنىڭ سەۋەبى ئاددى؛چۇنكى ئۇلاردا . غەرپ مۇنداق دىگەن، شۇڭا ئەھۋال ھەقىقەتەن شۇنداق دەيدىغان پروگرامما بار. بۇ تەرەققىياتمۇ؟ پوچىلىقمۇ؟ ئەھلى ئىلىممۇ ياكى بىلىمچىمۇ؟ بىلگىلى بولمايدۇ. ھەقىقەتتە ئۇلار ئۆزلىرىدە ھىچقانداقئىلمىي قىممەت قارىشى يوق ھالدا،چەتنىڭ چۇشەنچىلىرىنى ياشلارغا ياكى جامائەتكە سۆزلەيدۇ. ئەسلى بىر-بىرىدىن ئەقىللىق ياكى ئۇنداق بولماسلىقتا ئىستېداتلىق ياشلىرىمىزغاچاڭقىتقان نەرسىلەرنى بەرمەي، تېخى بىرىنچى ئىككىنچى يىللىقلاردىلا ئۇلارنى بوشۇتۇپ يېلىنى چىقىرىۋىتىدۇ. چەتئەل پىكىرلىرىنى قارىغۇلارچە يادلايدىغان ھالەتكە ئېلىپ كېلىدۇ.بۇ بىلىم بېرىش ئەمەس، ياشلارنى زىيانغا ئۇچرىتىش، كەڭ مەنىدىن بىر پۈتۈن جەمئىيەتنىمۇ زىيانغا ئۇچرىتىشتۇر. ئۇنۋانلىرى تابۇ(بۇيۇك،مۇقەددەس،بىر نەرسىنى مۇقەددەس دەپ بىلىدىغان بىر ئېتىقاد) ھىمايىچىلىرىنى يىغىن ئىشتراكچىلىرى، ئەھلى ئىلىم دەپ سۇپەتلەندۇرىدىغان بەزى جەمئىيەتلەرنىڭ تۆۋەن كۆرىدىغىنى تۈرك ئوقۇغۇچىلىرى،چوڭ بىلىدىغىنى پەقەت يۇنان مىتودلىرى ۋە ياۋروپا ئەدەبىيات – سەنئەت ئويغىنىش ھەرىكىتىدە چىققان ئىسىملار ۋە قاچانلىكى بولسۇن يىگانە دۇشمەنلىرى تۈرك – ئىسلام كۇلتۇرى، يەنى ئۇلار بىلمىسۇن ياكى بىلىشنى ئىستىمىسۇن ئۆز كۇلتۇرى. بۇ چۇشەنچىلەر بىلەن ياشلىرىمىز ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە ئۈمىدى يوق چۇشكۇن روھى ھالەتكە پاتقۇزىۋىتىلىۋاتىدۇ. پەقەت ۋە پەقەت دىپلوم ساھىبى بولالاۋاتىدۇ خالاس. كىلەچەككە ئىشەنىچ بىلەن قارىيالمايدىغان بۇنداق ياشلىق،ئەتىنى قويۇپ تۇرىلى بۇگۇن قانداق ياشايدۇ ؟قانداق زامانىۋىلىشىدۇ؟ئۇلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنىڭ بىردىن-بىر،تىگى پەس،روھسىز ۋە ئەلنىڭھۇلىنى كولىغۇچى شەكلى؛تەقلىدچىلىكتە،دوراشتا،ئېچىپ ققايناشتا،مودا قوغلۇشۇش،يەپ – ئىچىش،ئۆز كۇلتۇرىنى پەس كۆرۇش دىگەندەك بۇزۇق خارەكتىرلەردە كۆرىلىۋاتىدۇ.

    شۇ كۇنكى يىغىلىشقا تۈركىيىنىڭ ھەريېرىدىن، ھەرقايسى جەمئىيەت ۋە ئالى مەكتەپلەردىن كەلگەنلەرنىڭ سىرتىدا ئاز بولسىمۇ چەتئەللەردىن كەلگەن ئىشتىراكچىلارمۇ بار ئىدى. خەلقئارادا نامى بار، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئىپتىخارىمىز پىروففېسور دوكتۇر نىجات ۋەزىر ئوغلى مۇئەللىم بۇ ئىشتراكچىلارنىڭ بىرى ئىدى .بۇ كىشى مېنىڭ شامال ئېنىرگىيىسى ھەققىدىكى زامانىۋى دىگىلى بولىدىغان تېمىلىرىمدىن ئەمەس، ئەبۇل ئىز ئەلجەزەرى توغرىسىدىكى سۆزلىرىمدىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ئالدىدا ئېيتتى.

    (ئاپتور مۇشۇ قۇردىن كىيىن ئەسەرنىڭ يېزىلىشىغا سەۋەپ بولغان كونكىرت ئىشلارنى سۆزلەيدۇ. بۇ بىزگە بۇ يەردە مۇناسىۋەتسىز بولغاچقا كىرىش سۆزنىڭ ئارقىسىنى قالدۇرۇپ قويدۇق- كۆكنۇر نېت تورى)

    مەزكۇر ئەسەر كۆكنۇر تورىنىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئوكيان تورىغا قويۇلدى. تېخىمۇ كۆپ ئىجادى تېمىلاردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن كۆكنۇر تورىغا مەرھەمەت قىلىڭ. http://www.koknur.net/index.asp

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.