توختى پوكان ۋە پىلەكسىز قاپاق (يەتتىنچى ھېكايە)

يوللىغۇچى : abduweli يوللىغان ۋاقىت : 2013-07-08 15:50:01

مەن توختى پوكان خىزمەت ئورنىمدا چىرىكلىشىپ كادىرلىق ئوبرازىمغا داغ چۈشۈرگەنلىكىم ئۈچۈن ئۇدۇل شەھەرلىك قاماقخانىغا يالاپ ئېلىپ مېڭىلدىم. -كەمىرىڭنى سۇغار!،-دېدى قاماقخانا باشلىقى قارا قاناتلىق تۆمۈر دەرۋازىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ماڭا ھەيۋە بىلەن. مەن دەرھا

    توختى پوكان ۋە پىلەكسىز قاپاق
     
    (يەتتىنچى ھېكايە)
     
    ئابلىمىت غۇجابدۇللا قاراقاش
     
    مەن توختى پوكان خىزمەت ئورنىمدا چىرىكلىشىپ كادىرلىق ئوبرازىمغا داغ چۈشۈرگەنلىكىم ئۈچۈن ئۇدۇل شەھەرلىك قاماقخانىغا يالاپ ئېلىپ مېڭىلدىم.
    -كەمىرىڭنى سۇغار!،-دېدى قاماقخانا باشلىقى قارا قاناتلىق تۆمۈر دەرۋازىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ماڭا ھەيۋە بىلەن.
    مەن دەرھال كەمىرىمنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ باشلىققا سۇندۇم ئاندىن چۈشۈپ كەتكىلى قوپقان تامبىلىمنى قوش قوللاپ تۇتۇپ ئۇنىڭغا تەلمۈردۈم.
    - ئايىغىڭنى سال!
    - ئايىغىمنى نېمىشقا سالىمەن باشلىق!،-دېدىم ئۆزەمنىڭ جىنايەتچى ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇغان ھالدا كۆزەمنى پارقىرتىپ.
    - ئاياغنىڭ ئىچىدىكى تۆمۈرنى يەۋالساڭ قانداق قىلىمىز؟،-دەپ ھۆركىرىدى باشلىق ئەلپازىنى سەت قىلىپ.
    - مەن ئۇنداقلاردىن ئەمەس، مەن ھەرگىز تۆمۈر يەۋالمايمەن باشلىق!،-دېدىم ئۇنىڭغا قاراپ ھىجىيىپ.
    -سال دىگەندىكىن سال! تۆمۈر يېمىسەڭ ماۋۇنى يەمسەن-يا؟
    ئۇ شۇنداق دىگىنىچە قۇلىدىكى قارا رەزىنكە كالتەكنى كۆتۈرگەندەك قىلىۋىدى سۇنجىقام ھەرە چاققاندەك «پىژژىدە» قىلغاندەك بولدى، ئارقىدىن ئىككى پۇتۇم سېزىمىنى يوقۇتۇپ ئالدىمغا موللاق ئاتقانلىقىمنى بىلدىم. 
    بىر چاغدا كۆزۈمنى ئاچسام يەردە يېتىپتىمەن، ھېس قىلسام كۆتۈمدىن شامال چىقىۋېتىپتۇ، كۇسار كىيىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىم ئىسىمگە كىلىپ دەرھال ھۇشۇقۇمغا كىلىپ قالغان تامبىلىمنى «شارتتىدە» تارتىپ چىقىرىۋېلىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم.
    - مىنى نېمە بىلەن ئوردىڭىزا باشلىق!،- دېدىم كىكەچلىگىنىمچە كالتەكتىن يەنە بىرنىيەپ سالماسلىقىم ئۈچۈن ئۇنىڭغا خۇشامەت قىلىپ.
    - توك كالتىكى دەپ ئاڭلىغانما؟،-دېدى باشلىق ئاۋازىنى ناھايىتى سوزۇپ مۇغەمبەرلىك بىلەن.
    - ۋاي ئاڭلىمامتىيكى ، ئاڭلىغان...ئاڭلىغان...،-دىدىم كالپۇكۇمنى چىشلەپ تۇرۇپ، -مانا توختى پوكان ئاياغنى سالدى...يەنە دەڭا ئەمدى نېمىنى سالىمەن؟
    باشلىق قىلغان ئىشىدىن پىخىلداپ كۈلگىنىچە مىنى نەچچە قات تۆمۈر دەرۋازىنىڭ ئىچىدىن ئۆتكۈزۈپ بىر ھويلىنىڭ ئىچىگە باشلاپ ئەكىردى، ھويلىنىڭ بىر تېمىدا قاتار كەتكەن بەش-ئالتە ئىشىك تۇراتتى، باشلىق بۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر ئىشىكنى ئېچىپ مىنى باشلاپ ئەكىردى، ئاللا كارامەت ئۆينىڭ ئىچى پوق پۇرىغاننىڭ دەستىدىن كۆزنى لازا قۇيغاندەك ئېچىشتۇراتتى.
    - يېڭى مېھمان كىردى ئوبدان كۈتۈۋېلىڭلار-ھە!،- دېدى باشلىق مىنى ئۇلارغا تۇنۇشتۇرۇپ گىدەيگىنىچە.
    - خاتىرجەم بولسىلا باشلىق، تازا ئوبدان كۈتۈۋالىمىز بۇنى!،- دېدى نان يېگەن تەرى يوق بىرسى كۈلگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ.
    باشلىق ئىشىكنى ئېتىۋېتىپ چىقىپ كىتە-كەتمەي ھېلىقى بىرى ئاچچىق بىلەن مەندىن سورىدى:
    - نېمە ئىش قىلغان؟
    - پارا يېگەن...
    - نېمە ئىش قىلاتتىڭ؟
    - خەلق ساقچىسى...
    - ياخشى...ياخشى... بۇنى ئوبدان كۈتۈۋېلىڭلار!،-دېدى تۆردە ئولتۇرغان باشقا بىرى گەپكە ئارلىشىپ.
    «مىنى تۇسىقى يوق بىر خالىجايغا ئەكىرىپ قانداق كۈتۈۋالىدىغان بولغىيتتى بۇلار، ھېچ بىر تاھارەت قىلىدىغان كاتەك كۆرۈنمەيدىيا؟ بۇ پىژغىرىم ئۇپتا بېشىمغا ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىپ كۆزۈم كۆرمەس بولۇپ قالدىمۇ-يا!» 
    تاھارىتىم قاتتىق قىستاپ كەتكەچكە سىيىدىغان كاتەك ئىزدەپ ئالدىمغا بىر ئاز ئېڭىشتىم، قارىسام تۆت مېتىر كەڭلىكتىكى تاختا سوپىدا ئون تۆت ئادەم ماڭا قاراپ ھىجيىشىپ ئولتۇرۇپتۇ.
    -قېنى يۇقىرىغا ئۆتسىلە!،-دېدى ھېلىقى ئاۋاق ئىككى قۇلى بىلەن تاختا سۇپىنىڭ يۇقىرىسىنى كۆرسىتىپ.
    - مەن...مەن...بۇ ...بۇ...ياتاق ...ياتاقما؟،- دېدىم بۇ جاينىڭ خالىجاي ئەمەس بەلكى ياتاق ئىكەنلىكىدىن ھەيران قېلىپ.
    - شۇنداق ھاجىم ئاكا، بۇ ئۆزلىرىنىڭ كامېرى، ئاستىلىرىغا كۆپە سالامدۇق-يا؟،-دېدى يەنە بىر پاكار ئوغرى كۈلگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ.
    - تارتىنمىسىلا ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىدەك ئازادە ئولتۇرسىلا!،- دېدى ئارقا بۇرجەكتىن ئۆلەي دەپ قالغان بىر قېرى ئىنجىقلاپ ئالدىغا سۈرۈلگىنىچە ماڭا ھاڭۋېقىپ قاراپ.
    مەن ئۆزەمنىڭ ئىززىتىنى بىلىپ تاختا سوپىنىڭ يۇقىرىسىغا ئۆتۈپ ئەمدى ئولتۇراي دىيىشىم باشتا گەپ قىلغان ھېلىقى ئاۋاق ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كىلىپ پېشىمنى تارتتى:
    - ئامبال غۇجام، بۇ يەردە ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن سۈرەتكە چۈشۈۋالغايلا!
    «توۋۋا قىلمىدىم، مانچە يىل ساقچى بولۇپ بىرسىمۇ سۈرەتكە تارتىپ قۇياي دىمىگەن ئىدى، ماۋۇ كىشىلەر نىمانچە مېھماندوست، نېمانچە كۆڭلى ياخشى...ۋاھ...ۋاھ...» 
    - قەيەردە تۇرىمەن؟،- دەپ سورىدىم بىر قۇلۇمدا شەپكەمنى تۈزەشتۈرۈپ چىرايىمدىكى كۈلكەمنى باسقىنىمچە بىر قۇلۇمدا تامبىلىمنىڭ بېغىنى تۇتۇپ تۇرۇپ.
    - مانا ماۋۇ يەردە تۇرىدىلا ھاجىم ئاكا!
    مەن ھېلىقى ئاۋاق كۆرسەتكەن تامغا بېرىپ يۆلىنىپ تۇردۇم. 
    - كەينىلىرىنى قىلسىلا قارىم غۇجام! 
    «سۈرەت دىگەنگە ئالدىدىن چۈشمەسمىدىۋۇلا...بۇ قانداق سۈرەتكە چۈشۈشتۇ ئەمدى!»
    مەن تەمتىلەپ ئاستا كەينىمىنى قىلىپ تۇردۇم، مۇشۇ تاپتا كاللامغا كەلمىگەن خىياللار كىلىشكە باشلىدى.
    - كۆينەكلىرىنى سالغايلا پوندەك غۇجام!
    كۆينەكنىمۇ سالدىم.
    - ئەمدى تامبالنى سالسىلا ئۇز خېنىم!
    «ئۇز خېنىم ؟...ۋوي بۇ جاھان نېمە بولۇپ كەتتى ئەمدى! مەن توختى ئەمدى ئۇز خېنىم بولدۇمما؟»
    - نېمە... تامبالنى سالسىلا ؟ مەن رەسىمگە چۈشەمدىم –يا مۇنچىغا چۈشەمدىم؟،- دېدىم ئاچچىقىمدا ئۇلارنىڭ گېپىنى چۈشىنەلمەي كەينىمگە بۇرالغىنىمچە.
    - سىلىنىڭ سالغۇللىرى كەلمىگەن بولسا بىز بار غۇجام!،-دېدى بىرسى يېنىدىكىلەرگەئىشارەت قىلىپ.
    ئاڭغىچە ئون نەچچە ئادەم ئورنىدىن تۇرۇشۇپ ئالدىمغا يۇپۇرۇلۇپ كېلىشكىنىچەياقامدىن بۇغۇپ قوناق سوققاندەك سوقۇشقا باشلىدى... ئۇرە-ئۇر... تىپە-تەپ... ھېچ بىر توختايدىغاندەك ئەمەس...
    -خوش بۇلاي...مەن ئۆلەي دېدىم...ماڭا رەھىم قىلىڭلار جېنىم ئاكىلار!،-دېدىم تاياق-توقماققا چىدىيالماي ۋارقىراپ يىغلىغىنىمچە ئۇلارنىڭ پۇتىنى سىلاپ تۇرۇپ.
    ئۇلار مىنى ئۇرۇشتىن توختاپ مىڭ-بىر بالادا ئورنىغا بېرىپ ئولتۇرۇشتى.
    - قانداق كېلىنچەك خېنىم، تامبالنى سالاملا يا بىز سالدىرامدۇق؟،- دېدى ئارىدىن بىرسى ھىجىيىپ تۇرۇپ ماڭا تەنە بىلەن.
    - ۋاي سالاي ئۇكام، سالاي...رەسىمگە تارتامسەن، ياكى سىن ئالغۇغا ئالامسەن،ئىشقىلىپ تامبالنى سالسام بولىدىغاندۇ؟
    مەن شۇنداق دېگىنىمچە كۆزلىرىمدىن يامغۇردەك ياش تۈكۈپ تامبىلىمنى سالغىنىمچە ئانىدىن تۇغما ھالەتتە تامغا ئالدىمنى قىلىپ تۇردۇم.
    - تامغا چىڭ چاپلىشىپ تۇرغايلا ئامبال غۇجام!
    تامغا چىڭ چاپلاشتىم.
    - ئىككى قوللىرىنى كەرىپ تۇرسىلا غۇجام!
    - ئىككى قۇلۇمنى سارنىڭ قانىتىدەك تازا كەرىپ تۇردۇم.
    - چاتراقنى كەرىسىلە ئۇز غۇجام!
    چاترىقىمنىمۇ كەردىم.
    - بىر...ئىككى...ئۈچ!
    تۇيۇقسىز بەدىنىمگە چېچىلغان سۇغۇق سۇدىن ئەندىكىپ ۋارقىراپ سېلىپ قۇلۇمنى مىدىرلىتىپ سالدىم، بىرسى ئېغىزى بىلەن گەدىنىمدىن باشلاپ سونجىقىمغىچە سۇ پۈركۈپ چىقىۋاتاتتى، مىدىراپ كەتكىنىمنى كۆرۈپ كەينىمدىكى سۈرەتچى ئاچچىقلاپ ۋارقىرىدى:
    - تۇرالمىغان بولساڭ مەن تۇرغۇزۇپ قۇيايما؟
    - ياق ئاكا...مەن ئۆزۈم تۇراي!، -دېدىم دەرھال قۇلۇمنى تامغا چاپلاپ ئۇلارنىڭ يەنە«ياردەم قىلىشى»دىن ئەنسىرەپ.
    شۇنداق قىلىپ سۆرەتچى مىنىڭ بىر يانغا ئۆتۈپ كىيىمىمنى كىيىۋېلىشنى بۇيرىدى،دەرھال كىيىمىمنى كىيىپ تامدىكى چۈشكەن سۈرىتىمگە قارىدىم، ھەر نېمە بولسا ئۇستاسۈرەتچىنىڭ قۇلىغا چۈشۈپتىكەنمەن، دىگەندەك تامدىكى سۈرىتىم شۇ پېتى چىقىپتۇ، ئاندىن تۆردىكى ساھىپخانلارغا قارىدىم، ئۇلار تامدىكى سۈرىتىمنى كۆرۈپ كۈلۈشكىنىدىن تاختا سوپىنىڭ ئۈستىدە قۇرسىقىنى تۇتۇشۇپ يۇمىلانغىلى تۇرۇپتۇ...مەنمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ كۈلگىلى تۇردۇم...
    - سىلىگە كۈلگىلى تېخى بالدۇر غۇجام، ئالدىرىمىسىلا!،- دېدى ھېلىقى كاززاپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئالدىمغا دىۋەيلەپ كىلىپ،- ئېيتسىلا كۆڭۈللىرى ئايروپىلان تارتامدۇ ياكى موتوسېكىلىتمۇ؟
    « ئۆزەڭنى ساقچى دىگەنگە تۇيەمانا!...ئۆمرۈمدە چىقمىغان ئايرۇپىلانغىمۇ چىقىدىغان بولدۇم...ئىسىت...ئىسىت! »
    ئۇلارنىڭ سۇئالىغا ئالدىراپ جاۋاپ بەردىم:
    -   ماڭا مىنىدىغانغا ئىشەك بولسىمۇ بۇلىتتى...
    -   بۇ يەردە تېخى سەندىن بۈلەك ئىشەك يوق!
    - ئەمىسە موتۇغا چىقساممۇ چىقاي!،- دېدىم يەنە كۆزۈمدىن ياش ئاققۇزۇپ.
    ئۇلار مىنى باشتا موتۇغا چىقاردى، ئۆمرۈمدە ھەيدىمىگەن موتۇسىكىلىت ئىكەن، شۇنداقمۇ ھوزۇرلاندىم... كېيىن تۇنۇرغا نان ياقىمىز دەپ ئىنەكلىرىمدىن ئوت چىقىرىۋەتتى... ۋاھ... ۋاھ... بۇ سامسىلارنىڭ ئوخشىغىنىنى... ھەر قېتىم ئىنىكىمگە نان ياققاندا... ئوتنىڭ ئۇچقىنى كۆزۈمنىڭ ئالدىدا يۇلتۇزدەك ئېقىشىپ يۈرگەن...دەم تۇرۇپ يۇلتۇز چاقنىغان... دەم تۇرۇپ كۆز ئالدىمدا ساليۇت ئېتىلغان... ئاھ... گۈزەل دۇنيا... ئاھ... يۇلتۇزغا تولغان دۇنيا...
    - ۋوي نان كۆيۈپ كەتتى تونۇرنىڭ دۇتىنى ئەت!،-دەپ ۋارقىرىدى بېشىمدا چۆرگىلەپ يۈرۈپ نان يېقىۋاتقان ناۋاي دېگەن ئەبلەخ شاگىرتىغا.
    «ئەمدى تونۇرنىڭ دۇتىنى قانداق ئېتىدىغاندۇ؟»
    بىردەمنىڭ ئىچىدە ئاللا بىركىملەر كەينىمگە يۇپۇرۇلۇپ كىلىپ نۆۋەت بىلەن تونۇرنىڭ دۇتىغا يەن كۆتۈمگە تەپكىلى تۇردى... ھەر بىر تېپىشىدە ئالدىمغا بىر موللاق ئاتىمەن... ھەر بىر تېپىشىدە ئالدىمغا بىر موللاق ئاتىمەن... ۋاي تىپىك...ۋاي تىپىك...
    خۇدانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئاخىرى دۇتمۇ ئېتىلدى، ئەمدى ئۇھ دىيىشىم سۇراق دېگەن باشلىنىپ كەتمەسمۇ... 
    ۋاي...ۋاي...ۋاي! مەن ئۆزۈمنى ساقچى دەپ يۈرۈپتىمەن...ھەقىقى ساقچىلار بۇ يەردىكەن ئەمەسمۇ؟...يېرىم سائەتكە قالماي ئىچىمدىكى گەپلەرنى چىش پاستىسىنى سىققاندەك سىقىپ ئالدى ئەمەسمۇ بۇ گۇيلار!
    سوئال-سوراق تۈگەپ ئەمدى ئولتۇراي دىيىشىم بىرسى«سەپراس!» دەپ توۋلىماسمۇ...ئۇلارھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇشۇپ تاختا سوپىغا تىزىلىشىپ ئۆرە تۇرۇشتى.
    «ئەمدى بۇ نېمە كارامەتتۇ؟»
    بىرسى قۇلىقىمنىڭ تۈۋىگە بىر مۇشت سېلىپ ماڭا ۋارقىرىدى:
    - نامازغا تۇر، مۇناپىق!
    - تاھارىتىم يوقتى ئاكا!
    - تىياممۇم قىل!
    - تىياممۇمنى بىلمەيمەن ئاكا!
    - ئەمىسە مەن ساڭا ئۆگىتەي!
    ئۇ شۇنداق دىگىنىچە قۇلىقىمنىڭ تۈۋىگە يەنە بىرنى سالدى، مەن ئاغرىققا چىدىيالماي ۋارقىراپ كەتتىم:
    - ۋاي مەن بىلىمەن ئاكا...ماڭا ئۆگەتمە...ماڭا ئۆگەتمە!
    - تىز بول ئىتنىڭ بالىسى!
    مەن بۇرۇن چوڭلاردىن ئاڭلىغىنىم بويىچە ھاپىلا-شاپىلا تىياممۇم قىلىپ سەپكە قېتىلدىم.
    شۇنداق قىلىپ قاماقخانا ھاياتىم باشلىنىپ كەتتى، مەن يېڭى كىرگەنلىكىم ئۈچۈن «پوقلاقخانا»تەرەپتە يەنى گەندە چىلىكى تەرەپتە ياتتىم، كۈندە ئىككى ۋاق ياتىقىمىزنىڭ ئالدىدىكى ھويلىغا ئون مىنۇتتىن شامالداتقىلى ئاچىقاتتى، قالغان ۋاقىتتا بۇ تۆت كىشىلىك كامېردا ئون بەشىمىز خۇددى كىچك ماشىنىغا يىگىرمە ئادەم چىققاندەك قىستىلىپ–چىڭدىلىپ ئولتۇراتتۇق، يەتتىنچى ئاينىڭ پىژغىرىم ئىسسىقىدا يۈرىكىمىز چالىشىپ ئېگىز-تارلىقى يېرىم مېتىرغا بارمايدىغان بىر تال ھاۋادانغا قاراپ تىلىمىزنى سۇزۇپ ھاسىراپ ئولتۇرىشاتتۇق...
    بۇنى ئاز دەپ شامالداشقا ئاچىققاندا توسىقى يوق خالاغا كىرىشنى خالىمىغان بىرقانچە كامىرداشلىرىم ياتاققا كىرە كىرمەي كۆتىگە پىلاستىر خالتىلىرىنى كىيىشىپ«پاتاقشىتىپ» قويۇۋېتىشكە باشلايتتى...
    خۇدايا توۋۋا قىلمىدىم، بۇ تۈرمىمۇ...ياكى مەسچىتمۇ... ھەر بىر كامېردا بەش-ئالتىدىن سىياسى جىنايەتچى...ھە دىسە ئادەمگە تەبلىغ قىلغان...ئايەت ئۆگەتكەن... ئۈگەتكەننى يادلىمىساڭ تېخى...يادلىغاننى ئېيتىپ بەرمىسەڭ تېخى...دېيەلمىسەڭ قۇلاق تۈۋىڭگە يىگىنىڭ يېگەن...ھېلى پىشىن نامىزى ئۇقۇ دېگەن...ھېلى خۇپتەن ئۇقۇ دېگەن...ئازراقلا خوشياقماي قالسا...گۈمبىلدىتىپ سالغان...ۋاي..ۋاي... ئىشقىلىپ چىرىكلەشكەنگىمۇ تويدۇم...توختى پوكان بولغانغىمۇ گالغىچە تويدۇم...
    سەھەردە بەرگەن ئىككى تال ياڭاقچىلىك ھور ناننىڭ بىرى ئەتتىگەنلىك ناشتا بولسايەنە بىرسى بولسا چۈشلۈك تاماققا ھېساب، بىرلا چاينىساڭ ئىككىلىسى چىشىڭنىڭ كاۋىكىغا كىلىپ توختىغان...كەچتە ئۈگرە ئىسىملىك بوغداي ئۇنى ئۇمىچى...جەمئىيەتتە بۇ بۇغداي ئۇمىچىنى ئىت-چوشقا يەپ سالسا ئىككى قۇلىقىمنى كىسىپ بېرەي! ئىشقىلىپ ئاچ قورساققا قىلغىلى ئىش يوق ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىمىز نان ئۇراپ كىرگۈزگەن قېلىن پاختا ياغلىقنىڭ يىپلىرىنى بىردىن-بىر سۇغۇرۇپ ئېلىپ ياڭاق چوڭلۇقتىكى «يىپ قاپاق»لارنى تۇقۇپ ئولتۇراتتۇق...
    تۇقۇلغان بۇ يىپ قاپاقلار ناھايىتى چىرايلىق ھەم سىپتا بولۇپ تېخى بەزى جىنايەتچىلەر ھەرخىل رەڭدىكى يىپلاردىن پايدىلىنىپ تۈرلۈك نەقىش-سۆرەتلەرنى ، يىل ئاي سانلارنى چىقىرىشاتتى، ئۆگزىدە چارلاپ يۈرۈيدىغان قۇراللىق بالا ئەسكەرلەر ھەدىسە بېشىمىزغا كىلىپ بىزدىن قاپاق سۇرايتتى، بىز توقۇغان قاپاقلرىمىزدىن بىرەنى ئۇلارغا خۇشامەت قىلىپ بېرەتتۇق، ئۇلار خۇشى كەلسە بىزگە رەھمەت دەپ قۇيۇپ كېتىپ قالاتتى، لېكىن بۇ «قۇرۇق رەھمەت» نى ئاددى چاغلاشقا بولمايتتى، ھېچ بولمىغاندائايدا بىر قېتىم بولىدىغان «چوڭ تەكشۈرۈش» تە بىزنىڭ قاپىقىمىزنى ئالغان ئەسكەرلەردىن بىرەسى تاسادىپى بىزنىڭ كامىرىمىزنى تەكشۈرۈشكە كىرىپ قالسا ھېلىقى قاپاقنىڭ يۈزى بىلەن بىزنى «سېكۇنت ئىچىدە قۇلۇڭنى تامغا ئېلىپ تۇرۇپ تەكشۈرۈشكە ماسلاشمىدىڭ!» دىگەننى باھانە قىلىپ بەش-ئونى بىرلىشىپ دەسسىمەيتتى، ياستۇقلىرىمىزنى پىچاق بىلەن يېرىپ توزغاقلىرىنى تىشىغا توزىتىۋەتمەيتتى، يەيدىغان نانلىرىمىزنى تاھارەت تۇڭىغا تاشلاپ قۇيىدىغان، ساقلاپ قويغان بىرە ئۇچۇم قۇرۇق ئۈزۈملىرىمىزنى توپىغا ئىلەشتۈرۋېتىدىغان ئىشلارنى قىلمايتتى، تېخى بەزىدە ئارىمىزغا چىرىكلەشكەن كاتتا ئەمەلدارلاردىن ياكى ئاق سېتىشقا چېتىلىپ قالغان ھارامزادە بايلاردىن كىرىپ قالغان بولسا ئۇلارنىڭ چاچ سوپۇنى دىگەندەك نەرسىلىرىنىڭ يېرىمىنى سىقىپ چىقىرىۋېتىپ قالغان يىرىگە سىيىپ قۇيىدىغان ئىشلارنىمۇ قىلمايتتى ، ئۇلار تەكشۈرۈشنى تۈگىتىپ ياتاقتىن چىكىتەر ۋاقتىدا «بىزگە ئوغۇرلۇقچە قارىدىڭ» دىگەننى باھانە قىلىپ ئاچ بېقىنىمىزغا ئۆلگۈدەك تىزلاپ يەرگە چاپلىۋېتىپ ماڭمايتتى...ئىشقىلىپ بىر تال قاپاقنىڭ كارامىتى بەكلا زور ئىدى. 
    بۈگۈن چۈشكە ئاز قالغاندا قاماقخانا باشلىقى يەنە بىر يېڭى مېھماننى باشلاپ ئەكىردى، قارىساق يىگىرمىلەردىن ئاشقان ياش بىر يىگىت.
    - يېڭى مېھمان كىردى ئوبدان كۈتۈۋېلىڭلار-ھە!،- دېدى باشلىق ئاۋۋالقىدەك ئۇنى بىزگە تۇنۇشتۇرۇپ قۇيۇپ گىدەيگىنىچە.
    - خاتىرجەم بولسىلا باشلىق، تازا ئوبدان كۈتىۋالمىز بۇنى!،- دېدىم مەنمۇ بوش كەلمەي ئورنۇمدىن ھىجىيىپ تۇرۇپ.
    باشلىق ئىشىكنى ئېتىۋېتىپ چىقا-چىقماي مەن ئالدىراپ ئۇنىڭدىن سورىدىم: 
    - سەن نېمە ئىش قىلغان؟
    - ئادەم ئۆلتۈرگەن!
    - نې...نې...نېمە؟
    - ئادەم ئۆلتۈرگەن!
    بۇ جاۋاپتىن كۆزلىرىم يوغىناپ ئېغىزىمغا كەلگەن تۈپۈكنى «غۇرتتىدە» يۇتۇپ يېنىمدىكى سۈرەتچىگە قارىدىم. سۈرەتچى بولغان ئەبلەخ بېشىنى ئىككى يانغا چايقاپ نېگاتىپ قالمىغانلىقىنى ئېيتتى...موتۇسىكىلىت ساتىدىغىنى بىلەن ناۋايغا قارىدىم، ئۇلارمۇ بېشىنى چايقاپ بۈگۈن سودا قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى، مەنمۇ ئۆزەمچە ئاستا شۇك بولۇپ قىلىپ ئورنۇمغا كىلىپ ئولتۇردۇم...
    ئاخىرى ئارىمىزدىكى ئەڭ يۈرەكلىك بولغان كامېر باشلىقى ئېغىز ئاچتى:
    - نېمە ئىش بىلەن كىردىڭ تەپسىلى دېگىن!
    يىگىت ئىككى بېشىنى قاماللاپ سەينادا زوڭ ئولتۇرغىنىچە ئېغىر سۈكۈتكە پاتتى ئاندىن كۈلۈپ كېتىپ گەپ قىلىشقا باشلىدى:
    - مىنىڭ ئاتا-ئانام ئادەتتىكى بىر تىجارەتچى ئىدى، مەن تۇلۇقسىزدىنلا تېببىي مەكتەپكە ئۆتۈپ قېلىپ ئۈچ يىلدا ئوقۇش پۈتتۈردۈم، لېكىن خىزمەتكە ئۇرۇنلىشالمىدىم، دوختۇرخانىلار ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن بالىلارنى ئالمىدى، ئۇلارنىڭ ئالىدىغان ئادىمىنىڭ شەرتلىرى چوقۇم ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخ بۇلىشى، تۇغۇلغان يۇرتى چوقۇم بۇ يۇرتتىن ئەمەس ئۈچ-تۆت مىڭ كىلومېتىر نېرىسىدىن بولۇشى كېرەك ئىكەن، ئىشقىلىپ مەن بۇ شەھەردىن ھېچقانداق خىزمەت تاپالمىدىم. 
    ئاخىرى ئۆزەمنىڭ قىزىقىشى بويىچە قوي-كالا باقماقچى بولدۇم، دادام مىڭ تەسلىكتەيېغىپ قويغان بەش مىڭ يۈەن پۇلىغا نەسىللىك دولان قوچقىرىنىڭ قوزىسىدىن بىرنى ئېلىپ بەردى، ئۇنىڭ كەينىمگە سېلىپ يۈرۈپ يىمەي-يېگۈزدۈم، ئىچمەي –ئىچۈردۈم، كاساپەت ئاخىرى باققىنىمغا يارىشا ئاجايىپ بىر قوي بىلىپ چىقتى، قوي بولۇپ چىققاندىمۇ ھەقىقى دولان قوچقىرى دەڭلا...بوي بەستى توپاقتەك...قۇيرىقى دېگەن...ۋاھ...ۋاھ كاساپەتنىڭ ...ھەرقانداق ئادەم قوچقىرىمنى بىرلا كۆرسە ئېغىلىمدىن كىتەلمەيتتى...
    شۇنداق كۈنلەردە شەھىرىمىزدىكى كاتتا بىر ئەمەلدارنىڭ قوچىقىرىمغا كۆزى چۈشۈپ ماڭا ئەلچى قۇيۇپتۇ، مەن ساتقىلى ئۇنىمىدىم. بىر كۈنى ئۇ كاتتا ئەمەلدار بىز تۇرۇشلۇق مەھەللىدىكى بازار باشلىقىنى بىزنىڭ ئۆيگە ئەۋەتىپتۇ، مەن ئۇ بازار باشلىقى دېگەن ئەبلەخنىڭمۇ گىپىگە كىرمىدىم، جاھىل بولغانلىقىم ئۈچۈن داداممۇ ماڭا جىق كۈچىيەلمىدى... 
    ئاخىرى بىر كۈنى ئۇ كاتتا ئەمەلدار مىنىڭ قوچىقىرىمنى ئۆزىنىڭ يۈزمىڭ كويلۇق نەسىللىك دولان ساغلىقىغا قويدۇرىۋالىدىغان بولۇپتۇ، دادامنىڭ گىپىگە كىرىپ ئۇنىڭغا ماقۇل بولدۇم لېكىن مەن قوچىقىرىم بىلەن بىللە بارىدىغان ئىش تۈگىگەندەئۇنى ئۆزۈم قايتۇرۇپ ئەكىلىدىغان بولدۇم.
    مەن قوچقارنى مىڭ بىر بالادا شۇپەك تىراكتۇرغا سېلىپ شۇپەكنى ھەيدەپ ئۇ كاتتا ئەمەلدارنىڭ شەھەرگە يېقىن يەردىكى چوڭ داچىسىغا ئاپاردىم، ئۇ كاتتا ئەمەلدار يولۇمغا قاراپ تۇرۇپتىكەن، ئىككىمىز قوچقارنى ھويلىغا تەسلىكتە چۈشۈرۈپ ئېغىل تەرەپكەئېلىپ ماڭدۇق، لېكىن شۇ چاغدا كۈتۈلمىگەن بىر ئىش يۈزبەردى...
    - قانداق ئىش يۈز بەردى؟،- دېدىم گەپنىڭ ئاخىرىغا تەقەززا بولۇپ.
    - قانداق ئىش يۈز بىرەتتى،- دېدى يىگىت كۈلگىنىچە پىشانىسىگە شاپىلاقلاپ،- بىزنىڭ قوچقار دېگەن ئۇ ھايۋان ئەقلىدىن ئېزىپ ھويلىغا كىرە-كىرمەي تال-باراڭ ئاستىدا تويغا تەييار بولۇپ ياسىنىپ ئولتۇرغان باشلىقنىڭ چىرايلىق خۇتۇنىغا تاك بولۇپ يۇرۇيدۇ، بىچارە خوتۇن قولىدىكى ئەينەكنى تاشلاپ قۇيۇپ چىقىراپ ۋاقىرىغىنىچە قېچىشقا باشلىدى... بۇ قوچقار دىگەن ھاياسىز ئەبلەخ ئۇ خوتۇننىڭ كەينىدىن قوغلايدۇ...ئۇ خوتۇن قاچىدۇ...قوچقار قوغلايدۇ...ئاللا كارامەت...قوچقار ئۇ خوتۇننى قوغلاپ بۇ ئىشىكتىن كىرىپ ئۇ ئىشىكتىن چىقىدۇ...ئۇ خوتۇن قوچقىرىمنىڭ ئالدىدا قورقۇپ قېچىپ ئۇ ئىشىكتىن كىرىپ بۇ ئىشىكتىن چىقىدۇ...قارىسام يېنىمدىكى ئۇ كاتتا ئەمەلدار ئاغىزىنى تۇتۇپ كۈلگىلى تۇرماسمۇ...
    ئىچىمدە دەپتىمەن «خۇدايا تۆۋە، جاھاندا مۇشۇنداقمۇ ئەر كىشى بۇلىدىكەن، ئىسىت بۇنىڭ ئەر بولۇپ قالغىنىغا، ئۆز خەلقىنىڭ ئالدىدا گۇيا شىردەك ھەيۋە بىلەن تۇرغان، ئۆزىدىن يۇقۇرلارنىڭ ئالدىدا پاھىشىدەك كۆتىنى تولغاپ نايناقلاپ يۈرگەن، چىچاي سىنىڭ ئەمەلدارلىقىڭغا!...»، شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىمدا قوچقىرىمنىمۇ توسمىدىم.
    بىردەمدىن كېيىن ئۇ خوتۇن ئەقلىگە كىلىپ ھويلىدىكى شوتنىڭ بالدىقىغا چىقىۋېلىپ ھاسىراپ يىغلاشقا باشلدى، يېنىمدىكى ئۇ كاتتا غۇجام تېخىچە كۈلكىسىنى توختىتالمايۋاتاتتى....
    تۇيۇقسىز قوچقار دېگەن ئەبلەخ بىز تەرەپكە قاراپ يېنىمدىكى تاماشا كۆرىۋاتقان ئۇ كاتتا ئەمەلدارنى نىشانلاپ كەينىگە داجىشقا باشلىدى...ئېغىزىمغا ئىسسىق سۇكەلدى...بۇ ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى ئەمەس ئىدى...
    قوچقار كەينىگە ئوبدان يېنىپ بولۇپ ئالدىغا ئېتىلغىنىچە كاتتا ئەمەلدار تەرەپكە ئېتىلدى... باشلىق دەرھال قاچتى...ئاڭغىچە قوچقار ئۇنىڭغا يېتىشىۋالدى...
    ئىچىمدە« ئاھ خۇدا ...قوچقار ئەمدى بۇ كاتتا زاتنى ئۈسۈپ قوۋۇرغىسىدىن ھېچ بولمىغاندا ئىككى-ئۈچنى سۇندۇرۋېتىدىغان بولدى» دەپ كۆزۈمنى يۇمىۋالماقچى بولدۇم...لېكىن قوچقار دېگەن بۇ ھايۋان ئۇ كاتتا ئەمەلدارنى ئۈسۈش ئەمەس بەلكى ئۇنىڭغىمۇ تاك بولۇپ يۈرمەسمۇ...
    بۇ قاملاشمىغان ئىشنى كۆرۈڭ ...كاتتا كىشى ھاسىراپ قېچىشقا باشلىدى...قوچقار توختىماي قوغلاشقا باشلىدى...كاتتا ئەمەلدار بۇ ئىشىكتىن كىرىپ ئۇ ئىشىكتىن چىقىدۇ...قوچقار بولسا ئۇنى قوغلاپ بۇ ئىشىكتىن كىرىپ ئۇ ئىشىكتىن چىقىدۇ...ئەمدىلىكتە شوتنىڭ ئۈستىدىكى خوتۇن كۈلگىنىچە ئويۇن كۆرۈشكەباشلىدى...مەنمۇ تاماششا كۈرۈش ئۈچۈن قوچقارنى توسمىدىم...
    بىر چاغدا قارىسام ھويلىدا يا باشلىق يوق...يا قۇچقىرىم يوق... «بۇ ئەبلەخ قۇچقىرىمنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈپ قويمىسۇن يەنە؟!» مەن بۇلارنى ئويلاپ دەرھال ئۇنىڭ  ئۈيىگە كىردىم، قارىسام خوتۇنىچىلىك ئەقلى يوق بۇ بىر نېمە قوچقاردىن قورقۇپ زال ئۆيىدىكى ئارقا ئىشىكتىن ئۇدۇل ئۆيىنىڭ كەينىدىكى قۇي ئېغىلىغا قاراپ يۈگۈرىۋاتىدۇ، مەن يۈگىرەپ چىقىشىم قوچقار دېگەن ئەبلەخ ئۇنىڭ كەينىدىن يىتىشىۋېلىپ ئۇنىڭغا تاك بولغىنىچە ئۇنى قىستاپ كاللىسىنى قوي ئېغىلىنىڭ غارال ئارلىقىغا تازا پاتتۇرۇپ  ئۇنىڭغا ۋەھشىلەرچە ھۇجۇم قىلغىلى تۇرۇپتۇ...
    ئالاھىزەل يېرىم سائەتلەردىن كېيىن قوچقىرىم دېگەن بۇ ھاياسىز  يېڭى تېپىۋالغان ساغلىقىنى قۇيىۋېتىپ يېنىمغا ھاسىراپ كەلدى... كاتتا كىشىنىڭ چىرايى سارغايغان ھالدا غارالنىڭ ئارلىقىغا بېشىنى تىققان پېتى خاخىراپ يىغلاپ پوتلا-مىشقىسىنى ئېقىتقىلى تۇرۇپتۇ، ئۇنىڭ غارالغا كەپلىشىپ قالغان خاپان بېشى بىلەن خېلى ھەپىلىشىپ باققان بولساممۇ پەقەت چىقىرالمىدىم، بۇ كاساپەت بايام كاللىسىنى قانداق بۇلۇپ بۇ غارالغا پاتقۇزغان بولغىيتتى، ئاخىرى بولماي ئۆيىنىڭ بىر يەرلىرىدىن كەكە-پالتا دىگەندەك بىر نەسىلەرنى ئىزدەپ تېپىپ مىڭ بىربالادا غارالنىڭ بالدىقىنى چۇۋۇپ ئاندىن ئۇنىڭ مۇبارەك بېشىنى غارالدىن چىقاردىم، قارىسام ئۇ ماڭا قاراپ ساراڭدەك ھىجايغىنىچە ئىككى قۇلى بىلەن ئىشتىنىنىڭ كەينىنى تۇتۇپ تۇرىۋاپتۇ...
    - نېمە ئىش بولدى ئاكا؟،- دېدىم ئۇنى خىجىل قىلماسلىق ئۈچۈن بىلمەسكە سېلىپ.
    - ھە...ھە...ھېچ ئىش بولمىدى!،-دېدى ئۇ گېلىنى قىرىپ ئىلگىرىكى مۇغەمبەرلىكىنى تاشلىماي.
    - قارىسام تامبىلىڭىزنىڭ كەينى تىكىشى قۇيۇپ بەرگەندەك قىلىدۇ!،-دېدىم ئۇنىڭ يۇغانلىق كىبىرىنى كۆتۈرەلمەي قەستەن چېقىشىپ.
    - ھە شۇنداقمۇ؟،-دېدى ئۇ غارالغا يۆلىنىپ تۇرۇپ تازا بىر تىنىۋالغاندىن كېيىن ماڭا سەپسېلىپ قاراپ،- سەن ھەممىنى كۆردۈڭما؟
    - كۆردۈم!
    - نېمىنى كۆردۈڭ؟
    - قوچقارنى قوچقارغا قويغاننى!
    - ئەستەخپۇرۇللاھ...سەن نېمە ئىش قىلىسەن ئۇكام؟
    - تېببىي تېخنىكومنى پۈتتۈرۈپ ئۆيدە خىزمەت كۈتۈپ ئولتۇرۇۋاتىمەن ئاكا!
    - ئەتە ئەتتىگەن ئارخىپىڭنى ئېلىپ ئىشخانامغا بار، يېزا شىپاخانىغا چىقىپ ئىشلەيسەن!
    «چۈشۈممۇ-ئۇڭاممۇ بۇ، مەندەك بىچارىگە نەدىكى خىزمەت ئۇ ...ھەر قاچان چۈشكۆرىۋاتىمەن...»
    - ياق شەھەردە ئىشلەيمەن!،-دېدىم چۈشۈمدە بولسىمۇ بۇ گەپلەرنى ئېيتىۋېلىش ئۈچۈن.
    - شەھەردە ئىشتات يوق!
    - ھېلىقى يەرلەردىن يالغان دىپلۇملۇق نان قېپىلاردىن يىلىغا بىر-ئىككى مىڭنى ئاچىقسىڭىز ئىشتات باركەنۇ، مەندەك قوچقارنىڭ ئىگىسىگە ئىشتات يوقما؟
    مەن «قوچقار» دېگەن سۆزنى ۋەزنىلىك قىلىپ ئېيتتىم، ئۇ بىردەم شۇك تۇرۇپ قېلىپ ئېغىز ئاچتى:
    - بۈگۈن كۆرگەن ئىشنى ئىنسانغا تىنماسلىققا قەسەم ئىچەلەمسەن؟
    - قەسەمنى شەھەرلىك دوختۇرخانىغا رەسمىي ئىشقا چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن ئىچىمەن!،-دېدىم مەنمۇ بوش كەلمەي.
    - بۇپتۇ، ئەتە ئىشقا چۈشىسەن، ئارخىپىڭنى ئىشخانامغىلا يەتكۈزۈپ بەر!
    مانا مۇشۇنداق قىلىپ قوچقىرىمنىڭ كارامىتىدە شەھەرلىك دوختۇرخانىنىڭ تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە رەسمىي ئىشقا چۈشتۈم، لېكىن بۇ ئاسايىشلىق كۈنلەر ئۇزۇنغا بارالمىدى، بىر كۈنى دوختۇرخانا باشلىقى يېغىن ئېچىپ «شەھەرلىك جامائەتخەۋىپ سىزلىك ئورۇنلىرى بىلەن تېرورچىلارغا قارشى مانېۋىر ئۆتكۈزىمىز، بىزنىڭ ۋەزىپىمىز يارىدار بولغانلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش، ھەرقايسى بۆلۈملەر بۇ ئىشقايۈكسەك سىياسى ئاڭ بىلەن قاراپ سىياسى ۋەزىپە قاتارىدا بىجىرىشى كېرەك!» دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى، بۆلۈمدىكىلەر مىنى بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىگە ئاجراتتى، بىز شۇنداق قىلىپ ئون نەچچە دوختۇر-سېسترا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىغا بېرىپ مانېۋىرىنىڭ ئالدىنقى تەييارلىق خىزمەتلىرىگە قاتناشتۇق، مانېۋىرنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى:
    مەلۇم بىر جايدا تېرورچىلار بىلەن ساقچىلار تۇتۇشۇپ قالاتتى، دوختۇرخانىغا خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن بىز بىر قانچە دوختۇر-سېسترا ماشىنا بىلەن ئۇلارنى جىددى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۇلار يارلانغان نەخ مەيدانغا بېرىپ يارىدار بولغان ساقچى ۋە تېرورچىلارنى نوسىلكىغا سېلىپ ماشىنىغا ئالاتتۇق ھەم دوختۇرخانىغا ئەكېلەتتۇق. دوختۇرخانىدىن كەلگەن بالىلارنىڭ بىر قىسمى تېرورچىنىڭ رۇلىنى ئالاتتى، بىرقىسمىمىز دوختۇر-سېسترانىڭ رولىنى ئالاتتۇق.
    ھەممە تەييارلىقلار پۈتۈپ مانېۋىر باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى، نەخ مەيدانغا ئاپتونوم رايۇننىڭ نۇرغۇن كاتتا رەھبەرلەر كىلىپ مەخسۇس لېنتا كەستى، نەچچە يۈزمىڭ يۈەنگە تەكلىپ قىلىنغان دۆلەت دەرىجىلىك ئارتىسلار ناخشا-ئۇسسۇل دىگەنلەردىن چاڭ چىقىرۋەتتى، يېزا-بازارلارغا بىرمۇنچە بوۋاي-مومايلارنى ئەكىلىپ ئۇسۇلغا سېلىش ۋەزىپە قىلنىدى...پۈتۈن ئىدارە-جەمئىيەتنىڭ ئىشچى خىزمەتچىلىرى بىر كۈن ئىش توختىتىپ مەيداندىكى قاقىرام ئاپتاپتا ئېغىزىنى ھاڭ ئاچىقىنىچە ئېغىزىدىن كىرگەن چىۋىننىڭ بۇرنىدىن قانداق چىكەتكەنلىكىنى سەزمىگەن ھالدا ئولتۇرۇشاتتى ... نۇتۇق سۆزلىگەنلەر بۇقېتىمقى مانېۋىرنىڭ ئەھمىيتىدىن ھاياجانلىنىپ قان-يامغۇر يىغلاپ، ياقا-كۆينەكلىرىنى يىرتىشىپ،  ئۆزىنى ئۆزى يەرگە ئېتىپ بۇ قېتىمقى مانېۋرنىڭ دۇنيا تارىخىدا مىسلى كۈرۈلمىگەن ھەرىكەت بۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشۈپ دۇنيا خەلقىگە ئۆزلىرىنىڭ پۇلاتتەك ئىرادىسىنى بىلدۈرۈشىۋاتاتتى...
    بىز ئىشخانىدا تېلېفون ساقلاپ ئولتۇراتتۇق، ئۇشتۇمتۇت تېلېفون جىرىڭلىدى، بىزماشىنىنىڭ قۇلاقنى يارىدىغان سىگنالىنى قۇيىۋېتىپ نەخ مەيدانغا يىتىپ بارغاندىن كېيىن ئالدىراپ يەرگە چۈشۈپ نەخ مەيداندا ياتقان توققۇز-ئونچە ئادەمگە سەپسالدۇق.
    يەردە ياتقان ساقچىلار خىزمەت كىيىمى ۋە  ئىزناك-گىربىلەرنىڭ تۇپىغا مىلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ پۇقراچە كىيىملىرىنى كىيىۋاپتىكەن، بىز زادى قايىسىسىنىڭ ساقچى ، قايسىسىنىڭ تېرۇرچى  ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي قالدۇق، ئاڭغىچە باش دوختۇرىمىز «تىز بول!» دەپ ۋارقىرىدى. مەن بەك جىددىيلىشىپ كەتكەچكە ئالدىمدا ياتقان بىرسىنى دەرھال نوسىلكىغا سېلىپ شېرىكىم بىلەن ئۇنى كۈتۈرۈپ قۇتقۇزۇش ماشىنىسغا ئېلىپ ماڭدىم، بىر چاغدا بىرسى قۇلاق تۈۋۈمگە شۇنداق قاتتىق بىرنى سالماسمۇ؟ مەن نېمە بولغانلىقىمنى بىلەلمەي ئايلانغاندەك بولۇپ ئورنۇمدا دەلدەڭشىگىنىمچە قولۇمدىكى نوسىلكىنى قۇيىۋەتتىم.
    بىر چاغدا نوسىلكىدا ياتقان بىرسى «ۋاي بېشىم!» دىگنىچە ئورنىدىن چىيقىراپ قوپتى، قارىسام نوسىلكا قولۇمدىن چۈشۈپ كەتكەندە ئۇ بىچارىنىڭ كاللىسى يەردىكى چوقچىيىپ تۇرغان تاشقا چۈشۈپ كەينى مېڭىسى ئېتىلىپ كىتىپتىكەن، قىپقىزىل قان بىردەمدە ئۇنىڭ قۇلاق يۇمشىقىدىن  سىرغىپ ئېقىشقا باشلىدى، تېرورچىنىڭ سەھنىدە ئوسۇل ئويناپ ھېرىپ كەتكەن ئۆلەي دەپ قالغان چوڭ ئانىسى ئامىراق نەۋرىسىنىڭ قانغابويىلىپ كەتكەنلىكىنى كۈرۈپ«بالامنى تۈلەپ بەر!» دىگىنچە يەردىن قۇلىغا بىر تاشنى ئېلىپ دوڭغاقشىپ ھاسىرغىنىچە يۈگىرەپ كەلدى-دە قۇلىدىكى تاش بىلەن بېشىمغا كىلىشتۈرۈپ بىرنى سالدى،  ئاندىن شۇيەردىلا ئاغىزىدىن كۆپۈك ياندۇرۇپ ئوڭدىسىغا يېقىلىپ چۈشتى، مىنۇتقا قالماي مىنىڭمۇ يۈز-كۈزۈم قانغا بويالدى...
    -ۋۇ ئەبلەخ، كىمنى قۇتقازغانلىقىڭنى بىلەمسەن؟،- دەپ ۋارقىرىدى بۇ قېتىمقى مانېۋرغا مەسئۇل باشلىق  تەلەتىنى بۇزۇپ ھۆركىرگىنىچە.
    ئەسلىدە قۇلۇقىمنىڭ تۈۋىگە بىر مۇشت سالغىنى مۇشۇ باشلىق ئىكەن.
    - كىمنى قۇتقۇزۇپتىمەن؟،- دەپ ۋارقىرىدىم مەنمۇ ئاچچىقىمدا دادامدىن يەپ باقمىغان تاياقنى بۇنىڭدىن يىگىنىمنى كۆتۈرەلمەي يۈز-كۈزۈمدىكى قاننى سۈرتكەچ.
    - سەن ساقچىنى ئاۋۋال قۇتقۇزماي تېررورچىنى باشتا قۇتۇلدۇردۇڭ! مۇشۇ ئىشىڭ ئۈچۈن سىياسى بولۇپ تۈرمىدە ياتىسەن!،-دېدى ئۇ يەنە ئالدىمغا داپشۇنۇپ كىلىپ.
    -   مەن قانداق بىلىمەن، يا پىشانىسىدە تېرۇرچى دەپ يېزىلمىغان تۇرسا!،-دەپ قاتتىق ۋارقىرىدىم لېكىن مەن «سىياسىي» دېگەن گەپنى ئاڭلاپ يەنە  جىمىپ قالدىم، چۈنكى «سىياسىي» دېگەن گەپنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تازا ئوبدان بىلەتتىم.
    چۈشتىن كېيىنكى مانىۋېردا رەھبەرلىك مىنىڭ سەۋەنلىك ئۆتكۈزگىنىمنى بىلىپ مىنى تېرورچىنىڭ رۇلىنى ئوينايدىغان تىزىملىككە كىرگۈزۈپ قويدى، ئاندىن دوختۇر-سېستىرالارنىڭ تېرۇرچى بىلەن ساقچىلارنى ئۇبدان پەرىقلەندۈرۈشى ئۈچۈن تېرۇرچىنىڭ رولىنى ئالدىغانلارنىڭ بېشىغا دوپپا كىيگۈزۈپ  يۈز-كۈزىمىزگە بۇرۇت-ساقال سىزىپ قۇيىدى، ئەسلىدىغۇ ماڭا بۇرۇت سىزىپ قويمىسىمۇ بۇلاتتى لېكىن يېقىندىن بىرى يۇقىرىدىن ئۇقتۇرۇش چۈشۈپ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بۇرۇت قويغانلىرىدىن ھەسسىلەپ جەرىمانە ئېلىنىۋاتقاچقا مەنمۇ بۇرۇتۇمنى چۈشۈرۈپ ئۈلگۈرگەن ئىدىم، شۇنداق قىلىپ مەن چۈشتىن كېيىنكى مانىۋېردا تېرورچىلارغا بۇغداي ئۇنى يەتكۈزۈپ بىرىدىغان پوستەكچى تېرورچىنىڭ رۇلىنى ئالىدىغان بولدۇم، بۇ قېتىمقى نەخ مەيداننىڭ ئورنى ئۇدا ئىككى-ئۈچ قېتىم ئۆزگەردى، مەن ئاڭغىچە بىر تاغار بۇغداي ئۇنىنى دولامغا ئېلىۋېلىپ ئۇيەردىن-بۇيەرگە كۈتۈرۈپ ھاسىراپ يۈردۈم، ھېرىپ ھالىمدىن كېتەي دىگەندە نەخ مەيدان ئورنى ئاخىرى مىنى ئۇرغان باشلىقىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى بىر سۇ تۈگمىنىگە بېكىتىلدى...
    پىلان بويىچە مەن تۈگمەننىڭ ئىچىدە بىر خالتا ئۇننى كۆتەرگەن پېتى ئۆلۈپ قالىدىغان بولدۇم...باشقىلار سىرتلاردا يارىلىنىدىغان بولدى...
    مانېۋىر باشلاندى، مەن تۈگمەننىڭ ئىچىگە كىرىپ ئاخىرى ئۆشنۈمدىكى ئېغىر يۈكتىن قۇتۇلۇپ ئارام خۇدا بېشىمنى ئۇن خالتىسىغا قۇيۇپ ياتتىم، بۇ بىر خالتا ئۇننى نەچچە سائەتتىن بىرى كۈتۈرۈپ يۈرۈپ بەكلا چارچاپ كەتكەن ئىكەنمەن، بېشىمنى قۇيۇپ ئۇھ دېگىنىمچە مانېۋىرىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى كۈتۈپ ئاسمانغا قاراپ ياتتىم...ھېلى تۈگە...ھېلى تۈگە ...بىر چاغدا ئۇيقۇغا كىتىپتىمەن...
    بىر چاغدا بىر كىملەرنىڭ تۈگمەنگە كىرگەن شەپىسىدىن ئويغىنىپ بېشىمنى كۈتۈرۈپ قارىسام ئالەم قاپقاراڭغۇ، تۈگمەنگە كىرگەنلەر قۇلىدا ئېلېكتر تۇتىۋېلىشقان ئىكەن،مەن مانېۋىر كېچىگە ئۆزگەرگەن ئوخشايدۇ دەپ جايىمدا شۇك ياتتىم، بىر چاغدا بىرئايال بىلەن بىر ئەرنىڭ غۇڭۇلداشقان ئاۋازى ئاڭلاندى، ئۇلارنىڭ پارىڭىدىن ئاندىن  مانېۋىرنىڭ تۈگەپ ھەممىسىنىڭ تارقىلىشقانلىقىنى بىلدىم، ئەسلىدە خىزمەتداشلىرىم مىنى ئۇنتۇپ قېلىشىپتىكەن.
    ئۇيقۇمنى بۇزغان بۇ بىر جۇپ كاساپەتلەر بېشىمغا كىلىپ مۇڭدىشىشنى باشلىۋەتتى:
    - ئاچا ئۇ سىزنى ئىزدەپ قالماس-ھە؟
    - ۋاي قۇيە ئۇ مىنى ھېلىقى كاتتىلىرى بىلەن بىللە دەپ ئويلاغلىق!
    - ھەر نېمە دېگەن بىلەن باشلىقىمدە...
    - بۈگۈنكى سورۇندا ئۇنىڭغا خوتۇن بولغانغا تويدۇم ، ھېلى يۇقىرىدىن كەلگەنلەرنى تانىسىغا تارت دېگەن، ھېلى ئۇلارنى ئىچىدىكى ئۆيگە ئەكىرىپ ئاچىق دېگەن، ھەر نېمەبولسا ئۇخلاپ قالدى ئۇ ئەبلەخ...
    - ئاچا باشلىقنىڭ سىزنى ئۇلارنى ئىچىدىكى ئۆيگە ئەكىرىپ ئاچىق دىگىنى... 
    - شۇنىمۇ بىلمەمسەن، ئۇنىڭ ئۇنداق دىگىنى «ئۇلارنى ئىچىدىكى ئۆيگە ئەكىرىپ كۆڭلىنى ئالغىن، ئىش يېرىم بولغاندا مىنى ئۆستۈرىدىغان ئىشنى دەپ ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن ئېنىق ۋەدە ئالغىن!» دىگىنى بولمامدۇ...
    - پۇل بولسىلا بولمامدىكەن ئۇلارغا؟
    - يالغۇز پۇل بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ، تامغسى يوق پاسپورت ئۈتەمدۇ ئۇكىجان! 
    - ئۇ كاتتا مېھمانلار قايسى يۈزى بىلەن سىزگە...
    - ساڭا بىر گەپنى دەپ بىرەيمۇ قۇرغۇيۇم...
    - قېنى.
    - ئىنسانغا تىنما!
    - خاتىرجەم بۇلۇڭ!
    - ئۇ كاتتىلار تازا مەس بولغاندا ماڭا نېمە دەيدۇ بىلەمسەن؟
    - نېمە دەيدۇ؟
    - ئۇلار مەستلىكتە ئاستا كىلىپ مىنىڭ قۇلىقىمغا « بىزنى تونىمايدىغان سەھرالىق يىگىتلەردىن بىر قانچىنى چاقىرىپ بېرىڭ!» دەيدۇ. مەن چىقىپ بىزنىڭ مۇشۇ ئەتراپتىكى ھاراقكەش يىگىتلەردىن بىر قانچىنى چاقىرىپ بىرىمەن...
    - ئۇلارنى نېمە قىلىدىكەن؟
    - نېمە قىلاتتى، قارىسام ئۇ كاتتىلار بىردەمدە قىزلاردەك نازلىنىپ مەن باشلاپ ئەكىرگەن يىگىتلەرنىڭ يانچۇقىغا پۇل سېلىپ قۇيۇپ ئىچكىرىدىكى ئۆيلەر ئەكىرىپ كىتىشىدۇ...
    - ھەممىسى شۇنداق قىلامدۇ؟
    - ھەممىسى قىرقىغاندەك ئوخشاش، شۇڭا ھە دىسە خىزمەت تەكشۈرىمىز، تۈۋەنگە چۈشىمىز دەپ قاشتېشى، ئالتۇن دىگەنلەرنى چامادانىغا توشقۇزۇش ئۈچۈن بۇ يەرلەرگە كىلىۋالىدۇ، ئۆز يۇرتىدا قىلالمىغان ئەشۇنداق بەچچىۋازلىقنىمۇ مۇشۇ يەردەقىلىۋالىدۇ!
    - ئەركىشى تۇرۇپ قىلغان ئىشىنى...
    - خەلققە زۇلۇم قىلىپ، كىشى ھەققىنى يېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى خۇدايىم ئەشۇنداق ئۇسۇلدا جازالايدىكەن، خەلقنىڭ ھەققىنى يېگەن ئۇنداق ئەرلەر ئاخىرى ھەزىلەككە خوتۇنلىرى جالاپقا ئايلىنىدىكەن!
    ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم، قوچىقىرىمنىڭ نېمە ئۈچۈن ھېلىقى كاتتا زاتنىڭ بېشىنى غارالنىڭ ئارلىقىغا يېرىم سائەت كەپلەپ قويغانلىقىنىمۇ چۈشەنگەندەك بولدۇم.
    ئۇلار يەنە گىپىنى داۋاملاشتۇرۇشقا باشلىدى:
    -   قۇرۇق گەپنى قۇيۇپ مانېۋىرنى باشلايلى ئۇكىجان!،-دېدى ئۇخوتۇن كۈلگىنىچە ئاۋازىنى قۇيىۋېتىپ.
    -   باشلىساق باشلىدۇق، سىز تېرورچىمۇ ياكى مەنمۇ؟
    -   سەندەك تۇغما ئەركەكلەر تۇرغان يەردە مەندەك ئاياللار تېرۇرچى بولسام ياراشماس!،- دېدى ئۇ خوتۇن نازلىنىپ كۈلگىنىچە.
    -   ئەمىسە باشلىدۇق!
    -   قاتتىق قوپال تېرۇرچىلادىن بۇلۇڭ جۇمۇ؟
    -   چاتاق يوق!
    -   ئامېرىكا كىنولىرىدىكى تېرۇرچىلاردىن بۇلىڭە بولمىسا ئۇلار بەك ۋەھشى؟
    -   تېرۇرچىلارنىڭ ئەڭ ۋەھشىلىرى «زۇلمەتلىك توپراق»رومانىدىكى تۈركمەنىستان تېرۇرچىلىرى ئاچا!
    -   مەن ئۇ روماننىڭ گىپىنىغۇ باشقىلاردىن ئاڭلىغان ئەمىسە ئاشۇلاردەك بىر ۋەھشى بۇلىڭە ئۇز جېنىم...خۇددى قامچا بىلەن نۇر ئوينىغاندەك...
    -   ماقۇل ئاپاق خېنىم!
    ئۇخوتۇن گېلىنى قىرىپ قۇيۇپ ئارتىسلاردەك گەپ قىلىشقا باشلىدى:
    -   بۇ كېچىدە ئۆيۈمگە باستۇرۇپ كىرگەن كىمسەن؟
    -   تېرۇرچى!
    -   مەن نېمە قىلدىم؟
    -   سەن مىللى مۇناپىق، رۇسلارغا ياخشى بولۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئادالەتسىز ھاكىمىيىتىگە قارشى چىققان قېرىنداشلىرىمىزنى تېرۇرچى، بۈلگۈنچى دەپ تۇتۇپ بەردىڭ!
    -   رۇسلار ئادىلغۇ؟
    -   بايلىقىمىزنى بۇلان-تاراڭ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئادىلما، ھەق گەپتىن بىر ئېغىزنى قىلغانغا تۈرمىلەرگە سۇلاپ نەچچە يىللىق كىسىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئادىلما؟ باراۋەرلىكىنى تىلغا ئالماي ئىتتىپاقلىقنى بىزگە تاڭغانلىقى ئۈچۈن ئادىلما؟ سانىسز رۇسلارنى بۇ يەرگە يۆتكەپ بىزنى يەرسىز، ئىشسىز قويغىنىغا ئادىلما؟ ئېيتە قانجۇق ئەمىلىيەتتە بىز تېرۇرچىمۇ ياكى ئۇلار تېرۇرچىمۇ؟...
    -   لېكىن مەن گۇناھسىز...
    -   بىز كىم ئۈچۈن تېرورچى بولدۇق؟ سىنىڭ باللىرىڭ ئۈچۈن ،كەلگۈسى تۈركمەن ئەۋلادلىرى ئۈچۈن مۇشۇ نامغا قالمىدۇقمۇ؟ ئاددى بىر ئىنسانلىقىمىز بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ماكانىدا ياخشىراق بىر ياشاش ھۇقۇقىنى تەلەپ قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن بىز تېرۇرچى بولدۇقما؟ باراۋەرلىك تەلەپ قىلغانلىقىمىز ئۈچۈنلا  بىز مۇشۇنداق تېرۇرچى ئاتالدۇقما؟
    -   ئۇغۇ شۇ ...
    -   سەن ئېرىڭ بولغان مىللى مۇناپىق ئالدىغا چىقمىسا ئۇ توڭغۇزلار بىزنىڭ ۋەتەندە نېمە ئىش قىلالايتتى، ئىرىڭ بىزنى ئۇلارغا تۇتۇپ بىرىپ قانچىلىك پايدا ئالالىدى؟ ئىرىڭ رۇسلارغا ھەرقانچە يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ بەرسىمۇ بىردىغىنى شۇ ماشىنىنىڭ ئالدى ئۇرۇندۇقى بىلەن مۇئاۋىنلىق!... ئىرىڭگە دەپ قوي مال ھامان ئىگىسىگە قايتىدۇ، ۋەتەن ئەزەلدىنلا بىزنىڭ! زالىم رۇسلار تۆگە قۇشىدەك كىچىككىنەكاللىسىنى تۇپىنىڭ ئاستىغا تىقىۋېلىپ «مەن يۇشۇرنىۋالدىم، مىنى ئەمدى ھېچكىم كۆرەلمەيدۇ!»دەپ جار سالغىنى بىلەن ئۇنىڭ تۈگىدەك بوي-بەستى، قوغاچتەك كۆتى جاھان-ئەھلىگە مانامەن دەپ ئاشكارا بولۇپ بولدى! ئۇلار ھامىنى قوغلاندى بولىدۇ، سىنىمۇ بىزگە تاشلاپ بىرىپ ئۆزى چىكىتىپ قالىدۇ، شۇ چاغدا يەتتە ئەۋلادىڭنىڭ قىرىلىپ كىتىشىدىن،خەلىقنىڭ لەنىتىدىن قورقمامسەن؟ سەن ئۇلارنىڭ تۈركمەنىستاندا قانچىلىك ناھاقچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەمسەن؟ سەن مۇناپىققا ئۆلۈممۇ ئازلىق قىلىدۇ!
    -   ئۇنى ئېرىم قىلسا مىنى جازالامسىز؟
    -   شۇنداق!
    -   قانداق جازالايسىز؟
    -   تەن جازاسى بىرىمەن، كىيىمىڭنى تىز سال!
    -   سالاي غۇجام سالاي! قانداق تەن جازاسى بىرىسىز؟
    -   ساڭا قىرىق دەررە كالتەك جازاسى بىرىمەن!
    -   ۋاھ...ۋاھ!... قىرىققا قىرىقنى قۇشۇپ سەكسەننى بىرىڭە ئۇز ئەركىكىم غۇجام!
    -   تىز بول!
    -   ماقۇل غۇجام تىز بۇلاي،-دېدى ئۇ خوتۇن ھاپىلا-شاپىلا بىر نېمىلىرىنى سالغىنىچە ھاسىراپ،- ئىسىت... ئىسىت... ئىرىمنىڭ گۇناھىغا قاراپ تەن جازاسىنى ئاشۇرۇدىغانلىقىنىڭىز بىلگەن بولسام ئەمىلى ئىرىمدىنمۇ چوڭراق بىرسىگە خوتۇن بۇلاركەنمەن، رۇسلارنىڭ غالچىسى بولغان، ئۆز خەلقىنىڭ قايغۇسىدىن ئۆزى خۇشاللىق تاپىدىغان بۇ مىللى مۇناپىقنىڭ ئۆيىدە كۈندە گۆش-كاۋاپ يەپ بىر ئۆمۈر باياشات ياشىغىنىمدىن كۆرە سىزدەك مىللەت-خەلقىمنىڭ غېمىنى يەيدىغان ئىمانى ئەركەك كالتەكچى باتۇرنىڭ قېشىدا ئۇماچ ئىچىپ بىر مىنۇت تۇرغىنىم مىڭ ئەۋزەلكەن ئەمەسمۇ...ئۇز تاتلىق تېرۇرچى غۇجام!...
    «قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئىككىسىنىڭ ئۇن تارتىدىغان تۈگمەندە ناشايان ئىش قىلىپ يۈرىشىنى توسۇش كېرەك، بولمىسا بۇ پاسكىنىچىلىقتىن باشقا بىگۇناھ خەقنىڭ ئەقلى بولغانمامدۇ؟»
    مەن ئۇلارنىڭ ئۆتكۈزىۋاتقان مانىۋېرىغا چىدىيالماي ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلدىم، ئىككى زىناخور«ۋاي ئانا!»دېيىشكىنىچە يېنىدىكى قول چىراقنى يۇرتۇپ يۈزۈمگە تۇتتى ئاندىن مىنىڭ چىرايىمنى كۆرۈپ «ۋاي جىن!» دەپ چىقىراشقىنىچە شۇك بولۇپ قېلىشتى، جىننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ مەنمۇ دەرھال بۇ ئىككى يالىڭاچنى تاشلاپ قويۇپ تۈگمەندىن بەدەر قاچتىم، ئۆيگە كىلىپ ئەينەككە قارا دىگەندەك بولۇپ ئەينەككە قارىسام يۈز-كۈزى ئاپئاق بىر جىن ماڭا قاراپ تۇرماسمۇ، مەنمۇ «ۋاي ئانا!...» دېگىنىمچە ئەينەكنىڭ ئالدىدىن قاچتىم، ئەسلىدە ھېلىقى بىر خالتا بۇغداي ئۇنىنى بېشىمغا قۇيۇپ ياتقان چېغىمدا يۈز-كۈزۈم شۇ ئۇن بىلەن پۇخۇندىلىپ ئاقىرىپ مۇشۇنداق ئالۋاستىغا ئوخشاپ قالغان ئىكەنمەن ،ھېلىقى زىناخورلارنىڭ مىنىڭ چىرايىمدىن قورقۇپ ئايلىنىپ كىتىشىمۇ مۇشۇنىڭدىن بولغان ئىكەن.
    ئەتىسى ئاڭلىسام مىنى ئۇرغان ھېلىقى باشلىقنىڭ ئايالى بىلەن ئۇنىڭ شوپۇرى تۈگمەندە ئۆلۈپ قاپتىمىش، ئۇلارغا بىر تۇرۇپ يۈرۈگۈم ئېچىشتى، بىر تۇرۇپ زىناخورلۇق قىلغىنىغا خوپ بولسۇن دېدىم... 
    ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتمەي ئىككىيلەن بىر ئېغىر بىمارنى نوسىلكا بىلەن بۆلۈمىمىزگە كۈتۈرۈپ ئەكىرىشتى، قارىسام بۇ كېسەل ھېلىقى تۈگمەن بېشىدا ئۆيى بار ئەمەلدارنىڭ ئۆزى شۇ، كارىۋاتتا مەلەقتەك بىھوش ياتىدۇ، بىر قانچە كۈنلۈك تەكشۈرۈشتىن كېيىن دوختۇرخانىمىزدىكى چوڭ مۇتەخەسىسلەر ئۇنىڭغا «ئۆسۈملۈك ئادەم» بولۇپ قالغانلىق دىئاگنوزىنى قۇيۇشتى.«ئۆسۈملۈك ئادەم دىگەن گەپ-ئۆلۈك ئادەم دىگەن گەپ ئەمەسمۇ!» يا ھەرىكەت قىلامىسا، يا گەپ قىلالمىسا، يا كۆرەلمىسە، يا بىر نىمە يىيەلمىسە، يا چوڭ-كىچىك تاھارىتىنى تۇتالمىسا...
    مىنى ھەيران قالدۇرغىنى بۇنداق كاتتا ئەمەلدارنى يوقلايدىغانغا بىرمۇ ئادەمنىڭ چىقمىغىنى ئىدى، مەن بۇنىڭدىن ئەجەبلىنىپ باشقىلاردىن ئىشنىڭ تىگىنى سورىدىم، ئۇلار ماڭا«بۇ ئادەمنىڭ قولىداھوقۇق بار چېغىدا چاپىنىنى كۆتۈرۈشنى تالىشىپ نەچچە يۈز ئادەم ئۆچىرەتتە تۇراتتى، مانا ئەمدى تەشكىلنىڭ بىر ۋاراق ۋەزىپىسىنى توختىتىپ تۇرۇش قەغىزى تۈپەيلىدىن بۇ ئادەم بىر كېچىدىلا ئۆسۈملۈك ئادەمگە ئايلىنىپ ئۇنى يوقلايدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىدى!» دەپ جاۋاب بىرىشتى...
    ئۇنىڭغا بىر تۇرۇپ ئىچىم ئاغرىدى چۈنكى ئۇنىڭ تۇغماس زىناخور خۇتۇنى مەن سەۋەبلىك تۈگمەندە ئۆلۈپ قالمىغان بولسا ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان بۇلاتتى، مەن بىر ئاز ۋىجدان ئازابى تارتقاندەك بولۇپ قالدىم ئاخىرى كۆپ ئويلىنىپ ئۇنىڭ كېسىلىنى ساقايتىدىغان يېڭى بىر چارىنى ئويلاپ تاپتىم، كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا بەش مىنۇت ئولتۇرۇپ يالغاندىن بىر ۋەزىپىگە ئۆستۈرۈش ئۇقتۇرۇش قەغىزىدىن بىرنى ئۇرۇپ چىقتىم، ئاندىن ئۇ ئۇقتۇرۇش قەغىزىنى ئېلىپ باشلىق ياتقان كارىۋاتنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۈنلۈك ئۇقۇشقا باشلىدىم، دىگەندەك بۇ يېڭىچە داۋالاشنىڭ ئۆنۈمى دەرھال كۆرۈلۈشكە باشلىدى، مەن ئۇقتۇرۇشنى ئۇقۇپ« بىز بۇ يولداشنىڭ ئىلگىرىكى كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى شۇنداقلا خىزمەتتىكى باشقۇرۇش قابىلىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنى مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك كادىر قىلىپ ئاپتونوم رايۇنغا ئاشكارا تاللاپ ئۆستۈردۇق...» دېگەن يەرگە كەلگەندە دىگەندەك مۆجىزە يۈز بەردى، باشلىق بېشىنى ياستۇقتىن كۆتۈردى، كۆزىنى«لاپپىدە» ئېچىپ قۇلۇمدىكى قەغەزگە قۇلىنى سۇندى. مەن قەغەزنى ئالدىراپ ئۇنىڭ قۇلىغا بەردىم، ئۇ قەغەزدىكى «مۇئاۋىن نازىر» دېگەن خەتنى قايتا-قايتا ئۇقۇپ بولۇپ ماڭا ۋارقىرىدى:
    - ئەبلەخ!... مۇئاۋىن نازىر دىمەپتۇ، جىڭ نازىر دەپتىغۇ؟
    دەرھال خەتنى ئېلىپ قارىسام راستىنلا «جىڭ نازىر» دېگەن خەت ئىكەن، مەن ئۇپۇل-تۇپۇل ئۇنىڭغا ھىجىيىپ خۇشامەت قىلدىم:
    - مۇبارەك بولسۇن نازىر جاناپلىرى!
    باشلىق كۆزىگە ياش ئېلىپ ئۇقتۇرۇش قەغىزىنى يەنە ئۈنلۈك ئۇقۇشقا باشلىدى، خەتنى ئۇقۇپ يەنە شۇ «جىڭ نازىر» دېگەن يەرگە كەلگەندە تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئېغىزىدىن پونتاندەك قان ئېتىلىپ چىقىپ ياستۇققا بېشىنى قويغىنىچە شۇك بولۇپ قالدى، دوختۇر-سېستىرالار پاتىپاراق بولۇپ ئۇنى قۇتقۇزۇپ باقتۇق، ئەسلىدە ئۇ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش خوشلۇقىدا بەكلا ھاياجانلىنىپ كەتكەچكە يۈرىكى يېرىلىپ كېتىپ بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىپتىكەن، شۇنىڭ بىلەن تەشكىل مىنى «كېسەلنى خاتا داۋالاپ ئۆلتۈرگەن قاتىل!»دەپ بۇ يەرگە سۇلاپ قويدى، بولغان ئىش مۇشۇ بۇرادەرلەر!
    - سىنى ئۇرغان ئۇ باشلىق يۇقىرىدىكىلەرگە شۇنچە خۇشامەت قىلىپ تۇرغان يەردە قانداق بولۇپ ۋەزىپىسىدىن قالغان بولغىيتتى؟،-دەپ سورىدىم ئۇ باشلىقنىڭ ئۆلۈمىگە بىر ئاز ئىچىم ئاغرىپ.
    - نېمە ئىش بۇلاتتى،-دېدى دوختۇر يىگىت كۈلۈپ كېتىپ،- مەن تۈگمەندە ئۇخلاپ قالغان ھېلىقى ئاخشىمى يۇقىرىدىن كەلگەن ئۇ چىرىك كاتتىلار مەھەللىدىكى بەش-ئالتە يىگىتنى ئۆيگە ئەكىرىۋاپتىكەن ئەمەسمۇ؟
    -    ھە، ھېلىقى زىناخور خوتۇن چاقىرىپ ئەكىرگەن ھاراقكەشلەر...
    -    توغرا، مەھەللىدىكى بۇ شۇخ گۇيلار كاتتىلارنىڭ بەرگەن نەچچە يۈز يۈەن پۇللىرىنى چۆنتىكىگە سېلىپ بولغاندىن كېيىن ئالدىن تەييارلاپ قويغان سەۋزە-تۇرۇپ دىگەندەك نەرسىلەرنى يانچۇقىدىن سۇغۇرۇشۇپ ئېلىپ ئۇلارنىڭ كۆتىگە تىقىپ قۇيۇپ قېچىپ كىتىشىپتۇ، ئەتىسى ئۇ كاتتىلار مەستلىكىدىن يېشىلىپ كۆتىگە تىقىپ قۇيۇلغان دانىسى نەچچە كىلۇگىرام كىلىدىغان سەۋزە-تۇرۇپلارنى تەسلىكتە سۇغۇرۇپ ئېلىشىپ ئۆزلىرىنىڭ نەچچە يىللاردىن بىرى مۇشۇنداق ئاخماق بولۇپ كەلگەنلىكىنى بىلىشىپتۇ، ئاندىن جان ئاچچىقىدا بارلىق ئۈچىنى بۇ باشلىقتىن ئېلىپتىكەن ئەمەسما!
    بىز بۇ گەپتىن بولدى دىگۈچە كۈلۈشۈپ تۇرغىنىمىزدا كامىرنىڭ ئىشىكى تۇيۇقسىز قاتتىق جالاقشىپ ئېچىلدى.
    - ۋوي چوڭ تەكشۈرۈش!،-دەپ ۋاقىرىدى ئارىمىزدىن بىرسى پاتمىچۇقتەك تامغا چاپلاشقىنىچە دىر-دىر تىتىرەپ تۇرۇپ. 
    بىزمۇ ھاپىلا-شاپىلا ئاران تامغا چاپلىشىپ ئۈلگۈردۇق، يېڭى كىرگەن دوختۇر يىگىت بۇئىشلارنى تېخى بىلمىگەچكە بىر ئاز گاڭگىراپ قېلىپ بىزنى دوراپ تامغا چاپلىشىپ باقتى، لېكىن ئۇ كىچىكىپ قالغان ئىدى، تالادىن ئۇچقاندەك ئېتىلىپ كىرگەن بەش-ئالتە تەكشۈرگۈچى ئەسكەرلەر بۇ دوختۇر يىگىتنى بىردەمدە دەسسەپ-چەيلەپ چالا ئۈلۈك قىلىۋەتتى...
    كامىرنىڭ ئىچى تەكشۈرۈلۈپ بولۇپ بەدىنىمىز تەكشۈرۈلىدىغانغا نۆۋەت كەلدى، ھەممىمىز قورقۇنچىدىن لاغ-لاغ تىتىرەشكە باشلىدۇق، شۇنچىكى قىڭىر-سىڭىر بولۇپ قالساق ھېچ بولمىغاندا بىرە-ئىككى قوۋۇرغىمىز سۇنۇپ كىتەتتى...
    كۆز ئەينەكلىك ئەسكەرلەردىن بىرسى مىنىڭ ھەممە يىرىمنى سىلاشتۇرۇپ كىلىپ چاترىقىمغا كەلگەندە بىر نىمىنى تېپىۋالغاندەك شۇنداق خوش بولۇپ كىتىپ كۈلگىنىچە ماڭا قاراپ ئېيتتى:
    - قاپاق ...قاپاق...
    ئۇنى دىمىسىمۇ بىز ئەسلىدە توقۇغان قاپاقلىرىمىزنى ئەسكەرلەرنىڭ تېپىۋالماسلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق يەرلىرىمىزگە ئېسىۋالاتتۇق، قاپاقلىرىمىزمۇ بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق كۆپىنچە ھاللاردا بۇلاڭ-تالاڭدىن ساقلىنىپ قالاتتى، لېكىن بۇ قېتىم بىز تەييارلىقسىز قالغاچقا تۇقۇغان قاپاقلىرىمىزنى ئۇ يەرگە باغلاپمۇ ئۈلگۈرەلمىگەن ئىدۇق...
    - مەندە قاپاق يوق... ،- دېدىم يىغلامسىرىغان ئاۋازدا ئۇنىڭ قاتتىق ئۇرۇشىدىن ئەنسىرەپ.
    - ياق قاپاق بار...بۇ قاپاق بولماي نېمە؟،-ئۇ شۇنداق دىگىنىچە قوڭغىرىقامنى تېخىمۇ چىڭ سىقتى، مەن ئاغرىققا چىدىيالماي يىغلاپ سالدىم:
    - جېنىم ئاكا، ئۇ قاپاق ئەمەس...
    - ياق قاپاق...بۇ يەردە ئۈچ دانە قاپاق بار...بىرسى چوڭ قاپاق ...ئىككىسى كىچىك قاپاق...تېپىۋالغاندىمە؟،- دېدى ئۇ ھىجايغىنىچە ئۆزىنىڭ ئەزەلدىنلا ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى پەش قىلىپ.
    - خۇدا ھەققى ئۇ قاپاق ئەمەس...
    ئەسلىدە مىنى ئاختۇرغان بۇ بىرى ھەممە ئەسكەرلەرنىڭ باشلىقى ئىكەن، ئۇ يېنىدىكىلەرگە بىر نېمە دىگەندەك قىلىۋىدى، قالغان ئەسكەرلەر مىنىڭ كامېرداشلىرىمنى قوي ھەيدىگەندەك ئالدىغا سېلىپ  ھويلىغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
    - ئىشتاننى سال!،-دەپ بۇيرۇق قىلدى ئۇ قۇلىدىكى قارا رەزىنكە كالتەكنى بېشىمغاچەنلەپ تۇرۇپ.
    مەن قارا كالتەكتىن قورقۇپ دەرھال تامبىلىمنى سالدىم، ئۇ كۆز ئەينىكىنى ئوبدان رۇسلىۋالغاندىن كېيىن ئالدىمدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قوڭغىرىقامنى ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن سىلاپ تەكشۈرۈشكە باشلىدى.
    - ياق بۇ قاپاق!،-ئۇ يەنە شۇنداق دەپ ۋارقىرىغانچە قوڭغىرىقامنى ئىككى قۇلى بىلەن چىڭ سىقىپ تۇرىۋالدى.
    «ئاھ خۇدا...نەدىن كەلگەن قارىغۇ...جىرتاق نېمە بۇ... قاپاق بىلەن قوڭغۇراقنى ئايرىيالمايدىغان ھالىغا تېخى ئەسكەر باشلىقى بولغىنىنى...» 
    - جېنىم ئاكا...خوش بۇلاي قويىۋەت...بۇ قاپاق ئەمەس...بۇ دادامدىن قالغان قاپاق...،- دېدىم ئاغرىققا چىدىيالماي تېخىمۇ يىغلاپ يالۋۇرۇپ.
    -   ياق بۇ دىگەن قاپاق!
    -   قاپاق بولسىمۇ بولسۇن لېكىن بۇ سىنىڭ قاپىقاڭ ئەمەس ئاكا...
    -   ئەمىسە كىمنىڭ؟
    -   پاتمىخاننىڭ قاپىقى جېنىم ئاكا...
    -   ياق...ياق... بۇ مىنى قاپىقام!
    ئۇ شۇنداق دىگەچ قاپاقنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ ئالدىغا تارتىشقا باشلىدى، مەن بۇلالماي قاپاق بىلەن بىرگە ئالدىمغا يۈرۈشۈپ كەتتىم، قاپاق ئۇنىڭ ئېغىز-بۇرنىغا تاقىشىپ تاس قالدى ئۇنىڭ كۆز ئەينىكىنى چېقىۋەتكىلى ...ئۇ تۇيۇقسىز يان بىلىنى ئاختۇرۇپ كىچىك بىر قەلەمتۇراچنى ئېلىپ قاپاقنى كېسىۋالماقچى بولدى...
    بۇنى كۆرۈپ كۆزلىرىم چەكچىيىپ پۇت-قۇلۇمدا جان قالمىدى، ئاخىرى بۇلالماي شارقىرىتىپ سىيىپ تاشلىدىم، قاپاقنىڭ سۈيى  تۆكۈلۈشكە باشلىدى...
    قاپاقنىڭ قىزىق سۈيىدىن ئۇ بىر ئاز ئەقلىگە كىلىپ مەندىكى قاپاقنىڭ توقۇغان قاپاق ئەمەسلىكىگە چىن پۈتتى، ئاندىن قاپاقنى كىسىۋېلىش نىيىتىدىن ۋاز كىچىپ كامىردىن چىقىپ كەتمەكچى بولدى مەنمۇ ئۇھ دەپ چاترىقىمنى چاڭگاللاپ تۇرۇشۇم ئۇ يەنە كەينىگە يېنىپ قاپىقامنى قايتىدىن بىر سىلىۋېتىپ كۈلگىنىچە تىلىنى«لىككىدە» چىقىرىپ قۇيۇپ چىكتىپ قالدى...
    چوڭ تەكشۈرۈش تۈگەپ يېرىم سائەتكىچە مەن ئاغرىق دەستىدىن ھۇشۇمنى تاپالماي يۈردۈم، تۇيۇقسىز كامېرنىڭ ئىشىك يەنە جالاقشىپ ئېچىلىپ مىنىڭ ئىسمىم چاقىرىلدى، مەن چاترىقىمنى كەرىگىنىمچە سوراققا ئېلىپ چىقىلدىم. 
    سوراق ئۆيىدە ئىككى ساقچى ئولتۇراتتى، ئۇلارنىڭ بىرى يېنىدىكى بىرىگە پۈكلىنىپ تۇرۇپ ئۇنى ماڭا تۇنۇشتۇردى:
    - توختى پوكان!
    - خوپ باشلىق...
    - بۇ كىشى بولسا بىزنىڭ مەخسۇس چىرىكلىك دېلولىرىنى نازارەت قىلىدىغانغا يۇقىرىنىڭمۇ يۇقىرىسىدىن كەلگەن چوڭ باشلىقىمىز، ھەرقانداق گەپ بولسا بۇنىڭغا دەيلى، بىلدۇقما توختاخون!
    ئۇ شۇنداق دەپ بولۇپ قېشىدىكى باشلىققا ئۆلگۈدەك خۇشامەت قىلغان پېتى سىرىتقا چايدەك بىرنىمە ئەكىرگىلى چىقىپ كەتتى.
    سوراقخانىدا ئىككىمىزلا قالدۇق، ئالدىمدا ئولتۇرغان ئۇ سوراقچى ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭا بىر تال سىگارتنى تۇتاشتۇرۇپ سۇندى، ئۆمرۈمدە بۇ بىرنىمىنى چىكىپ باقمىغان ئىدىم، ئەتىدىن بېرىقى قاپاق تالىشىش جېڭىدە بەك جىلە بولۇپ كېتىپتىكەنمەن، ئاخىرى ئۇنىڭ قۇلىدىكى سىگارتىنى ئېلىپ پۇرقىرىتىپ چىكىشكە باشلىدىم، سوراقچى ئېغىز ئاچتى:
    - ساڭا بىر تال سىگارت بولسىمۇ سوۋغا قىلدىم، ئەمدى سەن ماڭا نېمە سوۋغات ئاچىقتىڭ؟
    «يا مەن مەككە-مۈكەررەمدىكى ھاجىلىقتىن قايتمىسام نېمە سوۋغات ئەكىلەدىم بۇ كۆزئەينەكلىك مەخسۇمغا؟..،ئۇنىڭغا لازىمى ھەرقاچان مىنىڭ چىرىكلىك قىلمىشىمنىڭ ھەممە تەپسىلاتى بولسا كېرەك! »
    مەن بۇ سوئالغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىمنى بىلەلمەي كېكەچلەپراق جاۋاب بەردىم:
    - مىنىڭ سوۋغىتىم شۇ...شۇ ...ھەممىنى تولۇق ئىقرار قىلىشتۇ باشلىق؟
    - ياق-ياق...مەن قاپاقنى دىمەكچى!
    - ساڭىمۇ قاپاق لازىم؟
    «ئاھ خۇدا...قاپاق جىنى چاپلىشىپ قالغان ساراڭ قارىغۇدىن يەنە بىرسى كەلدىمۇ نېمە؟»مەن قورقۇنچىدا كاپپىدە چاترىقىمنى چاڭگاللىۋالدىم.
    - شۇنداق ماڭا قاپاق لازىم!، - ئۇ شۇنداق دىگىنىچە يۇپۇرۇلۇپ كىلىپ چاترىقىمدىكى قۇلۇمنى بىر يانغا ئىتتىرۋەتتى-دە ئۇيەرنى ئابايامقى كۇسپۇرۇچتىنمۇ ئۆتە چىڭ سىقىمدىۋالدى.
    - توختاڭ...توختاڭ ...ئۆزىڭىز قاراپ بېقىڭ، خۇدا ھەققى مەندە قاپاق يوق ئاكا!،-مەن شۇنداق دېگىنىمچە تامبىلىمنى سېلىپ قاپاقنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتىم.
    ئۇ سەل-پەل خىجىل بولغاندەك بولۇپ ئىككى يانغا قارىۋەتكەندىن كېيىن سوراقخانا ئىشىكىنى ئىچىدىن ئېتىۋېتىپ يېنىمغا كەلدى، ئاندىن ئىككى ئالقىنى بىلەن قاپاقنىڭ راست-يالغانلىقىنى بىلمەكچى بولدى. ئۇ بىر ھازا ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرگەندىن كېيىن بېشىنى لىڭىشتىپ تەكشۈرۈشنى خۇلاسىلىدى:
    - سەن ئۆزۈڭچە قاپىقىڭنى دۇنيادا ھەممىدىن چوڭ دەپ ئويلامسەن؟
    - ياق ئاكا!
    - بۇنى كۆرسەڭ نېمە دەيسەن؟
    ئۇ شۇنداق دىگەچ تامبىلىنى سېلىپ ماڭا كەينىنى قىلىپ تۇردى.
    - ياق ئاكا، ئۇنداق دېيىش ھەددىمۇ؟،- دېدىم ئۇنىڭ بۇ ھەركىتىنى تازا چۈشىنەلمەي.
    - قارىغىنا بۇ يەرگە، مىنىڭ كاۋام چوڭمىكەن ياكى سىنىڭ قاپىقىڭمۇ؟،- دېدى ئۇ ماڭا قانسىراتقان ئۆپكىدەك ئىككى پەللىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.
    - ئەلۋەتتە سىزنىڭ كاۋىڭىز چوڭ ئاكا، سىز دېگەن كاتتا يەردىن كەلگەن ئادەم تۇرسىڭىز!،-دېدىم ئۇ ساراڭ جىرتاقنىڭ كۆتىگە قاراپ كۆڭلۈم ئېلىشىپ.
    - سېلىشتۇرۇپ ئاندىن جاۋابىنى بەر!
    - سېلىشتۇردۇم ئاكا سىزنىڭ كاۋىڭىز چوڭكەن؟
    - ئىككىسىنى بىر يەرگە ئەكېلىپ ئاندىن گەپ قىل!
    - قانداق بىر يەرگە قۇيىمەن ئاكا؟
    - كەينىمگە چاپلاشساڭ بولدى، مۇشۇ بىر قېتىم!
    كاللامدىن سۇغۇق سۇ قۇيغاندەك بولۇپ تىنىم تىكەنلىشىپ كەتتى...
    «ھەي سەن زادى يىرتقۇچلارنى تۇتقىلى كەلگەن ئوۋچىمۇ ياكى كاۋاڭنى ساتقىلى كەلگەن قوڭچىمۇ؟ ئۆزەڭنىڭ نەپسانىيەتچى- ئاچكۆزلىكىڭدىن قۇلۇڭغا ئىلىنگەننى قانىڭغا تىقىپ بولدۇڭ... پۇلنىمۇ ئالساڭ، ئالتۇننىمۇ ئالساڭ، قاشتېشىنىمۇ ئالساڭ، سوقماقنىمۇ ئالساڭ، چىلاننىمۇ ئالساڭ، قازاننىمۇ ئالساڭ، تۇۋىقىنىمۇ ئالساڭ، ئەمدى سەن ئالمىغان مۇشۇ قاپاق قالغان ئىدى، ئەمدى بۇنىمۇ ئال!...ئۇنىمۇ ئال!..ئالە ئال...ھەممىنى ئال!... ئۈستىدىكىنىمۇ ئال!... ئاستىدىكىنىمۇ ئال!... تۈۋىدىن... يىلتىزىدىن قومۇرۇپ ئال، قاپاق بارىڭىنىڭ سايىسىدا ئاناڭ بىلەن خوتۇنىڭنى سەگىدىتەرسەن! خۇدايىم جاجاڭنى بىرەر سەن چىرىك نۇمۇسسىزنىڭ! ئادالەتلىك كومپارتىيىمىز  ھامىنى كۈلۈڭنى كۆككە سورۇپ كۆتۈڭگە تۈگمە قادار سەن توڭغۇزنىڭ!...ئاھخۇدا!...»
     
     
    1997-يىل
    (كېيىنچە پارتىيە ئىنتىزام قۇرلۇشى تېخىمۇ كۈچەيتىلىپ تەشكىلنىڭ ئادالەتنىڭ ئارغامچىسى يېغىلدى، ھەرساھە-ھەركەسىپتىكى بىر قىسىم چىرىك ئۇنسۇلار بىر-بىرلەپ پاش بولۇپ قانون تورىغا چۈشۈشكە باشلىدى)
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.