سىز باشقىلار ئۈچۈن بىر دەرەخ

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2009-01-17 12:36:00

سىز باشقىلار ئۈچۈن بىر دەرەخ بىر ئادەم ئۆمۈر بويى پالاقشىپ ،جاپا چەككەن بولسىمۇ ،يوقسۇزلۇقتىن قۇتۇلالماي ھالىدىن كېتىپتۇ. بىر كۈنى كېچىدە ، يەنە داۋاملىق ياشاۋىرىشكە رەغدى قالمىغان بۇ ئادەم،...

    سىز باشقىلار ئۈچۈن بىر دەرەخ

     

        بىر ئادەم ئۆمۈر بويى پالاقشىپ ،جاپا چەككەن بولسىمۇ ،يوقسۇزلۇقتىن قۇتۇلالماي ھالىدىن كېتىپتۇ.

    بىر كۈنى كېچىدە ، يەنە داۋاملىق ياشاۋىرىشكە رەغدى قالمىغان بۇ ئادەم، ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋېلىش  ئۈچۈن بىر تىك قىيانىڭ ئالدىغا كەپتۇ .

    ئۆزىنى تاشلاشتىن ئىلگىرى ،ئۇ ھۆڭگىرەپ قاتتىق يىغلاپ تۇرۇپ ،ئۆزى يولۇققان مەغلۇبىيەت، ئوڭۇشسىزلىقلارنى بىر –بىرلەپ سۆزلەپ چىقىپتۇ.قىيادىكى بىر تاش ئۈستىدە بىر تۈپ پاكار دەرەخ بار ئىكەن .دەرەخ بۇ ئادەمنىڭ تۇرلۇك  سەرگۈزەشتىلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ،ئۇمۇ ئىختىيارسىزلا يىغلاپ  ياش تۆكۈپتۇ. ئادەم دەرەخنىڭ يىغلاۋاتقىنىنى كۆرۈپ :

    -سەنمۇ يىغلاۋاتىسەنغۇ ، ئەجەبا ، سېنىڭ بەختىسىزلىكىڭمۇ مېنىڭكىگە ئوخشامدۇ ، نىمە ؟-دەپ سوراپتۇ .

    -مەن بەلكىم دۇنيادىكى ئەڭ بەختسىز ،ئەڭ شور پىشانە دەرەخ ئوخشايمەن .مەن مانا  بۇتاشنىڭ قىسىلچىقىدا ياشايمەن. ماڭا ئوزۇق بەرگىدەك تۇپراق، سۇ بەرگىدەك مەنبە  يوق بولغاچقا، يىلبويى ئاچلىقنىڭ دەردىنى تارتىمەن، مۇھىت ناھايتتى يامان بولغاچقا، شاخلىرىمنىمۇ ئەركىن–ئازادە كەڭ يايالمايمەن، شۇڭا چىرايىممۇ بەك سەت ،كۆرۈمسىز بولۇپ قالدى، يىلتىزىم تېيىز بولغاچقا ، شامال چىقسا يىقىلىپ كەتكىلى ئارانلا تۇرىمەن، سوغۇقتا بولسا قېتىپ  ھالىمدىن كېتىمەن. مەن ئەسلىدە مېنىڭ تىرىك تۇرغىنىمدىن  ئۆلگىنىم مىڭ ئەلا ئىدى،- دەپتۇ دەرەخ .

    ئادەمنىڭ ئىختىيارسىزلا بۇدەرەخكە ئىچى ئاغرىپ كېتىپتۇ ۋە دەرەخكە :

    -ئەھۋال شۇنداق تۇرۇقلۇق ، بۇدۇنيادا يەنە ياشاپ نىمە قىلىسەن، ئۇنىڭدىن كۆرە  مەن بىلەن تەڭ ئۆلۈۋال ! –دەپتۇ .

     -مېنىڭ ، -دەپتۇ دەرەخ ،- ئۆلۈۋالمىقىم بەك ئاسان. ئەمما ،بۇ تىك قىيادا مەندىن باشقا دەرەخ يوق، شۇڭا مەن ئۆلسەم بولمايدۇ .

    -ئادەم بۇنى چۈشەنمەپتۇ . دەرەخ يەنە سۆزىنى داۋام قىپتۇ ،-سەن مېنىڭ بېشىمدىكى بۇ قۇش چاڭگىسىنى كۆردىڭمۇ ؟ بۇ  بىر جۈپ سېغىزخاننىڭ چاڭگىسى. ئۇلار ئىزچىل مۇشۇ يەردە  ياشاپ، ئەۋلاد قالدۇرۇپ كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەگەر مەن بولمىسام ، بۇ ئىككى سېغىزخان قانداق قىلىدۇ ؟

    ئادەم بۇنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئۇشتۇمتۇتلا بىر نىمىنى چۈشەنگەندەك بوپتۇ –دە، دەرھال تىك قىيانىڭ يېنىدىن ئارقىغا يېنىپتۇ .

     

                                                             مەنبە: ھاياتلىق ژورنىلىدىن

    ئەمەلىيەتتە ،ھەربىر ئادەم ئۆزى ئۈچۈنلا ياشىمايدۇ .ھەرقانچە ئەرزىمەس ،پەس ئادەممۇ

    بەزىلەر ئۈچۈن تىك قىيادا مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان گېگانىت دەرەخكە ئوخشايدۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق