قۇلۇپ سېلىنمىغان ئىشىك

يوللىغۇچى : rukiya يوللىغان ۋاقىت : 2014-11-17 16:03:05

ئانىسى 10 يىلدىن بۇيان قىزىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپتۇ، دەل قىزى قايتىپ كەلگەن مۇشۇ كۈنىلا ئانىسى 10 يىل ئىلگىرىكى شۇ كۈنگە قايتقىنىغا ئوخشاش ئۆينىڭ ئىشىكىنى چىڭ قۇلۇپلاپ خاتىرجەم ئۇخلاپتۇ.

    قۇلۇپ سېلىنمىغان ئىشىك
    ناھايىتى چەت بىر يېزىدا بىر ئانا قىزى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. ئانىسى ئۆيگە ئوغرى كىرىشىدىن ئەنسرەپ كۈندە كەچتە ئۆينىڭ ئىشىكىگە ئۈچ قەۋەت قۇلۇپ سېلىپ قويىدىكەن. قىزى بولسا بۇ خىل تۇرمۇشتىن ناھايىتى زېرىكىپ شەھەر تۇرمۇشىغا ئىنتىلىدىكەن.
    قىز غايىۋى تۇرمۇش ئۈچۈن يېرىم كېچىدە ئانىسى ئۇخلاۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپتۇ ۋە ئانىسىغا:«ئانا، مەندەك بىر ۋاپاسىز قىزىڭىزنى ئېسىڭىزدىن چىقىرىۋېتىڭ» دەپ خەت قالدۇرۇپ قويۇپتۇ. بىراق ئويلىمىغان يەردىن بۇ قىز ئانىسىدىن، ئىللىق ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ يامان يولغا كىرىپ قاپتۇ. قىز پەقەت بۇ يولدىن قەتئىي كەينىگە يانالمايدىغان ھالەتكە يېتىپ بارغاندىلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ خاتالاشقانلىقىنى ئويلاپ يېتىپتۇ.
    10 يىلدىن كېيىن، قىز يۇرتىغا قايتىپتۇ. ئۇ ئۆيىگە بارغاندا يېرىم كېچە بولغان بولۇپ، ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن غۇۋا چىراغ نۇرىنى كۆرۈپتۇ. قىز ئىشىكنى چېكىپتۇ يۇ، كۆڭلىدە باشقىچە بىر سېزىم پەيدا بوپتۇ.
    -غەلىتە ئىشقۇ بۇ؟ ئانام ئەزەلدىن ئىشىككە قۇلۇپ سېلىشنى ئۇنتۇپ قالمايتتى.
    قىزنىڭ ئانىسى ئاجىز تەنلىرى بىلەن سوغۇق يەرگە چاپلىشىپ، كىشىنىڭ ئىچى ئاغرىغىدەك ھالەتتە يەردە يېتىپتۇ. ئانىسى قىزنىڭ «ئانا...ئانا!» دەپ ئۆكسۈپ يېغىلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىپتۇ ۋە قىزنى باغرىغا بېسىپتۇ. قىز ئانىسىنىڭ قوينىدا بىر ھازا يىغلىغاندىن كېيىن ئانىسىدىن:«ئانا، بۈگۈن نېمىشقا ئىشىكنى قۇلۇپلىمىدىڭىز؟ تونۇمايدىغان بىرەسى ئۆيىمىزگە كىرىۋالسا قانداق قىلىسىز؟» دەپ سوراپتۇ.
    -بۈگۈنلا ئەمەس، بالام، مەن سېنىڭ كېچىلەردە كېلىپ قالساڭ سىرتلاردا يېتىپ قېلىشىڭدىن ئەنسىرەپ، 10 يىلدىن بۇيان ئۆيىمىزنىڭ ئىشىكىنى قۇلۇپلاپ باقمىدىم.
    ئانىسى 10 يىلدىن بۇيان قىزىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپتۇ، دەل قىزى قايتىپ كەلگەن مۇشۇ كۈنىلا ئانىسى 10 يىل ئىلگىرىكى شۇ كۈنگە قايتقىنىغا ئوخشاش ئۆينىڭ ئىشىكىنى چىڭ قۇلۇپلاپ خاتىرجەم ئۇخلاپتۇ.
    ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تۇرمۇش