گۇناھ-10(ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-09 06:08:48

گۇناھ(10)ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد  ئاتا-بالا كۈزلۈك پاختىنى تېرىپ سېتىپ بانكىنىڭ قەرزىنى ۋە كېلەر يىلقى پاختا تېرىلغۇسىغا يىغىلىدىغان مەبلەغنى بېرىپ تۈگەتتى، كۈزگى بۇغداي تېرىپ بولدى؛ قىشلىق ئوزۇق...

    گۇناھ(10)
    ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد

     

     

     ئاتا-بالا كۈزلۈك پاختىنى تېرىپ سېتىپ بانكىنىڭ قەرزىنى ۋە كېلەر يىلقى پاختا تېرىلغۇسىغا يىغىلىدىغان مەبلەغنى بېرىپ تۈگەتتى، كۈزگى بۇغداي تېرىپ بولدى؛ قىشلىق ئوزۇقلۇق، كىيىم-كېچەك، ئوتۇن كۆمۈر ئۈچۈن سەمەت مەخسۇم بانكىدىن يەنە قەرز ئالدى. ئۇ يىلدىن بۇ يىلغا قەرز يېڭىلاپلا ئۆتۈۋاتقان مەخسۇم خوتۇن ئېلىشقا ئېشىنالماي يۈرگىنىگە ئىچى پۇشاتتى. بىر ئايالنىڭ كەملىكىدىن بارغانچە سۆرۈن، قوپقۇرۇق كۆرۈنۈپ كېتىۋاتقان ئۆيىگە دائىم خۇرسىنىش ئىچىدە قارايتتى،”ئادەم تۈگۈل تېرەكتىكى قۇشقاچلار، كاتەكتىكى توخۇلار، قوتاندىكى قويلار، ئېغىلدىكى كالىلار، ئېشەكلەردىن تارتىپ يەردىكى چۈمۈلىلەرگىچە ھەممە مەخلۇقاتلار جۇپ-جۇپى بىلەن ياشايدۇ، ئەگەر ئۇلار ئايرىلىپ ئۇزاق ياشىسا جېنىدىن جەزمەن تويىدۇ؛ مىكياندىن ئايرىلغان خوراز كاتەكتە تۇرىۋەرسە ئاسانلا كېسەل تېگىپ  ئۆلىدۇ، يالغۇز بۇقا ئېغىلدا تۇرىۋەرسە تامنى ئۈسۈپ قوتور قىلىدۇ، ئىشكنى بۇزىدۇ؛ يالغۇز قوشقار قورسىقى تويسىمۇ كەچكىچە مەرەپ جىم ياتمايدۇ، يالغۇز ئېشەك ئىشىكنى تېپىپ ياكى باغلاقتىن قېچىپ ئىگىسىگە ئارام بەرمەيدۇ. ئادەم دېگەن مەخلۇقنىمۇ خۇدا شۇنداق جۇپتى بىلەن ياراتقان، ئادەم ئەقىل-ئىدراك، ھېسسىياتقا مول بىر مەخلۇق تۇرۇپ، جۇپتىسىز يۈرۈشكە تېخىمۇ چىدىمايدۇ-دە! شۇنداق مېھرى ئىسسىق، تەقۋا بىر ئايال بولسا، تاماق ئېتىپ بەرسە، تاھارەتكە سۇ ئىسسىتىپ بەرسە، ئاخشىمى ئورۇن سېلىپ بەرسە، رەھمەتلىك ئايالىم بار ۋاقتىدىكىدەك كۆڭۈللۈك ياشىساق ئەجەپ ئوبدان بولاتتى-ھە! ئەمما شۇنداق ئېسىل بىر ئايال تېپىلسا تېپىلدى، قاملاشمىغان خوتۇندىن بىرنى ئۆيگە ئەكىرىۋالساق بېشىمىزغا پىت تېرىيدىغان گەپ، خوتۇن خەقنىڭ ئەيىبى ئۆزىنىڭ چېچىدەك تولا بولىدۇ، ياخشى خوتۇن تاپماق بۇ جاھاندا ئەڭ تەس ئىش! ھىدايەت قارىمۇ چوڭ بولۇۋاتىدۇ، ئۇنى دەپ بولسىمۇ ئۇنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالالايدىغان، ئۇنى ئۆگەيلىمەيدىغان بىر ئوبدان مەزلۇمنى تاپسام بولاتتى...ئوغلۇم توي يېشىغا يەتكەن بولسىمىغۇ ئاۋۋال ئۇنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قوياتتىم، كېلىن بالا ئۆيدە بولغاندىكىن جىق ئىشلاردا خاتىرجەم بولاتتىم، لېكىن ئايالىم يوق، كېلىن قىزنى ياخشى تاللىماقمۇ تەس، توي چىقىملىرى بارغانچە ئېغىرلىشىپ كەتتى. جاھان نەگە كېتىۋاتىدىكىن، ھېچ ئۇققىلى بولمايدىغۇ زادى، خۇدا ئۆزەڭ بار!“... سەمەت مەخسۇم مۇشۇنداق خىياللارنى تولا قىلىدىغان، خۇدايىتائالانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن بىرەر ياخشى ئايالغا ئېرىشىپ قېلىشنى كېچە-كۈندۈز تىلەيدىغان بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ ئاتا-بالا ئىككەيلەن ئېتىز ئىشىدىن بىكار بولۇپ ئۆيگە ھېرىپ-ئېچىپ كەلگەندە ئۆيدە ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئىسسىق چاي ۋە تاماق ئېلىپ كېلىدىغان بىر ئايالنىڭ بولمىغانلىقى بەك بىلىنىپ كېتەتتى، بۇنداق چاغلاردا ئۇلار ناماز ئارىلىقىدىكى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، قورساققا دال بولغۇدەك بىر نېمە ھازىرلاشقا ئالدىراپ ھالىدىن كېتەتتى؛ كۈندە بىر ۋاق ئوخشىمىغان تاماقنى ئېتىپ يېيەلىسە يېدى، بولمىسا قاتتىق قۇرۇق نان بىلەن چاي ئىچەتتى.

     

      سەمەت مەخسۇم قايتا خوتۇن ئېلىش ئىشىنى تولا ئويلاۋېرىپ بەزىدە نامىزىدىن ئېزىپ قالىدىغان بولۇپ قالدى، بۇنداق چاغدا ئۇ ئىچىدە، خوتۇن خەق دېگەن يەنىلا شەيتان-دە دەپ ئاغرىناتتى؛ نامازنى ئازماي ئوقۇش ئۈچۈن، شۇ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، جەزمەن بىر جۇۋان تېپىش كېرەكلىكىنى تەخىرسىز ھېس قىلاتتى. بىر كۈنى يۈزىنى ئورۇۋالغان بىر ئايال دىۋانە سەمەت مەخسۇمنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ قالدى، ئۇ ئايالنىڭ نازۇك قامىتى ۋە دۇئا ئوقۇغاندىكى جاراڭلىق ئاۋازى مەخسۇمنىڭ بىر ئايال زاتىغا تەشنا چاڭقاق يۈرىكىنى خېلىلا تىترەتتى؛ مەخسۇم ئادەتتە ئاسراپ ئاز-ئازدىن يەيدىغان يۇمشاق بۇغداي نېنىدىن ئىككىنى ئۇ ئايالغا بەردى ۋە ئۇنىڭدىن گەپ ئالماقچى بولدى، ئەمما ئۇ ئايال ناننى ئېلىپلا خۇرجىنىغا سېلىپ، ساپايىسىنى كۆتۈرۈپ كەينىگە ياندى، يىراقتا ئېشىكىنى توختىتىپ ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغان ئەر دىۋانىگە يېتىشتى-دە، خۇرجۇنىنى ئېشەككە ئارتىپ ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈپ كەتتى. ”مانا شۇلار جېنىدا ئەر-خوتۇن ئىكەن“ دەپ ئويلىدى مەخسۇم ھەسرەتلىنىپ.


     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.