پال سالمايمەن

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-03 12:16:42

پال سالمايمەندوستلار پات - پاتلا يىغىلىپ، ئولتۇرۇش قىلىپ تۇرىمىز. ھەر قېتىم بىرەرسىنىڭ كۆڭلى يېرىم ياكى بىر ئىش توغۇرلۇق غەم يېگەن ۋاقىتلىرى بولسىلا، ئوينايدىغان ئويۇنىمىز - پال سېلىش. تاپان...

     


    پال سالمايمەن

    دوستلار پات - پاتلا يىغىلىپ، ئولتۇرۇش قىلىپ تۇرىمىز. ھەر قېتىم بىرەرسىنىڭ كۆڭلى يېرىم ياكى بىر ئىش توغۇرلۇق غەم يېگەن ۋاقىتلىرى بولسىلا، ئوينايدىغان ئويۇنىمىز - پال سېلىش.  تاپان - گۈزەل مۇھەببەت، غىچ ( بوبمۇ دەپ قويىمىزغۇ؟) - ياخشى ئىقتىساد،  قاغا - ياخشى خىزمەت، چىللىك - دۈشمەن بار.  پال ياخشى چىققانلار دېگەن، شۇنداق خوشال، ياخشى چىقمىغانلارنىڭ چىرايلىرى بىرخىللا. كۆڭلىمىزنى خاتىرجەم قىلىپ، ئۆزىمىزگە تەسەللىي تېپىش ئۈچۈن،  قايتا - قايتا سالاتتۇق. خوش بولۇپ، خاپا بولۇپ، ئۈمىدلىنىپ، ئۈمىدسىزلىنىپ..... گەرچە  يېرىم راست، يېرىم يالغان ئويۇن بولسىمۇ،  لېكىن قەلبىمىزدىكى ئەستايىدىللىقنى ئىنكار قىلالمايتتۇق.

    -  سەنچۇ؟ سالامسەن؟ سالمامسەن پال؟- دوستلىرىم ھەر قېتىم مەندىن سورايدۇ.

    -   سالمايمەن،- مەنمۇ ھەر قېتىم مۇشۇنداق جاۋاب بېرىمەن.

    -    ئىشەنمەمسەن- يا؟!

     مەن شۇ يەنە كۈلۈپلا قويىمەن، نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىمنى بىلمەي.

    مېنىڭ پالغا ئىشەنمىگىنىم ئەمەس. ئىنسانلارنىڭ، بەزىدە بولىدىغان مۆجىزە خاراكتىرلىك پاراسىتىنى، ھەقىقەتەن چۈشەندۈرۈش تەس. مېنىڭ ئۆزەم چۈشەندۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلىدىغان ئىشلارنى ئىنكار قىلىدىغانغا ئاساسىم يوق. ئەلۋەتتە.  يەنە كېلىپ، مەن پال سالغۇزغان. بىر قېتىم...  ئۇ پالچىنىڭ سالغىنى شۇنچىلىك توغرا چىققان.

     ئۇ چاغدا، مەن شۇنداق بىر جىددى مەزگىلدە تۇرغان ئىدىم. خىزمەتتە قسىماتىم، ئائىلىمىزنىڭ مۇرەككەپ ئىشلىرى، تۇنجى مۇھەببىتىمدىن يىڭى ئايرىلغان، ئىشلىرىم ھېچ ئالغا باسمايۋاتقان ۋاقىت ئىدى. تاغام مۇشۇنداق پالچى - رەمچىلەرگە غەزەب چوقۇناتتى.  بىر كۈنى، تاغام بىر رەمچىنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ، چۈشلۈك تاماققا كېلىشىمنى ئېيتتى. تاماقلار يېيىلىپ بولغاندا،  قارىسام، رەمچىنىڭ ئالدىدىكى تاشلىرى، كىتابلىرى، كىيىنىشلىرى ماڭا بەك قىززىق تۇيۇلدى، ماڭىمۇ پال ئېچىپ قۇيۇشىنى سورىدىم. رەمچى مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمنى سورىدى، چاچلىرىمنى كەينىگە قايرىپ، پىشانەمگە قارىدى، ئالقانلىرىمنى ئېچىپ قارىدى، تاشلىرىنى ئالدىرىماي، ھەرخىل قىلىپ تىزىپ بولۇپ،  ئالدىرىماستىن:

    -ھازىر شىمالدا بولسىڭىز، بىر يىلدىن كېيىن شەرققە بارىسىز. شۇ ۋاقىتتا يىگانە قالىسىز.  بەك ئېھتىياتچان بولسىڭىزلا، بالا- قازادىن خالاس بولىسىز. شۇ يىلى، 6- ئايدىن 8- ئايغىچە بىر ياخشى نىكاھ بار. ھەرگىز پۇرسەتنى ئۆتكۈزىۋەتمەڭ!!

     ھەممىمىز قاقاھلاپ كۈلۈشۈپ كەتتۇق. رەمچىمۇ كۈلدى، ئەمما بىر كۈلۈپلا سۈكۈت ئىىچدە تۇرۇپ كەتتى. بىر يىلدىن كېيىنكى ئىشلارنى كىم بىلەتتى؟ ئۇ ۋاقىتتا، بۇ قېرى رەمچى ئۆزى نەدە، كىم بىلىدۇ؟!

     كېيىن، كىشىنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، ھەممە ئىشلار شۇ رەمچىنىڭ دېگىنىدەك چىقتى. بىر يىل ئىچىدە ئاپام، دادامدىن ئايرىلىپ قالدىم.  بىريىلدىن كېيىن،بىر ئىش بىلەن شەرق تەرەپتىكى بۇ شەھەرگە كېلىپ قالدىم. مەن بىلەن توي قىلغان شۇ كىشى بىلەنمۇ دەل شۇ يىلى 7- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىداتونۇشقان. شۇ ۋاقىتلاردا، مەن بىپەرۋالىقىمدىن ئىككى قېتىم پىشكەللىككە يولۇقتۇم. بۇنداق بىپەرۋالىقنى مەن ئەزەلدىن قىلىپ باقمىغان.

     تۇيۇقسىز دەھشەت بىر قورقۇنۇچ باستى. ھېلىقى رەمچىنى يەنە ئۇچرىتىشتىن، ئۇنىڭ ئاغزىدىن كېيىنكى يېرىم ئۆمرۈمنىڭمۇ شۇنداق ئاسانلا چىقىپ كېتىشىدىن قورقتۇم. راست شۇنداق بولسا، ئۇ چاغدا مەندە يەنە نېمە ئارمان قالىدۇ؟ كەلگۈسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭمۇ نېمە ئەھمىيىتى؟  ئازابلىنىشنىڭمۇ نېمە ھاجىتى؟ بەخىتنىڭمۇ شۇ!!  ئۇ چاغدا مەن پەقەت بىر ياغاچقا ئوخشاش، پۈتۈن جىسمىمغا، تەقدىرنىڭ پىچىپ قويغان قىسمەتلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن قۇلاقلار ئۇيۇلغان، قۇل - پۇتلىرىم، ئىدىيە - ئاڭلىرىم كېسىپ تاشلانغان. ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن ئادەم بىلەن پەرقىم يوق ھالدا، ئۆزەمنى تەقدىرنىڭ شۇ سېتكىسىغا سالىمەن...

    مېنىڭ ھېچنىمىنى بىلگۈم يوق، يازنىڭ سەلكىن شاماللىرىدەك،، نەگە بېرىشىمنى بىلمەي يۈرسەم. قار ئۇچقۇنلىرىدەك،  نەدە ئېرىشىمنى بىلمىسەم، شەبنەم تامچىسىدەك، قايسى گۈلنىڭ بەرگىگە چۈشىدىغىنىمنى بىلمىسەم. قىسمىتىمگە پۈتۈلگەنلەر ماڭا تۇيدۇرماي، ئاستا - ئاستا كەلسە، قېچىپمۇ قۇتۇلمىسام ھەم قارشىمۇ ئالمىسام. تەقدىرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشىغا غالىبلارچە بويسۇنۇش، بەلكىم بىزنىڭ بىردىنبىر تاللىشىمىزدۇر..

      ئەجەبا، ياخشى ئەمەسمۇ؟!

       پال سالمايمەن. ئۆزىمىز، ئۆز تەقدىرىمىزنىڭ پالچىسى بولايلى!

      ئەجەبا، ياخشى ئەمەسمۇ؟!

     مەن خوشال. ئۆمرۈمدە پەقەت بىرلا قېتىم پال سالغۇزغىنىمغا خوشالمەن، يەنە كېلىپ پەقەت بىر يىلدىكىلا ئىشقا!!!!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر پال _