توختى پوكان ۋە ئون ئىككى يىپ (ئۈچۈنجى ھېكايە)

يوللىغۇچى : abduweli يوللىغان ۋاقىت : 2013-07-08 15:41:40

ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي پاتمىخاننىڭ كونا گال ئاغرىقى قوزغىلىۋېلىپ يېزىلىق شىپاخانىغا چىقىپ يېتىپ قالدى، بۇ بىر ھىساپتا ئىككىمىزنىڭ كۆرۈشىشىگە قۇلايلىق پۇرسەت ئىدى، شۇڭا يېنىمدىكى بار-يوق ئىككى تال تەڭگىگە يېرىم جىڭ ناۋات سېتىۋېلىپ پوتامغا تۈگدىم-دە ئۇنىڭ

    توختى پوكان ۋە ئون ئىككى يىپ

    (ئۈچۈنجى ھېكايە)
     
    ئابلىمىت غۇجابدۇللا قاراقاش
     
    ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي پاتمىخاننىڭ كونا گال ئاغرىقى قوزغىلىۋېلىپ يېزىلىق شىپاخانىغا چىقىپ يېتىپ قالدى، بۇ بىر ھىساپتا ئىككىمىزنىڭ كۆرۈشىشىگە قۇلايلىق پۇرسەت ئىدى، شۇڭا يېنىمدىكى بار-يوق ئىككى تال تەڭگىگە يېرىم جىڭ ناۋات سېتىۋېلىپ پوتامغا تۈگدىم-دە ئۇنىڭ قېشىغا يۈگۈردۈم.
    يېزىلىق شىپاخانىنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتەي دەپ قالغان رۇسچە كېسەلخانا بىناسى پاتمىخان سەۋەبلىك كۆزۈمگە باشقىچە ئىللىق كۆرۈنۈۋاتاتتى، دوختۇرخانا پۇراپ تۇرىدىغان قاراڭغۇ كارىدوردا تىمسىقلاپ يۈرۈپ دوختۇرلار تۇرىدىغان بىر ئېتىز ئۆينى تەسلىكتە تاپتىم.
    - يولداش، پاتمىخان قايسى ئۆيدە؟
    يېزىق ئۈستىلىدە بېشىنى كۆتۈرمەي بىر نەرسىلەرنى يېزىۋاتقان ئاق خالاتلىق قىزچاق بۇرنىنىڭ ئۇچىغا كىلىپ قالغان كۆز ئەينىكىنى ئۈستىگە كۆتۈرۈپ قۇيۇپ ئىللىق كۈلۈمسىرەپ جاۋاب بەردى:
    - شو شا؟
    - پاتمىخاننى دەيمەن.
    - شو شا؟
    - شو شا ئەمەس، پاتمىخان، پاتمىخان!،- دىدىم گاچىغا چۈشەندۈرگەندەك قۇلۇمدا ئىما-ئىشارەت قىلىپ.
    قىزچاق سېرىكچىنىڭ گاچىسىدەك يەنىلا ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى. مەن ئون سەككىزلەرنىڭ قارىسىنى ئالغان بۇ كىچىك قىزچاقنىڭ بۇنچە بالدۇر قۇلاق قېتىش بولۇپ قالغانلىقىغا ئىشىنەلمەي ئۈنلۈكرەك قىلىپ قايتا سورىدىم:
    - يەتتىنچى رايوندىن كەلگەن پاتمىخاننى دەيمەن، پاتمىخاننى؟
    - شو شا .....
    - نېمىنداق شوشا، شو شا دەۋىرىدۇ ماۋۇ ساراڭ ئادەمنى جىلە قىلىپ!-دېدىم ئۇنىڭغا ھۆرپىيىپ.
     
    شۇ چاغدا بوتۇلكا كۆتۈرىۋالغان ياشتا چوڭ بىر سېسترا ئايال مىنىڭ ئۈنلۈك ئاۋازىمدىن چۇچۇپ دەرھال بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىپ ماڭا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:
    - بۇ بىزنىڭ يېڭىدىن كەلگەن سېستىرالار باشلىقىمىز، ئۇ بىزنىڭ زۇۋانىمىزنى تېخى بىلىپ بۇلالمىدى، دەڭا نېمە ئىشتى ئۇكام؟
    - يەتتىنچى رايوندىن كەلگەن پاتمىخاننى ئىزدەيتتىم!،-دېدىم بۇ ئىككىسىگە قاپىقىمنى تۈرۈپ ئاچچىق بىلەن.
    - ھە ھاجىمنىڭ قىزى پاتمىخاننىمۇ؟ ئۇ ئون ئىككىنچى ئۆيدە!
    مەن ئۇن ئىككىنچى ئۆينى ئىزدەپ ئشىكنىڭ ئۈستىدىكى نومۇرلارغا سەپ سېلىپ كارىدورنىڭ بۇ بېشىدىن ئۇ بېشىغا قاراپ ماڭدىم، دەل ئون ئىككىنچى ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگىنىمدە ئۆينىڭ ئىچىدىن قاتتىق يىغا-زار ئاڭلىنىشقا باشلىدى، مەن نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي ئىشىكنىڭ ئەينىكىدىن ئۆينىڭ ئىچىگە مارىلاپ قارىدىم.
    ئۇدۇلدىكى دېرىزە تۈۋىگە قۇيۇلغان كارىۋاتنىڭ ئۆپ-چۆرىسىدە بىر مۇنچە ئادەملەرياقا-كۆينەكلىرىنى يىرتىشىپ قاتتىق ھۆركىرەپ يىغلاپ ھازا تارتىشىۋاتاتتى، قارىسام پاتمىخاننىڭ دادىسى بىرسىنىڭ ئىڭىكىنى تېڭىۋاتقىلى تۇرۇپتۇ، يۈرۈگۈم قارتتىدە قىلىپ كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىشقا باشلىدى. «پاتمىخان ئۇ...ئۇ...» تېنىمنى تىتىرەك باستى، نەپسىم قوۋۇزۇمغا تىقىلىپ ئىشىكنى دەھشەتلىك ئاچتىم:
    - پاتمىخان!...جېنىم پاتمىخان!
    يۈگۈرگىنىمچە ئۆزەمنى كارۋاتتىكى پاتمىخاننىڭ مېيىتى ئۈستىگە ئاتتىم، شۇ چاغدا بىرسى يېڭىمنى كۈچلۈك تارتتى، مەن ئۇنىڭ قۇلىنى ئىتتىرىۋېتىپ تېخىمۇ ھۆركىرەپ يىغلاشقا باشلىدىم:
    -جېنىم پاتمىخان!... كۆزى ئۇچۇق كەتكەن پاتمىخان!...
    ھېلىقى كۈچلۈك قول مىنى مېيىتنىڭ ئۈستىدىن يۇلۇپ ئېلىپ يانغا تارتتى، مىنى بولغۇسى ئايالىمنىڭ مېيىتى بىلەن ئارامخۇدا ۋىدالىشىشقا يول قويمىغان بۇ زالىم قول ئىگىسىنىڭ گېلىنى ئاچچىقىمدا تازا بىر سىقماقچى بولۇپ بۇرۇلۇپلا ئۇنىڭ بوينىنى«كاپپىدە» ئالدىم، كۈچلۈك بارماقلىرىمنىڭ ئامبۇردەك سىقىشى ئاستىدا پاتمىخاننىڭ دادىسى بولغان ھاجىم كۆزىنى پولتايتقىنىچە ياندىكى كارۋاتنى ئىشارەت قىلغىلى تۇرۇپتۇ، بۇ كىشىنىڭ ھاجىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ قۇلۇمنى توك سوقۇۋەتكەندەك بولدى-دە ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ «دادا...» دېگىنىمچە ۋارقىراپ يىغلاشقا باشلىدىم، ھاجىم قۇلىقىمغا بىر نىمىلەرنى پىچىرلىدى، قارىسام پاتمىخان ئىشىكنىڭ كەينىدىكى كارۋاتتا يا كۈلەلمەي يا يىغلىيالماي ئولتۇرۇپتۇ، ئالدىمدىكى كارۋاتتا زاڭىقى تېڭىلىپ ياتقىنى بولسا يەتمىشلەردىن ھالقىغان بىر موماينىڭ مېيىتى ئىكەن. ئۆزەمنىڭ بۇ قىلىقىدىن ئۆلگۈدەك خىجىل بولۇپ پوتلا-مىشقامنى سۈرتكىنىمچە پاتمىخاننىڭ يېنىغابېرىپ پۇتامدىكى ناۋاتنى ئۇنىڭغا سۇندۇم.
    - ئۇ مومايغا نېمە بولۇپتىكەن؟، - كۇسۇرلاپ سورىدىم پاتمىخاننىڭ قۇلىقىغا يېقىنلاپ بېرىپ ئۆزەمنىڭ يۈرىكىگە بىرنى تۈكۈرۋەتكەچ.
    - بايىلا تېخى ياخشى ئىدى، پەللىكىگە بىر تال ئوكۇل ئۇرۇش بىلەن نەپەستىن قالدىغۇ-تاڭ؟!
    - قانداق ئوكۇل سالغان بولغىيتتى؟
    - ۋاي تاڭ، دوختۇر-سېستىرالار بىر-بىرىگە تاپا-تەنە قىلىشىپ كەتتىغۇ ئىشقىلىپ.
    - ئوكۇلنى خاتا سالغان گەپ بۇ خەق!
    - مىنىڭچىمۇ شۇنداق، ئۆزى مېڭىپ كىرگەن موماي ئىدى بولمىسا...
    مەن ناۋاتتىن كىچىك بىر پارچىنى ئېلىپ مېيىتنىڭ يېنىدا بىر ئىشلار بىلەن مەشغۇل بۇلۇۋاتقان ھاجىمغا كۆرسەتمەي پاتمىخاننىڭ ئاغىزىغا ئاستا سېلىپ قويدۇم، پاتمىخانمۇ يىغلامسىراشتىن توختاپ كۈلۈمسىرىگنىچە بىر پارچىنى ماڭا سۇندى، مەن ئۇنىڭ قولىدىكىنى ئالغىلى ئۇنىماي ئۇنىڭ ئېغىزىدىكى ناۋاتنى ئىشارەت قىلىپ تۇرۇۋالدىم، پاتمىخان ھەقىقەتەن زېرەك ھەم نازاكەتلىك قىز ئىدى، ئۇ كۆڭلۈمدىكىنى چۈشىنىپ ئېغىزىدا شۈمىۋاتقان ناۋاتنى ئۇستىلىق بىلەن ئالقىنىغا ئېلىپ ماڭا يۇشۇرۇنچە سۇندى، مەن ھىجايغىنىمچە ئۇنى كاپپىدە ئېغىزىمغا سالدىم.
    پاتمىخان ئېغىزىمدىكى ناۋاتنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى تاتلىقلىقىنى بىلىۋالدى بولغاي، مىنىڭ ئېغىزىمغا تەلمۈرۈپ قاراشقا باشلىدى، مەنمۇ ئۇنچە دۆتلەردىن بولمىغاچقا دەرھال ئېغىزىمدىكى ناۋات پارچىسىنى ئاستاغىنا ئۇنىڭ ئالقىنىغا تاشلاپ بەردىم، ئۇبۇ قېتىم بىر جۈپ ئوتلۇق قۇي كۈزىنى يۇمغىنىچە ئالقىنىدىكى ناۋاتنى ئېغىزىغا سېلىپ باشقىچە ھۇزۇر بىلەن شۈمۈشكە باشلىدى...
    «مانا بۇ بىر پارچە تاتلىق ناۋات- ئۇلۇغ خۇدانىڭ بىز نامراتلارغا بەرگەن سانسىز مۇكاپاتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئاددى بىر كىچىك مۇكاپاتى ئىدى، مۇشۇ تاپتا بۇ بىر پارچە ناۋاتنىڭ نەقەدەر شىرىن-تاتلىقلىقىنى پەقەت ۋە پەقەت مەن بىلەتتىم... رەھمەت ساڭا ئەي ئۇلۇغئاللاھ!...بارلىق ھەمدۇسانا بىز غېرىبلارغا مۇشۇ تاتلىق ناۋاتنى بەرگەن سەن ئاللاھىمغا بولسۇن!»
    - توختەك،- دېدى پاتمىخان ئاۋازىنى پەسلەپ،- كەچتە كەلگىن، ھازىر دادام بار...
    مەن ئۇنىڭ شەرمى-ھايالىق قىز ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتىم، شۇڭا ئۇنى تەڭلىكتە قويۇشنى خالىماي ھاجىمغا خوشمۇ دېمەستىن كېسەلخانىدىن ئايرىلدىم.
    ناماز شامدىن كېيىن پاتمىخاننىڭ ياتىقىغا پەيدا بولدۇم، ئۇ ياتاقتا يالغۇز قالغان ئىكەن. بىز خۇشاللىقتا يەر يۈزىنىڭ جىمى گەپلىرىنى قىلىشىپ چىقتۇق:
    - مەن ئۇلارنىڭ مومايغا نېمە سالغانلىقىنى بىلىۋالدىم،-دېدى پاتمىخان ئاۋازىنى پەسلەپ،- ئۇلار ئوكۇلنى خاتا سالماپتۇ، لېكىن...
    - نېمىكەن ئۇ سالغىنى؟
    - پېنسىلىن دەمدۇ ياكى ئاسپىرىن دەمدۇ، ئىشقىلىپ بۇ ئوكۇلنى سېلىشتىن بۇرۇن رىئاكسىيە قىلامدۇ-قىلمامدۇ دەپ ئالدىن سىناق قىلىدىكەن، لېكىن دوختۇرلار بۇئوكۇلنى مومايغا سىناق قىلمايلا ئۇرغان ئوخشايدۇ...
    - بۇنى قانداق بىلدىڭ؟
    - ئۇلار ئوكۇل ئۇرغان سېستىرانى تەنقىدلىگىلى تۇرۇپتىكەن، قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.
    بىز شۇ پاراڭلاشقانچە كېچىنىڭ يېرىم بولۇپ قالغانلىقىنى تۇيماپتىمىز، مەن گەرچە پاتمىخان بىلەن پات ئارىدا توي قىلماقچى بولغان بولساممۇ لېكىن ئەخلاق يۈزىسىدىن بۇنداق كېچىدە ئۇنىڭ يېنىدا قونۇپ قالسام بولمايتتى، شۇڭا كەچكە قالساممۇ قايتماقچى بولدۇم.
    ئەمدى ماڭاي دەپ تۇرۇشۇمغا ئىشىك ئېچىلىپ ئىشىكنىڭ ئالدىدا بىر تۆمۈر غالتەكلىك دورا-ئوكۇل تىزىلغان كېچىك ھارۋا توختىدى، ئىككىمىز رەسمىي ئەر-خوتۇنلاردىن بولمىساقمۇ لېكىن بەكلا ئىجىل ئاشىق-مەشۇقلاردىن ئىدۇق، بۇ چاغدا مەن پاتمىخاننىڭ پۇتىنىڭ قادىقىنى ساقال تېغى بىلەن قىرىۋاتاتتىم، پاتمىخان بولسا خېنە ياققان ئوماق پۇتلىرىنى ماڭا سۇنۇپ ئەركىلەپ يېتىۋاتاتتى...
     
    ئىشىكنىڭ تۇيۇقسىز ئېچىلىشى بىلەن كارىۋاتتىن بۇنداقلا سەكرەپ چۈشسەم باشقىلار چوقۇم خاتا چۈشىنىپ قالاتتى، نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي گاڭگىراپ تۇرغان چېغىمدا پاتمىخان چاققان كىلىپ مىنى يوتقان بىلەن ئۇراپ قويدى. مەنمۇ يوتقانغا چىڭ چۈمكىنىپ يېتىۋالدىم.
    بىر چاغدا سېسترا ئۈستۈمدىكى يوتقاننى ئۆرۈپ تامبىلىمنى پەسكە تارتقاندەك قىلىپ پەللىكىمگە مۇزدەك بىرنىمىنى سۇۋىدى ئارقىدىنلا يىڭنىدەك بىرنىمىنى كۈچەپ سانچىدى،مەن غىڭ قىلالماي لىۋىمنى چىشلەپ ياتتىم، ئۇنىڭ پەللىكىمگە نېمە ماڭدۇرغانلىقىنى بىلەلمىدىم ئىشقىلىپ پەللىكىم قىزىل مۇچنى قاينىتىپ سۈيىنى ماڭدۇرغاندەك ئاغرىق ئازابىدىن ھېچنىمنى سەزمەيۋاتاتتى...
    ناھايىتى ئىنىقكى بۇ كالۋا سېسترا پاتمىخاننىڭ پەللەك ئوكۇلىنى ماڭا ئۇرۇپ قۇيغان ئىدى، ئىشىكنىڭ يېپىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ بېشىمنى يوتقاندىن چىقىرىپ پاتمىخانغا قارىدىم، پاتمىخان ئېغىزىنى تۇتۇپ كۈلگىلى تۇرۇپتۇ...تۇيۇقسىز يادىمغا ھېلىقى موماينىڭ جەسىتى كىلىپ قالدى، تىنىم شۈركىنىپ دەرھال پاتمىخاندىن سورىدىم:
    - پاتمىخان، ئۇلار ماڭا نېمە ئوكۇل ئۇرغاندۇ؟
    مەن شۇنداق دەپ بولۇپ دېرىزە ئاستىدىكى ھېلىقى موماي ياتقان قۇرۇق كارۋاتقا قاراپ سالدىم،پاتمىخان كۆڭلۈمنى چۈشۈنۈپ دەرھال كارۋاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ يالاڭ ئاياغ پېتى سېسترانىڭ كەينىدىن قوغلىدى:
    - ھەدە بايام ماڭا ئۇرغىنىڭىز نېمە ئوكۇلتى؟
    - پېنسىلىنغۇ شۇ!
    پاتمىخان بۇ جاۋابتىن بىر ئاز جىددىلىشىپ ياتاققا يۈگرەپ كىرىپ مىنىڭ پېشانەمنى تۇتۇپ باقتى ئاندىن تەمتىرەپ ئېيتتى:
    - پېنسىلىن دەيدىغۇ توختەك!
    - نېمە؟ ھېلىقى موماينى ئۆلتۈرگەن ئوكۇلما؟
    كاللامدىن قوقاس قۇيغاندەك بولۇپ كەتتى.
    «ئاھ خۇدا، ئەمدى مىنىڭمۇ زاڭىقىمنى تاڭىدىكەندە؟»
    كۆز چانىقىم ياشقا تۇلۇپ بۇتتەك قېتىپ قالدىم،پاتمىخان بوينۇمغا ئېسىلىپ يىغلاشقا باشلىدى. ھېلى ئۈلەرمە-ھېلى ئۈلەرمە، ھەر ئىككىلىمىزنىڭ يىغلاپ كۆز يېشىمىز قۇرىدى لېكىن جېنىم پات چىقىدىغاندەك ئەمەس، شۇنداق قىلىپ تاڭمۇ يۇرىدى، خۇدانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئۆلۈپ قالمىغان ئوخشايمەن ، يەرگە چۈشۈپ مېڭىپ كۆرىۋېدىم ھەركىتىم نورمال شۇ خۇشاللىقتا پاتمىخان بىلەن خوشلىشىپ مەھەللىگە قايتتىم.
    كېچىسى پاتمىخان بىلەن ۋىدالىشىش كۆز يېشى قىلىشىپ يۈرۈپ تۈزۈك ئۇخلىمىغان بولغاچقا سۇپىغا ئۆزەمنى تاشلاپ قاتتىق ئۇيقىغا كىتىپتىمەن، بىر چاغدا بىرسىنىڭ نۇقۇشىدىن ئويغىنىپ كۆزۈمنى ئاچسام كەنتە سېكرىتارى بېشىمدا قاراپ تۇرۇپتۇ.
    - تورە پوكان ئورنىڭدىن ئەمدى تاڭ ئاتتى!
    - نېمە گەپ ئاكا؟-دېدىم كۆزۈمنى ئۇۋلاپ تۇرۇپ ئورنۇمدىن تۇرۇش خوش ياقمىغان ھالدا.
    - تىز بول، ساڭا بىر ۋەلسېپىت ئەكەلدىم.
    «ۋەلسېپىت» دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ ئورنۇمدىن لىككىدە تۇرۇپ كەتتىم:
    - بۇ نېمە گەپ سېكرىتار؟
    - خەلق ئىشلار ئىشخانىسىدىن ئالاھىدە نامراتلارغا دەپ بىر سان بىرىپتىكەن ساڭا بەردۇق ئۇكام، قانداق بولماپتىما؟
    - ۋەلسېپىت قېنى؟،- دېدىم ئۇنىڭ گىپىگە ئىشىنەلمەي.
    - ئەنە ھويلاڭدا ئۇكام،- دېدى سېكرىتار ئالدىمدا يول باشلاپ ھويلىغا چىقىپ.
    دېگەندەك ھويلىدا ئانچە يېڭى بولمىسىمۇ«ئۇچار كەپتەر»ماركىلىق ۋەلسېپىتتىن بىرسى ئەتتىگەنلىك قۇياش نۇرىدا پارقىراپ تۇراتتى. مەن خۇشلۇقتا بېرىپ ۋەلسېپىتنىڭ چاقىسىنى چۆرگىلىتىپ، ئۇيەر-بۇ يىرىنى سىلاشقا باشلىدىم.
    - قانداق ئەمدى ئىشەنگەنسەن؟- دېدى سېكرىتار بۇرۇتىنى سىيلاپ تۇرۇپ.
    - شۇنداق ئىشەندىم... ئىشەندىم ئاكا!- دېدىم ئۇنىڭ ھېيلىگەرلىك چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپ بىرە ئىشنى پەملەپ.
    - مۇنداق گەپ ئۇكام،-دېدى سېكرىتار ئەسلى مۇددىئاسىنى ئاشكارىلاپ،- ئاۋۇ ئات ھارۋىسىدا ئۈچ قوينىڭ گۈشى بار ئىدى، سەن ئېغىر كۆرمەي بۇلارنى ئىككى يەرگە...
    مەن ۋەلسېپىتنىڭ خۇشلىقىدا ئۇنىڭ قۇلىقىمغا كۇسۇرلاپ قىلغان گىپىگە دەرھال ماقۇل بولدۇم:
    - چاتاق يوق، دەل جايىغا يەتكۈزىمەن!
    - ھېچ كىشىگە تىنمىغىن چۈشەندىڭمۇ؟
    - ۋاي خاتىرجەم بولە ئاكا!
    مەن شۇنداق قىلىپ ئۆينىڭ ئالدىغا باغلاپ قۇيۇلغان ئات ھارۋىسىنى ھەيدەپ يېزا تەرەپكە قاراپ خۇشال يۈرۈپ كەتتىم، كۈن نەيزە بۇيى كۆتۈرۈلگەندە ئىككى قوينىڭ گۆشىنى بەرمەكچى بولغان تۇنجى مەنزىلگە يىتىپ باردىم، ئۆينىڭ ئالدىدا بىر لاتا پىكاپ تۇراتتى، مەن مەخپىيەتلىكنى كۆزدە تۇتۇپ پىكاپ شوپۇرىغىمۇ قارىماستىن ئۇدۇل ئىشىكنى چىكىشكە باشلىدىم، ئىشىك ئېچىلمىدى...يەنە چەكتىم...
    بىر چاغدا ئىشىك ئېچىلىپ ئۆينىڭ ئىچىدىن بۇيى پاكار ھەم ۋىجىك بىرسى چىقىپ كەلدى،مەن ئۇنىڭ كېيگەن كاستۇم-بۇرۇلكىسىغا ۋە تاقىۋالغان كۆز ئەينىسىگە قاراپ مەقسەتتىكى ئادەمنىڭ شۇ ئىكەنلىكىنى جەزم قىلىپ ئالدىراپ ئىككى قۇلۇمنى ئۇنىڭغائۇزىتىپ سالام قىلدىم:
    - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!...
    بۇ «يەر پاپىسى-قۇناق مەدىكى» قارىغۇ ھەم گاس بولسا كېرەك، ماڭا سالام قايتۇرۇش تۈگۈل چىرايىمغا قاراپمۇ قويمىدى. مەن ئىچىمدە ئاۋازىمنى ئاڭلىمىغان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ تېخىمۇ ئۈنلۈكرەك قىلىپ پىكاپقا چىقىش ئالدىدا تۇرغان بۇ بىر نېمىگە يەنە خۇشامەت قىلدىم:
    - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!...
    بۇ قېتىم ئاۋازىم ئۇنىڭغا تەسىر قىلدىمۇ-تاڭ، ئۇ يۇمۇق كۆزلىرىنى ئاستا ئېچىپ قەدىمىنى توختاتتى-دە ئاسمانغا قاراپ ئىچىدە بىرنىمىلەرنى دەپ غۇدۇڭشىپ كۈلگىنىچەماشىنىغا چىقىپ يەنە توختىماي ئۆز-ئۈزىگە گەپ قىلىشقا باشلىدى.
    «خۇدايا توۋۋا، ساراڭمۇ نېمە بۇ؟»
    دەل مۇشۇ چاغدا ئوتتۇرا ياشلىق شوپۇر ئۇستام ماشىنىدىن چۈشۈپ مىنى يانغا تارتىپ قۇلىقىمغا پىچىرلىدى:
    - ئۇكام، بىزنىڭ بۇ كىشىمىز ئەسلىدە تالانتلىق بىر شائىر ئىكەن، ئۇ ھەر كۈنى مۇشۇنداق شىئىر يازىدۇ، ئۇنىڭ ئىلھامى كەلگەندە ئۇ ھېچكىمنى تۇنىمايدۇ، سەن ھارۋىدىكى نەرسىلەرنى ئۆيگە ئەكىرىپ خان ئاچىمىزغا بەرسەڭ بۇلىۋىرىدۇ.
    مەن «توۋۋا» دېگىنىمچە ياقامنى چىشلەپ ئات ھارۋىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ تازا بىرتىنىۋالدىم، لاتا پىكاپ تۇپا توزۇتۇپ كېتىپ قالدى.
    ئايرىم-ئايرىم داستىخان بىلەن ئورالغان ئىككى دانە قوي گۆشىنى نۆۋەت بىلەن مىڭ بىرجاپادا كۈتۈرۈپ ھويلا تېمىغا يۈلەپ قۇيۇپ ئايال خۇجايىننى چاقىردىم:
    - ئادەم بارمۇ؟
    جاۋاب يوق.
    - ئۆيدە ئادەم بارمۇ؟
    يەنە جاۋاب يوق.
    - خان ئاچا!
    - ھە نېمە گەپ؟
    بۇ قېتىم ئۆينىڭ ئىچكىرىسىدىن بىر ئايالنىڭ ناھايىتى بوم ھەم بوغۇق بىر ئاۋازى قۇلىقىمغا ئاڭلاندى.
    - بۇلارنى نەگە قۇيىمەن؟
    ھايال ئۆتمەي ئىشىكنىڭ مارجاندىن ياسالغان مىلەڭزىسى ئاستىدا قىزىل سۆرىمە كەش كېيگەن ناھايىتى يۇغان بىر جۈپ پۇت پەيدا بولدى. كېيىن مىلەڭزە قايرىلىپ قىزىل شايىدىن ئىچى كىيىم كېيگەن يۇمىلاق رەزىنكە توپقا ئوخشايدىغان چاچلىرى پاخپايغان،ناھايىتىمۇ سېمىز، ناھايىتىمۇ گەۋدىلىك بىر ئايال ئۆردەكتەك ئىككى يانغا ئىغاڭلاپ چىقىپ كەلدى.
    ئۇنىڭ بىر تال بىلىكىنىڭ توملۇقى گەپ يوق مىنىڭ بىلىمدەك بولۇپ، ئۈستى كالپۇكى ئاسماندا ئاستى كالپۇكى يەردە تۇراتتى، مەن ئىچىمدە « يارەببى! نىمانچە زور ئايال بۇ؟ ئادەممۇ ياكى دىۋىمۇ؟» دەپ ئويلاپ قالدىم.
    ئايال خۇجايىن ئۇيقۇلۇق كۆزلىرىنى ئاچالماستىن دەلدەڭشىگىنىچە ئالدىمغا كىلىپ تازا بىر ئەسنىۋالغاندىن كېيىن ئېيتتى:
    - ئاۋۇ ئۈستەلدە قۇيۇپ قوي!
    مەن ھويلىدىكى يۇغان ئۈستەلگە داستىخان بىلەن ئورالغان گۆشلەرنى ئېلىپ قۇيۇپ بۇيرۇق بويىچە ئايال خوجايىنغا بۇ گۆشنى كىمنىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى ئېيتتىم.
    ئايال خۇجايىن خوشياقمىغان ھالدا ئىششىپ كەتكەن كۆزلىرىنى قىڭغىر ئېچىپ گىپىمنى بۆلدى:
    - ھە بولدى، ساۋاتىڭ بارمۇ؟
    - بار خان ئاچا!-دېدىم ئۇنىڭغا پۈكلىنىپ تۇرۇپ.
    - ئەمىسە بۇياققا كەل!
    مەن ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ئىچكىرىدىكى بىر ئۆيگە كىردىم، ئۇ خوتۇن ئالدىمغا پۈرلىشىپ كەتكەن بىر كونا دەپتەرنى سۇنۇپ تارتمىدىن قەلەمنى ئالغاچ ماڭا بۇيرۇق قىلدى:
    - بۇ يەرگە يېزىپ قوي!
    «ئالە شەھىرىڭنى، تىزىملاپ ئېلىشقىلى تۇرۇشۇپسەن-دە!»
    ئايال خوجايىننىڭ ئېغىزىدىن گۈپۈلدەپ ھاراقنىڭ پۇرىقى كىلىۋاتاتتى، بۇ خوتۇننىڭ ئالدىمغا بەدىنىنى يېرىم يالىڭاچ قىلىپ چىققىنىدىن قارىغاندا ئاخشامقى مەستلىكىدىن تېخى تەلتۆكۈس يېشىلمىگەندەك قىلاتتى.
    مەن تىزىملاشنى تۈگىتىپ قايتىشقا تەمشىلىۋاتاتتىم، ئايال خۇجايىن تۇيۇقسىز سەت كۈلگىنىچە گەپ تىشىپ قالدى:
    - ئۆيدە خوتۇنۇڭ بارمۇ؟
    مەن كۆڭلۈمدە بۇ پارىخور ئاز-تۇلا رەھمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن «ئايالىڭغا ئالغاچ كەت» دەپ ئۇشۇق-تۆشۈك ياغلىقتەك بىر نېمىلىرىدىن بىرەنى ماڭا بىرىدىغان ئوخشايدۇ دەپ تاما قىلىپ دەرھاللا جاۋاب قىلدىم:
    - خوتۇنۇم بار خان ئاچا...
    - ھە شۇنداقمۇ؟،-دېدى ئايال خۇجايىن يېنىمغا دىۋەيلەپ كىلىپ ھىجايغىنىچە،- قارىسام توي قىلمىغان يىگىتنىڭ ئۆزىكەنسەن، شاشمۇ سەن؟
    « ئۇنىڭ شاشمۇ سەن دېگىنى نېمە گەپتۇ ئەمدى، مەھەللىمىزدىكى چاپقۇر ئاتلارنىغۇ شاش ئات دەيتتۇق، يا بۇ خوتۇن مىنى ئات كۆرۈپ قالدىمۇ نېمە؟»
    بۇ خوتۇننىڭ ھاياسىزلىق بىلەن ماڭا يېقىنلىشىشىدىن تىنىم شۈركىنىپ پۇت-قۇلۇم سىيقىراشقا باشلىدى.
    - مەن...مەن...
    ھاينى –ھۇيت دىگۈچە بۇ خوتۇن مىنىڭ ياقامدىن تۇتۇپ بېشىمنى تامغا داقىدى-دە كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ سەت كۈلدى:
    - كىلە ئوغرى، پەيزى قىلىمىز!
    - ئاچا...مەن...مەن...
    - ئاچا-پاچاڭنى قوي، ماڭە بۇياققا!
    ئىككى پۇتۇم پەقەت مىدىرلىمايۋاتاتتى، خانا ئاچام مىنىڭ ياقامدىن سۆرىگىنىچە ياتاق ئۈيىگە ئېلىپ ماڭدى، مەن خۇددى كونا چاپاندەك ئۇنىڭ كەينىدىن سۆرىلىپ ماڭدىم...
    - ئاچا......ئېرىڭىز ئۇ...
    - قوي ئۇ ھەزىلەكنىڭ گېپىنى، خورازچىلىك ئۇسۇرۇشنىمۇ بىلمەيدۇ-ئۇ نېمە!
    - مەن...مەن...
    كۆزۈمنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بۇ مەسىت خوتۇن كىلەنىڭكىدەك يۇغان ئېغىزىنى كاپپىدە ئېچىپ ئېغىز-بۇرنۇم ھەم زاڭىقىم بولۇپ يۈزۈمنىڭ يېرىمىنى ئېغىزىغا ئېلىپ بولدى...
    مۇشۇ تاپتا نەپەس ئالىدىغان ئېغىز-بۇرنۇم ئۇنىڭ غىچ ھاراق پۇراپ تۇرىدىغان ئېغىزىنىڭ ئىچىدە قالغاچقا ماڭا ھاۋا يىتىشمەيۋاتاتتى...
    ئىچىمدە «ئاھ خۇدا!... بۇنداق سېسىقچىلىقتا تۇنجۇقۇپ ئۆلگىچە ئاخشامقى ئوكۇلدا ئۆلسەممۇ بولۇپتىكەن، بۇ خوتۇن ئەمدى مىنى يالماپ يۇتىۋىتىغان ئوخشايدۇ... »دېگەننى ئويلاپ بېشىمنى ئېلىپ قېچىشقا ئۇرۇندۇم، لېكىن بۇ خوتۇن مىنى قۇيىۋىتىغاندەك ئەمەس...
    بىر چاغدا ئېغىزىمغا بوغما يىلاندەك بىر نېمە كىرىپ كىتىۋاتىدۇ...كاللامدىن تۈتۈن چېكەتتى...دىققىتىمنى يىغسام بۇ ئۇنىڭ تىلىكەن...
    بۇ خوتۇن ئۈچ ۋاقلىقىغا كالىنىڭ تىلىنى پۇشۇرۇپ يەمدىكىن، ئۇنىڭ زور تىلى خۇددى خارەت ئۇستامنىڭ يۆگىمە لاتا مېتىرىدەك ئارقا-ئارقىدىن چىقىۋەردى...ھېلى توختا...ھېلى توختا...ئاھ خۇدا!...ئۆزەمنىڭ تىلىنى قويغىلى يەر تاپالمايۋاتسام بۇ خوتۇننىڭ ئۈتۈككە ئوخشايدىغان سىمىز تىلى ئەقىل تىلىمدىن ئۆتۈپ دەل پوكىنامغا كىلىپ توختىماسمۇ...
    تىنىقىم بارغانسىرى قىيىنلىشىپ نەپسىم توختاپ قالاي دېدى... بېشىم چىڭقىلىپ پۇت-قۇلۇم تىتىرەشكە باشلىدى...
    مەن پەقەت نەپەس ئالالمىدىم، ئاخىرى بۇنداق ئۆلۈپ كەتكۈچە بېشىمغا كەلگەننى كۈرەي دەپ بار كۈچۈم بىلەن ۋاقىرىدىم:
    - خو خۇلاي... خېخىم خاخا...خو خۇلاي!...
    مەن ئەسلىدە «خوش بولاي، جېنىم ئاچا، خوش بۇلاي، مىنى قويىۋەت!» دەپ ۋارقىرىماقچى ئىدىم، لېكىن مۇشۇ تاپتا ئۇنىڭ تىلى ئەقىل تىلىمنى قايرىپ بوغۇزۇمغا كىلىپ تۇرىۋالغاچقا ئاۋازىممۇ تۈزۈك چىقمايۋاتاتتى...قانچە يۇلقۇنۇپ باقساممۇ ئۇنىڭ پولات قىسقۇچتەك كۈچلۈك قوللىرىدىن ئاجرىيالمىدىم...
    بىر چاغدا رەسمىي تۇنجۇقۇپ ئىككى قۇلۇم ئۆلۈك كەپتەرنىڭ قانىتىدەك ھاۋادا لەيلەشكە باشلىدى...
    خان ئاچامنىڭ ماڭا رەھىمى كەلمەيۋاتاتتى...مەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆزۈمنى يېرىم ئېچىپ دۇنيا بىلەن خوشلاشماقچى بولدۇم«ئەلۋىدا يۇرۇق دۇنيا! ئەلۋىدا جېنىم پاتمىخان!»كۆزۈمنىڭ چانىقىدىن بىر تامچە ياش مەڭزىمدىن دوملاپ چۈشۈپ كەتتى...
    شۇنداقتىمۇ ئۈلۈش ئالدىدا ئاخىرى كاللامغا بىر ئەقىل كەلدى، بار كۈچۈمنى چىشىمغا يېغىپ ئېغىزىمغا تىقىلغان سېسىق«لاتا مېتىر» نى بار كۈچۈم بىلەن قاتتىق چىشلىدىم...
    بۇ خوتۇننىڭ تىلى ئاغرىغان بولسا كېرەك، ئۇ«لاتا مېتىرى» نى خۇددى بوتۇلكىنىڭ ئېغىزىدىكى چىڭ تىقىلغان مەدەك پۈگەتكىنى سۇغۇرۇپ ئالغاندەك ئېغىزىمدىن «بوككىدە»قىلىپ سۇغۇرۇپ ئالدى...
    «توۋۋا دەيمەن، كۆز ئالدىمدىكى مەن تىنىۋاتقان بۇ ھاۋانىڭ بۇنچە مۇھىملىقىنى...ئاھ ئۇلۇغ ھاۋا!...» مەن ناھايىتى چوڭقۇر بىر تىنىۋالدىم، كەينىمگە ئۆتۈپ كەتكەن كۆزۈمنىڭ قارىسىمۇ ئاستا-ئاستا ئورنىغا كىلىشكە باشلىدى.
    - ئەجەب شوخ نىمىكەنسەن!،-دېدى خان ئاچام «گارتتىدە» بىرنى سېسىق كىكىرىپ،- چىشلەپ قۇيۇشلىرىڭ نىمانچە ئوماق سىنىڭ!
    - شۇنداق، خان ئاچا، شوخلۇق قىلىمەن دەپ تاس قالدىم بۇ دۇنيادىن چاچراپ كەتكىلى، ئەمدى مەن بىر قايتىۋالاي، ھويلىنىڭ ئالدىدىكى ئاتنى باغلىماپتىكەنمەن...،-دېدىم زەردە بىلەن بۇ خوتۇنغا ئالىيىپ ھاسىرىغىنىمچە.
    - شۇنداقمۇ؟ ئاتنى ھازىر باغلايمىز، كىلە بۇياققا، ھاراملىق!
    بۇ خوتۇن مەستلىكتىن يېشىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى، جان ئاچچىقىمدا ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن ۋارقىرىدىم:
    - ئەمدى كېلىدىغان بولساڭ، ؟؟؟؟؟؟؟ ئالىمەن ئالۋاستى قېرى!
    - ھى...ھى...،-نازلىنىپ ھىجايدى خان ئاچام ئېغىزىنى تۇتقىنىچە،-ئانام بەكمۇ يىراقتا، ئالدىڭدا مەن تۇرسام ئانامنى ئېلىپ نېمە قىلىسەن قۇرغۇيۇم...
    - ماڭا يېقىنلاشما! ھېلى بىكار...
    مەن كەينىمگە داجىدىم، خان ئاچام چىشلىرىنى ھىڭگايتقىنىچە يۇپۇرۇلۇپ كىلىپ گىگانت بىلەكلىرىنى سۇنۇپلا كانىيىمدىن ئېلىۋالدى-دە مىنى توشقاننى قۇلىقىدىن تۇتقاندەك يەردىن يۇلۇپ ئېلىپ كەينىمدىكى تامغا يەنە كۈچ بىلەن قاتتىق ئۈستۈردى، كەينى مېڭەمنىڭ ئاغرىق ئازابىدىن كۆزۈمنى قاراڭغۇلۇق بېسىپ بىر ئاز شۈك بولۇپ قالدىم...
    پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن بۇ ئاچكۆز خوتۇن مىنى كىچىك بالىنى كۆتۈرگەندەك قۇچىقىغا ئېلىپ كۆتۈرۈۋالدى، پۇتۇم يەردىن ئۈزۈلۈپ ھاۋادا لەيلەپ قالدى. شۇنچە كۈچەپ تەپسەممۇ بۇ خوتۇن غىڭ قىلىپ قويماي مىنى بىر ياقلارغا كۈتۈرۈپ ماڭدى...
    بىر چاغدا ئوڭ قۇلۇمنى بىر نېمە قىلىپ ئۇنىڭ بىلىكىنىڭ ئارىسىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ«مىنى قويىۋەت...مىنى قويىۋەت!» دېگىنىمچە خاپان كاللىسىنىڭ ئۇچرىغانلىكى يىرىگە سېلىشقا باشلىدىم، تاياق بۇ خوتۇنغا ئازراق تەسىر قىلغان بولسا كېرەك، مىنى يەرگە«پوككىدە» قۇيىۋېتىپ يۈزۈمگە شالاققىدە بىرنى تۈكۈردى، ئاندىن بېشىنى يەرگە ئىگىپ«گاررىدە» قۇسقىنىچە ئاخشامقى يېگەن –ئىچكەنلىرىنى چىقىرىشقا باشلىدى...
    مەن بۇ پۇرسەتتە قاچماقچى بولۇپ ئىشىك تەرەپكە ماڭدىم.
    - توختا ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟! نەگە قاچىسەن؟،-دەپ ۋارقىرىدى خان ئاچام ئېغىزىدىكى قۇسۇقنىڭ يۇقۇندىسىنى بىر قۇلى بىلەن سۈرتۈپ تۇرۇپ يەنە بىر قۇلى بىلەن پىشىمنى چىڭتۇتىۋېلىپ تۇرۇپ.
     
    - مەن...مەن...،- دېدىم دۇدۇقلاپ ئۇنىڭ قانغا تولغان كۆزىدىن قورقۇپ.
    - بۇپتۇ، كەتسەڭمۇ كەت!،- دېدى خان ئاچام بېشىنى لىڭشىتقىنىچە ئالدىمغا يېقىنلاپ كىلىپ،- لېكىن مىنى بىرنى قۇچاقلاپ قوي!
    مەن جاۋاب بىرىپ بولغىچە بۇ خوتۇن مىنى بايامقىدەك يەردىن چامغۇر يۇلغاندەك يۇلۇپ ئېلىپ چىڭ قۇچاقلىۋالدى، لېكىن بۇ قۇچاقلاش ھەر ھالدا «لاتا مېتىر» بىلەن ئۆلچەشتىن ياخشى ئىدى...
    لېكىن بۇ خۇتۇن ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك بولغاچقا بارغانسىرى كۈچەپ مىنىڭ قوۋۇرغىلىرىمنى سۇندۇرۋاتاي دەپ قېلىۋاتاتتى...مەن ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن يۇلقۇنۇپ چىقالمىدىم...
    شۇ چاغدا تۇيۇقسىز كەينىمدىن ئىسسىق بىر نېمە مېڭىپ پۇتۇمدىن ساقىپ ئېقىۋاتقاندەك سېزىم پەيدا بولدى،مەن«ئىچىم سۈرۈپ كەتتىمۇ-يا؟» دېگەننى ئويلاپ يەرگە بېشىمنى تەسلىكتە ئىگىپ قارىسام پۇتۇمنىڭ ھۇشۇقىدىن يەرگە قان تامچىلاشقا باشلاپتۇ...مەن قورققىنىمدىن لاغ-لاغ تىتىرەپ بۇ خوتۇنغا ۋارقىرىدىم:
    - قان ...مەندىن قان كىتىپتۇ!
    خان ئاچام ئىشەنمىگەندەك كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا يەرگە قارىدى، دەرۋەقە مۇئەللەقتە ئېسىلىپ قالغان پۇتۇمنىڭ سونجىقىدىن قان تەپچىپ ئېقىۋاتاتتى. بۇ خوتۇن قاننى كۆرۈپ ۋالاقشىپ كۈلگىنىچە مىنى قويىۋەتتى:
    - كېسىلىڭ كىلىپ قالدىمۇ يىگىت؟
    - ھەئە، خان ئاچا كېسىلىم كەلگەن ئوخشايدۇ، ئەمدى مەن قايتاي!
     
    مەن شۇنداق دېگىنىمچە قۇلۇمنى تامبىلىمنىڭ كەينىگە تىقىپ ئېچىشىپ ئاغرىۋاتقان پەللىكىمنى تۇتۇپ باقتىم، قۇلۇم قىپقىزىل قانغا مىلىنىپ چىقتى، زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي، بىر قۇلۇمدا ئېچىشىۋاتقان كۆتۈمنى چىڭ بېسىپ دوختۇرخانىغا قاراپ يۈگۈردۈم...
    دوختۇر بىردەمنىڭ ئىچىدە كارىۋاتتا مىنى دۇم ياتقۇزۇپ تەكشۈرۈپ خۇلاسىلىدى:
    - ھاي ئۇكام، كۆتىڭىزنىڭ جىيىكى يىرتىلىپ كىتىپتۇ، دەرھال تىكمىسەك قان توختىمايدۇ!
    - نېمە؟،-دېدىم دوختۇرنىڭ گېپىنى ئوبدان چۈشىنەلمەي،-جىيىكى يىرتىلىپ كىتىپتۇ؟
    - شۇنداق، ئىككى پەللىكىڭىزدە بەشتىن ئون تىرناقنىڭ ئىزى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرۇپتۇ، بىرسى سىزنىڭ پەللىكىڭىزگە قامال سېلىپ ئىككى يانغا كۈچەپ تارتىپ كۆتىڭىزنى ئىككىگە بۆلىۋېتىپتۇ ئەمەسمۇ!
    «ماۋۇ پاسكىنا خوتۇن قۇلىنى ئۇيەرگە ئاپارغاندەكقۇ قىلمىغان، قانداق بولۇپ پەللىكەمنى ئىككىگە بۆلىۋەتكەندۇ؟»
    - ئەمدى قانداق قىلىمىز دوختۇر؟-دېدىم يىغلامسىراپ.
    - قانداق قىلاتتۇق توختاخۇن، كۆتىڭىزنىڭ جىيىكىنى تىكىدىغان گەپ!
    ئۇنىڭ «توختاخۇن» دېگەن ئاۋازى ماڭا بىرخىل تونۇش بىلىندى، مەن ياتقان يېرىمدىن بېشىمنى كۈتۈرۈپ بۇ دوختۇرنى تۇنۇپ قالدىم:
    - سەن...سەن ھېلىقى ياقا يۇرتتىن كەلگەن شىپاخانىنىڭ ئالدىدا ئاياق تىكىدىغان ھەسەن موزدۇز ئەمەسما؟،- دېدىم ئۇنىڭ دوختۇرلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئەجەبلىنىپ.
    - ھاي...ئۇ دېگەن مىنىڭ قوشكېزەك ئاكام، مەن دېگەن دوختۇر ھۈسەن!
    - ئۇنداق بولسا دەرۋازا تۈۋىدىكى ياماقچى ھەسەن ھازىر قەيەردە؟،-دېدىم ئۇنىڭغا ئىشەنمەي بىر قۇلۇم بىلەن كۆتۈمنى تۇتۇپ تۇرىۋېلىپ.
    - ئۇنىڭغا تۈگەپ كەتكىلى ئۈچ يىل بولدى،-دېدى ھۈسەن دوختۇر قىزارغىنىچە ماڭا ئالىيىپ قاراپ،- ماڭا ئىشەنمىسەڭ كۆتۈڭنى شەھەرگە كىرىپ تىكتۈرىۋال، لېكىن ساڭا شۇنى دەپ قۇياي، سەن شەھەرگە كىرگۈچە قانسىراپ ئۆلۈپ كېتىسەن، مەيلىمۇ؟
    بۇ گەپنى ئاڭلاپ يۇۋاشلاپ قالدىم.
    - بۇپتۇ، ساڭا ئىشەندىم، نېمە قىلساڭ قىل، ئىشقىلىپ مىنى ئوبدان داۋالا، ئالدىمىزدا تويۇم بار مىنىڭ...
    - خاتىرجەم بول، مەن بۇنداق يىرتىلىپ كەتكەن جىيەكلەرنى تىكىپ كۈنۈپ كەتكەن، ھېچقانداق ئىز قالدۇرمايمەن!
    ئىچىمدە«ئاكاڭ رەھمەتلىكمۇ ھۈنەرگە ئۇستا ئىدى، تىككەن ئايىغى نەچچە يىلغىچەيىرتىلىپ كەتمەيتتى، سىنىڭ تىككەن يىرىڭمۇ مەڭگۈ قۇيۇپ بەرمەس ئىلاھىم!»دەپ لىۋىمنى چىشلەپ ياتتىم.
    ھۈسەن دوختۇر دېگەن بۇ كۇسپۇرۇچ يىرتىلغان يىرىمنى مەس قىلماي تىككەن بولسا كېرەك،ھەر بىر يىڭنە سالغاندا كۆتۈمگە پىچاق تىققاندەك سېزىم بولۇپ ۋايجانلاپ ياتتىم،بىردەمدىن كېيىن ئۇ ئىشنى تۈگەتكەن چېغى«ئەمدى يەرگە چۈشسەڭ بولىدۇ» دېدى.
    مەن كارىۋاتتىن يەرگە چۈشەي دىيىشىم، ھۈسەن دوختۇر «توختاپ تۇر!» دىگىنىچە كونا كەشىمنى قۇلىغا ئېلىپ سىنچىلاپ قاراپ كەتتى-دە مەن ياتقان كارىۋاتنىڭ تىگىدىن بىر نېمىنى تارتىپ ئېلىپ بىر يېنى يىرتىلىپ كەتكەن كەشىمنى ئۇنىڭغا كىيگۈزدى، ئارقىدىن كارىۋاتنىڭ ئاستىدىن يەنە بىر دانە كىچىك بولقىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ تىلىنى توغرىسىغا چىشلىگىنىچە كەشىمگە «توك، توك»قىلىپ مىخ ئۇرۇپ ئاجراپ كەتكەن يەرنى ئوڭشاشقاباشلىدى...
     
    «مانا بۇ ئىش قىلغاندا تىلىنى توغرىسىغا چىشلىۋېلىپ ئاياغ تىكىدىغان ھەسەن موزدۇزنىڭ ئۆزى ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ ئاياغ يامايدىغان خۇمارى تۇتۇپ كەتكەن گەپ، بولمىسا مىنىڭ كونا كەشىمنى مىخلاپ نېمەقىلىدۇ؟!»
    مەن بۇلارنى ئويلاپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كېتىپ كەشىمنى ئۇنىڭ قۇلىدىن سىلكىپ ئېلىپ كۆتۈمنى تۇتقىنىمچە ئىشىك تۈۋىگە بېرىپ ئۇنىڭغا ھۆرپىيىپ ۋارقىرىدىم:
    - ئەبلەخ!
     
    - نېمە دەيسەن قىزىل كۆز پوكان؟-دېدى ھەسەن موزدۇزمۇ بوش كەلمەي.
     
    - كىمىڭنى ئالدايسەن؟
     
    - مەن نېمە قىلدىم؟
     
    - مىنىڭ كۆتۈم سىنىڭ قالايمىقان تىكىپ ئوينايدىغان كەشىڭمىدى؟
     
    - ئۆلچەملىك تىكىپ قويدۇمغۇ ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان تۇزكور!
     
    - زادى قانچە يىپ تىكتىڭ؟
     
    - ئون ئىككى يىپ!
     
    - ئون ئىككى يىپ؟ ۋوي شۇنچە چوڭمىكەن؟
     
    - كۆتۈڭنىڭ پاختىكى چىقىپ قاپتىغۇ ئەنە!
    ھەسەن موزدۇز شۇنداق دەپ بولۇپ بېشىنى چايقىغىنىچە كۈلۈپ ياندىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتى، مەن ئاچچىقىمدا دوختۇرخانا باشلىقىنى ئىزدەپ بۇ ئەھۋالنى ئۇنىڭغا پاش قىلىپ قويماقچى بولدۇم.
    دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىنى تەسلىكتە تېپىپ ئىشىكىنى يىنىك چەكتىم.
    - كىرىڭ!
    قارىسام ئۈستەل ئالدىدا ماڭا تۇنۇش بولغان مال دوختۇرخانىسىنىڭ پونكىت باشلىقى ئولتۇرۇپتۇ، مەن خاتا كىرىپ قالدىممۇ نېمە دەپ كەينىمگە يېنىپ ئىشىكنىڭ بېشىغا قايتىدىن قاراپ چىقتىم، بۇنى كۆرگەن باشلىق كۈلۈپ كېتىپ ئېغىز ئاچتى:
    - توختاخون خاتا كىرمىدىڭىز،- دېدى ئۇ مۇلايىملىق بىلەن ماڭا كۈلۈمسىرەپ،- مەن ھازىر بۇ يەرگە يۆتكەلدىم، تەشكىلنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى دەڭا ئۇكام!... نېمە ئىشتى؟
     
    بۇنى ئاڭلاپ ئېغىزىمغا ئىسسىق سۇ كەلدى«خۇدايا توۋۋا قىلمىدىم، ئېشەك دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقىنى ئادەم دوختۇرخانىسىغا باشلىق قىلىپ قويغان نەدە بار؟!»
    - ھە... ھېچ گەپ يوق...ھېچ گەپ يوق... مۇنداقلا كىرىپ قاپتىمەن، مەن كەتتىم ئاكا خوش!
    «بۇ ئەھۋالنى ئۇنىڭغا ئېيتقاننىڭ نېمە پايدىسى؟ چاشقاننىڭ ئەرزىنى مۈشۈك سورىغاندەكلا بىر ئىشقۇ بۇ...»
    مەن پاتمىخاننىڭ يېنىغىمۇ كىرمەي ھېلىقى بىر قوينىڭ گۈشى بىلەن ئات ھارۋىسىنى تېپىۋېلىش ئۈچۈن ئىككى پۇتۇمنى كەرىگىنىمچە خان ئاچامنىڭ ئۆيى تەرەپكە يۈگۈردۈم.
    بىچارە ئات دەرەخكە باغلانغان پېتى تۇرۇپتۇ، كۆتۈمنىڭ ئون ئىككى يىپ تىكىلگەنلىكى سەۋەبىدىن ھارۋىدا قۇڭۇمنى قۇيۇپ ئولتۇرالمىغاچقا ھارۋىنىڭ چۇقۇرىنى تۇتۇپ ئۈرەتۇرۇشتىن باشقا ئامالىم قالمىدى. تارقىتىدىغان يەنە تېخى بىر قوينىڭ گۈشى بارئىدى.
     
    مىڭ بىر جاپادا ئىككىنچى مەنزىلگەيىتىپ بېرىپ دەرۋازىنى قاقتىم.
    -ئىشىك ئۇچۇق!- سەت ۋارقىرىدى بىر ئايال.
    ھويلىغا كىردىم، نەقىشلىك تۈۋرۈكلەرگە تولغان ھەشەمەتلىك ھويلا ئىچىدە ئىنسى-جىن كۆرۈنمەيتتى.
    تىككەن يېرىمنىڭ قويۇۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ بىر قۇلۇمدا كۆتۈمنى تۇتۇپ يەنە بىرقۇلۇمدا قوي گۆشىنى كۈرمىڭ تەسلىكتە كۈتۈرۈپ ھويلىغا ئەكىردىم، ئاندىن ئۆي ئىگىسىنى چاقىردىم:
    - ئادەم بارمۇ؟
    جاۋاب يوق.
    - ئۆيدە ئادەم بارمۇ؟
    يەنە جاۋاب يوق.
    - خان ئاچا!
    - ھە نېمە گەپ؟
    ئاخىرى ئۆينىڭ ئىچكىرىسىدىن قوپال ھەم بوغۇق بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.
     
    - بۇلارنى نەگە قۇيىمەن؟
    ھايال ئۆتمەي ئىشىكنىڭ مارجاندىن ياسالغان مىلەڭزىسى ئاستىدا بىر جۇپ قىزىل سۆرىمە كەش كېيگەن ناھايىتى يۇغان بىر جۈپ پۇت پەيدا بولدى. كېيىن مىلەڭزە قايرىلىپ قىزىل شايىدىن ئىچى كىيىم كېيگەن تراكتور چاقىنىڭ بالونىغا ئوخشايدىغان ناھايىتىمۇ سېمىز، ناھايىتىمۇ گەۋدىلىك بىر ئايال ئۆردەكتەك ئىككى يانغا ئىغاڭلاپ چىقىپ كەلدى.
    «ئاھ ئۇلۇغ خۇدا، چۈش كۆرىۋاتامدىمەن نېمە؟ بۇ خوتۇن ئابايامقى خوتۇننىڭ قوشكېزەك ئاچىسىمۇ يا؟ بۇ ماڭا نېمە كەلگۈلۈك ئەمدى، ھەسەن موزدۇز دېگەن خۇمپەرنىڭ ئالدىغايەنە بارارمەنمۇ؟»
    - ئاۋۇ ئۈستەلدە قۇيۇپ قوي!
    مەن ھويلىدىكى يۇغان ئۈستەلگە داستىخان بىلەن ئورالغان گۆشلەرنى ئالدىراپ قاپ قۇيۇپ ئايال خوجايىنغا بۇ گۆشنى كىمنىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى كىكەچلەپ ئېيتتىم.
    ئايال خۇجايىن خوشياقمىغان ھالدا گىپىمنى بۆلدى:
    - ھە بولدى، ساۋاتىڭ بارمۇ؟
    - بار خان ئاچا!-دېدىم تېخىمۇ جىددىلىشىپ.
    - ئەمىسە بۇياققا كەل!
    «مەن توختى پوكان ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇنداق ئاخماقلاردىن ئەمەسمەن! تىرىك جادۇغا بېسىلىشقا رازىمەنكى ئەمدى بۇ خوتۇننىڭ گىپىگە ئەزبىرايى خۇدا كىرمەسمە...» بۇلارنى ئويلاپ ئىككى قۇلۇم ئىختىيارسىز كۆتۈمگە كىلىپ توختاپ قالدى، ئاچچىقىمدا غەزەپ بىلەن ۋارقىرىدىم:
    - نېمە دەيسەن پارىخور دەللى! كەينىڭدىن كىرىدىغان ساراڭمۇ مەن، تۈفىي!...قېرى دەججال!
    بۇ خوتۇن نېمە ئىش بولغىنىنى بىلەلمەي ئاغىزىنى ئېچىپ ھاڭ قالدى.
    مەن شۇنداق دەپ بولۇپ بۇ يەردىن دەرھال قېچىپ كىتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن كەينىمگە ئۆرۈلۈپ شۇنداق يۈگۈرۈشۈم«پاڭ» قىلغان بىر ئاۋاز بىلەن كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ ھويلىنىڭ ئىچى چۆرگىلەشكە باشلىدى...ئاندىن ئوڭدىسىغا يېقىلىپ چۈشتۈم...
    ئەسلىدە قاچىمەن دەپ كەينىمدىكى تۆۋرۈككە بەكلا قاتتىق ئۈسكەن ئىكەنمەن، ئېتىلغان قاپىقىمدىن قان «جىرت-جىرت» ئېتىلىپ چىقىپ پۈتۈن يۈز-كۆزۈمنى قانغا بويىۋەتتى. ياتقان يېرىمدىن مىڭ-بىر جاپادا ئۆمىلەپ تۇرۇپ تۈۋرۈكنى چىڭ قۇچاقلىۋالدىم، ھويلاتوختىماي پىيقىرايتتى...
    قارىسام قاننىڭ ئېقىشى خېلىۋەك ئېغىر، ئابىياتتىن ھەر نېمە بولسا دوختۇرخانا باشلىقىغا ھەسەن مۇزدۇز دىگەن ئوغرىنى چاقماپتىكەنمەن، كونىلارنىڭ«بارمايمەن دېگەن تۈگمەنگە يەتتە قېتىم بېرىپتۇ» دىگىنىدەك لىۋىمنى-لىۋىمگە چىشلەپ ئىككى پۇتۇمنى كەرىگىنىمچە دوختۇرخانىغايۈگۈرۈپ ھەسەن موزدۇزنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم:
    - ئاكا تىز بول ماۋۇ كۈزۈمگە قارىغىنا، قۇيۇلۇپ كەتمىگەندۇ؟
    - توختا مەن قاراپ باقاي،- دېدى ھەسەن موزدۇز يۈزۈمدىكى قانلارنى داكا بىلەن سۈرتۈپ تۇرۇپ،- چوڭ چاتاق يوق قاپىقىڭ ئېتىلىپ كۆزۈڭنىڭ جىيىكىگە كىلىپ توختاپتۇ،تىكىمىزمۇ ئۇكام؟
    - تىكمىسەك زادى بولماسمۇ ئاكا؟-دېدىم ئۇنىڭدىن ئۈتۈنگەن ھالدا.
    - تىكمىسەك قان توختىمايدۇ، بۇ يەرنىڭ يىرتىقى كۆتۈڭنىڭكىدىن بوش ئەمەسكەن توختاخۇن!
    - بۇپتۇ ئاكا، تىكسەڭ تىككىنە، يۈزۈمنىڭ ھەممىنى تىكىۋەتسەڭمۇ مەن رازى، ئىشقىلىپ بۇ جاندىن تويدۇم...
    ھەسەن موزدۇز مىنى كارىۋاتتا ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ تىلىنى يەنە توغرىسىغا چىشلىگىنىچە تىكىمچىلىك مەشغۇلاتىنى باشلاپ كەتتى ئاندىن ئىش تۈگىگەندە مىنى يەرگەچۈشۈشكە بۇيرىدى.
    مەن يەرگە چۈشۈپ ئالدىراپ ياندىكى تامغا ئېسىلغان ئەينەكتىكى شولامغا قاراپ باقتىم،قارىسام ھەسەن موزدۇز دېگەن كۇسپۇرۇچ تېڭىق داكىسىنى پېشانەم بىلەن بىر كۆزۈمنى قېتىپ ئايلاندۇرۇپ تېڭىپ قۇيۇپتۇ، ئەينەكتىكى شولامغا قاراپ مىنى بىر تۇرۇپ كۈلكە تۇتىۋالسا بىر تۇرۇپ ئاچچىق تۇتىۋالدى. مەن مۇشۇ تاپتا چەتئەل كىنولىرىدىكى بىركۆزىنى تېڭىپ قۇيۇپ دۇلىسىغا شاتۇتى قوندۇرۋالىدىغان دېڭىز قاراقچىسىنىڭ كاتتىۋاشلىرىغا ياكى كۆرۈنۈشلەردىكى ئۇرۇشتا ئېغىر يارىلىنىپ چېكىسىنى داكا بىلەن تېڭىۋالغان، يەتتە بالىسىنىڭ يىتىم بولۇپ قالغىنىغا قارىماي سەكرات ئۈستىدە بەدەل پۇلى تاپشۇرۇۋاتقان پىشقەدەم قەھرىمانلارغا ئوخشاپ قالغان ئىدىم...
    شۇنداق قىلىپ ھەسەن موزدۇز بىلەن نىسىغا ھىساپلىشىپ پاتمىخان كۆرۈپ قالماستا ئات ھارۋىسىنىڭ چۇقۇرىنى چىڭ تۇتۇپ ئۈرە تۇرغىنىمچە مەھەللىگە قاراپ يول ئالدىم.
    مەھەللىگە يېقىنلاشقاندا مىنى تونۇيدىغانلار مىنىڭ ھارۋىدا ئۆرە تۇرغان ھالىتىمنى كۆرۈپ ئېغىز-بۇرۇنلىرىنى تۇتۇشۇپ راسا مەسخىرە قىلىشتى. بەزەنلەر يۈزۈمدىن–يۈزۈمگە «ھە توختى ئۇرۇشتىن قايتتىڭلارمۇ، ئاڭلىسام ئۇرۇشتا خىزمەت كۆرسىتىپ قەھىرمان بۇلۇپسىلەرغۇ؟» دېسە يەنە بەزەنلەر«ياق...ياق...غالىبلارچە تۇرغىنىڭلاردىن قارىغاندا گېنىرال بولدۇڭلىمۇ-يا؟» دەپ مىنى زاڭلىق قىلىشتى، مەن ھەممىگە چىدىدىم، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدىم...
     
    نېمە دەيمەن، گەپ قىلساملا ئېتىلىپ يىغلاپ سالىمەن...
    كەنتە كومتىتىنىڭ دەرۋازىسىدىن ئات ھارۋىسىدا ئۈرە تۇرغىنىمچە كىرىپ كەلدىم، مىنىڭ كەلگىنىمنى كۆرگەن بۇغالتىر قاتارلىق بەش كىشى كۈلكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ ئالدىمغا يۈگۈرۈپ چىقىشتى ئاندىن ئاتنىڭ بېشىنى تۇتۇپ تۇرۇپ مەندىن ھال سوراشتى:
    - ھارماي كەلدىڭلىمۇ توختاخۇن؟
    مەن ئۇلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەرمەي كالپۇكۇمنى چىشلىگىنىمچە قاپىقىمنى چىڭ تۈرۈپ ھارۋا ئۈستىدە تۇرىۋەردىم.
    - ھارۋىدىن چۈشسىلە قەھىرمان غۇجام!
    - ئالدىلىرىغا گىلەم سالامدۇق يا؟
    مەن ھارۋىدىن تەستە چۈشۈپ چاترىقىمنى كەرىگىنىمچە سۆگەت تۈۋىگە بېرىپ يەرگە قاراپ پۇشۇلداپ تۇردۇم. ئۇلار ئەتراپىمغا ئولىشىۋېلىپ ۋىلىقلىشىپ كۈلۈشكىلى تۇردى.
    - نىمانداق خەتنە قىلغان بالىدەك چاترىقاڭلىنى كەرىپ يۈرۈيسىلەر توختاخۇن؟
    بۇغالتىرنىڭ بۇ گىپىدىن بۇ بەش ئوغرى ئاخىرى ئاۋازىنى قۇيىۋېتىپ تىزىغا شاپلاقلاشقىنىچە كۈلۈشكىلى تۇردى. مەن ئىزا-ئەلەمگە چىدىماي پاڭڭىدە ئېتىلىپ يىغلاپ كەتتىم. شۇ چاغدا ئارىمىزدىكى بىرەيلەن كۈلكىسىنى يېرىم توختىتىپ مەندىنسوراپ قالدى:
    - قانچە يىپ تىكتى؟
    - ئون ئىككى يىپ.
    - ئون ئىككى يىپ؟ قانداق جاھان بولۇپ كەتتى بۇ، مېنىڭكى بىلەن ...
    ئۇ بۇ گەپنى دەپ بولۇپ ئاغىزىنى تۇتىۋالدى. ئۇنىڭ پورسۇققىدە دەپ سالغان گىپىدىن مەن بېشىمنى كۈتۈرۈپ ئۇنىڭدىن سورىدىم:
    - سىنىڭكىنىمۇ تىكىگلىك؟
     
    - ھەئە!
     
    - قانچە يىپ؟
     
    - ئون ئىككى يىپ...
     
    - كۈتۈڭدىمۇ؟
     
    ئۇ كۆزىگە ياش ئېلىپ بېشىنى لىڭىشتتى، بۇنى كۆرگەن قالغان تۆتەيلەن ھەيران قېلىشىپ بىر-بىرىگە قارىشىۋالغاندىن كېيىن تەڭلا ئىككىمىزدىن سورىدى:
    - سىلەرنىڭ ئون ئىككى يىپ تىكىلگىنى مۇشۇ يەرنىڭ جىيىكىمۇ؟،-ئۇلار شۇنداق دېيىشكىنىچە ئۆزلىرىنىڭ كۈتىنى ئىشارەت قىلىشتى.
     
    ئىككىمىزمۇ كۆزلىرىمىزنى چەكچەيتىشىپ تەڭلا بېشىمىزنى لىڭىششتتۇق، بۇ چاغدا بۇ تۆتى كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ تەڭ ئىسەنكىرەپ يىغلاشقا باشلىدى، مەن ئۇلارنىڭ ئېغىر ھەسرەتلىك يېغىسىغا قاراپ چۈشىنەلمەي سورىدىم:
     
    - ھەر قايسىڭغا نېمە بولاشتى ئەمدى؟
     
    - بىزنىڭكىنىمۇ ئون ئىككى يىپ تىكىگلىك...
     
    - سىلەرنىڭمۇ ئون ئىككى يىپما؟،-ئىككىمىز تەڭ ۋارقىراپ سالدۇق.
     
    - شۇنداق، ھەسەن موزدۇز بىلەن ئۇ پارىخورنىڭ خوتۇنلىرى بىر شېرىك! بىرسى يىرتىدۇ، بىرسى تىكىدۇ....
     
    - نېمە... نېمە؟،- مەن توۋلاپ سالدىم،-نېمىشقا بالدۇر دېيىشمەيسەن؟
    - بىز....بىز....
    شۇنداق قىلىپ بۇ ئالتەيلەن بىر-بىرىمىزنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ ئۈنسىز يىغلاپ كېتىشتۇق. يىغىمىز توختاپ ئۈز-ئارا تەسەللى بېرىشىۋاتقاندا بۇغالتىر دېگەن پەسەندى تۇيۇقسىز ئاۋازىنى قۇيىۋېتىپ زوڭ ئولتۇرغىنىچە ھازىدار خوتۇندەك ئۈنلۈك ھۆركىرەپيىغلاشقا باشلىدى.
     
    - بولغۇلۇق بولدى، نىمانچەيىغلايسەن؟،- دەپ تەسەللى بەردىم ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ.
     
    - سىلەر بىلمەيسىلەر...
     
    - نېمىنى؟
     
    - مىنىڭ يىگىرمە تۆت يىپ ...،- ئۇئاۋازىنى قۇيىۋېتىپ تېخىمۇ ئۈنلۈك ۋارقىراپ يىغلاشقا باشلىدى.
     
    - مىنىڭمۇ يىگىرمە تۆت يىپقۇ؟،-دىدىم ئۇنىڭ يېغىسىغا قاراپ ئەجەبلىنىپ.
     
    - سىنىڭ يىگىرمە تۆتى بىلەن مىنىڭ يىگىرمە تۆتى ئوخشىمايدۇ..
     
    - قانداق ئوخشىمايدۇ؟
    ئۇ يىغىسىنى توختىتىپ ئورنىدىن تۇردى ئاندىن چاترىقىنى چاڭگاللاپ بىزگە قاراپ ۋارقىرىدى:
    - مىنىڭ ئون ئىككى يىپنىڭ بىرى كۆتۈمدە يەنە بىرى ماۋۇ يىرىمدە، ئەمدى بىلىشتىڭما؟
    قالغانلار بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ جىم بولۇپ قېلىشتۇق، ئۇنى دېمىسىمۇ بۇغالتىر ئۆتكەن يىلقى قۇربان ھېيتتىن باشلاپ ئېغىر بىر نەرسە كۆتۈرەلمەيدىغان، ماڭسا بىلىنى چايقاپ ماڭىدىغان، كۈلسە ئاياللاردەك ئېغىزىنى تۇتۇپ كۈلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. بىز بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى بىرئاز بىلگەندەك بولدۇق.
    شۇ چاغدا سېكرىتار ئاسماندىن چۈشكەندەك ئۆزى يالغۇز ئالتە قوينى يىتىلەپ يېنىمىزدا پەيدا بولدى ھەم زەردە بىلەن بىزگە ھۆمەيگىنىچە توۋلىدى:
    - ھەرقايسىڭنىڭ يىغا-زارى تۈگىدىما؟
    بىز سېكرىتارغا نېمە دېيىشىمىزنى بىلەلمەي قاينىغان قازانغا سۇ قۇيغاندەك جىمىپ كىتىپ كۆزىمىزنى پۇلتايتىپ قاراپ تۇردۇق.
    - نېمانداق خوتۇن كىشىدەك ئەتىدىن –كەچكۈچە پوتلا-مىشقاڭنى ئېقىتىپ يۈرۈشىسەن؟
     
    - بىز...بىز...
     
    - ئەمدى ماۋۇ ئالتە قوينىشەھەردىكى...
    گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بۇغالتىر ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ قۇيۇندەك يۈگۈرگىنىچە قاتتىق ۋارقىرىدى:
    - ۋوي... قاچ!
    قالغان بەشىمىزمۇ نېمە ئىش بولغىنىنى بىلەلمەي بوغالتىرغا ئەگىشىپ گويا تۇرغان يېرىمىزگە بىرسى بومبا تاشلايدىغاندەك بار كۈچىمىز بىلەن قېچىشقا باشلىدۇق...
    بىز شۇ قاچقىنىمىزچە ئۇدۇل كەنتە كومتېتىغا قوشنا بولغان مەكتەپنىڭ يېقىلۇق تېمىدىن سەكرەپ ئۆتۈپ ئۆزىمىزنى دالدىغا ئالغاچ ئالتە قوينى تۇتۇپ قالغان سېكرىتارنى مارىلاشقا باشلىدۇق.
     
    سېكرىتار ئالتەيلەننىڭ ئىسمىنى نۆۋەت بىلەن بىر قېتىمدىن چاقىرىپ چىقتى. بىز بېشىمىزنى تىقىۋېلىپ ئۈن دىمەستىن شۇك تۇرىۋالدۇق، بىچارە سېكرىتار بىردەم ئوڭ-تەتۈر ۋارقىرىغاندىن كېيىن ئاخىرى قويلارنى ئۆزى يالغۇز يىتىلەپ شەھەر تەرەپكە ماڭىدىغان يولغا مېڭىشقا مەجبۇرى بولدى.
     
    - بۇرادەرلەر!،- دېدى بوغالتىر؟؟؟؟؟ئاۋازدا ھاسىرىغىنىچە،- ئاۋۇ ئەبلەختە بىرە ئېلىشىڭلار بارمۇ؟
    بىز بۇ گەپنى چۈشىنەلمەي ئۇنىڭ چىرايىغا قارىدۇق.
    - قاراڭلار ئاۋۇ ئەبلەخنىڭ ئۈزىنى چاغلىماي تېخى ئالتە قوينى ئۆزى يالغۇز شەھەرگەئېلىپ ماڭغىنىنى، ئامىن!
    بىزمۇ بوغالتىرغا ئەگىشىپ قولىمىزنى دۇئاغا ئاپاردۇق، مەن نېمىگە دۇئا قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلەلمەي ئۇنىڭدىن سورىدىم:
    - نېمىگە ئامىن!
    - مەن جېنىمدا ئۈچ قوينى شەھەردىكى پارىخورلارغا ئەكىرىمەن دەپ بار دەسمايەمدىن ئايرىلىپ مانا مۇشۇنداق يېرىم بولۇپ قالغان يەردە، ئۇ خۇمپەر ئۈزى يالغۇز ئالتە قوينى تارقىتىمەن دەپ ئەتىگىچە چوقۇم ئۆلۈپ قالىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ نامىزىنى ئوقۇۋېتەيلى!
    - تۈفىي!
    بەشىمىز تەڭلا يەرگە تۈكۈرۈپ ئۇنىڭغا ۋارقىرىدۇق:
    - قانداق يەردە تىرىك ئادەمنىڭ نامىزىنى ئۇقۇغان ئىش بار، ھەي نا ئەھلى!
    - ئىشەنمىسەڭلار مەيلى، شەھەردىكى ئۇ پارىخور-بۇلاڭچىلارنىڭ خوتۇنلىرى ئاسماندائۇچۇپ سىمدا ماڭىدۇ، يېزىمىزدىكى ھەسەن موزدۇزنىڭ ھېلىقى شىرىكلىرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھېچگەپ ئەمەس، قاراپ تۇرۇڭلار ئۇ ئۆلمەي قالسا مەن قۇلىقىمنى كىسىپ بېرەي!
    بىز ئالتىمىز ئىختىيارسىز كۆتۈمىزنى سىلاشقىنىمىزچە ئېغىر خىيالغا پاتتۇق. ئارىمىزدىن بىرەيلەن تۇيۇقسىز دۇئاغا قول كۆتۈردى:
    - ئامىن!
    - يەنە نېمىگە ئامىن؟،- قالغانلىرىمىز ئۇنىڭدىن تەڭ سورىدۇق.
    - ئۇلۇغ خۇدانىڭ پارتىيە-ھۆكۈمىتىمىزگە تېخمۇ نۇسىرەت ئاتا قىلىشىغا ئامىن! پارتىيىمىزنىڭ بۇ چىرىك –پارىخورلارنىڭ جاجىسىنى بالدۇرراق بېرىشىگە ئامىن!
    - ماۋۇ گىپىڭ جايىدا، پارتىيىمىز دانادۇر، قاراپ تۇر، پارتىيە-ھۆكۈمەت ھامىنى بۇ پارىخور مۇناپىقلارنىڭ جاجىسىنى بىرىپ تىكىلگەن يېرىمىزنىڭ ئۈچىنى ئېلىپ بىرىدۇ، قېنى ئاغىنىلەرئامىن!
     
    مەن شۇنداق دەپ بۇلۇپ قۇلۇمنى دۇئاغا ئېگىز كۈتۈردۈم.
     
     
    1997-يىل قاراقاش
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.