ناچار(ئىدرىس بارات)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-03 03:05:03

ناچار(ھېكايە)ئىدرىس بارات كۈن تاغ كەينىگە ئولتۇرۇپ كېتىۋاتقان مەزگىلدە، بىز ئاشپۇزۇلدىن چىقىپ لياڭپىزىچى خۇيزۇ ئايالنىڭ يۇمىلاق ئۈستىلى ئەتراپىدىن ئورۇن ئېلىشتۇق-دە، لياڭپىزا، كاۋاپ بۇيرۇتق...

    ناچار(ھېكايە)
    ئىدرىس بارات


       كۈن تاغ كەينىگە ئولتۇرۇپ كېتىۋاتقان مەزگىلدە،  بىز ئاشپۇزۇلدىن چىقىپ لياڭپىزىچى خۇيزۇ ئايالنىڭ يۇمىلاق ئۈستىلى ئەتراپىدىن ئورۇن ئېلىشتۇق-دە،  لياڭپىزا،  كاۋاپ بۇيرۇتقاندىن كېيىن،  پىيالىدىن بىرنى سورىۋېلىپ،  بوتۇلكا جانابلىرىنى چۆرىدەپ پائالىيىتىمىزنى يەنە داۋاملاشتۇرۇشقا كىرىشتۇق. چۈشتىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان بۇ ئولتۇرۇش بەزىلەرنى ئۈستەلگە جەينىكىنى تىرەپ ئاران ئولتۇرغۇدەك ھالەتكە كەلتۈرگەن بولسا،  يەنە بەزىلەرنى گەپدان،  ۋالاقتەككۈر ھالەتكە كەلتۈرگەنىدى. مەستلىك  مەردلىك دېگەنلىك،  تېخى ھېچكىم ئىچىشتىن يالتىيىدىغاندەك ئەمەس. مەن بولسام بۇ سورۇنغا تېخى يېڭى ئەزا،  ئۆزۈممۇ ئانچە كۆپ ئىچمىدىم،  ئۇلارنىڭ ھاراقنىڭ كۈچى بىلەن قىلىشقان ھەر خىل-ھەر ياڭزا پاراڭلىرىغا،  ئىلگىرى ئاڭلاپ باقمىغان لەتىپە-چاقچاقلىرىغا،  ئىندىۋىدۇئاللىققا ئىگە تىلىغا قىزىقىپ،  ئۈلپەت بولۇپ ئولتۇرۇۋاتىمەن. بۇنداق ئولتۇرۇشلار ماڭا نىسبەتەن،  تۇرمۇشنىڭ يەنە بىرقىسمى،  يەنە بىر خىل رەڭگى بولۇپ تۇيۇلىدۇ ياكى مەن ئۈچۈن،  يېڭى-يېڭى پېرسوناژلار بىلەن تونۇشۇش،  ئۆزگىچە پېرسوناژ تىلىنى ئۆگىنىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى بولىدۇ. مانا،  يەنە بىر يېڭى پېرسوناژ ئالدىمىزدىن ئۆتۈپ كەتتى. ئوتتۇرا بوي،  دىغماق،  ھۆسن-جامالى لاتاپەتلىك،  كىيىنىشى سالاپەتلىك 30 ياشلاردا كۆرۈنىدىغان بىر چوكان يەر تېگىدىن ئەتراپقا قارىغىنىچە يېنىمىزدىن ئۆتۈۋىدى،  ئۈلپەتلىرىمىز ئىچىدىكى گەپدانلاردىن غەنى دىمىغىنى تارتىپ،  ئاغزىغا لىق بەلغەم كەلتۈرۈپ،  ھېلىقى چوكاننىڭ كەينىدىن «تۈفى!» دەپ شالاققىدە بىرنى تۈكۈردى. «ئەجەب قىلدىيا ماۋۇ ئاداش» دەپ قالدىم ئىچىمدە.
     ئادىشاۋا،  مەدەنىيەتلىك بول جۇما! دېدى ئۈلپەتلىرىمىزدىن مۇختەرجان غەنىگە چاقچاق تەلەپپۇزىدا.
     چىرايلىق قىزغا ئۆچ بولۇپ قالىدىغان گۇي بۇ! دېدى ئەزىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن چېقىشىپ.
     ھىم،  گۈزەل ئىمىش تېخى،  تېشى پال-پال بولسا گۈزەل بولغۇدەكمۇ؟ دېدى غەنى تەگەپ، ھەرقايسىڭنىڭ ئاشۇ نېمىگە كۆزۈڭ چۈشتىمۇ؟ ئۇنداق شاپاقچىنى!
    غەنىنىڭ بۇ گېپى ئۈلپەتلىرىمىزنى قىزىقتۇرۇپ قويدى. دېمىسىمۇ،  ئۇلار شىركەيپ بولغاچقا،  ھاۋايى-ھەۋەسكە ياكى شەھۋانىي پاراڭلارغا قىزىقىپ قالغان چېغى.
     سەن تونۇمسەن ئۇ سەتەڭنى؟ قالتىس ياسىنىپتۇ جۇمۇ! قېشىغا قاشلىق ئېتىپ،  لېۋىنى بوياپ،  ئەتىر پۇرىتىپ مېڭىپتۇ كاساپەت. يېنىمدىن ئۆتكەندە،  شۇنداق خۇش بۇي فارانسىيە (فرانسىيە دېمەكچى) ئەتىرىنىڭ پۇرىقى دىمىغىمغا گۈپ قىلىپ تېگىۋىدى،  كۆڭلۈم يايراپلا كەتتى، دېدى ياشقا چوڭراق سۇلتان، ئويناشقا ماڭغان ئوخشىمامدۇ؟ قېنى،  ئېيتە غەنى،  ئېرى يوق نېمىمۇ ئۇ؟
     تونۇيمەن،  تونۇغاندىمۇ خېلى ئوبدان تونۇيمەن، دېدى غەنى ھېلىقى چوكان كەتكەن تەرەپكە بوينىنى سوزۇپ بىر قارىۋېتىپ، ناچار نېمە-دە،  ناچار.
    غەنى خېلى تەڭشىلىپ قالغانىدى،  ئۇ توختىمايلا ھېلىقى چوكاننىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ كەتتى. باشقىلار گاھىدا دىققەت قىلىپ،  گاھىدا چاقچاق قىلىپ گەپ ئارىلاپ ئولتۇرۇشتى،  مەن پۈتۈن دىققىتىم بىلەن ئاڭلىدىم. بۇ قالتىس بىر ھېكايە ئىدى،  ھېچبولمىغاندا غەنى ئۇ ھېكايىنى كەيپچىلىكتىكى سۆزمەنلىكىگە تايىنىپ،  تىل-ھاقارەت سۆزلىرى بىلەن بېيىتىپ،  ئاجايىپ ئوخشىتىپ سۆزلىگەنىدى.
     ھەي،  سىلەر ھېلىقى تالىپ پەلچىڭ دېگەن مەللەزى گۇينى بىلەمسىلەر؟ نېمە؟ كاللا دېسەك پاچاق دەۋاتىسەن دەۋاتامسىلەر؟ ياق،  ھېكايىنى باشتىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. شۇ تالىپ پەلچىڭ بىلەن بىر مەزگىل ئىزدىشىپ ئۆتتۇق دەڭلا،  ئۇمۇ بويتاق،  مەنمۇ بويتاق،  تېپىشىپ قاپتۇق دەڭا،  ناچار گۇي ئىكەن-دە،  ناچار.
     بويتاق ئۆتكەن نېمىمۇ ئۇ؟ قېرى گۇيغۇ ئۇ، دېدى سۇلتان لوقما سېلىپ.
     ھە،  شۇنداق،  ئاڭلاپ تۇرمامسەن! بىر ئوبدان خوتۇنى بار ئىدى دېگىنە،  بەش بالىسىنى يېتىم قىلىپ ئاجرىشىپ تۈگەشتى. بۇ ھەللەزىنىڭ خوتۇنىغا زالىملىقىنى،  ئۆزىنىڭ ئوساللىقىنى تولۇقى بىلەن ئېيتمىسام،  بايىقى شاپاقچىنىڭ پەسكەشلىكىنى چۈشەنمەيسىلەر. تالىپ پەلچىڭچۇ،  خوتۇنى بىلەن يەتتە يارىشىپ سەككىز ئاجراشقان ماز دېگىنە،  ماز،  جىڭ ماز! ئايالىدىمۇ ئاز-تولا بار چېغى،  ئەمما گۇناھ پەلچىڭدا دەڭلا. ئوغۇل بالا ئەركەك تۇرۇپ شۇنداقمۇ مازلىق قىلغان بارمۇ؟ ئاددىيسى بارغۇ،  خوتۇنى ئاجرىشىپ ئۆز ئىدارىسىدىكى بىر شوپۇرغا تېگىپ،  بىر بالا تۇغقاندىن كېيىن،  يەنە ئاجراشتۇرۇپ ئۆزى يارىشىۋالغان دېسىنا،  بىچارە ئايالنىڭ جېنىغا ئۇۋال،  يارىشىپ ئۆيىدە ئولتۇرسا،  ئاخشاملىرى مەست كېلىپ دۇمبالىغان،  «ئۆيگە كىم كەلدى؟» دەپ سوراققا تارتقان،  ئاجرىشىپ كەتكەن كۈنلەردە بولسا،  خوتۇنىنىڭ ئۆيى ئەتراپىدا مۆكۈنۈپ يۈرۈپ كىرگەن-چىققاننى چارلىغان،  باستۇرۇپ كىرىپ زورلۇق قىلغان. بىچارە ئايال ئاخىر «ۋاي داد،  پەندىياد!» دەپ،  يۇرتىغا يۆتكىلىپ كېتىپلا قۇتۇلدى،  دەڭلا. مانا تالىپ پەلچىڭ دېگەن مانا شۇنداق بىر ناچار گۇي.
     ئۇ بويتاق قالغاندىن كېيىن،  بىز بويتاقچىلىقتا قويۇق ئىزدىشىپ يۈردۇق. بەزىدە ئۇ كېلەتتى،  بەزىدە مەن باراتتىم. بىراق تالىپ ناچار گۇي-دە،  ناچار. ئۆتۈپ كەتكەن پىخسىىق،  سېنى شىلىپ يەيمەنلا دەيدۇ،  بىكارغا يەيدىغان يەر بولسا،  تونۇسا-تونۇمىسا يۈزىنى داپتەك قىلىپ كىرىۋېرىدۇ،  دەڭلا. ئەمدى،  بىر ئارتۇقچىلىقىمۇ بار،  ئاككاردىيوننى ياخشى چالىدۇ،  «كارابۇشكا-كارابۇشكا» دەپ جېرلاپ كەتسە،  يېڭى ئاڭلىغانلار: «قالتىس خۇش ئاۋاز ئادەم ئىكەن» دەپ ماختايدۇ،  ئەمما ئولتۇرۇش ئاخىرلاشقۇچە ئۇنىڭمۇ مېزى ئېچىلىپ بولىدۇ. سورۇندا ئايال كىشىلا بولسا،  مەيلى ياش بولسۇن،  قېرى بولسۇن،  ئاق بولسۇن،  كۆك بولسۇن،  قېشىغا سۈركىلىپ بېرىۋالىدۇ،  بىر يەرلىرىنى چىمدايدۇ،  سىيلايدۇ،  تۇتىدۇ. قىچىقى بار ئايال بولسا،  جىم تۇرۇپ بەردىمۇ،  بولدى،  ئۇ ئايال تالاغا چىقسا تەڭ چىقىپ قۇچاقلايدۇ،  تالاغا چىقمىسا،  كۆز قىسىپ شەرەت قىلىدۇ. ئۆيىنى ياكى ئىدارىسىنى بىلىۋالسا،  ھىيىقماستىن بېرىۋېرىدۇ،  بىر كەلتۈرمىگۈچە يالتايمايدۇ،  شۇنداق ئوسال گۇي-دە،  ناچار،  بەك ناچار.
     ھوي،  سەن ھېلىقى سەتەڭنىڭ ھېكايىسىنى ئېيتىمەن دەپ،  ھەدەپ پەلچىڭگە چۈشۈپ كەتتىڭغۇ، دېدى سۇلتان ئەسكەرتىپ.
     ھە،  ئالدىرىماي تۇرمامسەن،  ھېكايە دېگەن مانا شۇنداق. ئۆز رىتى بىلەن كېلىدۇ. ھېلىقى چوكاننىڭكىنى ئاڭلىماقچىمۇ؟ مانا،  قۇلاق سال: ئۇنىڭ ئىسمى خاتەم،  مەن ئۇنى خاتەك دەيمەن. بىر ئوبدان ئېرى بار دېگىنە،  ئۇنىڭ ئېرىگە خۇدايىم ئەقىل،  تالانت بېرىپ،  كۆز بەرمەپتىمىكىن،  ئۆزى ياخشى بالاڭزا دېگىنە،  ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن،  ھازىر ئۆزى كادىر،  ئىسمى سادىر. ھېلىقى خاتەك شۇ سادىرنىڭ خوتۇنى،  ناچار جالاپ-دە،  ناچار. سادىر بىلەن مەن يېقىن ئۆتەتتىم،  ئانچە-مۇنچە ئۇلارنىڭكىگە بېرىپ تۇراتتىم.
     قۇشلاپتىكەنسەن-دە،  گۇي، دېدى ئەزىز گەپ ئارىلاپ.
    - ماڭەۋە،  بىز ئۇنداق تۇزكور ئەمەس،  جۇمۇ! يەنە شۇ تالىپ پەلچىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىش،  دېگىنە،  بىر كۈنى پەلچىڭنىڭكىگە بارسام،  ئۇ گۇي ئەزەلدىن مەينەت بېسىپ تۇرىدىغان ئۆيىنى ئانچە-مۇنچە يىغىشتۇرۇپ تازىلاپتۇ،  ئۈستەلگە ئانچە-مۇنچە يېمەك-ئىچمەك تىزىپتۇ،  ساقال-بۇرۇتىنى قىرىپ،  چېچىنى مايلاپتۇ،  كىيىمىگە ئەتىر چېچىپتۇ،  يىگىلەپ قالغان نوگاي قاپاقنىڭ بوينىدەك بوينىغا بىر نىمكەش گالستۇكنى قوي باغلىغاندەك يۆمەپ چىگىپتۇ. ئۇ گۇي مېنى كۆرۈپ ئۆڭدى-دە،  «بىمەھەل ۋاقىتتا كېلىپ قالدىڭ،  ئاداش» دېدى ئوچۇقلا. نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى پەملىدىم-دە:
     كىم كەلمەكچىدى؟ دەپ سورىدىم. چۈنكى مەن ئۇنىڭ بىلەن باردى-كەلدى قىلىدىغان بەزى شاپاقچىلارنى تونۇيتتىم.
     سەن تونۇمايسەن،  جانان چىنىدەك جاراڭلاپ تۇرىدىغان جانان دېگىنە. بىر چۈشتى قولۇمغا، دېدى. ئۇ شۇنداق دېگىنىچە بالكونغا چىقىپ يولغا بىر قارىۋەتتى-دە،  سائىتىگە قاراپ قويۇپ،  مېنى ئولتۇرۇشقىمۇ تەكلىپ قىلماي،  ئىككى چوڭ رومكىغا لىقلاپ ھاراق قۇيدى-دە،  ئۆزىنىڭكىنى كۆتۈرۈۋېتىپ،  ئاغزىدىن كۆپۈك ياندۇرۇپ سۆزلەپ كەتتى:
     قىزىم دېمەتلىك چوكان ئىكەن،  بىر سورۇندا تانسا ئويناپ قالدۇق،  «قالتىس ئوماق ئىكەنسىز جۇمۇ» دېسەم،  جاۋابەن «ئاككوردىيوننى قالتىس چالىدىكەنسىز» دېمەسمۇ،  چاققانلىقىمنى قارا،  بىر كەلتۈرۈۋالدىم دېگىنە،  «قارا بۇشكا» دېگەننى چۈشىنەمسىز؟ «قارا بۇشكا» دېگىنىمىز تاتارچە «قارا كۆزلۈك جانانىم» دېگەن بولىدۇ،  بۇ ناخشىنى سىزگە ئاتاپ ئوقۇدۇم،  كۆزىڭىز ئەجەب قارا ئىكەن،  خۇددى كۆمۈرنى پاتۇرۇپ قويغاندەك،  دەپ،  كۆزىنىڭ ئىچىگە قادىلىپ قارىسام ئۆزىنى ئەپقاچمىدى،  يەنە بىر نۆۋەت تانسا ئوينىغاندا،  مەيدەمنى ئەمچىكىگە ياقسام،  ئەپقاچماي تۇتۇپ بەردى،  دېگىنە. ۋۇجۇدۇم راھەتتىن شۈررىدە ئېرىپ كەتتى. ئولتۇرۇش ئاياغلاشقۇچە،  ئىسمىنى،  ئادرېسىنى،  ئىدارىسىنىڭ تېلېفونىنى بىلىۋالدىم-دە،  بىر كۈنى تېلېفون بېرىپ،  ئۆيگە تەكلىپ قىلسام،  باراي دېدى شۇ.
     ئۆيۈڭنى تاپالامدۇ؟ دەپ سوراپ ساپتىمەن ئالدىراپ.
     بۈگۈن ئىككىنچى قېتىم كېلىشى،  دەسلەپتە كەلگەندە،  ئالدىغا چىقىپ كۈتۈپ تۇردۇم،  دەل دېگەن ۋاقتىدا كەلدى،  توۋا دەيمەن،  خوتۇن كىشى دېگەننىڭ كۆڭلىنى. خوتۇنۇمغا شۇڭا ئىشەنمەيتتىم دېگىنە،  بۇ چوكان مەندىن شۇنچە ياش،  شۇنچە چىرايلىق تۇرۇپ،  چاپلىشىپلا كەتتى دېگىنە،  «جېنىم» دېيىشلىرىچۇ تېخى،  ياش دېگەننىڭ ياشلىقى بار-دە،  ۋۇجۇدۇم يايراپ كەتتى،  ئەمما كىيىم-كېچىكىمنىڭ مەينەتلىكىدىن قاتتىق نومۇس قىلدىم،  ئىچ كۆڭلىكىم كىرلىشىپ قاپقارا بولۇپ كېتىپتىكەن،  ئۇنىڭ رۇباشكىسىچۇ،  يىپەكتىن...
    گەپ شۇ يەرگە كەلگەندە،  ئىشىك ئاستا چېكىلدى،  تالىپ پەلچىڭ ھودۇقۇپ،  دولامغا ئۇرۇپ تۇرۇپ «بۈگۈن رەنجىمەي كېتىپ تۇر،  ئاداش» دېگىنىچە بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى. بىز ئىشىك تۈۋىدىلا دوقۇرۇشۇپ قالدۇق. كىم ئىكەن دېمەمسىلەر؟ ھېلىقى خاتەك جالاپ بولمامدۇ. كۆرۈپلا،  ھاڭ-تاڭ بولۇپ قاراپلا قالدىم. خۇددى ئۆزۈم گۇناھكاردەك قىزىرىپ ئۆزۈمنى ئالىدىغان يەر تاپالماي قالدىم،  ھەي،  بۇنداق سەتچىلىكنى كۆرگۈچە كۆزۈم كور بولۇپ قالسىچۇ!
     ھېلىقى پەسچۇ،  مېنى كۆرۈپلا شۇنداق ھودۇقتىكى،  بىر تاتىرىپ،  بىر قىزىرىپ: «ۋىيەي،  باشقا بىرىنىڭكىگە كىرمەكچىدىم،  بۇ يەرگە خاتا كىرىپ قاپتىمەن» دەپ كەينىگە ياندى. ئۇستاتلىقىنى قارىمامسەن،  ئۇ جالاپنىڭ. ئاڭغىچە،  شەھۋانىي نەپسى تاقىلداپ كېتىپ ئەقلىنى يوقاتقان تالىپ پەلچىڭ ئۇنىڭ ئۇستاتلىق قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەي:
     كىرىڭ خاتەم،  كىرىڭ،  خاتا ئەمەس،  بۇ مېنىڭ ئىشەنچلىك ئاغىنەم، دېدى.
    بۇنداق ئوڭايسىز ئەھۋالدا قالغان خاتەك ئۇستاتلىقىنىڭ ئەپلەشمەي قالغانلىقىنى سېزىپ،  دەرھال ماڭا قاراپ:
     ۋاي غەنى،  سىز بۇ يەردىكەنسىز-ھە؟ دېدى. ئاۋازى شۇنداق ھودۇقۇش ئىچىدە تىترەپ چىقتى. بۇنى كۆرگەن تالىپ پەلچىڭ ئىشنىڭ تەكتىنى ئەمدى ئاڭقىرىۋالدى-دە،  ھەيرانلىق بىلەن:
     سىلەر تونۇشامتىڭلار؟ دەپ سورىدى.
    مېنىڭ گەپ قىلغۇم كەلمىدى. شۇ تاپتا،  ئۇنى تونۇيمەن دېسەم،  كەچۈرگۈسىز گۇناھقا تىقىلىدىغاندەك ھېس قىلاتتىم. مەن قارىمايلا چىقىپ كەتتىم. يولدا ئاجايىپ مۇرەككەپ،  گادىرماچ خىياللار بىلەن ماڭدىم. «توۋا،  بەندەڭگە ئىنساپ بەرگەيسەن!» دېدىم ئاللاغا ئىلتىجا قىلىپ. تەقدىرنىڭ بۇ كۈلكىلىك قىسمىتى ئالدىدا خۇداغا ئىلتىجا قىلىشتىن باشقا چارە تاپالمىدىم. مۇشۇ كۈنلەردە،  خاتەكنىڭ ئېرى سادىرنىڭ گۇاڭجۇ تەرەپكە كاماندىروپكىغا كەتكىنىدىن خەۋىرىم بار ئىدى. ئەگەر ئۇ مۇشۇ يەردە بولغان تەقدىردە،  ھازىرلا كېلىپ بۇ ئىككى شەرمەندىنى تازا رەسۋا قىلساق،   قانداق بولاتتىكىن؟ ياق،  بۇ نەقەدەر قىيىن ئىش-ھە. بىر تەرەپتىن،  بۇ ئىش بىلەن سادىر تاسادىپىي روھىي زەربىگە ئۇچراپ ئازابلىنىدۇ. نومۇس-دە،  نومۇس. يەنە بىر تەرەپتىنچۇ؟ مەن بىلەن ئۇچرىشىپ قالغىنىنى كۆرگەن ئۇ پاسكىنا دەرھال تىكىۋەتمەي قالامدۇ؟ بايا،  پەلچىڭنىڭ ماختىنىپ دەپ بەرگەنلىرى ئېنىق پاكىت،  بۇ ئەھۋالنى سادىرغا ئېيتقىنىم بىلەن ئىككى ئىشتاننى بىر يەردىن تۇتۇۋالمىغاندىكىن،  ئۇلار تېنىۋالسىچۇ؟ دېمىسىمۇ ۋىجدانسىز ئادەملەر يالغانچى،  يۈزسىز كېلىدۇ. ئۇ تېخى مېنى تۆھمەتخورغا چىقىرىشى مۇمكىن. خاتەكمۇ ئۇستاتلىق ئىشلىتىپ سادىرنى ئالداپ ئۆتۈپ كېتەر،  خوتۇن كىشى دېگەن بۇنداق ئىشنى ھەرگىز ئىقرار قىلمايدۇ. ئاشۇنداق خىياللار بىلەن خۇددى ئىچىمگە كىرپە كىرىۋالغاندەك بەكمۇ بىئارام بولدۇم. ياتىقىمغا قايتىپ،  ئىككى-ئۈچ رومكا ئىچتىم-دە،  كارىۋاتقا ئۆزۈمنى ئاتتىم. ئويلىماي دېسەممۇ،  ئاشۇلارغا ئائىت ئىش خىيالىم ئاسمىنىدا بۇلۇتتەك ئەگىيتتى. بىز سادىر بىلەن كۆپ يىللىق ئاغىنە،  ئۇ ئىلىم-مەرىپەت خۇمارى،  دىيانەتلىك يىگىت،  ھايات،  كىشىلىك تۇرمۇش،  مۇھەببەت،  ئەخلاق،  دوستلۇق،  ئىنسانىي پەزىلەت توغرىسىدا ئاجايىپ چوڭقۇر پىكىرلىرى بار. ئۇ قەدىمدىن تارتىپ ھازىرقى زامانغىچە ئۆتكەن چەت ئەللىك ۋە جۇڭگولۇق مەشھۇر زاتلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى كۆپ تەتقىق قىلغان. ئۇلارنىڭ ئائىلە تەربىيىسى،  ئۆسۈپ يېتىلىشى،  ئىجادىيەت،  كەشپىيات جەريانى،  كۈرەش يولى،  مۇۋەپپەقىيەت سىرى،  ھەتتا مۇھەببەت-نىكاھ تۇرمۇشىغا ئائىت كىتاب-ماتېرىياللارنى كۆپ ئوقۇپ،  مەشھۇر زاتلارنىڭ ئەقلىيە سۆزلىرىنى كۆپ يادلاپ ئۆزىدە ئوبدان بىلىم-سەۋىيە ھاسىل قىلىپلا قالماستىن،  بەلكى يەنە ياخشى ئەخلاقىي پەزىلەت يېتىشتۈرگەن. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولساڭ،  پاراڭلاشساڭ،  بىر خىل يېقىنلىق،  ھۇزۇر ھېس قىلىسەن. بىرمۇنچە يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالىسەن،  ھەتتا ھاراق ئىچىپ تەڭشەلگەن چاغلاردىمۇ ئۇنىڭ خۇش چاقچاقلىرى كۆپىيىدۇكى،  باشقا چوڭچىلىق،  پوچىلىق،  پوخورلۇقتەك بەتقىلىقلىرى سېزىلمەيدۇ. بىر تونۇشقان كىشى يەنە ئۇنىڭ بىلەن ئىزدەشكۈسى كېلىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ ئۈلپەتلىشىدىغان سورۇنى كەڭرى،  ئۇنى مېھمانغا چاقىرىدىغانلارمۇ كۆپ. خاتەكمۇ ماڭا شۇنداق ئوبدان تەسىر بەرگەنىدىغۇ؟ ئۇ مەيلى ئۆز ئۆيىدە،  مەيلى مېھماندارچىلىق سورۇنلىرىدا بولسۇن كەم سۆز،  ئەدەپلىك،  ئەخلاقلىق كۆرۈنەتتى. ئوشۇق-تۆشۈك گەپ-سۆزگە ئارىلاشمايتتى. سادىر بىلەن ئىناق،  ئامراق ئۆتۈشىدىغاندەك قىلاتتىغۇ؟ «ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە» دېگەن شۇ ئىكەن-دە،  ھۇ جالاپ! شۇنداق پەزىلەتلىك ئېرى بار،  تۇرمۇشى شۇنداق باياشات،  ئىناق ئائىلىسى،  چىرايلىق بىر قىز،  بىر ئوغلى بار،  ئۇ جالاپقا يەنە نېمە كەم؟ دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. مەن شۇ ئويلىغانچە،  ئۆزۈم تونۇيدىغان،  كۆڭلۈمدە ئۆزۈمگە لايىق ساناۋاتقان نامزات قىزلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتى،  چىرايى،  پىكىر-خىيالىنى بىر-بىرلەپ خاتەكنىڭ ماڭا ئايان بولغان قىلىقلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقتىم. سېلىشتۇرغانسېرى قىزلاردىن رايىم يېنىپ،  بويتاق ئۆتۈشكە رازى بولدۇم. بۇ ئاخشىمى خىياللىرىم شۇ قەدەر گىدىرماچ بولدىكى،  خاتەك گاھ «مىڭ بىر كېچە»دىكى پادىشاھ ئېرىنى ئالداپ،  زەڭگى قۇل بىلەن ئوينىغان مەلىكە قىياپىتىدە كۆز ئالدىمغا كەلسە،  گاھ ئۇ «بۇۋارې خانىم» رومانىدىكى خىيانەتكار بۇۋارې خانىم قىياپىتىدە كۆز ئالدىمغا كېلەتتى...
    ئەتىسى كەچقۇرۇن ئىشتىن قايتىپ،  ياتىقىمغا كېلىپ تۇرسام،  تالىپ پەلچىڭ ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ يېتىپ كەلدى-دە،  مۇغەمبەرلەرچە ھىجىيىپ: «ئاپلا ئاداش،  سەن خاتەم بىلەن تونۇشىدىكەنسەندۇق،  سەت ئىش بولدى. ئاغىنىدارچىلىقىمىزنىڭ يۈزى ۋە ھېلىقى ئاغىنەڭنىڭ (سادىرنى دېمەكچى) ئىززەت-ئابرۇيى ئۈچۈن،  بۇ ئىشنى سىر بىل ئاداش،  بىر كىمگە تىنىپ سالما،  بۈگۈن ساڭىمۇ بىرنى توغرىلىدۇق،  قېنى باشلاپ كىرەيمۇ؟» دېدى-دە،  چىقىپ كېتىپ خاتەكنى ۋە يەنە بىر ئايالنى باشلاپ كىردى. خاتەك سەل خۇدۈكسىنگەندەك كۆرۈنسىمۇ،  ئەتەي ئوچۇق چىراي ئېچىپ كۈلۈمسىرەيتتى. قولىدا لىق نەرسە قاچىلانغان بىر سومكا بار ئىدى. يەنە بىر ئايال  سېرىق چىراي،  ياداڭغۇ چوكان بولۇپ،  ماڭا «توغرىلىغىنى» شۇ بولسا كېرەك. خاتەك سومكىدىن ئىككى بوتۇلكا ئاق ھاراق،  بىر بوتۇلكا ئۈزۈم ھارىقى،  پېچىنە-پىرەنىك،  پىشۇرۇلغان كالا گۆشى،  ياغدا قۇرۇلغان دادۇر،  پىشۇرۇلغان قوي گۆشى،  توخۇ گۆشى قاتارلىقلارنى چىقىرىپ،  ئۈستەل ئۈستىنى توشقۇزۇۋەتتى. قارىغاندا،  ئۇلار مېنى سېتىۋېلىپ،  ئاغزىمنى ياغلاپ،  ئۆز شەرمەندىچىلىكىنى ياپماقچىكەن-دە،  قانداق قىلىمىز،  جاھاندارچىلىق دېگەن شۇ ئىكەن. بۇزۇلسا ئاغىنەمنىڭ خوتۇنى بۇزۇلۇپتۇ،  ئۇ ياكى مېنىڭ خوتۇنۇم ئەمەس،  ياكى ئېگىچە-سىڭلىم ئەمەس ياكى سادىر ئۇنى مېنىڭ نازارىتىمگە تاپشۇرغانمۇ ئەمەس. بىكاردىن-بىكار ئۇنىڭغا باتناپ،  ئالدىمدىكى «گۆش»تىن ۋاز كېچەتتىممۇ؟
     ھە،  مانا بۇ گېپىڭ راست گەپ بولدى، دەپ گەپ قىستۇردى ئەزىز.
     توختا دەيمەن قوشۇق سالماي،  تولۇق ئاڭلاپ گەپ قىلغىنا بىر، دەپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى غەنى، شۇنداق قىلىپ ھاراق ئىچىشتۇق،  ھېلىقى ئۈستۋېشىنى تاۋار-دۇردۇن،  سارجا-باستۇن بىلەن ئورىۋالغان ئىككى مېكىيان ھاراق ئىچىشكە كەلگەندە ئېقىنىمۇ رەت قىلمايدىكەن. ئۇلار بىردەمدىلا تەڭشىلىپ تەييار بولدى. سەككىز كۆز لۆمۈلدەپ بىر-بىرىگە قاراپ تۇرغان يەردە،  قىلىدىغىنىمىز تانسا بولدى. قىزىل چىراغ يورۇقىدا،  مۇزىكىنىڭ ئۇدارى بىلەنمۇ چاتىقىمىز يوق بەل تۇتۇشۇپ مەيدانغا چۈشتۇق. تالىپ پەلچىڭ خاتەك بىلەن،  مەن ھېلىقى ماڭا توغرىلانغان گۈلنىسا ئاتلىق سېرىق چىراي شىداق بىلەن تانسا ئوينىدۇق. كاساپەتنىڭ ئورۇقلۇقىغۇ بىر گەپ،  ھەممىدىن يامىنى تىنىقى ئاجايىپ سېسىق ئىكەن. چاچقان ئەتىرىنىڭ پۇرىقىمۇ ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان سېسىق پۇرىقىنى يېپىپ كېتەلمەيۋاتاتتى. زىققا كېسىلى بولسا كېرەك،  ئىككى چۆرگىلەپ بولغۇچە خىرقىراپ،  نەپىسى قىسىلىپ قالدى. كىمنىڭمۇ بۇنداق ئايال بىلەن بىرگە بولغۇسى كېلەر؟ كۆڭۈلسىز تۇرغىنىمدا،  بىرى چىراغنى چاسسىدە ئۆچۈرۈۋەتتى. ھەرقاچان ئاشۇ تالىپ دېگەن ھەللەزنىڭ قىلغان ئىشى. قاراڭغۇلۇقتا پىچىر-پىچىر تىۋىشلار  ئاڭلىنىپ قالدى،  ھېلىقى ئورۇق مېكىيانمۇ ماڭا تارشىدەك مەيدىسىنى چىڭ يېقىپ تۇراتتى. مەن ئۇنى ئاستا ئىتتىرىۋېتىپ چىراغنى ياندۇردۇم. ھېلىقى ئىككىسى يوق. بىردەم ئۆتە-ئۆتمەيلا نېرىقى ئۆيدىكى كارىۋاتنىڭ غىچىرلىشى باشلاندى. ۋۇجۇدۇمدا ئەرلىك غۇرۇرۇم ئوت بولۇپ ياندى. ئۆز ئۆيۈمدە بولۇۋاتقان بۇ پەسكەشلىك ماڭا قاتتىق ھاقارەت بولۇپ تۇيۇلدى. «ئاغىنىدارچىلىقنىڭ يۈزى» دېگەنلەرنىمۇ بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ،  نېرىقى ئۆيگە چىقتىم. ئۇلار «ئۇھ،  پۇھ»قا چۈشكەنىكەن. چىراغنىڭ يىپىنى شارتتىدە تارتتىم. چىراغ يېنىشى بىلەن،  ھېلىقى جالاپ «ۋىيەي!» دەپ چىرقىرىغىنىچە ئىككى ئالىقىنى بىلەن يۈزىنى يېپىشقا ئۈلگۈردىيۇ،  ئەۋرىتىنى يېپىشقا ئۈلگۈرەلمىدى. خوتۇن كىشى دېگەن ئەنە شۇنداق،  باشقىلارنى كۆرمىسەملا ئىزا تارتمايمەن دەپ ئويلامدىكىنتاڭ؟ تالىپ دېگەن ماز بولسا،  دەسلەپتە ھىجايدى،  كېيىن مېنىڭ تەرىمنىڭ يامانلىقىنى كۆرۈپ ئۆڭگىنىچە «بۇ،  بۇ نېمە قىلغىنىڭ ئاداش» دەيدۇ تېخى،  نومۇس قىلماستىن.
     مانا مۇنداق قىلغىنىم، دېگىنىمچە پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىكى كۈچۈمنى ئوڭ قولۇمغا يىغىپ،  يۈزىگە بىر سېلىۋىدىم،  ئۇ لەڭمەن پاچاق،  لىڭتاسما ماز پاينەك ئىشتان بېغىنى تۇتقىنىچە سەنتۈرۈلۈپ يىقىلىپ،  كاسىسى «جاققىدە» سېمونت يەرگە تېگىشى بىلەن تەڭ،  بېشى تامغا تەگدى. ئۇ ئۆزىنى ئوڭشاپ بولغۇچە،  ھېلىقى پاسكىنىنىڭ يۈزىگە بىر ساپتىكەنمەن،  «ۋايجان!» دەپ چىرقىراپ كەتتى. ئۇلار ئىشتان-كۆڭلەكلىرىنى ئوڭشاپ كىيىۋالغۇچە،  كاسىسىغا بىردىن تېپىپ،  ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردىم. بۇ شەرمەنچىلىكنى كۆرگەن ھېلىقى سېرىق مېكىيانمۇ ئۈن-تىنسىزلا غىپپىدە تىكىۋەتتى.
     تالىپ بەلچىڭ ساڭا مۇشت ياندۇرمىدىمۇ؟ دەپ سورىدى مۇختەرجان شەيتانلىق بىلەن گەپ كوچىلاپ.
     مۇشت ياندۇرالىغۇدەك ھالى بولسا ياندۇرمامدۇ، دەپ مەغرۇر كېرىلىۋالدى غەنى كەڭ پەنجىلىك قولىنى ئوينىتىپ، كۆرۈپ قوي جۇمۇ،  ماۋۇ نېمە؟ بازغان-دە،  بازغان!
     ھە،  تۈگىدىمۇ ھېكايەڭ؟ ئەجەب بىر ئەزمىلىك قىلدىڭ،  ئىچە ماۋۇنى! دەپ پىيالىنى سۇندى ئەزىز.
     توختا تېخى،  ھېكايىنىڭ داۋامى بار، دېدى غەنى پىيالىنى كۆتۈرۈۋېتىپ، ئاڭلىمامتىڭلار يا؟
     ئېيتە نازلىماي،  قىزىق يېرىنى دە،  گەپنى رېزىنكىدەك سوزۇۋەتمەي، دېدى ئەزىز غەنىنى ئالدىرىتىپ.
     مانا قىزىقى، دەپ باشلىدى غەنى، ئەتىسى ئۆتتى،  ئۆگۈنى تۇرسام،  سادىردىن تېلېفون كەلدى دېگىنە،  نېمە دەيدۇ دېمەمسەن؟ «مەن تۈنۈگۈن يېنىپ كەلدىم،  بۈگۈن كەچ ئۆيگە كەل،  بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرايلى» دېمەسمۇ،  بېشىمدىن سوغۇق سۇ قۇيۇلغاندەك بولۇپ كەتتى دېگىنە،  ئەمدى نېمە دېگۈلۈك؟ بەلكىم خوتۇنى يۈزىدىكى شاپىلاقنىڭ زەربىسىدىن پەيدا بولغان كۆكنى يوشۇرالماي،  ھەممىنى ئىقرار قىلغاندۇ؟ ياكى ئىككى شەرمەندە گېپىنى بىر قىلىپ،  ماڭا تۆھمەت قىلىپ گۇناھنى ماڭا ئارتقاندۇ؟ سادىر مېنى چاقىرىپ نەق مەيداندا يۈزلەشتۈرمەكچىمىدۇ يا؟ نېمە دەرمەن؟ تەۋەككۈل،  بېشىمغا كەلگىنىنى كۆرەرمەن،  دەپ باردىم.
    مېنى كۆرگەن خاتەك تاتىرىپ كەتتى. پۇت-قولىدا جان قالمىدى بولغاي،  چاي قۇيغۇچە چەينەك ۋە پىيالە تۇتقان قولى غال-غال تىترەۋاتىدۇ،  بىر پىيالە قولىدىن چۈشۈپ كېتىپ چېقىلدى. قارىسام،  مەندىن شاپىلاق يېگەن يۈزىنى داكا بىلەن تېڭىپ قويۇپتۇ. سادىردا ھېچقانداق باشقىچە ئالامەت يوق. ماڭىمۇ،  ئايالىغىمۇ  بۇرۇنقىدەكلا قىزغىن،  مەن خاتەككە ئاڭلىتىپ تۇرۇپ،  سادىردىن سورىدىم:
     خاتەمنىڭ يۈزىگە نېمە بوپتۇ؟
     تېيىلىپ يىقىلىپ چۈشۈپ،  كۆكىرىپ قاپتۇ، دەپ جاۋاب بەردى سادىر.
    بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان خاتەم مېنىڭ ئۇنىڭ شەرمەندىسىنى ئاچقىلى كەلمىگەنلىكىمنى سەزدى-دە،  دەرھال ئېچىلىپ مەن بىلەن ئەھۋاللاشتى،  قارىغاندا ئۇ ئەندىشىدىن قۇتۇلغان بولسا كېرەك. سادىر ماڭا رەڭگى ئۆزگىرىدىغان كۆزەينەك ئالغاچ كەپتىكەن،  ئۇنى ماڭا تۇتتى،  خاتەككە ئېسىل دامىسكا سائەت،  چاچ بۈدۈر قىلىش ماشىنىسى،  پەرداز قۇتىسى ۋە بالىلىرىغا كىيىم-كېچەك قاتارلىق نەرسىلەرنى ئالغاچ كەپتىكەن،  ماڭا ئالاھىدە كۆرسەتتى ھەم شېنجېن،  گۇاڭجۇ يېڭىلىقلىرى توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى. بىراق مېنىڭ ئۇنى ئاڭلاشقا رايىم يوق،  كۆڭلۈمدە ئەخمەق قىلىنغان بۇ بىچارىگە ئىچ ئاغرىتىۋاتىمەن. مانا قاراڭلار،  ئېرى نېمە كويدا؟ خوتۇنى نېمە كويدا؟ بىچارە سادىر خوتۇنىنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن مودا سائەت،  مودا پەرداز بۇيۇملىرى ئەكەپتۇ،  بۇ پاسكىنا بولسا،  باشقا نېمىنىڭ كويىدا. بىز پاراڭلىشىپ ئولتۇرغۇچە خاتەم ھەر خىل سەي،  كاۋاپلارنى قورۇپ،  ئۈستەلنى توشقۇزۇۋەتتى. مەن ھەيران قالدىم،  سادىرمۇ ھەيران بولۇپ:
     يارايسەن خوتۇن،  بۈگۈنكى خىزمەت پوزىتسىيەڭ ياخشىغۇ، دەپ ماختاپ قويدى. خاتەكنىڭ مۇددىئاسى ماڭىلا ئايان ئىدى. مېنى ياخشى كۈتۈپ،  ئاغزىمنى ياغلاپ،  ئۆز رەسۋاسىنى ئاچقۇزماسلىق.
    غەنى گەپنى مۇنداق خۇلاسە بىلەن ئاخىرلاشتۇردى:
     ئاڭلىدىڭلارمۇ؟ ئاشۇ پاسكىنا مەدەنىيمىكەن؟ شۇنىڭدىن بېرى ئۇنى كۆرەرگە كۆزۈم يوق،  بولۇپمۇ ئۇنىڭ شۇنداق ياخشى ئېرىغا خىيانەت قىلىپ،  ئۆتەپ-تېشىپ ئاشۇ تالىپ پەلچىڭدەك ئادەمسىياق ھايۋاننىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتقىنىغا تۈفى! ناچار-دە،  ناچار.
     بەلكىم سەندىن بىر شاپىلاق يېگەندىن كېيىن،  توۋا قىلىپ ئادەم بولغاندۇ؟ دېدىم مەن گەپ قىستۇرۇپ.
     ئىشەنمەيمەن،  خوتۇن كىشى دېگەنچۇ،  بۇزۇلمىسا ياخشى،  بىر بۇزۇلدىمۇ،  تۈزەلمىكى تەس. «پوق يېگەن ئىت ئادىتىنى تاشلىماس» دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ، دېدى مۇختەرجان جاۋابەن. غەنى نېمىدەپ جاۋاب بېرىشىنى ئويلاۋاتقاندا،  ھېلىقى خاتەك بىر شادا پاچاق،  غاز بويۇن ئايال بىلەن قولتۇقلىشىپ يەنە مۇشۇ كوچىدىن ئۆتتى. بۇلارنى كۆرگەن غەنى خاتەكنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىغا باھا بېرىشكە تولۇق ئاساسقا ئىگە بولغاندەك سۆزلەپ كەتتى:
     كۆردۈڭلارمۇ،  خاتەكنى پاتۇرۇشكىلاپ كېتىۋاتقان ئاۋۇ شادا پاچاقنى،  مۇشۇ شەھەردىكى داڭلىق «قىرغاۋۇل» دېگەن ئاشۇ شۇ. ئۇنى بىلىدىغانلار ئۇنىڭ ئېتىنى «پاھىشە» دەپ ئاتىشىدۇ. ناچار-دە،  ناچار. ئۇ شۇنداق بۇزۇقكى،  ھەتتا ئۇنىڭ ئىزىنى پۇراپ قالغان ئىتمۇ 40 كۈن «ھۆ» بولىدۇ. خاتەك ئۇنىڭ قولتۇقىدا دېگەن گەپ،  بۇزۇقلۇقتىن يانمىدى دېگەن گەپ.
    غەنىنىڭ بۇ ئوخشىتىشىغا ئۈلپەتلىرىمىز قايىللىق بىلەن كۈلۈشتى. «مال خىلى بىلەن» دېگەن تەمسىل بار ئەمەسمۇ؟ ھەركىم ئۆز خىلىنى دوست تۇتىدۇ،  بەلكىم غەنىنىڭ ھۆكۈمى توغرىدۇر.
     بۈگۈن سۆزلەپ بەرگەنلىرىڭىزنى ھېكايە قىلىپ يازغىلى بولغۇدەك، دېدىم مەن غەنىگە.
     ياق ئۇكا، دېدى غەنى دەرھال، ئۇنداق ناچار نېمىلەرنى يېزىپ يۈرمە،  بۇ پەسكەشلىكلەرنى يازساڭ،  مىللىتىمىزنىڭ شەنىگە نۇقسان يېتىدۇ. سەن يازىمەن دېسەڭچۇ قارا،  كادىيە مالىشىۋاغا ئوخشاش پاك قەلب ئىگىلىرىنى ياز. سەن ئا. تولىستوينىڭ «رۇس خاراكتېرى» دېگەن ھېكايىسىنى ئوقۇغانمۇ؟ ئۇ  مانا شۇ ھېكايىدىكى پەزىلەتلىك قىز. نېمىدېگەن ئېسىل قىز-ھە! مىللىتىمىز ئىچىدىمۇ نى-نى ئېسىل پەزىلەتلىك كىشىلەر بار،  يازىمەن دېسەڭ ئاشۇنداقلارنى ياز...
    ئاخشىمى زادى ئۇيقۇم كەلمىدى،  ھېلىقى ئۆزى چىرايلىق،  ئەمما ھارام دانغا ئۆگىنىپ قالغان تالا مېكىيىنى،  شادا پاچاق «قىرغاۋۇل»،  بېشەملىكتە ئۇچىغا چىققان «پەلچىڭ»،  خىيانەتكار خوتۇنى تەرىپىدىن ئالدانغان بىچارە ئەر قاتارلىقلارنىڭ ئوبرازى بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى. كىشىلىك پەزىلەت،  ساداقەت ۋە خىيانەت توغرىسىدا چوڭقۇر خىياللارغا كەتتىم. ئاشۇ بىر ئوبدان ئائىلىسىنى،  پەزىلەتلىك،  ھۆرمەتكە سازاۋەر ئېرى بار ئايال نېمىشقا بۇزۇلۇپ،  پەزىلەتتە شۇ قەدەر ناچار،  ئايالىغا شۇ قەدەر زالىملىق قىلغان،  دوستلىرى ئالدىدا شۇ قەدەر شەرمەندە،  قەددى-قامەتتە شۇ قەدەر كۆرۈمسىز ھەم شۇ قەدەر مەينەت بىر قېرى پيەنچۈكنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتىدۇ؟ ئۇ بۇنداق ئىشرەت قوغلىشىپ نېمە لەززەت ئالار؟ بۇنداق ئادەملەرنىڭ ۋىجدانى ئازابلانمامدىغاندۇ؟ ئېرىنىڭ،  بالىلىرىنىڭ يۈزىگە قانداق قارايدىغاندۇ؟... دېگەنلەرنى ئويلىدىم. ئۇلارنى يازماقچىمۇ ئەمەس ئىدىم،  ئەمما غەنىنىڭ نەپرەتلىك سۆزلىرى،  ئۈلپەتلىرىمىزنىڭ نەپرەتلىك كۆزلىرى ماڭا مەشھۇر ئەدەبىيات نەزەرىيىچىسى بېلېنىسكىنىڭ «مەنىۋى جەھەتتىكى ئىپلاسلىقنى ساداقەتلىك بىلەن تەسۋىرلەش ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدىغان ھەرقانداق سۆزدىن كۆپ كۈچلۈكتۇر» دېگەن سۆزىنى ئەسلەتتى. غەنىنىڭ بىر تەستىكى خاتەمنى يامان يولدىن ياندۇرمىغان بولسا،  بەلكىم مەنىۋى ئىپلاسلىق ئەينەن تەسۋىرلەنگەن بۇنداق ئەسەرلەرنى ئوقۇسا،  يۈزى چىمىلداپ،  ۋىجدانى ئازابلىنار،  غەپلەتتە ياتقان سادىردەك ئەرلەر ئازراق سەگەكلىشەر،  نېمە قىلىۋاتقانلىقىمنى ھېچكىم بىلمەيدۇ،  دەپ،  يۈزىنى داپتەك قىلىپ يۈرۈۋاتقانلار ئارقىسىدىن خەقلەرنىڭ سەت تىللار بىلەن تىللايدىغانلىقىنى،  نەپرەتلىك كۆزلىرى بىلەن قارايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ،  نومۇسىنى تاپسا ئەجەب ئەمەس! بۇمۇ ئۇنداقلارغا بىر سىگنال بولار،  دېگەنلەرنى ئويلاپ،  قەلبىمنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن خىتاب قىلغۇم كەلدى: ئەي ئىنسانلار،  ۋىجدان ئالدىدا گۇناھكار بولماڭلار! ئىنساپنى يوقاتماڭلار! ئىنسان ۋىجدانى بىلەن قەدىرلىك!
    ئويلا،  ئويلا،  ئاخىر يېزىش قارارىغا كەلدىم-دە،  ئۈستەل چىرىغىنى ياندۇرۇپ،  قەغەز-قەلەمنى تەخلەپ بولۇپ،  ئەسەرنىڭ ماۋزۇسى ئۈستىدە ئويلىنىپ قالدىم. ئويلىنىۋاتقىنىمدا،  غەنىنىڭ پات-پاتلا «ناچار-دە،  ناچار» دېگەن سۆزى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلىدى. «ناچار» دېگەن سۆزنىڭ سالمىقى ئاشۇنداق ئىپلاس،  پەسكەش قىلىقلارنى سۈپەتلەشتە تولىمۇ يېنىك بولۇپ قالسىمۇ،  ھېكايە بايان قىلغۇچىنىڭ سۆز ئۇسلۇبىنى ساقلاش مەقسىتىدە «ناچار» دەپ ماۋزۇ قويدۇم.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئىدرىس بارات ناچار