ئەتىۋارلىق كىچىك خانىش ۋە باغ

يوللىغۇچى : guljennet يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-30 18:08:11

ئەتىۋارلىق كىچىك خانىش ۋە باغ كىشىلىك ھاياتنىڭ سىرى ۋاقىتتا، ۋاقىتنىڭ سېھرىگەرلىك ۋە نەيراڭۋازلىقىدا، شۇنداقلا ۋاقىتنىڭ ھەقىقىتى ۋە ماھىيىتىدە. ۋاقىت ئادەمگە خىلمۇخىل ئاجايىپ نەرسىلەرنى ئات...



    ئەتىۋارلىق كىچىك خانىش ۋە باغ

      كىشىلىك ھاياتنىڭ سىرى ۋاقىتتا، ۋاقىتنىڭ سېھرىگەرلىك ۋە نەيراڭۋازلىقىدا، شۇنداقلا ۋاقىتنىڭ ھەقىقىتى ۋە ماھىيىتىدە. ۋاقىت ئادەمگە خىلمۇخىل ئاجايىپ نەرسىلەرنى ئاتا قىلىدۇ؛ ئەسلىمە، خام خىيال، ئۈمىد، ئۇنتۇش...كىشىلىك ھايات ئەسلىدىنلا ۋاقىتقا يۆلىنىدۇ، لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆزى كەم-كۈتسىز يوقلۇق، مۇتلەق تەكرارلىنىدىغان، مەڭگۈلۈك خىيالىي نەرسە.

      يىراق قەدىمقىي ھىنىدىستاندا بىر پادىشاھ ئۆتكەنىكەن،ئۇنىڭ دۆلىتى كەڭ ھەم قۇدرەتلىك ئىكەن. پادىشاھ ھۆسىن-جامالدا پەرىشتىدىن قېلىشمايدىغان بىر قىزنى كىچىك خانىشلىققا ئاپتۇ، ئىككىسى مېھىر-مۇھەببەتلىك، ئىناق-ئىجىل ئۆتۈپتۇ. لېكىن، بەخىتلىك كۈنلەر ئۇزۇنغا بارماپتۇ. ئارىدىن ئوزۇن ئۆتمەي، كىچىك خانىش ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بوپتۇ. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەڭ ماھىر تىۋىپلارمۇ ئۇنىڭ كېسىلى ئالدىدا ئامالسىز قاپتۇ. كىچىك خانىش ئاخىر ئۇ دۇنيانىڭ گۈلىستانىغا سەپەر قىپتۇ.

      قاتتىق قايغۇغا چۆمگەن پادىشاھ كىچىك خانىش ئۈچۈن داغدۇغىلىق ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپتۇ، ئەڭ ياخشى ياغاچ تاپقۇزۇپ كېلىپ، ئەڭ ماھىر ياغاچچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، كىچىك خانىشقا مېيىت ساندۇقى ياسىتىپتۇ. پادىشاھ ئامراق كىچىك خانىشنى ھەر كۈنى كۆرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن، مېيىت ساندۇقىنى ئوردىنىڭ يېنىدىكى سارايغا ئورۇنلاشتۇرۇش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈپتۇ. پادىشاھ ۋاقىت بولسىلا سارايغا كىرىپ كىچىك خانىشنىڭ مېيتىغا ھەمراھ بولىدىكەن، ئۆتكەن گۈزەل چاغلارنى ئەسلەيدىكەن. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن پادىشاھقا ساراينىڭ ئەتراپىدىكى مەنزىرە كىچىك خانىشنىڭ تەڭداشسىز ھۆسىن-جامالىغا ماس كەلمىگەندەك تۇيۇلۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، ساراي ئەتراپىغا بىر باغ بىنا قىلىش ئۈچۈن، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئەڭ ئەتىۋارلىق گۈل-گىياھلارنى كۆچۈرتۈپ كەپتۇ. لېكىن، باغ پۈتكەندىن كېيىن يەنە نېمىدۇ كەمدەك ھىس قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، سۇ باشلىتىپ كېلىپ، ئاجايىپ بىر كۆركەم كۆل بىنا قىلغۇزۇپتۇ. كۆل پۈتكەندىن كېيىن ھەرخىل راۋاقلارنى ياسىتىپتۇ. كېيىن يەنە ئالدىنقى قاتاردىكى ھەيكەلتىراشلارنى تەكلىپ قىلىپ، خىلمۇخىل ھەيكەللەرنى ياسىتىپتۇ...قىسقىسى، پادىشاھ بۇ باغدىن زادىلا قانائەت ھاسىل قىلالمايدىكەن، توختىماي كېڭەيتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ تۇرىدىكەن.

      ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندىمۇ، ئۇ بۇ گۈزەل باغنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزگىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە كاللا قاتۇرىدىكەن. بىر كۈنى، پادىشاھنىڭ كۆزى كىچىك خانىشنىڭ مىيىت ساندۇقىغا چۈشۈپ قاپتۇ، مۇنداق گۈزەل باغقا مېيىت سادۇقى پەقەتلا ياراشمىغاندەك بىلىنىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن قولىنى پۇلاڭلىتىپ:«ئۇنى ئاچىقىۋېتىڭلار!» دەپ بۇيرۇق قىپتۇ.

      مانا بۇ ۋاقىتنىڭ كارامىتى. ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ!

      ئۆتكەن گۈزەل چاغلار ئەلۋەتتە قەدىرلىك، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكى ھەرىكىتىمىزنى چۈشەپ قويساق بولمايدۇ.

      ھەركۈنى سەھەردە ئۇيقۇدىن كۆزىمىزنى ئاچقاندا، بىزنىڭ ھەقىقىي قولىمىزدا تۇتۇپ تۇرالايدىغىنىمىز پەقەت بۈگۈنلا بولىدۇ، ھىچكىممۇ بىر پۇتىنى ئۆتكەن زامانغا قويۇپ تۇرالمايدۇ، كەلگۈسىگىمۇ بىر پۇت بىلەن قەدەم بېسىش مۇمكىن ئەمەس.

      ۋاقىتتا بىر ئولۇغ سىر بار. ئۇنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ، ئۇ ئەزەلدىن توختاپ باققان ئەمەس؛ ئۇ توختىماي دەۋرلىنىپ تۇرىدۇ، ئۇچقاندەك تېز ئۆتۈپ كىتىدۇ، گويا چېكى يوق دېڭىزغا ئوخشايدۇ. پۈتكۈل كائىنات بىلەن بىز گويا كۆپۈككە ئوخشايمىز، ۋاقىت ئۈستىدە لەيلەپ يۈرىمىز.

      پەيلاسوپ ۋولتېر شۇنداق سۇئال قويغان:«دۇنيادا قانداق نەرسە ئەڭ ئۇزۇن ھەم ئەڭ قىسقا؛ ئەڭ تېز ھەم ئەڭ ئاستا؛ ئەڭ ئاسان پارچىلىغىلى بولىدۇ ھەم ئەڭ كەڭرى؛ ئەڭ ئەھمىيەت بېرىلمەيدۇ ھەم ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق؛ ئۇ بولمىسا ھەرقانداق ئىشنى قىلغىلى بولمايدۇ؛ ئۇ بارلىق ئەرزىمەس نەرسىلەرنى بۇ دۇنيادىن يوقىتىدۇ، بارلىق ئۇلۇغ نەرسىلەرنى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشتۈرىدۇ؟»

      ئاقىل چاتتېگىر مۇنداق دەپ جاۋاپ بەرگەن:«دۇنيادا ۋاقىتتىن ئۇزۇن نەرسە بولمايدۇ، چۈنكى، ئۇ مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ؛ ئەڭ قىسقا نەرسىمۇ ۋاقىت، چۈنكى كىشىلەر بارلىق پىلانلىرىنى ئورۇنلاشقا ئۈلگۈرەلمەيدۇ. ساقلىغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ۋاقىت ئەڭ ئاستا ئۆتىدۇ؛ خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتۈۋاتقان ئادەملەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ۋاقىت ئەڭ تېز ئۆتىدۇ؛ ۋاقىتنى چەكسىز ئۇزارتقىلى بولىدۇ، سانسىز پارچىلاشقىمۇ بولىدۇ؛ شۇنىڭ ۋاقتىنىڭ ئۆزىدە ھىچكىم ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، ئۆتۈپ كەتكەندىن ھەممە ئادەم ئەپسۇسلىنىدۇ. ۋاقىت بولمىسا، ھەرقانداق ئىشنى قىلغىلى بولمايدۇ؛ كېيىنكى كۈنلەردە ئەسلەشكە ئەرزىمەيدىغان نەرسىلەرنى ۋاقىت سۈپۈرۈپ ئېلىپ كېتىدۇ، ئۇلۇغ نەرسىلەرنى بولسا، ۋاقىت چىڭ ساقلاپ قويىدۇ، مەڭگۈ يوقاتمايدۇ.»

      ۋاقىت كىشىلەر كۆڭلىگە تەسەللىي بولىدۇ، ۋاقىت سانسىز ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.

      ۋاقىت ھەرخىل رەڭدار نەرسىلەرنى كۆز ئالدىمىزغا نامايان قىلىپ تۇرىدۇ، ھەرخىل ئاۋازلارنى قۇلىقىمىزغا يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ. ۋاقىت بىزنىڭ ئىدىيىمىزگە كىرىپ، خۇددى سەلكىن شامالدەك، زۇلمەت باسقان ھەم نەمخۇش دالانى سىيپاپ ئۆتىدۇ. ۋاقىت بىزنىڭ ئىدىيىمىزنى تىنىچلاندۇرىدۇ ھەم ئەۋرىشىملىككە ئىگە قىلىدۇ، تۇرمۇش ئېلىپ كەلگەن زەربىلەرنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.

    ۋاقىت ھەرقاچان يېڭى ئۈمىد، يېڭى مۇھەببەت ئاتا قىلىپ تۇرىدۇ.

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.