قالغاچ

يوللىغۇچى : Hisam يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-06 21:36:00

قالغاچئۇچار قانات ھايۋاناتلارنىڭ ئىچىدە كەپتەرتىنچلىقنىڭ سىمۋولى دەپ ئىنسانلارنىڭ مەدھىيىلىشىگە ئېرىشكەن بولسا، قالغاچنى ئىناقلىقنىڭ مۇھەببەتنىڭ شۇنداقلا تىرىشچانلىقنىڭ سىمۋولى دىسەك ئارتۇ...

    قالغاچ

    ئۇچار قانات ھايۋاناتلارنىڭ ئىچىدە كەپتەرتىنچلىقنىڭ سىمۋولى دەپ ئىنسانلارنىڭ مەدھىيىلىشىگە ئېرىشكەن بولسا، قالغاچنى ئىناقلىقنىڭ مۇھەببەتنىڭ شۇنداقلا تىرىشچانلىقنىڭ سىمۋولى دىسەك ئارتۇق سۆزلىگەن بولماسمەن. چۈنكى قالغاچ ئۇچار قاناتلارنىڭ ئىچىدە ئىنسانلارنى ئۆزىگە ئەڭ يېقىن تۇتىدىغان ھايۋاندۇر، ئۇلار ھەمىشەم ئىنسانلار ئولتۇراقلاشقان جايلاردىن ئۆزلىرىنىڭ ماكانلىرىنى شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ پەرزەنت كۆرۈش ، پەرزەنتلىرىنى يېتىشتۈرىدىغان ئۇۋىلىرىنى پەقەتلا ئىنسانلار ئولتۇراقلاشقان جايلارغا ياسايدۇ. دىمەك بۇ ئۇلارنىڭ ئىنسانلارنى باشقا ھايۋاناتلارغا قارىغاندا ئەڭ ئىشەنچىلىك ۋە ئەڭ يېقىن دەپ كۆرىدىغىنىدىن بولسا كېرەك.
       ئۇلارنى ئىناقلىقنىڭ ۋە مۇھەببەتنىڭ سىمۋولى دېيىشىمدىكى سەۋەپ، ئۇلار بىر جۈپتىن بولۇشۇپ ئۇۋىلىرىنى تەڭ ياسايدۇ ۋە تۇغقان تۇخۇمنى چىشىسى ئەركىگى دىمەي تەڭ نۆۋەت بىلەن بېسىپ بالىلىرىنى تەڭ چىقىرىپ باقىدۇ، باشقا ئۇچار قاناتلار ئۇۋىسىغا يېقىنلاشسا تەڭ قارشىلىق بىلدۈرۈپ قوغدايدۇ. ئۇنى تىرىشچانلىقنىڭ سىمۋولى دېيىشىمدىكى سەۋەپ ئۇلاردا باشقا ئۇچار قاناتلاردا زادى كۆرۈلمەيدىغان بىر تىرىشچانلىق روھ باركى ئۇلار بىر جۈپتىن بولۇشۇپ پەرزەنت كۆرۈشنىڭ ئالدىدا شۇ پەرزەنتلىرىنى تۇغۇپ بېقىپ چوڭ قىلىدىغان ئۇۋىسىنى ئۆزلىرى بىر تال بىر تالدىن لاينى چىشلەپ كېلىپ خۇددى ئىنسانلار بىرتال بىرتال خىشتىن ئوي سالغاندەك ئۇۋىلىرىنى سالىدۇ، دىققەت قىلسىڭىز ئۇلار چۆپ ياكى سامانلار بىلەن لاينى بىللە چىشلەپ كېلىپ ئويلىرىنى ياسايدۇ، دىمەك ئۇلار شۇنچىلىك ئەقىللىقكى سامان چۆپ بىلەن لاينى بىرلەشتۈرگەندە ئۇۋىسىنىڭ مۇستەھكەم بولىدىغىنىنى  ياخشى بىلىدۇ .
        بولۇپمۇ بىز خەق قالغاچنى بەك يېقىن كۆرىمىز، ئۇلار داۋاملىق بىزنىڭ ئۆيلىرىمىزنىڭ پىشايۋانلىرىغا، ھەتتا يېزىدىكى ئويلىرىمىزنىڭ ئىچىگىچە كىرىپ ئوز ئۇۋىلىرىنى ياسايدۇ ۋە شۇ ئۇۋىلاردا ئۆزلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنى تۇغۇپ يېتىشتۈرۈپ قاتارغا قوشىدۇ.ئەگەر بىرەر قالغاچ كېلىپ ئۆيلىرىمىزنىڭ پېشايۋانلىرىغا ئۇۋا ياسىسا بىز خوشال بولۇپ كېتىمىز،چۈنكى ئۇلار بىزگە ئىشىنىپ بىزنى دوست كۆرۈپ ئۆز پەرزەنتلىرىنى بىزگە تاپشۇرىدۇ.قالغاچنىڭ كەلگەنلىگىنى بىز بىر خىل بەخت دەپ چۈشىنىمىز، چۈنكى ئۇلار شۇنچە چوڭ زېمىندىن بىزنىڭ ئۆيلىرىمىزنى تاللاپ بىزگە ئىشەنگەنلىگىدىن، بىزنى مۇشۇ تەبىئىى ھايۋاناتلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئىشەنچىلىك ھايۋان دەپ ئەتىراپ قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇلار ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئىناقلىقنىڭ مۇھەببەتنىڭ ۋە تىرىشچانلىقنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىگىنى بىلگەچكە ئۇلار بىزنى تېخىمۇ يېقىن كۆرگەندۇر. ھەقىقەتەنمۇ بىز ئۇيغۇرلار قالغاچقا بەكمۇ ئوخشايتتۇق، بىزدىكى ئىناقلىق بىزدىكى مۇھەببەت ۋە بىزدىكى تىرىشچانلىقلار قالغاچتىنمۇ كام ئەمەس ئىدى.

       خۇددى تەبىئەتنىڭ بىر مۇھىم ئەزاسى بولغان قارلىغاچلار ئېتىراپ قىلغاندەك، بىز ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەنمۇ تەبىئەتنى سۆيىدىغان، ئىنسانىي تۇرمۇشنى سۆيىدىغان ئىناق تىرىشچان بىر مىللەت ئىدۇق. بىز ئەلمىساقتىن تارتىپ، ئاللاھ ئاتا قىلغان تۇپرىقىمىزنى قەدىرلەپ، ئىززەتلەپ ئۇنىڭ باغرىدا ئەۋلاتتىن ئەۋلات تىرىشچانلىق كورسۈتۈپ بۇ تۇپراقنى گۈللەندۈرۈپ تەبىئەتكە ، بىر-بىرىمىزگە ئىنسانى پەزىلىتىمىز بىلەن مەسئۇل بولغان، «قالغاچنى تۇتسا قولى تىترەيدىغان بولۇپ قالىدۇ» دەپ   قالغاچنىڭ يىمەك ئىچمەك ۋە بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولغان ئىدۇق. باشقا ئىنسانلارنىڭ تاجاۋۇزىدىن ساقلاپ كەلگەن ئىدۇق. بۇ  ئانا تۇپراققا بولغان مۇھەببەت ۋە ئۆز-ئارا ئىناقلىق، ئادىمىگەرچىلىك ۋە شۇنىڭدەك يۈكسەك ئاممىۋى ئەخلاقنىڭ ، تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسىدىن ئىدى.
       يېقىنقى زامانلارغا كەلگەندە، بىز ئوز ئانا يۇرتىمىزنى قوغدىيالمىدۇق ، ھەتتا ئانا دەريا تارىمنىڭ بويلىرىدىكى توغراقلارنىمۇ قۇرۇتۇپ تۈگەتتۇق. مەھەللىلىرىمىزدە دەل-دەرەخلەر ئازىيىشقا باشلىدى. ئېتىز بويلىرىغا تىكىدىغان قاتار ئۈجمىلەرمۇ يېڭىدىن تىكىلمەي كۈندىن كۈنگە ئازلاۋاتىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن قالغاچلارمۇ بىزدىن يىراقلىشىشقا باشلىدى. 
        ئۇلار بىزگە ئەمدى يېقىنلىشىشقا گۇمانلىق قارايدىغان بولدى. ئۇلار بۇرۇنقىدەك بىزنىڭ پېشايۋان ۋە ئۆيلىرىمىزنى ئۇۋا سېلىشتىن قورقىدىغان بولدى. دىمەك بىز ئۇيغۇرلار ئىنسانلارنىڭلا ئەمەس بەلكى تەبىئەتتىكى ئۇچار قانات ۋە بىز ئۇيغۇرلارغا ئەڭ يېقىن شۇنىڭدەك بىزگە ئۆمۈرۋايەت ئىشىنىپ كەلگەن قارلىغاچلارنىڭ ئىشەنچىسىنى يوقاتتۇق. يۇرتىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى كۆرگۈدەك بولساق شەھەرلەردىغۇ قالغاچنى كۆرگىلىمۇ بولمايدۇ، بالىلىرىمىزمۇ قارلىغاچنى تونۇمايدۇ. يېزىلىرىمىزدا ھەقىقى ئەھۋالدىن تېخى خەۋىرى يوق بەزى بىر قارلىغاچلار يەنە ئۇۋا سېلىپ يەم بولۇپ كەتكەچكە، ئاز ساندىكى قارلىغاچلار بەزى جايلاردىكى ئۆيلىرىمىزنى كېلىپ ئۇۋىلىرىنى سېلىۋاتقان بىلەن مۇتلەق كوپ ساندىكى قارلىغاچلار بىزدىن ئۇمىدىنى ئۈزۈپ خوشنا دۆلەتلەرگە بېرىپ شۇ يەردىكى ئۆزلىرىگە ئوخشايدىغان ئىناقلىق مۇھەببەتلىك ۋە تىرىشچانلىقنىڭ ھەقىقى سىمۋولى بولالايدىغان يۇرتلاردا ئىنسانلارنىڭ پېشايۋان ۋە ئۆيلىرىدە ئۇۋا ياساپ پەرزەنت كۆرۈپ بىللە ياشاش ئارزۇسىدا سەرسان بولۇپ يۈرمەكتە . ئۇلار بىزنىڭ مۇشۇنداق كۈنلەرگە قالغانلىغىمىزدىن بەكمۇ ئېچىنىدۇ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىغىدىن روھلانغان بۇ قارلىغاچلار ئۆزگىرىپ كەتكەن بىزدەك ئەۋلاتلارىدىن ئۇمىدىنى ئۈزۈشكە مەجبۇر بولماقتا.

                                                                                                           *********

          ئارىدىن نەچە يىل ئۆتتى ، بىزمۇ قارلىغاچلار ئەركىن ئۇۋىلىرىنى ياسىيالايدىغان ئالدى كەينىدە قورۇسى بار ئۆيلەرنى ئېلىپ كۆچۈپ كىردۇق، ئەتىيازنىڭ بىر كۈنى ئوغلۇم :
    -دادا دادا قالغاچ ئۆيىمىزنىڭ ئالدىغا ئۇۋا ياساۋاتىدۇ-: دەپ، تالادىن خوشاللىق بىلەن ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىردى، مەنمۇ قۇلىقىمغا ئىشەنمەي تالاغا يۈگرەپ چىقىپ قارىسام، دەرۋەقە قالغاچ ماشىنا قويىدىغان گاراجنىڭ ئىشىكىنىڭ تۆپىسىگە ئۇۋا ياسىغىلى تۇرۇپتۇ. مەن خۇشاللىقتىن كۆزلىرىمگە ياش ئالدىم، ئۇلار ئاخىرى بىزنى ئىزدەپ كەپتۇ، بىز ئۇيغۇرلارنى ئۇلار ئونتۇماپتۇ، بىز ئۇيغۇرلارغا ئۇلار ئىشىنىشكە باشلاپتۇ دەپ ئويلىدىم. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ قارلىغاچلار ھەر يىلى كىلىدىغان بولدى ، ھەر يىلى دېگىدەك 3-4 بالىسىنى چىقىرىپ قاتارغا قوشۇپ تۇردى، ئۆتكەن يىلى 5 تۇخۇم بېسىپ 5 بالا چىقىرىپتىكەن، بالىلىرى سەل چوڭ بولاي دېگەندە ئۇۋىسى سەل كىچىك كەلدىمۇ قانداق بالىلىرى بىر بىرىنى قىستىشىپ ئىككى بالىسى يەرگە چۈشۈپ ئۆلۈپ قاپتۇ، مەن ئىشتىن كەلسەم ئىككى قالغاچ يەرگە چۈشۈپ كەتكەن بالىلىرىنىڭ ئەتىراپىدا چىقىرىشىپ ئۇياقتىن-بۇياققا ئۇچۇشۇپ يۈرۈپتىكەن، قارىسام يەرگە چۈشۈپ كەتكەن ئىككى بالىسى خېلى بۇرۇن جان ئۈزۈپ بوپتۇ، كوڭلۈم بەك يېرىم بولۇپ ئۇلارنى ئالدىمىزدىكى گۈللۈككە ئاپىرىپ كۆمۈپ قويدۇم. قالغان 3 بالىسى ساغلام چوڭ بولۇپ ئۇۋىسىدىن ئۇچۇپ كەتكىچە ئىككى قالغاچ ئۇلارنى ئوبدان باقتى. بۇ يىل مەن بالىلىرىنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىدىن قارلىغاچلار كەلمەسمىكىن دەپ بەك ئەندىشە قىلغان ئىدىم، بىراق ئۇلار يەنە كەلدى، ئۆتكەن يىلى بالىلىرى چۈشۈپ كەتكەن ئۇۋىسىنى ئۇلار ئېگىزلىتىپ ياساشقا باشلىدى، ئۇلار ئۆزلىرىدىن ئۆتكەن سەۋەنلىكنى بىلىپ ئۇۋىلىرىنى كەڭرەك، ئىگىزرەك ياساشنى ئويلىغان ئىدى. بىر كۈنى مەن ئىشتىن قايتىپ كەلسەم ھېلىقى قارلىغاچلار ئېگىزلىتىپ ياساۋاتقان ئۇۋىسى يوق تۇرىدۇ، بىر كىملەر تەرىپىدىن بۇ ئۇۋا پۈتۈنلەي قومۇرۇلۇپ ئېلىۋېتىلگەندە تۇرىدۇ، مەن دەرھال ئۆيدىكىلەردىن سورىسام ئۇلار بىلمەيمىز دەيدۇ، خۇشناز ھەرگىز ئۇنداق ئىشنى قىلمايدۇ، ئەمدى كىم قىلغاندۇ دەپ ئويلاپ تۇرۇپ خىيالىمغا دەرھال بىر ھەپتە بۇرۇن بىزنىڭ بىرىنچى قەۋىتىمىزنى ئىجارىگە ئېلىپ كۆچۈپ كەلگەن قۇرۇلۇش ئىنژېنېرى ئېسىمگە كەلدى، چۇقۇم مۇشۇ ئىنژېنېر بولىشى مۇمكىن دەپ ئۇنىڭ ئىشىكىنى ئۇرۇپ ئۇنى چاقىردىم، ئۇ ئويدىن چىقىپ :
    -نىمە ئىشىڭىز بار ئىدى، دەپ سورىدى، مەن تۇرۇپ :
    - بۇ يەردىكى قارلغاچنىڭ ئۇۋىسى بۈگۈن يوق تۇرىدۇ بىر كىملەر قومىرىۋەتكەندەك تۇرىدۇ دىيىشىمگە، ئۇ كۇلۇپ تۇرۇپ:
    - ئىشىك ئالدىنى مەينەت قىلىۋىتىپتىكەن ، چۈشتە مەن ئېلىۋەتكەن ئىدىم، دەپ ھىچ ئىش بولمىغاندەك جاۋاپ بەردى. مەن ئاچچىغىمنى باسالماي ئۇنىڭغا:
    - سەن بىلەمسەن ئۇلارمۇ بىر جانىۋار تۇرسا نىمىشقا ئۇلارغا بۇنداق رەھىمسىزلىك قىلىسەن، ئەگەر سىنىڭ ئۆيۈڭنى مۇشۇنداق چۇۋۇۋەتسە سەن قانداق قىلاتتىڭ دېدىم، ئۇ  مېنىڭ ئاچچىغلانغىنىمنى كۆرۈپ مەندىنمۇ ئۆتە ئەلپازدا :
    -  نىمە ۋاقىرايسەن ،ئۇ قارلىغاچ سېنىڭ تۇققىنىڭمىدى، بۇنداق ئىشلار ئۈچۈنمۇ ۋارقىرىغان بارمۇ؟ دېدى...
       بىر ھازا تالاشتىن كېيىن مەن ئۇنىڭدىن ئۈمىدىمنى ئۈزۈپ ئاچچىق يۇتىۋالدىم، چۈنكى مەن ھىچقانداق قانۇن تەرىپىدىن قوغدالمايتتىم...
     مەن ئۇنىڭدىن ئۇۋىنى بۇزغان چاغدا ئۇۋىدا قالغاچ تۇخۇمنىڭ يوقلىغىنى سوراپ يوقلىغىنى بىلىپ كۆڭلۈم سەل ئورنىغا چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئۇ قالغاچلارنىڭ بىزدىن مەڭگۈ ئايرىلغانلىقىنى،  ھويلىمىزغا ئەمدى كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدىم....
      ھەي ، ئادەملەر... ئىسىت  ئىنژېنېرلار...
    ئەجىبا بىر ئاجىز قالىغاچقا ئىچى ئاغرىمىغان  ئىنژېنېردىن خەلققە قانچىلىك مەنپەئەت يېتەر؟ بۇ ئىنژېنېرنىڭ بالىلىرى يەنە قانداقراق ئادەم بولار...ئەتراپىدىكىلەر ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلار...

    ------------------بۇ يازمىنىڭ ئەسلى ئىگىسى «مۇھەببەت»  ، مەن كۆچۈرۈپ يوللۇدۇم.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق