ئەگەشكۈچى(ئۆمەر مەھمۇد )

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-01 04:14:12

ئەگەشكۈچى ئۆمەر مەھمۇد (ھېكايە) كەچكى شەپەق ۋەھىملىك رەڭگى بىلەن كېچىنى چىللىماقتا، ياقۇپنىڭ كۆزلىرىدىن تەسۋىرلىگۈسىز بىرخىل ئۈمۈدسىزلىك نۇرلىرى چېچىلىپ قەلب ئاسمىندا شەپەق كەبى بىرپارچە دا...

    ئەگەشكۈچى

    ئۆمەر مەھمۇد

    (ھېكايە)

     

      كەچكى شەپەق ۋەھىملىك رەڭگى بىلەن كېچىنى چىللىماقتا، ياقۇپنىڭ كۆزلىرىدىن تەسۋىرلىگۈسىز بىرخىل ئۈمۈدسىزلىك نۇرلىرى چېچىلىپ قەلب ئاسمىندا شەپەق كەبى بىرپارچە داغ ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا ئىدى...ئۇ كەڭ پۇتبول مەيدانىنىڭ يان تەرپىدىكى تاماشىبىنلار ئولتۇرىدىغان تاش ئۇرۇندۇق ئۈستىدە تۇرۇپ، كۆز ئالدىدا يۈزبەرگەن ئاچچىق رىئاللىق دەھشىتىدىن ئازاپ كەيپىنى سۈرۋاتاتتى.قۇلىدىكى تاماكا بولسا، ئۇ ياخشى كۆرگەن قىزنىڭ قەلبىدەك بىپەرۋا ھالەتتە كۆكۈش تۈتۈنلىرىنى بوشلۇققا تارتماقتا ئىدى.

       بۈگۈن قۇياش غەربكە قىيسايغاندا ياقۇپ قول تۇتۇشۇپ كېتىۋاتقان بىرجۈپ قىز يىگىتنىڭ كەينىدىن ئەگشىپ ماڭدى.يىگىت شىم كاستىيۇم كىيگەن بۇلۇپ مەغرۇر قىياپەتتە قىزنى يىتلەپ كىتىپ باراتتى، قىزنىڭ قاپقارا چاچلىرى بولسا يەلكىسگە چۈشۈپ تۇرغان بۇلۇپ، ئارقىدىن قارىغاندىمۇ ئۇنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكنى مانا مەن دەپ نامايەن قلىپ تۇراتتى...ئۇلارنىڭ يول ماڭغاچ چىقارغان ھەربىر ھەركىتى ياقۇپنىڭ كۆزنۇرلىرى تەرپىدىن ئوۋلىنىپ ئۇنى ئۈنسىز ئازابلايتتى.ھەر كۈنى مۇشۇ ۋاق بىلەن بۇ بىرجۈپلەرنىڭ 50مىتىرچە كەينىدە تەنھا بىر سايە پەيدا بولاتتى. بۇ سايە تاكى ئارقا مەھەللە تەرەپكە بۇرلىدىغان يول دوقمۇشىغا كەلگۈچە جىمجىت ئەگىشىپ ئاندىن غايىپ بولاتتى...ئېھتىمال ئۇ ئۇلارغا داۋاملىق ئەگىشىپ مېڭىپ، تاساددىبى بايقىلىپ قېلىشتىن قورقسا ياكى باشقىچە بىرەر ئىشنىڭ يۈز بىرىشىدىن ئەنسىرسە كېرەك...بىراق بۈگۈن ئەھۋال باشقىچە بولدى، ئۇ بۇيەردىكى سىرلىق پەردىنى ئېچىپ بېقىش ئۈچۈن ئاخىرغىچە ئەگىشىش نىيتىگە كىلىپ ئەنسىرەش قورقۇش دىگەنلەرنى تۇنجى قېتىم بىر ياققا قايرىپ قۇيغان ئىدى..قىز يىگىت ئاخىرى ئارقا مەھەللىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى بىرتۈپ جىگدە دەرىخى تۈۋىگە كىلىپ توختىدى.ياقۇپمۇ قەدەملىرىنى توختۇتۇپ يۇشۇرنۇشقا ئۈلگۈرگەن ئىدى.يىگىت قىزنىڭ كۆزىگە تىكلىپ تۇرۇپ بىرنىملەرنى دەپ پىچىرلىدى، ئارلىق يىراق بولغاچقا ياقۇپ پەقەت كۈزۈتۈپ تۇرۇشقىلا مۇيەسسەر بولالىدى.يىگىت قوللىرىنى ئاستا-ئاستا قىزنىڭ بىلىكىگە سۈرۈپ ئۇنى ئۆزىگە تارتتى، قىزمۇ ھىچقانداق قارشىلىق بىلدۈرمىدى.ئۇلارنىڭ لەۋلىرى ئۇچىرشىشىقا باشلىغاندا ياقۇپ مۈكۈنگەن ئورنىدىن تۇرۇپلا، كەلگەن يۆلىنىشىگە قاراپ باركۈچى بىلەن يۈگۈردى.شۇ يۈگۈرگىنىچە ، ئاستىغا ياپېشىل چىملىقلار ياتقۇزۇلغان تاش ئۇرۇندۇقلۇق كەڭ پۇتبول مەيداننىڭ يېنىغا كىلىپ توختىدى.ئۇ ھارغان ئىدى، كۈچلۈك ھاسىراشلار ئىچىدىن بىرخىل ئاچچىق يىغا چىقىپ ئۇنى يارىماس، جۈرئەتسىز دەپ ئەيىپلەۋاتاتتى...
         ياقۇپ ئەسلى ئۇ قىز بىلەن بىر سىنىپتا ئۇقۇغان قىزنىڭ گۈزەل ھۆسۈن جامالى، تاڭ شاملىدەك يېقىملىق ئاۋازى نۇرغۇن ئۇغۇللارنى مەپتۇن قىلاتتى، ياقۇپمۇ شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرسى بۇلۇپ، ئۇنىڭغا پەقەت گەپ ئاچالمايدىغىنمۇ يەنە شۇ .بۇ سەھىنىدە قىز چوغ، ئۇ پاختا ئىدى...قىزغا يېپىشسىلام ئۆزىنى كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىدىغاندەك ھىس قىلاتتى... ئىمتىھان يېقىنلاشقان مەزگىللەردە سىنىپ ئىچىدە رىقابەت ئەۋجىگە چىقىپ، ئۇقۇغۇچىلار يەككە پەنلەر بۇينىچە بەسلىشىشنى مودا قىلۋالغان بۇلۇپ، بەسلەشكەن پىنىدە ئارقىدا قالغۇچى، ئۈزۈپ چىققۇچىغىنى قەلەم خاتىرە قاتارلىق بۇيۇملاربىلەن تەمىنلەيتتى...ياقۇپمۇ بۇ بەيگىدىن مۇستەسنا ئەمەس ئەلۋەتتە...بىركۈنى پارتىدىشى ئۇنىڭىدىن سەن كىم بىلەن بەسلەشتىڭ دەپ سورىدى
    - ھىچكىم بىلەن
    - ۋوي ،  بەسلەشمىسەڭ قانداق بولىدۇ؟سىنىڭ خەنزۇتىلى نەتىجەڭ ياخشى ئەمەس، شوڭا ئۇنىڭ بىلەن بەسلىشىپ باققىن، مۇشۇ بانادا تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈپ نەتىجەڭ ياخشى چىقىپ قېلىشى مۇمكىن.
    پارتىدىشى ياقۇپنىڭ ئىچىدىكىنى بىلىپ قالغاندەك ئۇقىزنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتاتتى.
    ياقۇپ ئۈن چىقارمىدى، پارتىدىشى ئەھۋالنى پەملىدى بولغاي، قىزنىڭ يېنىغا بېرىپ بىرنىملەرنى دەپ ئۇنى باشلاپ كەلدى.قىز ياقۇپقا:
    - ياقۇپجان خەنزۇتىلىدا بەسلىشەمدۇق ؟ دىدى
    - ھىم ،  ياقۇپ كۈلۈمسىرەپ بېشنى لىڭىشىتىتى...
    قىز ئۇچۇق يۇرۇق بولغاچقا گەپنى تۈزلا قىلىۋەرەتتى.
    - ئۇنداقتا نىملە بەسلىشىمىز؟
    ياقۇپ سەل ئوڭايسىزلىنىپ نىمە دىيشنى بىلمەي تۇرغاندا، پارتىدىشى سۆز ئاچىتى :
    - ھازىر خاتىرىلە بەسلىشىش مودا بۇلۇۋاتىدىغۇ ؟
    - بولىدۇ ،  خاتىرىلە بەسلىشەيلى ،  بىرتال خاتىرە ئاز بۇلۇپ قالىدۇ ،  ئىككى تال بولسۇن ... دىدى قىز تاتلىق كۈلۈپ

    - ما...ماقۇل ،  ياقۇپقا بۇ بىر ئېغىز سۆزىمۇ قولاشمىغاندەك سىزىلىدى ...
    ئەمدى ئۇنىڭ كۆڭلىدە قىزبىلەن بولغان رىقابەتتە يېڭىۋىلىپ ئىككى تال خاتىرىنى ساقلاش ئىستكى بىلەن يېڭلىپ خاتىرە تەقدىم قىلىش ئىستكى تەڭ مەۋجۈت بۇلۇپ قالغانىدى...ئۇ يەنىلا يېڭلىپ بىرىش ئارقىلىق قىزنى خوشال قىلىشنى ئاقىلانە يول دەپ قارىدى...ئۇنىڭ سەۋىيسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ مۇشۇ يولنى تالىماقتىن باشقا ئامال يوق ئىدى...

    ئاخىرى ئىمتىھانمۇ ئاخىرلىشىپ ھەممەيلەن ئىمتىھان نەتىجىسى توغىرسىدا پاراڭغا چۈشۈپ، ۋاراڭ چۇرۇڭ قىلىشۋاتاتتى.قىز ياقۇپنىڭ يېنىغا كەلدى.
    -خەنزۇتىلىدا نەچچە نۇمۇر ئاپىسىز؟
    -خاتىرىڭىزنى ئەتە بېرەي...ياقۇپ قاتتىق جىددىيلەشكەنلىكتىن قىزنىڭ گېپنى ئاڭقىرالماي شۇنداق دەپ سالغان چېغى.قىزمۇ ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭىمىغاندەك قىياپەتتە يەنە بىر سورىدى.
    -نەتىجىڭىز قانداق چىقىپتۇ؟
    - ھە...ئە 60
    - سىزچۇ؟
    - 78 ئاپتىمەن
      ياقۇپ يەنە بىر نىمە دىمەكچى بولدىيۇ ،  ئەمما بىرخىل ۋەھىمە ئۇنىڭ ئاۋازىنى بۇغۇپ قويدى ...
          سىنىپ دېرىزىسى قىيا ئېچىلغان بۇلۇپ، مەيىن شامال ئەتىراپنىڭ نەمخۇش ھاۋاسىنى دىماققا ئۇراتتى.ياقۇپ دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ مەكتەپ ھويلىسىدىكى مەجنۇنتلارنىڭ يىنىك تەۋرىنشىنى تاماشا قىلغاچ، جىمجىتلىقنىڭ ھارارىتىدىن ھۇزۇرئېلۋاتاتتى...تۇيۇقسىز بىر ئاياغ تىۋىشى سۈكۈناتنى بۇزۇپ، ئىشىك ئېچىلدى...ئۇ پۈتۈن بەدىننى قاپلىغان ھۇدۇقۇشتىن يۈرىكنىڭ گۈپۈلدەپ سۇقۇۋاتقانلىقنى سەزدى...
    - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ... ھەجەپ بالدۇر كېلىۋاپسىزغۇ؟بۇ يېقىملىق ئاۋاز ئۇنىڭغا ھەر لەھزە تەمتىرەش ئاتا قىلاتتى .
    - ۋە...ۋەلەيكۇم ئەسسالام...چۈشلۈك تاماقنى يەپ بۇلۇپلا كەلگەن ئىدىم.
    قىز ئۈندىمەيلا ياقۇپنىڭ كەينىدىكى پارتىغا كىلىپ ئولتۇردى...ئۇ ئارقىدا ئولتۇرغان بۇ ساھىجامال بىلەن پاراڭلىشىشنى شۇنچە ئارزۇ قىلسىمۇ، ھەر بىر تىنىقىدىن چىقۋاتقان ئەنسىز تۇيغۇ ئۇنى ئېغىز ئاچتۇرمايتتى...
         ياقۇپ ئورنىدىن تۇردىدە ئىشك تەرەپكە قەدەم تاشلدى.-سىرىتقا ماڭغان ئوخشىمامسىز؟بۇ ئىللىق ئاۋاز يەنە ئۇنىڭ قۇلاقلىرىغا يېپىشپ ئۈلگۈرگەن ئىدى.-مەن...سىرىتقا چىقىپ كىرەي.
    ھاۋا نەقەدەر سالقىن-ھە!بىراق ئۇ سىنىپتا يالغۇز قالدى...ياقۇپ غېرىپ خىياللار بىلەن مەجنۇنتالزارلىقنى ئايلىنىۋىتىپ، يەنە قانداقتۇر بىر ئىسىق تەلپۈنۈشنىڭ قەدەملىرىنى يۆتكەۋاتقانلىقنى سەزدى...
    - سىز بەك ئوماق جۇمۇ ؟
            بۇ بوم ئاۋاز دېرىزە گىرۋەكلىرىگە ئۈسۈپ، ياقۇپنى چۆچۈتىۋەتتى ...
    -ھى، ھى شۇنداقمۇ؟
          بۇ ھەربىر تاۋۇشلىرىدىن تارتىپ ماڭا تۇنۇش ھېلىقى...ياق!...ئۇ قۇلۇقىغا ئىشەنمەستىن دېرىزىدىن ئاستا مارىلىدى...سىنىپ ئىچىدە ئۇقىز بىلەن ناتۇنۇش بىرگەۋدە ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل قارىشىپ ئولتۇراتتى...
        ياقۇپنىڭ توپا باسقان ئاياغلىرى ئارىسىدىن يوللار سۇئال نەزىرىدە قارىماقتا ...«سىز بەك ئوماق جۇمۇ؟...»بۇ سۆز ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە تور تارتىپ پۈتكۈل ئوي خىيالىنى ئەسىر قىلماقتا ئىدى...ئۇ زادى كىم ؟نىمە ئۈچۈن...؟
    « ھى، ھى شۇنداقمۇ؟ ... »ياق...ياق...ياق... بۇ مۇمكىن ئەمەس...ئۇ زادى كىم؟ئۇ...
      ياقۇپ    ئەمدىلىكتە ھېلىقى يىگىتنىڭ خوشنا سىنپتا ئۇقۇيدىغانلىقنى، ئۆزىنىڭ رىقابەتچىسى بۇلۇشى مۇمكىن ئىكەنلكنى قىسمەن ئەسىگە ئالالىدى...كىيىنكى كۈنلەردە ئۇ،  ئۇلارنى پىنھان جايلاردا پات-پاتلا ئۇچۇرتىدىغان بولدى، ھەرقېتىم كۆرمەسكە سېلىپ ئۈتۈپ كەتمەكچى بولاتتىيۇ، بىراق مەقسەتسىز بىر ئىنتلىش ئۇنى بىچارە ئولجىغا ئايلاندۇرۇپ قوياتتى...ئەنە شۇ مىنوتلاردىن باشلاپ كەڭ تەبىئەتنىڭ باغرىدىكى بىر كىچىك كوچىدا بۇ ساددا ئەگەشكۈچى پەيدا بولغان ئىدى...
         مانا ھازىر ئۇ نەچچە يۈز كىشلىك كەڭ پۇتبول مەيدانىنىڭ ئەڭ ئۈستىنكى ئۇرۇندىقىدا يالغۇز تاماشىبىن بۇلۇپ ئولتۇرىدۇ، كىچىكىدە بۇ جاي ئۇنى ھەممىدىن بەك خوشال قىلالايدىغان، ھەممىنى ئۇنتۇلدۇردىغان بىردىنبىر جاي ئىدى.ئەمدى ئۇ يەنە مۇشۇ جايدا قىزغۇچ شەپەق نۇرى ۋە كۆكۈش تاماكا تۇمانلىرىغا چۆمۈلۇپ كېچىنى ساقلاۋاتىدۇ...ياق!... بەلكىم ئۇ كېچنى ساقلىمىدى، ئەكسىچە كېچە ئۇنىڭ قەلبىگە رەھمسىزلەرچە باستۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.