ئوبزور

يوللىغۇچى : Siddiq يوللىغان ۋاقىت : 2007-08-18 16:26:00

(تارىخىي ئوبزور) ئاپتورى : ئىزچى سوپىزمنىڭ تارىختا پەيدا بولۇش جەريانى توغرىسىدا ئىلاۋە:(چۇقۇمئاۋال بۇنى ئوقۇڭ) مەيلىتۆۋەندىكى ئەسەردە نىمە دىمەكچى بولغانلىقىدىن قەتئى نەزەر ئاپتورنىڭ< ۋەتەنپەرۋ...


    (تارىخىي ئوبزور)

    ئاپتورى : ئىزچى سوپىزمنىڭ تارىختا پەيدا بولۇش جەريانى توغرىسىدا

    ئىلاۋە:(چۇقۇم ئاۋال بۇنى ئوقۇڭ)  مەيلى تۆۋەندىكى ئەسەردە نىمە دىمەكچى بولغانلىقىدىن قەتئى نەزەر ئاپتورنىڭ< ۋەتەنپەرۋەرلىكىگە>، خوجىلارغا بولغان نەپرىتىگە مەن قايىل بولدۇم.

     بىراق ئاپتور ئاتىزىمنىڭ تەسىرىگە ئېغىر ئۇچرىغاندەك قىلىدۇ... ئاپتورنىڭ يۇقارقى بايانلىرى قاراپ تۇرۇپ ئىسلام دىنىغا تۆھمەت ۋە ھاقارەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس، مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلامنى «مۇھەممەد پەيغەمبەر» دەپ قوپال ئاتىغىنىنى دىمىگەندىمۇ ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆلتۈرگەن ئەمەس. مەزھەبلەرنىڭ شەكىللىنىشىنى بۇنداق زەھەرخەندە سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەش تارىخ بىلمىگۈچىنىڭ، شۇنداقلا قىزىل پاچاق قوغدىغۇچىنىڭ تەلەپپۇزى... يۇقارقى تارىخ خۇددى دۈشمەنلەردەك ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىلگەن... كۆچۈرۈپ يوللىغۇچىنىڭ ئاپتورنىڭ يازمىلىرىغا تەنقىدى كۆز بىلەن قارىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

         يەنە بىرسىگە مەسۈر ئەللاجى خۇدالىق دەۋاسى قىلغان ئەمەس بەلكى ئىنساننىڭ ئۆز تەقدىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى كۆزدە تۇتۇپ ھەر كىم ئۆزىنىڭ خۇداسى  دىگەن... يازمىنىڭ تارىخنى يورۇتۇشتىكى دادىللىقىنى مۇشۇنداق ئەقىدىسىز، بىلىمسىز بايانلار خىرەلەشتۈرۈپ قويۇپتۇ.... 

    ئىسلام تارىخىنىڭ توغرا بايانلىرىدىن خەۋىرىڭىز بولمىسا ئوقۇمايلا قويۇڭ....

    ~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

     

          مىلادى 632 - يىلى مۇھەممەد پەيغەمبەر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن، ئۇنىڭ ساھابىلىرى بىلەن ئورۇق ـ تۇغقانلىرى ئارىسىدا پەيغەمبەرنىڭ ئورنى (ئىز باسارلىق) نى يەنى خەلىپىلىكىنى تالىشىش كۈرىشى كىلىپ چىقىدۇ. بۇ كۈرەشلەر نەتىجىسىدە مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ دەسلەپكى ساھابىلىرىدىن بولغان ئابابەكرى بىرىنچى قىتىم خەلىپىلىكىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ چاغدا مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ كۈيئوغلى ھەم بىر نەۋرە ئىنىسى ھەزرىتى ئەلى: «پەيغەمبىرىمىزگە ئۇنىڭ ئۆز ئەۋلادلىرى ۋارىسلىق قىلىپ خەلىپىلىككە ئولتۇرۇشى كىرەك» دەپ قاراپ، ئابابەكرىنىڭ خەلىپە بولۇشىغا قارشى چىقىدۇ ۋە ئاخىرى ئۈچىنچى قىتىم خەلىپىلىككە ئولتۇرغان ساھابە ئوسماننى ئۆلتۈرۈۋىتىپ، خەلىپىلىكنى ئىگىلەيدۇ، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئەڭ يىقىن ساھابىلىرىدىن بولغان ئابابەكرى، ئۆمەر، ئوسمانلارنىڭ (ئۇلار مۇھەممەد پەيغەمبەر بىلەن بىر نەسىل نەسەب ئەمەس ئىدى) تەرەپدارلىرىغا قارشى ئەلى پەرەسلەرنىڭ «شىئە ئەلى» تەشكىلاتىنى قۇرىدۇ. بۇ تەشكىلات پەيغەمبەر ھايات ۋاقتىدا «چاھاريار»لىق سەلتەنىتىدە بولغان تۆت ساھابىدىن ئابابەكرى، ئۆمەر، ئوسمانلارنىڭ «چاھار يار» لىقىنى ئىتىراپ قىلمايدۇ. يۇقىرىقى ئۈچ ساھابىنىڭ تەرەپدارلىرىمۇ مىلادى 661 - يىلى كۇفە دىگەن يەردە ھەزرىتى ئەلىنى ئۆلتۈرۈۋىتىپ، «شىئە»چىلەرگە قارشى ئۆزلىرىنى «سۈننىي» ناملىق تەشكىلاتىنى قۇرىدۇ. ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئورنىنى تالاشقان ئوغلى ئىمامى ھۈسەيىنمۇ يەزىد تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. يۇقىرىقى ۋەقەلەردىن ئىتىبارەن بۇ ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدا خەلىپىلىك تالىشىشنى چۆرىدىگەن مەزھەپ كۈرىشى شەكىللىنىپ بارغانسىرى ئۇلغىيىپ كىتىدۇ، مۇرەسسەسىزلىشىدۇ. بارا ـ بارا بۇ ئىككى تەشكىلاتنىڭ يۇقىرى قاتلام دىنىي يىتەكچىلىرى ئارىسىدا مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى تەلىماتى (قۇرئان) بىلەن ئىسلامنىڭ پەيغەمبەر تەكىتلىگەن ئەھكام، ئۇقۇم، پرىنسىپ، ئەنئەنىلىرىنى ھەر كىم ئۆز مەۋقەلىرىنى چىقىش قىلىپ بىر ـ بىرىگە زىت تەپسىرلەيدىغان، چۈشەندۈرىدىغان، ئەمەل قىلىدىغان چوڭ مەسىلە كىلىپ چىقىدۇ. «شىئە ئەلى» چىلەرنىڭ ئۆلىمالىرى قۇرئاننى شەرھلەشتە؛ قۇرئاننىڭ «باتىن» (ئاخىرەتلىك، يوشۇرۇن) ھەم «زاھىر» مەنىلىرى بار. «باتىن» مەنىسى بەندىلەرنىڭ شەرتسىز، شەك ـ شۈبھىسىز ئەمەل قىلىشىغا قارىتىلغان، دەپ دەۋا قىلىشىپ، بۇ قاراشلىرىنى مۇستەھكەم، مەڭگۈ «ھەقىقەت» سۈپىتىدە ئاساسلاش ئۈچۈن مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادلىرىنى ھەزرىتى ئەلى قاتارلىقلارنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى سۆز ـ ھەرىكەتلىرىدىن «ئەخبار» ناملىق چوڭ كىتابنى تۈزۈپ چىقىپ، قۇرئان بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ دىنىي پرىنسىپلىرىنى مۇشۇ نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرىدۇ. «سۈننىي» لەرنىڭ چوڭ ئۆلىمالىرىمۇ قۇرئاننى شەرھلەشتە: قۇرئاننىڭ «زاھىر»، «باتىن» مەنىلىرى بار، «زاھىر» مەنىسى ― بەندىلەرنىڭ شەرتسىز ھەم شەكسىز ئەمەل قىلىشىغا قارىتىلغان، دەپ دەۋا قىلىشىپ، بۇ قاراشلىرىنى مۇستەھكەم، مەڭگۈ ھەقىقەت سۈپىتىدە ئاساسلاش ئۈچۈن، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ساھابىلىرىنىڭ سۆز ـ ھەرىكەتلىرىدىن «سۈننىي» ناملىق چوڭ كىتاب (قۇرئان تەپسىرى) نى تۈزۈپ چىقىپ، قۇرئان بىلەن يانداش ئورۇندا قويۇش ئارقىلىق ئۆلىمالىرى ئەقىدىلىرىنى ئەنە شۇ نۇقتىغا يىغىنچاقلايدۇ. شۇنداق قىلىپ «شىئە ئەلى» لەرنىڭ ئۆلىمالىرى قۇرئاننىڭ «باتىن» مەنىسىنى ئاساس قىلىپ «زاھىرى» دۇنيادىكى ئىجتىمائىي بارلىقىنى (ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي، ئىجتىمائىي كۈرەش، پائالىيەتلىرىنى) «باتىن ئالەم» ئۈچۈن، ئۇ «دۇنيا» ئۈچۈن بولغان خۇدايى قۇلچىلىق دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمەسلىكى كىرەك، دەپ بىلىپ ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ ئىختىيارىدىكى بىقۇۋۇل ئۆتكۈنچى مەخلۇق دىگەن دەۋالىرىدا چىڭ تۇرۇش يولى ئارقىلىق، ئۆز مەۋقەلىرى بويىچە تۇتقان يولىنى «ئەھلىي تەرىقەت» (تەركىي دۇنيالىق يولى) دەپ ئاتاشقا باشلايدۇ. «سۈننىي» چىلەرنىڭ پىشۋالىرىمۇ قۇرئاننىڭ مەۋجۇد ئالەم توغرىسىدىكى ھەقىقىي، يىگانە دەستۇر ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، كائىنات ھادىسلىرىنى، ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي، ئىجتىمائىي غايە، كۈرەش ئىنتىلىشلىرىنى (ئاللاھنىڭ مەۋجۇد دۇنيانى بەندىلەر ئۈچۈنلا ياراتقانلىقىنى)، ئاخىرەتنىڭ («باتىن» ئالەمنىڭ) «زاھىرى» ئالەم ئۈچۈن قوشۇمچە ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇقىم مەۋقەلىرىنى (يولىنى) «ئەھلى شەرىئەت» (زاھىرى ئالەم يولى) دەپ ئاتايدىغان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىسلام ـ «شىئە»، «سۈننىي» مەزھەپلىرى بويىچە ئىككىگە پارچىلىنىپ كىتىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئىسلام بايرىقى ئاستىغا جەملەشكەن مۇسۇلمان قەۋملىرى بىر ـ بىرىگە قارىمۇ قارشى ئىككى بايراق ئاستىغا بۆلۈنۈپ (ئۇيۇشۇپ) ئىچكى جاڭجال، مەزھەپ ئۇرۇشلىرىنىڭ قۇربانلىرىدىن بولۇشقا يۈزلىنىدۇ. بۇ ئىككى مەزھەپ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بارغانسىرى ئۆتكۈرلىشىپ قانلىق ئۇرۇشلارغا سەۋەب بولىدۇ.

    .................

    . مىلادى 10- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىمۇ سوپىزمنىڭ شۇ زامانلاردىكى ئەڭ چوڭ ئىجادچىلىرىدىن بىرى ـ ئىرانلىق سوپى ھۈسەيىن ئىبنى مەنسۇر ھەللاج: «ماڭا خۇدادىن «خۇدالىق ۋەھىي كەلدى» دىگەن گۇناھى ئۈچۈن مۇسۇلمانلار سوتى تەرىپىدىن ئىسىپ ئۆلتۈرۈلگەنىدى.


      

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق