گۇناھ-7(ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-09 05:58:44

گۇناھ(7)ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد  — ھەي كۆڭ ماڭغا، نېمە دەۋاتىسەن؟!-نىياز ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ، ئېشىكىنىڭ ئارغامچىسىنى تاشلاپ، ھىدايەت قارىنىڭ ئالدىغا دېۋەيلەپ كەلدى.   — سەن كاپىر خەقنى بوزە...

    گۇناھ(7)
    ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد

     


     — ھەي كۆڭ ماڭغا، نېمە دەۋاتىسەن؟!-نىياز ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ، ئېشىكىنىڭ ئارغامچىسىنى تاشلاپ، ھىدايەت قارىنىڭ ئالدىغا دېۋەيلەپ كەلدى.

     

      — سەن كاپىر خەقنى بوزەك قىلىمەن دېمە، خۇدايىم قىيامەت كۈنى ھېساب ئالىدۇ!

     

      — ھەي ماڭقا، ماڭقاڭنى ئېيتىۋېتىپ سۆزلە، بولمىسا بۇرنۇڭنى چۇۋىۋېتىمەن!

      — مېنى ئۇرىدىغانغا نېمە ھەققىڭ بار! ئاتامغا دەيمەن!دېگىنە مانا!- نىياز قولىنى چۆرىدى، تەستىكى ھىدايەت قارىنىڭ بۇرنىغا تېگىپ قانىتىۋەتتى.

     

      — ئۆيۈڭگە بېرىپ ماڭقاڭنى ئېيتىۋال، ئاتاڭغا ماڭقاڭنى ئېقىتىپ بارساڭمۇ كارىم يوق! ھەر قايسىڭغا ئەمدى تۈكۈممۇ تەۋرەپ قويمايدۇ، ئاتاڭغا دەپ قوي، ئاتاڭ سېنى ئوتتۇرا مەكتەپكە بەرمەيدىغان بولسا مەندىن بوش قۇتۇلالمايدۇ...

     

      نىياز كۆڭلى بۇزۇلۇپ ياش تۆكۈۋاتقان ھىدايەت قارىنىڭ كۆزىدىكى نەپرەت ئۇچقۇنلىرىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى،”بۇ كۇسپۇرۇچ نەق ئاتىسىنى دوراپتۇ، موللا خەقنىڭ كۆزى نېمانچە يامان بولىدىغاندۇ“ دەپ ئويلىدى. ئېشىكىنىڭ يېنىغا بېرىپ، يېنىدىن تاماكا ئېلىپ يۆگەپ چېكىپ، يەرگە تۈكۈرۈپ قالدى.

     

      ھىدايەت قارى ئۆيگە كەلگەندە ئاتىسى ئۇنى نامازغا ساقلاپ ئولتۇراتتى، ئوغلىنىڭ ئازار يېگەنلىكىنى ئاڭلاپ قاتتىق ئاچچىقى كەلدى.

     

      — كۆڭلۈڭنى بۇزما بالام، تاھارەت ئېلىپ كەل، ئاۋۋال نامىزىمىزنى ئوقۇۋالايلى!

     

      نامازدىن كېيىن سەمەت مەخسۇم بۇ ئىشقا سەۋر قىلىش-قىلماسلىق ئۈستىدە كۆپ ئويلاندى، ئويلىغانچە يامانلىققا سۈكۈت قىلىشنىڭ جايىز ئەمەسلىكىگە ئىشىنىپ، نېمىلا بولمىسۇن ئۇ مۇناپىقنى بىر ئەدەبلەپ، ئاچچىق ساۋاق بېرىش نىيىتىگە كەلدى. ئۇنىڭ نەزەرىدە نىياز دىندىن چىققان كاپىر ئىدى، قىلمىشلىرى شۇنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. ئاتا-بالا نىيازنىڭ ئۆيىگە كىردى. نىياز ھويلىسىدىكى بەنچاڭدا تاماكا چېكىپ ياتاتتى. ئاشخانا ئۆيدە سەي قورۇۋاتقان خوتۇنى تالادىن كىرىۋاتقان ئىككەيلەننى كۆرۈپ كەيپى ئۇچۇپ توۋلىدى:

     

      — ھەي نىياز، قوپۇڭلا، ئۆيگە ئادەم كەلدى!

     

      نىياز ئورنىدىن قوپۇپ بولغىچە سەمەت مەخسۇم بەنچاڭنىڭ يېنىغا كېلىپ بولدى ۋە نىيازنىڭ كۆزىگە قولىنى شىلتىپ بوغۇق، قەھرىلىك ۋاقىرىدى:

     

      — ھوي مۇناپىق جوھوت، بالامغا نېمىشقا مۇتتىھەملىك قىلىسەن، ئۇنى نېمىشقا ئۇرىسەن؟ سەن ماڭا بالا چوڭ قىلىشىپ بەرگەنمىدىڭ؟! بۇنىڭ پوقىنى ئادالاپ چوڭ قىلغان ئاپىسى، بۇنى تەربىيىلەپ مۇنچىلىك ئادەم قىلغان ئاتىسىمۇ بۇنى تاك ئېتىپ چەككەن ئەمەس، ئۇقتۇڭمۇ يۇنداپۇرۇش!

     

      نىياز ئالاق-جالاق بولۇپ تامدەك تاتىرىپ كەتتى، تاماكىسىنى نەلەرگىدۇر تاشلىۋەتتى.

     

      — قولۇڭغا تىرماقچىلىك ھوقۇق تېگىپتىكەن، چوڭدىن تارتىپ كىچىككىچە بوزەك قىلغىلى تۇردۇڭمۇ ئەمدى! ھوقۇقدار بولساڭ ئۆزەڭگە ھەي مۇناپىق، بالامنى سەن باشقۇرالمايسەن!

     

      — بۇ ماڭقا مېنى كاپىر دەپ تىللىدى، شۇنداق دېسە مەن قاراپ تۇرامدىم؟!

     

      — راست دەپتۇ ھۇي مۇسۇلمان كاپىر، بالامنى ئۇرغان قولۇڭ سۇنۇپ كەتكەي ئىلاھىم!

      نىياز دېمىقىنى قېقىپ ئاچچىق كۈلدى:

     

      — ئىتنىڭ قارغىشىغا پىت ئۆلمەيدۇ!

      — سەندەك كاپىر گۇيغا قارغىشىمىز ئۆتىدۇ!



     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.