مۇئەللىم ، رولىڭىزنى بىلەمسىز ؟

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-03-25 18:16:00

مۇئەللىم ،رولىڭىزنى بىلەمسىز ( تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئىككى كەلىمە سۆز ) « مۇئەللىم گويا بىر باغۋەن ، ئۇ ئۆز ئەجىر- مېھنىتى بىلەن باغىدىكى كۆچەتلەرنىڭ ھارام شاخلىرىنى پۇتاپ ، ئۇنى ت...

    مۇئەللىم ،رولىڭىزنى بىلەمسىز

    ( تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئىككى كەلىمە سۆز )

    « مۇئەللىم گويا بىر باغۋەن ، ئۇ ئۆز ئەجىر- مېھنىتى بىلەن باغىدىكى كۆچەتلەرنىڭ ھارام شاخلىرىنى پۇتاپ ، ئۇنى تەملىك مېۋە بېرىدىغان ياراملىق كۆچەتكە ئايلاندۇرىدۇ. »

    « مۇئەللىم گوياكى شام . ئۇ قاراڭغۇ دىللارغا ئۆزىنىڭ نۇرلىرىنى چېچىپ ، قاراڭغۇلۇقنى يورۇقلۇققا ئايلاندۇرىدۇ . »

    « مۇئەللىم ئۇلۇغ ئىنسان ، ئۇنىڭغا توققۇز قەدەم يىراقلىقتىن سالام بېرىشىكە ھەقىقەتەن ئەرزىيدۇ. »

    يۇقىرىقىلار سىزدەك ۋە مەندەك مۇئەللىملەر ئۈچۈن بېرىلگەن باھالاردۇر. بۇ باھالارنى سىز ۋە مەن ئوقۇتقان ئاشۇ ئوقۇغۇچىلار بەرگەن . ئۇنداقتا ، سىز ۋىجدانىڭىز بىلەن جاۋاب بېرىپ بېقىڭ :

    مۇئەللىم بولۇش سۈپىتڭىز بىلەن بۇ ناملارغا لايىق ئىش قىلالىدىڭىزمۇ ؟ ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا بېرىشكە تېگىشلىك بىلىملەرنى دەل ۋاقتىدا ياغقان يامغۇردەك ھەمدە چاڭقىغاندا بېرىلگەن سۇدەك بېرەلىدىڭىزمۇ ؟ ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا پايانسىز دەشت- چۆلدە ئۇسسۇزلۇق ، ئاچلىق ، ھارغىنلىق ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان كارۋانغا يىراقتىن كۆرۈنگەن دەرەخلىك مەھەللە بەرگەن خۇشاللىقتەك خۇشاللىق ئاتا قىلالىدىڭىزمۇ ؟

    سىز تىل - ئەدەبىيات دەرسى مۇئەللىمى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇ دەرسنىڭ « ئۆلچىمى » ۋە خاراكتېرى توغرىسىدا بېرىلگەن : « قوراللىق خاراكتېرى بىلەن گۇمانىتارلىقىنىڭ بىرلىكى - تىل - ئەدەبىيات دەرسىنىڭ  ئاساسىي ئالاھىدىلىكى » دېگەن ئىزاھاتنى بەلكىم كۆرگەنسىز . تەجىربىسى بار ، كەسىپتە پىشقان مۇتەخەسسىلەر بۇ ھەقتە سائەتلەپ لېكسىيمۇ سۆزلىگەن . سىز بۇنى ئەمەلىيتڭىزدە قانچىلىك كۆرسىتەلىدىڭىز ؟

    بۇ دەرسنىڭ قوراللىق خاراكتېرىنىڭ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش، يېزىش، سۆزلەش ، تەپەككۇرىنى چوڭقۇرلارشتۇرۇش قاتارلىقلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدىغانلىقىنى بەلكىم سىز ھېس قىلدىڭز . ئەمما ، ئوقۇش ،يېزىش جەھەتتە توققۇز يىل مەكتەپتە ئوقۇپ تۇرۇپمۇ ، ئۆز ئانا تىلىدا يېزىلغان بىرەر پارچە شئېرنىمۇ ئوقۇيالماي ، گېلىغا قىلتىرىق تۇرۇپ قالغاندەك ھېقىقداپ كېتىۋاتقان ، بىر پارچە ئەسەر تۇرماق ، سىز ئېيتىپ بەرگەن ئادەتتىكى جۈملىلەرنىمۇ توغرا ، جايىدا يازالمايۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى كۆرگىنىڭىزدە ، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 70 يىل مۇقەددەم دىيارىمىزدا ياشاپ ، ئۆزىنىڭ ئالتۇندەك ياشلىقى ۋە ھاياتىنى ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن بېغىشلاپ ، دۈشمەننىڭ قولىدا ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان ، يېڭى دەۋىر مائارىپچىلىرىغا  « پىر » قىلىپ بېرىشكە ئەرزىيدىغان مەمتىلى ئەپەندىنىڭ قىسقىغىنا ئالتە ئاي ۋاقىت ئىچىدە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئاتۇش خەلقىنى ساۋاتلىق قىلىپ چىققانلىقى بىلەن ئۆزىڭىزنى بىرەر قېتىم بولسىمۇ سېلىشتۇرۇپ باقتىڭىزمۇ ؟ بۇنداق دېسەم ، سىز بەلكىم بۇ قاچان ، ئۇ قاچان ؟ دەرسىز . ئەمما ، بۇ دەۋىر بىلەن ئۇ دەۋرنى سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلگندە ، ھازىرقى دەۋرىمىزنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى ساناشقا بارماقلىرىمىز يېتىشمەيدۇ . لېكىن ، ئوقۇغۇچىلرىمىز  يەنىلا شۇنداق ھالەتتە ئوقۇش پۈتكۈزۋاتىدۇ.

    ئېنىقكى ، بۇ بالىلار جەمئىيەتكە چىقىپ مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ساۋاتسىزلارغا ئايلىنىدۇ . خەلقئارادا كومپيۇتېر ئىشلىتىشنى بىلمىگەن ئادەمنى ساۋاتسىز دەپ ئېلان قىلغان يەردە، كومپيۇتېر ئىشلىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، ئۆز ئانا تىل - يېزىقىدا ئىسمىنى يازالمايۋاتقان بۇ بالىلار ئۈچۈن قانداق ئۆلچەم بېكىتىپ بېرىش توغرىسدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قايتىدىن ئويلاشسۇنمۇ ؟

    بۇ قۇرلارنى كۆرۈپ ، بەلكىم « ئاشۇرۋېتىپتۇ » دەرسىز . لېكىن ، بۇنداق بالىلارنىڭ مەكتەپ بويىچە ئەمەس، سىنىپ بويىچە ھېسابلىغاندىمۇ خېلى سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى بىر ئەمەلىيەت . ئەگەر بىز پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى قوشۇپ ھېسابلىساق بۇ سان قانچىلىك بولار ؟ بۇنى يىللارغا كۆپەيتىپ ھېسابلىساقچۇ ؟

    بۇ بالىلار بۇ سەۋىيە ، بۇ تەپەككۇر بىلەن قالغان بىلىملەرنى قانچىلىك دەرىجىدە ئۆزلەشتۈرەلەيدۇ ؟ « ئۆلچەم » دە بۇ دەرسنىڭ يەنە بىر خاراكتېرىنىڭ گۇمانىتارلىقى ئىكەنلىكى كۆرستىلگەن . بۇ يەردىكى گۇمانىتارلىق دېگەن سۆزنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك دېگەن مەنىدە ئىكەنلىكىنى ، ئەدەبىياتتا بۇ خىل روھنىڭ ئىپادىلىنىۋاتقانلىقىغا ئۇزاق بولغانلىقى بەلكىم سىزمۇ بىلىسىز .

    « سەنمۇ ھەق ، مەنمۇ ھەق » دېگەننى تەشەببۇس قىلىپ روھانىيلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن مەنسۇ ئەللاجىنىڭ ئىنساننى سۆيۈشى ، ئىنساننى ئۇلۇغلاش روھىنىڭ ياۋرۇپادىكى ئەدەبىيات - سەنئەت ئويغىتىش ھەرىكىتى ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتدىكى ئەلشىر نەۋائىي دەۋرىگىچە شەكىللىنىشى ، تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلىسڭىز كېرەك .

    بۇ يەردىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ، مېنىڭچە ، ئەڭ ئاۋۋال شۇ شەخسىنىڭ ئۆزىنى سۆيۈشىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئۆزىنى سۆيۈشتە ماھىيەتتە شۇ شەخىسنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان ۋەتەننى ، ئۆز مىللىتىنى ( مىللىتىنىڭ تىلى ، تارىخى ، مەدەنىيتى ) نى سۆيۈشنى كۆرسىتىدۇ . ئۇنداقتا ، سىز ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا بۇ خىل روھنى سىڭدۈرۈشكە قانچىلىك ئەجىر قىلدىڭىز ؟

    پارتىيمىزنىڭ مەخپىيەتلىكى ، پارتىيلىك يولداشلارنىڭ ئامان قېلىپ ، ئىنقىلاپ ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ جېنىنى قۇربان قىلىپ ، دۈشمەن جادۇسىدا توغرالغان لىيۇ خۇلەننىڭ ئۇلۇغۋار كۆرەش روھىنى سۆزلىگىنىڭىزدە ؛ دۈشمەننىڭ زۇلىمىغا قارشى قولىغا قورال ئېلىپ ، جەڭگە قاتناشقان ، كېيىن مىللى غورۇر ، ئار - نومۇسنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆزىنى خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولغان سولۇن ئەمەلدارىنى ئۆلتۈرۈپ قاچاق ، كېيىن شۇ گۇناھى ئۈچۈن كاللىسى ئېلىنغان نۇزۇگۇمدەك قىزلىرىمىزنىڭ ئۆتكەنلىكىنى ئېيتىپ ، پۇل ، راھەت - پاراغەتلىك تۇرمۇشنىڭ شرىن خىيالىنى سۈرۈۋاتقان قىزلىرىمىزنىڭ يۈرىكىگە بىر تال چىۋىق ئۇرالدىڭىزمۇ ؟ قەھىرىمانلىق توغرىسىدىكى مەزۇنلارنى سۆزلىگەن ۋاقتىڭىزدا ، ئوخشاشلا دۈشمەنگە قارشى كۆرەشكە ئاتلىنىپ ، تاغقا قاپسىلىپ قېلىپ ، ئاخىر ئامالسىز ھالەتتە دۈشمەن قولىغا تىرىك چۈشۈشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرۈپ ، ئۆزىنى تاغ چوققىسىدىن تاشلىغان مايسىخان باشچىلىقىدىكى يەتتە قىزنىڭ قەھرىمانلىقى ئارقىلىق ، باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ كۆرمەسكە سېلىش پەلسەپەسىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان بالىلىرىمىزنىڭ تاقىلىپ قېلىۋاتقان غورۇر دەرۋازىسىنى چېكەلىدڭىزمۇ ؟

    « يەتتە تال برىليانىت » دېگەن تېكىستتە ، ئاغىرىق ئازابىنى تارتىۋاتقان ئانىسنىڭ تەشنالىقىنى بېسىش ئۈچۈن ، سۇغا ماڭغان قىزچاقنىڭ سۇنى تېپىشى ۋە باشقىلارنىڭ تەشنالىقىنى ئۆزىدىنمۇ ئەلا بىلگىنى ئۈچۈن يەتتە تال بىرىليانتقا ئىگە بولغانلىقىنى ئېيتقان ۋاقتىڭىزدا ؛ كېسەل ئاتىسىنىڭ كېسىلىنى شىپا تاپتۇرۇش ئۈچۈن ، دورا ئۆسۈملۈكىگە ماڭغان ئوغۇلىنىڭ خىلمۇ خىل توسالغۇ ، قىينچىلقلارنى يېڭىپ ، ئاخىر بۇ دورىنى ئەكىلىپ ، دادسىنىڭ كېسلىنى شىپا تاپتۇرغانلىقى بايان قىلنغان « ۋاپادار ئوغۇل » چۆچىكىنى ئېيتىپ ، ئاتا - ئانىسىغا پۇل جېدىلى قىلىپ ، تورخانا ، يەر ئاستى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا كۆنۈپ قېلىپ ، ئاتا - ئانىسىدىن ، ئىنسانلىق مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلىش يولىدىن يىراقلىشىۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى ئاتا- ئانىسنىڭ قوينىغا قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بېرىشكە ئۇرۇنۇپ باقتىڭىزمۇ ؟

    ئوغۇزخان تۇلپارلىرىنىڭ كىشىنىشنى ، تۇمارىسنىڭ ئوتلۇق خىتابىنى ، بۇلاق سۈيىنىڭ شىلدىرلاپ ئاققىنىنى ، چەكسىز قۇم بارخانىلىرى ئارسىدا تىنىمسىز ئىلگىرىلەۋاتقان تۆگىلەرنىڭ كولدۇرمىلىرىدىن چىقىۋاتقان ئاۋازنى ، ئانا تارىمنىڭ شاۋقۇنىنى ئاڭلىتالىدىڭىزمۇ ؟ تەڭرىتاغلىرىنىڭ ھەيۋىتىنى ھېس قىلدۇرالىدىڭىزمۇ ؟

    قىسقى ، سىز ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا ئۇلارنىڭ ۋەتەننىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى ، دۆلەت ، مىللەت ، جەمئىيەت ، ئائىلە ئۈچۈن قانداق ئادەم كېرەكلىكىنى ، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ، قانداق ياشىسا ئادەمدەك  ياشىغان بولدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرالىغان ، ھەسەل ھەرىسى كەبىي گۈل شىرنىلىرىدىن تەنگە ، روھقا شىپا بولدىان ساپ ھەسەل ئىشلەپچىرالىغان بولسىڭز ، ئۆز رولىڭىزنى چۈشەنگەن ، ئۆز قىممىتىڭىزنى ياراتقان بولىسىز .

     

    « شىنجاڭ مائارىپ » ژورنلىدىن .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق