گۇناھ-13(ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-09 06:18:26

گۇناھ(13)ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد  — كۆڭۈللىرىنى بۇزمىسىلا ئايىمخان، سەۋر قىلسىلا، ھەممىگە قادىر ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدۋار بولسىلا! -دېدى. مەخسۇم مۇبادا بۇ گېپىنى يەنىمۇ داۋاملاشتۇرسا ئۆز كۆڭل...



    گۇناھ(13)
    ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد

     


     — كۆڭۈللىرىنى بۇزمىسىلا ئايىمخان، سەۋر قىلسىلا، ھەممىگە قادىر ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدۋار بولسىلا! -دېدى. مەخسۇم مۇبادا بۇ گېپىنى يەنىمۇ داۋاملاشتۇرسا ئۆز كۆڭلىدىكىنىمۇ قوشۇپ دەۋېتىپ قالىدىغاندەك ھېس قىلىپ سۆزىنى توختىتىپ قويدى. ئايىمخان ئاياللارغا خاس سەزگۈرلۈكى بىلەن ھەممىنى چۈشىنىپ ئولتۇردى، قەلبى ئازادىلىككە چۆمدى.

     

      سەمەت مەخسۇمنىڭ ئايىمخاننى ئەمرىگە ئېلىش ئىستىكى بارا-بارا ئۇلغىيۋاتقان ئوتتەك كۈچىيىپ كەتتى. يۈز كۈنلۈك ئىددەت ۋاقتى توشقاندىن كېيىن ئايىمخاننىڭ ئالدىغا ئادەم كىرگۈزدى، ئايىمخان رازىلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما نىكاھ ئوقۇيدىغان ۋە توي قىلىدىغان ئىشنى كەينىگە سۈردى. ھەقتائالانىڭ شاپائىتىگە شۈكرىلەر ئېيتىپ، ياش يىگىتلەردەك ھاياجانلىنىپ، جۇشقۇنلىشىپ كەتكەن سەمەت مەخسۇم دەسلەپتە جىم بولۇپ قالدى، كېيىن ياخشى ئويلىنىپ بۇنى توغرا چۈشەندى. چۈنكى ئىددەت ۋاقتى توشقان بولسىمۇ، تېز ئارىدا جۇۋان تويى قىلىنسا مەھەللىدىكىلەر”ئايىمخان ئاران تۇرۇپتىكەن“ دەپ يەنە گەپ تاپاتتى. ئايىمخان بىلەن مەرھۇم ئېرىنىڭ بەش پاتمان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بۇ تويغا ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق كۆرۈشىگە ۋاقىت كېتەتتى.

     

      مەخسۇمنىڭ بار-يوقى ئانىسىدىن مىراس قېلىپ، مەرھۇم ئايالىدىنمۇ ئېشىپ قالغان بىر جۇپ ئالتۇن ھالقا ۋە بىلەيزۈك بولۇپ، مەخسۇم بىلەيزۈكنى ئايىمخانغا ئاتاپ قويدى، قالغىنىغا بىر ئامال قىلماي بولمايتتى، ئۇنىڭغىمۇ ۋاقىت كېرەك ئىدى.

     

      كۈز كېتىپ يەنە قىش كەلدى، ھىدايەت قارى داۋۇت داموللامنىڭ ئۆيىدە ساۋاق ئېلىش كۈنلىرىنى كۆپەيتتى. ئەتىياز كىرگەندە داۋۇت داموللامنىڭ تالىپ ئوقۇتۇشى چەكلەندى، ھىدايەت قارى ئۆيىگە يېنىپ كېلىپ دېھقانچىلىق قىلدى.

     

      مەھەللە باشلىقى نىياز تولىمۇ ئالدىراش، سۈرلۈك بولۇپ كەتتى، مەجلىس ئاچسا ئىشلەپچىقىرىش توغرىلىق گەپنى قويۇپ، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت ۋە بۆلگۈنچىلىك قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇش، ئىتتىپاقلىق ھەم مۇقىملىقنى قوغداش ھەققىدە توختىماي سۆزلەيتتى؛ ئۆزىچە قايناپ ھەتتا ئەزالارغا قولىنى شىلتىپ ۋارقىراپ كېتەتتى، بىر ياندا غەمگە چۆكۈپ ئولتۇرغان مەخسۇمغا پات-پات گۇمان ۋە ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ قوياتتى.

     

      بىر كۈنى نىياز ئۇنى دادۈيدە يىغىن بار دەپ ئېلىپ كەتتى. بۇ يىغىن تۆۋەنگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ كەنت تەۋەسىدىكى دىنىي زاتلارغا مەخسۇس ئاچقان يىغىنى ئىدى. خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەر ئۈزلۈكسىز پەيدا قىلغان مۇقىمسىزلىق ۋە باشقا خەتەرلىك ئەھۋاللارنى بىر باشتىن سۆزلەپ چىقتى، بىر تېما بىر نەچچە ئادەمنىڭ ئېغىزىدا ھەر خىل تەرزدە، ھەر خىل مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈلدى، يىغىننىڭ ۋاقتى بەكمۇ سوزۇلۇپ كەتتى؛ چۈشتە باشلانغان يىغىن پېشىن، ئەسىر، ھەتتا شام ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەندىمۇ تۈگىمىدى؛ ئادەتتە بەش ۋاق نامازنى دەل ۋاقتىدا ئوقۇيدىغان يىغىن ئەھلى بۇ يىغىننىڭ مەقسەتلىك ئېچىلىۋاتقانلىقىنى پەملەپ، ناماز ئوقۇش تەلىپىنى ئوچۇق-ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويۇشقا پېتىنالمىدى. سەمەت مەخسۇمنىڭ ئىچى دەھشەت سىقىلىپ كەتتى:”بىز خۇدادىن قورقماي بەندىدىن قورقامدۇق؟!

     

      قالايمىقانچىلىقنى تۈگىتىپ دىنىي ئەركىنلىك بەرگەن ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنى نامازنى چەكلەشكە بۇيرۇغىدەك دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كەتمىگەندۇ؟ كوپراتسىيىدىكى سىياسىتىگە يېنىۋالمىغاندۇ؟ بىز ھۆكۈمەتكە ھېچقاچان نارازىلىق، قارشىلىق بىلدۈرمىدۇققۇ؟! بېشىمىزغا ھەر قانداق ئىش كەلسە تەقدىر پېشانىمىزدىن كۆرۈۋاتىمىز، ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى سىياسىتىدىن رازى بولمايدىغان كىم بار؟! ھەممىنى قىلغان مۇشۇ نىيازدەك مۇناپىق ھوقۇقدارلار، ئىشنى بۇزغانمۇ مۇشۇلار، بۇلار كىچىك ئىشنى يوغانتىپ، ئوڭ ئىشنى تەتۈرگە تولغاپ، ھەددىدىن بەك ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ، بۇلارنى سورايدىغان ئادەم يوقمىدۇ؟!“

     


     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.