ئازاپلىق مۇھەببەت

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-22 07:56:00

ئازاپلىق مۇھەببەت پەرھاتقا ئاپسى سايە قىلىۋاتقان بۇ قىزنىڭ ئىسمى گۇلچېھرە بۇلۇپ، چېھرى گۇلدەك ، گۇزەل قىز ئىدى . تۇنجى كورگەن ھەرقانداق بىر ئەر زاتىنىڭ يۇرىكىگەئوت تۇتاشتۇرۇپ كۇل قلىشقا ، ئ...

    ئازاپلىق مۇھەببەت

     

       پەرھاتقا ئاپسى سايە قىلىۋاتقان بۇ قىزنىڭ ئىسمى گۇلچېھرە بۇلۇپ، چېھرى گۇلدەك ، گۇزەل قىز ئىدى . تۇنجى كورگەن ھەرقانداق بىر ئەر زاتىنىڭ يۇرىكىگەئوت تۇتاشتۇرۇپ كۇل قلىشقا ، ئۇنىڭدىكى بۇ تەبىئى گۇزەللىك تامامەن يىتىپ ئاشاتتى. ئۇنىڭ بۇ ئارتۇقچىلىقى ، ئۇنىڭ تا مۇشۇ ياشقىچە بولغان قىسقىغىنە كىشلىك ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئەڭگۇشتەر سۇپىتىدە، ئۇنىڭ ئۇچۇن تېپىلغۇسىز پۇرسەتلەرنى ياراتقان دىسەك قىلچىمۇ ئاشۇرۋەتكەن بولمايمىز.

    ئۇ ئەقلىگە كەلگەندىن تارتىپ ، ئوزىدە ئەزەلدىن بار بولغان بۇ تەبىئى گۇزەللىكىگە ئىشىنىپ، مەكتەپتىمۇ تازا دىگەندەك ياخشى ئۇقۇمىغان، پۇتۇن سىنىپ بويىچە قاتارغا تىزسا ئارقىدىن بىرىنجى بۇلۇشىغا گەپ كەتمەيتتى. ئۇنىڭ ئۇچۇن ئۇيۇن بولسىلا كۇپايە قىلاتتى، ئۇنىڭدىن باشقىسى بىلەن ئانچە خوشى يوق ئىدى. قىزىق يىرى شۇكى، ئۇنىڭ ھەر نوۋەتلىك ئىمتاھانلاردا ئالغان نۇمۇرى يەنىلا يۇقىرى چىقاتتى ، بۇنىڭغا ئۇنىڭ بەزى ساۋاقداشلىرى ھەيران قالسىمۇ، ئەمما بەزىبىر سەزگۇر ساۋاقداشلىرى ئۇ نىڭ ئالغان نۇمۇرىنىڭ قانداقسىگە يۇقىرى چىقىپ قالغانلىغىنى ئوبدان بىلىشەتتى . ساۋاقداشلىرىنىڭ گۇلچېھرەگە قانداق پوزىتسىيە تۇتۇشىدىن ئۇنىڭ پەرۋايى پەلەك ئىدى. ئۇنىڭ ئۇچۇن ئەڭ مۇھىم بولغىنى ، تىزراق دەرىستىن چۇشۇپ ئوزىدىن بىر سىنىپ يۇقىرى ئۇقۇيدىغان جېنىدىن ئەتىۋا كورىدىغان سۇيۇملۇك يىگىتى ئەسئەت بىلەن بۇگۇن قايسى دىباغا بېرىپ، قانداق ئويناش پىلانى ئىدى . ئۇنىڭ بۇ قىلغانلىرىنى سىنىپ مەسئۇلى ئوز كوزى بىلەن نەچچە رەت كورگەن ھەم گاھى -گاھىدا ئۇچرىتىپ قالغان بولسىمۇ ، لىكىن كورمەسكە سالاتتى ، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىدا يەنىلا بۇ تەڭداشسىز گۇزەلنىڭ دىلىنى رەنجىتىپ قويسا ئوزىنىڭ كەلگۇسىدىكى كوزلىگەن مەلۇم مەقستىگە تەسىر يىتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ، ئۇنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىنى كورسىمۇ كورمەسكە سالاتتى. ھەم شۇنداقلا ئۇنىڭدىن سىناق ئالماقچى بولسىمۇ ، ئالدىنئالا دەپ قۇيۇشنى ئۇنتۇپ قالمايىتتى. ئۇنىڭ بۇ مەزگىللىرى ، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تۇگىتىشىگە ئاز قالغان، دەرىستە ياخشى ساۋاقداشلىرى بولسا، باش كوتۇرۇشكىمۇ پۇرسەت تاپالماي ، پۇتۇن كۇچىنى ئىمتاھان تەييارلىغىغا قارىتىۋاتقان، ئۇ بولسا ھىچنىمىدىن خەۋەرسىز كىشىدەك ، شۇنچىلىك بىپەرۋا ، ئويناپ كۇلۇپ يۇرۇۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى.


    گۇلچېھرە دەرىستىن چۇشۇپ ئاتالمىش جېنىدىن ئەزىز كورىدىغان سۆيگىنى ئەسئەتكە تېلفۇن قىلدى؛
    - ۋەي؟ئەسئەتمۇ ؟
    - ھە ئە ، مەن؛
    ـ مەن مەكتەپ ئالدىغا چۇشۇپ بولدۇم ، تىزراق چۇشمەمسىز ؟! ئادەمنى ساقلاتماي؟
    ـ بولىدۇ ، جېنىم ، مەن ھازىرلا ئالدىڭىزدا پەيدا بولىمەن. كوزىڭىزنى يۇمۇپ ئاچسىڭىزلا مېنى كورىسىز .
    ـ ۋاي تۇلا چاخچاق قىلماي دەرھال چۈشۈڭە!؟-ئۇ بۇ سوزنى تولىمۇ ئۇرغۇلۇق ئېيىتتى .
    ـ چاخچاق قىلمىدىم ، راسىت دەۋاتىمەن ، كوزىگىزنى يۇمۇپ ئاچسىڭىزلا مېنى كورىسىز.
    ـ چۇشسىڭىز دەرھال چۇشۇڭ ! بولمىسا بارايلا دىسەم ، ئاپىرىدىغانغا ئادەم پەيدۇ!!!(نوۋەت ساقلاپ دىمەكچى)
    -ئۇ دىباغا بېرىشقا ئالدىراپ قالدىمۇ قانداق تۇيۇقسىز ۋارقىراپ تاشلىدى.
    بۇ ئاۋازدىن خېلىلا چوچۇگەن ئەسئەت ئۇنىڭ بۇ مىجەزىنى ياقتۇرمىسىمۇ (ئۇ ئەزەلدىنلا گۇلچېھرەنى قىلچىمۇ ياخشى كورمەيدۇ چاندۇرماستىن سىپايىلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇردى،-
    ـ خوپ، جېنىم ، ئۇنچە توۋلاپ كەتكۇدەك ئىش بولمىدىغۇ؟ ئانچىكى چاخچاق قىپ قويغانغا نىمانچە قىپ كىتىسىز؟ بەلكىم دىباغا ئالدىراپ قالدىڭىز بولغاي، قەدىرلىكىم، مانا ھازىرلا چۇشىمەن . بەش مىنۇت ساقلاپ تۇرۇڭ
    ئۇ ئاچچىغىدا ئاغزىغا كەلگەن نۇرغۇن گەپلەرنى دىمەكچى بولغان بولسىمۇ ، لىكىن ئەسئەتنىڭ يۇمىشاق مۇئامىلىسىدىن ئېرىگىنىچە ، دىمەكچى بولغان گەپلىرىنى ئىچىگە يۇتۇۋەتتى-دە؛

    ـ  ئەمىسە تىزراق بۇلۇڭ !-دەپلا تېلفۇننى ئۇزۇۋەتتى~~~

    گۇلچېھرەنىڭ ئەسئەتكە دىگەن گەپلىرىنى ، گۇلچېھرە تۇرغان يەرگە ئانچە يىراق بولمىغان ئارىلىقتىكى قېرى قاراياغاچ دەرىخى ئاستىدا موكۇنۇپ ئولتۇرغان بىركىشى تۇلۇقى بىلەن ئاڭلاپ تۇراتتى ھەم ئۇنىڭ ھەر-بىر قىلغان كىچىككىنە ھەركەتلىرىنىمۇ كوزىتىپ، ئۆز كوزى بىلەن كورۇپ تۇراتتى. ~~~~
    گۇلچېھرە بىر دىسكوخانىدا ئەسئەت بىلەن چەتئەلنىڭ ئوزىمۇ چۇشەنمەيدىغان بىر مۇزىكىسىغا شاش دىسكو ئوينىماقتا. بۇ ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ ئويناۋاتقان دىسكوسى بۇ دىسكوخانىنىڭ ئىمىىمىغا ماسلاشقانمۇ ياكى بۇ دىسكوخانىنىڭ ئىسمى بۇلارنىڭ ئويناۋاتقان ئاۋۇ شاش دىسكوسىغا شۇنداق ماسلاشقانمۇ ، ئەيتاۋۇر بۇ دىسكوخانىنىڭ ئىسمىمۇ ، ئسمى- جىسمىغا لايىق ھالدا ، شاش قىزلار دىسكوخانىسى دەپ قۇيۇلغاندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئازاپلىق مۇھەببەت