ئۇچرىشىش(ئەنۋەر تاشتۆمۈر)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-10 02:33:11

ئۇچرىشىش(نەسر)ئەنۋەر تاشتۆمۈر1بىز ئاخىر ئۇچرىشىپ قالدۇق، كۈتۈشلىرىمنىڭ سىرى پاش بولدى، جېنىمدا ياشاپ كەلگەن قىزىلگۈل ئىكەنلىكىڭگە ئىقرارەن ھىدىڭنى پۇرىدىم، مەستخۇش ھالدا كېڭىيىپ ھاياتنىڭ بار...

    ئۇچرىشىش(نەسر)
    ئەنۋەر تاشتۆمۈر


    1

    بىز ئاخىر ئۇچرىشىپ قالدۇق، كۈتۈشلىرىمنىڭ  سىرى پاش بولدى، جېنىمدا ياشاپ كەلگەن قىزىلگۈل ئىكەنلىكىڭگە ئىقرارەن ھىدىڭنى پۇرىدىم، مەستخۇش ھالدا كېڭىيىپ ھاياتنىڭ بارچە قاتلىمىغا يېيىلدىم، ھەممە ياقتا سەن ۋە سېنىڭ مەنىدار سۈرەتلىرىڭ جىلۋە ئەيلىدى. قايتىشقا ئامالسىز ئىدىم، مۇساپىلەرنىڭ باش-ئاخىرى بىر تۇتاش ئىدى. ئۇلۇغ بىر ناخشا ھاياتنىڭ مۇشۇ دەملەردىكى مۇتلەق شاۋقۇنىغا ئايلانغانىدى.
    ئېھ، جېنىم پىنھانىدا ئېچىلغان قىزىلگۈل، بىلسەڭ، كۆڭۈل باھارىستاندا چېچەك ئېچىپ رەڭ چاققانىدى. كۈيلەر ئۇنىڭ زوقىغا تىرەلگەن ھالدا گۈزەل رېتىم ھاسىل قىلغانىدى، تۇيغۇ ئۇنىڭ قۇۋۋىتىنى تەمىن ئېتىپ نۇرسىمان تۆكۈلمەكتە ئىدى...

    2

    بىز ئاخىر ئۇچرىشىپ قالدۇق!
    سەن ئۈچۈن قەدىرلىگەن تەنھالىقىمدىن زوقلاندىم!
    سەن ئۈچۈن يېتىپ بارغان ھايات پەللىلىرىمدىن ئىپتىخارلاندىم!
    سەن ئۈچۈن نۇر تۆككەن ئىلاھىي تۇيغۇلىرىمدىن ھەيرەتتە قالدىم!

    3

    بىز ئاخىر ئۇچرىشىپ قالدۇق.
    مانا، ئاۋازىڭدىكى بىھىساب مەنىلەر بىلەن ماڭا ئېقىپ كىرمەكتىسەن، بىرلىك سائادىتىدە سۆيگۈ گۈللىرى ھۈپپىدە ئېچىلدى، تەشنالىقنىڭ ئەلچىسى كاككۇك سېھىرلىك ئۈن-ناۋاسىنى باشلىدى، يىراققا بېقىپ چەكسىز ئۇزاردىم، تىنىقلىرىم بىلەن ھۇزۇرىڭغا يېتىپ بېرىپ چۈشلىرىڭگە سىڭىپ كېتىشنى ئىختىيار قىلدىم.
    مەن يۈرەرمەن باغلىرىڭ ئارا،
    يېنىپ تۇرغان كۆزۈمگە قارا!
    سەپەردىمەن، ئاتەش ھېسلىرىڭدا كۆرۈنگەن نۇرانە چەكسىزلىكتىمەن. مەن ئۇزارغانچە ساڭا شۇنچە يېقىنلىشىمەن، مۇساپىلەرمۇ شۇنچە قىسقىراپ بارىدۇ. ئەمما، ئاخىرقى مەنزىللەردە كۆرۈنگىنى ئۆلۈم خىلۋىتى، ھاياتنىڭ ماماتقا چۆكۈشى، تەڭلىشىپ قېلىشى بولىدۇ. شۇڭا بارلىق ھوسۇل ۋە ئىنئاملار مۇساپىلەردە، مۇساپىلەرنىڭ ساڭا ۋە ماڭا دۇچ كەلگەن، يېتىپ بارغان پەللىلەردە چىراي ئاچىدۇ. ئىنسان ئۆز تەبىئىيلىكىدە ئەسلىي  چىنلىقنىڭ باھارىستانىغا يۈز تۇتۇپ ئېسىل گۈل-غۇنچىلار ئۈزەلسە، ھاياتىي كۈي-ناۋالار تۆكەلسە، مەھكۇم شەكىللەر قورشاۋىدىن بۆسۈپ ئۆتەلىسە ئۇنىڭ كىشىنى مۇقەددەس پەللىلەرگە ئۈندەپ گۈزەل ئارزۇ-ئىستەك نۇرلىرى بىلەن يۇيۇپ تاراپ تۇرىدىغان سېھىرلىك روھى دۇنيادىن ئالىدىغان بەھرە-ھۇزۇرى چەكسىز، ئەبەدىيەتلىك بولىدۇ.

    4

    بىز ئاخىر ئۇچرىشىپ قالدۇق!
    ئۇچرىشىشىمىزنىڭ خاسىيىتى تەنھالىق چۆلىدە قالغان غېرىبانە كۈنلەرنىڭ بېشىنى سىلىغۇسى.
    ئۇچرىشىشىمىزنىڭ قىممىتى ئېھتىماللىق ئالىمىدە تولغان سائادەت كۈنىنىڭ چۈمپەردىسىنى ئاچقۇسى.
    ئۇچرىشىشىمىزنىڭ مەنىسى كۈتۈش ساھىلىدا تالغان ئىنتىزارلىق كۈنلەرگە نۇر-شولىلار چاچقۇسى.

    5

    بىز ئاخىر ئۇچرىشىپ قالدۇق.
    قەلبىڭدە بىر ئۆمۈر ياشاپ بارچە روھىي  قۇۋۋەتلىرىم بىلەن ھاياتىڭنى گۈلدەك ئېچىلدۇرۇشۇمغا رۇخسەت قىل، ئۆتكۈنچى يولۇچىلار ئاياغلىرىدا چەيلىنىشىڭگە، بىۋاخ سوغ-شىۋىرغانلار قولىدا سۇلىشىڭغا سەۋر-تاقىتىم يوق. دىل تارىڭنى چېۋەر بارماقلىرىم بىلەن تۈزۈپ ھەم چېكىپ ئەڭ ئېسىل كۈي-ئاھاڭلارنى ساڭا تەقدىم قىلغۇم، ئۇنىڭ چەكسىز تەسىر كۈچى بىلەن سېنى ھاياتنىڭ مۇقەددەس پەللىلىرىگە يەتكۈزگۈم بار.
    مەغرۇرلۇقىڭغا چەك قويۇپ ئۆز-ئۆزۈڭگە قايتىپ كەل، ئەتراپىڭدا ئەگىپ يۈرگەن ئاق قۇشقاچلار دان تۇتقان باشاقلىرىڭنى كۆزلەپ چۇرۇقلىشىدۇ. قارانچۇق بولۇپ قۇشلىرىڭنىڭ يۈرىكىگە تەشۋىش سالغىنىمدىن خەۋىرىڭ بولمىسىمۇ، ئەمما دانلىرىڭنىڭ باھاسى ئۈچۈن خامىنىڭدا قامچا تۇتۇپ تەر تۆكۈشكە تەييار تۇرغىنىمنى بىلىپ قال. سۈزۈك ئاسماندا لەرزان ئۇچۇپ، شاماللاردا ھەريان سورىلىپ، قاسراق ۋە سامىنىڭدىن پاك-پاكىز ئايرىلىپ قۇياش نۇرىدا تاۋلانغان چېغىڭدا بەختىڭگە گۇۋاھلىق بېرىپ كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغانلىقىمنى ئېسىڭدە ساقلا.

    6

    شۇنىڭغا ئىشەن ۋە شۇنى چۈشەن:
    بىز ئاخىر ئۇچرىشىپ قالدۇق!
    ئۇچرىشىش — ياتلىق دۇنياسىدىكى ئۆزلۈك سالامىدىن نىشانە.
    ئۇچرىشىش — سەرسانلىق دۇنياسىدىكى مەنزىل ئارامىدىن ئىشارە.
    ئۇچرىشىش — ئارزۇلار دۇنياسىدىكى بەخت كالامىدىن جۇلالە...

    7

    بىز ئاخىر ئۇچرىشىپ قالدۇق!
    ئۇچرىشالماي توزۇپ كېتىدىغان ياشلىق باھارىدىن ھەزەر ئەيلە.
    ئۇچرىشالماي سولۇپ كېتىدىغان ئۆزلۈك كامالىدىن ھەزەر ئەيلە.
    ئۇچرىشالماي نېسى قالىدىغان بەخت ئازابىدىن ھەزەر ئەيلە!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.