لىرىك نەسىرلەر(3)

يوللىغۇچى : Abral يوللىغان ۋاقىت : 2007-08-08 10:23:00

لىرىك نەسىرلەر "ئاي گۇۋاھ!" مەن يۇلتۇزلار ئارىسىدا كېچە ئاسمىنىنى يورۇتۇپ تۇرغان ئايغا قاراپ پىچىرلىدىم. خىيالىم يىراق ئۆتمۈشتە ئىدى،چەكسىز سېغىنىش ھىسلىرى قەلبىمنى ئۆرتەيتى.ھايات مۇساپەمنى ئ...

    لىرىك نەسىرلەر

       "ئاي گۇۋاھ!"
    مەن يۇلتۇزلار ئارىسىدا كېچە ئاسمىنىنى يورۇتۇپ تۇرغان ئايغا قاراپ پىچىرلىدىم.
    خىيالىم يىراق ئۆتمۈشتە ئىدى،چەكسىز سېغىنىش ھىسلىرى قەلبىمنى ئۆرتەيتى.ھايات مۇساپەمنى ئەسلىدىم،پۇشايمىنىم يوق،ئۆزۈمگە ،ۋىجدانىمغا يۈز كېلەلەيتىم.
    شۇنداق،ئاي گۇۋاھ. ئۇ كېچە ئاسمىنىنى يورۇتۇپلا قالماستىن بەلكى ئەشۇ كېچىنىڭ گۇۋاھچىسى ئىدى.......
    ئۇھ،ئاي تولۇپتۇ!"
    مەن كۆكتە كۆكۈش نۇرلىرىنى چېچىپ تۇرغان ئايغا قاراپ پىچىرلىدىم.
    ھەر قېتىم ئاي تولغىنىدا ،ئۇنىڭغا زوقۇم بىلەن ئۇزاقتىن-ئۇزاق قارايمەن،سەبى بالىلىغىم، تەسەۋۋۇر دۇنياسىدا ئۈزگەن ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىم، ئاجايىپ جۇشقۇن، ئۈمىت-ئىشەنچكە تولغان ياشلىغىم ئېسىمگە كېلىدۇ.
    شۇ چاغلاردىمۇ ئاي ئەشۇنداق تولغان،كېچە ئاسمىنىنى ئاجايىپ سېخىلىق بىلەن يورۇتقان ئىدى.
    ئۆتكەن ئۆمرۈم كۆز ئالدىمدا،ئايدىڭ كېچىلەر ئېسىمدە...
    شۇنداق مېنىڭ پۇشيمىنىم يوق، ئۆز چۈشلىرىم ئۈچۈن تىرىشتىم، تىرماشتىم
    سەن ئاي تولغان كېچىسى تۇن نىسپىدە تۇغۇلغان، شۇڭا ئىسمىڭنى ئاي قويغان ئىدۇق!"
    ھەر قېتىم ئاي تولغان كېچىسى ئىختىيارسىز ئانامنىڭ بۇ گېپى ئېسىمگە كېلىدۇ.
    ئايغا تويماي قارايمەن،ئاجايىپ گۈزەل ھىسلارغا غەرق بولىمەن،ئارزۇلىرىم ئىلكىدە لەرزان ئۈزىمەن، بەختىمنى سورايمەن، ئۇنىڭ ماڭا گۈزەل چۇشلەر ئاتا قىلىشىنى ئىستەيمەن!
    "ئاي گۇۋاھ !" مەن بارغانچە يېرىملىشىشقا يۇزلەنگەن ئايغا قاراپ پىچىرلىدىم.

    كوزۇمگە قارىغىن!" ئۇ ئوتۇنۇش ، بۇيرۇق، ئىلتىجا بىلەن خىتاپ قىلدى.
    ئەمما مەن ئۇنىڭ ئەشۇ كوزلىرىگە تىكىلىپ قارىيالمايتىم."ياق ،ئايغا قارىغىم كېلىۋاتىدۇ..." مەن كۆزلۈرۈمنى ئايغا تىكتىم...
    ئۇ كۆزلۈرۈمنىڭ ئىچىگە قارايتى، كوزلۇرۇمدىن ئاللىنىمىلەرنى ئىزدەيتى...
    "كوزلۇرۇڭ ،يەنىلا شۇنداق تىنىق، شۇنداق سۇزۇك ئىكەن!"
    "شۇنداق ،ئۇ كوزلەردە سەنىڭلا سىمايىڭ بار ،بۇنىڭغا ئاي گۇۋاھ"
    مەن كوزۇمنى كۆكتىكى تولۇن ئايدىن ئۇزمىگەن ھالدا ئاستا پىچىرلىدىم.

    ******************************

     ئانا__ئۇنىڭ ئاقارغان چاچلىرىنى ، يىللار سوۋغا قىلغان پىشانىسىدىكى ئەشۇ ئىزلارنى  ، تومۇرلىرى كوپچىگەن قوللىرىنى ، چەكسىز مۇڭغا چوككەن ئويچان كۆزلىنى كۆرگۈنۈمدە ئۇنىڭغا قەرزىمنىڭ شۇنچە كوپلىگىنى ھىس قىلىمەن.
    ئەمما ئۇ ھىچقاچان بىزدىن ئوز ئەجرى ئۈچۇن بەدەل تەلەپ قىلمىدى! بارلىق مېھرى-مۇھەببىتىنى بالىلىرى ئۈچۇن سەرپ قىلدىيۇ ئۇلاردىن ھىچنىمە تەلەپ قىلمىدى، ئۇ ئۈنسىز ھالدا ئۆزىنى بالىلىرى ئۈچۇن بېغىشلىدى.
        توۋا بۇ روھ نەدىن كەلگەن ، بۇ خىل جاسارەتنى ئۇنىڭغا كىم ئاتا قىلغاندۇ؟
        ئۇزۇن يىللار بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى ئىزدىدىم ، بۇ ھىكمەتنىڭ تەكتىگە يەتمەك بولدۇم!
        نىھايەت مەنمۇ ئانا بولدۇم!
         ئېھ ! ئانا بولماق نىمە دىگەن تەس! ئەمما پەرزەنتنى باغرىغا بېسىش شۇنچىلىك شېرىن ئىدى ، مەن ئوغلۇمنى باغرىمغا باسقىنىمدا ئىسسىق ياشلىرىمنى تۆكۈپ ، بەخت ئىچىدە كۈلۇمسىرىدىم...ئۇنىڭ  ئۈچۇن بارلىغىمنى ئاتاش ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەتتا كۆيۈپ كۈل بولۇشقا رازى ئىدىم.
         ھېلىمۇ ئېسىمدە  ، ئۇنى تۇنجى قېتىم ئېمىتكىنىم ، قاتتىق ئاغرىق ئازابى پۇتۇن ھۇجۇدىمنى تىترەتكەن ، چىشلىرىم كىرىشىپ كەتكەن ، كۆز -يېشىم يامغۇر كەبى توكۇلگەن ئىدى ،ئەمما ئۇنى باغرىمغا يەنىلا مەھكەم باستىم ....
        مان بۇ ئانا ، مانا بۇ ئانىلىق مېھرى -مۇھەببەت ، مانا بۇ ئانىلاردىكى پىداكارلىق ئىدى .
    ھە ، ئەمدى چۈشەندىم . ئانا بولماق ،ئەسلى ئۆزىنى بېغىشلاش ئىكەن ئەمەسمۇ !

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق