تۆتىنچى قەۋەتتىكى سارغۇچ دېرىزە

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-12 23:22:07

تۆتىنچى قەۋەتتىكى سارغۇچ دېرىزە ھاياتتا ھېچ نەرسە سەۋەبسىز بولمايدۇ، سەۋەبسىز ھەتتا بىرەر تىكەنمۇ سانجىلمايدۇ ــــ يۈز بەرگەن ھەرقانداق ۋەقەلەرنىڭ سەۋەبى بولىدۇ ـــ ئەمما، كەچ كۈزنىڭ شۇن...

    تۆتىنچى قەۋەتتىكى سارغۇچ دېرىزە
     

    \

        ھاياتتا ھېچ نەرسە سەۋەبسىز بولمايدۇ، سەۋەبسىز ھەتتا بىرەر تىكەنمۇ سانجىلمايدۇ ــــ يۈز بەرگەن ھەرقانداق ۋەقەلەرنىڭ سەۋەبى بولىدۇ ـــ ئەمما، كەچ كۈزنىڭ شۇنداق بىر كۈنلىرىدىن بىرىدە تاسادىپىي ئۇچراپ، خىيالىڭنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ يۈرگەن نەرسىنىڭ سەۋەبىنى سەن ھېچقاچان تاپالمايسەن。

    بۇلارنىڭ سەۋەبىگە قىزىقسىڭىز ــــ  ئاشۇ ئاسمان، ئاشۇ ئەركىن ئۇچۇپ يۈرگەن قۇشلار، ھەر ۋاقىت زاھىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان شۇ قايغۇرلار ۋە خىياللارنىڭ غەمكىن تىۋىشلىرىدىن باشقا يەنە نېمە سېنىڭ ئېسىڭدىن كېچىدۇ؟

    ئېسىڭدىمۇ؟ ئاشۇ كۈنى كەچ قايتتىڭ: قارايغان ئاسمان، سوغۇق ھاۋا... چاپىنىڭنىڭ ياقىسىنى كۆتۈرۈپ، نەگىدۇر ماڭغىنىڭدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى ھەدەپ ئەسلەشكە ئۇرۇنۇپ، يامغۇر يۇيۇپ ئۆتكەن يوللاردىن مېڭىپ كەلدىڭ. كۆڭلۈك بىراز غەش ئىدى. ئېھتىمال، يۈرۈگۈڭگە ھېچ نەرسە سىغماي قالغانىدى.

    «نېمە قىلىش كېرەك؟» دەپ ئۆزۈڭدىن نارازى بولدۇڭ ۋە تىۋىشسىز بىر ئۈمىدسىزلىكنىڭ يۈرۈگۈڭنى ئېزىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سېزەتتىڭ. «خۇددى ھاياتىمدا بىرەر ئىش يۈز بېرىدىغاندەك دائىم نېمىلەرنىدۇر كۈتۈپ يۈرىمەن... نېمە قىلىش كېرەك؟»

    سەن چوڭقۇر خۇرسىنىپ بىنا تەرەپكە بۇرۇلدۇڭ ۋە ئادەمسىز كىچىك يولغا كىرگىنىڭدە ئەتراپىڭغا ئالاقزادىلىك بىلەن قارىدىڭ. ئۈنىڭ ئۆچتى. دەرۋەقە شامالنىڭ دېمى كېسىلگەن بۇ يەردە بۇنداق بولىشىڭ ئەجەبلىنەرلىك....

    سەن كۆرۈمسىز شۇ  بىنانى بويلاپ، ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كۆرۈمسىز يولدىن ئۆتۈپ سولغا بۇرۇلىسەن، يول ئارىسىدا كالتە-كۇتا شاخلىرى ئاستا-ئاستا چوڭ بولۇۋاتقان دەرەخ يېنىدىن ئۆتكەندە خۇرسىنىسەن.

    دۇنيادا ھېسىياتسىز نەرسىلەر كۆپ. ھېسسىياتسىز كۈنلەر، ھېسسىياتسىز چۈشلەر، ھەتتا ھېسسىياتسىز تاسادىپىيلىقلار... سەن بۇ دەرەخلەرگە ئىشەنمىگىنىڭ ئۈچۈن بۇ دەرەخلەرگە ھېسسىياتسىز قارىيالىدىڭ.

    ئەركىن قانات قېقىپ كېتىۋاتقان قۇشلار... ئۇلارنىڭ تىۋىشىدىكى  ئاھاڭلار شۇنچىلىك مەيۇس ۋە شۇنچىلىك كۈچلۈك ئىدىكى، سەن ئىختىيارسىز تەسىرلىنىپ دىمىقىڭنىڭ ئېچىشىۋاتقىنىنى سېزىسەن. ئۇزۇن ئۆتمەي، شۇ دېرىزەڭدىن قۇشلارغا قاراپ تۇرغىنىڭدا خىيالىڭدىن «ھازىر يامغۇر ياغىدۇ» دېگەن ئويلار كەچتى.

    قۇشلارنىڭ تىۋىشىدىكى غەمكىنلىك بۇلارنىڭ قانات قېقىشىدىكى ۋەزمىنلىككە ئاھاڭداش ئىدى. شۇ ئەسنادا سەن يولدا كېلىۋاتقاچ يادىڭغا ئېلىشقا تىرىشقان شۇ ۋەقە يالت قىلىپ خىيالىڭدىن كەچتى.

    زاۋال ۋاقتى قەبرىستانلىقنى يوقلاپ يالغۇز كېتىپ بارىسەن. يامغۇر چېلەكلەپ قۇيغاندەك ياغاتتى، ئۈستى بېشى ئاپئاق كىيىنگەن بىرى چىقىپ سەندىن ئالىنېمىلەرنى سورايدۇ، سەن جاۋاب بېرىسەن. كېيىن سەن بۇ ئادەمگە قاراپ بېقىش ئۈچۈن كەينىڭگە بۇرۇلىسەن، ئەمما گۇگۇمدىكى قەبرىستاندا ھېچبىر ئادەم كۆرۈنمەيدۇ شۇ ۋاقىتتا نەچچە كۈنگىچە مۇشۇ ئىشنى ئويلاپ يۈرگەنىدىڭ.

    سەن كۆزۈڭنى ئىختىيارسىز يۇمىسەن. كۆز ئالدىڭدا زۇلمەتنىڭ شەكىللىرى يېنىپ ئۆچتى. بالىلىق ئەسلىمە شاماللىرىڭنىڭ يۈرەك شاخلىرىڭغا توختىماي ئۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسەن.

    قۇلاق تۈۋىڭدىن قۇشلارنىڭ نالىسى پەقەت كەتمەيدۇ، سەن كۆزۈڭنى ئاچىسەن-دە، بىنا ئۆيلەرنىڭ سان-ساناقسىز دېرىزىلىرىدە غۇۋا يېنىۋاتقان ھەمدە زەر يىپقا ئېسىلغاندەك بىلىنەر-بىلىمەس تەۋرىنىۋاتقان چىراغلار شولىسىغا تەلمۈرىسەنيۇ، ئۆزۈڭنىڭ يىگانىلىقىنى ئارمان بىلەن ھېس قىلىسەن،

    ئىگىسىز قۇشلارنىڭ يۇپۇرۇلۇپ كەلگىنىدەك، كۆڭۈل خانەڭگىمۇ كەچمىشلىرىڭ كىرىپ كەلدى.

    خۇددى مانا شۇ قۇشلار خۇددى ساڭا كۆپ نەرسىلەرنى ئېيتىپ بېرىدىغاندەك، ۋە ھايات قۇڭغۇراقلىرىنى چېلىپ يۈگۈرۈشكە قادىردەك ئۇلارغا تەلمۈرۈپ قارايسەن.

    بىراق، قارىساڭ قۇشلار يوق. ئۇلار خۇددى يىراقتىكى تاغ چوققىلىرىدەك قىپقىزىل شەپەققە سىڭىپ كىرىپ كېتىۋاتاتتى. سەن مۇڭلىنىپ ئۇلار كەينىدىن تەلمۈرىسەن. خۇددى يەنە باشقا قۇشلار توپى ئۇچۇپ ئۆتىدىغاندەك ھېچ نەرگە بارماي كۆزۈڭ تالغۇچە قاراپ تۇرىۋېرىسەن. تۇيۇقسىز كۆزۈڭ بىر نەرسىگە چۈشتى-يۇ، يۈرۈگۈڭ تۇيۇپ ھەممىنى چۈشىنىسەن.

    بۇ ھازىر سەن قاراپ تۇرغان شۇ قۇشلار توپى ئۇچۇپ ئۆتكەن بىنانىڭ تۆتىنچى قەۋىتىدىكى دېرىزە ئىدى. ئۇنىڭدىن ئاستا-ئاستا يۇپۇرلۇپ كېلىۋاتقان قاراڭغۇلۇق ئىچىگە، غۇۋا شولا تارقىلىپ تۇراتتى، خۇددى دېڭىزدا ئادىشىپ قالغان، تۇمانلىق ھاۋادا يورۇقلۇقنىمۇ كۆرمىگىنىگە نەچچە كۈن بولغان كېمىچىلەر تۇيۇقسىز يىراقتىكى ماياكنى كۆرۈپ قالغىنىدا ھاياجاندىن ئۆزلىرىنى يوقىتىپ قويغىنىدەك ھەمدە بۇ ماياك نۇرلىرىنىڭ ئۆچۈپ كېتىشىدىن دەھشەت بىلەن ئەنسىرەپ كۆزلىرىنى ئۇنىڭدىن ئۈزمەي قاراپ تۇرغان دېڭىزچىلاردەك. بۇ تۆتىنچى قەۋەتتىكى سارغۇچ دېرىزىگە ھەيرانلىق بىلەن تىكىلىپ قالىسەن. بۇ دېرىزە دەل شۇ ماياك ئىدى. سەن بەختىيارسەن. «قۇشلاردىن خاتىرە بۇ» دەپ خىيال قىلىسەن.

    دېرىزىگە قاراپ تۇرىۋېرىپ ئاخىرى كۆزۈڭ تالدى، ئاستاغىنە خۇرسىنىسەن، پەسكە چۈشۈپ، يولدا ئون-ئون بەش قەدەم ماڭغاچ ئوڭ تەرەپتىكى دېرىزىگە يەنە قارايسەن. بۇ يەردىن دېرىزە ئېنىق كۆرۈنمەيتتى. سەن يولنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە بېرىپ باشقا يەردىن دېرىزىگە قارايسەن. ئەمدى دېرىزىنى بىخارامان تاماشا قىلىشقا تامامەن بولاتتى. چۈنكى سەن ئۇ دېرىزىنىڭ نەق ئۇدۇلىدا ئىدىڭ، خىيالىڭدا بۇ دېرىزىدىن كىمدۇر بىرى كۆرۈنۈپ، كىمدۇر بىرىنى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇراتتى..

    بۇ يەردىن ھەتتا ھالرەڭ گۈل بېسىلغان دېرىزە پەردىلىرىنىڭ زەرلىك گۈللىرىمۇ ئېنىق كۆرۈنەتتى. سەن ئەنە ـــ ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا پەردىنىڭ بىر ئۇچىنى قايرىپ بىرى كۆرۈنۈپ چىقىدىغاندەك، پەردە ئۆزلىگىدىن لەپىلدەپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلىپ يۈرۈگۈڭنى ئوچۇملايسەن. ئەمما پەردە مىت قىلىپمۇ قويمايدۇ، سەن بولساڭ ئۆيۈڭنىڭ ئىشىكىنى ئوچۇق قويغىنىڭ يادىڭغا كېلىپ ئۆيۈڭگە كىرىپ كېتىشكە ئالدىرايسەن.

    شۇ كۈنى سەن ئاللىچاغلارغىچە كەچلىك غۇۋا چىرىقىڭنىلا يېقىپ قويۇپ شۇ دېرىزىگە قاراپ ئولتۇرىسەن، كۆزلىرىڭ قۇم تىقىلغاندەك ئېچىشتى، يۈرۈگۈڭنىڭ بىزارلىقى باشلاندى، ئاخىرى قاخشىغىنىڭچە ئاغرىۋاتقان يەلكىلىرىڭنى سىلاپ-سىيپاپ كەچلىك چىرىقىىڭنىمۇ ئۆچۈرمەي ئۇخلاپ قالىسەن.

    ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە، يەنە شۇ يول بىلەن ئۆيگە قايتىسەن. توغرا، بۇ يولدىن ئۆتۈشكە ئەسلى سەن ئادەتلەنمىگەنىدىڭ، لېكىن سارغۇچ دېرىزە كۈنبويى خىيالىڭدىن كەتمىگىنى ئۈچۈن شۇ يولدىن كەلگەنىدىڭ. ئادەمسىز مەيدان، مانا ئاشۇ ھېسسىياتسىز دەرەخلەر، سەن بۇ دەرەخلەرنىڭ ئىچىدە كۆزۈڭگە ئىسسىق كۆرۈنگەن دەرەخكە ئۆزۈڭچە ئىسىم قويۇپ ئۈلگۈردۇڭ «روھ!»

    بۇ يەرگە يېڭى كۆچۈپ كەلگەن مەزگىلىڭدە «روھ» دېگەن شېئىرىي داستانىڭنى يېزىپ ئاخىرلاشتۇرغان ۋاقىتلىرىڭ ئىدى. ئاشۇ داستاننىڭ ماۋزۇسىغا خۇددى كېلىشىۋالغاندەك ھەممە يېقىنلىرىڭ بىرلىكتە ئوچۇقتىن- ئوچۇق قارشى چىققان ئىدى. ئالىملار، شائىرلار ھەممىسى بۇ سۆزنى چۈشەنمىگەن، ئۇنىڭ ئىچىدە قانداق مەنانىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلىمىگەندىمۇ، ئەستايىدىللىق بىلەن سەمىمىي تەنقىد قىلغاندىمۇ سەن بۇ قارىشىڭنى ئۆزگەرتمىگەنىدىڭ. مەيلى كىملا بولسۇن بۇ داستانىڭ توغۇرلۇق نۇتۇق سۆزلىسۇن ياكى پىكىر قىلسۇن، سۆزلەپ-سۆزلەپ داستاننىڭ ماۋزۇسىغا كېلىپ قالاتتى، ئىشقىلىپ ھەرقانداق پىكىر، سۆز مۇلاھىزە بۇ بەختلىك ماۋزۇغا مۇجەسەملەشكەنىدى. ھېچكىم بۇنىڭ مەنىسى نېمە؟ دەپمۇ سورىمىغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھاكىمىلەردە سۆزگە چىققىنىڭدا، ھەممىڭلارنى بىسەرەمجان قىلغان، سىلەرنىڭ شېئىرىيەتكە بولغان مۇھەببىتىڭلارنىڭ ھەممىسى شۇ «روھ» دەپ كۈلەتتىڭ.

    \

    ئۇ كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى، ئەمما ئاشۇ داستاننىڭ روھى، كەيپىياتى كېيىن نېمىلا يازغان بولساڭ، ئاشۇ پېتى ئەكىس ئېتىۋەردى، ھەتتا ھاياتىڭغىمۇ تەسىر قىلدى، ئاشۇ داستان ئۆزلىگىدىن ساراسىم بولۇپ، ئۆزىنى ھېچ تاپالمايۋاتقان ئىنسانلار ھەققىدىكى ئويلىرىڭدىن تەشكىل تاپقان ئىدى.

    ھازىر شۇ جانسىز دەرەخكە كۈلۈمسىرەپ قارىغىنىڭدا ئەنە شۇلار كۆڭلۈڭدىن كەچتى. «روھ، روھ» دەپ شىۋىرلايسەن ئۆزۈڭگە.

    سەن ئىلاجىڭ بارىچە ئۇ دېرىزىگە قارىماسلىققا تىرىشىسەن. لېكىن  قەلبىڭنىڭ بىر يېرىدە سارغۇچ دېرىزىنىڭ خۇددى ئاشۇ كۈنگە ئوخشاش پارلاپ تۇرغانلىقىغا ئىشەنچ بار ئىدى. « بەلكىم ئۇ كۈنى تاسادىپىي شۇنداق بولغاندۇر» دېگەننى خىيالىڭدىن ئۆتكۈزىسەن-يۇ، ئۇ يەرگە قارىماسلىق ئۈچۈن ئۆزۈڭنى كونترول قىلىسەن.

    سەن دۇچ كەلگەن ئىشلار ھەققىدە ئويلىنىسەن: دەسلەپ گۈللىۋەر ھەققىدە ئويلايسەن، كېيىن مۇھەببەتكە بەرگەن ۋەدەڭ خىيالىڭدىن كۆتۈرۈلگەننى، ئۇنىڭغا يېزىلغان ئاخىرقى خەتلىرىڭ ئارىسىدىكى: ماڭا سېنىڭ كۆزلىرىڭ كېرەك ئەمەس بەلكى شۇ كۆزلىرىڭنىڭ ئارقىسىدىكى خىيال مۇھىم، دېگەن مۈجمەل، ھازىر ئەسلىسەڭمۇ ھامان تۇترۇقسىز بىلىنىدىغان جۈملىلەرنى ئەسلەپ، پىشانەڭ تۈرۈلدى. يەنە شۇ سارغۇچ دېرىزە خىياللىرىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالدى. ئۆيدىن چىقىپ، پەلەمپەينىڭ يېنىغا كېلىپ قالغىنىڭنى بايقاپ، ئىختىيارسىز باش كۆتۈرۈپ قارايسەن.

    سارغۇچ دېرىزە سېنى كۈتۈۋاتقان ئىدى.

    بېشىڭنى كۆتۈرۈپ دېرىزىگە قارىغىنىڭدا، دېرىزە خۇددى سەن بىلەن سالاملىشىۋاتقاندەك پارقىراپ قويدى

    سەن خوشاللىقىڭدىن قولۇڭنى كۆتۈرۈپ ئىشارەت قىلماقچى  بولىسەن،  بۇ چاغدا كەينىڭدىكى قەدەم تىۋىشىنى ئاڭلاپ قالىسەن. ئىككى كىشى يېنىڭدىن بىرنېمىلەرنى دېيىشكەچ ئۆتۈپ كەتتى. بۇ كىشىلەر شۇنچىلىك جىددىي كېتىپ باراتتىكى ھەر قەدەمدە پۇتلىرىنى يەرگە شۇنداق ئۇرغۇ بىلەن ئۇرۇپ مېڭىۋاتاتتى.

    شۇ كىشىلەرنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش سارغۇچ دېرىزىگە قاراپ پىكىر-زىكىر قىلىشى مۇمكىمىدۇ، دەپ ئويلايسەن.

    بۇ سارغۇچ دېرىزىگە بىر كۈندە نەچچە-نەچچىلىگەن ئادەملەرنىڭ كۆزى چۈشمەيدۇ دەيسەن؟ ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھېچقايسىنىڭ بۇ دېرىزىگە ئەھمىيەت بېرىش تۈگۈل، ئۇنىڭغا قايرىلىپ قاراپمۇ قويمايدىغانلىقى ساڭا ئايان ئىدى.

    ئېھتىمال سەنمۇ بۇ دېرىزىنى شۇ ئاسماننى تولدۇرۇپ ئۇچقان قۇشلارغا قارايمەن دەپ بۇ تاسادىپى كۆرۈپ قالغاندۇرسەن؟ ئېھتىمال ھەربىر ئادەم ئۈچۈن شۇنىڭغا ئوخشاش ئالاھىدە بىر تاسادىپىيلىق كېرەكتۇر؟

    بارا-بارا بۇ سارغۇچ دېرىزە پىكىر-خىيالىڭنى ئوغۇرلاپ بولدى. ھەتتا بەزى كۈنلىرى سەن تېزراق قاراڭغۇ چۈشسە، تېزراق ئاشۇ دېرىزە ئالدىغا بارسام دەپ كۈتىدىغان بولدۇڭ. بەزى گاھلاردا ئىشخاناڭدا دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ ئولتۇرغىنىڭدا كۆز ئالدىڭغا سارغۇچ دېرىزە كېلىپ، يۈرۈگۈڭ تەرتىپسىز سوقۇپ كېتىدىغان بولدۇڭ.  سارغۇچ دېرىزە بۇ مىسالى سېنىڭ مەھبۇبەڭ ئىدى. مەھبۇبە بولغاندىمۇ يۇلتۇزدەك چاقنايدىغان، زورۇققان كۆزلىرىدە ھارغىن ۋە ئويچان قاراشلىرى، ھەر ۋاقىت ھازىر تەبەسسۇمىدا ئىنتىزارلىق، ئىلتىجا ۋە ئالاھىدە بىر مېھىر جىلۋە قىلىدىغان مەھبۇبە!

    \

     بىر كۈنى ھاۋا بەكمۇ سوغۇق بولۇپ، قار ھىدى كېلىۋاتقىنىغا قارىماي كەچكى كۈز يامغۇرى قۇيۇۋەتتى، سەن ئىشخاناڭنىڭ دېرىزىسىنى قىيا ئېچىپ، شۇرۇلداپ يېغىۋاتقان يامغۇرغا قاراپ تۇرغىنىڭدا خىيالىڭ بۆلۈندى ۋە كۆز ئالدىڭغا ئىختىيارسىز سارغۇچ دېرىزە كەلدى.

    كېيىنكى ۋاقىتلاردا سېنى بىر نەرسە ئەجەبلەندۈرۈشكە باشلىغانىدى. سارغۇچ دېرىزىنىڭ زادى نېمىسى سېنى ئۆزىگە ئەسىر قىلىۋالدى، دەپ ئويلاپ بېشىڭ قاتتى بۇ چاغدا روھىڭدا بىر كۈچلىنىش سېزىلدى.

    ئاشۇ قىيا ئوچۇق دېرىزىدىن يامغۇرنى تاماشا قىلىپ تۇرغىنىڭدا، بۇ زادى كىمنىڭ ئۆيىنىڭ دېرىزىسى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاشقا قارار قىلىسەن-دە، بەختىيارلىقتا ئىچىڭگە پاتماي يۈگۈرۈپ ئىشىكتىن چىقىسەن. بىرىنچى قەۋەتكە چۈشۈپ شىلەپەڭنى كىيىپ كوچىغا چىققىنىڭدىمۇ، بۇ ئىستەك-خاھىش كۈچىيىۋەردى. سەن خۇددى ياش بالىلاردەك ھاياجانلىنىشقا باشلايسەن. بۇ ئەلپازىڭنى كۆرگەن كىيىمخانىدىكى ئايال ئىشىك يېنىدا سەن بىلەن سالاملىشىپ بولغاندىن كېيىنمۇ، ئۆز ھەيرانلىقىنى يوشۇرالماي كەينىڭدىن قاراپ قالدى.

    سىرتقا چىقىپ يامغۇرغىمۇ قارىماي يولغا چۈشتۈڭ، مېترونىڭ ئاپئاق  نۇر چېچىپ تۇرغان پەلەمپەيلىرىدىن چۈشۈپ كېتىۋاتقىنىڭدا، كوچىدىكى سان-ساناقسىز چىراقلاردىن كۆزۈڭ قاماشتى، بۇنچىۋالايورۇق شۇ قەلبى قاراڭغۇ كىشىلەرنىڭ قەلبىنى يورۇتۇشقا يەتمەيۋاتقاندەك تۇيۇلدى ساڭا، «ئاشۇ غۇۋا سارغۇچ دېرىزە مېنىڭ قەلبىمگە چىراغ ياققان تۇرسا، بۇنچە يورۇقلۇقنىڭ كىشى قەلبىنى يورۇتالماسلىقىدا زادى نېمە سىر بار» دەپ ئەجەبلىنىسەن. مېترودىكى ئىللىق ھاۋا سېنى قىزىتتى، دېمىڭ تۇتۇلدى. سىرتتىكى سوغۇق تازا ھاۋاغا چىقىشنى خالايسەن.

    يامغۇر شىۋىرلايدۇ: سەن ئاپتوبۇسقا چىقىسەن، ئاپتوبۇس ئون مىنۇت يۈرگەندىن كېيىن، قاراڭغۇ  بىر بېكەتتە سېنى قالدۇرۇپ قۇيۇپ كېتىدۇ. سەن كوچىنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتىسەن، پىكرى-خىيالىڭدا ھامان سارغۇچ دېرىزە، سەندە شۇ ھامان سارغۇچ دېرىزىنى كۆرگەندىن كۆرە، ئۆينىڭ ئىچىدىكى ئادەمنى كۆرۈش ئىستىكى كۈچەيدى.

    خىيالىڭغا كەلمىگەنىدى. ئاشۇ دېرىزىگە كۆزۈڭ چۈشكەن كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭغا نەقەدەر قىزىقىپ قالغان بولساڭ، ھازىر ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتۈپ، شۇ دېرىزىنىڭ كەينىدە كىمنىڭ تۇرىدىغىنىغا قىزىقتىڭ ۋە بۇنى ھېلىقى بوۋايدىن سوراپ بېقىشنى كۆڭلۈڭگە پۈكتۈڭ.

    ئىزدىگەن ئادىمىڭنى ئىشىك تۈۋىدىن تاپىسەن، ئۇنىڭغا مەقسىدىڭنى دېگەندىن كېيىن ئۇ كۆزلىرىنى ساڭا تىكىپ تۇرۇپ باش لىڭشىتتى ۋە مۆرىسىنى قىسىپ قويدى.

    ئەپسۇسكى، ئۇ بوۋايغا بىر نېمىلەرنى ئۇزاق چۈشەندۈرگەچ باش  كۆتۈرۈپ قارىغىنىڭدا دېمىڭ تۇيۇقسىز ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى.

    كۆزلىرىڭگە ئورناپ كەتكەن سارغۇچ دېرىزىنى تاپالمايسەن ئۇ گەرچە ئۆز ئورنىدا تۇرغان بولسىمۇ ھېلىقىدەك سېھىرلىك نۇرلارنى چاچماستىن، قاراڭغۇ گۆرنىڭ ئاغزىدەك قاپقارا تۇراتتى.

    بوۋاي يەلكەڭگە قېقىپ قويدى ۋە ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى. سەن ئۆزرە سوراپ ئېغىر ئاياقلىرىڭنى سۆرىگىنىڭچە ئۆيۈڭگە ماڭىسەن. تۆتىنچى قەۋەتكە مىڭ تەسلىكتە چىقىپ، ئىشىكنى ئاچىسەن ۋە ئۆيگە كىرىسەن، ئۆينىڭ سوغۇقلۇقى سېنى ئەجەبلەندۈردى. بېرىپ پارۋاينى تۇتۇپ كۆرىسەن، ئاندىن چاپىنىڭنى يېشىپ كىرىسلوغا قويىسەندە، كارىۋاتقا ھالسىز تېنىڭنى تاشلايسەن. ياتقان يېرىڭدىكى كىچىك چىراغنى يېقىش ئۈچۈن سوزۇلىسەن، شۇ دەم بارماقلىرىڭ بىر ھارارەتنى تۇيۇپ ھەيران بولىسەن، ئورنىڭدىن تۇرۇپ تۈن چىراغ لامپۇچكىسىنى تۇتۇپ كۆرىسەن. لامپۇچكىنىڭ ھېلىلا ئۆچۈرۈلگەنلىكى ئېنىق. تېخى سوۋۇشقا ئۈلگۈرمىگەنىدى.

    ئەتىسى ھەردەم خىياللار بىلەن يۈرۈيسەن. بىردەم-بىردەم دېرىزىدىن كوچىغا قارايسەن، كۆڭلۈڭ جايىدا ئەمەس. ئۆزۈڭچە سارغۇچ دېرىزە توغرسىدا تۈرلۈك ئېھتىماللىقلارنى پەرەز قىلىپ باقىسەن.

    شۇنىڭغا قارىماي سەن بۈگۈن زادى نېمىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك، دەپ يەنە ئويلايسەن. سارغۇچ دېرىزىنى بۈگۈن ھەم تاپالمىساڭ، ئۇ ھالدا تامام ــــ ئۈمىدىڭنى ئۈزۈشۈڭ مۇمكىن. ئەگەر سېنى بىرسى كۈزىتىۋاتقان بولسا  كېچىدىكى ئىزتىراپلىرىڭ ئورۇنسىز.

    خىزمەتتىن چۈشۈپ سىرتقا چىققىنىڭدا، يامغۇر يەنىلا يېغىۋاتاتتى، يۈگۈرگىنىڭچە مېتروغا ئەمەس تىرامۋايغا ئولتۇرۇسەن. تىرامۋاي بەكمۇ ئۇزۇن ئايلانما يوللا ربىلەن ماڭىدىغىنى ئۈچۈن سەن ئۇنىڭغا كەمدىن-كەم چىقاتتىڭ.

    دېكابىرنىڭ باشلىرى ئىدى. سەن تىرامۋايدىن چۈشۈپ، كوچىنى كېسىپ ئۆتىسەن-دە، كەينىڭگە بىر ئاز ماڭىسەن، سول تەرەپتىكى دۇكاننى ئايلىنىپ قورا تەرەپكە ماڭىسەن. بۇ چاغدا يامغۇر كۈچىيىپ ئىككى قەدەم ئارىلىقنى ئېنىق كۆرگىلى بولمايتتى.

    سەن يۈگۈرگىنىڭچە لەمپە ئارىسىغا كىرىسەن ۋە بىلىپ-بىلىمەي بېشىڭنى كۆتۈرۈپ قارايسەن. چېچىڭدىن يۈزلىرىڭدىن يامغۇر سۈيى قۇيۇلاتتى. ھەرچاغدىكى سارغۇچ دېرىزىنى تاپالمايسەن. بۇ خۇددى بىر ۋاقىتسىز سېنى تاشلاپ كەتكەن ھەمرايىڭنىڭ ئۆلۈمىدەڭ يۈرۈگۈڭنى تىلغايدۇ. سەن يىغلىغۇدەك بولۇپ يەنە قارايسەن. يەنە، يەنە قارايسەن. پەقەت يامغۇرلار ياغاتتى، ياغاتتى. يامغۇردىن باشقا ھېچنەرسە كۆرۈنمەيتتى. سەن خاراب ھالدا يولۇڭنى داۋام ئېتىسەن، قىزىپ كەتكەن بەدىنىڭگە چىڭ يېپىشقان كۆينەكلىرىڭدىن يامغۇر سۈيى ئېقىپ ئۆتەتتى، كەينىڭدىن بىرى چاقىرغاندەك بولىسەن، ئىتتىك كەينىڭگە قارىساڭ ھېچكىم يوق .ئۇزۇن ئۆتمەي ئالدىڭدىن كېلىۋاتقان بىر كىشى پەيدا بولدى. سەن ئۇنى كۆزىتىپ تۇرىسەن ۋە يېنىڭغا كەلگەندە، سارغۇچ دېرىزىنى كۆرسىتىپ ئۇ ئادەمدىن سورايسەن،  «ھا ھا ئىككى كۈندىن بېرى چىراغ ياقمىدى، نېمە ئىش بولغاندۇر» دەپ ئۇ كىشىنى قىزىقتۇرماقچى بولىسەن. ئەمما ئۇكىشى ساڭا قاراپ-قاراپ قويۇپ ھېچنىمە دېمەي كېتىپ قالدى. سەن دېرىزىگە يەنە قارىدىڭ، قارىدىڭيۇ يۈرۈگۈڭ بىر مۇجۇلۇپ توختاپ قالغاندەك بولدى.

    يامغۇرنىڭ كەينىدىكى شۇ دېرىزە مىدىرلىغاندەك قىلدى. يۈرۈگۈڭ تۇيغاندەك بولۇپ شۇدەم يۈگۈرەيسەن، دېرىزىغا يېقىنلاشقانسېرى كۆزلىرىڭنىڭ ئالدى روشەنلىشىپ باردى. ئەنە ئۇ! سارغۇچ شولىلارغا پۈركەنگەن، ھارغىن ۋە ئىنتىزار دېرىزە! تامىقىڭ ئېچىشقاندەك بولدى. يۈرۈگۈڭ ئەنسىز سوقۇشقا باشلىدى، چاچلىرىڭ يامغۇردا قۇلاقلىرىڭغا يۈزلىرىگە يۆگىشىپ كەتكەنىدى،

    سارغۇچ دېرىزىنى سىرتتىن بېزىگەن يامغۇر توختىماي ياغماقتا، كۆڭلۈڭدە مۇھەببەت ئويغاندى، بۇ مۇھەببەت باھار يامغۇرلىرىدا يۇمشاپ ئېگىلگەن مەجنۇنتالغا ئوخشايتتى. سەن دېرىزىنىڭ تۈۋىگىلا بېرىپ قالىسەن، بۇ سارغۇچ دېرىزە بىر ھالاكەت ئىدى، چۈنكى سەن ئۆزۈڭنىڭ بۇ سارغۇچ دېرىزىسىز غېرىب ۋە بىناۋا ئىكەنلىكىڭگە ئىشەنگەن ۋە يوقىتىپ قويۇشتىن قورققان شۇ كۈندىن باشلاپ، ئۇنى ئاۋايلاشقا، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇشقا ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭغا يېتىشنى ئەھدە قىلغانسەن.

    ئەمدى پەقەت سەنلا ئۇنىڭغا ئەمەس، بەلكى سارغۇچ دېرىزىنىڭمۇ ساڭا ھەم تەلپۈنىدىغانلىقىغا ۋە ھەم ساڭا ئوخشاش سەندىن نىجات كۈتىدىغاندەك تۇيۇلدى.

    سەن ئۆزۈڭنى خۇددى ئۇزاق يولنىڭ مۇشەققەتلىرى داۋامىدىن ئۆتۈپ كەلگەندەك ھېس قىلىسەن، گويا سارغۇچ دېرىزە بىلەن ئاراڭلاردا بىر-بىرىنى تىڭشاش ۋە ئۆز-ئارا  ھەمكارلىق باشلاندەك ئىدى.

    ئاقىۋەت سەن قايسى يول بىلەن بولىشىدىن قەتئىينەزەر، مەن ياردەم بېرىشكە تەييار دەپ ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ قويۇش يوللىرىنى ئىزدەشكە باشلايسەن، ئەمما بۇيولنى قانداق ئىزدەيسەن؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ئاشۇ ئۆيدە كىمنىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ئېنىقلاش زۆرۈر ئىدى. شۇ تەرىقىدە ئاۋۋال قىزىقىپ ئاندىن خەۋپ ئىچىدە كەينىڭگە يانىسەن.

    ئەتىسى سەن ھېلىقى كىيىم دۇكىنىدىكى ئەبگا خوتۇندىن بۇ ئەھۋالنى سوراشنى ئويلاپ، ئۇنىڭغا گەپ ئاچىسەن ۋە ياردىمى بولۇپ قالارمىكىن دەپ ئۇنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ تەسەللىي بېرىسەن. شۇ تەرىقىدە ئۇ ئايال ئۆزىگە كېرەكلىك تەسەللىي ۋە كۆيۈنۈشكە ئېرىششنى ئويلاپ بېشىڭنى قاتۇرۇشقا باشلىدى، سەن قولۇڭنى ئىشارە قىلىپ ئۇنى توختىتىسەن، تىرىشچانلىقىڭنىڭ ھەممىسى بىكار بولدى. ھېچكىم بۇنىڭغا ئېنىق جاۋاب  بەرمىدى ياكى بىر نېمىلەرنى دەپ غۇدۇراپ كېتىپ قالدى. ھەتتا بەزىلەر ساڭا باشتىن-ئاخىر زەڭ سېلىپ قاراپ ئۈندىمەيلا كېتىپ قالدى.

    نىھايەت كۈنلەرنىڭ بىرىدە، سەن ئۆيدە ئولتۇرالماي يۈرۈگۈڭ سانجىپ سىرتقا چىقىسەندە، ئاشۇ تۆتىنچى قەۋەتتىكى سارغۇچ دېرىزىسى بار ئۆينى يوقلاشنى قارارقىلىسەن. ئىشىك يېنىدا ئۆزۈڭنى رۇسلاپ، ئىشىك قوڭغۇرىقىنى باسىسەن. شۇنچىلىك ھاياجانلىنىسەن، ئىچىدىن يېنىك قەدەم تىۋىشلىرى ئاڭلانغاندەك بولدى، ئەمما نەچچە مىنۇت ئۆتسىمۇ ھېچكىم جاۋاب بەرمىدى. سەن قوڭغۇراقنى يەنە باسىسەن، بىراق يەنە ھېچكىم چىقمىدى، سەن قوڭغۇراقنى يەنە ئۆزۈڭنى مۇشۇ ئۆيدە ئادەم يوقلىقىغا ئىشەندۈرگىچە ئۇزۇن بېسىپ تۇرىۋېرىسەن، ئاندىن پەسكە چۈشۈپ بىنانى ئايلىنىپ ئۆتىسەن-دە، دېرىزىگە قارايسەن: سارغۇچ دېرىزە كەينىدىكى پەردە مىدىرلىغاندەك قىلدى. «ھىم، ئادەم بار تۇرۇپ ئىشىكنى ئاچمىدى» دەپ ئويلايسەن، ئەمما يەنە «بەلكىم ھېچكىم يوقتۇر» دېگەننىمۇ خىيالىڭدىن كەچۈرىسەن.  «ئۇنداقتا بۇ دېرىزىنىڭ دەم يورۇپ، دەم ئۆچىشىنىڭ سىرى نېمە؟» سەن مىڭ خىيال ئىچىدە ئۆيۈڭگە بارغىنىڭدا نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالىسەن.

    كۈنلەر ئۆتتى.

    سەندە تۆتىنچى قەۋەتتىكى سارغۇچ دېرىزە بار ئۆيدە كىمنىڭ ياشايدىغىنىنى بىلىش ئىستىگى شۇنچىلىك كۈچەيدىكى، بۇ ئەھۋال ئېنىق بولمىغۇچھ يېگىنىڭ-ئىچكىنىڭ سىڭماس بىر ئەھۋالغا توغرا كەلدىڭ.

    ئەمما سەن بىر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدىڭ: سەن ئۈچۈن سارغۇچ دېرىزىنىڭ مەۋجۇتلۇقى مۇھىممۇ ياكى شۇ ئۆيدە كىمنىڭ ياشىشىمۇ؟ ھالبۇكى، ئەينى چاغدا مانا شۇ نەرسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش زۆرۈر ئىدى.  چۈنكى بۇ ئىككىسى تامامەن باشقا باشقا نەرسىلەر ئىدى. ئەمدى ئۇ تاكى بىر ئۆتمۈش ئىدى ـــ سەۋەبىنى ئىزدەش ئارقىغا قايتىش دېگەنلىكتۇر.

    كۈنلەرنىڭ بىرىدە مانا شۇنداق خىياللارنى قىلىپ خىزمەتتىن قايتقان پەيتىڭدە دېكابىر ئېيىمۇ ئاخىرلاشقان ئىدى، ھاۋادا قار ئۇچقۇنلىرى ئۇچۇپ يۈرەتتى، سەن كۆكسۈڭنى تولدۇرۇپ نەپەس ئالغىنىڭچە، قار ئۇچقۇنلىرىنىڭ چوڭىيىۋاتقانلىقىنى ۋە تېزلىشىۋاتاقانلىقىنى سېزىپ ئەجەبلەندىڭ. مەھەللەڭگە كەلگەندىمۇ قار يەنىلا كۈچىيىۋاتاتتى، سەن توختاپ ئەتراپىڭغا نەزەر سالدىڭ. گويا شۇ قار تۈپەيلى ھاياتىڭدا بىر ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدىغاندەك ئىدى. شۇنداق بولغان بولسىدى بۇ سانجاق-سانجاق ئىمارەتلەرمۇ بۇنچە كۆرۈمسىز تۇيۇلمىغان بولاتتى.

    قار يېغىۋاتاتتى.

    سەن ھېلىقى دەرەخ يەنى «روھ»نىڭ يېنىغا كەلگىنىڭدە، دەرەخ ئاپئاق لىباسقا پۈركەنگەنىدى.

    ئۆيۈڭ تەرەپكە ئايلانغاندا بولسا قار كۈچىيىپ شىۋىرغان باشلاندى. سەن پەلەمپەيدىن چۈشكەچ كۆزلىرىڭنى شارپاڭ بىلەن توسۇپ تۇرۇپ سارغۇچ دېرىزىنى ئىزلەيسەن، سان-ساناقسىز قار ئۇچقۇنلىرى ئورىۋالغان سارغۇچ دېرىزە سېنى چاقىرماقتا ئىدى.. نەزىرىڭدە ئۇ ھارغىن ئەمەس، روھلۇق ئىدى. سەن پەلەمپەينىڭ ئاخىرىغا بېرىپ ئۆيۈڭ تەرەپكە بۇرۇلىسەنيۇ، دېرىزەڭگە قاراپ، بالىسىغا قارىغان ئانىدەك كۆزۈڭگە ياش ئالىسەن.

    (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.