مۇھەببەتنىڭ تۇغۇلۇشى (ھېكايە)

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-17 17:52:00

مۇھەببەتنىڭ تۇغۇلۇشىسەئىد ئەھمەد(ئۆزبېكىستان)كېچە بەكمۇ ئايدىڭ ئىدى. دەرەخ يۇپۇرماقلىرى كۈمۈش ئەستەرلىرىنى ئايغا تۇتۇپ، ئارام ئېلىشقا كەتكەنىدى. پەقەت ئانچە مۇنچە ئاڭلىنىدىغان ئىتلارنىڭ ھاۋش...

    مۇھەببەتنىڭ تۇغۇلۇشى

    سەئىد ئەھمەد(ئۆزبېكىستان)

    \

    كېچە بەكمۇ ئايدىڭ ئىدى. دەرەخ يۇپۇرماقلىرى كۈمۈش ئەستەرلىرىنى ئايغا تۇتۇپ، ئارام ئېلىشقا كەتكەنىدى. پەقەت ئانچە مۇنچە ئاڭلىنىدىغان ئىتلارنىڭ ھاۋشىغان ئاۋازلىرى كېچە جىمجىتلىقىنى سۇزۇپ تۇراتتى.

    مانا مۇشۇنداق ئاراملىق ۋە پاراكەندىچىلىككە تولغان كېچىنىڭ بىرىدە، باغ كوچىسىدىن بىرقىز بىلەن بىر يىگىت چىقىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ سايىلىرى ئالدىغا سوزۇلغان، ئۇلار شۇ سايىلىرىغا دەسسىمەكچى بولاتتى-يۇ، ئەمما دەسسىيەلمەيتتى. بۇ سايە بەزىدە دەرەخ سايىسىگە قوشۇلۇپ كېتەتتى-دە، يەنە قايتىدىن ئۇلارنىڭ ئالدىدا سوزۇلۇپ پەيدا بولۇپ قالاتتى.

    ئىككىسى كۆۋرۈك ئۈستىگە كەلگەندە توختاشتى، سايىلارمۇ كۆرۈكتە ئېگىلىپ سوزۇلۇپ ياتتى.

    -قاچان كېتىسەن؟- بۇ قىزنىڭ ئاۋازى ئىدى.

    -ھازىر كېتىمەن!- دېدى يىگىت ئارقىغا بىر قەدەم داجىپ. ئۇنىڭ سايىسى كۆۋرۈكتىن ئېشىپ، سۇ يۈزىگە چۈشتى-دە، ئاينىڭ سۇ يۈزىدىكى جىمىرلاۋاتقان سايىسىنى ياپتى.

    -ياق، بۇ شەھەردىن قاچان كېتىسەن، دېمەكچىمەن.

    -بىرەر ھەپتىدىن كېيىن ماڭارمەن،- دېدى يىگىت بىپەرۋالىق بىلەن. ئەمدى ئۇ يەنە ئالدىغا سىلجىدى. سۇ يۈزىدە ئاينىڭ كۈمۈش تەڭگىسى يەنە چاقنىدى،- ئۆيۈڭ نەدىرەك؟ كېلەي دەپ قالدۇقمۇ؟

    قىز ئاچچىقلاپ ئارقىسىنى قىلدى.

    -ئون يىل بىللە ئوقۇپ، ھازىرغىچە ئۆيۈمنى بىلمەمسەن؟ قويە سېنى!- ئۇنىڭ سۆز ئورامىدا تەنىمۇ، ئاچچىقمۇ ئىشقىلىپ شۇنداق بىر ھېسسىيات بار ئىدى.

    ئۇلار بىرنەچچە مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇپ قالدى. قىز مەيدىسىنى كۆۋرۈك رىشاتكىسىغا يۆلەپ، سۇغا قاراپ تۇراتتى. سۇ شالاقلاپ قىرغاققا ئۇرۇلاتتى.

    -مۇزلىدىم،- دېدى قىز تىترىگەن بىر ئاھاڭدا.

    -ئۆيۈڭگە كىرىپ كەتكىن ئەمىسە،- دېدى يىگىت ئۇنىڭغا كۆيۈنگەن ئاھاڭدا.

    قىز ئىتتىك بۇرۇلۇپ يىگىتكە قارىدى. قارىدى-يۇ، ئۇنىڭ كۆزلىرىگە باققىنىچە گەپ قىلالماي قالدى. يىگىت قىزنىڭ ۋۇجۇدىدا، قەلبىدە نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى. قىزنىڭ تۇرۇپ يىغلىغۇسى، تۇرۇپ كۈلگىسى، تۇرۇپ يەنە پۈتۈن كېچە-تۈننى قالايمىقان قىلغۇچە ناخشا ئېيتقىسى كېلەتتى.

    -كېتەي، خەير،- دېدى يىگىت قىزغا قولىنى ئۇزۇتۇپ، قىزنىڭ قولى تىترەپ تۇراتتى. يىگىت نەچچە قەدەم يۈرۈپ كەتتى. تۇيۇقسىز توختىدى، ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ، نېمىلەرنىدۇر دېمەكچى بولدى، ئەمما دېيەلمىدى. ئۇ شار-شۇر قىلىپ ئاۋاز چىقىرىپ ئېقىۋاتقان دەرياغا قارىدى. شامال چىقىپ، دەرەخ شاخلىرى شىرىلدىدى. يىراقلاردىن كىملەرنىڭدۇر ئېيتقان ناخشا ئاۋازلىرى ئاڭلاندى. يىگىت قىزنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى-دە قىزنىڭ بېلەكلىرىنى چىڭ سىقتى. قىزنىڭ چېچىنى قوللىرىغا ئوراپ قېنىپ پۇرىدى. كەينىدىن يەنە شۇنداق تېز بۇرۇلغىنىچە، ئۇزۇن سايىسىنى كەينىدىن ئەگەشتۈرۈپ كېچە قوينىدا غايىب بولدى.

    \

    قىز ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشقىنىنى، ئۇنىڭ بېلىكىنى چىڭ چىققانلىقىنى، چېچىنى قوللىرىغا يۆگىگەنلىكلىرىنى سەزمىدى. پەقەت يىگىتنىڭ تاش يولغا چىقىپلا بىر كۆرۈنۈپ يوقالغان سايىسىنى ئەسلەپ تۇرۇپ قالدى، خالاس. قىزمۇ ئۆز سايىسىنى ئالدىغا تاشلاپ، تاش ياتقۇزۇلغان يولدا ئېغىر قەدەملىرىنى سۆرىگىنىچە يۈرۈپ كەتتى.

    ***********************************

    بۇ قىز مانا بۈگۈن ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈش بىلەن تەڭ بالاغەت گۇۋاھنامىسىنىمۇ تەڭ ئالغانىدى. مەكتەپ ھويلىسىدا ھېلىھەم چىراغلار يېنىپ تۇراتتى. خوشلىشىش زىياپىتىگە كەلگەن ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى تېخى تارقاپ كەتكىنى يوق. ئۇلار يەنىلا ھويلىنى تولدۇرۇپ تانسىغا چۈشەتتى، ناخشا ئېيتىشاتتى. پەقەت تاڭ سۈزۈلگەندىلا ئاندىن ئۆيلىرىگە قايتىشاتتى. ئۇلاردىن پەقەت بىللە چۈشكەن شۇ ئوپچە سۈرەتلا يادىكار بولۇپ قالدى، خالاس. شۇلىمىدۇ؟

    دوستلۇقچۇ؟ ئون يىللىق خاتىرىلەرچۇ؟ بىللە ئۆتكۈزگەن ئاچچىق-چۈچۈك كۈنلەرچۇ؟ ھەركۈنى نەچچە سائەت دەرسكە چېلىنىدىغان قوڭغۇراق ئاۋازىچۇ؟ ئاتا-ئانىلاردەك مېھرىبان ئوقۇتقۇچىلارچۇ؟... بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەڭ شېرىن ئەسلىمىلەر بولۇپ قەلىبدە ئورناپ قالىدۇ. مانا شۇ بىغۇبار ئەسلىمىلەر ئىچىدە بويى ئېگىز، قەددى-قامەتلىك، ھەممىدىن ئەلا ئاماننىڭ سىماسى كۆرۈندى. نەدە؟

    بۇ سۇئالغا قىز جاۋاب تاپالمىدى، ھەم جاۋاب تېپىش ئۈچۈنمۇ ئىزدەنمىدى. شۇ ئايدىڭ كېچىدە ھەممە نەرسە ئۇنىڭ خاتىرىسىدىن كۆتۈرۈلدى-يۇ، ئاماننىڭ يۈزى، كۆزى، گەۋدىسى، پۈتۈن نەرسىسى بىلەن قىزنىڭ ئالدىدا گەۋدىلەندى.

    قىز تاشيولنى بىرقەدەم-بىر قەدەمدىن بېسىپ شۇ يىگىت ھەققىدە ئويلاپ كېتىپ باراتتى.

    ***************************************

    ئامان ساۋاقداشلار ئارىسىدا ئەڭ شوخ، ئەڭ ئۇرۇشقىقى ئىدى. ئۇ دائىم قىزلار بىلەن چىقىشالماي، ئۇلار بىلەن ئېچىشىپلا يۈرەتتى. يېنىدا بىرەر قىز بالا ئولتۇرۇپ قالسا، زەردە بىلەن ئورنىدىن تۇراتتى-دە،باشقا پارتىغا كېتىپ قالاتتى. پەرداز قىلغان قىزلارنى بولسا جېنىدىن يامان كۆرەتتى. بىر كۈنى، سەنەۋۋەر دېگەن قىز يۈزىگە ئۇپا سۈرتۈپ كەلگەندە، ئامان ئۇ قىزنىڭ قولىنى قايرىپ، پارتا سۈرتىدىغان لاتا بىلەن ئۇ قىزنىڭ يۈزىنى پاك-پاكىز سۈرتىۋەتكەنىدى. قىزلارمۇ ئۇنىڭغا ئۆچ ئىدى، ئۇنى مىڭ خىل لەقەم بىلەن چاقىرىپ تېرىكتۈرەتتى.

    ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىۋاتقان جىددىي كۈنلەر ئىدى، ئامان سىنىپتا ھېچكىمنىڭ يوقلۇقىنى كۆردى-دە، ئىشىكنى يېپىپ، ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان غەيرىي بىر ئاھاڭدا دېدى:

    -ئەزىزە، مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ماڭا تېگەمسەن؟

    بۇنى ئاڭلىغان ئەزىزە ئۇنىڭ يۈزىگە بىر شاپىلاق ئۇردى-دە، يىغلىغىنىچە چىقىپ كەتتى. بۇ ئىش شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى بىر سىر بولۇپ قالدى. ئامان شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، قىزغا ئۇدۇل قاراشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئۆزىنى چەتكە تارتىپ يۈردى.

    \

    كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئەزىزە شۇ ئىشنى پات-پات ئەسلەيدىغان بولدى ھەمدە ھەر ئەسلىگىنىدە يۈرىگىنىڭ قانداقتۇر بىر يېرى جىغ قىلىپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى. ھەر قېتىم مەكتەپ ھويلىسىغا كىرىشى بىلەن كىمنىدۇر، نېمىنىدۇر ئىزتىراپ بىلەن ئىزلەيدىغان بولدى. شوخ، ئوماق كۈلكىلىرى ئازدىن-ئاز ئاڭلىنىدىغان بولۇپ قالدى. ھەمىشە چاقناپ تۇرىدىغان كۆزلىرىدە بىلىنەر-بىلىنمەس بىر ئىچكى دەردنىڭ سىماسى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بولدى. ئامانمۇ ھەم ئۇنى شۇنداق كۆزىتىپ تۇراتتى. ئىككىسىنىڭ كۆزلىرى ئۇچراشقان شۇ دەقىقىلەردە چاناقلار قېتىپ قالاتتى.

    ئىمتىھانلار تۈگەپ، بەزىلەر خىزمەتكە، بەزىلەر ئوقۇشقا تەقسىملەندى. ئەزىزەگە قويۇپ بېرىدىغان بولسا، ئىختىيارىنى ئامانغا تاپشۇرۇشى تۇرغانلا گەپ ئىدى. بۈگۈنكى بۇ خوشلىشىش كەچلىكىدە ئامان باشقا بىر شەھەرگە كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ھەممەيلەن ئۇنىڭ بۇ قارارىنى چاۋاك چېلىپ تەبرىكلىگەندە، ئەزىزە تىترەپ كەتتى. تانسا باشلاندى. ئەزىزە ئاماننى چەتكە چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن ئۆيىگە ئاپىرىپ قۇيۇشنى ئۆتۈندى. ئامان  بۇنىڭغا جاۋابەن:

    • پاھ، پاھ، پاھ... ئەتىرنى نېمىگە بۇنچىۋالا چېچىۋالدىڭ ئەمدى؟! دىماقلارنى ئېچىشتۇرغۇدەكلا،- دېدى.

    ئەزىزە «ۋۇي تەنتەك دۆت، ھەممىسى سەن ئۈچۈن» دەۋېتىشكە تاسلا قالدى.

    شاۋقۇنغا تولغان مەكتەپنى كەينىدە قالدۇرۇپ، ئىككىسى باغ كوچىسى تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. بۇ سۈكۈتنى ئامان بۇزدى.

    -ئاشۇ چاقچاق قىلىپ دېگەن بىمەنە سۆزلىرىمنى ئېسىڭدىن چىقىرىۋەت، ئەزىزە،- دېدى ئامان قىز باشقىچە گەپ ئېچىپ قالغۇچە دەۋالاي، دېگەندەك ئاھاڭدا. قىزمۇ ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى سېزىپ ئۈلگۈردى.

    -قانداق بىمەنە چاقچاق گەپ ئۇ؟ ئېسىمدە يوق،- دېدى قىز ئاشۇ «بىمەنە» گەپنى يەنە ئاڭلىغۇسى كېلىپ.

    ئامان تىل چاينىدى.

    –ھە.. ھېلىقى چاغدا، سىنىپتا ئىككىمىز يالغۇز قالغاندا ساڭا بىرگەپ دېگەن ئىدىمغۇ؟!

    -ھە.. – دەپ سوزدى قىز،- شۇ گەپنى ئېسىمدىن چىقارمىسامچۇ؟

    ئامان مېڭىشتىن توختىدى.

    -ئۇنداق  بولسا، بۇ يۈزۈمگە يەنە ئۇر، شۇنداق قىلساڭ تازا ياخشى بولىدۇ، سېنىمۇ ئۇزاتماي، كەينىمگە يېنىپ كېتىپ قالىمەن.

    ئەزىزە نېمە دېيىشىنى بىلمەي گاڭگىراپ قالدى.

    -ئۇ چاغدا ئىككىلىمىز كىچىك ئىدۇق

    -نەدە كىچىك  بولىمىز، ئەمدى ئون بەش كۈن بولغان ئىشقا، بىردەمدىلا چوڭ ئادەم بولۇپ كەتتۇقمۇ-يا، مەن بىلمەي قالغان بولسام،- ئامان شۇنداق دەپلا كۈلۈپ كەتتى.

    -مانا ساڭا،- دەپ قولىدىكى دېپلومىنى كۆرسەتتى ئەزىزە پۇلاڭلاتقىنىچە، گۇۋاھنامىنىڭ سېرىق زەرلىرى ئاي نۇرىدا چاقناپ كەتتى،- مانا مۇشۇ چوڭ ئادەم بولغىنىمىزنىڭ گۇۋاھچىسى ئەمەسمۇ؟! ئەمدى يەنە كەينىڭگە يېنىپ كېتەمسەن؟

    -ياق،- دېدى ئامان ئۇنىڭ بېلىكىكدىن تۇتۇپ، ئەزىزەنىڭ بەدەنلىرى دىرىلداپ تىترەپ كەتتى،-دە، قولىنى دەررۇ تارتىۋالدى.

    -شۇ چاغدا يۈزۈمگە بەك قاتتىق ئۇرغانىدىڭ-ھە؟!

    -دېدىمغۇ، ئۇ چاغدا كىچىك ئىدۇق، دەپ. مانا ئەمدى چوڭ بولدۇق.

    -ھازىر ئۇ گەپنى دېسەم ئۇرمامسەن؟

    -گەپ بىلەن ئۇرىمەن،- دېدى ئەزىزە،- ياق، ئۇرمايمەن، سېنى ئۇرغانلارنىڭ قولى سۇنسۇن، ئامان.

    \

    ئامان مەست ئادەمگە ئوخشاش كەيىپتە بولدى. كېتەيمۇ، كەتمەيمۇ، ئۈچ قېتىم دېدى ئۆزىگە، قوللىرى بىلەن بېشىنى ئۇردى، بېشىنى سىلكىپمۇ باقتى، بېشىنى ئاسمانغا قىلىپ، ئاينىڭ شۇنچە يورۇق ئىكەنلىكىنى كۆردى. خۇرسىندى، گېپى-گەپكە قولاشماي، نەدىكى بىر گەپلەرنى دەپ ئالجىشقا باشلىدى. ئۇنىڭدىكى بۇ ھالنى قىز سېزىپ تۇردى....

    ************************

    مانا ئەمدى ئەزىزە تاش يولنى ئاستا-ئاستا باسقىنىچە يالغۇز كېلىۋاتاتتى، ئاماننى، ئۆزىنى، يۈرۈگىنى ئۆرتەۋاتقان ئاللا نېمىلەرنى ئويلاپ كېتىۋاتاتتى.

    ئانا قىزىنى كۈتە-كۈتە چىراغنى ئۆچۈرمەي، سۇپىدىلا ئۇخلاپ قالغانىدى، قىز گۈللۈكنىڭ يېنىدىكى بۇ سۇپىنىڭ بىر چېتىدە ئاستا ئولتۇردى. ئېڭىشىپ تۇرۇپ گۈللەرنىڭ ئارىسىدىكى رەيھاندىن بىرنى ئۈزدى-دە، بۇرنىغا يېقىن ئەكىلىپ پۇرىدى، رەيھاننىڭ ئۆتكۈر پۇرىقى ئۇنى بىھۇش قىلدى، ئۇنىڭ شۇ تاپتا ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلىغۇسى كەلدى. مۇشۇ گۈللەرنىڭ ئارىسىغا كىرىپ، ئاسماندىكى ئايغا قاراپ قىمىرلىماي ياتقۇسى، گۈللەرنىڭ ھەممىسىنى بىردىن-بىردىن يۈزىگە ياققۇسى، ئاينىڭ ئاق يىپەكتەك كۆرۈنمەس نۇرلىرىغا چۆمۈلگۈسى، شۇ يۇلتۇزلار جىمىرلاپ تۇرغان ئاسمانغا چىقىپ كەتكۈسى، پۈتۈن ئالەمگە ئاڭلانغۇدەك ئاۋازدا ناخشا ئېيتقۇسى كەلدى.

    ئانا سۇپىدا شېرىن ئۇيقۇدا ئىدى.

    ھەي، غاپىل ئانا، كۆزۈڭنى ئاچ، قىزىڭنىڭ يۈرۈگىگە قولۇڭنى سال، قىزىڭنىڭ قەلبىگە مۇھەببەت كەلدى.

    (ئۆزبېكچىدىن گۈليارە تۇرسۇن ئۆزلەشتۈردى)

    \

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.