غەزەپلەنگەن تۇدەك شاتۇر

يوللىغۇچى : parhattursun يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-22 20:06:00

غەزەپلەنگەن تۇدەك شاتۇرپەرھات تۇرسۇن 2003 -يىلى كۈزنىڭ بىر چۈشتىن كېيىنى شائىر ئاشۇ بوتكىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتسا، بوتكا ئىچىدىن بىراۋنىڭ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى. شائىر ئاۋازنىڭ قەيەردىن...

    غەزەپلەنگەن تۇدەك شاتۇر
    پەرھات تۇرسۇن

       2003 -يىلى كۈزنىڭ بىر چۈشتىن كېيىنى شائىر ئاشۇ بوتكىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتسا، بوتكا ئىچىدىن بىراۋنىڭ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى. شائىر ئاۋازنىڭ قەيەردىن چىققانلىقىنى پەرەز قىلىپ بولغىچە بىرنەچچەيلەن بوتكىدىن يۈگۈرۈپ چىقتى. ئۇلارنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى قىزغىن كەيپىياتى شائىرنى سەل گاڭگىرىتىپ قويدى. ئۇلاردىن بىر ئىككىسى كېلىپ ئۇنى قۇچاقلىۋالغاندا ئۇلارنىڭ بەدىنىدىن قاڭسىق ئاق ئاشلىق ھارىقىنىڭ پۇرىقىنى سەزگەندىن كېيىنلا ئۇ ئۇلارنىڭ ئاز تولا مەست ئىكەنلىكىنى بىلدى.
       ئۇلار شائىرنى قوللىرىدىن تارتىپ بوتكا ئىچىگە ئېلىپ كىردى. بوتكا ئىچى ھاراق پۇرىقى ۋە تاماكىنىڭ ئىسى بىلەن ئىسسىپ كەتكەن ئىدى. ھاراق پۇرىقى شائىرغا خۇددى ئىسسىق شامالدەك ئۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ نېرۋىلىرىنى غىدىقلىدى. لېنتا سالىدىغان يېرىنىڭ قېپى يوق، رادىئو قاناللىرىنى كۆرسىتىدىغان ئەينىكىگە چاك كەتكەن بىر ئۈنئالغۇدىن غاژ غۇژ ئاڭلىنىپ تۇرغان ناخشا ئاۋازى بوتكا ئىچىنى تېخىمۇ قىستاڭ ھېس قىلدۇراتتى. ئۇن ئالغۇدىكى ناخشىدا بىراۋ سەۋەپسىزلا تىللىنىۋاتاتتى. ناخشىچى ئۇنى نېمىشقا تىللايدىغانلىقىنى ئېيتماستىن، تىللىنىۋاتقان ئوبيېكتنى بىردەم ئاسما ئوكۇل بىلەنمۇ ساقايمايدىغان چاقىغا ئوخشاتسا، بىردەم پاقىغا، ئىشقىلىپ نېمە قاپىيە كەلسە شۇنىڭغا ئوخشىتىپ تىللاۋاتاتتى. بوتكا ئىچىدە ئونغا يېقىن ئادەم ئۈستى بەكلا شالتاقلىشىپ كەتكەن بىر شىرەنى چۆرىدەپ، يىرتىلغان رەختىدىن ئىچىدىكى بۇلۇتلىرى چىقىپ قالغان سافالاردا ئولتۇراتتى. شائىر ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تونۇيتتى، لېكىن ئۇلار بىلەن ئىلگىرى بىر سورۇندا ئولتۇرۇش ئەمەس، يوللاردا ئۇچرىشىپ قالسىمۇ سالاملاشمايتتى. ئۇلار ھەممىسى شائىرغا قىزغىنلىق بىلدۈردى، شائىر ئۇلارنىڭ ئۆزىگە نېمىشقا بۇنچىۋالا قىزغىن ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي تۇرغاندا ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۇدەك شاتۇر گەپ باشلاپ بۇنى چۈشەندۈردى:
    - سەن بىزنىڭ پەخرىمىز ئاداش، باشقىلار سېنىڭ گېپىڭنى قىلسا بىز پەخىرلىنىپ تۇرۇپ، سېنى بىزنىڭ يۇرتتىن، كىچىكىمىزدىن تەڭ ئۆسۈپ چوڭ بولغان دەيمىز. شۇڭا سەن بىلەن ئولتۇرۇپ پاراڭلاشقۇمىز كېلىپ قالدى. بىزدىن قورقمايدىغانسەن؟
    تۇدەك شاتۇرنىڭ بىلىنەر بىلىنمەس ئەلەس كەلگەن كۆزلىرى قىپ قىزىل بولۇپ كەتكەن بولۇپ، چاناقلىرىدا دۇغلۇق سۇيۇقلۇق يالتىراپ تۇراتتى. بەلكىم ئۇنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تازا ياخشى بولمىسا كېرەك.
    شائىر ئۇنىڭ بىزدىن قورقمايدىغانسەن دېگەن گېپىگە كۈلۈپ كەتتى. بۇ كۈلكە تۇدەك شاتۇرغا زادىلا ياقمىغان بولسا كېرەك، چىرايى تۈرىلىپ كەتتى.
    - سەن بىزنى كوچىدىكى لالمىلار دەپلا بىلىسەن، بىزنىڭمۇ شائىرلارنى ھۆرمەتلىيەلەيدىغانلىقىمىزنى بىلمەيسەن.
    - مەن ساڭا بەك ھەۋەس قىلىمەن، - دېدى ئوتتۇرا ياشلارغا يېقىنلاپ قالغان غەنى قېرى دېگەن بىرى، سالاپەتلىك قىياپەتكە كىرىشكە تىرىشقان ھالدا، - مەن سەن بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇغان، ئېسىڭدە بارمۇ؟
    - ياق، ئېسىمدە يوق، - دېدى شائىر، ئۇ يەنە بىر نەرسىلەرنى دېمەكچى ئىدى، تۇدەك شاتۇر ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈۋەتتى.
    - ئادەمدە ھەۋەسنىڭ بولغىنى ياخشى، لېكىن بۇ ھەۋەس ئۆز قىنىڭدا بولۇشى لازىم، ھەرگىزمۇ قىنىڭدىن چىقىپ كەتكەن بولماسلىقى لازىم.
    - سەن لېنىنغا ئوخشاش گەپ قىلدىڭ، - دېدى شائىر، - لېنىن فېيرباخنىڭ دىننىڭ ماھىيىتى ھەققىدە لېكسىيىلەر ناملىق كىتابى ھەققىدە يازغان تەسىراتىدا ئادەمدە غايە بولۇشى لازىم، لېكىن بۇ غايە تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇشى، ھەرگىزمۇ تەبىئەتتىن ھالقىغان بولماسلىقى لازىم. دېگەن ئىدى.
    - كىتابنى كۆپ ئوقۇغان ئادەم دېگەن باشقىچە بولىدۇ دە! قاراڭلار، مەن ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش گەپ قىلغان بولساممۇ، ساۋاتىمنىڭ تايىنى بولمىغاچقا گېپىم ئۇنىڭكىدەك مەزمۇنلۇق ئەمەس. غايە دېگەندەك گەپلەرنى بىز دېيەلمەيمىز. - دېدى لېنىنغا ئوخشايدىغان تۇدەك شاتۇر چاچسىز باشلىرىنى سىلاپ قويۇپ.
    - ھەۋەس دېگەن قانچە ئەمەلگە ئاشماس ئارزۇ بولسا شۇنچە ياخشى، ئادەمگە ھاياجان ئېلىپ كېلىدىغىنى ئۇنىڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقى.
    لېنىن قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرى ئىچىدە قارىچۇقىنى پىلدىرلىتىپ قويدى، شائىر ئۇنىڭ ئۆزىگە مەمنۇنلۇق ئىپادىلەنگەن نەزەر بىلەن بىر قاراپ قويماقچى بولغانلىقىنى لېكىن شائىرنىڭ بۇنداق قاراشنى قەستەن يېقىنچىلىق قىلىش دەپ ئويلاپ قالماسلىقىم ئۈچۈن كۆزىنى ئېلىپ قاچقانلىقىنى سېزىپ تۇراتتى.
    - بىز قارام كۈچىمىز بىلەن لۈكچەك، سەن بولساڭ شېئىرىڭ بىلەن لۈكچەك. بىزنى ئۆزەڭگە ئوخشاش كۆرسەڭ بولىدۇ.
    - مەن مۇشۇ كەمگىچە ئالتە ئادەمگە پىچاق تىقىپ بېقىپتىمەن، لېكىن تا ھازىرغىچە بىرەر شائىرغا پىچاق تىقىپ باقمىدىم، - دېدى راخمان تاغاق ئىسىملىك بىرى رومكىنى قولىغا ئېلىپ.
    - شائىرغا پىچاق تىقىپ بېقىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق، - دېدى سەلەي مۇكا، - شائىرلارنىڭ قېنىمۇ باشقىلارنىڭكىگە ئوخشاش. لېكىن شائىرلار ئادەمنى قان چىقارماي ئۆلتۈرىدۇ.
    - تارىختا نۇرغۇن پادىشاھلارنى شائىرلار شېئىر يېزىپ ئۆلتۈرگەن.
    - ئون بىرىنچى سىنتەبىردىكى ۋەقەنىمۇ شائىرلار قىلغان، - دېدى شائىر، - ئىككى شائىر ئاشۇ كۈنى ھېلىقى ئىككى بىنانىڭ ئالدىدا شېئىر ئوقۇپ، ئاشۇ بىنالارنى قاتتىق تەنقىد قىپتىكەن، بولمىسا ئۇلارغا ئايرۇپىلان سوقۇلۇپ كېتەتتىمۇ.
    - پاھ، بۇ كارامەت گەپ بولدى، - دېدى تۇدەك شاتۇر، - بۈگۈنكى سورۇنىمىزدا يېڭى گەپلەر پەيدا بولدى. بىز دائىم ئولتۇرۇپ قالساق سورۇندا پەقەتلا ئالدىنقى قېتىملىق سورۇندىكى ھاراقنى ئىچىش جەريانىنىڭ قانداق بولغانلىقىدىن باشقا گەپنى قىلىشمايمىز، كېلەر قېتىم يەنە سورۇن تۈزۈلسە بۈگۈنكى سورۇندىكى ئىشلارنى دېيىشىمىز…مۇشۇنداق داۋاملىشىۋېرىدۇ.
    ئەكبەر ۋەتتىرىۋەت دېگەن بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا ماڭماقچى بولۇۋېدى، تۇدەك شاتۇر ئۇنىڭ پېشىدىن تۇتۇۋالدى.
    - ئولتۇرەۋا ھېجىقىز. نەگە بارىتىكى، سورۇن ئەمدى باشلىنىۋاتسا.
    - بوپتۇ چىقسۇن، - دەپ سالا قىلدى راخمان تاغاق، - ئۇنىڭ چەكمىگىنىگە ئون تۆت سائەتتىن ئېشىپ كەتتى.
    - مۇشۇ يەردە چېكىۋەر، - دېدى سەلەي مۇكا، ماۋۇ شائىر بىر كۆرۈپ قويسۇن، ئاق تاماكىنىڭ قانچىلىك نىجىس نەرسە ئىكەنلىكىنى.
    - ئەمىسە توغرا چۈشەن ھە، ئاداش.
    ئاران تۇرغان ئەكبەر ۋەتتىرىۋەت ئاق تاماكىنى تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن تېزلىكتە سۇيۇلدۇرۇپ، ئىشپىرىسقا كىرگۈزدى دە بېلىكىگە سانجىدى. ئاندىن كۆزلىرىنى يۇمۇپ، ئاغزىنى يوغان ئېچىپ بىر تىندى. ئىشپىرىس ئىچىدىكى سۇيۇقلۇق تۈگەپ ئىشپىرىسقا قىپ قىزىل قان يانغىچە ئۇ تۇتۇپ تۇردى.
    - سەن بىزنى تەنقىدلەپ شېئىر يازساڭ بولاتتى، - دېدى ئاندىن بىرھازادىن كېيىن ئۇ كۆزىنى ئېچىپ.
    - ئەكە ئىشپىرىسنى، - دېدى سەلەي مۇكا، - ئاندىن ئەكبەر ۋەتتىرىۋەتنىڭ ھەرىكىتىنى بىر قېتىم تەكرارلاپ چىقتى، لېكىن ئۇ ئالدىرىماي تېنىمەي ئىشىنى تۈگەتتى.
    - بۇ ھەقىچان چىرايلىق قىزلارغا كۆيدۈم پىشتىم دەپلا شېئىر يازىدۇ، خەلقنىڭ ھالى بىلەن نېمە چاتىقى! جەمئىيەتنى بۇزۇۋاتقان مانا مۇشۇنداق گۇيلار.
    - ئۇنىڭ تايىقى كام شۇڭا شۇنداق قىلىدۇ، - دېدى ئەكبەر ۋەتتىرىۋەت.
    خۇددى ئادەملەرگە كالتسىي كام بولغاندەك ياكى مەلۇم بىر تۈرلۈك ۋىتامىن كام بولغاندەك شائىرغا تاياق كام ئىكەن، ئۇنىڭ تېنى تاياق يېيىشنى تەلەپ قىلىدىكەن. بۇنى ئويلاپ شائىر يەنە كۈلۈپ كەتتى.
    - سەن خەن فېيزىدەك گەپ قىلدىڭ، - دېدى شائىر ئەكبەر ۋەتترىۋەتكە، - خەن فېيزى دۇنيانى قالايمىقان قىلىدىغانلار ئەدىبلەر، شۇڭا دۇنيانى ئوڭشاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئەدىبلەرنى يوقۇتۇش كېرەك دېگەن ئىدى.
    ئەكبەر ۋەتتىرىۋەت بىلەن سەلەي مۇكا بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە جىمىپ كېتىشتى.
    شائىر ئۇلارغا گەپ قىلسا ئۇلاردىن سادا چىقمىدى.
    - ئۇلار ھازىر خىيالىي دۇنيادا لەيلەۋاتىدۇ، كۆزلىرىگە قارىمىدىڭما، - دېدى تۇدەك شاتۇر شائىرغا ھاراق تەڭلەپ. شائىر قارىسا بۇ خەن فېيزى بىلەن ئۇنىڭ مەسلەكدىشى خۇمارلاشقان كۆزلىرىنى ھېچنەرسە يوق بوشلۇققا تىككىنىچە ئولتۇراتتى، ئۇلارنىڭ چىرايىدىكى سۇس شادلىق ئۇلاردىكى ئىچكىي خام خىيالدىن بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى. شائىر ھاراقنى ئېلىپلا ئىچىۋەتتى.
    ئەمدى ئۈنئالغۇدا ناخشىچى پۇلنى تىللاشقا باشلىدى. پۇلنى نېمىشقا بۇنداق تىللايدىغانلىقىنىڭمۇ سەۋەبى يوق ئىدى. ئۇنى پەقەت بىردەم ئالۋاستىغا، بىر دەم نىجاسەتكە ئوخشىتاتتى، ھەم پۇلنىڭ ناچارلىقىنى ئۇنى ئىتقا تاشلاپ بەرسە كېرەك قىلمايدىغانلىقى ئارقىلىق ئىسپاتلايتتى. بۇ لوگىكا شائىرنىڭ كۈلكىسىنى قىستايتتى. بۇنداق ئىسپاتلاشقا توغرا كەلسە مەكتەپمۇ، كىتابمۇ، كىنومۇ، ھەتتا ئۇ ئېيتىۋاتقان ناخشىمۇ كېرەكسىز بولۇپ چىقاتتى. چۈنكى ئىت كىنو كۆرمەيدۇ، كىتاب ئوقۇمايدۇ، مەكتەپكە بارمايدۇ، ناخشا ئاڭلىمايدۇ.
    - ئەمدى سەن بىردەم قۇيە، - تۇدەك شاتۇر ساقىلىقنى قۇربان قالماققا ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولۇۋېدى غەنى قېرى ئۇنى تۇتۇۋالدى.
    - ئۆزەڭ قۇيۇۋەر، نەگە بارماقچىتىڭ؟
    - خالاغا.
    - يالغان سۆزلىمە. ئولتۇرە! نەگە بارىدىغىنىڭنى بىلمەمدىم مەن.
    - ئاناڭنى جالاپنىڭ بالىسى ھەجەپ كۆزۈمگە سىغمىدى.
    - غىت قىس.
    - ياق، غەنى ئاكا، ئۇنى كۆردۈڭغۇ. نىمىنداق بايۋەچچىدەك ياسىنىۋالدى ئۇ جالاپنىڭ بالىسى.
    - ياسىنىۋالسا نېمە چاتىقىڭ.
    - پەقەت كۆزۈمگە سىغمىدى.
    - ئۇ كىمنى دەۋاتىدۇ؟ - سورىدى شائىر.
    - باياتىن رېستۇراندا ئولتۇرغانىدۇق، شۇيەردە ئولتۇرغان بىرىنى دەۋاتىدۇ، - دېدى راخمان تاغاق.
    تۇدەك شاتۇر ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭماقچى بولۇۋېدى، غەنى قېرى ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغانلارغا بۇيرۇق قىلدى:
    - ئۇنى ھەرگىز چىقارماڭلار!
    - غەنىكا خۇدا ھەققى خالاغا چىقىمەن.
    - ياق! چىقمايسەن.
    تۇدەك شاتۇر غۇدىراپ قويۇپ ئولتۇردى.
    ھاراق ئايلىنىپ بىر بوتۇلكا تۈگىدى. ئۇلار بوتكىنىڭ ئىگىسىگە يەنە ھاراق ئېلىپ كېلىشنى بۇيرىدى. بوتكىنىڭ ئىگىسى ئورنىدا تۇرۇپلا پۇكەينىڭ ئۈستىدىن ھاراقنى ئۇزاتتى.
    - سەنمۇ كېلە.
    - ياق بولدى.
    - ئۆتكەندە نەچچە بوتۇلكا ئىچتۇق ئېسىڭدە بارمۇ؟
    - ياق ئۇنتۇلۇپ قاپتىمەن، ئىشقىلىپ كىشى بېشىغا بىردىن توغرا كەلدىغۇ دەيمەن.
    - ئۇ كۈنى ئاخىرىدا سەلەي مۇكا سافادا ئۇخلاپ قاپتىكەن، ئويغىتالماي جىق ئاۋارە بولدۇم، قويۇپ قويۇپ چىكەتسەم مۇزلاپ قالمىسۇن دېدىم.
    - ئۇنى ئۆيىگە سەن ئاپىرىپ قويدۇڭمۇ؟
    - ياق.
    - ئەمىسە كىم ئاپىرىپ قويدى؟
    ئۆتكەندە يەنە ئۇنچە جىق ئىچمەپتۇق.
    ئۇلار ئۆتكەن قېتىمقى ھاراق سورۇنىدا بولغان ئىشلارنى بىر ھازا ئەسلەشكەندىن كېيىن ئۇلار ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن دىئالوگلار مۇنداق:
    - خوتۇننىڭ قورسىقىدا قېلىشىدىن ئەنسىرەپ يۈرسەم راستىنلا قوسىقىدا قاپتۇ ئەمەسما.
    - تەدبىر قوللانمىغانمىدىڭ؟
    - مەن تەدبىر قوللىنىۋاتاتتىم، لېكىن ئۇ يېقىندا ئۈزۈك سالدۇردۇم دەپ ماڭا يالغان ئېيتىپ قويۇپتۇ، شۇڭا مەن ئۈزۈك بار دەپ ئويلاپ تەدبىر قوللانماپتىمەن.
    - ئۇ ئۇنىڭ ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىكەن.
    - خوتۇننىڭ قورسىقىدا…
    - ئۇنى تونۇشنىڭ ھاجىتى يوق.
    - ئۇ تۆرەلمە شۇتاپ ئۇنىڭ قورسىقىدا خۇددى يىرگىنچلىك بىر قۇرۇتتەك يوشۇرۇن ئۆسۈپ يېتىلمەكتە.
    - ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ يىل قىش بەك ئۇزاق بولارمىش.
    - ھەي، ئاداش! قايسى كۈنى تۆت بوتۇلكا ئىچىۋېتىپتۇق ھە!
    - كىم ئۆينىڭ باھاسىنى چۈشىدۇ دەيدۇ؟ قۇرۇق گەپ.
    - كاللا بېشىغا بىردىن كەپتۇ.
    - راخمان تاغاق ئۇ كۈنى بالدۇرلا تەڭشىلىپ قالدى. ھېلىقى قىزلارغا تېلېفۇن بېرىمىز دەپ تۇرۇۋالدى.
    - دۇنيادا ياز بولمىسا قانداق ياخشى بولاتتى ھە! قۇرغاق ھاۋا مېڭەمنى قىزىتىۋەتسە كاللامدا ئاجايىپ خام خىياللار پەيدا بولۇپ مېنى دائىم قورقۇتىۋېتىدۇ.
    - سەنمۇ بىرەر نەرسىدىن قورقۇمسەن؟
    - قورقمامدىغان! مەن ھەممە نەرسىدىن قورقىمەن. شۇنداق ۋەھشىلىك بىلەن قورقىمەنكى ھېچكىم ئۇنداق قورقىيالمايدۇ.
    - ئاخىرقى بوتۇلكىنى ئاچقان چاغدا نېمە دېگەنلىكىڭ ئېسىڭدىمۇ؟
    - نېمە دېدىم؟
    - نېمە دېدىم؟ بىلمەمسەن؟ ئۆزەڭنىڭ نېمە دېگەنلىكىڭنى ئۆزەڭ بىلمىسەڭ مەن نەدىن بىلەي.
    - مۇھىم گەپ قىلدىممۇ؟
    - بىلمەيمەن.
    ئۇلار ئۆتكەن قېتىمقى ھاراق سورۇنىدا بولغان ئىشلارنى بىر ھازا ئەسلەشكەندىن كېيىن ئۇلار ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن دىئالوگلار مۇنداق:
    - بۇ مامۇت كەپتەربازنىڭ ھارىقى
    - مامۇت كەپتەربازغا جىقراق قۇيۇڭلار، ھېلى بىكار چالا بوغۇز قالدىم دەپ قاخشايدۇ.
    - ھاراق ئىچىشىپ بېرىدىغان ئادەم تاپالماي ئۆيمۈ ئۆي كىرىپ كېچىچە ئۇخلىمايدۇ.
    - ھاھاھا…
    - داداڭنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟
       - قانداق بولاتتى، كېسەل! ئۆلەي دەپ ياتىدۇ، شۇنى بىلمەكچىمىدىڭ؟
    - كېسەل دەپ ئاڭلىغان شۇڭا ئەھۋال سوراۋاتىمەن.
       - كېسەل دەپ ئاڭلاپ خوشال بولۇپ كېتىپسەن دە!
    - قانداقمۇ خوشال بولۇپ كېتەي، سەن بىلەن يە داداڭ بىلەن بىرەر ئاداۋىتىم بولمىسا؟ ئاداۋىتى بار ئادەممۇ دۈشمىنى ھەرقانداق پالاكەتكە ئۇچرىسا خوشاللانسا بولىدۇ، ھەتتا ئۆلۈمىدىن شادلانسىمۇ بولىدۇ، لېكىن بىراۋنىڭ كېسەل بولۇپ قالغىنىدىن خوشال بولۇشتىنمۇ ئىپلاسلىق بارمۇ؟
    - ئەمىسە سەن نېمىشقا خوشال بولۇپ كەتتىڭ؟
    - مەن زادىلا خوشال بولغىنىم يوق. بىلەمسەن، روزەك پاينەك بىلەن بولغان دۈشمەنلىكىمنىڭ سەۋەبىنى بىلەمسەن؟ بىر قېتىم ئۇ بىرسىنىڭ جىگەر قېتىش كېسىلى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ خوش بولۇپ كېتىۋېدى، مەن ھەرقانچە دۈشمىنىڭ بولسىمۇ كېسەلدىن شادلىنامسەن، گېتلىرمۇ دۈشمەنلىرىنى بومباردىمان قىلغاندا كېسەللەر بار دەپ دوختۇرخانىلارنى بومباردىمان قىلمىغان دەپ تىللىدىم.
    - ئەمىسە سەنمۇ شۇنىڭدەك خوشال بولۇپسەن دە!
    - ياق مەن ساڭا كېسەلدىن شاتلانغانلارنى ئۆچ كۆرىمەن دەۋاتىمەن.
    - مەندىن ئەھۋال سورىما! مەن بىلەن ھېچكىمنىڭ چاتىقى يوق. مېنى ھەتتا پاشىمۇ، قوڭغۇزمۇ، چايانمۇ، يىلانمۇ چاقاي دەپ قويمايدۇ.
    تۇدەك شاتۇر يەنە سرتقا ماڭماقچى بولدى، غەنى قېرى بۇ قېتىم ئۇنى ئورنىدىن تۇرۇپ توستى.
    - نەگە بارماقچىتىڭ؟
    - غېنىكا، خالاغا. ھارام، يالغان سۆزلىسەم ئۆلەي.
    - يالغان سۆزلىمە. ئولتۇرە! نەگە بارىدىغىنىڭنى بىلمەمدىن مەن.
    - ئاناڭنى جالاپنىڭ بالىسى ھەجەپ كۆزۈمگە سىغمىدى.
    - غىت قىس.
    - ياق، غەنى ئاكا، ئۇنى كۆردۈڭغۇ. نىمىنداق پۇزۇر ياسىنىۋالدى ئۇ جالاپنىڭ بالىسى.
    - ياسىنىۋالسا نېمە چاتىقىڭ.
    - ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيۋاتىدۇ، پەقەت كۆزۈمگە سىغمىدى.
    - ئۇ كىمدۇ؟
    تۇدەك شاتۇر قۇربان قالماقنى بۇيرىدى:
    - باياتىن بىز كىرگەن رېستۇراندا ئولتۇرغان ھېلىقى جالاپنىڭ بالىسى زادى كىمكەن بىر ئېنىقلاپ چىقە.
    - قايسى جالاپنىڭ بالىسى؟
    - ھېلىقى پوزۇر ياسىنىۋالغانچۇ؟
    - پوزۇر ياسانغان بىرى بىز بىلەن ئولتۇرمىدىغۇ.
    - ئۇ باشقا يەردە ئولتۇرۇغلۇق. بىز بىلەن ئولتۇرمىدى، بىزگە ھەتتا گەپمۇ قىلمىدى. ئوغامنى قاينىتىپ ئۇ توغرىدا سۆزلىتىۋەرمىگىنە؟
    - قانداق ئېنىقلايمەن تۇداخۇنكا؟
    - كىرىپ بىرىدىن سورىمامسەن. تېز بول!
    - ماقۇل تۇداخۇنكا.
    - نەلىكلىكىنى سورىماي قالما؟
    - ماقۇل.
    قۇربان قالماق چىقىپ كېتىپ بىرەر مىنۇت ئۆتمەيلا تۇدەك شاتۇر يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭماقچى بولۇۋېدى، غەنى قېرى ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغانلارغا بۇيرۇق قىلدى:
    - ئۇنى ھەرگىز چىقارماڭلار!
    - غەنىكا خۇدا ھەققى خالاغا چىقىمەن. مېنى قەسەم ئىچىرۈۋەرمىگىنە، يامان بولىدۇ.
    - ياق! چىقمايسەن.
    - تۇدەك شاتۇر غۇدىراپ قويۇپ ئولتۇردى.
    - كۆتۈرەلمىسەڭ ئازراق ئىچ، جىق ئىچىۋېلىپ يىغلايدىكەنسەن، ئادەمنى بىئارام قىلىپ. نېمە دەردىڭ بار؟
    - ھېچقانداق دەردىم يوق.
    - ئەمىسە نېمىشقا يىغلايسەن؟
    - بىلمەيمەن. نېمە دەپ يىغلىدىم.
    - تايىنى يوق گەپلەر… بىردەم ئۆلۈپ كەتكەن موماڭنىڭ گېپىنى قىلىپ، بىردەم ئوتتۇرا مەكتەپتىكى قىزلارنىڭ گېپىنى قىلىپ.
    ئۇلار ئۆتكەن قېتىمقى ھاراق سورۇنىدا بولغان ئىشلارنى بىر ھازا ئەسلەشكەندىن كېيىن ئۇلار ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن دىئالوگلار مۇنداق:
    - ساڭا قاراپ كىشىلەرنىڭ ھاراق سالامەتلىككە زىيانلىق دېگەن گېپىگە ئىشەنمەي قالىمەن. سەن دائىم ھاراقلا ئىچىپ يۈرىيدىكەنسەن، تاماقمۇ يىمەيدىكەنسەز، يەنە شۇنداق كۈچلۈك، بۇنداق كۈچنى نەدىن ئالىسەن؟ ھاراقتا راستىنلا بەك كۈچلۈك ئوزۇقلۇق بارمۇ يا؟
    - مەن كۈچنى نەپرەتتىن ئالىمەن. مەن ھەممە نەرسىگە نەپرەتلىنىمەن، مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى كۈچ!
    - ئەر كىشىنى نەس باسسا قوناغلىقتا ئۆلۈك ئۇچراپتۇ دەپ سەنمۇ خېلى كۈنلەرنى كۆردۈڭ ھە!
    ئەمدى ئۈن ئالغۇدا بىر توخۇ قاتتىق تەنقىدلىنىۋاتاتتى. ناخشىچى بۇ توخۇنىڭ تۇغمىغانلىقىنى، شۇنداق تۇرۇقلۇق كاتەكنى ئىگىلىۋالغىنىنى قاتتىق سۆكمەكتە ئىدى.
    شائىرنىڭ ناخشىغا دىققەت قىلىۋاتقىنى سەزگەن تۇدەك شاتۇر سورىدى:
    - سەنمۇ ئاشۇنداق شېئىرلارنى يازساڭ بولمامدۇ؟
    - مېنىڭ توخۇلار بىلەن ئاداۋىتىم يوق، شۇڭا توخۇلارنى تىللاپ بىر نەرسە يېزىپ يۈرمەيمەن.
    - كارامەت ياقىدۇ بۇ ماڭا.
    - ياقتۇرۇشقا ھوقۇقلۇقسەن.
    - مەن ياقتۇرغان نەرسىنى سەن ياقتۇرمىساڭ جىگىرىڭگە پىچاق يەيسەن.
    - سەن ياقتۇرغاننى باشقىلارمۇ چوقۇم ياقتۇرىشى كېرەكما، تۇدەك شاتۇر؟ - سورىدى غەنى قېرى.
    - ئەلبەتتە.
    - ئەمىسە سېنىڭ خوتۇنۇڭنى سەن ياقتۇرساڭ باشقا ئەرلەرمۇ ياقتۇرىشى لازىمما؟
    - غەنىكا، سەن بىلەن بىر نەرسە دېيىشىپ قالغۇم يوق، مەن سەندىن قورقىمەن.
    - سەن ھېچنىمىدىن قورقمايسەن.
    - سەندىن قورقىمەن. بولمىسا سەن بىلەن ھاراق ئىچمەيتتىم.
    ئارىنى بىردەم سۈكۈت باستى.
    - مەن چىقىپ ئازراق جۇزە ئەكىرەي، - دېدى تۇدەك شاتۇر.
    - ياق، ماۋۇ راخمان تاغاق ئەكىرسۇن.
    شائىر تۇيۇقسىز بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا بۆسۈپ كىرگەن بانان، ئەپلىسىن قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ بۇ زىمىندىكى كىشىلەر ئارىسىدا ئاللىقاچان رېئاللىقنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ بولغانلىقىنى ھېس قىلدى.
    تۇدەك شاتۇر دېرىزىدىن سرتقا قاراپ يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر ئايالنى كۆردى.
    - كاسىلىرى قۇيغان ئۆپكىدەك لىغىلداپ تۇرغان.
    شائىر ئۇنىڭ نېمىشقا ئاياللارنىڭ كاسىسىنى يەيدىغان نەرسىگە ئوخشىتىدىغانلىقىنى بىلەلمىدى. بەلكىم ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا جىنسىي ھاياجاننىڭ ئەڭ يۇقىرى شەكلى پۈتۈنلەي مەدەنىيەت ۋە ئەقىلدىن خالى ھالدىكى ئىپتىدائىي ئادەم يېيىش ئىستىكى بىلەن ئىپادىلىنىدىغاندۇ. ئادەم يېيىشمۇ ئەمەلىيەتتە بەدەن جەھەتتە بىرلىشىپ كېتىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى.
    ئۇ تاماكىنى ئاغزىغا ئېلىپ بېرىۋېتىپ ئىستىن بىردىنلا قېقىلىپ يۆتىلىپ كەتتى.
    - سەن ئۇنىڭ كاسىسىنى نەدە كۆرگەن؟
    - مارىلاپ كۆرگەن، مۇنچىدا. يېنىك سانائەت ئىدارىسىنىڭ يېنىدىكى مۇنچىدا كۆرگىلى بولىدۇ.
    - قانداق كۆرگىلى بولىدۇ.
    - ئاياللار مۇنچىسى بىلەن ئەرلەر مۇنچىسىنى ئايرىپ تۇرغان تامنىڭ ئاستىدىن يۇندا ئېقىپ چىقىدىغان تۆشۈككە بىر پارچە ئەينەكنى كىرگۈزۈپ، ئاياللار بار تەرەپكىراق ئۆتكۈزۈپ توغرىلاپ قارىساڭ، يۇيۇنىۋاتقان ئاياللار ئەينەكتە كۆرۈنىدۇ.
    - پاھ، ئاماللىرىڭ جىق جۇمۇ. مەنمۇ شۇنداق قىلىپ باقايچۇ.
    - پەقەتلا ئېقىڭ يوق نېمە دە، سەن. ھازىر ئۇ مۇنچا يوق.
    - سەنمۇ مەندىن قېلىشمايسەن. ئۆزەڭنى باشقىلارنى كۈزەتكەندەك كۈزىتىپ باق.
    قۇربان قالماق كىرىپ تۇدەك شاتۇرغا ئېنىقلىغانلىرىنى يەتكۈزدى.
    - ۋاي جالاپنىڭ بالىسى، ئەسلىدە بىر سەھرالىقكەنغۇ. شۇنچە ياسىنىپ كەتكىنىنى قاراڭلار، ئاناڭنى سەھرالىق.
    - ئۇنىڭ ئىسمى…
    - بولدى ئۇنىڭ ئىسمىنى ئېيتمىساڭمۇ بولىدۇ، بۇنى بىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. غەنىكا خالاغا بىر چىقىپ كىرسەم بولاتتى.
    - يالغان سۆزلىمە. ئولتۇرە! نەگە بارىدىغىنىڭنى بىلمەمدىن مەن.
    - ئاناڭنى جالاپنىڭ بالىسى ھەجەپ كۆزۈمگە سىغمىدى.
    - غىت قىس.
    - ياق، غەنى ئاكا، ئۇنى كۆردۈڭغۇ. نىمىنداق بايۋەچچىدەك ياسىنىۋالدى ئۇ جالاپنىڭ بالىسى.
    - ياسىنىۋالسا نېمە چاتىقىڭ.
    - ئۇ سەھرالىق پەقەت كۆزۈمگە سىغمىدى. ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلمەي تۇرۇپلا پىچاق تىقساممۇ بوپتىكەن، ئەمدى ئۇنىڭ بىر سەھرالىق ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ئۆزەمنى باسالمايۋاتىمەن.
    تۇدەك شاتۇر ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭماقچى بولۇۋېدى، غەنى قېرى ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغانلارغا بۇيرۇق قىلدى:
    - ئۇنى ھەرگىز چىقارماڭلار!
    تۇدەك شاتۇر غۇدىراپ قويۇپ ئولتۇردى. ئايلىنىپ كەلگەن ھاراقنى ئېلىپلا ئىچىۋەتتى.
    - شېئىردىن بىرنى ئوقۇپ بەرسەڭ بوپتىكەن، بولسا ئاشۇ سەھرالىقنىڭ سەھرالىق تۇرۇپ چىرايلىق ياسىنىۋالغىنى تەنقىدلەپ بىر شېئىر ئوقۇغىنە ئاداش. ئۇ شېئىرىڭ بىلەن ئۆلسۇن.
    - مەن شېئىر يازالمايمەن، - دېدى شائىر.
    - ئەمىسە سەن نېمە ئىش قىلىدىغان ئادەم؟
    - مەنما؟
    - ھەئە، سەن.
    - مەن ئىت باقىمەن.
    - مەن ئىتلارغا بەك ئۆچ.
    - ھازىر ھەممە ئادەم ئۆزىمۇ بىلمەستىن ئىتقا ئايلىنىغلىق.
    - كۆرۈنۈشتە ھەممە ئادەم ئىتقا ئۆچ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۆزلىرى ئۆچ بولغان ئىتلىقنى ئۆزى قىلىدۇ، بەلكىم ئۇلارنىڭ ئىتقا ئۆچ بولۇشى ئوچۇق ئاشكارە ئىتقا ئايلىنالماسلىق ياكى ئىتقا بولغان ھەسەتتىن.
    - ئۆتكەندە ئاخىرقى بىر بوتۇلكا ھاراقنى كىم ئەكىردى؟
    - مەن.
    - سەن ئەكىرگەننى ئىچىپ بولغاندىن كېيىنچۇ؟
    ...
    - مېنى كىم ئاپىرىپ قويدى؟
    - سەن مەس بولساڭلا قىزلارغا تېلېفۇن قىلىپ تۇرىۋالىدىكەنسەن، لېكىن ئۇ قىزلارنىڭ بىرسىمۇ كەلمەيدىكەن. ئاشۇ كۈنى سەن بىرقىزنىڭ يېنىغا بارىمەن دەپ تۇرۇۋېلىپ، بەك تەستە ئۆيۈڭگە ئەكەتتىم مەن سېنى.
    ئۇلار ئۆتكەن قېتىمقى ھاراق سورۇنىدا بولغان ئىشلارنى بىر ھازا ئەسلەشكەندىن كېيىن ئۇلار ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن دىئالوگلار مۇنداق:
    - سەن ھازىر يات ئادەمگە ئايلىنىپ كېتىۋاتىسەن، مەن سېنىڭ ئىسمىڭنىمۇ ئۇنتۇپ قېلىۋاتىمەن، چىرايىڭنىمۇ مۇشۇ يەردىكى باشقا ئادەملەر بىلەن ئارىلاشتۇرىۋېتىمەن.
    - ھەي، راخمان تاغاق.
    - مېنىڭ ئىسمىم سەلەي مۇكا، راخمان تاغاق دېگەن ئاۋۇ تاماكىنى يانتۇ چىشلىۋالغان ئادەم شۇ.
    - بۇ يەردە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش، بىرلا ئادەمدەك كۆرۈنىدۇ، يەنە ئۇلارنى ئايرىم ئايرىم ئىسىم بىلەن ئاتاشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟
    - سەن قورقۇۋاتامسەن؟
    - نىمىدىن؟
    - ئۆزەڭنىڭ باشقىلار بىلەن ئارىلىشىپ كەتكىنىڭدىن.
    - مەن ھېچكىم بىلەن ئارىلىشىپ كەتمىدىم.
    - مەن سېنى بۇ يەردىكىلەر بىلەن ئارىلاشتۇرىۋەتتىم.
    ……
    - ئايالىم تاماق ئەتمىگىلى بىر ھەپتىدىن ئاشتى.
    - ئۇ ئۆزىچۇ؟
    - ئۇ مۇناپىق ئىت ئەمدى تاماق يېمەيدۇ.
    - تاماق يېمەي نېمە يەيدۇ؟
    - ئۆز گۆشىنى ئۆزى يەيدۇ.
    - سەن شائىركەنسەن ئاداش.
    - ياق.
    - شائىر بولمىساڭ بىز چۈشەنمەيدىغان گەپلەرنى قىلالامتىڭ.
    - بۇياق تۈرمىدىن چىققىلى ئەمدى ئىككى كۈن بولدى جۇمۇ. سەن ئاددى ئادەم چاغلىما، - دېدى راخمان تاغاق غەنى قېرىنى كۆرسىتىپ.
    - بولدى قىل، - قولىنى شىلتىدى غەنى، - بۇمۇ بىلىدىغاندۇ.
    راخمان تاغاق پەخىرلەنگەن ھالدا مەيدىسىگە ئۇردى:
    - بىلەمسەن مەنمۇ تېخى ئالدىنقى ئايدىلا تۈرمىدىن چىقتىم، سەن تۈرمىگە كىرىپ باققانمۇ؟ جەمئىيەتتە ئويناپ باققانمۇ؟
    سەلەي مۇكا خىيالىي دۇنياسىدىن رېئاللىققا قايتىپ كەلگەن بولسا كېرەك گەپكە ئارىلاشتى:
    - ئاداش ھەي، سەن كىمگە گەپ قىلىۋاتقىنىڭنى بىلىپ گەپ قىل جۇمۇ.
    باياتىندىن بېرى بىر بۇلۇڭدا تارتىنغان ھالدا ئولتۇرغان بىر بالا ئەمدى زۇۋانغا كىردى:
    - مەن سەن بىلەن تونۇشقىنىمدىن پەخىرلىنىمەن، راخمان ئاكا، خۇدايىم بۇيرىسا ماڭىمۇ تۈرمىگە كىرىش نېسىپ بولار.
    - چوڭ سۆزلىمە ھەي، كىچىك شۇمتەك، ساڭا تۈرمىگە كىرىشنى كىم قويۇپتۇ؟
    - تۈرمە دېگەن خالىغان ئادەم كىرىدىغان جاي ئەمەس، ئوت قويالامسەن، بۇلاڭچىلىق قىلالامسەن؟ ئادەم ئۆلتۈرەلەمسەن ھەي لازا؟!
    - ئوغۇرلۇق قىلىپ غېنىكامدەك قىزلارنى مەپتۇن قىلالىساڭ بولىدۇ.
    - تۇدەك شاتۇردەك قاتىللىق قىلىپ نام چىقىرالىساڭ ئاندىن سورۇن سورۇندا باشقا ئېلىپ كۆتۈرىلىسەن.
    تۇدەك شاتۇرنىڭ گېپى چىقىش بىلەنلا ھەممەيلەن بىردىنلا تۇدەك شاتۇرنىڭ ئارىدىن چىقىپ كەتكىنىنى بايقاشتى.
    - تۇدەك شاتۇر قېنى؟
    - قارىماپتۇق.
    غەنى قېرى شىرەنى مۇشتلىدى:
    - ھەي، ھېجىقىزلار، ئۇنى تالاغا چىقىرىشما دېمىدىمما. نەگە قاراشتىڭ؟ كۆزۈڭگە بىرنېمەم كىرىپ قالدىمۇ يا. بىردەم گەپ بىلەن بولۇپ كەتسەكلا ئۇنىڭ يوقاپ كەتكىنى قاراڭلار.
    سورۇن ئۆرە تۆپە بولۇپ كەتتى. دەل شۇ چاغدا تۇدەك شاتۇرنىڭ گەۋدىسى ئىشكتە پەيدا بولدى.
    - شۇنچىلىك ئىشقا ئادەمنى چىققىلى قويۇشمايسەن.
    تۇدەك شاتۇرنىڭ چىرايىدىن باياتىنقى جىددىيچىلىك تامامەن يوقىلىپ، خاتىرجەم بولۇپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى.
    - نەگە باردىڭ؟
    - بىلىسەن نەگە بارغىنىمنى.
    - نەچچىسىگە تىقتىڭ پىچاقنى؟
    - ئۇ يالغۇز ئوخشايدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭغا بولاشمىدى، شۇڭا ئۇنىڭ ئۆزىگىلا تىقتىم.
    - ۋاي ئاناڭنى!
    - نىمىنداق چىرايلىق ياسىنىۋالغان بىرنېمە دەيمەن ئۇ، پەقەتلا كۆزۈمگە سىغمىدى. ئەمدى خاتىرجەم ئولتۇرۇپ، يېڭى باشتىن ئىچىشىمەن ھەرقايسىڭ بىلەن! قۇيە ھارىقىڭنى!

                         2007-يىل11-ئاينىڭ27-كۈنى، ئۈرۈمچى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر پەرھات تۇرسۇن