شەرقنىڭ كۆزى - فارابى ھەققىدە ھېكايە

يوللىغۇچى : delkax520 يوللىغان ۋاقىت : 2008-10-19 19:55:00

شەرقنىڭ كۆزى – فارابى ھەققىدە ھېكايە باتۇر روزى مىلادى 870 - يىلى كەچكى قۇياشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىزغۇچ نۇرلىرى سىر دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى بالاساغۇنغا قاراشلىق فاراب قەلئەسىنىڭ خاڭ بىلەن قاڭدالغان...

        شەرقنىڭ كۆزى – فارابى ھەققىدە ھېكايە

     باتۇر روزى

           مىلادى 870 - يىلى كەچكى قۇياشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىزغۇچ نۇرلىرى سىر دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى بالاساغۇنغا قاراشلىق فاراب قەلئەسىنىڭ خاڭ بىلەن قاڭدالغان ئېگىز - ئېگىز سېپىللىرىنى سۇس يورۇتۇپ تۇراتتى. غۇر - غۇر شامال شەھەر ئەتراپىدىكى بوستانلىقلارنىڭ ئارامبەخش نەم ھاۋاسىنى ئۇچۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. كۈندۈزى قۇياش تەپتىدە تونۇردەك قىزىپ كەتكەن شەھەر كوچىلىرى گۇگۇم چۈشۈپ، ھاۋا تەدرىجىي سوۋۇشقا باشلىشى بىلەنلا ئۇياقتىن - بۇياققا موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرغان ئادەملەر بىلەن قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى... سېپىل ئۈستىدىكى لەشكەرلەر ئەتراپتىكى شەپىلەرگە سەزگۈرلۈك بىلەن قۇلاق سېلىپ، قىلىچ ۋە ئايپالتىلىرىنى چىڭ قۇچاقلىغان ھالدا سۈرلۈك قىياپەتتە تۇرۇشماقتا. سېپىل ئەتراپىدىكى لىق سۇ توشقۇزۇۋېتىلگەن خەندەكلەر كۈمۈش يىلاندەك سوزۇلۇپ سېپىلنى يۆگەپ ئايلىنىپ، ئەتراپقا ۋەھىمە تارقىتىپ تۇراتتى. ئادەتتە سېپىل ئاستىدىكى خەندەكلەرگە ئارتىلدۇرۇپ قويۇلىدىغان ئاسما كۆۋرۈكلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يىغىۋېلىنغانىدى. شەھەر قوۋۇقلىرىمۇ ھىم ئېتىۋېتىلگەنىدى. بۇلار شەھەرنىڭ يېقىندىن بۇيانقى مۇداپىئە ئەھۋالىنىڭ قاتتىق كۈچىيىپ كەتكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىپ تۇراتتى. ئاي نەيزە بويى ئۆرلىگەن مەھەل. شەھەرنىڭ كۈنچىقىش تەرەپتىكى قوۋۇقى قىيا ئېچىلىپ،ئېتىنى بولۇشىغا چاپتۇرغىنىچە ئۇچقاندەك يېتىپ كەلگەن بىر كۆزەتچى لەشكەر كىرىپ كەتكەندىن كېيىن، يەنە جۇۋازدەك غىچىلداپ ئاۋاز چىقىرىپ يېپىلىپ قالدى...
        مۇھەممەت تارخان كېڭەشتىن قايتىپ چىلانتورۇق ئېتىغا سەكرەپ مىندى - دە، ئۇنى ئۇچقاندەك چاپتۇرۇپ ھەش - پەش دېگۈچە قەلئەنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىگە جايلاشقان قورۇ - جايىغا يېتىپ كېلىپ ئاتتىن چۈشتى. تېخىچە ئۇخلىماي خوجايىنىنى ساقلاپ تۇرغان ئاتباقار يۈگۈرۈپ چىقىپ ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى قولىدىن ئالدى. مۇھەممەت تارخان ئايالى يۇلدۇزئايىمنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ بەخىرامان ئۇيقۇغا كەتكەن تۆت ياشلىق ئوغلى ئەبۇنەسىرنىڭ پېشانىسىگە چوككىدە بىرنى سۆيۈپ قويۇپ چىقىپ كېتەي دەپ تۇرۇشىغا، بالا ئويغىنىپ «دادا» دەپ چاقىردى. مۇھەممەت تارخان بالىنى يوتقاندىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ بىرھازا ئەركىلەتتى. – سېنى ئويغىتىۋەتتىم - ھە، بۆرەم؟
        – مېنىڭ ئۇيقۇ بىلەن خوشۇم يوق. ئاپام پەپىلەپ يۈرۈپ ئۇخلىتىپ قويۇپتۇ. ئەسلى سىز كەلگەندە ئاندىن ئۇخلىماقچى ئىدىم.
       – بوپتۇ، بالا چېغىڭدا قېنىپ ئۇخلىۋال، بۆرەم. چوڭ بولغانسېرى غەم - ئەندىشەڭ كۆپىيىدۇ، ئويلايدىغان، باش قاتۇرىدىغان ئىشلىرىڭ ئاۋۇپ كېتىدۇ. ئۇ چاغدا داداڭغا ئوخشاش ئۇخلايمەن دېسەڭمۇ ئۇخلىيالماي، تاڭلارنى كىرپىك قاقماي ئاتقۇزىسەن. كىچىك ئەبۇنەسىر ئۇنىڭ گەپلىرىنىڭ تېگىگە يېتەلمەي ھاڭۋېقىپ قاراپ قالدى.
       – كىچىك بالىغا نەدىكى چۈشەنمەيدىغان گەپلەرنى قىلىپ ... –دەپ كايىدى يۇلدۇزئايىم.
       – توغرا، بالىلار بىلەن ئۇلار قوبۇل قىلالىغۇدەك دەرىجىدە سۆزلىشىش كېرەك ئىدى. مەن بۇ شاكىچىك بۆرەمنى خۇددى چوپچوڭ بولۇپ قالغان ئادەمدەك ھېس قىلىپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ؟بىراق ئۇنىڭمۇ كىچىك تۇرۇپ «ئۇيقۇ بىلەن خوشۇم يوق» دېگىنى قالتىس گەپ بولدى - دە. مۇھەممەت تارخان بالىنىڭ مەڭزىگە ئاخىرقى قېتىم بىرنى سۆيۈپ قويۇپ ئۆز ھۇجرىسىغا چىقىپ كەتتى.

    داۋامى بار

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق