مازار بالىسى ( ھېكايە) ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان

يوللىغۇچى : turkiyqan يوللىغان ۋاقىت : 2012-03-12 11:50:05

مازار بالىسى(ھېكايە)ئابباس مۇنىياز تۈركىيقانئۇ ئاخىر مازاردىن سۇغۇرۇلۇپ چىقتى.ئۇنىڭ ئەمدىكى ھالىتى باشقىچە ئىدى: گومۇشلۇق دورىسى يەۋالغان ئادەمدەك ئەتراپقا ئىپادىسىز ھالدا قاراپ كېلەتتى. يۇچۇ...



     

    مازار بالىسى

    (ھېكايە)

    ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان

    ئۇ ئاخىر مازاردىن سۇغۇرۇلۇپ چىقتى.

    ئۇنىڭ ئەمدىكى ھالىتى باشقىچە ئىدى: گومۇشلۇق دورىسى يەۋالغان ئادەمدەك ئەتراپقا ئىپادىسىز ھالدا قاراپ كېلەتتى. يۇچۇن دۇنياغا كېلىپ قالغان غەلىتە مەخلۇقتەك ئۆز-ئۆزىدىن خۇدۇكسىرەيتتى. خاتا كېلىپ قالغاندەك، ھېچنىمىنى چۈشەنمىگەندەك، گويا كۆزى ئېچىلمىغان بوۋاقتەك سەبىي، ئاددىي، روھسىز ۋە تەسىرسىز ئىدى.

    «. . . شۇ يىلى ئاجايىپ بىر مۆجىزە يۈز بەردى. ئەسىر-ئەسىرلەردىن بېرى سۈرلۈك سۈكۈتكە غەرق بولۇپ كەتكەن مازاردىن يېڭى بىر تىنىق ئاۋازى ئاڭلاندى. بۇ يەرنى كىشىلەر نېمىشقىدۇر <مازار ئانا> دەيدىكەن. ئەمدى كېلىپ، ئۇنىڭ راستىنلا ئانا بولۇپ قالغىنىغا مەن ھەيران».

    ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن، ئالىملار، بىر تارىخشۇناسنىڭ ساياھەتنامىسىدىن مۇشۇ قۇرلارنى ئىزدەپ تېپىشتى.

    تۇرقى، يۈرۈشى، ئۆڭ ۋە قاراشلىرى. . . ھېچكىشىگە ئوخشىمايدىغان بۇ ئاجايىپ بالا تولىمۇ ئاستا قەدەملەر بىلەن پىلتىڭلاپ كېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭغا ھەممە نەرسە يېڭى، ھەممىسىلا ئەھمىيەتسىزدەكلا ئىدى.

    - بۇ يەرنى مازار ئانا دېگەنلەر بىكار ئېيىتمىغان ئىكەندە، ئەسلى.

    - ئەمما، لېكىن بۇ مۇمكىنمۇ؟

    - بۇ، مۇمكىنچىلىك ئىزدەيدىغان جاھان، ئۇنىڭ ئېھتىماللىقىنى سورايدىغان جاھان ئەمەس.

    - لېكىن مۆجىزە بولۇپ يارالغاندىكىن، مۆجىزىلىك خىسلەتلەر بىلەن تۇغۇلسا دەيمىنا.

    - ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر!

    - ئاللاھ ئۇلۇغ!

    چوڭلاردەك قوپال قەدەملەر بىلەن، گۆدەكلەرچە نەزەردە قاراپ كېلىۋاتقان بالا بىردەمدىلا يىراق-يېقىنغا تونۇلۇپ كەتتى. بازارنىڭ بولۇڭ-بۇلۇڭلىرىدا مۇشۇ ھەقتە مۇلاھىزىلەر قايناپ كەتكەنىدى. ئۇلار، بالىنىڭ قانداق پەيدا بولۇپ قالغىنىنى، ئۇنىڭ ئۆڭ، تۇرقى . . . توغرىسىدا توختىماي تالاش - تارتىش قىلىشاتتى.

    بالا، بازارغا تېخى كېلىپ بولالمىغانىدى. لېكىن، ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەر ھەتتا بازارنىڭ ئەڭ بۇلۇڭىدىكى كونا ساتىراشخانىنىمۇ ئۆرە-تۆپە قىلىۋەتتى.

    - ئۇنى ئاتىسىدىن بىسوراق تۇغۇپ قويغان بىرەرسى مازارغا تاشلىۋەتكەن بالىمىكىن، دەيمەن ئۇستام، - دەپ مۇلاھىزىدىن كېيىنكى جىمجىتلىقنى بۇزدى، سالۋاراپ تۇرىدىغان سېرىق چاچلىرى مۈرىسىنى يېپىپ تۇرىدىغان، پىستان كۆز يىگىت، ئاپتۇماتىك ئورۇندۇقتا قاتۇرۇپ قويغاندەك تىك ئولتۇرغان خام سېمىز خېرىدارنىڭ قاردەك ئاق ۋە زىيادە ئۆسۈك بۇرۇتىنى ئۇنىڭ قولاقلىرىغا يۆگەۋېتىپ. چېچىنى تەڭ ئىككىگە بۆلۈپ، ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىنى پاكىز قىرىۋەتكەن، سول تەرىپىدىكى يېشىل چاچلىرى بولسا قۇلاقلىرىنى يېپىپ تۇرىدىغان يەنە بىر يىگىت ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ، كۆپتۈرگۈچ بىلەن ھېلىقى خېرىدارنىڭ بۇرۇتىنىڭ قۇلىقىغا يەتمەي قالغان قىسىمىنى كۆپتۈرىۋاتاتتى،-بۇنداق دېگىنىم،-سۆزىنى داۋاملاشتۇردى بايىقى يىگىت،-ھازىر بازاردا ئون ياشقا كىرمەي تۇرۇپ تۇغۇپ قويىدىغانلار بەك كۆپكەن. تېخى قايسى كۈنى يەتتە-سەككىز ياشلارغا كىرگەن بىرسى ماڭا تەلەپ قويدى. ماقۇل دەي، دەپ ئويلىدىم. لېكىن دورا بىلەن يوغانتتىمىكىن، ئەمچىكى بەك يوغان ئىكەن. كىيىملىرىگە پاتماي قاپتۇ، مانا مۇنداق،-ئۇ ئىككى قولىنى مەيدىسىگە ئاپىرىپ كۆرسەتتى،-مەن بۇنداق قىزلارغا ئۆچ. قىز بالا دېگەن بىر قاتلىسا «كوس» قىلىپ سۇنۇپ كېتىدىغان قودايدەك ئۇرۇق بولسا....

    -ماڭە، ماڭ! مەن سېمىزىگە ئامراق،-دېدى بۇرۇت كۆپتۈرۈۋاتقان يەنە بىرى،-سېمىزى بەلەن بولمامدۇ، راھەت، مىلىق-مىلىق....

    -مازاردىن كېلىۋاتقان ھېلىقى بالا ئوغۇلمىكەن، قىزمىكەن، ئۇرۇقمۇ ياكى سېمىزمۇ، شۇنى دېيىشمەمسىلەر بالىلار.

    پاكىز قىردۇرغان بېشىغا ئالىقانداق رەسىملەرنى چەكتۈرىۋاتقان يەنە بىر خېرىدار، شاگىرت بالىلارنىڭ تېمىدىن يىراقلاپ كەتكەن پاراڭلىرىنى بۆلدى.

    - ھېلىقى بالىنى دەيسەن-ھە؟ -دېدى شاگىرت خېرىدارنى شەنلەپ،-ئۇنى ئوغۇل بالىكەن دەپ ئاڭلىدۇق.

    - قىز بولغان بولسىغۇ، مەنلا.....دېدى يەنە بىرسى.

    - ئۇنداقتا، مېنىلا ئالمامسەن بالام،-ھاياسىزلارچە ھىجايدى ئاپئاق ۋە شالاڭ چېچىنى توزغا ئوخشىتىپ يۆگىتىۋاتقان، بويۇن، ئىڭەك گۆشلىرى پۇرلۇشۇپ، ساڭگىلاپ تۇرىدىغان ماخشاق بىر ئايال چىشسىز مىلىكلىرىنى كۆرسىتىپ.

    ساتىراشخانىدىكى پۈتۈن ئادەم قاھ - قاھلاپ كۈلۈپ كېتىشتى.

    - ئۇنىمۇ دەيمىز، بۇنىمۇ دەيمىز،-باياتىن بېرى ئۆز ئىشى بىلەنلا بولۇپ كەتكەن قېرى ساتراش، كارىۋاتلىق ئورۇندۇقتا قورسىقىنى ئېچىپ ئوڭدا ياتقان ئايال خېرىدارنىڭ كىندىكىنىڭ ئەتراپىغا ھەر خىل رەڭدە بىر نېمىلەرنى سېزىۋېتىپ ئېغىز ئاچتى،-مازارنىڭ ئۇلۇغلىقىغا بىر نېمە توغرا كەلمەيدۇ جۇمۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كونىلارنىڭ دېگەنلىرى تولا چاغلاردا راست چىقىپ قالىدىكەن. ھېلى بوۋامدىن ئاڭلىغان گەپنى دەپ بەرسەم ئىشەنمىدىڭلار؟ يەھۇدىي دېگەن مىللەتتىن ئەيسا ئاتلىق پەيغەمبەرنىڭ چىققانلىقىغا ھەممىڭلار ئىشەندىڭلار. مۇسۇلمانلارنىڭ مۇھەممەد دېگەن پەيغەمبىرى ئۆتكەنلىكىگىمۇ ھەممىڭلار قايىل. نېمىشقا بايىقى گېپىمگە ئىشەنمەيسىلەر؟ مۇشۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ماڭا بوۋام دەپ بەرگەن. دېگەندىمۇ، پەيغەمبەرلەر ھەققىدىكى گەپلەرگە ئۇلاپلا دەپ بەرگەن دەڭلا. پەيغەمبەرلەر ھەققىدە دېگەنلىرى راست بولغان يەردە، باشقا ھېكايىلىرى يالغان بولامتى. دەيمەنكى، كونىلارنىڭ نەسىھەت، قىسسىلىرىدە ھېكمەت بار. بوۋام دەپ بەرگەن «مازار ئانا» ھېكايىسىمۇ چوقۇم راست ئىش.

    - بوۋاڭ ياشىغان زامانلاردا، قېرىلارنىڭ قىلغىلى ئىشى يوق، ھېكايە توقۇيدىغان گەپكەن دېگىنە، ئۇستام،-دېدى شاگىرتتىن بىرسى.

    - ھېكايە، پالان-پۇستان دېگەنلەرگىمۇ ئىشىنىپ يۈرگىلى بولامدۇ.

    - راست، مۇشۇ زاماندىمۇ ھېكايىگە ئىشىنىپ يۈرگۈلۈكمۇ. مەن خېرىدارنىڭ بېشىنى پاكىز قىرىۋەتسە، يەنە تۈك چىقىدىغانلىقىدىن باشقىسىغا ئىشەنمەيمەن.

    -مەن، مۇشۇ پەيغەمبەر دېگەنلەرنىمۇ كونىلار ھېكايىلىرىدا توقۇپ چىققان ئادەملەرمىكىن، دەپ قالىمەن.

    - ياق، ياق،-ئېتىراز بىلدۈردى بايىقى ساتراش،-بوۋام يەنە شۇنداق دېگەن ئىدىكى...

    - قويە ئۇ گېپىڭنى، ئۇستام،-ئۇستازىنى سېلكىشلەپ تۇرۇپ گەپنى تارتىۋالدى، بىر خېرىدارنىڭ بېشىنى يۇيىۋاتقان جىرتاق كۆز شاگىرتى،-ھازىرقى بالىلار دېگەن تۇغۇلۇپلا بەش-ئالتە خىل تىل بىلىدىغان، چوڭ-كىچىك ماشىنىلارنى ھەيدىيەلەيدىغان تۇرسا، ئەمما ئۇ بالىنى گومۇش ئىكەن دەۋاتمامدۇ؟

    - جىڭ گەپ،-دەپ سۆز قاتتى بۇرۇت كۆپتۈرۈۋاتقان سېرىق چاچ شاگىرت، _ ئات-جونى يوقاپ كەتكەن شۇ ئادەملەرنىڭ ئىسمىنى سەندىن بۆلەك كىشىلەر بىلمەيدىغان مازاردا بىزنى ھەيران قالدۇرغىدەك قانچىلىك ئىش بولماقچىدى؟ خام خىيال قىلما، ئۇستام. سەن ئاڭلىغان ھېكايىلاردىكى ئۇ كىشلەر ئەمدى كەلمەسكە كەتتى. نەسلى-ۋەسلى مازار بىلەن تەڭلا تۈگىدى. مازارنىڭ ئەمەس، بازارنىڭ دەۋرى بۇ. ياشايدىغىنى بازارلىقلار! باشقىسى قۇرۇق گەپ، يوق گەپ!....

    - مەن دەيمەنكى.....

    گومۇش سۈپەت بالا بازارغا يېقىنلاپ قالغان ئىدى. ئەتراپتىن ئاڭلىنىۋاتقان ۋاڭ-چۇڭلار، شاۋقۇن-سۈرەنلەر كۈچەيگەنسېرى، ئۇ ئۆزىنى شۇنچە بىئارام سېزەتتى. قورۇنۇش، يېتىرقاش ۋە يېرىمسىراشلار ئۇنىڭ تومۇر-تومۇرلىرىغا يامىشىپ كېلەتتى. ئۇنىڭ قەدەملىرىمۇ شۇقەدەر ئاستا ۋە تەستە يۆتكىلەتتى. نەگە قەدەم تاشلاشنى بىلمەيۋاتقاندەك، قەدەم ئېلىشقىمۇ بولمايدىغاندەك ھېس قىلاتتى....

    - ئەسسالامۇ ئەلەيكوم!

    بالا، غەلىتىلىك ھېس قىلسىمۇ، ھېچنېمە كۆرمىگەندەك، ئاستا قەدەم ئېلىپ كېتىۋەردى. دېمىسىمۇ ئۇ، بۇنداق گەپ قىلىدىغان ئادەمنى، گەپ قىلمىسىمۇ گەپ قىلىدىغاننى تېخى كۆرۈپ باقمىغانىدى. بۇ، ئۇنىڭ نېمە قىلغىنىكىن؟ بۇ يەردە ماڭساڭ بولمايدۇ، دېگىنىمىكىن ياكى ئۇدۇل ماڭ، دېگىنىمىكىن؟ ئۇ ئاۋۋالقىدەك مېڭىۋەردى. مېڭىشتىن باشقىسمۇ خىيالىغا كەلمەيتتى. نەدىن كەلدى؟ مېڭىپ نەگە بارىدۇ؟ بۇنى تېخىمۇ بىلمەيتتى. ئۇنىڭ كەينى قاراڭغۇ، ئالدى بولسا چەكسىز تۇمان ئىدى. «قانداق ئادەمدۇ؟ نېمە دېگىنىدۇ ئۇ؟» ئۇ بەلكىم شۇنداق ئويلىغاندۇ.

    كۈتمىگەندە، ئۇنى يەنە بىرسى تەمتىرىتىۋەتتى.

    - ياخشىمۇ سىز؟!

    بالا تېخىمۇ بەك خۇدۈكسىرىدى. لېكىن ئۇنىڭغا مېڭىشلا توغرا تاللاشتەك بىلىنەتتى. راست ئۇنىڭ ئېسىدە بارىمۇ، بىلىدىغىنىمۇ مۇشۇلا ئەمەسمىدى. مېڭىش كېرەك! پىنگىۋىندەك ئىغاڭلاپ، توخۇدەك توكۇلداپ، بېلىقتەك پىلتىڭلاپ...

    - ئادەممىكىن دېسەم، ئېشەكمۇ نېمە ئۇ؟

    بالىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن مۇشۇنداقراق بىر غۇدۇراش ئاڭلانغاندەك بولدى. شۇغىنىسى، بۇ ئاۋازمۇ ئۇنىڭغا چۈشۈنۈكسىز ئىدى. بۇ نېمە دېگىنىدۇ ئەمدى؟ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار ھەر نېمە دېيىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئېشەك ئەمەس ئىدى. ئۇ زاماننىڭ ئېشەكلىرىگە مۈڭگۈز چىقىپ ئۈلگۈرگەن بولسىمۇ، ئىككى پۇتلاپ مېڭىشنى تېخى ئۆگىنىپ بولالمىغانىدى. بالىنىڭ باشقا ھالەتلىرىمۇ ئېشەككە ئوخشىمايتتى. قول سېلىپ ماڭاتتى، ساقاللىرىمۇ ناھايىتى شالاڭ (ئېشەكنىڭكىدەك قويۇق ئەمەس) ئىدى. كۆككىمۇ، بوزغىمۇ ئوخشىمايدىغان بىر جۈپ كۆزى، بىر قارىسا ماخشاقراق، يەنە بىر قاراشتا قاڭشارلىقتەك كۆرۈنىدىغان بۇرنى، قېلىن كۆرۈنسىمۇ، گىلاستەك قىزىرىپ تۇرغان لەۋلىرى، ئەتىراپقا قاراشلىرى ۋە قاراپ بولۇپ خۇدۈكسىرەشلىرى.... راۋۇرۇس بىر بالىنىڭ، ھەئە، ھەقىقىي ئادەمنىڭ ئۆزى ئىدى. دېمەككى، بازاردا چىن مەنىسىدىكى بالا ئۇقۇمى يوقاپ كەتكىنىگە ئۇزۇن جاھانلار بولغانىدى. بالىلارنىڭ چوڭلاردەك، چوڭلارنىڭ بالىلاردەك بوپ قېلىشلىرى بۇنى دەلىللەپ تۇراتتى. شۇڭا، يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ كىنو قويۇپ يۈرۈشلىرىمۇ، 90 ياشلىق بوۋايلارنىڭ ئىشتاننى تېقىمىغا سىيرىپ قويۇپ، ئاسمانغا قارىتىپ سىيىشلىرىمۇ ھېچكىشىگە غەلىتە بىلىنمەيتتى. قىسقىسى، بالىلار ئادەم، ئادەملەرنىڭ ھەممىسى بالا ئىدى. مۇشۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا، بازار شاۋقۇنلىرىنى ئاڭلاپ كېلىۋاتقان بالىمۇ چوپ-چوڭلا ئادەم سانىلاتتى. ئادەم ئىكەن، دېمەك ئۇ، بالا ئىدى!....

    قەدەملەر داۋام قىلاتتى، ئاستا، ئېنىقسىز، دېلىغۇل.

    بازار قاينايتتى. كىشىلەر تۇمان قېتىدا چېپىپ يۈرۈشەتتى.

    شاۋقۇنلار ئۆرلەيتتى. مىسلىسىز زامانىۋىلاشقان قاتناش قوراللىرى تېخنىكىۋىي تومۇرلارنى بويلاپ بوراندەك ئۇچاتتى.

    بۇلۇت ئۈستىگە بوي سوزغان ھەيۋەتلىك بىنانىڭ ئەڭ يوقىرىدىكى بىر خانىسىدا 5-6 ئادەم بىر نېمىلەرنى مۇلاھىزە قىلىشۋاتاتتى. بېرىپ-بېرىپ ئۇلارنىڭ سۆزلىرى بىر نوقتىغا مەركەزلەشتى.

    - ماڭا قاراڭلار،-دېدى چاچ ۋە ساقاللىرى ئوخشاشلا ئاقارغان كۆز ئەينەكلىك ئادەم ئۆينىڭ بىر تېمىدىكى مىدىرلاپ كېلىۋاتقان سۈرەتكە قاراپ. قارىغاندا، تام كومپيۇتېر ئېكرانىنىڭ رولىنى ئېلىۋاتاتتى،-بىز كۆرۈۋاتقان بۇ بالا بىلەن بايا كۆرگەن ئادەمنىڭ بىرەر ئوخشاشلىقىنى بايقىدىڭلارمۇ؟

    ساقاللىق ئادەمنىڭ سوئالى بىلەن تەڭلا، ئېكران توغرىسىغا قاراپ ساناقسىز بۆلەكلەرگە بۆلۈندى. ئەڭ باشتىكى بۆلەكتە، چاچلىرى مۈرىسىدە يەلپۈنۇپ تۇرىدىغان ساقاللىق بىر ئادەم يىراقلارغا كۆز تىكىپ، مەردانە قەدەملەر بىلەن كېلىۋاتاتتى. ئەڭ ئاخىرقى بۆلەكتە بولسا، بىز كۆرگەن بالا، ھېچكىشىگە ئوخشىمايدىغان چىرايى بىلەن مىسىلداپ كەلمەكتە ئىدى. قاراپ تۇرغانلار مۇشۇ ئىككى بۆلەككە كۆپرەك نەزەر ئاغدۇردى. ئوتتۇرىدىكى بۆلەكلەرنى، دەرۋەقە كۆرۈپ تۈگەتكىلى بولمايتتى.

    - بۇ ئىككى چىراينىڭ ھېچقانداق ئوخشايدىغان يېرى يوقكەن،-دېدى ساقالنى مەيدىسىگىچە قويۇپ، بۇرۇتىنى پاكىز قىردۇرىۋەتكەن بىرسى كېسىپلا،-پەقەت ئوخشىمايدىكەن!

    - شۇنداقمۇ؟- بۇرنىنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغان كۆزئەينىكىنى يۇقىرىغا سۈرۈپ تۇرۇپ كۈلدى ساقاللىق ئادەم.

    - لېكىن، مەن بىر ئوخشاشلىقنى بايقىدىم، مۇئەللىم،-بايىقى ئېكراننىڭ يان بۈرجىكىدىكى ئايرىم ئېچىلغان كۆزنەكتە كۆرۈنىۋاتقان نۇر توچكىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى بىر كۆزىگە ئەينەك تاقاپ، قۇلىقىغا تىڭشىغۇچ تىقىۋالغان تاقىرباش بىر يىگىت،- يىراقتىن تەكشۈرۈپ باقسام، كېلىۋاتقان بۇ بالا بىلەن باشتىكى ئاۋۇ ئادەمنىڭ قان تىپى ئوخشايدىكەن.

    - بۇ، مەسىلىنىڭ بىر تەرىپى،- دەپ نېمىنىدۇر چۈشەندۈرمەكچى بولدى ساقللىق ئادەم. لېكىن ئۇنىڭ گېپىنى يەنە بىر يىگىت بۆلۈپ تاشلىدى:

    - مەنمۇ ئوخشايدىغان يەنە بىر تەرەپنى بايقىدىم. ئىككى چەتتىكى كۆزنەكتە كۆرۈنىۋاتقان ئادەملەرنىڭ قان تەركىبلىرى، بارلىق تەركىبلىرى ئوپ-ئوخشاش ئىكەن.

    - قان تىپى ۋە تەركىبلىرىنىڭ ئوخشاشلىقى گېن ئىزچىللىقىنى دەلىللەپ بېرەلەمدۇ؟

    - ....

    - ....

    - دېمەكچى بولغىنىم،- دەپ جىمجىتلىقنى ئۆزى بۇزدى ساقاللىق ئادەم،- بىزگە ئىرقىي بىرلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان پاكىت كېرەك. شۇندىلا، بۇ يوچۇن بالىنىڭ قانداق كېلىپ قالغانلىقى ھەققىدە توغرا يەكۈنگە ئېرىشىپ، مۇشۇ ئىشقا قىزىقىۋاتقان بارلىق كىشلەرگە قايىل قىلارلىق جاۋاب بېرەلەيمىز. ئەپسۇسكى،- ئىككى مۈرىسىنى قىسىپ قويۇپ داۋاملاشتۇردى ئۇ،- ئىش بۇنداق ئاددىي ئەمەس. بەلكىم بۇ بالا نەچچە ئەسىرلىك يىراق جايلاردىن-تولىمۇ يىراق ئۆتمۈشتىن كېلىۋاتقاندۇ ۋە بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئەسىرلىك ئۇزاقلىقلار ئۇنىڭ يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدۇر....

    ساقاللىق ئادەم جىمىپ قالدى. ئۇنىڭ مېڭىسىمۇ دېرىزە سىرتىدىكى تۇمانلىق بوشلۇقتەك قاراڭغۇلۇشۇپ قالغانىدى.

    - ئېكراندىكى ھەر بىر كۆزنەكنى يەنە يۈزدىن كۆزنەككە بۆلۈڭلار،-ئۇزاق سۈكۈتتىن كېيىن، قانداقتۇر بىر نەرسىگە ئىشەنچ تۇرغۇزغاندەك ھالەتتە شۇنداق دېدى ساقاللىق ئادەم،- ئاندىن...ئاندىن شۇ چاغدا كۆرۈنگەن چىرايلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئانالىز قىلىپ باقايلى. قېنىنى سېلىشتۇرايلى، بەدەن تۈزۈلۈشىنى تەھلىل قىلايلى، ئاندىن...ھە، ئاندىن بۇنىڭدىمۇ ئىلگىرلەش بولمىسا، سۈرەتلەرنىڭ ئارىلىقىنى قىسقارتىپ، يەنە پارچىلايلى، تاكى ئېنىق بىر يەكۈنگە ئېرىشكۈچە داۋاملاشتۇرايلى. لېكىن يىگىتلەر، بىزنىڭ يەكۈنىمىز باشقا تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ جەمئىيەتكە ئاشكارىلايدىغان نەتىجىلىرىدىن كېيىن قالمىسۇن. بىلىسىلەر، بۇ بىز ئۈچۈن ئۆلۈم!...

    تۇمان قاپلىغان بازار يېڭىدىن-يېڭى شاۋقۇن تۇغاتتى. سانجاق-سانجاق بولۇشقان كىشلەر تۇمان قېتىدا، شاۋقۇن بويلاپ تىپىرلايتتى. ھەممە ياق، ھەممىلا نەرسە شاۋقۇندىن يارالغاندەكلا ۋە مەڭگۈ شاۋقۇنغا ئەسىر بولۇپ ياشايدىغاندەك ئىدى...

    ۋاقىت شاۋقۇنلاپ ئۆتەتتى. لېكىن، زادى قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى ھىچ كىشى دەپ بېرەلمەيتتى. يوچۇن بالا بولسا، ئۆزىگە يوچۇن كۆرۈنگەن بازارغا قەدەم ئېلىپ ئۈلگۈرگەنىدى.

    قانداق يەر بولغىيتى بۇ؟ كىشلەر نىمانداق كۆپ، نىمىشقا مېڭىشىدۇ، نەگە ئالدىرايدۇ؟

    ئۇنىڭ غۇۋالاشقان تەپەككۇرىدا مۇشۇنداق شوئاللار ئويغانغاندۇر ۋە بەلكى ئۇنى ئالاقزادە قىلىۋەتكەن شاۋقۇن ۋە چىداپ بولماس دەرىجىدىكى تېز رېتىم بۇنچىلىك ئويلاشقىمۇ پۇرسەت بەرمىگەندۇر. لېكىن نېمىلا بولمىسۇن، شۇ تاپتا ئۇنىڭ ھەر قانداق چاغدىكىدىنمۇ بەكرەك مەڭدەپ قېلىۋاتقانلىقى چىراي ئىپادىسىدىنمۇ بىلىنپ تۇرىۋاتاتتى. راست، ئۇنىڭچە ھەممە غەلىتە ئىدى. كۆزىگە چېلىققانلىكى نەرسە غەلىتە كۆرىنەتتى. بىر-بىرىنى ئۈسمەكچىدەك، تاپ باشتۇرماي قوغلىشىپ كېتىۋاتقان ھەر رەڭدىكى ۋە ساناقسىز ماشىنىلار، ئېگىزلىكىدىن ئاسمان قېنى، كۈن قېنى، دېگۈزىۋاتىدىغان ناتۇنۇش بىنالار....ھەممىسى غەلىتە ئىدى. ئۇ ھەيران قالاتتى، ئالاقزادە بولاتتى-يۇ، نېمىشقا كەلگەنلىكىنى بىلمەيتتى. يېنىپ كېتىشمۇ خىيالىغا كەلمەيتتى. پەقەت مېڭىشلا كېرەكتەك، يەنە كېلىپ ئالدىغا مېڭىش ئۈچۈنلا كېلىۋاتقاندەك بىلىنەتتى.

    ئۇنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالغىلى خېلى ۋاقىتلار بولغان يۈرىكى، خۇددى گاڭگىراپ قالغان ئىگىسىنى ئۇرۇپ يېقىتىۋەتمەكچى بولغاندەك كۆكرەك قەپىزىگە زەرب بىلەن ئۇرۇلاتتى. بۇغۇزى ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر قىسىلاتتى. پاناقتەك كۆرۈنىدىغان، قاڭشارلىققىمۇ ئوخشاپ كېتىدىغان بۇرنىنىڭ بىر جۈپ تۆشۈكى نەپەس ئالماشتۇرۇشقا يېتىشمەيۋاتقاندەك ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن، ئۇنىڭ ئېغىزىمۇ ھاڭدەك ئېچىقلىق تۇراتتى. ئوپۇر كۆزلىرى ئەتراپقا ئەندىشىلىك تىكىلەتتى-يۇ، ھېچنېمىنى كۆرمىگەندەك ئىدى. شاۋقۇندىن قۇلاقلىرى يېرىلىپ كېتەي دەيتتى-يۇ، يەنە ھېچنېمىنى ئاڭلىمىغاندەك قىلاتتى. يۈرىكى، ھەي...يەنە شۇ يۈرەك ئەنسىز دۈپۈلدەيتتى. پۈتۈن ۋۇجۇدى ئەندىشىلىك تىتىرەيتتى. چىرايى بولسا، قانسىز، تىنچسىز، چۈشىنىكسىز، تەسۋىرلىگۈسىز....

    ھەممە ئۆز غېمى بىلەن ئالدىراش يۈرسىمۇ، بىراق ھېچكىشى قىزىقىشنى ئۇنتۇپ قالمىغاندى. يوچۇن بالا توغرىسىدىكى خەۋەر ھەممىنى قىزىقتۇراتتى. بازارغا كەينى-كەينىدىن ئاڭلىنىپ تۇرۇۋاتقان يېڭى خەۋەرلەر ئىچىدە بۈگۈنكىسى ئەڭ قىزىقارلىقى ئىدى. چۈنكى، بازاردىكىلەرنىڭ ھېچبىرى ئۆزى ئاڭلىغان ئاجايىپ خەۋەرلەرنىڭ قاتناشچىسىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانىدى. بىراق بۈگۈن ئەھۋال باشقىچە. تېخىمۇ قىزىقى، يوچۇن بالىنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى غەلىتە خەۋەرلەرگە ئەگىشىپ كېلىۋاتقىنى-ھە!

    - ئەنە كەلدى!

    - بىز تەرەپكىمۇ كەلدى!

    سودىگەر-يايمىچىلار ئۆرە-تۆپە بولۇشۇپ كەتتى. قانداقتۇر بىر چوڭ سودىدا زور پايدىغا ئېرىشكەندەك، بىر-بىرسىگە خەۋەر يەتكۈزۈشتى.

    بالا، گۈرۈلدەپ تۇرغان شاۋقۇندىن باشقىسىنى ئاڭلىمايتتى. ئۇنىڭ گاڭگىراش ۋە ئەندىشلىرىدىن پەيدا بولىۋاتقان بىر قاتار غۇۋا گۇمانلىرىمۇ قەلبىنىڭ قات-قېتىغا يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان تىنىمسىز شاۋقۇنلارغا قوشۇلۇپ كەتكەنىدى.

    - بىز تەرەپكە كەلسەڭ زىيان تارتمايسەن. بۇياققا كەل، بالا،- ئۇچاقنىڭ كۈيىسىدەك قارا بىر ئادەم، سەدەپتەك ئاپئاق چىشلىرىنى ھىجايتىپ، يېقىنلاپ كېلىۋاتقان بالىغا پارقىراق خالتىسغا قاچىلانغان ئالمىدىن ئىككى تال تەڭلىدى.

    بالا كەلدى. ئۆزىگە تەڭلەنگەن نەرسىنى ئالاي دەپ ئەمەس، ئىختىيارسىز ۋە تەبىئىي ھالدىلا كەلدى.

    - ھە، ياخشى قىلدىڭ، ھە،- دېدى گېپىمنى چۈشىنىپتۇ دەپ ئويلىغان ھېلىقى قارا ئادەم، باشقىلار ئاڭلىسۇن دېگەندەك ئاۋازىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ،- ئەپتىڭدىن قارىغاندا، سەنمۇ مەندەكلا بىچارىدەك قىلىسەن. يەنە كېلىپ، يىراقتىن كېلىۋېتىپسەن. ئازراق بىر نەرسە يەۋال. ئاندىن پاراڭلىشىمىز. مازاردىن تۇغۇلغىنىڭ راستمۇ، قانداق تۇغۇلدۇڭ....ھەممىنى شۇ چاغدا دەپ بېرىسەن، ھە، نېمىگە قاراپ تۇرىسەن، ئالە.

    بالا بېشىنى ئىككى ياققا ئىرغىتتى. ئۇ ھېچنېمىنى چۈشەنمىگەنىدى.

    نېمىدەپ ئالمايسەن، ئالە!- تېخىمۇ يۇقىرى ئاۋازدا ئەزۋەيلىدى بايىقى ئادەم،- تارتىنما، پەقەت تارتىنما. ئىككىمىزنىڭ بۇرۇنلىرىنىڭ تۆشۈكلىرىمۇ ئوخشايدىكەن. يوغان، ئولتۇرۇشقان...

    - ئۇنىڭكىنى ئالغۇڭ كەلمىسە، ماۋۇنى يە،- ئالدىراپ ۋارقىرىدى خېرىدارىغا بىر نەرسە جىڭلاپ بېرىۋاتقان قىزىل چاچ سودىگەر، كۆپ-كۆك ۋە شالاڭ چىشلىرىنى كۆرسىتىپ كۈلۈپ.

    بالا ھېچنېمىنى ئاڭلىمىغاندەك، بۇ غەلىتە كۆرۈنگەن يايمىچىنىڭ ئالدىدىنمۇ ئۈن-تىنسىز ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ توختىماي ماڭاتتى. تۇشمۇ-تۇشتىن بىر نەرسە تەڭلەپمۇ، ياغدەك سىيلىق گەپ قىلىپمۇ، ھەتتا چاپىنىنىڭ پېشىگە ئېسىلىپ بېقىپمۇ ھېچكىم ئۇنى توختىتالمايتى. سودىگەرلەر ئۇنى تالىشىپ قىزىرىشاتتى. خېرىدارلار سودىسىنى ئۇنتۇپ، ئۇنىڭ ئارقىسىغا توپ-توپ بولۇپ كىرىۋېلىشقانىدى. شوپۇرلار بويۇنداپ قارىشپ، قاتناش قىستاڭچىلىقى پەيدا قىلماقتا ئىدى...

    ئۇ، بازارنىڭ قانداق كوچىلىرىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى بىلمەيتتى. ئۇنىڭغا گەپ قىلغان، بىر نەرسە تەڭلىگەن ۋە ئەگەشكەن ئادەملەرنىڭمۇ سانى يوق ئىدى. ئۇ پەقەتلا ماڭاتتى، ماڭاتتى...

    - مازاردىن تۇغۇلغان بولساڭمۇ ئادەمگە ئوخشايدىكەنسەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، شالاڭراق بولسىمۇ ساقىلىڭ بارىكەن. قېنى، يېنىمغا بىر كەلگىنە ئاداش،- دېدى ساقاللىرى شالاڭ كەلگەن، پىستان كۆز بىر ئادەم، يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بالىغا قولىنى ئۇزارتىپ،- قانداق كەلدىڭ، نېمە ئىش قىلىسەن، بىر پاراڭلىشپ باقايلى. ئەگەر ماشىنا ھەيدىيەلىسەڭ، سېنى يېنىمدا ئەپقالاي. ساقىلىڭغا مەستلىكىم كېلىپ قالدى مېنىڭ. شۇ ساقىلىڭنىڭ يۈز-خاتىرىسى ئۈچۈن....

    بالا ھېچنېمىنى ئاڭقىرمايلا، ھاڭۋاققىنىچە بىردەم تۇرۇپ كەتتى. بۇنى كۆرگەن شالاڭ ساقال ئادەم، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئۆزىگە ھەۋەس بىلەن قاراشلىرىغا قوشۇلۇپ تېخىمۇ خۇش بولۇپ كەتتى ۋە:

    - يېنىمدا تۇرساڭ زىيان تارتمايسەن. بەك ماشىنا ھەيدىگۈڭ كەلمىسە، باشقا ئىش قىلساڭمۇ بولىدۇ. تورۇبا يولىنى رېمونت قىلىسەن، تەرجىمە شىركىتىدە ماتېرىيال تەرجىمە قىلىسەن .... _ دېدى.

    - مەندە ئىشلىسەڭ، شەخسىي ئايرۇپىلانىمنى ھەيدەپ بېرىسەن.

    - ئات دېگەن نەرسىنى مىنەلەمسەن، تىرت چۇ! قىلىپ، مۇنداق،- ئاتقا مىنگەننىڭ ھالىتىنى كۆرسەتتى پور كۆتەك يەنە بىر ئادەم،- ئەگەر مىنەلىسەڭ، ئەڭ يۇقىرى مائاش بېرىپ ئىشلىتىمەن. مەندە ماشنا، ئايرۇپىلان ھەيدەيدىغانلار تولا، ئات مىنەلەيدىغانلار يوق. ئات دېگەن نەرسىنىڭ ئايرۇپىلاندەك خوتى، رولى بولغان بولسىغۇ...

    شۇنچە گەپ بىكار كەتتى. بالا كۆزىنى بىردەم مۆلدۈرلىتىپ قاراپ تۇرىۋېتىپ، بېشىنى ئاۋۋالقىدەكلا ئىككى يانغا ئىرغىتتى. ئۇ، مىغىلداپ تۇرغان ئادەملەر توپى قېتىدا، قولاشمايۋاتقان پۇتلىرىنى نەگە قويۇشنى بىلمەي دېگۈدەك كېلىۋاتاتتى.

    - يوچۇن بالا گاچىكەن!

      تەۋرەپ تۇرغان شاۋقۇنلۇق بازاردا بىردىنلا مۇشۇنداق گەپ تارقالدى. قىزىقسنغان، ئەس-خىيالى يوچۇن بالا ھەققىدىكى ئاجايىباتلاردا قالغان كىشلەر بۇ ئۇچۇرنىمۇ ھەممە ياققا تارتىپ ئۈلگۈردى. بالا بولسا، ئاۋۋالقىدەكلا ماڭاتتى، گاڭگىرايتتى...

    - گاچا بولغان بولسا، ئەلۋەتتە ھەم گاس دېگەن گەپتە،- يوچۇن بالا سەۋەبىدىن ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان يەنە بىر كوچىدىكى كۆككۆز ئادەم، شاۋقۇن قېتىدا قىستىشىپ تۇرغان كىشلەرگە ۋارقىراپ تۇرۇپ شۇنداق دەيتتى،- قارامۇق كوچىدىكىلەر بىكار ئاۋارە بوپتۇ.

    - ھەي بالا، سېنى گاچا دەيدۇ، راستمۇ؟- دېدى يوچۇن بالىنىڭ يېنىغىلا كېلىپ قالغان تاقىرباش بىر ئادەم ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ،- مانا، قۇلۇڭ بىزنىڭكىدەك گۆش-سۆڭەكتىن پۈتكەن قولكەن. ھەممىلا يېرىڭ بىزگە ئوخشايدىكەن. راستتىنلا ئادەم ئىكەنسەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمىشقا سۆزلىيەلمەيسەن، تىلىڭغا نىمە بولدى؟

    - گاچا بولسا، مەن ئۇنى ئىشلەتمەيمەن. تىلى يوق ئادەم يوق ھېسابىدىكى ئادەم.

    - توغرا دەيسەن، گاس بولسىمۇ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، خەقنىڭ گېپىنى ئۇقمىسا قانداق بولىدۇ.

    - ھاي!...ھاي-ي-ي!...ھە، مۇشۇنداق دەپ ۋارقىراپ باق دەۋاتىدۇ،-گەپ قىستۇردى ياندىكى يەنە بىر ئادەم قاتتىق توۋلاپ تۇرۇپ.

    -ئى،ئى!...

    بالىنىڭ قېلىن كالپۇكلىرى قېتىدىن تۇيۇقسىز باچكىنىڭ زەئىپ قىچقىرىشىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئاۋاز چىقتى. بۇ ئاۋاز شۇنچە پەس ۋە ئۇقۇمسىز بولسىمۇ، بازاردىكى ھەممىلا ئادەم تولۇق ئاڭلىغاندەك بولدى.

    - گاس ئەمەسكەن، گاچىكەن.

    - نەدە گاچا بولىدۇ، گومۇشكەن.

    - گومۇش دېگەن قانداق گەپ، سۆزلىيەلمەيدىكەن.

    - ياق، ئۇنىڭ ئاۋازى بارىكەن. دېمەك، گاسمۇ، گاچىمۇ ئەمەستەك. گېلىنىڭ بىر يەرلىرىدە تىلىنى بۇغۇپ تۇرۇۋاتقان بىرەر توسالغۇ بارمۇ قانداق؟

    - ھازىر تارقىلىۋاتقان كېسەللەرگە بىر نېمە دەپ بولمايدۇ.

    - گاس بولامدۇ، گاچا بولامدۇ بەرىبىر، ماڭا ئىشلەپ بېرىشكە ئۇنىسىلا، ئۇنى يېنىمدا ئېلىپ قالىمەن. ھىچ ئىشقا يارىمىسا، تۆمۈر قەپەسكە سۇلاپ كۆرگەزمە قىلىمەن. مۇشۇنىڭ ئۆزىمۇ پۇل.

    بازار ئەھلى مۇلاھىزە قىلىشاتتى، تالىشاتتى، گۇمانسىرايتتى، ئۈمىدسىزلىنەتتى.

    - ھېچنېمىنى چۈشەنمىسە، ئادەم دېگىلى بولامدۇ؟

    -چۈشەنگىلى بولمايدىغان قانداق بالا ئۇ؟

    بالا راستىنلا ھېچنېمىنى چۈشەنمىگەنىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ھېچقانداق بىر نەرسە ئۇنى ئۆزىگە تارتالمايتتى. ئۇنىڭ قۇلاقلىرىغا ھامان بىر خىل ئاۋاز-مەنىسىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئارىلاشما گۈلدۈرلەشلەر ئاڭلىنىپ تۇراتتى. كۆزلىرى بولسا ئاۋۋالقىدەكلا مۆلدۈرلەيتتى. ئالاقزادە، چۈشىنىكسىز، تېنچسىز، نۇرسىز.....

    - يوچۇن بالا ئۆلۈككەن!

    - مانا دېمىدىممۇ، مازاردىن پەقەت ئۆلۈكلا تۇغۇلىدۇ!

    - ئالدىنىپتۇق!

    - ئۆلۈكنىڭلا سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى ئۇنتۇپتۇق!

    بازاردا يەنە نۇرغۇن گەپلەر بولۇنغاندۇ. كىم بىلىدۇ، تالاي كىشلەر ئېغىزغا ئالغۇسىز سۆزلەر بىلەن ئۇنى ھاقارەت قىلغاندۇ. لېكىن، بۇلار بالا ئۈچۈن ئەھمىيەتسىز ئىدى. ھەممە بىر بولۇپ، پەلەككە يەتكىدەك يۇقىرى ئاۋازدا توۋلىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭغا پەقەت غۇڭۇلداش، ئاخىرىغا بېرىپ گۈرۈلدەش بولۇپلا ئاڭلىناتتى. ماختاش، تىللاش، قىزىقتۇرۇش، قورقۇتۇش....ھەممىسى ئوخشاش ئىدى.

    مېڭىش داۋام قىلاتتى. مەنبەسىز، مەنزىلسىز، خۇددى كونتروللىقىنى يوقاتقان ماشىنا ئادەمدەك.

    ئالاقزادىلىك....ۋە يەنە بىپەرۋالىق....

    زىدىيەتلىك، مۇرەككەپ ۋە چۈشىنىكسىز بىر ھالەتتە كېتىۋاتقان بالا تۇيۇقسىزلا چۆچۈپ توختىدى. ھەئە، بازاردىكى ھەممىنى ھەيران قالدۇرۇپ توختىدى. بىرەر كىشىنىڭ زورى بىلەن ئەمەس، نېمىتى ۋە گېپى بىلەنمۇ ئەمەس، ئۆزى خالاپ توختىدى. بۇ ھال ھەممىنى ھەيران قالدۇردى.

    - ھەر نېمە قىلساقمۇ توختىمىغان بۇ بالىغا ئەمدى نېمە بولغاندۇ؟

    - ھېچنېمىگە قىزىقمايدىغان گومۇشقا نېمە تەسىر قىلغاندۇ؟

    كىشلەر، تۇمانغا ئارىلىشىپ كەتكەن شاۋقۇن قېتىدىن ئۇنىڭغا يېڭىباشتىن نەزەر سالدى. بالا، بازارغا قەدەم باسقاندىن بويان تۇنجى قېتىم بېشىنى ئېگىز كۆتۈرگەنىدى. ئۇ بېشىنى تىك ۋە سەل يېنىچە تۇتۇپ قانداقتۇر بىر ئاۋازغا دىققەت قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئاڭلااۋتقىنى قانداق ئاۋازدۇ؟ قايسى تەرەپتىن كېلىۋاتقاندۇ؟ ھەممىسىنىڭ كاللىسىدا شۇ بىرلا سوئال ئىدى. ئەمما، ھېچ بىرىدىن جاۋاب چىقمايتتى.

    بالا ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان قىزغىنلىق ۋە ئاجايىپ بىر خىل ئاڭلىقلىق بىلەن، كوچىنىڭ چېىتىدىكى تارچۇققا قاراپ ماڭدى. ئۇنىڭ تېزلەشكەن قەدەملىرىگە، قەدەمدىن بۇرۇن تېمىسقىلاپ كېتىۋاتقان قۇلاقلىرىغا، ھۇشيارلىق كۈچىدىن ئويناپ ۋە چىمىلداپ تۇرغان كۆزلىرىگە كەسىكىن بىر مۇددىئا سىڭىپ كەتكەنىدى....

    ئۇ، ئەمدى ئېنىق ئاڭلىدى، ئۈچ تەرىپى ئەينەك بىلەن توسۇلغان كىچىككىنە بىر ئۆيدىن مۇزىكا ئاڭلىنىۋاتاتتى!

    دۇكان ئىگىسى سىرتقا ئاڭلىنىۋاتقان مۇزىكىنىڭ ئاۋازىنى بىردىنلا كۆتۈرىۋەتتى. بازار ئەھلى ھەمىشە ئاڭلاپ تۇرىدىغان، لېكىن ھېچكىشى ئېتىبار بەرمەيدىغان قەدىمىي بىر كۈي تار كوچىنى لەرزىگە سالدى. بالىنى جەلپ قىلىپ كەلگىنى مۇشۇ كۈي، دەل مۇشۇ كۈي ئىدى.

    ئۇ، ئەتراپقا ئولىشىۋالغان سان-ساناقسىز كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ، جۇشقۇن بىر ھالەتكە ئۆتتى. قانداقتۇر بىر كۈچ تومۇر-تومۇرلىرىدىكى ئويىغان قانلارنى قىزىتىۋاتقاندەك، ئۇرنىدا تۇرالمايلا قالدى. قەدەم ئېلىشقا قولاشمايۋاتقاندەك كۆرۈنىۋاتقان پۇتلىرى نېمىدىندۇر قۇۋۋەت تاپقاندەك، يەڭگىل دىكىلداشقا باشلىدى. بار بىلەن يوقنىڭ ئارىلىقىدا سېلىنىپ كەلگەن كۈچسىز قوللىرى پۇتلىرى بىلەن بەسلىشىۋاتقاندەك، ئۆز-ئۆزىنى دەڭسەپ كۆرمەكچى بولغاندەك ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلۈپ، پۇتىغا ماس ھەركەتلىنىشكە باشلىدى....

    مۇزىكا تېخىمۇ كۈچەيدى....شاۋقۇن مۇزىكىدىنمۇ كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن بالىنىڭ سەزگۈلىرى مۇزىكا تەرەپكە تامامەن ئېغىپ كەتكەنىدى. شۇڭا، شاۋقۇنمۇ بىلىنمەيتتى. تۇمانمۇ سېزىلمەيتتى. مۇزىكا زامانىۋىي ئوركىستېر بىلەن ئورۇنلانغانىدى. ئۇنىڭ بىر يەرلىرى قايسى بىر ئەلنىڭ مۇزىكىسىدەك ئاڭلىناتتى، يەنە قايسى بىر مىلودىيەسى ھەمىشە ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان مودا مۇزىكىلارنڭكىگىمۇ ئوخشاپ كېتەتتى. قىسقىسى، بۇ، ئەبجەش مۇزىكىدەك ئىدى. ئەمما، ئۇنىڭدىن سېزىلىپ تۇرىۋاتقان ئۆزگەرمەس ۋە ئۆزگىچە بىر رېتىم، مۇزىكىنىڭ ئومۇرتقا قىسمىنى تەشكىل قىلىپ تۇرغان بىر مىلودىيە بالىغا بارغانسېرى ئايدىڭ بولۇپ قېلىۋاتاتتى. ئەمدىلىكتە، مۇزىكا قانچىلىك ئۆزگىرىش ياسىسۇن ۋە بۇزۇپ چېلىنسۇن، بەرىبىر ئىدى. جۇشقۇن، مەردانە، ئۆزگەرمەس ۋە يوقالماس بىر رېتىم ئۇنى ئۆزىگە تارتىپ باراتتى. ئۇنىڭ پوستلاق قېتىدىن ھەقىقىي، گۈزەل بىر ئودار يۈز ئېچىپ ئۈلگۈرگەنىدى. ئۇ ئۇدار ئېنىق، كۈچلۈك، رېتىملىق ۋە تارتىملىق ئىدى!....

    بالا ئۆزىنى باشقۇرۇشقا ئامالسىز قالدى. كۈچلۈك ئۇدار تەسىرىدە، مېڭىسىنىڭ قانداقتۇر بىر قاراڭغۇ پوستى سويۇلۇپ چۈشكەندەك، چوڭقۇر بىر جايلاردىن يورۇق رېتىم بىلەن تومورداش نېرىفلار تىرىلىپ چىقىۋاتقاندەك بىلىندى. ئۇنىڭ پۈتۈن بەدەنلىرى ئوت بولۇپ ياناتتى. ۋۇجۇدى ئۇچۇشقا تەييار تۇرغان قۇش قاناتلىرىدەك لىغىلداپ تىتىرەيتتى. قاتقان تەپەككۈرى، ئۇنتۇلغان خاتىرىلىرى، مۇزلىغان خىيال ۋە تەسەۋۋرۇلىرى ...ھەممە، ھەممىسى پورۇقلاپ قايناۋاتقاندەك، چاراسلاپ يېرىلىۋاتقاندەك، كۈچ بىلەن، زەرب بىلەن قاسراق تاشلاۋاتقاندەك بىلىنەتتى. تومۇرلىرىدا ئېقىۋاتقىنى، قان ئەمەس، ئوت ئىدى. ئۇ كۆيدۈرگۈچ كەلكۈن بولۇپ تومۇر-تومۇرلارغا يامرايتتى. بەدەننىڭ ھەممىلا يېرىنى قىزدۇرۇپ، كۆيدۈرۈپ ئۆتەتتى. ھەممە ئۇيغۇنۇش، ھەممە تىرىلىش مانا مۇشۇ يەردىن باشلىناتتى....

    تۇنۇش رېتىم...

    تۇنۇش مىلودىيە....

    - مەن گاچا!!

    بالا قىزىش چېكىگە يەتكەن ئارغىماقتەك ۋارقىرىغان ۋە سەكرىگەن پېتى ئۇسسۇلغا چۈشتى. ئۇ ئۆزى ئىزدىگەن قانداقتۇر بىر نەرسىنى تېپىۋالغاندەك قىلاتتى. شۇئان، ئۇنىڭ كۆزىگە ئۇسسۇل ئويناۋاتقان تونۇش گەۋدىلەر كۆرۈنگەندەك بولدى. كۆز ئالدىدىكى ساناقسىز كىشىلەرمۇ ئۇسسۇل ئويناۋاتقاندەك ھالەتتە كۆرۈندى.

    - مەن ئۇسسۇل ئوينايدىغان گاچا، سىلەرمۇ ئويناڭلار، ھەممىمىز ئوينايلى!

    ئۇ ئۆزىنى قويۇۋېتىپ ئوينايتتى. ۋارقىرايتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ كىشىلەر كۆرگەن گومۇش ھالىتىدىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى. ئەتراپتىكىلەر كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قېلىشتى. ئاجايىپ بىر مۆجىزە يۈز بەرگەندەك ئېغىزلىرىنى ھاڭدەك ئېچىشىپ، كۆز ئالدىدىكى كارامەتكە قاراپ بۇتتەك قېتىپ قېلىشتى. تېخى ھېلىلا ھېچنېمىنى چۈشەنمەي يۈرگەن گومۇش مۇشۇ شۇمۇ. «ئىھ-ئىھ» دىن باشقا بېرەر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرەلمىگەن گاچا مۇشۇ بالا شۇمۇ. دۇنيا نېمە بولۇپ كەتتى. بۇ بازار نېمە بولۇپ كەتتى ئەمدى؟

    ھەممە ھەيران، پۈتۈن بازار ھەيرەتتە ئىدى. بالا بولسا، تېخىمۇ ھەيران قالسۇن دېگەندەك، زوق-شوخ بىلەن ئۇسسۇلغا تەگكەنىدى. ئۇنىڭ پىرقىراۋاتقىنى قانداق ئۇسسۇل ئىكەنلىكىنى ھېچكىشى بىلمەيتتى. لېكىن ئۇسسۇل دېيىلىدىغان سەنئەت ھەركىتى ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان ئىدى. يائاللا، ئۇسسۇل دېگەنمۇ ئاجايىپ چىرايلىق ئوينۇلىدىغان ھەرىكەت ئىكەن. نەدە يۈرۈپ ئۆگەنگەن بولغىيدى بۇ گاچا، ياق، بۇ بالا. مۇشۇنداق چىرايلىق ھەرىكەتنى بازار ئەھلى نېمىشقا بىلمەيدىغاندۇ؟ بۇ بالا كىم ئۈچۈن، نېمىشقا ئوينايدىغاندۇ. ئۇسسۇل ئويناپ پۇل تاپقىلى بولامدىغاندۇ، يا ئۇسسۇل گاچىغا زۇۋان، گومۇشقا جۈرئەت بېرىدىغان ھەرىكەتمىدۇ؟

    مۇزىكا ئۇدارى بارغانسېرى كۈچىيەتتى. ئۇسسۇل ئىچىگە كىرىپ كەتكەن ۋىجىك گەۋدە گويا مۆجىزىلىك ئۇسسۇل ماشىنىسىدەك تېنىمسىز چۆرۈلەتتى، پىرقىرايتتى. ئۇنىڭ تولغۇنۇشلىرى ئۇسسۇل، قول كۆتۈرۈشلىرى ئۇسسۇل، قەدەم يۆتكەشلىرى، ھەتتا سەكرەشلىرىمۇ ئۇسسۇل ئىدى. ئۇنىڭ ھەربىر ھەرىكىتى ئەتراپتىكىلەرنىڭ كۆرۈش سەزگۈسىگە ئۆچمەس سۈرەت بولۇپ سىزىلاتتى. سۈرەت سۈرەتكە ئۇلۇشۇپ كېلەتتى. سۈرەت سۈرەتنى پۈتۈنلەپ باراتتى. ھەيرانلىق قاپلىغان ۋۇجۇدلاردىكى مۇكەممەللەشكەن سۈرەتلەر ئەمدى قانغا ئۆتۈشكە باشلىغانىدى. مۇسكۇللار غىدىقلىناتتى، تومۇرلار كۆپىشەتتى....

    دۇكان ئىگىسى توختىتىپ قويدىمۇ ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ، مۇزىكا تويۇقسىز توختاپ قالدى. ئەمما، بالا بۇنى سەزمەيتتى. ئۇنىڭ نەزىرىدە، مۇزىكا تېخىمۇ جۇشقۇن، ئويناق ئۇدار بىلەن ياڭراۋاتاتتى. بازاردىكى ھەممىلا ئادەم ئۆزىگە ئوخشاشلا ئۇسسۇل دۇنياسىغا كىرىپ كەتكەنىدى. ئادەملەر ئوينايتتى. بازار ئاۋۋالقىدەكلا قاينايتتى.....

    - ئوينا!....

    - ئوينا!....

    بالا ئۆزىنى ئونتۇغان ھالدا ئويناۋېتىپ، بىردىنلا يولنىڭ چېتىدە تاشلىنىپ قالغان تاياقچىغا ئېسىلدى ۋە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇنى ئىككى قىلىپ سۇندۇرۇپ، يايمىچىنىڭ ئالدىدىكى كونا داسنى تاراڭشىتىپ چېلىپ ئۈلگۈردى. بىر جۈپ قاتتىق تاياق داسقا رېتىملىق، ئەمما شىددەتلىك ئۇرۇلاتتى. داس بولسا داراڭلايتتى، تاراڭلايتتى، ياق مۇزىكا بولۇپ جاراڭلايتتى!

    ئۇ مەمنۇنىيەت بىلەن چېلىۋېتىپ، ئىختىيارسىز ھالدا ئارقىسىغا قاراپ قويدى. قارىدى-يۇ، ھەيرانلىق ۋە ھاياجاندىن يۈرىكى يېرىلىپ كېتىشكە تاس قالدى: مازار كىشىلىرى ئۇنىڭ ئارقىسىدا سەپ بولۇپ ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى!

    ئەمدى ئۇ، ناخشىنىمۇ ئۆزى توۋلاۋاتاتتى. ئىچ-ئىچىدىن ئۆرلەپ چىقىۋاتقان ھەيرانلىق ۋە بېسىۋالغۇسىز ھاياجان ناخشا بولۇپ تۆكۈلمەكتە ئىدى.

    - مەن گاچا، ناخشا ئېيتىدىغان!

    - مەنمۇ گاچا، ئۇسسۇل ئوينايدىغان!

    - مەنمۇ گاچا، مۇزىكا تىڭشايدىغان!

    نۇرغۇن كىشلەر ئۆزىلا بىلىدىغان تىلدا، تەرەپ-تەرەپتىن شۇنداق دەپ ۋارقىراشقا باشلىدى. لېكىن، مەزمۇنداش گەپلەرنى دەۋاتقانلىقىنى ھېچقايسىسى بىلىشمەيتتى. داسقا تەڭكەش قىلىپ  ئېيتىلۋاتقان ناخشىنى تېخىمۇ چۈشەنمەيتتى. ئۇلارنىڭ، ئوتتۇرىغا ۋارقىراپ چۈشىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئورتاق بىلىدىغان بىر تەرسىسى-ئۇدار، تونۇش، قەدىمىي، جۇشقۇن ۋە مەردانە ئۇدار ئىدى. باياتىن بېرى قانلارنى قىزىتقانمۇ، قىزىغان قانلاردىن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقانمۇ يەنىلا مۇشۇ تۈگىمەس ئۇدار ئىدى!

    - ئوينايلى!....

    - ئوينا!...

    مانا ئەمدى ھېچكىشىنى توسىۋالغىلى بولمايتىتى. گاچا بىلەن گومۇش، بازارلىق بىلەن مازارلىق غايەت زور ئۇسسۇل قوشۇنى بولۇپ، بىر-بىرىگە كىرىشىپ كەتكەنىدى. بالا بولسا، ئۇسسۇلچىلار توپىنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدا كونا داسنى قىزغىنلىق بىلەن تاراڭشىتىپ، مازار ئەھلىگە تونۇش، ئەمما ئۆزىلا ئېيتالايدىغان ناخشىسىنى تىماي توۋلايتتى....

    - تاپتىم، ئۇلارنىڭ ئوخشايدىغان يېرىنى تاپتىم، ئۇستاز!

    ئەتراپنى بولۇتلار ئوراپ تۇرغان ئېگىز بىنادىكى تەتقىقاتخانىدا، كومپيۇتېرغا ئەمەس، بازاردىكى مۆجىزىلىك كۆرۈنۈشلەرگە قاراپ تۇرغان قاپ-قارا ساقاللىق بىر يىگىت شۇنداق دەپ ۋارقىرىغىنىچە پەسكە قاراپ يۈگۈردى.

    « بۇ، كۈندە دېگۈدەك مۆجىزە يۈز بېرىپ تۇرىدىغان بازار ئىكەن.» ئۇزۇن زامانلار ئۆتكەندىن كېين، كىشلەر ئەستايىدىل بىر تارىخچىنىڭ خاتىرىسىدىن شۇنداق جۈملىلەرنى كۆرۈشتى.«مازارنىڭ ئانا بولغىنىنى ئاڭلاپ ھەيران قېلىۋىدىم. مانا ئەمدى غەلىتە بىر مۇزىكا مازار ئەھلىنى ئۇسسۇل قېتىدا تىرىلدۈردى. قانداقتۇر بىر مۇزىكا بىلەنلا، گومۇشلارنىڭ ئۇسسۇل ئوينايدىغان، گاچىلارنىڭ ناخشا ئېيتىدىغان بولۇپ كەتكىنىگە تېخىمۇ ھەيرانمەن...»

    تارىخ ئوبزورچىلىرىنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە بۇ خاتىرىگە قانداق باھا بېرىدىغانلىقىنى ھازىرچە بىلگىلى بولمايتتى. بىلىدىغىنىمىز: بازار يېڭىچە بىر شاۋقۇندا قاينايتتى...

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.