ۋۇ زېتىيەننىڭ پۇشايمىنى

يوللىغۇچى : guljennet يوللىغان ۋاقىت : 2011-11-30 19:50:44

ۋۇ زېتىيەننىڭ پۇشايمىنىتۇرسۇنبەگ ئىبراھىمئۆمرىدە پۇشايمان قىلمايدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك. گەرچە بەزىلەر ھاياتىنىڭ مەلۇم باسقۇچىدىكى مەلۇم بىر ئىشقا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى ناماي...



    ۋۇ زېتىيەننىڭ پۇشايمىنى

    تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم

    ئۆمرىدە پۇشايمان قىلمايدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك. گەرچە بەزىلەر ھاياتىنىڭ مەلۇم باسقۇچىدىكى مەلۇم بىر ئىشقا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ «مەن قىلغان بۇ ئىشىمدىن ھەرگىز پۇشايمان قىلمايمەن!»دېگەن مەردانە سۆزىنى پات-پات تەكرارلاپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئوبىكتىپ قانۇنىيەت نوقتىسىدىن ئېيتقاندا،ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدىكى ھەممە ئىشىدىن ھەرگىز پۇشايمان قىلماسلىقى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، بىرىنچىدىن: بۇدۇنيادا ھىچقانداق بىر ئىش مەڭگۈلۈك ئەمەس. بىز ياشاۋاتقان يەرشارىنىڭ قۇياشنى ۋە ئۆز ئوقىنى چۆرىدەپ تىنىمسىز ئايلىنىپ تۇرىشىغا ئەگىشىپ، ھەممىلا نەرسە ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بۇدۇنيا بۈگۈن بىلەن ئەتىنىڭ قىممەت قارشى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، بۈگۈن پۇشايمان قىلمىغان  ئىشقا ئەتە پۇشايمان قىلىپ قالىدىغان ئەھۋال دائىم بولۇپ تۇرىدۇ. ئىككىنچىدىن: ئىنسان دۇچ كېلىدىغان سان-ساناقسىز ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە، مەيلى بىۋاسىتە ياكى ۋاستىلىك بولسۇن، ھامان تاللاشقا دۇچ كېلىدىغان بولغاچقا، ھىچكىممۇ ئەتە ھەرگىز پۇشايمان قىلمايدىغان نەرسىنى بۈگۈن يۈزدە يۈز توغرا تاللاپ بولالمايدۇ. جۇڭگو تارىخىدىكى بىردىنبىر ئايال پادىشاھ ۋۇ زېتىيەننىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىكى پۇشايمانلىرىمۇ يۇقىرىقى نوقتىنى تۇللۇق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.

    ۋۇ زېتىيەن ئەسلىدە تاڭ سۇلالىسىنىڭ تۇنجى پادىشاھى تاڭ تەيزۇڭنىڭ ئوردىسىدىكى ھۈنەر-كەسىپ پىرقىسىنىڭ دىۋان بېگى ۋۇ شىيۇنىڭ ئىككىنچى قىزى بولۇپ، پادىشاھقا چەكسىز سادىق ۋۇشىيۇ، تاڭ تەيزۇڭ قازا قىلغاندا ھەددىن زىيادە ھەسرەت چىكىپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن، ۋۇ زېتىيەن 12 يېشىدا ئانىسى بىلەن يۇرتى ۋىنشۈيگە قايتىپ كېتىپ، ئىمتىيازلىق مەنسەپدار ئائىلىسىدىن ئاددى پۇقرا قاتارىغا ئۆتۈشكە مەجبۇر بولغان. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ، ئوردا كېنىزەك تاللىغاندا، ۋۇشىيۇنىڭ پادىشاھقا سادىقلىقى نەزەرگە ئېلىنىپ، ۋۇ زېتىيەنگە ئوردا ھەرەمخانىسىنىڭ كېنىزەكلىكىگە قوبۇل قىلىنغانلىق ھەققىدە چاقىرىقنامە ئەۋەتىلگەن. ۋۇ زېتىيەن 14 يېشىدا ئوردا ھەرەمخانىسىغا كېنىزەك بولۇپ كىرگەندىن باشلاپ تاكى تاڭ سۇلالىسىنىڭ تەختىنى قولغا ئالغۇچە بولغان ئارلىقتا، باشتىن-ئاخىر قىلچە بوشاشماي بارلىق پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ،ۋاستە تاللىماي، ھەتتا ئۆز بالىسىنى ئۆزى بۇغۇپ ئۆلتۈرۈشتەك رەزىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىگە-ئۆزى پۇرسەت يارىتىپ، ئىزچىل تۈردە يۇقىرىغا ياماشقان.

    تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھەرەم تۈزۈمىدە، پادىشاھنىڭ ئىلىكىدە بىر خانىش ،تۆت بانۇ، توققۇز توقال، توققۇز ئاغىچا، تۆت گۈزەل، بەش قابىل بولغاندىن باشقا، نىشانلىق خانىشلار دەپ ئاتىلىدىغان يىگىرمە يەتتە نەپەر كېنىزەك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەرىجە تەمىناتى بولغان . خانىش بانۇ ۋە توقاللار پادىشاھنىڭ خوتۇنلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەخسۇس كېنىزەكلىرى بولغاندىن باشقا، ئاغىچا ۋە ئۇلاردىن تۆۋەنلىرى ھەرەمدە نەزىر-چىراغ، بەزمە-زىياپەتلەرنى باشقۇرۇش، زىبۇ-زىننەت، كىيىم-كىچەك تەييارلاش قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل قىلىنغان. ۋۇ زېتىيەن ھەرەمگە كىرگەندىن كېيىن، «قابىل»لىققا تاللىنىپ، ئاۋۋال مەھرەم ۋازارىتىنىڭ بىلىم يۇرتىغا ئەۋەتىلگەن. ئۇ يەردە يېزىقچىلىق، نەسىرنامە، يوسۇننامە، نەزمىنامە، خەتتاتلىق قاتارلىقلارنى ئۆگەنگەندىن باشقا، پادىشاھ، خانىش ۋە بانۇلارنى قانداق كۈتۈشكە دائىر ئەدەپ -قائىدىلەرنى ئۆگەنگەن. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، بىر تاسادىپىي پۇرسەتتە پادىشاھ تاڭ تەيزۇڭنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشىپ، ئۇنىڭ خۇسۇسىي كۈتۈپخانىسىنىڭ كېنىزىكى بولۇپ قالغان. بۇ جەرياندا كۈتۈپخانىدا ئولتۇرۇپ كونا يېڭى پۈتۈكلەرنى تۈپلەش بىلەن بىرگە، تاشقىرىدا ۋەزىر-ۋۇزىرالارنىڭ قىلىشقان سۆھبىتىگە قۇلاق سېلىپ، ئوردىنىڭ ئەمەلدارلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش، مۇكاپاتلاش-جازالاش، باج-سېلىق يىغىش، جىنايى-جازا يۈرگۈزۈش، چىگرالاردىكى ئۇرۇش ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇش قاتارلىق دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىدىن خەۋەردار بولۇپ، «ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قۇلاق سېلىش» قا ئادەتلىنىپ كەتكەن. ۋۇ زېتىيەن ئەتراپىدىكى كېنىزەكلەرنىڭ قايسىسى پادىشاھقا يېقىن بولسا، جۈملىدىن قايسىسى پادىشاھقا ياراپ قالسا، ئاۋۋال توقاللىققا، ئاندىن بانۇلىققا ئۆستۈرۈلدىغانلىقىنى ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئۇققاندىن كېيىن، ئۆزىگىمۇ شۇنداق بىر پۇرسەتنىڭ نېسىپ بۇلىشىنى ئارزۇ قىلىپ ئۇزاق كۈتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنداق پۇرسەت ئۆزلىگىدىن نېسىپ بولمىغان. تەيزۇڭ خاننىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى سەزگەن ۋۇ زېتىيەن بارا-بارا سەگەكلىشىپ، كىيىنكى قەدەمدە ئۈمىدىنى ۋەلىئەھدىگە باغلىغان، ۋەلىئەھدى لىجى گەرچە ۋۇ زېتىيەندىن ياشتا كىچىكرەك بولسىمۇ، لېكىن ۋۇ زېتىيەن ئۇنى قولدىن چىقىرىپ قويسا ئۆمۈر بويى ھەرەمدە كېنىزەك بولۇپ ئۆتۈش تەقدىرىدىن ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، پادىشاھنىڭ كۈتۈپخانىسىدا ئىشلەشتەك ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ، ۋەلىئەھدى بىلەن ئۇچرىشىپلا قالسا مەنىلىك كۈلۈپ قويۇش، سۈركۈلۈپ ئۆتۈش، كەينىدىن قاراپ قېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇنى ئۆزىگە راپ قىلىشنىڭ كويىغا چۈشكەن.

    بىراق جاھاندىكى ئىشلار ئادەمنىڭ ئارزۇسىغا باقمايدۇ. پادىشاھ تاڭ تەيزۇڭنىڭ ئۆلۈمى، ۋۇ زېتىيەننىڭ شىرىن ئارزۇلىرىنى كۆپۈكتەك توزۇتۇپ، ئۇنى ئوردا كۈتۈپخانىسىدىكى تەلەيلىك كېنىزەكتىن، بۇتخانىدىكى بىچارە راھىبەگە ئايلاندۇرۇپ قويغان.ئوردا ھەرەمخانىسىنىڭ ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قائىدىسى بويىچە، پادىشاھ ئالەمدىن ئۆتكەندە ھەرەمخانىدىكى تۇغمىغان توقال-ئاغىچىلار خانلىق ئىبادەتخانىغا بېرىپ راھىبە بولۇپ، ئالەمدىن ئۆتكەن پادىشاھنىڭ روھىغا دۇئا-تىلاۋەت قىلىشى، مەرھۇم پادىشاھ ئۈچۈن پاكلىقىنى ساقلىشى شەرت بولغاچقا، ۋۇ زېتىيەنمۇ بۇ تەقدىردىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. گەرچە ۋۇ زېتىيەننىڭ راھىبە بۇلۇشنى قەدىمكى زامانلاردىكى پادىشاھ ئۆلسە، توقال-ئاغىچىلىرىمۇ بىللە قوشۇپ دەپنە قىلىپ، پادىشاھقا گۆردە ھەمرا بولىدىغان غەلىتە يوسۇنلارغا سېلىشتۇرغاندا ھەر ھالدا يەڭگىل دىيىشكە بولسىمۇ، چېچىنى چۈشۈرۈپ بۇتخانىدا راھىبە بولۇپ، نورمال ياشاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم ھالدا، قاراڭغۇ ئۆيلەردە جېنىنى ئاران ساقلاپ قېلىش ۋۇجۇدىدا سۆيگۈ ئىشقى يامراپ، يۈرىكىدە يېڭى پادىشاھنىڭ بانۇسى بۇلۇشتىن ئىبارەت شىرىن ئارزۇ جۇش ئۇرۇۋاتقان ياش ۋۇ زېتىيەنگە ئېغىر زەربە بولغان. شۇنداقتىمۇ ئۇ لىۋىنى چىڭ چىشلەپ بەرداشلىق بېرىپ، شىرىن ئارزۇ-ئۈمىدلىرىدىن زادىلا ۋاز كەچمىگەن. ئەكسىچە مەرھۇم پادىشاھنىڭ تاۋۇتىنى ساقلاش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، پادىشاھلىق نامىنى تاڭ گاۋزۇڭغا ئۆزگەرتكەن بۇرۇنقى ۋەلىئەھدى لىجى بىلەن يۇشۇرۇنچە كۈرۈشۈپ، كۆز يېشى ۋە چىرايلىق سۆزلەر بىلەن ئۇنى تەسىرلەندۈرۈپ، ماتەم مۇددىتى توشقان ھامان ئۆزىنى بۇتخانىدىن ھەرەمگە ئەكىلىۋېلىش ھەققىدە ۋەدە ئالغان.

    ۋەدە ۋىجدان بىلەن ياشاشنى ئەلا بىلىدىغان، ئىمان-ئېتىقادلىق دۇرۇس ئادەملەر ئۈچۈن مۇقەددەس نەرسە بولسىمۇ، لېكىن دىلى بىلەن تىلى بىردەك بولمىغان پۇرسەتپەرەسلەر ئۈچۈن ھايات يولىدىكى قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈۋېلىشنىڭ ۋاقىتلىق ۋاستىسى، خالاس. شۇڭا ۋۇزېتىيەن يېڭى پادىشاھنىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇپ، ۋەدىسىدىن يېنىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بۇتخانىدا كۈجە كۆيدۈرۈپ، ئىتىكاپتا ئولتۇرۇپ بۇددا نوملىرىنى ئوقۇش بىلەن بىرگە، قۇلىقىنى ھەمىشە دىڭ تۇتۇپ، پادىشاھنىڭ بۇتخانىغا دۇئا-تىلاۋەت قىلىشقا كېلىش ۋاقتىنى ئوقۇشۇپ تۇرغان. بۇرۇختۇملۇققا تولغان ئۇزۇن كېچىلەرنىڭ ئۆز مەنىۋىيىتىنى كاردىن چىقىرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، گاۋزۇڭ خانغا ئاتاپ سۆيگۈ شېئىرلىرىنى يېزىپ، مىسكىن قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى شىرىن ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى ئىپادىلىگەن.

    ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ، گاۋزۇڭ خان ئاتىسى تاڭ تەيزۇڭ ۋاپات بولغان خاتىرە كۈنىدە گەنيى بۇتخانىسىغا كەلگەندە، ۋۇ زېتىيەن پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، دۇئا-تىلاۋەتتىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن. ياش پادىشاھ گاۋزۇڭ ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ئاشىقى ۋۇ زېتىيەننىڭ چېچىنى چۈشۈرتۈپ قارا لىباس كىيگەن بولسىمۇ، يەنىلا نازاكىتىنى يوقاتمىغانلىقىنى كۆرۈپ، گۈلقەقەلىرى ئېچىلغان ھالدا، «چارچاپ كەتتىم» دىگەننى باھانە قىلىپ، يان ھۇجرىغا چىقىپ ئۇنىڭ بىلەن ھال-مۇڭ بۇلۇشقان. ۋۇ زېتىيەن ھاياجانلىنىپ، ئىككى يىلدىن بۇيانقى ھەسرەت-نادامەتلىرىنى ئىزھار قىلىش بىلەن بىرگە، تاڭ گاۋزۇڭغا ئاتاپ يازغان سۆيگۈ شېئىرلىرىنى يىغلاپ تۇرۇپ ئوقۇپ بەرگەن.

    شۇنىڭدىن  باشلاپ ئۇلار پات-پات مەخپىي ئۇچىرىشىپ، ئاشىق-مەشۇقلىقنىڭ پەيزىنى سۈرۈشۈپ«ۋىسال شارابى» ئىچىشىپ تۇرغان. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇزاق ئۆتمەي ۋۇ زېتىيەن ھامىلدار بولۇپ قالغان بولغاچقا، پادىشاھ تاڭ گاۋزۇڭ بۇ ئىشنىڭ سۆز-چۆچەك بولۇپ تاراپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ، ۋۇ زېتىيەننى ھەرەمگە قايتا ئەكىرىۋېلىشقا مەجبۇر بولغان.ۋۇ زېتىيەن باشتىن-ئاخىر ئۈمىدسىزلەنمەي، ئىزچىل تۈردە پۇرسەت كۈتۈش ۋە پۇرسەت كەلگەن ھامان ئۇنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش نەتىجىسىدە دەسلەپكى مەقسەتكە يەتكەندىن كېيىن، توقاللىقتىن بانۇلىققا كۆتۈرۈلۈشنىڭ تەييارلىق ئىشلىرىغا كىرىشىپ كەتكەن. ئەمما، ئەلمىساقتىن داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغان ھەرەمدە، مەيلى توقال، مەيلى بانۇلار ئۈچۈن بولسۇن، بىر دەرىجە ئۆسۈش تولىمۇ مۈشكۈل ئىش بولۇپ، پادىشاھنىڭ تۆت بانۇسىنىڭ ئورنى ئاللىقاچان تۇشۇپ بولغان ئەھۋال ئاستىدا، ۋۇ زېتىيەننىڭ بانۇلىققا كۆتۈرۈلىشى قارىماققا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش بولۇپ قالغان.بىراق،كۆڭلىگە بىر مەقسەتنى پۈكسە، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغىچە توختىمايدىغان ۋۇ زېتىيەن ئەستايىدىل ئويلاپ، بۇنىڭغىمۇ ئامال تاپقان. ئۇ ئاۋۋال ۋەزىرلەر ئىچىدىكى ئابرۇيلۇق، تەدبىرلىكلەرنى ئۆزىگە تارتىپ يېقىنلاشقان. ئارقىدىن ئۇلارغا كەلگۈسى پىلانلىرى ھەققىدە بېشارەت بېرىپ، پادىشاھقا «تۆت بانۇنى بەشكە كۆپەيتىش، ۋۇ زېتىيەننى باش بانۇ قىلىش ھەققىدە تەكلىپ» بەرگۈزگەن. پادىشاھ تاڭ گاۋزۇڭ ئۆزىگە بىر شاھزادە ۋە بىر مەلىكە تۇغۇپ بەرگەن ۋۇ زېتىيەننىڭ ھەرەمدىكى مەرتىۋە ئورنىنى ئويلاپ مۇۋاپىق چارە تاپالماي تۇرغاندا، يۇقىرىقى تەكلىپ ئۇنىڭغا ياغدەك يېقىپ، پەرمان جاكارلاپ، ۋۇ زېتىيەننى باش بانۇلۇققا تەيىنلىگەن.

    ۋۇ زېتىيەن بۇ مەقسىتىگىمۇ يەتكەندىن كېيىن، ئەمدى تەبىئىي ھالدا خانىشلىققا كۆز تىككەن. ئەمما، ھەرەمدە 1-نۇمۇرلۇق شەخس، خانىدانلىقتا دۆلەت ئانىسى ھېسابلىنىدىغان خانىشلىق ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇ ئورۇنغا ئېرىشىشنىڭ بانۇلۇققا ئېرىشىشتىنمۇ نەچچە ھەسسە قىيىنلىقى ۋۇ زېتىيەنگە ئايان بولغاچقا، ئۇ پادىشاھنى قەتئىي نىيەتكە كەلتۈرىدىغان، پۈتكۈل ئوردىدا ھىچكىممۇ غىڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان بىر كۈچلۈك ئامال تېپىشقا بەل باغلاپ، ئاخىر بۇ مەقسىتىگىمۇ يەتكەن. مىلادىي 645-يىلى 5-ئاينىڭ بىر كۈنى پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ پۇرسىتىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈپ ئولتۇرغان ۋۇ زېتىيەن، دېدىكىنىڭ مەلۇماتىدىن ۋاڭ خانىشنىڭ مەپىلىك كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، دېدەككە جىددىي گەپ تاپىلاپلا ئۆزى ياندىكى ھۇجرىغا كىرىۋالغان. ۋاڭ خانىش كىلىپ ۋۇ زېتىيەننى سورىغاندا، دېدەك ۋۇ زېتىيەننىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە:«چاھارباغقا گۈل ئۈزگىلى كەتتى» دەپ جاۋاب بەرگەن.خانىش ئەمدىلا ئولتۇرۇشىغا كىچىك مەلىكە يىغلىغاچقا، بېرىپ قۇچىقىغا ئېلىپ پەپىلىگەن، ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن كارۋىتىغا ياتقۇزۇپ قۇيۇپ، ۋۇ زېتىيەننى بىردەم ساقلاپ بېقىپ ئاخىرى قايتىپ كەتكەن. دەل مۇشۇ پۇرسەتنى كۈتۈپ تۇرغان ۋۇ زېتىيەن دەرھال يان ھۇجرىدىن چىقىپ، لىۋىنى چىشلەپ تۇرۇپ، ئۇخلاۋاتقان بالىسىنىڭ گېلىنى بۇغۇپ، تىنىقى توختىغاندىن كېيىن، كارۋىتىغا ئاۋالقىدەكلا يۈزىنى يېپىپ ياتقۇزۇپ قۇيۇپ، ئۆزى چاھارباغقا بېرىپ گۈل تەرگەن بۇلىۋالغان. بىر ھازادىن كېيىن پادىشاھ تاڭ گاۋزۇڭ بوۋاقنى كۆرگىلى كەلگەندە، «چاھارباغدا گۈل ئۈزۈۋاتقان»ۋۇ زېتىيەن خۇشال-خۇرام ھالدا پادىشاھنى گۈل تۇتۇپ كۈتۈۋالغان. پادىشاھ كىچىك مەلىكىنى سورىغاندا قىلچە چاندۇرماستىن:«ئۇخلاۋاتقىلى خېلى بولغان ئىدى، ئەمدى ئويغىنىدىغان ۋاقتىمۇ بولدى..»دەپ، دېدەككە بالىنى ئېلىپ چىقىشقا بۇيرۇغان. دېدەك بالىنى ئېلىپ چىققاندا، پادىشاھ ئۇنىڭ يېپىپ قۇيۇلغان يۈزىنى ئېچىپلا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالغان. ۋۇ زېتىيەنمۇ كىلىپ، چىرايلىرى كۆكىرىپ، بەدىنى ئاللىقاچان قېتىپ كەتكەن بالىسىنى كۆرۈپ ھۆڭرەپ يىغلاپ، ئالەمنى مالەم قىلغان.  پادىشاھ دېدەكتىن سۈرۈشتۈرۈپ، بايا ۋاڭ خانىشنىڭ كىلىپ يىغلاۋاتقان بالىنى قۇچىقىغا ئالغانلىقىنى، كېيىن بالىنىڭ جىمىپ قالغانلىقىنى، بۇ چاغدا ۋۇ زېتىيەننىڭ چاھارباغدا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ،«تۇغماس خانىش ۋۇ بانۇغا ھەسەت قىلىپ، كىچىك مەلىكىنى بۇغۇپ ئۆلتۈرۈپتۇ» دەپ دەرغەزەپكە كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن تاڭ گاۋزۇڭ ئاۋۋال ۋاڭ خانىشنى خانىشلىقتىن قالدۇرۇپ، مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ۋۇ زېتىيەننى خانىشلىققا تەيىنلىگەن.

    پادىشاھلىق دەۋرىدە ياشىغان ھەرقانداق بىر ئايال زاتى ئۈچۈن، خانىشلىق ئورنىغا چىقىش پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاياللارنىڭ ئىچىدە پەقەت بىرسىگىلا نېسىپ بولىدىغان ئەڭ ئالىي، ئەڭ يۈكسەك ئورۇن بولسىمۇ، لېكىن ۋۇ زېتىيەن بۇنىڭغىمۇ قانائەت قىلماستىن، جۇڭگو تارىخىدىكى ھېچقانداق ئايال زاتى ئېرىشىپ باقمىغان پادىشاھلىق تەختىنى ئىلكىگە ئېلىشقا ئاتلانغان.بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىپ، ئىشنى يەنە يېڭىباشتىن باشلاپ، بىر تەرەپتىن پادىشاھقا كۈيۈنۈپ، سەۋىرچانلىق بىلەن ئۇنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئوردا ئىچىدىكى ئۆزىنى قوللىمايدىغان ۋەزىر-ۋۇزرالارنى پادىشاھنىڭ قولى بىلەن بىر-بىرلەپ ئۇستىلىق بىلەن يوقىتىپ، پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە تەخىتتە بىمالال ئولتۇرۇشقا پايدىلىق شارائىت ھازىرلىغان. مەسىلەن: پادىشاھ ۋۇ زېتىيەننى ئالدىنقى قېتىم باش بانۇلۇققا تەيىنلىگەندە، ئوردا ئەركانلىرىدىن خەن ئەي بىلەن لەي جى قاتارلىقلار قارشى تۇرۇپ، ئاشكارا مۇنازىرىلەشكەن. ۋۇ زېتىيەن بۇ قېتىم خانىشلىققا تەيىنلەنگەندىن كېيىن پادىشاھقا مەكتۇپ سۇنۇپ، خەن ئەي بىلەن لەي جىلارنىڭ تارتۇقلاشنى تەكلىپ قىلغاندا، پادىشاھ ۋۇ زېتىيەننىڭ كەڭ قورساقلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن مەكتۇپنى خەن ئەي بىلەن لەي جىلارغا كۆرسەتكەن. بىراق لەي جى بىلەن خەن ئەي مەكتۇپنى كۆرۈپ چىقىپ، ئۇنىڭ ھەقىقىي كەڭ قورساقلىق بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەكسىچە مەنادا دارتمىلاپ يېزىلغان مەكتۇپ ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يىتىپ، ئۆزلىرىدىن ئەنسىرەپ، ئوردىدىكى مەنسەپلەردىن ئۆزلۈكىدىن ئىستېپا بېرىشكەن.

    ۋۇ زېتىيەن گەرچە مەقسىتىگە يىتىش ئۈچۈن ھەرقانداق ۋاستىنى قوللىنىشتىن يانمايدىغان ئايال بولسىمۇ، لېكىن ئۇ پادىشاھقا قول سېلىشتىن باشتىن-ئاخىر ساقلانغان. بەلكىم بۇ ئۇنىڭ ئەقىللىقىدىن، جۈملىدىن، پادىشاھقا قول سالغاندا پۈتۈن ئوردا، ھەتتا پۈتۈن دۆلەتنىڭ لەنەت-نەپرىتىگە قېلىپ، ئىشنىڭ بۇزۇلۇشىنى بىلگەنلىكىدىن  بولسا كېرەك. يەنە بەلكىم، پادىشاھ تاڭ گاۋزۇڭ ۋەلىئەھدى چېغىدىلا ئۇنىڭ بىلەن ئىچ پەش تارتىشىپ ئاشىق-مەشۇق بولۇپ يۈرگەچكە، ئۇنىڭ بىلەن مېھرى بولغانلىقىدىن ياكى بولمىسا، پادىشاھنىڭ باشتىن-ئاخىر قوللاپ، ئۇنىڭغا ئىشەنچىلىك ۋە قۇدرەتلىك يار-يۆلەك بۇلۇپ كىلىۋاتقانلىقىدىن بولسا كېرەك. شۇڭا ئۇ پادىشاھلىق تەختىنى ئىلكىگە ئېلىشتا پادىشاھنى كۆزدىن يوقىتىش ئەمەس، ئەكسىچە پادىشاھتىن پايدىلىنىش يولىنى تاللىغان. شۇڭا خۇسۇسىي تۇرمۇشتا پادىشاھقا كۈيۈنۈپ، ئۇنىڭ سالامەتلىكى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلسە، ئوردا ئىشلىرىدا پادىشاھ بىر قارارغا كېلەلمىگەن مەسىلىلەردە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئورۇنلۇق مەسلىھەتلەرنى بېرىپ، پادىشاھنىڭ ئەڭ يېقىن ياردەمچىسى بولۇپ قالغان.

    كۆڭۈلدىكى نىشانغا يېتىشتە قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، نىشانغا بىر قەدەم، بىر قەدەمدىن يېقىنلىشىش ۋۇ زېتىيەننى مۇۋەپىقىيەتكە ئېرىشتۈرگەن ئۇسۇللارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ خانىشلىق ئورنىغا چىققاندىن كىيىنمۇ ئاشۇ ئۇسۇلنى داۋاملىق قوللانغان. باشتا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەندەك، گەرچە ئۇ ئاللىبۇرۇنلا پادىشاھلىق تەختىگە كۆز تىككەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ نىيىتىنى ئالدىراپ بىۋاسىتە ئىپادىلىمەي، ئاۋۋال ۋەلىئەھدىنى ئۆزگەرتىش، جۈملىدىن، پادىشاھنىڭ باشقا بانۇلاردىن بولغان ۋەلىئەھدى ئوغلىنىڭ ئورنىغا ئۆز ئوغلىنى تىكلەشكە تۇتۇش قىلغان. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىگە چەكسىز سادىق بولغان ۋەزىر شۇ جىڭرۇڭ بىلەن مەخپىي مەسلىھەتلىشىپ، پادىشاھقا ۋەلىئەھدىنى قايتىدىن تىكلەش ھەققىدە مەكتۇپ سۇنغۇزغان. پادىشاھمۇ شۇ جىڭرۇڭ بىلەن قايتا مەسلىھەتلىشىپ، ئالدىنقى ۋەلىئەھدىنى باشقا مەنسەپكە يۆتكىۋېتىپ، ۋۇ زېتىيەندىن بولغان ئوغلى لى خۇڭنى ۋەلىئەھدىلىككە تەيىنلىگەن.

    ئەمما، پادىشاھ تاڭ گاۋزۇڭ ئەللىك ياشقا يېقىنلاپ قالغاندا سالامەتلىكى بارغانسېرى ناچارلىشىپ، ئوردىغا چىقىشمۇ تەس كېلىدىغان بولۇپ قالغاچقا، ئۆزىگە ۋاكالىتەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان نائىپ بەلگىلەشنى ئويلىشىشقا مەجبۇر بولغان. قەدىمدىن داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان يوسۇن بويىچە بولغاندا،ۋەلىئەھدىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ئورۇنلۇق بولسىمۇ، لېكىن پادىشاھ تاڭ گاۋزۇڭ، تەجىرىبىسىز بولغاننىڭ ئۈستىگە ھەم باغرى يۇمشاق ھەم كېسەلچان ۋەلىئەھدىگە تولۇق ئىشەنچ قىلالماي، نۇرغۇن ئويلىنىشلاردىن كېيىن ئوردا ئەركانلىرىنى يىغىپ، ۋۇ زىتىيەننىڭ ھاكىمىيەت باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئۆزىنىڭ قايىل ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ۋەلىئەھدى پىشىپ يېتىلگۈچە ۋۇ خانىشنى نائىپلىققا قويۇش ئويى بارلىقىنى ئېيتقان.بىراق ۋەزىرلەر باشقا ئىشقا سۈكۈت قىلسىمۇ، بۇ ئىشقا كەلگەندە يۈرەكلىك ھالدا ئۇچۇق-ئاشكارا قارشى تۇرۇپ، قەدىمدىن تارتىپ پادىشاھ پۈتكۈل ئەلنىڭ ئىشلىرىنى، خانىش بولسا ھەرەمدىكى ئىچكى ئىشلارنى باشقۇرۇپ كەلگەنلىكى، ناۋادا بۇ مۇقەددەس يوسۇن بۇزۇپ تاشلانسا، تەڭرى غەزەپلىنىپ ئاپەت ياغىدىغانلىقىنى ئېيتىشقان. تەڭقىسلىقتا قالغان پادىشاھ ئامالسىز ھالدا كېسەللىك ئازابىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئوردا ئىشلىرىنى سىموۋۇل خاراكتىرىدە باشقۇرۇپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.

    ۋۇ زېتىيەن ئاشۇ قېتىمقى ئوردا كېڭىشىنى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ تولۇق ئاڭلىغان بولغاچقا، قاتتىق غەزەپلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئوردا ئەركانلىرىنىڭ تەبىئىي ھالدا بىرلىككە كەلگەن ئورتاق پىكرىگە باشقا ئامال تاپالماي، ۋاقتىنچە سەۋر قىلغان. ھەيران قالارلىقى شۇكى، ئارىدىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئەمدىلا يىگىرمە ئىككى ياشقا كىرگەن ۋەلىئەھدى لى خۇڭ تۇيۇقسىز قازا قىلىپ، ۋەزىيەت ۋۇ زېتىيەنگە پايدىلىق تەرەپكە بۇرالغان. ۋەلىئەھدىنىڭ ئۈلۈمى سىرلىق تۈس ئالغان بولۇپ، پادىشاھقا ۋاكالىتەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىشى بەلگىلىنىدىغان ئىنتايىن ھالقىلىق پەيىتتە ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كىتىشى ئوردىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنى ۋۇ زېتىيەندىن گۇمانلاندۇرغان بولسىمۇ، جۈملىدىن، خانىشلىق ئورنىغا چىقىش ئۈچۈن ئۆز يۈرەك پارىسى بولغان نارەسىدە قىزىنى بۇغۇپ ئۆلتۈرۈشكە چىدىغان ۋۇ زېتىيەننىڭ، نائىبلىق ئورنىغا چىقىش ئۈچۈن كېسەلچان ئوغلىنى ئۆلتۈرۈشمۇ تامامەن مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن ئېنىق پاكىت تېپىلمىغاچقا، ھېچكىم بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمىغان. ۋەلىئەھدى لى خۇڭنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، قائىدە بويىچە ۋۇ خانىشنىڭ يىگىرمە ياشلىق ئىككىنچى ئوغلى لى شىيەن ۋەلىئەھدى بولغان. ۋۇ زېتىيەن ئۇنىڭغا مەخسۇس ئۇستاز ۋە مەسلىھەتچىلەرنى بېكىتىپ نىشانلىق تەربىيلەش بىلەن بىرگە، ئۆزىمۇ ھەمىشە نەسىھەت قىلىپ تۇرغان، بۇ ئىش ياش ۋەلىئەھدىگە نىسبەتەن «ئارىلىشىۋېلىش، تىزگىنلەش» بولۇپ تۇيۇلغاننىڭ ئۈستىگە، ئوردىدا تارقىلىپ يۈرگەن «ۋەلىئەھدى لى خوڭنىڭ ئۆلۈمىدە ۋۇ زېتىيەننىڭ قارا قولى بار» دېگەن گەپلەردىن لى شىيەنمۇ خەۋەر تاپقاچقا، ئۇ ۋۇ زېتىيەنگە بارغانسېرى ئۆچ بولۇپ كەتكەن، شۇڭا نۇرغۇن ئىشلارنى ۋۇ زېتىيەنگە بىلدۈرمەي قىلىشقا باشلىغان. ئاشۇ ئىشلارنىڭ ئارىسىدا ئەخلاقسىزلىققا ياتىدىغان ئەيش-ئىشرەت سەتچىلىكلىرىدىن باشقا، قاتىللىققا چېتىلىپ قالغان ئىشلىرىمۇ بولۇپ، ۋۇ زېتىيەن تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ تەكشۈرتۈش ئارقىلىق، ۋەلىئەھدى لى شىيەننىڭ ئىسىيان كۈتۈرۈش ئۈچۈن ئاتخانىغا قورال- ياراق يوشۇرغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. گاۋزۇڭ خان بۇئىشنى ئەپۇ قىلۋېتىش پوزىتسىيىسىدە بولسىمۇ، لېكىن، ۋۇ زېتىيەن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، «پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ»، لى شىيەننى ۋەلىئەھدىلىكتىن ئاددىي پۇقرالىققا چۈشۈرگۈزۈپ، ئۇنىڭغا قول-قانات بولغانلارنىڭ كاللىسىنى ئالدۇرغان.

    تەخت تالىشىش يۇشۇرۇن داۋاملىشىۋاتقان ئاشۇ كۈنلەردە، پادىشاھ تاڭ گاۋزۇڭنىڭ كىسىلى ئېغىرلىشىپ، ۋۇزېتىيەندىن تۆت ياش كىچىك بۇلىشىغا قارىماي، ئەللىك ئالتە يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئاتمىش ياشقا كىرىپ قالغان ۋۇ زېتىيەن قائىدە-يوسۇن بويىچە پادىشاھنى داغ-دۇغىلىق ئۇزۇتۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاۋۋال ئوردا ئەمەلدارلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئۆزىگە ۋە گاۋزۇڭ خانغا سادىقلارنى ئۆستۈرۈپ، ئىچكى خاتىرجەملىكنى ئىشقا ئاشۇرغان، ئاندىن سانغۇنلارنى تەڭشەپ ئۇلارنىمۇ مۇقىملاشتۇرۇپ، تاشقى جەھەتتىكى مۇداپىئەنى كۈچەيتكەن. ئۇنىڭ بۇ تەدبىرلىرىگە ئوردا ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى قايىل بولۇشقان. بۇ ۋاقىتتا لى شىيەننىڭ ئورنىغا گاۋزۇڭ خان ھايات ۋاقتىدا ۋەلىئەھدىلىككە تەيىنلەنگەن  لى جى «جۇڭزۇڭ خان» نامى بىلەن سەلتەنەت تەختىدە ئولتۇرغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىگە نېسىپ بولغان بۇ ئامەتتىن مەست بولۇپ كۆرەڭلەپ، ئوردىنىڭ قائىدە يوسۇنلىرىنى قايرىپ قۇيۇپ، ئۆزى خالىغانچە باشباشتاقلىق قىلىشقا باشلىغان. ھەتتا، قىلچە تۆھپىسى ياكى ئازراقمۇ قابىلىيىتى بولمىغان كىشىلەرنى بۈگۈنكى ئايماق بەگلىككە تەيىنلىسە، ئەتىسى ۋەزىرلىككە تەيىنلىگەن. ۋۇ زېتىيەن بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئوردىدىكى يېقىنلىرى بىلەن مەخپىي كېڭىشىپ پۇختا تەييارلىق قىلغاندىن كېيىن، ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسىنى شەرقىي ئاستانە لوياڭدىكى چىيەن يىۋەن قەسىرىگە يىغىپ كېڭەش بۇلۇۋاتقان قەسىرنى ۋە ھەرەمنى ياخشى ساقلاشقا ئايرىم-ئايرىم ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرۇپ، «جۇڭزۇڭ خانىنىڭ ئەخلاقىي-پەزىلىتى ناچار بولۇپ، دۆلەتنىڭ بېشى بۇلۇشقا مۇناسىپ كەلمىگەنلىكتىن، خانلىقتىن قالدۇرۇلغانلىقى»نى جاكارلىغان. جۇڭزۇڭ خان نارازىلىق بىلدۈرمەكچى بولغاندا، ياساۋۇللارغا بۇيرۇق قىلىپ ئۇنى ئېلىپ چىقىپ نەزەربەند قىلدۇرغان.

    ئىككىنچى كۈنى ۋۇ زېتىيەن تۆتىنچى ئوغلى لى لۇنى پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغۇزۇپ، رۇيزۇڭ خان دەپ نام بەرگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئۇ بۇرۇندىن نىشانلىق نىشانلىق تەربىيەلەنمىگەننىڭ ئۈستىگە، ئۆزىمۇ ھوقوققا ئانچە قىزىقمىغاچقا، ۋۇ زېتىيەن ئۇنى قارانچۇق پادىشاھقا ئايلاندۇرۇپ قۇيۇپ، ئۆزى پەردە ئارقىسىدا ھاكىمىيەت ئىزلىرىنى باشقۇرىۋەرگەن. كېيىن ئىشەنچىلىك بىر سەركەردىسىنى ئىشقا سېلىپ، داۋالغۇپ تۇرغان سىياسىي ۋەزىيەتتە كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىپ كىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئوغلى لى لۇنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشقا مەجبۇر قىلغان. ئوغلى ئۆلگەندىن كېيىن داغدۇغلىق دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭغا ماتەم تۇتقان ھەمدە«يۇڭ بېگى»دېگەن مەرتىۋىنى بەرگەن.

    ۋۇزېتىيەن گەرچە خانىشلىق ئورنىغا چىققاندىن باشلاپلا ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارلىشىپ، مەيلى پادىشاھ تاڭ گاۋزۇڭ بولسۇن ياكى ئوغۇللىرى تەخىتتە ئولتۇرغاندا بولسۇن، ئىزچىل تۈردە پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ ھەممىنى تىزگىنلەپ كەلگەن بولسىمۇ،لىكىن بۇنىڭغا قىلچە قانائەت قىلماستىن، يېشى ئېتمىشتىن ئاشقاندا پەردە ئارقىسىدىن چىقىپ ئوچۇق-ئاشكارا تەخىتتە ئولتۇرۇپ، پادىشاھ بۇلىشنىڭ كونكرېت قەدەم باسقۇچلىرىنى بېسىشقا باشلىغان. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر يۈرۈش مەخپىي پىلان تۈزۈلۈپ، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ پادىشاھ بۇلۇشىغا مەنىۋى ئاساس تېپىش ئۈچۈن، راھىبكالانغا بۇيرۇپ بۇددا دىنى دەستۇرلىرىدىن ئايال كىشىنىڭمۇ پادىشاھ بولسا بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى بايانلارنى تاپقۇزغان.ئاندىن ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، تاڭ تۇڭتەي دەيدىغان بىرسىگە «مەبۇدە ئانا يېتەكلىسە،  خانلىق  ئىشلىرى مەڭگۈ روناق تاپقاي»دېگەن خەتلەر ئۇيۇلغان بىر تاشنى «لۇشۈي دەرياسىدىن تېپىۋالدىم» دەپ ئوردىغا تەغدىم قىلدۇرغان ھەمدە بۇ ئىشنى جامائەت پىكىرىنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈشنىڭ ۋاستىسى قىلىش ئۈچۈن، تاشقا «ئىلاھىي تۇمار» دەپ نام بېرىپ، ھەرقايسى ئايماقلارنىڭ بەگلىرى، پادىشاھ جەمەتىدىكىلەر ۋە ئۆز جەمەتىدىكىلەرنى لۇشۈي دەرياسى بويىغا يىغىپ كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ،«ئىلاھى تۇمار»نى داغدۇغلىق بىلەن قۇبۇل قىلغان.مۇراسىم تۈگىگەندىن كىيىن،«تەڭرى راۋىقى»غا چىقىپ، يىلنامىنىڭ «يۇڭچاڭ»غا ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى، ئەلگە چوڭ كەچۈرۈم يولغا قۇيۇلدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

    يۇقىرىقى بىر قاتار ئىشلارنى ۋۇ زېتىيەن ھەم ئەل رايىنى سىناپ بېقىش ھەم كەڭ جامائەت پىكرىنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن مەقسەتلىك ئېلىپ بارغان بۇلۇپ،قارشى تۇرۇشقا جۈرئەت قىلدىغانلار چىقمىغاندىن كېيىن، پىلانىدىكى ئاخىرقى قەدەمنى باسقان. يەنى، ۋۇ زېتىيەننىڭ مەخپىي ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە گۇەنجۇڭدىكى يانداش تەپتىش بېگى فۇيى توققۇز يۈزچە پۇقرانى يىغىپ شەرقىي ئاستانىگە كىلىپ ئوردىغا مەكتۇپ سۇنۇپ، ۋۇ زېتىيەننىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرۇشىنى، سۇلالە نامىنى «جۇ»غا ئۆزگەرتىشنى كەڭ ئاۋامنىڭ كۈچلۈك تەلىپى دەپ ئوتتۇرغا قويغان.بۇنىڭ بىلەن ئوردا ئىچى -سىرتىدا خۇشامەت دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، ۋۇ زېتىيەننى قوللايدىغانلار توپ-توپ بولۇشۇپ قەيەرگىلا بارسا ئۇنىڭغا بېغىشلانغان مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئوقۇشقان. ئايال كىشىنىڭ پادىشاھ بۇلىشىنى قوللىمايدىغان كۇڭزىچىلارمۇ، خوشامەت ئومۇمىي ئېقىمىغا ئايلانغان ئاشۇ ۋەزىيەتتە مۇقامىنى ئۆزگەرتىپ، ۋۇ زېتىيەننى ھىمايە قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇق ئورنىنى ساقلاپ قېلىشقا مەجبۇر بولغان. بۇ ۋاقىتتا ئوردا-ئىچى سىرتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى جۈملىدىن، تۇغقانلارمۇ، خان جەمەتىدىكىلەرمۇ، ھەرقايسى ناھىيە ئايماقلىرىنىڭ بەگلىرى، قەبىلە ئاقساقاللىرىمۇ، ھەتتا راھىب كالانلارمۇ مەيلى راست، مەيلى يالغاندىن بولسۇن، ئۆز قەلبىنى ئىزھار قىلىشىپ:«تەڭرىنىڭ ئىرادىسى شۇلدۇر، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىمۇ شۇلدۇر، ئالىيلىرى يەنە نېمىگە ئۆزلىرىنى قاچۇردىلا؟»دىيىشكەن.

    ۋۇ زېتىيەن ئۇزاق كۈتكەن ۋە قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشقان پۇرسەتنىڭ ئاخىر يىتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ ناھايىتى مەمنۇن بولغان ھەمدە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مىلادىيە 690-يىلى 9-ئاينىڭ قۇتلۇق بىر كۈنىدە بېشىغا شاھانە تاج تاقاپ، شاھانە تون كىيىپ «تەڭرى راۋىقى» غا چىقىپ، پۈتكۈل ئەلگە «تاڭ» خاندانلىقىنىڭ «جۇ» خاندانلىقىغا ئۆزگەرگەنلىكىنى، يىلنامىنىڭ ئەمدى تىيەن شۇ دەپ ئاتىلدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ھۆرمەت نامىنىڭ«ئىلاھى پادىشاھ»بولدىغانلىقىنى جاكارلاپ، بايراقنى قىزىلغا ئۆزگەرتىپ، پايتەختنى لوياڭغا كۆچۈرگەن.

    ۋۇ زېتىيەن ئاتمىش ئالتە ياشقا كىرىپ قالغىنىغا قارىماي پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغاندىن كېيىن، پۈتۈن ئويى تەختنى ساقلاپ قېلىشتا بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن يۈكسەك سەزگۈر ھالەتتە تۇرۇپ، يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان قارشىلىقلارنى قىلچە رەھىم قىلماستىن بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىش سىياسىتىنى قوللانغان. گەرچە جازا ۋازارىتىدىكىلەرنىڭ مۇشۇ سىياسەتتىن پايدىلىنىپ ھوقوقنى خالىغانچە ئىشلىتىپ، جازا دائىرىسىنى چەكتىن ئاشۇرۋەتكەنلىكىنى، ئۇۋال قىلىنغان دىلولارنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۇلارنى قىلچە چەكلىمىگەن. ئەكسىچە چېقىمچى، تۆھمەتخور، جازاخۇمار جاللاتلارنى قوللاپ، كۆپلەپ ئادەم تۇتقان ۋە ئۆلتۈرگەن. ئاددىي مىسال ئالغاندا، ئەينى چاغدا جۇڭزۇڭ خاننى خانلىقتىن قالدۇرۇشقا ياردەملەشكەن ئون نەچچە چەۋەنداز قاۋاقتا ھاراق ئىچىشىپ ئولتۇرۇپ، بىرى«ئنئام بەرمەيدىغانلىقىنى بىلگەن بولساق، جۇڭزۇڭ خانغا قارشى تۇرغاننىڭ ئورنىغا ئۇنى خان قىلىپ تىكلىسەك بوپتىكەن»دېگەندە، ئارىدىن بىرى غىپپىدە سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ، بۇ ئىشنى ئوردىغا مەخپىي مەلۇمات قىلىپ يەتكۈزگەن. ھاراق ئىچىشىۋاتقانلار تېخى تارقىماي تۇرۇپلا، جازا ۋازارىتىدىن ئادەم كىلىپ ئۇلارنىڭ ھەممىنى زىندانغا تاشلىغان. ئەتىسى ۋۇ زېتىيەن پەرمەن چۈشۈرۈپ، غەيۋەت قىلغۇچىغا قوشۇپ «ئاڭلاپ تۇرۇپ مەلۇم قىلمىغان» دېگەن گۇناھ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كاللىسىنى ئالغۇزغان.

    ۋۇ زېتىيەن ئوردا ئىچى-سىرتىدا كىملەرنىڭ ئۆزىدىن نارازى بۇلۇۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن، كىملەرنىڭ قارشى چىقىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ھەقىقىي رەۋىشتە بىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن، مەخپىي مەلۇمات يوللاش شامىلى چىقىرىپ، ئوردىنىڭ تۆت تەرىپىگە تۆت دانە«مەلۇمات يوللاش ساندۇقى»ئاسقۇزغان. بۇ ئىشقىمۇ ئالاھىدە بەلگىلىمە چىقىرىپ،«يۇشۇرۇن مەلۇمات بەرگۈچىلەرنى ۋەزىرلەر سۈرۈشتۈرۈشكە بولمايدۇ. يىراقتىن كەلگۈچىلەرگە ئات-ئۇلاغ، ئاش-تاماق بېرىلىپ، پايتەخىتكە ئامان-ئېسەن يېتىپ كىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. مەخپىي مەلۇمات يەتكۈزگۈچىلەر مەيلى دېھقان، مەيلى ئوتۇنچى بولسۇن، ئىلاھى پادىشاھ ئۆزى قوبۇل قىلىدۇ. مەلۇم قىلغان ئەھۋال راست بولۇپ چىقسا، دەرىجىسىگە قارىماي كاتتا ئەمەل ئىنئام قىلىندۇ. يالغان بولۇپ چىققان تەغدىردىمۇ سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ» دەپ ئېنىق بىكىتكەن. نەتىجىدە مەخپىي مەلۇمات يوللاش مىسىلسىز يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈش بىلەن بىرگە، باشقىلارغا قەستەن قارا چاپلاش، زىيانكەشلىك قىلىش ياكى شەخسىي ئۆچىنى ئېلىۋېلىش يامراپ كەتكەن. قىزىقارلىق مەخپىي مەلۇماتنى يوللاشقا  ئىشىلىتىلگەن مىس ساندۇقنى لاھىيىلىگۈچى دەسلەپتە ئىنئامغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ ئۈستىدىنمۇ مەخپىي مەلۇمات يوللانغانلىقتىن، ۋۇ زېتىيەن ئۇنىڭمۇ كاللىسىنى ئېلىشقا بۇيرىغان.

    تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى شۇكى، ۋۇ زېتىيەن يارلىق چۈشۈرۈپ ئالاھىدە دىلولارنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولغان سۇ يۈۋەنلى تولىمۇ قارا نىيەت، ياۋۇز ئادەم بولغانلىقتىن، ھەربىر گۇماندارنى سوراق قىلغاندا ئۇنىڭغا نەچچە ئون ھەتتا نەچچە يۈز ئادەمنى مەجبۇرىي پاش قىلغۇزۇپ، مەخسۇس ناھەق دېلو پەيدا قىلسا، ۋۇ زېتىيەن ئۇنىڭدىن خۇشال بولۇپ، «دېلو بىر تەرەپ قىلىشتا تۆھپىسى بار»دەپ ماختاپ مۇكاپاتلاپ تۇرغان. بۇنىڭ بىلەن جازا ۋازارىتىدىكىلەر ئۇنى دوراپ، بىكار تەلەپلەردىن بىرنەچچە يۈزنى يىغىپ، مەخسۇس مەخپىي مەلۇمات بەرگۈچى قىلىۋالغان. ئۇلار بىر ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلماقچى بولسا، ھېلىقى بىر قانچە بىكار تەلەپلەرنى بىر قانچە يەرگە ئەۋەتىپ يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىپ، مەخپىي مەلۇمات يوللاتقۇزغان.ئۇلار بىر نەچچە ئادەم بولسىمۇ، مەلۇماتى بىر ئادەم ئۈستىدە بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاۋۋال تىل بىرىكتۈرۈۋالغىنى  ئۈچۈن ھەممىسىنىڭ گىپى بىر يەردىن چىققاچقا،«گۇۋاھچىلار تۇلۇق، پاكىت يىتەرلىك» دەپ قارىلىپ، جازاغا ھۆكۈم قىلىنىۋەرگەن.ئۇلار ھەتتا بۇ جەھەتتىكى تەجىربىلەرنى يەكۈنلەپ، «بەتنام تۇقۇش دەستۇرى» تۈزۈپ چىقىپ، قول ئاستىدىكىلەرگە تارقىتىپ بېرىپ، قانداق قىلغاندا بەتنام چاپلىغىلى ۋە قانداق قىلغاندا گۇناھنى ئىقرار قىلدۇرۇپ، ئالدىن پىلانلانغان مەقسەتكە يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئۆگەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بەتنام چاپلىغانلىكى ئادەم زىندانغا تاشلىنىدىغان، زىندانغا تاشلىغانلىكى ئادەم ئۆلتۈرۈلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.بەزى ناھەق جازالانغۇچىلار ئەلەمگە چىدىماي، ۋۇ زېتىيەننى تىللاپ قارغىغاندا، ۋۇ زېتىيەن بۇنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۈلۈكىنى پارە-پارە قىلىپمۇ غەزىپى بېسىلماي، ئەجداتلىرىنىڭ يەرلىكىنى ئېچىپ، جەسەتلەرگە ئوت قويغۇزۇپ كۆيدۈرىۋەتكەن. پۇقرالار ۋە ناھىيە ئايماقلاردىكى تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن ئۇرۇق-ئەجداتلىرى بىلەن قوشۇپ ھەرخىل ئۇسۇلدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانىنى ئېلىش مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئىلگىرى ۋۇ زېتىيەنگە سادىق بۇلۇپ ھەرخىل توپىلاڭلارنى بېسىقتۇرۇشقا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان ئوردىدىكى داڭلىق تۆھپىكار ۋەزىر-ۋۇزۇرا ۋە سانغۇن، پالۋانلار ھەمدە خان جەمەتىدىكىلەردىن لى ۋېي، لى يەن... قاتارلىق يەتمىشتىن ئارتۇق سادىق مەنسەپدار دارغا ئېسىلغان ياكى كاللىسى ئېلىنغان.

    مۇدھىش زىمىستان ھەرقانچە سوغۇق بولسىمۇ، قارلىق تاغلارنىڭ ئاراچلىرىدا قار لەيلىسى ئېچىلىدۇ. تۈن ھەرقانچە قاراڭغۇ بولسىمۇ نۇرلۇق يۇلتۇزلىرى بولىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، جاھالەت قاپلىغان بىرەر ماكان ياكى زاماننىڭمۇ ئۆز تەغدىرى بىلەن ھېسابلاشماي، ئادالەت سادالىرىنى ياڭراتقۇچىلىرى بولىدۇ. ۋۇ زېتىيەننىڭ تەختىنى ئۆز ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن پۈتكۈل خاندانلىقنى گويا غايەت زور بىر جازا ماشىنىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇش نەتىجىسىدە، ئادەم-ئادەمگە ئىشەنمەيدىغان، ھەممە ئادەم ئۆزىنى تىڭشاپ بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە سۈكۈت بىلەن ياشايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ئاشۇ كۈنلەردە، ئاۋۋال ئەدىب، شائىر ۋە ھەربىي مەسلىھەتچى چىن زىياڭ، كېيىنرەك تەپتىش بىگى لى سىجىن قاتارلىقلار ئادالەتنى ياقلاپ مەكتۇپ يېزىپ، خاندانلىققا  مەنسۇپ بۇلۇشى كېرەك بولغان جازالاش ھوقوقى پۇرسەتپەرەس چۈپرەندىلەرنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇلۇپ سۈرۈشتۈسى بولمىسا، بۇنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا خاندانلىققا بالايى-ئاپەت ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئەسكەرتكەن. ۋۇ زېتىيەن مەكتۇپلارنى كۆرۈپ، ئەلنى ئىدارە قىلىشتا جازالاشنىلا ئاساس قىلىش ئورنىغا، جازا بىلەن شاپائەتنى تەڭ ئىشقا سېلىشنى ئويلىشىۋاتقان چاغدا، مۇنداق بىر كومىدىيىلىك ئىش يۈز بەرگەن:جازا ۋازارىتىدىكى ئەمەلدارلار ئىچىدە جۇشىڭنىڭ تۆھمەت تۇقۇش ۋە جىنايەتچىلەرنى ئىقرار قىلدۇرۇش تەجىربىسى ئەڭ مول بولغاچقا، ئەڭ يۇقىرى مەنسەپكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ ئۈستىدىنمۇ مەخپىي مەلۇمات يوللانغان. ۋۇ زېتىيەن بۇ مەلۇماتنى تەكشۈرۈشكە جۇ شىڭنىڭ شاگىرتى لەي جۈنچىننى مەسئۇل قىلغان. لەي جۈنچىن ئاۋۋال قىلچە چاندۇرماي جۇشىڭنى زىياپەتكە تەكلىپ قىلىپ، ئۇزاق پاراڭلاشقاندىن كېيىن، «پادىشاھ ئالىيلىرى ماڭا بىر مۇھىم جىنايەتچىنى سوراق قىلىشقا بۇيرىغانىدى. ئۇنىڭ جىنايىتى باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. ناۋادا سوراق داۋامىدا ئىقرار قىلغىلى ئۇنمىسا، بۇنىڭغا سىلىچە قانداق چارە قوللانسام بۇلار؟»دەپ سورىغان. جۇشىڭ مىيىقىدا كۈلۈپ :«بۇنىڭ چارىسى ئاسان. ئاۋۋال ئادەم پاتقۇدەك ئىدىشتىن بىرنى تاپقۇزۇپ كىلىپ، گۇناھكارنى ئۇنىڭ ئىچىگە سېلىپ، ئىدىش ئەتراپىغا ئوتۇن دۆۋىلەپ ئوت قۇيۇپ، بىردەمدىن كېيىن گۇناھكاردىن نېمىنى سورىساڭ شۇنى ئىقرار قىلدىغان بولىدۇ»دەپ جاۋاب بەرگەن. لەي جۈنچىن:«ھەقىقەتەن بۇلدىغان ئامالكەن» دەپ سىرتقا چىقىپ ئادەملىرىگە دەرھال ئىدىش ۋە ئوتۇن تەييارلىتىپ، ئاندىن جۇشىڭغا :«پادىشاھ ئالىيلىرى ماڭا سىنى سوراق قىلىشقا بۇيرۇغان. قېنى قېرىندىشىم، ئىدىشقا مەرھەمەت!»دېگەن. جىنايەتچىلارنى قىيىن قىستاققا ئېلىشنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇللىرىنى «كەشىپ» قىلىپ، نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەرنى قىلمىغاننى قىلدىم دىيىشكە مەجبۇرلىغان جۇشىڭ ئاقىۋەت ئۆزى ئىجاد قىلغان قىيناش ئۇسۇلىنىڭ ئۆز بېشىغا كىلىپ قېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانلىقتىن، قورقۇپ ئىشتىنىغا چىقىرىۋەتكەن ھەمدە گۇناھلىرىغا شۇ ھامان ئىقرار قىلغان.

    بۇ ئىشتىن كېيىن گەرچە ۋۇ زېتىيەن ئوردىغا ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالاشنى بىكار قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن باشقا جازالاشلارنى ھەرھالدا ئازايتقان. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ تاللاشتا ئىلگىرىكىدە ئۆزىگە سادىقلارنىلا تاللاشنىڭ ئورنىغا، ئىمتىھان ئېلىش ئارقىلىق ئىقتىدارلىقلارنى تالاشنى يولغا قويغان. بۇ ئۇنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيىسىدە بۇرۇلۇش بولغانلىقىدىن، جۈملىدىن، ئۆزىگە سادىقلارنىلا ئىشقا قويغاندا گەرچە تەخىتنى تارتقۇزۇپ قۇيۇشتىن غەم يىمىسىمۇ، لېكىن ئەلنى باياشات، خاندانلىقنى قۇدىرەتلىك قىلغىلى بولمايدىغانلىقى؛ ئەل باياشات، خاندانلىق قۇدىرەتلىك بولمىسا، ئەمەلىيەتتە تەخت تېخىمۇ چوڭ تەھدىت ئاستىدا قالدىغانلىقىنى،بۇنىڭ ئەكسىچە ئىقتىدارلىقلارنى ئىشقا قويغاندا ئەلنى باياشات، خاندانلىقنى قۇدرەت  قىلىپ، تەخىتنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگىلى بۇلدىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتكەنلىكتىن بولسا كېرەك. شۇڭا ئۇ كىيىنكى كۈنلەردە ۋەزىر-ۋۇزرالاردىن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىپ :«خەلق دۆلەتنىڭ ئاساسىي. خەلق تۇيۇنغاندىلا دۆلەت ئەمىن تاپىدۇ...»دېگەن. بۇ ئۇنىڭ ئىلگىرى قىلغان- ئەتكەنلىرى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆزىنىڭ تەختىنى ئىلكىگە ئېلىش ئۈچۈن شۇنچە كۆپ كاللا كىسىپ، پۈتۈن ئەلنى جازالاشقا تايىنىپلا باشقۇرۇپ كەلگەنلىكىدىن پۇشايمان قىلىشقا باشلىغان.

    مىلادىيە695-يىلى ئوردىدا تاسادىپىي يۈز بەرگەن بىر ئىشتىن كىيىن ۋۇ زېتىيەننىڭ پۇشايمىنى تېخمۇ كۈچەيگەن. يەنى، شۇ يىلى تۇيۇقسىزلا «نۇرانە قەسىر»گە ئوت كېتىپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاش مۇمكىن بولىغان. ۋۇ زېتىيەن بۇنى تەڭرىنىڭ ئۆزىگە بەرگەن جازاسى دەپ قاراپ، ئىلگىرىكى رەھىمسىزلىككە قاتتىق پۇشايمان قىلغان ھەمدە ئىبادەتخانىغا بېرىپ ئۆز گۇناھىنى تىلەش بىلەن بىرگە، ئىلگىرىكى جازالاشلار داۋامىدا ئۇۋۋال قىلىنغانلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، نامىنى ئاقلاش پەرمانىنى چۈشۈرگەن. ئىلگىرىكىگە ئوخشاش پۈتۈن زىھنىنى جازالاشقا قارتىشتىن تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن يېزا-ئىگىلىكىنى يۈكسەلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرگەن. باج-سېلىقلارنى پات-پات ئارىلاپ كېمەيتىپ تۇرغان. ھەشەمەتچىلىك، ئىسراپچىلىقلارنى چەكلىگەن.

    ئادەم تەبىئەتتىكى بىزگە ھازىرغىچە مەلۇم بولغان جانلىقلار ئىچىدە ئەڭ مۇرەككەپ مەخلۇق، ھەربىر ئادەم ئۆز ئالدىغا مۇرەككەپ بىر دۇنيا بولغاچقا، گەرچە ھەممىلا ئادەمگە ماس كىلىدىغان ئورتاق بىر تەدبىر تېپىش تەس بولسىمۇ، لېكىن بىر نوقتىدا ئورتاقلىققا ئىگە. ئۇ بولسىمۇ بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق كىشىلەر ئاتالمىش«ئەقلىنى تاپقان»دىن كېيىن، ھامان باشقىلاردىن ئۈستۈن بۇلىشنىڭ كويىدا بولىدۇ. ئۆزىنى ئاجايىپ چاغلاپ، تارىختا ئىزى ئۆچمىگىدەك قالتىس ئىشلارنى قىلىشنى ئويلايدۇ. ئۇلارنىڭ بىرقىسىمى ئارزۇسىنى ئىلىم-مەرىپەتكە تايىنىپ، ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ماددى ۋە مەنىۋى ئابىدىلەرنى تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرسىمۇ، يەنە بىر قىسىمى«سۇ پەسكە ئاقار، ئادەم يۇقىرىغا باقار» دېگەن بىر تەرەپلىمە تەمسىلگە قارغۇلارچە ئېتىقاد قىلىپ، ۋاسىتە تاللاپ ئولتۇرماستىن خۇددى ۋۇ زېتىيەنگە ئوخشاش ھەتتا ئۆزىنىڭ يۈرەك پارىسى بولغان پەرزەنتلىرىنى ئۆز قولى بىلەن بۇغۇپ ئۆلتۈرۈشتىنمۇ يانماي، تەلۋىلىك بىلەن يۇقىرىغا يامىشىدۇ.ۋەھالەنكى، تەبئىي قانۇنىيەت دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، «پەسكە ئاققان سۇ» تەشنا زىمىننى، جۈملىدىن، ئېتىز-ئېرىق، چۆل-جەزىرىلەرنى ياپيېشىل بوستانلىققا ئايلاندۇرسا، «يۇقىرىغا باققۇچى»ھەددى-ھېسابسىز ماددى ۋە مەنىۋى بايلىقلارنى ۋەيران قىلىدۇ، ھەتتا نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ ئىستىقبالى ۋە ھاياتىنى قۇربان قىلىۋىتىدۇ.ئەپسۇسلىنارلىقى، «يۇقىرىغا باققۇچى»بۇ ھەقىقەتلەرنى خۇددى ۋۇ زېتىيەنگە ئوخشاش ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدىلا چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ.

    ۋۇ زېتىيەنمۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرى يىتىپ كىلىپ، ئەزرائىلنىڭ قەدەم تىۋىشى ئاڭلانغاندا ئاندىن ھوشىنى تېپىپ، ئۆزىنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىگە قاتتىق پۇشايمان قىلغان. شۇڭا ئۇ بىرىنچىدىن، ئىلگىرىكى رەھىمسىزلىكلىرىنى تۈگىتىپ، كىشىلەرگە مىھىر-شەپقەت بىلەن مۇئامىلە قىلدىغان بولغان. زىنداندىكى مۇھىم مەھبۇسلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىپ، نام-ئەمىلىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن؛ ئىككىنچىدىن، ئىلگىرىكى ئىسراپچىلىق، ھەشەمەتچىلىكلەردىن قول ئۈزگەن، خوشامەتچىلىكتىن بىزار بولغان. ئوردىدىكى بىر ئەمەلدار ئۈچ پۇتلۇق غەلىتە بىر كالىنى خۇشامەت قىلىشنىڭ ياخشى دەسمايىسى دەپ قاراپ ۋۇ زېتىيەنگە سوۋغا قىلغاندا، ۋۇ زېتىيەن قوبۇل قىلماي، ئۇنى قوغلاتقۇزىۋەتكەن، ئەمما جازالىمىغان. ئۈچىنچىدىن، شان-شۆھرەتتىن، جۈملىدىن، تارىختا ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇش تەمەسىدىن ۋاز كىچىپ، ئۆزى قۇرغان جۇ خاندانلىقىنىڭ«جۇ كالىندارى» ئورنىغا «شىيا كالىندارى»نى ئالماشتۇرغان. تاڭ خاندانلىقىنىڭ ئىلگىرىكى قائىدە يوسۇنلىرىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرگەن. تۆتىنچىدىن، ئۆمۈر بويى بوشاشماي ئىزچىل تىرىشىپ، ۋاسىتە تاللىماي ھەتتا ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئۆز قولى بىلەن بۇغۇپ ئۆلتۈرۈشتىنمۇ ئايانماي مىڭ تەسلىكتە قولغا كەلتۈرگەن تەخىتنى، ئۆمرىنىڭ ئاخرىدا ۋەلىئەھدىگە ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىكى ھەققىدە يارلىق چۈشۈرۈپ، ئۆزى باشقا قەسىرگە كۆچۈپ كەتكەن.

    ۋۇ زېتىيەننىڭ پۇشايمىنى ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدكى ۋەسىيىتىدە تېخىمۇ ئېنىق ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دىيىلگەن:« مىنىڭ خان دېگەن نامىمنى چىقىرىۋىتىپ، زېتىيەن خانىش دەپ ئاتاڭلار. گاۋزۇڭ خاننىڭ قەبرىسى يېنىغا دەپنە قىلىڭلار.ئابىدىگە ھىچ قانداق خەت يازماڭلار. تۆھپەمنى ۋە سەۋەنلىكلىرىمنى كىيىنكىلەر باھالىسۇن. ۋاڭ خانىش... قاتارلىق ئۇۋالچىلىققا ئۇچىرىغانلارنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈڭلار.»

    كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ۋۇ زېتىيەن ھەقىقەتەنمۇ پۇشايمان قىلغان. پۇشايمان قىلغاندىمۇ، قىلغان-ئەتكەنلىرىگە باشتىن باشلاپ پۇشايمان قىلغان.ئۇنداق بولمىغان بولسا، ئۇنداق بولمىغان بولسا ئەللىك يىلنىڭ ئالدىدا ئۆزى ئۇۋاللىققا قالدۇرغان ۋاڭ خانىشنى تىلغا ئېلىپ،«...نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈڭلار» دېمىگەن، «خان دېگەن نامىمنى چىقىرىۋىتىپ، زېتىيەن خانىش دەپ ئاتاڭلار...ئابىدىگە ھېچقانداق خەت يازماڭلار»دېمىگەن، نۇرغۇن كاللا كىسىش بەدىلىگە قۇرغان جۇ خاندانلىقىدىن ۋاز كىچىپ، تاڭ خاندانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرمىگەن بولار ئىدى...

    شۇنداق، ئۆز بەختىنى ئەل-يۇرت ئىچىدىن ئىزدىمەي، ئەك بىلەن بىر جان، بىر تەن بۇلۇشنى، «پەسكە ئاققان سۇغا» قالدۇرۇپ، ئۆزى ئىزچىل ئېگىزگە ياماشقانلار ھامان بىر كۈنى پۇشايمان قىلماي قالمايدۇ. چۈنكى، ئىنسان ئىگىزگە يامىشىپ ئەرشىئەلاغا چىققان تەقدىردىمۇ ، ئاخىرقى ھېسابتا ئۇنى قوينىغا ئالىدىغىنى يەنىلا ئانا تۇپراق بۇلىدڭ. نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ كېيىن پۇشايمانغا قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ دەل دەل مۇشۇ ھەقىقەتكە سەل قارىغانلىقىدىن، جۈملىدىن، ئۆزىنىڭ شىرىن ئىستەكلىرىنى ھەقىقەت ئۈستىگە دەسسىتىۋالغانلىقىدىن بولىدۇ. بىلىش كېرەككى، ھەقىقەت تولىمۇ«كەڭ قورساق» بۇلۇپ،ئالدىن تاللاش ھوقوقىنى ھامان ئىنسانلارغا قالدۇرۇپ،ئۆزى سۈكۈت ھالىتىدە تۇرىدۇ. سەپسەتىگە ئوخشاش ھەرگىزمۇ ئۆزىنى زورلاپ تاڭمايدۇ. ناۋادا بىزدىن ئالدىنقىلار بېسىپ ئۆتكەن ئەگرى-توقاي ھايات يوللىرىغا ئەستايىدىللىق بىلەن نەزەر سېلىپ، ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلالىساق،ئۇ ھالدا پۇشايماندىن مەڭگۈ خالىي بولالمايمىز. ئەكسىچە رەڭلىك سەپسەتىلەرگە رام بولۇپ، سۈكۈتتىكى ھەقىقەتنى بايقىيالمىساق، خەلق تىلى بىلەن ئېيتقاندا، ئۇچۇشنىلا بىلىپ، چۈشۈشنى ئويلاپ باقمىساق، ئۇ ھالدا كىيىنكى پۇشايمان مۇقەررەرلىشىپ قالىدۇ. جۇڭگو تارىخىدىكى بىردىنبىر ئايال پادىشاھ بولغان ۋۇ زېتىيەننىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىكى پۇشايمانلىرى بىزگە قالدۇرغان ئاچچىق ساۋاقتۇر.

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.