پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ (لۇتپۇللا مۇتەللىپ)

يوللىغۇچى : Hechkim يوللىغان ۋاقىت : 2011-02-24 02:04:20

پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇلۇتپۇللا مۇتەللىپياپون پادىشاھ ئەسكەرلىرىنى باسقان زور سوقۇش پاراخوتى ئۇلۇغ ئوكيان فرونتىنىڭ ئالدىنقى لىنىيىلىرىگە قاراپ كېتىپبارىدۇ. تۈن قاراڭغۇ، دېڭىز ...

     پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ 
     
     لۇتپۇللا مۇتەللىپ 
     
     
     
     
    ياپون پادىشاھ ئەسكەرلىرىنى باسقان زور سوقۇش پاراخوتى ئۇلۇغ ئوكيان فرونتىنىڭ ئالدىنقى لىنىيىلىرىگە قاراپ كېتىپ بارىدۇ. تۈن قاراڭغۇ، دېڭىز دولقۇنلۇق...
     
    پاراخوتتىكى 15 ياشلىق ئەسكەر يېنىدىكى 70 ياشلىق قېرى دې بوۋايدىن سوراپ قالدى: 
     
    _ ئاكا، نېمىشقا بىزنىڭ بايرىقىمىزنىڭ بەلگىسى قىزىل ھەم دۈگىلەك؟ 
     
    _ كىم بىلىدۇ دەيسەن ئۇكا ئۇنى؟ 
     
    _ سەنمۇ ماڭا ئوخشاش بىلمەيدىغان ئوخشايسەن؟ 
     
    _ مەن كىتاب ئوقۇشنىمۇ بىلمەيمەن، _ دېدى بىر پەس ئويلىۋالغاندىن كېيىن قېرى، _ شۇنداق بولسىمۇ پەرەز قىلىمەنكى، ئۇنىڭ قىپ - قىزىل بولۇشى قان بولۇپ، دۈگىلەك بولۇشى داغ، يەنى قىزىل داغ دېگەن سۆزمىكىن، دەيمەن. 
     
    _ ئەمىسە، بىزنىڭ ليەننىڭ سىياسى رەھبىرى بىزگە "ئۇ نۇرىنى چېچىپ تۇرغان قىزىل كۈن" دەپ چۈشەندۈرىدىغۇ؟ 
     
    _ بەلكى قىزىل قان چاچىدىغان دۈگىلەك كۈندۇر. مەن تۇغۇلۇپ بۇ يېشىمغا كەپتىمەن، بۇ بايراقنىڭ ئۇرۇش ھەم قان چاچقىنىنى كۆردۈم، نۇر چاچقىنى يادىمدا يوق، _ دېدى قېرى ئۇنىڭ سۆزىنى كېسىپ. 
     
    _ مۇنداق دەڭ! 
     
    _ مېنىڭچە شۇنداق... يەنە قانداق نېمىلىرىڭ بار، سورا!
     
     
    قېرى ماختانغاندەك ئۇنىڭغا قارىدى. خىيالى باشقا نەرسىلەرگە بېرىلىپ كەتكەن ياش ئەسكەرنىڭ قىياپىتى ئۇنىڭغا ئايانچ كۆرۈندى.
     
     
    _ ئۇ، بىر قىزىل داغ بولسا، بىر بالا-قازا دېگىن ئەمىسە؟ _ يەنە بىر جۈملە سۆزنى قوشۇپ قويدى ياش ئەسكەر. 
     
    _ بۇ توغرا ئەمەس، بالا بىلەن قازا بۇنىڭ ئىچىگە كىرمەيدۇ. 
     
    _ ئەمىسە، بالا دېگەن نېمە؟ 
     
    _ بىزنىڭ ئۇلۇغ ئوكيانغا سوقۇشقا كېتىپ بېرىشىمىز بالا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 
     
    _ ھە، قازاچۇ؟ 
     
    _ ئەگەردە جۇڭگو فرونتىغا سوقۇشقا ماڭساق، بۇ قازا بولىدۇ. 
     
    _ ھە، ئەگەر ئىككىسى قوشۇلسىچۇ؟ 
     
    _ بالا بىلەن قازا قوشۇلسا نېمە بولاتتى، ئىشنىڭ كارى تامام، ۋەسسالام. 
     
     
    كىچىك ئەسكەرنىڭ كۆزلىرى يوغان ئېچىلدى. ئۇنىڭ ئالدىنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغاندەك بولدى، تەرىنى تۈرۈپ يەنە سورىدى: 
     
    _ ئىككىسى قوشۇلسا گۈم بولىسەن، دېگىنە؟ 
     
    _ گۈم بولۇش بۇياقتا تۇرسۇن، مىجىقىڭ چىقىپ قۇم بولىسەن. 
     
     
     
    بۇلارنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ھەممە پادىشاھ ئەسكەرلىرى بۇ گەپنى ئاڭلاپ، بىر-بىرىگە مەيۈسلۈك بىلەن قاراشتى.
     
     
    دېڭىزنىڭ تۇزلۇق سۈيى يىراقلاردىن دولقۇنلىنىپ كېلىپ، قەھرى بىلەن پاراخوتنى ئۇراتتى.
     
     
     
    1942-يىل، ئۈرۈمچى

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.