تەنھالىق...تەنھالىق...

يوللىغۇچى : ketmenbay يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-08 13:34:55

تەنھالىق...ساداقەتجان ھاجىتەنھالىقنىڭ گۈزەللىكىنى تەنھالاردىن سورىما، چۈنكى ئۇلار بۇنداق گۈزەللىكتىن نەپرەتلىنىدۇ. غېرىپسىنىپ قالغان روھنىڭ چۈشكۈنلىكىنى مەندىن سورىما، چۈنكى مېنىڭ مەڭگۈ غېر...



     

    تەنھالىق...


    ساداقەتجان ھاجى


    تەنھالىقنىڭ گۈزەللىكىنى تەنھالاردىن سورىما، چۈنكى ئۇلار بۇنداق گۈزەللىكتىن نەپرەتلىنىدۇ. غېرىپسىنىپ قالغان روھنىڭ چۈشكۈنلىكىنى مەندىن سورىما، چۈنكى مېنىڭ مەڭگۈ غېرىپسىنىپ قالغۇم يوق.
    تەنھالىقنى تەڭرىدىن تالاشما. سەن ئۆز بەختىڭنى پەقەت ئادەملەر ئارىسىدىن تاپالايسەن. ئايرىلغاندىن كېيىنمۇ غېرىپسىنىپ قالساڭ مەندىن قاچما. پەقەت مېنىڭ يۈرىكىملا سېنىڭ شادلىق باغچاڭدۇر.
    تەنھالىقنىڭ ھەر بىر تىۋىشى ساڭا ئەڭ ئېسىل شېئىرلارنى ئوقۇپ بېرىدۇ. لېكىن سەن بۇ ئېسىل شېئىرلارنىڭ ناز-كەرەشمىسىگە ئالدىنىپ، ئۆزۈڭنىڭ ئاددىي ۋە قوپال ناخشاڭنى ئۇنتۇپ قالما. چۈنكى، پەقەت ئاددىيلىق ئىچىدىلا ئەركىنلىك بولىدۇ. قوپاللىق ئىچىدىلا سەمىمىيلىك بولىدۇ. ئەگەر سۆيگۈگە تەشنا بولساڭ، مېنىڭ شېئىرلىرىمنى ئوقۇ. خاتىرجەم بولغىنكى، مېنىڭ شېئىرلىرىم ھەرگىز ئېسىل شېئىرلاردىن ئەمەس.
    بىزنىڭ دۇنياغا تەنھا كەلگەنلىكىمىزنىڭ ئۆزى يېتەر. يەنە تەنھالىقتىن ھوزۇرلىنىمىز دىسەك، بۇ تولىمۇ بىچارىلىك بولىدۇ. پارلاق قۇياش، نازاكەتلىك ئاي، رەڭمۇرەڭ گۈللەر، خۇشپۇراق شاماللار، چەكسىز ئاسمان ۋە چىرايلىق بۇلاقلار... بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنى سۆيىدۇ. خۇددى مەن سېنى سۆيگەندەك.
    يۈرىكىڭدە ئېچىلىۋاتقان گۈللەردىن ماڭا بىر دەستە تىزىپ قوي. سەن مېنى ئەپۇ قىلغان چاغدا، مەن ساڭا شۇ گۈلدەستىنى تەقدىم قىلىمەن. ئەگەر ئەپۇ قىلىش نىيىتىگە كەلگەن بولساڭ ئاۋۋال مېنى ئەپۇ قىل. مەنمۇ سېنى ئەپۇ قىلدىم ئەمەسمۇ!؟ قىنى، ئاشىق-مەشۇقلاردەك نالە قىلايلى، ناخشا ئېيتايلى، مۇھەببەتنى كۈيلەيلى...
    بەلكىم ئەقىلنى ھىسسىيات بىلەن بۇلغاش دانالىق ئەمەستۇر. لېكىن مەڭگۈ دانا بولىمەن دىيىش نادانلىقتۇر. زۆرۈرىيەت تۇغۇلغاندا نادانلىق قىلىپ قويۇش – ھەقىقىي دانالىقتۇر.
    سەنمۇ ئۆزۈڭنى ئالداشتىن ۋاز كەچ. تەننىڭ تەنھالىقىدىن روھنىڭ تەنھالىقى يامان. چۈنكى مۇھەببەت تەننىڭ ئىھتىياجى ئەمەس، بەلكى روھنىڭ تەشنالىقىدۇر. شۇنى چۇڭقۇر چۈشەنگىنكى، سەن پەقەت سېنى سۆيىدىغان ئادەمنىڭ باغرىدىلا مەڭگۈ تەنھا ئەمەسسەن.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1996-يىل 9-ئاي. قەشقەر)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (مەنبە: «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» 1997-يىل 8-ئاينىڭ 16-كۈنى)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.