بىر كۈنى

يوللىغۇچى : elqut يوللىغان ۋاقىت : 2008-03-28 23:16:00

بىر كۈنى بىر كۈنى ئاي جىلۋىسى تۆكۈلگەن كېچە، دەرگاھىغا جۆنەيدۇ زۇلمەت. سۈترەڭ نۇردا يۇيۇنۇپ يوللار، ئەتە ئۈچۈن تىزار مۇھەببەت. يۈرىكىمگە لىقلاپ تەبەسسۇم، گۈلگۈن خىيال ئاچىدۇ چىچەك. ئالدىمدىل...

    بىر كۈنى

          بىر كۈنى ئاي جىلۋىسى تۆكۈلگەن كېچە، دەرگاھىغا جۆنەيدۇ زۇلمەت. سۈترەڭ نۇردا يۇيۇنۇپ يوللار، ئەتە ئۈچۈن تىزار مۇھەببەت. يۈرىكىمگە لىقلاپ تەبەسسۇم، گۈلگۈن خىيال ئاچىدۇ چىچەك. ئالدىمدىلا جىلمىيار نازلىق، چۈشۈمدىكى مەسۈم كېلىچەك. نۇر تۆكۈلگەن يارقىن كېچىدە، يالتىرايدۇ ئالتۇنرەڭ ياپراق. مەن ئۆزۈمگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ، پاكلىنىمەن-تاشلايمەن قاسراق

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق