نۇسرەت كۆكىدىكى تۇمان(6) (پوۋسىت)

يوللىغۇچى : ilterish يوللىغان ۋاقىت : 2009-04-19 14:02:00

نۇسرەت كۆكىدىكى تۇمان(6) (پوۋسىت) مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىم يولۋاسخان دادىسىنىڭ بۇنچىلىك تىز ماقۇللۇق بىرىشىنى ئەمدىلا ئويلاپ باقمىغان ئىدى. ئۇ خاس خانىگە كىرىشنىڭ ئالدىدا «مەن كىتىمەن دىسەم، دادا...

      نۇسرەت كۆكىدىكى تۇمان(6) (پوۋسىت)

     مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىم

        يولۋاسخان دادىسىنىڭ بۇنچىلىك تىز ماقۇللۇق بىرىشىنى ئەمدىلا ئويلاپ باقمىغان ئىدى. ئۇ خاس خانىگە كىرىشنىڭ ئالدىدا «مەن كىتىمەن دىسەم، دادام چۇقۇم قۇشۇلمايدۇ. ھىچ بولمىسا بىردەم تاقارىشىپ، مىنى ئۆز سۆزىگە كىرىشكە ئۈندەيدۇ، » دەپ ئويلىغان ئىدى. شۇڭا دەرگۇمان بولغاندەك ئابدۇللاخانغا قارىدىيۇ، ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە تىكىلىپ ئولتۇرغىنى كۆرۈپ تىزلا بىشىنى سىلىۋالدى. دەل شۇ چاغدا ئۇ قەشقەردىن ئاتلىنىدىغان كۈننىڭ ھارپا ئاخشىمى غۇجا ھىداياتۇللا ئىشاننىڭ ؛بۇ سەپەرلىرى خەيرىلىك سەپەر بولغاي شاھزادەم، ئەمدى تەببەت ئىككىلەنمىسىلە، ھېلىمۇ نائىپ خانلىققا يىگىرمە نەچە يىلدىن. كۆپرەك ئولتۇردىلا، دادىلىرى سىلىنىڭ ياشلىرىدا ئاللىقاچان شاھلىق تەخىتكە ئولتۇرغان ئۇزات يۇرتىدارچىلىق تىزگىنىنى تۇتۇمەن دەپ كۆپ ھەرىج تارتتى. سىلى پەدەرى بۇرزۇك خان ئالىلىرىنىڭ ۋەلئەھدىسى بولغاندىكىن، بۇرۇنراق ئونى غەمدىن خالاس قىلىپ، كىيىنكى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىگە ھەمدەم بولغايلا، بۇ ئىككىلىنىدىغان ئىش ئەمەس، خان ئالىلىرىمۇ بۇنى چۇقۇم چۈشىنىدۇ. ئەمما ئالدىراشچانلىقتا خىيالىغا كىرىپ چىقمىغانلا يىرى بار. شۇڭا بۇنى ئۆزلىرى پەدەرى بۇزرۇكنىڭ سەمىگە سېلىشنى بۇرۇچ دەپ بىلگەيلا. . . » ، -دىگەن گەپلىرى قۇلاق تۈۋىدە ياڭرىغاندەك بۇلدى.
        ئۇنۇڭسىزمۇ ئۇزۇندىن بىرى شۇنداق بىر كۈن كىلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن يولۋاسخان مۇشۇ سەپىرىدە خاننىڭ كۆڭلىگە ھىدايەت تىلەپ ئاتلانغان ئىدى. شۇنىڭغىمۇ نىيا سەپىرىنى ئۆزى خالاپ تەلەپ قىلغان ۋە ئۆزىنىڭ مەيلى ئەلەم ماھارىتىدە، مەيلى قەلەم ماھارىتىدە پىشىپ يىتىلگەنلىكىنى ئاتىسىنىڭ قۇلىغا قۇل، پۇتىغا پۇت بۇلالايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولغان ئىدى. ئەپسۇس سىڭگى بىلەن دۇقۇرۇشۇپ، بىرەر قەپەز ئېلىشىشى تۈگۈل. ئۇنىڭ سايىسىنىمۇ كۈرەلمىدى. خۇدابەردى ھاكىم بەگ بىلەن ئىسكەندەر پالۋان سىڭڭى ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرىنى سۈتۈقاي قىلىپ، ئاخىرى ئۇلارنى ئاق بايراق چىقىرىشقا مەجبورلارپ، بۇ دورەم كەتكەن يولى بىلەن قايتىش، كىيىن بۇ يۇرتلارغا قايتا ئاياق باسماسلىق شەرتى بىلەن يولغا سېلىپ قويغان ئىدى.
       يولۋاسخان بۇنى ئاڭلىغاندا يېرىلىپ كىتەيلا دەپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ئىدى. نىيىدىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، قەشقەرگە دادىسى بىلەن خوشلاشمايلا كىتىپ قېلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، قەلبىدىكى كۈنسايىن لاۋۇلداپ تۇرغان تەخىت ۋەسۋەسى غالىپ كىلىپ، ئۇنى خاس خانىگە باشلاپ كىردى. لىكىن ئابدۇللاخان ئونىڭ كۆڭلىدىكى گەپلەرنى دىيىش تۈگۈل تەلىۋىگە چاپسانلا ماقۇل دەۋەتتى.
        -تەنلىرنى ئاسرىغايلا ئاتا، - دىدى يۇلۋاسخان خېلى ئۇزۇن جىمجىتلىقتىن كىيىن، -تەخىتكە چىققاندىن بىرى تېرىقتەك چېچىلىپ كەتكەن خانلىقنى قايتىدىن بىرلەشتۈرۈش داۋامىدا ئاز رىيازەت تارتمىدىلا، بارمىغان بەدەشقان، لەشكەر تارتىمىغان كۇچار، خۇتەنلەر قالمىدى، ئۆزلىرىنىڭ ئالتۇن بويلىرىنىڭ ئاسان بۇلىشى ئەل-رەدىيەتتىڭلا ئەمەس پۇشتى-پاناھلىرى بولمىش پەرزەنتىلىرىنىڭمۇ بەختى. . . گەپنىڭ بارا-بارا ئۇزۇندىن بىرى ئۆزى ئەندىشە قىلىۋاتقان تەرەپكە بۇرۇلىۋاتقانلىقىنى سەزگەن ئابدۇللاخان سەل سەگەكلەشتى-دە، پەر ياستۇققا يۈلەنگەن گەۋدىسىنى سەل كۈتۈرۈپ قۇيۇپ ئېغىز ئاچتى.
       -شاھزادەمنىڭ شۇنچىلىك كۆڭۈل بۆلگىنىگە ھەشقەللا، چۇقۇم دىگەنلىرىنى ئىسىمدە تۇتۇمەن. . . .
        -ئاتا-بالا ئوتىرىسىدا ئارتۇقچە تەكەللۇپنىڭ ھاجىتى يۇق، خان ئاتا، ئۆزلىرىنىڭ مەن ۋە ئوغلۇمغا كاتتا شاپائەت قىلىپ، قەشقەرۋە خۇتەنلەرنىڭ نائىپ ئەمىرلىك مەنسىۋىنى ئاتا قىلغانلىرىغا مىڭ-مىڭ تەسەننا. شۇنداقتىمۇ كۆپ ئىھتىيات قىلغايلا، مەن ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا قارىسام. ئوردىدا رىياكار ئەمىرلەر كۈپۈيۈپ قالغانمىش. ئىشەنچىلىك ئەمىرلەر بارغانسىرى يىتىم قىلىۋاتقانمىش. شۇڭا جازالايدىغىنىنى جازالاپ، ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىدىغىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ھازىرقى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش جايىزمىكىن خان ئاتا؟
       -قىنى تەپسىلىرەك سۆزلىسىلە نائىپ خان !، - دىدى ئابدۇللاخان ئۇنى ئادەم يۇق سۇرۇنلاردا شاھزادەم، ئوغلۇم دەيدىغان ئادىتىنى بىردىنلا ئۆزگەرتىپ، «نائىپ خان» دىگەن سۆزنى ئورغۇلۇق قىلىپ ئېيتىپ. يولۋاسخان بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ سەل چۆچىدىيۇ، ئەمما خۇجا ھىدايىتۇللا ئىشاننىڭ گەپلىرىنى بىردىنلا يادىغا ئېلىپ، ئالدىرماي ئېغىز ئاچتى.
       -ئوردىدا ئىشەنچىلىك ئادەملەرنىڭ ئازىيىشى خەۋىپلىكتۇر. شۇڭا ئىشەنچىلىك كىشىلەرنى مەنسەپكە قۇيۇپ، شۇ ئارقىلىق مۇتلەق ئۈستۈن ھالەتنى ساقلاش زۈرۈردۇر. مىنىڭ مەسلەھىتىم ئەنھەزىرىتىمگە خوپ كەلسە، مىرزا تىنبەگكە يەركەننىڭ ھاكىملىقىنى، نەپى بەگكە ئىشىك ئاغىلىقنى بەسىلە قانداق بۇلار ؟. . .
       ئابدۇللاخان بۇگەپنى ئاڭلاپ ھەم ھەيران بولدى، ھەم چۈچۈدى، ئۇ ئوغلىنىڭ تۇيۇقسىز بۇ ئىككى ئەمىرنى ئۆستۈرۈش تەلىۋىنى قۇيۇشىنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغان ئىدى. شۇڭا دەرھاللا ئېغىز ئاچماي ئۇنىڭ يەنە قانداق خىيالى بارلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولغاندەك سورىدى.
       -يەنە قانداق ئاقىلانە تەكلىپلىرى باركىن، نائىپ خان ؟
       يولۋاسخان دادىسىغا غىلام-غىلام قاراپ قۇيغاندىن كىيىن بىردىنلا ئىككىلىنىپ، بۇغۇزىغا كىلىپ قىلغان گەپنى يۇتىۋەتتى. ئەمما يەنە نىمىشقىدۇر مۇشۇنداق ئوبدان پەيىتنى ئۆتكۈزۋەتسە، كىيىن پۇشايماننى ئالغىلى قاچا تاپالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، گەپنى ئەگىشىپ ئولتۇرمايلا ئۇچۇق قىلدى. ئاتا-بالا ئوتتۇرىسىدا يۇشۇرىدىغان سىر يوق، خان ئاتا، ئەگەر نىيەتلئىرىگە مۇخالىپ كەلمىسە، بۇنىڭدىن كىيىن قوللىرىغا قول، پۇتلىرىغا پۇت بۇلۇپ، خىزمەتلىرىنى قىلسام، كىيىنكى ئۆمۈرلىرىنى خاتىرجەم كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشكە شارائىت يارتىپ بەرسەم دىگەن ئويدىمەن. . .
        ئابدۇللاخان بۇگەپنى ئاڭلاپ، قەھرىتان قىشتا كاچكۆلگە چۈشۈپ كەتكەندەك چۆچىدى. ئۇ ئوغلىنىڭ ھەر قانچە بولسىمۇ، ئۆز ئارزۇسىنى بۇنداق ئاشكارە ئوتتۇرىغا قۇيۇشنى ئەمدىلا ئويلىمىغان ئىدى. ھىندىقۇش مىرزىمۇ «شاھزادىدىن ئەنسىرىمىسىلمۇ بۇلىدۇ، ئۇنى كۈشكىرىۋاتقان ئادەم بار. ئۇ ھەر قانچە بۇلسىمۇ، يالىڭاچ سۇدىن قورقىماپتۇ » دىگەندەك ئىش قىلمايدۇ دىگەن ئىدى. بىراق مانا ئەمدى بۇ گەپكە نىمە دىگۈلۈك. . . ھەي بىچارە شاھزادەم سەن خانلىق تەخىتكە نىمانچە ئالدىراپ كىتىسەن ؟. بۇ جەھەتتە مىنىڭمۇ ئويلىغانلىرىم بار ئىدىغۇ ؟ مەن ئۆلسەم شاھلىق تەخىتنى گۆرۈمگە بىللە ئېلىپ كەتمەيمەن. ساڭا قالدۇرىمەن دەپ ئاتايىن سىنى ۋەلئەھدى دەپ جاكارلىغان ئىدىمغۇ ؟!. . .
        ئابدۇللاخان تەگسىز خىياللار ئىچىدە ئۆزىگە زۇر ئۈمىد، ئىشەنىچ بىلەن قاراپ ئولتۇرغان ئوغلىغا قاراپ بىر ھازا ئولتۇردى- دە، قاينىغان چۆگۈنگە ۋاقتىدا سۇغۇق قۇيۇپ، پەسكۇيىغا چۈشۈپ قۇيمىسا تىشىپ ئوتنى ئۈچۈرۈپ قۇيىشىدىن ئەنسىرەپ قالدى. دىمىسىمۇ ئۇنىڭ ئەمىرگە يۇقىرى مەنسەپ بىرىشكە دادالەت قىلىشى ئاتىسىنىڭ تۇمۇرىنى تۇتۇپ كۆرۈش، ئەڭ مۇھىمى ئۆزى ئۈچۈن يول ئىچىش ئىدى. خان بۇنى ئاللىبورۇن چۈشۈنۈش يەتكەچكە تۇمتاققا جاۋاپ بەردى.
        -ئىككى ئەمىرنىڭ ئىشىغا ئالدىراپ بىر نىمە دىگىلى بۇلمايدۇ، نائىپ خان، ھازىر يەركەننىڭ ھاكىممۇ، ئوردىنىڭ ئىشىك ئاغىسىمۇ خىزمەتلىرىنى بىجاندىل ئىشلەۋاتىدۇ. سىز تەۋسىيە قىلغان كىشىلەرنىڭ ئۇلاردەك قابىل، ئۆز ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن تۇلۇق چىقالىشى ناتايىن، شۇڭا كىيىنچە مۇۋاپىق ئورۇنغا ئۇيلىشىپ باقارمەن. سىزنىڭ ئىشىڭىزغا كەلسەم، تېخى بۇجەھەتتە تۇلۇق ئويلىنىپ بىر قارارغا كەلمىدىم. شۇڭا باشقا خىياللاردا بولماي، قەشقەردىكى ۋەزىپىڭىزنىڭ ھۆدىسىدىن تۇلۇق چىققايسىز. يولۋاسخان بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، بىردىنلا شۈك بۇلۇپ قالدى. ئۇ ئاتىسىنى «ئوشتۇم باراقەت بۇنداق گەپلەرنى قىلمايدۇ، ھېچ بۇلمىسا، چىرايلىق گەپلەرنى قىلىپ، ئىشەنچ ئۈمىدىمنى ئاشۇرىدۇ» دەپ ئويلىغان ئىدى. شۇڭا زەيكەش يەرنىڭ چالمىدەك بىردىنلا بۇشۇ شۇپلا كەتتى-يۇ ئەمما ئاخىرقى كۆزىنى ئىشقا سالماقچى بۇلدى.
        -يۈرەك پارىلىرىنىڭ كىيىنلىكى راستىنلا ئويلاپ باقمىدىلىمۇ، خان ئاتا؟ مەنمۇ ئۆزلىرى ئۈچۈن كۈيۈپ پىشىپ يۇرت سۇراۋاتىمەن، بۇنداق تاش يۈرەكلىك قىلمىسىلا. . . مەن ئۆزلىرىنىڭ پۇشتىغۇ ئاخىرى؟
       -بۇنى قانداق چۈشەنسىلە ئىختىيارلىرى، نائىپ خان، ئەمما ئىسىلىرىدە بولسۇن، سىلىنى مەن سەككىز ياشلىرىدا قەشقەردەك چوڭ يۇرتقا، ئۇغۇللىرى ئەبەيدۇللا سۇلتاننى ئون ئىككى يىشىدا خۇتەندەك باغى ئىرەمگە نائىپ خانلىققا تەيىنلىدىم. مەن تاش يۈرەك بولسام، چۇرتلا ئۇنداق قىلمىغان بۇلاتتىم. شۇڭا بىرلا ئېغىز گەپ، ھەر قانداق ئىشنىڭ ۋاقتى-سائىتى كەلمىسە بولمايدۇ. شۇنىڭغىچە ئۆز ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن تۇلۇق چىققايلا. . .
       يۇلۋاسخان گەپ قىلمىدى. ئۇئەمدى يەنە گەپ قىلىشنى خالىمايتتى. دادىسىنىڭ ئوي خىيالى ئۇنىڭغا بەش قولدەك ئىنىق بولغان ئىدى. شۇڭا يەنە بۇ قۇلاققا ياققۇدەك گەپ ئاڭلاشقا مۇشەررەپ بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئورنىدىن تۇردى. -مەن چىقاي خان ئاتا ئۆزلىرىنى ئاسرىغايلا !. . . ئالتۇن تەنلىرى ئامان بۇلغاي !. . .
    -دىگەنلىرىدەك بولغاي !. . . ، -خان ئورنىدىنمۇ تۇرماستىن جاۋاپ دىدى-دە يولۋاسخان خاس خانىدىن چىقىپ كەتكەندىن كىيىن بىردىنلا ئولۇغ-كىچىك تىن ئالدى.

     11

       ھاۋا تۇلىمۇ ئۇچۇق ئىدى، غەرىپ تەرەپتىن ئۇرىلىۋاتقان شامال تۇغچى قۇشۇندىكى لەشكەرنىڭ قۇلىدىكى ئەلەملەرنى يەلپۈيتتى. يولنىڭ ئىككى قاسنقىدىكى خەلىق ئۇلارنىڭ قايتىشىغا كۆزى قىيمىغاندەك تەرەزىدە ھۇڭا-سۈرەن قىلاتتى. ئابدۇللاخان ئۇلارغا قاراپ ئاخىرقى قېتىم ئىھتىرام بىلدۈرگەندىن كىيىن، قۇشۇنغا يۇلغا چىقىش ھەققىدە يارلىق بەرگەندىن كىيىن ئېتىغا قامچا سالدى-دە، قىريا دەرياسىنىڭ يان تەرىپىدىكى ياغبۇلاقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان قەبرىستانلىققا كىلىپ توختاپ، ئاتتىن چۈشتى، يىراقتىن يۈرەكنى ئەزگۈچى مۇقام ساداسنى كىلىپ تۇراتتى. ئابدۇللا خان يۈكۈنۈپ ئولتۇردى.
       شۇ ئەسنادا خانىنىڭ خىزمىتىنى قىلىۋاتقان مۇيىسىت بىكاۋۇل بىگى ئاۋازىنى تىتىرىپ تۇرۇپ قىرائەت باشلىدى. قىرائەت شۇنچىلىك مۇڭلۇق ئىدىكى ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ئىىتىيارسىز بىكاۋۇل بەگنىڭ ئاۋازىغا ماسلىشىپ، يىنىك تەۋرىنىشكە باشلىدى. بىراق ئابدۇللاخاننىڭ نىمىشقىدۇر ئوي-خىيالى توختاپ قالغان ئادەمدەك ئولتۇراتتى. ئۇ ئوغلى بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كىيىن، بۆلەكچىلا بۇلۇپ قالغان ئىدى، ئولتۇرسا، قوپسا، ئويلايدىغىنى ئوغلىنىڭ سۆزى، ئۇنىڭ تەخىتكە ئالدىراپ قىلىشى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يولۋاسخاننىڭ ئۆزى بىلەن خوشلاشمايلا كىتىپ قىلىشى بەكمۇ ھار كەلگەن ئىدى. ئابدۇللاخان شۇندىلا ئاتا- بالا ئوتۇرىسىدىكى مۇزنىڭ بارا-بارا قىلىنلاپ كەتكەنلىكىنى، ئەمدى زۇر-مۇزور تەدبىر قۇللانسا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما زادى قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي، خام ماي ئىچىۋالغان ئادەمدەك بۇلۇپ قالغان ئىدى. قىرائەت تۈگەپ، ھەممەيلەن ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ رۇھىغا يەنە بىررەت دۇئا قىلغاندىن كىيىن، گۈررىدە ئورنىدىن تۇرۇشتى.
        -خۇش، ھاكىمبەگ جاناپلىرى، ئەمدى ئۆزلىرى مەشەدە تۇرۇپ قالسىلا،
        - دىدى ئابدۇللاخان ئاتقا تىزلىكتە مىنىپ، -دىيىشكئىنىمىز بۇيىچە كىلەر يىلى ئاستانىدا كۆرۈشەيلى.
        - ھېچ بولمىسا لايسۇغىچە ھەمراھ بۇلايلى !. . . -ياق، بولدى. ئاۋارە بۇلمىسىلا، كۈڭۈللىرى تىگىل بولدى. كۆرۈشكىچە ئامان بولسىلا. . .
        خۇدا بەردى بەگ خاننى نىيىتىدىن ياندۇرالمىغانلىقىغا كۆزى يىتىپ، ماقۇللۇق بىلدۈرگەندەك بىشىنى لىڭشىتىقاچ جاۋاپ بەردى.
       -ئۆزلىرىنى ئاسرىغايلا ئەنھەزىرىتىم. . . .
        ئابدۇللاخان ئۇنىڭ سۆزى تۈگىمەستىنلا ئېتىغا قامچا سالدى، كىشنەپ تۇرغان ئارغىماق بىردىنلا ئالغا قاراپ قۇيۇندەك چاپتى. باشقىلارمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئاتلىرىغا قامچە سالغىنىچە سۇڭداشتى. ئۇزاتقىلى چىققانلار، ئاتلارنىڭ تۇياقلىرىدىن كۆتۈرگەن چاڭ -تۇزانلار، تارقاپ سەپەرگە ئاتلانغانلارنىڭ قارىسى يۇقىغىچە تۇرۇشتى. سەىدئىىيە خانلىقىنىڭ شاھى ئابدۇللاخان قالماقلارنىڭ كېرىيەگە قىلغان ھۇجۇمىنى ئۈزۈل- كىسىل تارمار قىلىپ جەڭدە نۇسرەت قازاندى. شۇنىڭدىن باشلاپ قالماقلار بۇزېمىنغا قايتا ئاياق باسمىدى، جەڭدىن كىيىن كېرىيەدە ئابدۇللا خاننىڭ تەشەببۇس بىلەن ھازىرقى قارلۇق ئۆستەڭ، سىيەكتىكى يامۇل ئۆستەڭ، چىرىدىكى ماخمال ئۆستەڭ ئېلىندى. مەكتەپ، مەدىرىسلەر قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ شان- شۆھرىتى تىللاردا داستان بولدى ئەمما ئۇنىڭ بۇ سەپىرى ئۆز نۆۋىتىدە ئاتا- بالا ئوتتۇرىسىدىكى خۇسۇمەت تۈگمىنىگە سۇ باشلاپ. مىھرى-مۇھەببەت، ۋاپادارلىق كۈيۈمچانلىقنىڭ ئورنىغا ئىشەنمەسلىك، ئاداۋەت ئۇرۇقىنى چاچتى.
        خۇجاھىدەيتۇللا ئىشان يولۋاسخان ئارقىلىق ئابدۇللاخاندىن چوقۇق تارتىۋېلىپ، ئۆزى ئويلىغان، كىچە- كۈندۈز ئولتۇرسا، قوپسا كۆز ئالدىدىن كەتمەيدىغان « دۆلەت ئۇستا» لىقىدىن ئىبارەت خاسىيەتلىك بوش ئۇرۇنغا ئىرىشەلمىگەندىن كىيىن، يولۋاسخاننى ئۆز دېپىغا ھەدەپ ئۇسۇل ئوينىپ،، ئاخىرى ئاتا- بالىنى بىر- بىرىگە ئىشەنمەس قىلىۋەتتى-دە، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قارا خەت ھىيلىسى بىلەن بىگۇناھ ئوردا ئەمىرلىرنى ئابدۇللاخانغا قەتلى قىلدۇردى. ئەنە شۇنۇڭدىن كىيىن ھەممە ئىشقا گۇمان، شۇبھە بىلەن قارايدىغان، ھېچكىمگە ئىشەنمەيدىغان بولۇپ كەتكەن ئابدۇللاخان نەۋرىلىرى ئەبەيدۇللا سۇلتان بىلەن خانزادە خىنىمنىڭ كاللىسىنى ئالدى، -دە، مىلادىيە1688-يىلى خانلىق تەخىتنى نا ئىلاج يولۋاسخانغا تاشلاپ قۇيۇپ، ھەج تاۋاپ قىلىش سەپىرىگە ئاتلانغان بولسىمۇ، خۇجا ھىدايىتۇللا ئىشاننىڭ كۈشكىرتىشى، يولۋاسخاننىڭ بۇيرۇق قىلىشى بىلەن سەپەر جەريانىدا كاللىسىدىن ئايرىلدى.
       شۇنىڭدىن كىيىنكى يىللاردا ھۇقۇق تالىشىش، سۈلۈك ماجرالىرى كۆپىيىش، ئۆز-ئارا زىديەتلىشىش، قان قىرىنداشلارنىڭ بىر-بىرىگە تىغ كۈتۈرۈشى قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن سەئىدىيە خانلىقى چاك-چىكىدىن سۈكۈلۈپ، ئاخىرى پۈتكۈل ھۇقۇق ھىدايىتۇللا ئاپپاق خۇجىنىڭ قۇلىغا ئۈتۈپ خەلقىنى زۇلمەت قاراڭغۇسىغا باشلاپ، نادانلىقتا قالدۇرغان سۇپىزىم ئەۋىج ئېلىشقا باشلىدى. (تامام)

     ( ئاپتور: كېرىيە ناھىيىلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.