ئەقىللىق ياكى ئەمەسلىكىنى قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-06 18:29:00

ئەقىللىق ياكى ئەمەسلىكىنى قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ . ھىمىت ئېلى تەرجىمىسى ئەگەر سىز بىر كىشىنىڭ ئەقىللىق ياكى ئەقىللىق ئەمەسلىكىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، شۇ كىشىنىڭ تاشقى قىياپىتىنى ئەتراپلىق كۆزەت...

    ئەقىللىق ياكى ئەمەسلىكىنى قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ .

    ھىمىت ئېلى تەرجىمىسى

    ئەگەر سىز بىر كىشىنىڭ ئەقىللىق ياكى ئەقىللىق ئەمەسلىكىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، شۇ كىشىنىڭ تاشقى قىياپىتىنى ئەتراپلىق كۆزەتسىڭىزلا بولىدۇ. ھازىر نۇرغۇن ئالىملار مانا مۇشۇنداق دەپ قارايدۇ. ئۇلار بىر ئادەمنىڭ تاشقى قىياپىتىدە نۇرغۇن ئىنچىكە تەرەپلەر بار. ماڭلاينىڭ شەكلىدىن تارتىپ بارماقلارنىڭ ئۇزۇنلۇقىغىچە ھەممە تەرەپ بىزنىڭ مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئەقىللىق ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىۋىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ، دەيدۇ.كۆك كۆز ئامېرىكا لۇئىسۋىل ئۇنۋىرستىتىتنىڭ تەتقىقاتچىسى چوئاننا. رونىڭ دېيىشىچە، ئۇ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئەقىللىق ئادەملەر، جۈملىدىن سېتىۋىن، خوكىن، مارىيە. كىيورى ۋە بىل. گايتىسلار بىر جۈپ كۆك كۆزى بولۇشتەك ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەن. كۆز قارچۇقىنىڭ رەڭگى قېنىق بولغان كىشلەرنىڭ تەنھەرىكەتتە ئارتۇقچلىققا ئىگە بولىدىغانلىقى بايقالغان.يوغان باش، چوڭ كۆز ئادەم بېشىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىنى كۆزىتىشمۇ ئۇنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى چۈشىنشنىڭ بىر ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ. كانادا سىئاندالوخ ئونۋىرستىتىنىڭ پىسخولوگلىرى ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋە ئايلانمىسى چوڭ بولغان باش تېخىمۇ يۇقىرى ئەقىل- پاراسەتتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى، ئۇچلۇق باشلىق ئادەملەرنىڭ ئەقلى چولتا بۇلۇشى مومكىنىلىكىنى بايقىغان.  ئىلمەك بۇرۇن بەزى تەتقىقاتچىلار ئىلمەك بۇرۇن ئاياللارنىڭ مىجەز- خاراكتىرى ناھايتتى ياخشى، ئۇلار ناھايتتى ئەقىللىق كېلىدۇ؛ قاڭشىرى تۈز كەلگەن ئاياللار كۆپىنچە چىرايلىق، چىۋەر، قىزىقچى ۋە ئىشچان كېلىدۇ؛ بۇرنى كىچىك ئاياللار بولسا نىسبەتەن ئەقىللىق، چاققان ۋە شوخ كېلىدۇ، دەپ قارايدىكەن. بىگىز بارماق بىلەن چىمچىلاقنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەنگىلىيە باس ئۇنۋىرستېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بىگىز بارماق بىلەن چىمچىلاق بارماقنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ سىزنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئەقىللىق ئىكەنلىكىڭىزدىن بىشارەت بېرىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىگىز بارمىقى قىسقاراق بولغان ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەبئىي پەن نەتىجىسى ياخشىراق، بىگىز بارمىقى بىلەن چىمچىلاق بارمىقى ئوخشاشلا ئۇزۇن بولغان قىز ئوقۇغۇچىلارمۇ ئەقىللىقرەك كېلىدىكەن.  بوي ئېگىزلىكى ئامېرىكا پرىنسېتون ئونۋىرستىتتىنىڭ تەتقىقاتىدا بويى ئېگىزلەر بويى پاكارراق ھەمراھلىرىدىن ئومۇمەن ئەقىللىق كېلىدىغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپالايدىغانلىقى ئايان بولغان. ئۈچ ياشتىن باشلاپ بويى ئېگىز بالىلارنىڭ نەتىجىسى ياخشىراق بولىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا سىتانفورد ئۇنىۋىرستىتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىمۇ 14 مىڭ بالا ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ، بوي ئېگىزلىك بىلەن ئەقىل- پاراسەت ئوتتۇرىسدا باغلىنىش بارلىقىنى بايقىغان.  تەن مويلۇق بولۇش ئامېرىكا ئىللىنۇس شىتاتى چىش ساغلاملىق مەركىزىنىڭ دوختۇرى ئالياس؛ مويلۇق ئەرلەر بىر قەدەر ئەقىللىق ئەرلەرنىڭ سىمۋولى سانىلىدۇ، دەپ قارايدىكەن.  پۇت بارماقلىرى دىقماق بولۇش قەدىمكى گىرتسىيە ۋە قەدىمكى رىم دەۋىردە ياسالغان ئادەم ھەيكەللىرىنىڭ پۇت بارماقلىرى ھەم قىسقا، ھەم توم ئىكەن. تارىختا، نۇرغۇن دۆلەتلەر پۇت بارماقلىرىنىڭ دىقماق بولۇشىنى ئەقىللىقلىقىنىڭ بەلگىسى، دەپ قارىغان ئىكەن.

    ھىمىت ئېلى تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق