قارچىغا بالىسى (ئەختەم ئۆمەر)

يوللىغۇچى : biliwal يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-10 21:29:01

قارچىغا بالىسى (ھېكايە)ئەختەم ئۆمەر قىشتىكى سوغۇق ھەم ساپ ھاۋا يۈزگە ئۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدىن ئالغان نەپەس، شەھەرنىڭ بۇزۇلغان ھاۋاسىدىن زەئىپلەشكەن ئۆپكىنى ئۇيقىدىن ئويغاتقاندەك بولدى؛ روھلار كۆتۈ...

    قارچىغا بالىسى (ھېكايە)
     ئەختەم ئۆمەر

     
        قىشتىكى سوغۇق ھەم ساپ ھاۋا يۈزگە ئۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدىن ئالغان نەپەس، شەھەرنىڭ بۇزۇلغان ھاۋاسىدىن زەئىپلەشكەن ئۆپكىنى ئۇيقىدىن ئويغاتقاندەك بولدى؛ روھلار كۆتۈرۈلۈپ قۇشتەك يەڭگىل، سەگەك بىر راھەتلىك ئېقىم  تومۇرلاردا ئۇيۇشقا باشلىغان قانلارنى ئۇرغۇتتى. سۈبھى بىلەن تەڭ شايار بازىرىدىن چىقىپ كەتكەن ماشىنىغا، ئەمدىلەتىن ئورنىدىن تۇرۇپ ئوچاققا ئوت قالاشقا تۇتۇنغان ئاشپەز كۆزىنىڭ چاپىقىنى ئۇۋىلاپ ئەسنىگىنىچە قاراپ قالدى. يولدا مەسچىتكە ئالدىراپ ماڭغان كىشىلەر بىر - ئىككىدىن ئۇچرىدى. قويۇق مەھەللە ئاخىرلىشىپ، چەكسىز دالا، سوك - سوك، يۇلغۇنلار ۋە ئۇيەر - بۇيەردە موماينىڭ ئاق لېچىكىدەك پارچە قارلار كۆرۈندى. كېچە بولسىمۇ قاراڭغۇ ئەمەستەك زەڭگەر بىلىنىدىغان ئاسمان سەبىينىڭ كۆڭلىدەك سۈزۈك ئىدى. ئۆچۈش ئالدىدىكى خىرەلەشكەن يۇلتۇزلار يىراقلاپ كېتىۋاتقان قىزغا كۆزى قىيماسلىق بىلەن تەلمۈرگەندەك، كۆز قىسقاندەك كۆرۈندى. ئالدىمىزدا قارا كۆرۈنگەن مەھەللىدىن ئاندا - ساندا ۋاخ قالغان خورازنىڭ چىللىشى ئاڭلاندى. قويۇق يۇلغۇن چاتقاللىرى ئارىسىدىكى يول بالا ۋاقتىمىزدا سامانلىقنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ سامانغا سەكرەپ ئوينىغان چېغىمنى ئەسكە سېلىپ، بىردە ئېگىزگە ئەپچىقىپ، بىردە يەرگە تاشلاپ ئىلگىرىلىدى.
        تاڭ سۈزۈلدى. پايانسىز دالا چىرايلىق جۇۋاندەك يېقىملىقلاشتى. قويۇق يۇلغۇننىڭ قىش سوغۇقىدىن قاتقان ئىنچىكە قىزىل ياپراقلىرى مەڭزىدىن قان تېمىپ تۇرغان پەردازسىز سەھرا قىزىدەك يېقىملىق ئىدى. ئۇنىڭ ئۇششاق تال چىۋىقلىرى قىرىق كوكىلىلىق قىزنىڭ ئۆرۈمە چېچىغا ئوخشىسا، ئاراشلىرىدىن كۆرۈنىدىغان ئاق قارلار قىز ۋىلىقلاپ كۈلسە كۆرۈنىدىغان چىشلىرىدەك، ئادەمگە لەززەت بېغىشلىدى. ھۆركىرەپ يۈگۈرەۋاتقاندەك ماڭغان يوغان ماشىنىدىن ھۈركىگەن چۆل تورغايلىرى چاتقاللار ئارىسىدىن قاڭقىپ، ئېگىز - پەس ئۇچۇپ ئەنسىز سايرىسا، ياۋا توشقانلار ھەر تەرەپكە پەرتىلدەپ قاچتى. يىراقتىن يەنە توغراقلار كۆرۈنۈشكە باشلىدى.
    _ توشقان تولا ئىكەن، مىلتىق بولسا تازا بىر پۇخادىن چىققۇدەك ئوۋ قىلغىلى بولغۇدەك،  _ دېدى بىرى.
    _ خەقنىڭ مىلتىقى بولسا، بۇنداق جىق توشقان نېمە قىلىدۇ، ئاكىچا؟  _ دېدى بىزنى چۆلگە باشلاپ ماڭغان دوستىمىز ئابلەت.
    _ نېمە دېدىڭىز؟ يەنە بىر دەڭە !
    _ ئاكىچا،  _ دېدىم.
    _ «ئاچا» دېگەندەك ئاڭلىنىپ كەتتى. «ئاكىچا» دېگەن نېمە دېگىنىڭلا؟
    _ «ئاغىنە» دەيلى دېسەك، سىلى مەندىن چوڭ؛ «ئاكا» دەي دېسەم، مەنمۇ ئانچە كىچىك ئەمەس؛ «ئادىشوي» دېسەم قوپال ئاڭلىنىدۇ. ھەم ئاغىنىدەك، ھەم ئاكىدەك، ھەم يېقىن تۇغقاندەك ئادەمنى ئاكىچا دەيمىز،  _ دەپ چۈشەندۈردى ئابلەت.
    ئۇيەر - بۇيەردىكى قېرى توغراقلار قويۇق ياش توغراقلارغا ئارىلىشىپ، كۆز ئالدىمىز بارغانچە قويۇق ئورمانغا ئايلاندى. ھەر خىل سۈرلۈك شەكىلدە تۇرغان قېرى توغراقلار ئادەمنى ئەيمەندۈرسە؛ قويۇق، تۈز ئۆسكەن ياش توغراقلار ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا گويا قېرى سەركەردىنىڭ لەشكەرلىرى ئەتراپىدا سەپراس بولۇپ تىك تۇرغاندەك كۆرۈندى. بۇغداي ئۇنىدىن يۇمشاق ئاق توپا ماشىنا چاقىدا سۇدەك ئېقىپ، خۇمداننىڭ تۈتۈنىدەك ئاسمانغا كۆتۈرۈلەتتى. تىلسىماتتەك جىمجىت توغراقلىقتا ھۆركىرەپ مېڭىۋاتقان ماشىنا بىلەن توغراقلار ئارىسىغا بىراۋنىڭ ئاي شەكىللىك ئۇزۇن قىلىچىنى تاشلاپ قويغاندەك سوزۇلۇپ، ئاستا ئېقىۋاتقان تارىم دەرياسى بويىدىكى كېچىككە كەلدۇق ...
    بىنادىن ئىككىنى سالغۇدەك يەرنى ئىگىلەپ، سۇ ئۈستىدە لەيلەپ تۇرغان كېمە ھازىر تۆمۈر قوزۇققا باغلىنىپ لەيلىمە كۆۋرۈك بولغانىدى. ئىلگىرى تارىم دەرياسىنىڭ ئۇماچتەك لاي سۈيىنى كۆرگەنىدىم. ھازىر بۇ سۈزۈك سۇنى كۆرۈپ، رەھمەتلىك چوڭ ئانام ئېسىمگە كەلدى. چوڭ ئانام مۇشۇنداق سۈزۈك ئېقىن سۇنى كۆرسە «ئەجەب چۆچۈرە سالغۇدەك چىرايلىق سۇكەن» دەپ جېنى سۆيۈنۈپ كېتەتتى. دېمىسىمۇ بۇنداق مۇلايىم سۈزۈك سۇنىڭ ئاققىنىنى كۆرمىگىنىمگە ئۇزاق بولغانىدى. سۇ ناھايىتى ئېغىر سۈكۈنات بىلەن، پاكلىق، ئېغىر بېسىقلىق ۋە سالماقلىق بىلەن ئاقاتتى. ئېقىپ - ئېقىپ تارىم ۋادىسىدىكى بارلىق جانلىق - جانسىزلارنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ، ئاخىرى توغراقلار ئارىسىغا  __ تەكلىماكان قۇملۇقىغا سىڭەتتى. ئەمەلىيەتتە مۇشۇ ۋادىنىڭ بارلىق خۇشاللىق - خاپىلىقلىرىنى قارنىغا سىغدۇرۇپ سۈكۈت ئىچىدە سىڭىپ ئاققىلى قانچە مىڭ يىللار بولغانىدى ...
    ساپ ھاۋا، سۈزۈك سۇ، بىپايان قۇملۇق، چەكسىز توغراقلىق روھىمغا سىڭىپ كەتكەن بۇرۇقتۇرمىلىقنى شوراپ كەتتى. بولۇپمۇ تارىم دەرياسىنىڭ سۈيى ئىچىمدىكى لەختە - لەختە روھىي زەرداپلىرىمنى بىردىنلا تارتىپ كەتكەندەك يېنىكلەپ كەتتىم. ئۇيغۇر خەلقى«ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى بار» دېگەن چۆچەكنى بىكار توقۇماپتىكەن. ئۇ مۇنداق چۆچەك: ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى بارلىقىنى سېزىپ، بىرسىگە تىنالماي كۈندىن - كۈنگە قورسىقى ئېسىلىپ ماڭالماي قالغان ساتىراش ئاخىرى چۆلگە چىقىپ ئىنس - جىن يوق يەردىكى كونا قۇدۇققا دۈم يېتىپ تۇرۇپ «ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى بار!» دەپ ئۈچ مەرتەم ۋارقىرىغاندىن كېيىن قورسىقى بوشاپ كېتىپتۇ. ساتىراش كەتكەندىن كېيىن بۇ كونا قۇدۇقتىن ئاجايىپ چىرايلىق بىر قومۇش ئۈنۈپ چىقىپتۇ. پادىچى مال باققاچ قۇدۇق بېشىغا كەپتۇ ۋە ھېلىقى قومۇش كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭدىن بىر نەي ياساپ چاپتۇ. نەينىڭ ئاۋازى خۇددى ئادەم گەپ قىلغاندەك «ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى بار » دەپ چىقىپتۇ. نەيچى بۇ ئىشتىن ھەيران قېلىپ ئەتراپقا قارىسا، ئادەم تۈگۈل ئىنس-جىن يوق. خاتا ئاڭلىغان ئوخشايمەن دەپ، نەينى يەنە پۈۋلىگەنىكەن، نەيدىن يەنە «ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى بار!» دېگەن كۈي تارقاپتۇ. پادىچى قورقۇپ كېتىپ نەينى يەنە قۇدۇققا تاشلىۋېتىپتۇ. ئەمدى ئۇھ دەپ تۇرسا، نەي ياساش ئۈچۈن كەسكەن قومۇشنىڭ قۇلاقلىرىنى يەپ قالغان قوي، ئۆچكە، كالا مەرىسە ۋە مۆرىسە«ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى بار! » دەپ مەرىگۈدەك، مۆرىگۈدەك. پادىچى تېخىمۇ قورقۇپ كېتىپتۇ. ئاشۇنداق مەرىگەن، مۆرىگەن قوي، كالىنى تاشلىۋېتەي دېسە، كۆپ زىيان بولىدىكەن؛ باقاي دېسە، «سەن كالا، قويلىرىڭغا قانداق مەرەش، مۆرەشنى ئۆگەتتىڭ» دەپ ئەيىبلىنىپ، كاللىسىنىڭ ئېلىنىشىدىن قورقىدىكەن. پادىچى ئاخىرى بىر ئەقىل تېپىپ ئاشۇنداق مەرەپ، مۆرەيدىغان كالا، قويلىرىنىڭ ئاغزىنى بوغۇپ بازارغا ئەكىرىپ ساتماق بوپتۇ. خېرىدارلارمۇ ئالماق بوپتۇ ۋە ئاغزىدا كېسەل بارمۇ - يوق كۆرۈپ باقاي، دەپ قوي، كالىنىڭ ئاغزىدىكى بوقۇچنى يەشكەنىكەن، شۇئان قويمۇ، كالىمۇ ھېلىقى قورقۇنچلۇق گەپنى دەپ مۆرەپ - مەرىشىپ كېتىپتۇ. بازاردىكى خالايىق بۇ سۆزنى ئاڭلاپ بازارنىمۇ، قوي، كالىسىنىمۇ تاشلاپ ئۆلەر - تىرىلىشىگە قارىماي قېچىپتۇ. بۇنى كۆرگەن پادىچىمۇ قوي، كالىسىنى تاشلاپ قېچىپتۇ. لەشكەرلەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ بازارغا باستۇرۇپ كىرسە، مال بازىرىدا بىرمۇ ئادەم يوق. مال - چارۋىلار ئىگىسىز قالغۇدەك. بۇنى كۆرگەن زىندان بېگى ئىگىسىز قالغان بارلىق ماللارنى قاسساپقا سېتىپ پۇلىنى يانچۇقىغا سېلىپ بېيىپ كېتىپتۇ. قاسساپ ئەرزان ئالغان مالنى ئۆلتۈرۈپ گۆشىنى سېتىپ باي بوپتۇ. ئەمما ھېلىقى مالنىڭ گۆشىنى يېگەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ «ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى بار!» دېگەن گەپنى دېگۈسى كېلىپ، ئىچى تىتىلدايدىكەن. دېسىلا ئىچىنىڭ سىقىلىشى بوشايدىكەن. يەنە بىردەمدە دېگۈسى كېلىپ جىم تۇرالمايدىكەن. ئۆزئارا دېيىشسە، «ۋاي دېمىسەڭمۇ ھەممە ئادەم بىلىدىغان گەپ بۇ» دەپ بىر - بىرىدىن خاپا بولۇشىدىكەنۇ، يەنە ھەممە ئادەم بىلىدىغان شۇ گەپنى يەنە دېيىشمىسە تۇرالمايدىكەن. شۇ گەپنى دېگەنلەرنى دېمىگەنلەر زىندان بېگىگە چېقىپ قويىدىكەن. بۇنى ئاڭلاپ قالغان زىندان بېگى ئۇلارنى ئۇدۇللۇق تۇتۇپ كاللىسىنى ئالدۇرۇپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپ كاللا كېسىشتىن زېرىككەن، قىلىچىنىڭ بېسى ئۆتمەس بوپكەتكەن جاللاتلار بەش تەڭگە بەرسە جىنايەتچىنى قويۇۋېتىدىغان بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شۇنداق دېگەنلەردىن زىندان بېگى بىلەن جاللاتلار پۇل ئېلىپ باي بولۇپ ئىشىكلىرى ئالتۇندىن، تاملىرى كۈمۈشتىن، ھەتتا ئىتلىرىنىڭ يالاقلىرىمۇ ئالتۇندىن بوپتۇ. خەقلەر كەمبەغەللىشىپ كەتسىمۇ قورساق كۆپىدىغان كېسەلدىن ساقىيىش ئۈچۈن ئاۋۋال بەش تەڭگە تەييارلاپ قويۇپ، قورساق كۆپۈپ، تىنالماي، ماڭالماي قالغان چاغدا شۇنداق گەپنى دەيدىكەن. دەرھال قورسىقى بوشاپ كېسەلدىن خالاس بولىدىكەن … شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر قوغۇنچى قوغۇنلۇققا سۇ قويۇۋېتىپ، قورسىقى كۆپۈپ بولالماي قېلىپ شۇنداق دەپ ساپتىكەن. پىشقان قوغۇنلارنىڭ ھەممىسى ھېلىقى گەپنى تەكرارلاپ ئېتىلىپ كېتىپتۇ ... قوغۇنچىنىڭ كاللىسىغا بىر ئەقىل كېلىپ، پىشقان قوغۇنلارنى ئۈزۈپ زىندان بېگى ھەم جاللاتلارغا، ئاندىن خان ئوردىسىغا كىرگۈزۈپ بېرىپتۇ. زىندان بېگى قوغۇننى يەپلا «ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى بار !» دەپ قاپتۇ. جاللاتلار زىندان بېگىگە قىلىچلىرىنى تەڭلەپ ھەيۋە بىلەن كېلىپ ئۆزلىرىمۇ شۇنداق دەپ قاپتۇ. زىندان بېگى جاللاتلارنى ئۆلۈمگە بۇيراي دەپ تۇرسا ياساۋۇل، لەشكەرلەرمۇ ئىختىيارسىز شۇ گەپنى دەپتۇ. ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟ دەپ تۇرسا، پادىشاھ مېزىلىك پۇرىغان قوغۇننى يەپ بولۇپلا قورسىقى كۆپۈپ كېتىپتۇ ۋە «ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى بار ! » دېسە قورسىقى بوشاپتۇ. بۇ ھالنى كۆرۈپ قورسىقى كۆپۈپ ئاران تۇرغان ئوردا ئەھلىمۇ تەڭلا تەكرارلاپتۇ. پادىشاھ ئۆزىدىن باشلاپ ھەممە ئادەمنى ئۆلۈمگە بۇيراي دېسە، تازا ئەقىلگە سىغماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بېشىدىكى تاجىنى ئېلىپ تاشلاپ، مۈڭگۈزىنى ئاشكارىلاپتۇ ھەمدە ئۆلتۈرۈش پەرمانىنى بىكار قىپتۇ ...
    سۈزۈك سۇغا قاراپ ئېسىمگە كەلگەن، مومام سۆزلەپ بەرگەن بۇ چۆچەك مېنى نەلەرگىدۇر  ئەكەتتى. مېنىڭمۇ يەڭگىللەپ كەتكىنىم راست. ئاشۇ چۆچەكتىكىدەك، تارىمنىڭ سۈيى ئىچىمدىكىنى ئەكەتتى. زۇۋان كىرسە ئۇلار نېمىلەرنى دەر دېگۈم كېلىپ، بالىلارچە خىيالىمدىن كۈلگۈم كەلدى.
    _ ئۇخلاۋاتامسەن، ئويغاقمۇ سەن؟  ئابدۇقېييۇمنىڭ كىشىلەر ئامراق ھېيتلىق ئاۋازى مېنى ئۇيقۇدىن ئەمەس، ساماۋى چۆچەكلەرنىڭ خىيالىدىن ئويغاتتى، ھەتتا مەن ماشىنا ماڭالماي پىيادە تىزغىچە توپىنى كېچىپ چاتقاللارنى قايرىپ مېڭىۋاتقانلىقىمىزنىمۇ سەزمەي مەستتەك مېڭىپتىمەن. ئاپلا نېمىشقا توۋلىغاندۇ ماۋۇ بەغەرەز ئاغىنەم؟ ئاشۇ گۈزەل چۆچەك دۇنياسىدا بولغان بولسام، ماۋۇ جاپالىق ھەم سۇر باسىدىغان توغراق، چاتقال ئارىسىدا پىيادە مېڭىۋاتقىنىمنى بىلمەي كېتىۋەرگەن بولاركەنمەن. ئەسلىدە ئاچا يولغا كەلگەندە، يول باشلىغان ئاغىنىمىز ئابلەتمۇ يولنى پەرق ئېتەلمەي «قايسى يولدا ماڭىمىز» دېگەننى دەتالاش قىلىپ مەندىن سورىسا، مەن ئۈندىمەستىن مېڭىۋەرگۈدەكمەن. شۇڭا مېنى توۋلىغانىكەن ئۇلار.
    سەپرايىم ئۆرلەپ، تېخىمۇ سۈرلۈك ھەم سىرلىق، ئاراشلىرىدىن قۇش ئۆتەلمەس توغراقلار بار ھارۋا يولىغا ماڭدىم.
    _ ئاھاي. ماڭمامسىلەر. يول بولغاندىكىن چوقۇم بىر مەھەللىدىن چىقىمىز. بىرى بارسا كەلمەس يول، بىرى بارسا كېلەر يول بولمىغاندىكىن،  _ دېدىم تېرىكىپ.
    _ ياقەي ئاكىچا. ئۇنداق ماڭغان بىلەن بىزدە يا يەيدىغان نان، يا ئىچىدىغان سۇ يوق. بىرقانچە كۈنلۈك يولغا چۈشۈپ قالساق، سىلىنى جاڭگالدا قويغاننىڭ ھۆددىسىدىن مەن چىقالمايمەن. مايەردە يېڭى ئىز  __ موتسىكلىتنىڭ ئىزى بارىكەن. مانداق ماڭىلى!! __ ئابلەت مەن تاللىغان يولنى ئەمەس، باشقا بىر يولنى تاللىدى ۋە ھەممىسى ماڭا قارشى چىقىپ شۇنداق مېڭىشتى. ئامالسىز ئەگەشتىم ... ماڭدۇق. «ئەمدى يەنە ماڭىدىغان بولسا مەن ئىزىمغا يىقىلىپ ياتىمەن» دېگەن خىيالغا كەلگەن چېغىمدا،  يىراقتىن ئادەمنىڭ ۋارقىرىغان، ئىت قاۋىغان ئاۋاز ئاڭلاندى.
    ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق كۈچەيدى. شەھەردە بوشاپ كەتكەن، بەل، پاچاق بۇ يولغا چىدىمىدى. بىردەم ئولتۇرۇپ بېقىپ، چىدىماي يەنە ماڭدۇق.  ئابدۇقېييۇمنىڭ بايا چىرايلىق كۆرۈنگەن رامبۇچە دالا كىيىمى ئەمدى كۆزۈمگە سەت كۆرۈندى. «مۇشۇنداقمۇ ماڭدۇرامدۇ ئادەمنى؟ يا بىر توغرام نان، يا بىر قاپاق سۇ يوق، چۆلگە چىققىنىنى كۆر. تاماكا بولسىلا ھەممىگە قانىدىغان ئاداشكەن ئۇ» ئىچىمدە غوتۇلدىدىم. كۆزۈمگە توغراقسىز دالا كۆرۈندى. بايىقى توغراقلارنى يەر يۇتۇپ كەتكەندەك، كۆز ئالدىمدا كېۋەز ئېتىزلىرى، ئېتىزلاردا ئاسماندىكى بارلىق ئاق بۇلۇتلار كۆچۈپ چۈشكەندەك ئۆچكىلەر پادىسى كۆرۈندى. پۈتكۈل ئۆچكىلەر سۈتتەك ئاق، پاكىز، بىرسىمۇ باشقا رەڭدە ئەمەس ئىدى. يۈگۈرگەندەك ماڭدىم. قېرى جۇۋاز كالىسىدەك لوپۇلداپ ماڭغان بولۇشۇم چوقۇم، ھەمراھلىرىم كۈلۈشۈپ كەتتى. بىر ئۆستەڭ، ئۆستەڭدە قەدىمقى سېپىل تېمىدەك قېلىن ئۇيۇغان مۇز. سۇ ئالىدىغان كاچكۆل، كاچكۆل بويىدا ناۋاتتەك مۇز پارچىلىرى تۇرۇپتۇ. كۆزۈمگە جەننەتنىڭ شولىسى كۆرۈنگەندەك بولدى. مۇز پارچىلىرىنى گويا ئايغىر ئات قوناق چاينىغاندەك يەپلا كەتتىم. ئۇسسۇزلۇققا قانمايمەن. كۆۋرۈك بويىدىكى يالغۇز ئۆيدىن نەچچە بالا چىقىپ بىزنى يىراقتىنلا كۆرۈپ ئۆيىگە قېچىپ كىرىپ كەتكەنىدى، ھەمراھلىرىم گەپ سوراپ يالۋۇرسا، ئىشىكىنى تاقىۋېلىپ بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى. ئۇلار بىلەن پەرۋايىم پەلەك. كاچكۆل بېشىدا ياتىدىغاندەك ئەلپازدا مۇز چاينايمەن.
    _ ئۇھ، قوڭالچاق مەھەللىسىگە راست كەپتۇق، تاپالاپتۇق_ ئەسلىي مەنمۇ كەپ باقمىغان،  _ دېدى ئابلەت.
    ئۆزىڭىز كېلىپ باقمىغان يەرگە بىزنى باشلاپ كەلگىنىڭىز قىزىق، ھەرھالدا ئادەم بار، سۇ بار مەھەللىگە ئۇلاشتۇق. توغراقلىق يەنە بىردەم داۋام قىلسا «ئاھ خۇدا» دەپلا توغراق تۈۋىدىكى توپىغا چۆكۈپ ياتاتتىم،  _ دېدىم مەن مۇز چايناۋېتىپ.
    ئۇسسۇزلۇق بېسىلغان بىلەن ئاچلىق بىلەن ھارغىنلىق جاننى قىينايدۇ. كۆزۈم خاتىرجەم ئوتلاۋاتقان بىر - بىرىدىن چىرايلىق سېمىز ئۆچكە ھەم شوخ ئوغلاقلاردىن ئۈزۈلمەيدۇ. گاچچىدە بىرنى تۇتۇپ بوغۇزلاپ كاۋاپ قىلساق، قورساق تويسا ئاندىن ئۇھ، دەيتتىم. بالا چاغلىرىمدا قورسىقىم تويمىسا خەقنىڭ توخۇسى بولامدۇ، تۇخۇمى بولامدۇ، خورىزى بولامدۇ، سويمىسى بولامدۇ، ئىشقىلىپ يېگىلى بولىدىغانلا نەرسىسى بولسا ئوغرىلاپ يەپ قورسىقىم تويغاندا، قوشۇقتەك يۈزۈمدىكى پىيالىدەك پىلدىرلاپ چەكچىيىپ كەتكەن كۆزلىرىمگە شوخلۇق يامىشاتتى. قورسىقىم ئاچقانچە تەلۋىلىشىپ «مۇشۇ پۈتۈن ئالەم بىر نان ياكى بىر قاچا لەغمەن بولسا ...» دەپ ئويلايتتىم.
    خۇدا ھەممە جاندارغا نەپسىنى بەرگەن. ھېكايەت: خوراز ئاچلىققا چىدىماي دەريانىڭ ئۇ قىرغىقىدا پارقىراپ تۇرغان بىر باش سېرىق قوناققا قاراپ چىدىيالماي قاپتۇ ۋە غاز بىلەن بىرنېمىسىنى قوناققا تېگىشىپتۇ. غاز دەريادىن ئۈزۈپ ئۆتۈپ، سېرىق قوناقنى خورازغا بېرىپتۇ - دە، خوراز پۈتۈن ئەس - يادى بىلەن قوناق چوقۇلاشقا باشلىغاندا خورازنىڭ ھېلىقى نەرسىسىنى ئۈزۈۋاپتۇ. خورازنىڭ ئەس - يادى قارنىدا قېلىپ، نېمىسىنى يوقاتقىنىنى بىلمەپتۇ. شۇندىن باشلاپ «غازنىڭ ئەرلىكى بار، خوراز ئۇسارغاق» بوپ قاپتۇ. غاز جۈپلەشسە ھۇزۇرلىنىپ، قانات قېقىپ ئەتراپقا ھۇررا توۋلاپ يۈگۈرەيدىكەن؛ خوراز جۈپلەشسە ئۇسۇرۇپ سېلىپ مېكياننى ئايلىنىپ خۇشامەت قىلىپ، يالۋۇرۇپ، قانىتىنى پۇتلاپ، نېمىشقا شۇنداق «جابدۇقسىز ئېرىك» بوپ قالغىنىنى چۈشەندۈرىمەن دەپ داتلىنىدىكەن ...  نەپسى ئۈچۈن بىچارە خورازدەك رەسۋا بولۇپ بىراۋ ئالدىدا تىل قىسلىقى بوپ قېلىشتىن خۇدا ساقلىغاي! نەپسىمگە سەۋر - تاقەت بەرگەيسەن، دەپ ئاللادىن تىلەيمەن. «نەپسىنى يېڭەلىگەن ئادەمنىڭ يېڭەلمەيدىغان دۈشمىنى بولمايدۇ»دەيدۇ لوقمان ھەكىم.
    بىز ئۆيىگە چۈشمەكچى بولغان، بىزنى كۈتمەكچى بولغان كىشىنىڭ ئىسمىنى ۋە ئۆيىنى سورىدى ئابلەت، ئىشىكى ئالدىدا تۇرغان ياش يىگىتتىن.
    _ ئۆيى ئاۋۇ. شاياردىن مېھمان كېلىدۇ، ئالدىغا چىقىمەن دەپ سەھەردە كەتكەن، ھازىرغىچە كەلمىدى.
    _ ھە، بىز شۇ مېھمان.
    _ ئۇچراشماپسىلەر - ھە؟
    _ ئۆيىدىكىلەر … ئۆيدە ئادەم يوقمۇ؟
    _ خوتۇن - بالىلىرىمۇ تەييارلىق قىلغىلى بازارغا كەتتى.  _ ئۇ شۇنداق دەپ قويۇپ ئۆيگە كىرىپ كەتكىلى ماڭدى.
    _ قانداق قوشنا سەنوي؟ قوشناڭنىڭ ئۆيىگە مېھمان كەلسە، قوشناڭ ئۆيىدە بولمىغاندىكىن، ئۆيۈڭگە باشلاپ بىرەر پىيالە چاي بېرەي دېمەيسىنا؟ بۇ يەردە باشقا ئۆي بولمىسا ...
    _ ۋاي ئۇ دېگەن سىلى ئىزدەپ كەلگەن ئادەمنىڭ ئىنىسى،  _ دەپ قويدى باغچدىكى مايمۇننى كۆرۈشكە توپلانغاندەك بىزگە ئەگىشىپ ئولىشىۋالغان بالىلاردىن بىرى.
    _ ھە تېخى مانداق گەپمۇ! ئاكاڭ بولمىغاندىكىن، ئاكاڭنىڭ مېھمىنى  _ سېنىڭ مېھمىنىڭ. ئاچە ئىشىكىڭنى، بىزنى باشلا. كۆرۈڭ بۇ گەپنى،  _ دېدىم مەن يىگىتنى قايرىپ قويۇپ ئۆيگە ئاۋۋال كىرىپ. ھەمراھلىرىم كۈلۈشۈپ كېتىشتى.
    _ مانداق مۇتتەھەم مېھماندىن خۇدا ساقلىسۇن، _ دەپ كەينىمدىن كۈلكە قىلدى ئابدۇقېييۇم.
    _ مۇشۇنداق مۇتتەھەم مېھمان بولمىسا، ئەخلاقلىق مېھمانلار نان، سۇسىز چۆلدە تېنەپ قالىدۇ،  _ دېدىم مەن ئارقامغا قارىماستىن. لېكىن ئىچىمدە ئۆزۈمنىڭ ھېلىقى خورازغا ئوخشاپ قېلىۋاتقىنىمدىن؛ ئەخلاقتىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقىنىمدىن نومۇس قىلدىم. ئەمما نەپسىم ئەخلاققا ھېچ يول بېرەر ئەمەس. ئىچكىرىگە كىرىپ ياغاچ سۇپىدىكى قارا كىگىزگە ئۆزۈمنى تاشلىدىم.
    _ ھە قېنى، يەيدىغان نەرسەڭنى ئالە. نېمە يېسەڭ شۇنى ئال، بولە چاققان،  _ دېدىم مەن ئۆينىڭ نەرىدىن يەيدىغان نېمە چىقار دەپ قاراپ.
    ئۆي قاراڭغۇ ھەم غورىگىل ئىدى.
    _ شۇ ... شۇ ... خىجىل بوپقالدىم. قېتىپ قالغان نان بار ئىدى ... ئايالىم قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە نان ياققىلى كەتكەن. كېلەر چاغ بولدى. ئىسسىق ناندىن ئالاي.
    _ ئادىشوي تولا بەغەرەزلىك قىلماي، بارىنى ئال دېگەندىكىن، ئالە. بىز تۈنۈگۈن تاماق يېگەنچە ...
    شۇنداق قىلىپ بالا سۇلياۋ پەتنۇستا قېتىپ قالغان پارچە ناندىن ئەكەلدى. نان كونا خۇمداننىڭ چالمىسىدەك قاتتىق بولسىمۇ، بالا چاغلىرىمدا چوڭ دادام بازاردىن بەلۋېغىغا تۈگۈپ ئەكىلىدىغان ئەدرەكتەك تېتىپ كېتىپ، چىشىم ئۆتمىگەنچە غاچىلاپ ھۇزۇرلاندىم. قورساق ئاچماس، كۆڭۈل تارتماس ئۈرۈمچى غۇۋا چۈشتەك ئېسىمگە كەلدى.
    بىردەم ئارام تاپقاندىن كېيىن يىگىتتىن سورىدىم:
    _ ئۇكام مەنمۇ ئەدەپ - ئەخلاقتىن چىقتىم. ئەمما سەنمۇ مەندىن كەم ئەمەس. سەن نېمىشقا ئىشىكىڭنىڭ ئالدىغا كەلگەن مېھماننى ئۆيگە باشلىمايسەن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاكاڭنىڭ مېھمانلىرىكەنمىز. ھېچ بولمىسا «ئۆيگە كىرىڭ» دەپ يالغاندىن بولسىمۇ دەپ قويمىدىڭا؟
    _ ئەمدى شۇ، قارىسام ئېسىل سۈپەت مېھمانلاركەنسىلەر. ئۆزۈمدىن، ئۆزۈمدىن نومۇس قىلىپ ...
    تېخى سىز زورلاپ كىرىۋالمىغان بولسىڭىز، ئۆيگە كىرىپ بالامنى ئەپ ئىشىككە قۇلۇپ سېلىپ قاچماقچىدىم،  _دېدى راست گەپ قىلىپ بالا.
    _ ئاڭلىدىڭلىما، ئەخلاقلىق مېھمانلار؟ بۇ يەردە مېنىڭ يۈزى قېلىن مۇتتەھەم مېھمانلىقىمنىڭ پايدىسىنى كۆردۇق.
    _ ھازىرغۇ كىمنىڭ يۈزى قېلىن بولسا، راھەت شۇنىڭ. كىم مۇتتەھەم بولسا، جاھان شۇنىڭ بوپ كەتتى،  _ دېدى ھەمراھلىرىمدىن بىرى.
    بىر چاغدا يىگىتنىڭ ياش ئايالى ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ كىرىپ خېجىللىقتىن تەمتىرەپ بىزگە داستىخان سالدى. بار ناننى داستىخانسىز يەپ بولغىنىمىز ئۈچۈن داستىخانغا قۇرۇق مېۋە - چېۋە، خاسىڭ دېگەنلەرنى تىزدى. چوكان پىيالىسىنى يۇيۇپ چاي قويۇپ بولغۇچە، داستىخاننى قۇرۇقداپ بولدۇق.
    _ قېنى بېقىشسىلا،  _ دەپ چاي تۇتقان چوكان قۇرۇقدىلىپ قالغان داستىخانغا قاراپ قىزىرىپ كەتتى. بىز تەڭلا ھىجايدۇق، ئۇ قىزاردى. ئۇ بىزنىڭ نومۇسسىزلىقىمىز ئۈچۈن خىجىللىقتىن قىزارسا، بىز ئاچ كۆزلۈكىمىز ئۈچۈن كۈلدۇق. ئۇ قىزارغاندا ئاشۇ ئۆزى ياشىغان ساپ ھاۋالىق توغراقلىق دالىدىكى يۇلغۇن چېچىكىدەك قىزارسا، بىز كىيىمىنى سېلىۋېتىپ كوچىدا يالىڭاچ يۈرگەن بىر توپ ھاياسىزنىڭ كىيىمىنى سالماي يالغۇز ماڭغان يولۇچىغا قاراپ كۈلگىنىدەك كۈلدۇق. شۇ تاپتا گۈزەللىك سەھرادا ئادەملەرنىڭ روھىغا، دەل - دەرەخلەرگە سىڭگەن بولسا؛ شەھەردە تاملاردا، ئادەملەرنىڭ تېرىسىدە، ئاياللارنىڭ پەردازلىرىدىلا قالغاندەك تۇيۇلدى. دېمەك گۈزەللىك سەھرا ئادەملىرىنىڭ روھىدا، شەھەر ئادەملىرىنىڭ سىرتقى بىر قەۋەت پوستىدا جۇلالاپتۇ.
    بىزنى كۈتمەكچى بولغان، بىز كۈتكەن ئادەم كۈن چۈشتىن قايرىلغۇچە پەيدا بولمىدى.
    _ مەقسەت ئوۋ تاماشاسى كۆرۈش بولغاندىكىن، ئوۋچىلارنىڭ ئۆيىنى تاپمامدۇق؟  _ دېدىم مەن.
    _ بىزنىڭ ئۆيگە چۈشۈڭلار.
    _ بولدى ھېساب ئاداش. ئۆيۈڭدە ئوغلاق بارما؟
    _ بار.
    _ قانچە پۇل ئالساڭ ئېلىپ دەرھال بىر ئوغلاقنى بوغۇزلاپ پىشۇر. كاۋاپ قىل. ئاندىن ئوۋ تاماشاسى قىلىپ بەر بىزگە،  _ دېدى ئابلەت.
    شۇنداق قىلىپ ئىسمى ئېسىمدە قالمىغان ئوۋچىنىڭ ئۆيىگە يۆتكەلدۇق. شۇنداق بولدى. قورساقمۇ تويدى. پۇت - قولغا جان كىردى. ئۇ دۆڭدىن، بۇ توغراق ئارىسىدىن، يىراقتىكى مەھەللىدىن ئادەملەر بىردىن - ئىككىدىن پەيدا بولۇپ، مەھەللە كالتا بازارغا ئايلاندى. بالىلار كاۋاپ قىلىۋاتقان گۈلخان ئەتراپىدا ئايلىنىپ قوغلاشتى. ئوۋچىلار يىغىلىپ ھەر خىل ئوۋ پاراڭلىرىنى قىلىپ بەردى. ئۆزئارا چاقچاقلاشتۇق. ئۆزۈم ئۇلار بىلەن چاقچاقلاشساممۇ، كۆزۈم لەمپە ئاستىدىكى بالداققا قوندۇرۇلۇپ پۇتلىرى تاسمىدا چاتقا قىلىپ باغلانغان، بوينىغا چىرايلىق كىچىك قوڭغۇراق ئېسىلغان قارچىغىدا ئىدى. ئۇنىڭ بىزگە تىكىلگەن كۆزلىرىدىن بىر خىل تەننى شۈركەندۈرىدىغان قورقۇنچلۇق نۇر چىقماقتا ئىدى. بوينىدىكى ئالتۇنرەڭ قوڭغۇراقتەك سېرىق كۆزلىرىدىن يىرتقۇچلاردا بولىدىغان سۈرلۈك چەكچىيىش بار ئىدى. ئۇنىڭ كۆزىگە ئۇزاق تىكىلىپ قاراپ چىداپ بولغىلى بولمىدى ياكى كۆزىنى ئەپقاچقاندا ياكى چىمىلداتقاندا ئۇنىڭ بىلەن ئۇزاق «كۆزۋازلىق» قىلغىلى بولىدىكەن. ئەمما ئۇنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان چەكچىيىپ قاراشلىرىدىن «سەن بىر پارچە گۆش، مەن سېنى قاماللاپلا بېسىپ يەيمەن» دېگەن مەنىدىن باشقىنى ئۆزۈمچە تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم. ئۇ بىزگە قاراپ نەچچە قېتىم ئېتىلىپ ئۇچتى. باغلاقلىق تاسما ئۇنى بىزگە، قولىمىزدىكى گۆشكە ئېتىلغىلى قويماي رەسۋا قىلىپ، بالداققا ئېسىلدۇرۇپ قويدى. ئۇنىڭ بالداققا ئېسىلىپ تۇرغان ھالىتى بازارغا ساتقىلى ئېلىپ ماڭغان مېكياننىڭ پۇتىدىن بالداققا ساڭگىلىتىپ قويغان ھالىتىگە ئوخشاپ قالدى. ئۇ يەنە پالاقلاپ يۈرۈپ ئۆزىنى باغلاپ تۇرغان قونداققا قايتا قونۇشقا مەجبۇر بولدى. بالداققا قوندى - يۇ، ھېلىقى بىچارە مېكيان قىياپىتىدىن يەنە بايىقى سۈر ھەيۋىلىك قارچىغا قىياپىتىدە ئۆزىنى ئوڭشاپ سۈرلۈك قاراپ تۇردى. شۇ تاپتا ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى. بىردە ئالدىمدا خاتىرجەم دانلاپ يۈرگەن توخۇلارغا قارايمەن، بىردە ئۇنىڭ باغلاقتىكى ھالىتىگە قارايمەن. بىچارە جانىۋار. سەنمۇ توخۇ بولغان بولساڭ، باغلاققا چۈشمەي ئەركىن دانلاپ يۈرگەن بولار ئىدىڭ.
    _ ئاۋۇ قارچىغا نېمانداق توختىماي پالاقلايدۇ؟  _ دەپ سورىۋېدىم، ئوۋچى قارچىغىغا قاراپ پەرۋاسىز جاۋاب بەردى:
    _ ئۇ گۇينىڭ قورسىقى ئاچتى. ئىككى كۈن بولدى ھېچنېمە بەرمىدۇق.
    _ نېمىشقا؟
    _ قورسىقىنى توق باقساق، ئوۋلىمايدۇ.
    _ ھەممە قارچىغا شۇنداقمۇ؟
    _ ياق، ماۋۇ بۇ يىلقى بالىسىكەن. قارچىغا بالىسىمۇ ئادەم بالىسىدەك، تەنتەك بولىدىكەن. قورسىقى ئاچ بولسا، ئۆلەر - تىرىلىشىگە قارىماي توشقانغا ئۆزىنى ئاتىدۇ. توق بولسا خوش ياقماي ئۇچۇپ قويۇپ، ئوۋنى قاچۇرۇپ قويىدۇ.
    _ ياقەي بۇ دېگەن كۆندۈرۈشتىكى گەپ. بۇنى كۆندۈرگەنلەر يامان كۆندۈرۈپ قويغان گەپ. ئەگەر چىداپ راۋۇرۇس كۆندۈرىدىغان بولسا قورسىقى توق بولسىمۇ، ئاچ بولسىمۇ ئوۋنى قاچۇرمايدۇ، دېدى بىرى.
    _ سېنىڭ گېپىڭ راست ئوخشايدۇ ھوي. بۇ ناھايىتى ياش، چىرايلىق قارچىغا بالىسىكەن. كاساپەت چالا باخشىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ يامان ئۆگىنىپ قاپتۇ. بولمىسا قورسىقى توق بولامدۇ يا ئاچ بولامدۇ ئوۋغا سالىدىغان بولسا، كۆزىگە ئىلىنىشقانلىكى جانلىقنى ئوۋلىماي قويمايدۇ.
    _ توشقان ياكى قىرغاۋۇلنى كۆرسەڭلا قولۇڭلاردىكى قارچىغىنى قويۇۋېتىسىلەر، شۇنداقمۇ؟  _ قىزىقىپ سورىدىم.
    _ ھەئە.
    _ ئۇ ئۇچۇپ بېرىپ، ئوۋنى تۇتۇپ سىلىگە ئەكىلىپ بېرەمدۇ؟
    _ ھا ... ھا ... ھا، ياقەي ... قىزىق گەپ قىلىدىغان ئاكىچىنا. ئوۋنى تۇتۇپ چىڭ قاماللاپ بېسىپ تۇرىدۇ. بىز قوغلاپ بارغۇچە ساقلاپ تۇرىدۇ. بىز بېرىپ پەم بىلەن توشقاننى ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن ئاجرىتىمىز.
    _ قانداق ئاجرىتىسىلەر؟
    _ توشقاندىن بىر لوقما گۆشنى ئاۋۋال كېسىپ ئۇنىڭغا بەرگەندىن كېيىن ئۇمۇ قولىدىكى پۈتۈن توشقاننى بىزگە بېرىدۇ.
    _ بىر لوقما گۆش بەرمەي ئالساڭلارچۇ؟
    _ قاماللىۋېلىپ، چىڭ باستۇرۇپ بەرگىلى ئۇنىمايدۇ.
    _ بەرمىسەچۇ.
    _ بەرمەي قۇتۇلالامدۇ؟ ئۇ بىزگە باغلانغان تۇرسا؟
    _ ئۇنى سىلە قويۇۋەتكەندىكىن قېچىپ كەتسە، ھەتتا ئوۋنىمۇ تاشلاپ قېچىپ كەتسە بولمامدۇ؟ سىلىگە ئوۋ ئوۋلاپ سىلىگە باغلىنىپ ياشىغۇچە، سىلىگە باغلاغقا چۈشۈشتىن بۇرۇنقىدەك ئۆزى خالىغانچە قورسىقى ئاچقاندا ئوۋ ئوۋلاپ يەپ، بولمىسا مۇشۇ توغراقلىق ئارىسىدا بۇرۇنقى ئەسلىي پەدىسىدە ياشىسا بولمامدۇ. قانىتى تۇرۇپ، ئۆزى ئوۋچى تۇرۇپ، سىلە قويۇۋەتسەڭلار، ئوۋ ئوۋلاپ يەنە سىلىگە بېرىدىكەنۇ، ئۆزى ئوۋلىغان بىر توشقاندىن سىلەر ئۇنىڭغا بىر لوقما بەرسەڭلار شۇنىڭغا ماقۇل دەپ سىلىگە باغلىنىپ، سىلىگە ئىشلەپ ياشايدىكەن ...
    _ بىر توشقاندىن بىر لوقما گۆش بەرمەي ئوۋنى پۈتۈن ئېلىۋالساق، ئۇمۇ قېيىداپ قالىدۇ. ئوۋغا سالساق، ئالماي تۇرۇۋالىدۇ. بىر لوقما بېرىپ ئاجراتساق، شۇنداق خۇشال ئوۋ ئوۋلايدۇ. ئەقىللىق جانىۋار بۇ ...
    _ ياق ... ياق ... قاتتىق دۆت نەرسىكەن بۇ. سىلە توشقاننى قوغلاپ مىڭ يىلدىمۇ تۇتالمايسىلەر. قارچىغا بولمىسا ھەرگىز تۇتالمايسىلەر.
    _ ئۇ راست.
    _ ئۇ نېمىشقا ئۆزى سىلەرگە تۇتۇپ بېرىپ، يەنە سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن تىلەپ يەيدۇ؟ بەرسەڭلار يەيدۇ، بەرمىسەڭلار مانا مۇشۇنداق باغلاقتا تەلمۈرۈپ تۇرىدۇ؟ نېمىدېگەن ئەقىلسىزلىك بۇ؟
    _ چۈنكى بىز ئۇنى باغلاققا كۆندۈرۈۋالغان ئەمەسما ئاكىچا !
    _ ھەممە قارچىغا شۇنداقما؟ ھەممىنى كۆندۈرۈۋالغىلى بولامدا؟
    _ ياق.
    _ ئىككى يىل ئاتلاپ قالغان قارچىغىنى تۇتساقمۇ كۆندۈرگىلى بولمايدۇ. بىزنى ئالداپ قويۇپ ئۇچۇپ كېتىدۇ. مانا مۇشۇنداق بالىلىرىنى كۆندۈرۈپ ئۆزىمىزگە باغلىۋالساق، قېرىپ ئۆلگۈچە بىزگە گۆش تېپىپ بېرىپ، بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى قىلىپ ئۆلىدۇ.
    _ ئۇنى قانداق تۇتىسىلە؟
    _ تور قويۇپ، تورغا كەپتەر قويۇپ قويساق، قېرى قاچىغا بىكاردىن بىر يەردە جىممىدە تۇرغان كەپتەرگە تەگمەي كېتىپ قالىدۇ. كەپتەر دېگەن ئۇچماي جىم تۇرسا بىر چاتاق بار، دەپ ئۇنى ئوۋلىماي ئۇچۇپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. يېڭىدىن ئۇچۇرما بولغان مانىڭدەك قارچىغا بالىلىرى «تەييار ئولجا ئىكەن» دەپ قاراپ، ئۆزىنى ئۇرىدۇ - دە، تورغا چۈشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئادەملەرنىڭ قولىغا چۈشىدۇ ۋە ئادەملەر بەرگەن تەييار نەرسىگە كۆنۈپ قالىدۇ.
    _ ھەي ... بىكارلىق نەرسىنىڭ، ئەجىر قىلماي ئېرىشكەن نەرسىنىڭ زادى چاتىقى بار - دە _ تەييار ئوۋغا ئۇچرىدىم دەپلا، بىر ئۆمۈر ھاياتىنى باغلاققا تۇتۇپ بېرىدىغان گەپكەن - دە. گال دېگەن يامان مۇناپىق جۇما ... ھەي گال ... ھەي گال.
    _ شۇنداق قىلىپ تورغا چۈشكەن قارچىغا بالىسىنى قانداق كۆندۈرسىلە؟
    _ قارىچىغا بالىسىنى تۇتماق ئاسان بولغان بىلەن كۆندۈرمەك تەس. شۇڭا ئوبدان قارچىغا بالىسىنىڭ يېڭى تۇتقىنىنى بەش يۈز كويغا ئالغىلى، ساتقىلى بولسا، كۆندۈرۈلگىنىنىڭ نەرخى ئىككى مىڭ كويدىن يۇقىرى.
    _ ئىككى مىڭ كويغا قارچىغا ئېلىپ نېمە كەپتۇ؟
    _ ھاي يېڭىلىشتىلا ئاكىچا. بىر ئاي ئوۋ قىلسىلا سىلى ئالغان پۇل تىرىلىپ ئاندىن كېيىن سىلىگە بىكارغا ئىشلەيدىغان مەدىكار دېسىلە ئۇ. قوڭلىرى چىداپ ئوۋغا چىقسىلا، ئايدا سىلىگە ئۈچ مىڭدىن بەش مىڭغىچە كىرىم قىلىپ بېرىدۇ.
    _ قانداق دەيسىز؟
    _ بىر توشقان سەككىز كويدىن ئون كويغىچە. بىر قىرغاۋۇل ئون بەش كوي. خەق ئۆيلىرىگە كېلىپ ئۆزى ئەكىتىدۇ. خەقنىڭ دائىم قوي گۆشى يېيىشكە پۇلى يوق. بىر كىلو قوي گۆشىنىڭ پۇلىغا ئۈچ كىلو توشقان گۆشى يەيدىغان گەپ. خەق مانى ھېسابلايدۇ. تېخى قارچىغىڭىز ئوبدان چىقىپ تۈلكە ئالسا، بىر تۈلكە بەش يۈز كويدىن يۇقىرى دەڭە.
    _ بۇ گەپنى قويۇپ قارچىغا بالىسىنى قانداق كۆندۈرىدىغانلىقىڭلارنى دەپ بېرىڭلا.
    _ بىر ئۆيدە تۆت - بەش ئادەم قارچىغا بالىسىنى توختىماي قۇشلاپ قولىمىزغا بىر لوقما گۆشنى ئېلىۋېلىپ «گاھ ... گاھ ... ئالە … كەل» دەيمىز. قورسىقىنى ئاچ قويۇپ تاكى قولىمىزدىكى گۆشنى ئالمىغۇچە ھېچنېمە بەرمەيمىز. قاراڭغۇ ئۆيدە ئاچلىققا چىدىمىغان قارچىغا بالىسى ئاخىرى قولىمىزغا ئۇچۇپ كېلىپ بىر لوقما گۆشنى چوقۇلايدۇ. بىر چوقۇغاندىن كېيىن قارىچىغا بالىسىنى پىرقىرىتىپ تاشلىۋېتىپ، يەنە توۋلايمىز؛ قارچىغا قېيىداپ، ئاچچىقلاپ ئۆيدە بىردەم پالاقلاپ ئۇچقاندىن كېيىن، قورسىقىنىڭ ئاچلىقىغا چىدىماي يەنە قولىمىزغا كېلىدۇ. بىر چوقۇلا - چوقۇلىماس يەنە پىرقىرىتىپ چۆرۈۋېتىمىز ... ئاشۇنداق قىلىۋەرسەك ئاخىرى بىزنىڭ قولىمىزدىن بىر لوقما گۆش بەرمىگۈچە يېمەيدىغان ھالغا كېلىدۇ. ئۆزىگە بىر پارچە گۆش تاشلاپ بەرسەكمۇ، بىز قولىمىزغا ئېلىپ بەرمىگۈچە يېمەي بىزگە قاراپ تۇرىدۇ. بىز بەرگەندە ئاندىن يەيدۇ ... مانا شۇ ھالغا كەلگۈچە ئۇنى ئاشۇنداق ئاچ قويۇپ قولغا ئۆگىتىمىز. يەنە بىرسى، قىرىق كېچە - كۈندۈز تۆت ئادەم ئۇنى نۆۋەت بىلەن قولدىن - قولغا ئېلىپ دەم ئالدۇرماي، ئۇخلاتماي، ئۇ قولدىن بۇ قولغا پىرقىرىتىپ تاشلاپ ئۇچۇرىمىز. قىرىق كېچە - كۈندۈز ئۇخلىماي، قولدىن - قولغا تاشلانسا، ئاندىن بىزگە كۆنىدۇ.
    _ ئەگەر ئۇخلىسىچۇ؟
    _ ئەگەر بىرەر قېتىم قارچىغا بالىسىنى كۆندۈرۈۋاتقان باخشى مۈگدەپ قېلىپ ياكى ھېرىپ قىلىپ قارچىغا بىردەم ئۇخلىۋالسا، ياكى جىممىدە ئويلاش پۇرسىتىگە ئېرىشىۋالسا، چۈشىدە بۇرۇنقى تۇرمۇشى، ئاتا - ئانىسىنى كۆرىدۇ - دە، ئۆلسىمۇ كۆنمەيدۇ. قىرىق كېچە - كۈندۈز ئۇخلاتماي قولدىن - قولغا پىرقىرىغاندىن كېيىن ئۇ بۇرۇنقى تۇرمۇشى، ئاتا - ئانىسىنى تولۇق ئۇنتۇپ: «مەن ئەقلىمگە كەلسەم مۇشۇنداق ياشايدىكەنمەن» دەپ، ئادەمنىڭ قولىغا كۆنىدۇ.
    _ بۇرۇنقى كۈنلىرى قىرىق كېچە - كۈندۈزلۈك ئۇيقىسىزلىقتا پۈتۈنلەي ئۇنتۇلامدا؟
    _ ئەمىسە، ئادەمنىڭ قولىغا كۆنەمتى؟
    _ جاڭگالدا ئۇچۇش جەريانىدا ئەركىن قارچىغىنى ياكى ئاتا - ئانىسىنى كۆرۈپ قالسا ئېسىگە كەلمەمدۇ؟
    _ بۇرۇنقى كۈنلىرىنى، ئەسلىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكەن بولغاچقا، ئاتا - ئانىسىنى تونۇيالمايدۇ ...

    *****************************

    قونداقتا ئولتۇرغان قارچىغا بالىسىغا قاراپ قورقۇنچلۇق بىر تۇيغۇ قۇلىقىمدىن كىرىپ ئىچىگە شۇڭغۇپ ئۆزۈمنى تەكتى - ئەسراغا سۆرەپ كېتىۋاتقاندەك بوپ قالدى.
    ئادەملەر نېمانداق ئەقىللىق، ھىيلىگەر يارىتىلغان - ھە! قارچىغىنىڭ مۇشۇ ئاجىزلىقىنى قانداق بىلىۋالغاندۇ؟ نەپسىگە ئامراقلىق ماۋۇ قارچىغىدىلا ئەمەس، مەندە تېخىمۇ بارىكەن.
    ئۆزۈمنى بىردىنلا ئاشۇ قونداققا باغلىنىپ، ئاچلىق ئازابىدىن ئادەملەرگە تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرغان قارچىغا بالىسىدەك ھېس قىلىپ قالدىم.
    2004 - يىل 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى

    (ئاپتور: ئاپتونوم رايونلۇق ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى)
    جۇڭگو مىللەتلىرى ژورنىلى 2004.5 - سانىدىن ئېلىندى
    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-7-29 0:13:24]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.