ياۋا كەپتەر(ۋەلى داۋۇت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-25 00:39:57

ياۋا كەپتەر(ھېكايە)ۋەلى داۋۇت ئۇ ناھايىتى ئۇزاق ئۇچۇپ شەھەرگە كىرىپ قالدى. ئەسلى ئۇنىڭ شەھەرگە كىرىش نىيىتى يوق ئىدى. توغرىسىنى ئېيتساق، شەھەر دېگەننىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى. ئۇ ...

    ياۋا كەپتەر(ھېكايە)
    ۋەلى داۋۇت


        ئۇ ناھايىتى ئۇزاق ئۇچۇپ شەھەرگە كىرىپ قالدى. ئەسلى ئۇنىڭ شەھەرگە كىرىش نىيىتى يوق ئىدى. توغرىسىنى ئېيتساق، شەھەر دېگەننىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى. ئۇ ياۋايى ھايۋانلارمۇ ماكان تۇتمايدىغان تاقىر تاغلاردىن ھالقىپ ئۆتۈۋىدى، كۆز ئالدىدا بىردىنلا شەھەر دېگەن تىلسىمات نامايان بولدى. ئۇ شىددەتلىك دولقۇن قىيا تاشقا ئۇرۇلغان كەبى قاناتلىرى سۇنغۇدەك زەرب بىلەن يۇقىرىغا كۆكلەپ كەتتى. ۋەھشىي لاچىن كۆك قەرىدىن ئوقتەك شۇڭغۇپ چاڭگال سالاي دېگەندە، ئۇ ئاشۇنداق قۇتۇلۇپ كېتەتتى. ئۇ خۇددى قانچە يۇقىرى ئۆرلىسە خەتەر ئۆزىدىن شۇنچە يىراقلىشىدىغاندەك خېلىدىن كېيىن توختىدى. كىچىككىنە يۈرىكى پوكىنىنى يېرىپ ئېتىلىپ چىقىدىغاندەك شىددەت بىلەن دۈكۈلدەپ سوقۇۋاتاتتى. ۋەھالەنكى، قاپقارا بەھەيۋەت شەھەر ئەسلىدىكىدىن تېخىمۇ زورىيىپ قالغاندەك كۆز ئالدىدا لالىيىپ ياتاتتى.
    ئۇ ھوشيارلىق بىلەن ئەتراپنى كۆزەتكەچ، ھاۋادا ياي ھاسىل قىلىپ ئۇچۇشقا باشلىدى. بۇنداق غارايىبات كۆڭلىگە ۋەھىمە سالغان بولسىمۇ، ئەقلىنى لال قىلغانىدى.
       شەھەر بەئەينى تۆت چاسا غايەت زور قورام تاشلارنى رەتلىك تىزىپ قويغانغا ئوخشايتتى. تاشلارنىڭ يان - يانلىرىدا ھېسابسىز پارقىراق كۆزلەر قورقۇنچلۇق ۋالىلداپ تۇراتتى. ئايازدا سايغا كەلكۈن كەلگەندە نۇرغۇن تارماق ئېقىنلار ھاسىل بولىدۇ. شەھەردىمۇ ئاشۇ ئېقىنلاردەك ساناقسىز يوللار بار ئىدى. ئۇ شۇنداق سەپسېلىپ چۆچۈپ كەتتى. ئەييۇھانناس! يوللارغا سىغماي قىمىشىپ يۈرگىنى قانداقتۇر ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلار بولماستىن ئادەملەر ئىدى. ئۇ ئۆمرىدە مۇنچە ئادەملەرنى كۆرۈپ باقمىغانىدى. بۇ ئىككى پۇتلۇق مەخلۇقلار ئاياغ باسقان يەردە قىيامەت قاينايتتىكى، ئورماندىكى ئەڭ ۋەھشىي جانىۋارلارمۇ بۇ يېڭىلمەس، ئەشەددىي كۈشەندىسىدىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەيتتى. ئۇلارغا زىنھار يېقىن يولىمايتتى.
    ئۇنى سۈر باستى، بۇ قورقۇنچلۇق جايدىن يىراق تۇرمىسا ھالاك بولىدىغانلىقىنى كۆڭلى تۇيغاندەك بولدى.
    بىراق شۇ چاغ ئۇ ھەيرانلىقتىن ھاڭقېتىپ قالدى. بىر توپ كەپتەر  پۈتۈن سىن - تۇرقى ئۆزىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بىر توپ كەپتەر شەھەر ئىچىدىن توپتوغرا ئۇنىڭغا قاراپ ئۇچۇپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ ئۆز كۆزىگە چىن پۈتمەي قالدى. ئادەملەرنىڭ ماكانىدا كەپتەرلەر نېمە قىلسۇن؟ ئادەم دېگەن ھىيلە - نەيرەڭلىرى كۆپ بۇ مەخلۇق ئۇنىڭغا جادۇ قىلغان بولمىسۇن يەنە.
    كەپتەرلەر ئۇنىڭغا قاراپ ئۇچۇپ كېلىۋاتاتتى. كەينىدىن غەلىتە گۇڭۇلدىغان ئاۋاز چىقاتتى. ھەممىسىنىڭ تۇرقى ئوخشاش بولسىمۇ رەڭگى ھەر خىل ئىدى. ئۇ ئۆمرىدە مۇنداق رەڭگارەڭ ئۇز كەپتەرلەرنى كۆرۈپ باقمىغانىدى.
    كەپتەر ئۇنىڭغا يېقىنلاپ كېلىشىگە ئۇ تېزلىك بىلەن تاغ تەرەپكە قاراپ ئۇچۇپ كەتتى. ئۇلار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇچۇشقا باشلىدى. كەينىدىن گۇڭۇلدىغان ئاۋاز چىقاتتى. ئۇ بارغانچە يۇقىرى ئۆرلەپ تېخىمۇ تېز ئۇچۇپ بىردەمدىلا ئۇلارنى خېلىلا ئارقىدا قويدى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار خېلى ئۇزۇنغىچە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇچتى. كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئارقىغا ياندى.
    ئۇنىڭ كۈتكىنىمۇ شۇ ئىدى. شەھەرنى يوشۇرۇپ تۇرغان بۇ ئېزىتقۇ تاغلارنى ھالقىپ ئۆتۈپ ئۆز ماكانىغا كېتىۋالسا بولاتتى. قاناتلىرىدا كۈچ تېخى يېتەرلىك ئىدى. گۇگۇم چۈشكىچە يېتىپ بېرىۋالالايتتى. بىراق ئۇمۇ ئۇچۇشتىن توختاپ قالدى. كۆكتە دائىرە ھاسىل قىلىپ ئايلىنىشقا باشلىدى. بىردىنلا ئۇنىڭدا غەلىتە بىر ھەۋەس پەيدا بولغانىدى. بۇ ھەۋەس ئوت بولۇپ ئۇلغىيىپ ياش يۈرىكىنى قىزىتاتتى.
    ئاشۇ مۇلايىم چىرايلىق كەپتەرلەر بىلەن بىردەمگىنە بىللە ئۇچۇپ كۆرسە - ھە! ئۇلارنىڭ قايسى ئىقلىمغا تەۋە جانىۋارلار ئىكەنلىكىنى، ئادەملەرنىڭ ماكانىدا قانداق ئاۋۇنىدىغانلىقىنىڭ سىرىنى بىلىۋالسا.
    ھايال ئۆتمەيلا ئۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ ھېلىقى بىر توپ كەپتەرلەرنىڭ كەينىدىن شەھەر ئىچىگە قاراپ ئۇچۇپ كەتتى. ئۇ ئۆمرىدە نۇرغۇن خەتەرلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنىدى.  ۋەھالەنكى، ئۇ بىلىدىغان ئادەملەر بىلەن بۇ جايدىكى ئادەملەر بىر جىنس ئەمەستۇر. ئورماندىكى نۇرغۇن جانۇ - جانىۋارلار بىر - بىرى بىلەن ئىجىل - ئىناق ياشايدىغۇ. شۇنىڭدەك بۇ جايدىكى جانىۋارلارمۇ ئادەملەر بىلەن ئىجىل - ئىناق ياشايدىغاندۇر. بولمىسا شەھەردە كەپتەر نېمە قىلسۇن؟
       ئۇ بىردەمدىلا كەپتەر توپىغا يېتىشىۋالدى. بىراق توپقا قېتىلماي خېلىلا ئارىلىق ساقلاپ ئۇچتى. ئۇلارنىڭ ئۇچۇش ئادىتىنىڭ ئۆزلىرىگە ئانچە ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. شېرىن چۈشتەك لەرزان، خىرامان ئۇچاتتى. ئۆزىدەك تېز، كۆك قەرىدە ئۇچمايتتى. شەھەرگە ئىچكىرىلىگەنسېرى ئۇنىڭ دىمىغىغا يات، سېسىق پۇراق ئۇرۇلدى. ئۇ ئەزەلدىن تىڭشاپ باقمىغان تۈرلۈك - تۈمەن سادالار قايتىدىن ۋەھىمە سېلىشقا باشلىدى. تۆۋەندە شەھەر باغرىغا چەمبەرچاس تارتىلغان يوللاردا ئادەملەر مىغىلدايتتى. ئادەملەر بىلەن ئاللىقانداق مەخلۇقلار ئۇچقاندەك ئۇيان - بۇيان چېپىپ يۈرەتتى. ھەددى - ھېسابسىز كۆزلەر كۈن نۇرىدا ۋالىلداپ كۆزنى چاقاتتى.
       شۇ ئەسنادا كەپتەرلەر پەسلەپ غايەت زور قاپقارا بىر قورام تاشنىڭ ئۈستىگە گۈررىدە قونۇشتى. قورام تاشنىڭ ئۈستىدە خۇددى ئۈنۈپ چىققاندەك شۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر كىچىك تاش بار ئىدى. ئۇنىڭدىن كەپتەرلەر سىققۇدەك نۇرغۇن تۆشۈكلەر ئېچىقلىق تۇراتتى. ئۇنىڭ بېرىسىدە ئاللىقانداق بىرنەرسە قىيپاش تىرەپ قويۇلغان بولۇپ، كەپتەرلەر دەل شۇ جايغا ئولۇشۇپ ئاچكۆزلۈك بىلەن دانلاشقا باشلىدى.
    ئۇ كەپتەرلەرنىڭ ماكانى ئەنە شۇ قورام تاشنىڭ ئۈستى ئىكەن دەپ ئويلىدى. لېكىن ئېھتىيات قىلىپ خېلى ئۇزۇنغىچە ئايلىنىپ ئۇچۇپ ئەتراپنى كۆزەتتى. قورام تاشنىڭ ئۈستىدە كەپتەرلەردىن باشقا ھېچقانداق جانىۋارنىڭ يوقلۇقىغا جەزم قىلغاندىن كېيىن، ئاستا پەسلەپ ئۇلاردىن نېرىراق قوندى. ئاندىن ئاستا - ئاستا دانلاۋاتقان كەپتەرلەر توپىغا يېقىنلاشتى. كەپتەرلەردىن ھېچبىرى ئۇنىڭغا ئېرەن قىلماي دانلاش بىلەن ئاۋارە ئىدى. ئاياغلىرىدا دانلار ماياقلىرىغا مىلىنىپ چېچىلىپ ياتاتتى. ئۇنىڭمۇ نەپسى تاقىلداشقا باشلىدى. ئۇزاق مۇساپىنى بېسىپ ھېرىپ - ئاچقانىدى. باشتا كەپتەرلەر توپىنىڭ چېتىدىنرەك دانلىدى. ئاندىن بارا - بارا ھەممىنى ئۇنتۇپ كەپتەرلەرنىڭ ئارىسىغا كىرىپ ئاچكۆزلۈك بىلەن تېز - تېز دانلاپ كەتتى.
       ئۇ ئۆمرىدە بۇنداق بىخۇدلۇق قىلمىغانىدى. قاچاندۇر بىر چاغلاردا، جىمى يەر - جاھان باھار قۇياشىنىڭ ئىللىق نۇرىغا چۆمۈلگەن مەزگىلدە ئەمدىلا قېتىۋاتقان قاناتلىرىنى بىر - بىرىگە كۆز - كۆز قىلىشىپ ھەمراھلىرى بىلەن توپىدا ئۆرە - تۆپە بولۇشۇپ ئوينىشىۋاتقاندا، خۇددى مۇشۇنداق بىر ئىش بولغانىدى. غايەت زور بۈركۈت قانىتىدەك بىر قارا سايىنىڭ ئۆز ئۈستىدىن شىددەت بىلەن چۈشۈۋاتقانلىقىنى سەزدى. ئۇ چاقماق تېزلىكىدە تېخىچە بېشىنى كۆتۈرمەي دانلىشىۋاتقان كەپتەرلەر توپىدىن ئۆزىنى سىرتقا ئۇردى. بىراق شۇنىڭ بىلەن تەڭ ھېلىقى قارا سايە ئۆزى بىلەن بىللە ئۇنى يەرگە بېسىپ چۈشتى. ئۇ ئېسىنى يىغىپ ئۆزىنىڭ قاپقارا، ئېغىر بىر تورنىڭ ئىچىگە قاپسىلىپ قالغانلىقىنى كۆردى. ھېلىقى كەپتەرلەر خۇددى كېسەل تەگكەندەك پوكىنىنى يەرگە چىڭ بېسىپ مىدىر - سىدىر قىلماي ياتاتتى. ئۇ شۇ ھامان قاناتلىرى بىلەن ئۇلارنى ئۇرۇپ - سۈرۈپ بار كۈچى بىلەن ئۆزىنى تورغا قالايمىقان ئۇرۇشقا باشلىدى. بىراق سىمدىن توقۇلغان ئېغىر تور يەرگە مىخلىۋېتىلگەندەك مۇستەھكەم ئىدى.
    شۇ ئەسنادا ھېلىقى تۆت چاسا كىچىك تاشنىڭ ئىچىدىن بىر ئادەم چىقىپ كەلدى.
    
       تور يىغىلىش بىلەن تەڭ بىنا ئۈستىدىكى كەپتەرخانىدىن بىر ئادەم ئالدىراپ - تېنەپ چىقىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئاياللارنىڭكىدەك ئاپئاق، سۈزۈك يۈزىنى خۇشاللىق قاپلىغانىدى. ھېلىقى كەپتەر تور ئىچىدە باشقا كەپتەرلەرنى ئۇيان - بۇيان سۈرۈپ توختىماستىن ئۆزىنى ھەريان ئۇراتتى. تۇرقىدىن ئەزەلدىن تور ئىچىگە چۈشۈپ باقمىغاندەك قىلاتتى. ھېلىقى ئادەم تورنىڭ قېشىدا زوڭزىيىپ ئولتۇردى. شۇنچە ئۇزۇن يىل كەپتەر بېقىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇندىغىنى تېخى ئۇچراتمىغانىدى. كەپتەرنىڭ بەستى ئادەتتىكى كەپتەرلەردىن خېلىلا زور بولۇپ، كەڭ قاناتلىرىدىن كۈچ - قۇۋۋەت ئۇرغۇپ تۇراتتى. ئۇ تورنىڭ ئالدىدا خېلىغىچە كۆزىتىپ ئولتۇرۇپمۇ بۇنىڭ قانداق تۈرگە تەۋە ئىكەنلىكىگە جەزم قىلالمىدى.
       نېمىلا بولمىسۇن بۈگۈن ئۇنىڭ ئامىتى كەلگەنىدى. بۇنداق كەپتەرلەرنى بازاردا كەپتەرۋازلار پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي تالىشىپ سېتىۋالاتتى.
    ئۇ كەپتەرخانىغا كىرىپ كېتىپ بىرھازادىن كېيىن تاشلاندۇق قۇش چاڭگىسىدەك ئەبجىقى چىققان بىر سىم قەپەسنى كۆتۈرۈپ چىقتى. ئاندىن سىم تورنىڭ بۇرجىكىدىن قول پاتقۇدەك قىلىپ ياسالغان يۇمىلاق ئىشىكنى ئېچىپ، قولىنى تىقتى. كەپتەر تۇتۇق بەرمەي خېلى ئۇزۇنغىچە ئاۋارە قىلدى. ئۇ مىڭ تەسلىكتە كەپتەرنىڭ بىر پۇتىدىن چىڭ تۇتۇۋالدى - دە، يەنە بىر قولى بىلەن تورنى كۆتۈرۈۋەتتى. تور ئىچىدىكى باشقا كەپتەرلەر گۈررىدە ھاۋاغا كۆتۈرۈلدىيۇ، لېكىن ئۇزاپ كەتمەي بىرنەچچە قەدەم نېرىغا بېرىپلا قونۇشتى. ئۇ دەرھال كەپتەرنىڭ قاناتلىرىنى قاماللاپ تۇتۇپ يەرگە بېسىپ تۇرىۋالدى. بىراق شۇ چاغ ھېچ ئويلىمىغان بىر ئىش يۈز بەردى. كەپتەر بىردىنلا بېشىنى بۇراپ خۇددى ياۋايى شۇڭقاردەك جان - جەھلى بىلەن ئۇنىڭ قولىنى چوقۇلاشقا باشلىدى. ئۇ ئاغرىققا چىدىماي قولىنى بوشاتتى. كەپتەر شۇ ھامان شىددەت بىلەن يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى. كۆتۈرۈلدىيۇ، گويا ئوق تەگكەندەك ئۇنىڭ قولىدا ساڭگىلاپ قالدى. ئۇ يەنە بىر قولى بىلەن كەپتەرنىڭ پۇتىنى چىڭ تۇتۇۋالغانىدى.
       ئەمدى كەپتەر قىلچە قارشىلىق كۆرسەتمەي قاناتلىرىنى جانسىز كېرىپ ئۇنىڭ قولىدا ساڭگىلاپ تۇراتتى. بەدەنلىرى دىرىلدەپ تىترەيتتى. ئۇ دەرھال قەپەسنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ كەپتەرنى سولىۋەتتى. سىم بىلەن قەپەسنىڭ ئىشىكىنى مەھكەم قىلىپ چىگدى. ئاندىن كەپتەر چوقۇلىغان قولىنى سىلاپ كۈلۈمسىرىدى.
     - ھە! قېنى، قىلە ئەمدى شوخلۇقنى.
    بىراق كەپتەر شوخلۇق قىلىش تۈگۈل مىدىر - سىدىر قىلماي پوكىنىنى يەرگە بېسىپ، تۇمشۇقىنى يوغان ئېچىپ ھاسىراپ ياتاتتى. ھېلىقى ئادەمنىڭ كۆڭلىگە گۇمان چۈشتى. قەپەسكە يېقىن كېلىپ قولىنى شاپىلاقلاپ كەپتەرنى ئۈركۈتتى. كەپتەر چۆچۈپ سىلكىندىيۇ، ئورنىدىن قوزغالمىدى.
      - ۋاي ئاناڭنى... كاساپەت!
    ئۇ پېشانىسىگە شاپىلاقلاپ قەپەسنىڭ ئەتراپىدا پىرقىراپ كەتتى.
    كەپتەرنىڭ بىر پۇتى سۇنغانىدى. ئۇ قەپەسنىڭ قېشىدا پۇشۇلداپ ئۇزۇنغىچە ئولتۇردى. قېنى بىرەر كېچە ئۆتۈپ باقسۇن، دەپ ئويلىدى. بەلكى پۇتى راستتىنلا سۇنۇپ كەتمىگەندۇر. مۇنداقلا قايرىلىپ كەتكەن بولسا ئەتىگىچە ئوڭشىلىپ قالار. بولمىسا، ئۇچار - قاناتقا پۇتىنىڭ كارى چاغلىق.
    ئۇ قەپەس ئىچىدىكى سۇ قاچىسىغا ئازراق سۇ قۇيۇپ، بىر سىقىم دان چاچتى. ئاندىن قەپەسنى كەپتەرخانىغا ئەكىرىۋېتىپ، ئىشىكنى قۇلۇپلاپ بىنادىن چۈشۈپ كەتتى.
    ئەتراپنى ئاستا - ئاستا گۇگۇم قاپلاشقا باشلىدى. ئۇ زىنداندەك قاراڭغۇ كەپتەرخانىدا، تار قەپەس ئىچىدە جىمجىت ياتاتتى. قاتتىق ئاغرىق دەستىدىن مىدىرلىغۇەك ھالىمۇ قالمىغانىدى. كىچىككىنە بېشى زىڭىلداپ، ھازىرلا يېرىلىپ كېتىدىغاندەك چىڭقىلاتتى. پۈتۈن بەدىنى تارتىشىپ، دىرىلدەپ تىترەيتتى.
    كەپتەرخانا ئىچىدە ھېسابسىز كەپتەرلەر ئۆرە - تۆپە بولۇشۇپ، قەپەسنى ھېلىلا ئۆرىۋېتىدىغاندەك ئۇرۇلۇپ - سوقۇلۇپ ئۇنىڭ جېنىنى قاقشىتاتتى.
    ناھايىتىمۇ ئۇزاقتىن كېيىن (بەلكى ئۇنىڭغا شۇنداق تۇيۇلدى) كەپتەرلەرمۇ تىنجىدى. شەھەرنىڭ شاۋقۇن - سۈرەنلىرىمۇ بېسىقىپ، جاھان تۈن سۈكۈناتىغا چۆمدى.
    شۇندىلا ئۇنىڭغا ئۆز ھالى توغرىسىدا باش قاتۇرۇشقا ئىمكان تۇغۇلدى.
    قەپەس كەپتەرخانىنىڭ بۇلۇڭىدىكى ئەسكى ساندۇقنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىغىلا كەپتەرلەرنىڭ كىرىپ - چىقىشى ئۈچۈن قالدۇرۇلغان بىرنەچچە تۆشۈك بار ئىدى. شۇ يەردىن كەپتەرخانىغا گۇڭگا يورۇقلۇق چۈشۈپ تۇراتتى. ئۇ بېشىنى كۆتۈردى. پەقەت ئاشۇ يورۇقلۇقلا ئۇنىڭغا نىجاتلىق ئاتا قىلالايدىغاندەك تۇيۇلدى. ئۇ قاقشاتقۇچ ئاغرىق ئازابىغا چىداپ، تۇمشۇق تىرەپ بىر پۇتى بىلەن ئۆرە بولدى. تۆشۈكلەردىن تۈن ئاسمىنى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. يىراق كۆك قەرىدە يۇلتۇزلار يىڭنە ئۇچىدەك پىلىلدايتتى. ئاي شەھەر ئاسمىنىدىن تېزرەك ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغاندەك ئىس - تۈتەكلەر ئىچىدە گاھ كۆرۈنۈپ، گاھ كۆرۈنمەي ئىلدام ئۈزەتتى.
    بىردىنلا ئۇنىڭ ئۈمىدسىزلىكنىڭ قارا زۇلمىتى باسقان ئالىمى ۋاللىدە يورۇپ كەتكەندەك بولدى.
    ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا، باش ئۈستىدىلا خۇددى مۆجىزىدەك  يۇلتۇزلار نۇر چېچىپ تۇراتتى!
    ئۇ كۆككە بېقىپ مەڭدەپ قالدى.  يۇلتۇزلار پەقەت ئۇنىڭ ماكانىغىلا مەنسۇپ ئىدى. قانداقلارچە بۇ قاباھەتلىك جايدا پەيدا بولۇپ قالدى - ھە! بىردىنلا ئۇنىڭ ۋۇجۇدى قاتتىق ھاياجاندىن لەرزىگە كەلدى. تومۇرلىرىدا بىر غايىبانە ياۋايى كۈچ تولۇپ تاشتى. گوياكى ئۆزىنى لەنىتى تۆمۈر قەپەسنى پارە - پارە قىلىپ، كۆك قەرىدە  يۇلتۇزلارغا ئەگىشىپ سۆيۈملۈك ماكانىغا قاراپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندەك سەزدى.
    ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزىنى تۆمۈر قەپەسكە ئۇردى. شۇ ھامان ئارقىغا قاڭقىپ موللاقلاپ چۈشتى. چىدىغۇسىز ئاغرىقتىن كىچىككىنە مېڭىسى ۋاراسسىدە يېرىلىپ كەتكۈدەك بولدى. لېكىن دەرھال ئۆرە بولۇپ ئالغا ئېتىلدى. ئارقىغا قاڭقىپ موللاقلاپ يىقىلدى. يەنە ئۆرە بولدى... يەنە يىقىلدى.
    كەپتەرخانا ئىچىدە توزىغان پەيلەر ئۇچۇشقا باشلىدى. كەپتەرلەر قورقۇنچقا چۈشۈپ، قاراڭغۇ بۇلۇڭلارغا تىقىلىۋېلىشقانىدى.
    ياۋا كەپتەر توختىماي ئۆزىنى قەپەسكە ئۇراتتى.
    شۇ تەرىقىدە بىر كۈن ئۆتتى. ياۋا كەپتەر تامامەن ھالسىزلاندى. كۈچلۈك قاناتلىرىنى كۆتۈرگۈچىلىكمۇ ھالى قالمىدى. پوكىنىنى مۇزدەك قەپەسكە يېقىپ يېتىپ قالدى.
       كۆكتە يۇلتۇزلار ئاندا - ساندا يىڭنە ئۇچىدەك يىلىلداپ ياناتتى. ئاي شەھەر ئاسمىنىدىن تېزرەك ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغاندەك ئىس - تۈتەكلەر ئىچىدە گاھ كۆرۈنۈپ، گاھ كۆرۈنمەي ئىلدام ئۈزەتتى.
       كەپتەرنىڭ كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلۇشقا باشلىدى.
      ئۇ ئاپىرىدە بولغاندا، ئۇنى بۇ ئالەمدىن ئايرىپ تۇرغان كىچىككىنە شاكىلىنى يېرىپ چىققاندا خۇددى بۈگۈنكىدەك كېچە ئىدى. ئاي بىپايان ئورمانلىقنى مامۇق نۇرى بىلەن يورۇتۇپ تۇراتتى. ئۇ كۆزىنى ئاچقاندا تۇنجى بولۇپ ئاينى كۆردى. شۇ چاغدا ئۇ ئاينى ئۆزىنى بۇ جاھانغا ئاپىرىدە قىلغان ئانىسىمىكىن دەپ قالغانىدى. كېيىن ئۇ ئاينىڭ چېھرىنى كۆرسىلا تىپىرلايدىغان، ئۇچۇشقا ئىنتىلىدىغان بولدى. ئاخىرى ئاشۇنداق تىپىرلاپ يۈرۈپ يېتىلدى، قاناتلىرى قاتتى، بالدۇر ئۇچۇرۇم بولدى.
       خۇددى ئۇ ئالەمگە كۆز ئاچقان ئايدىڭ كېچىدە كۆككە، ئېگىزگە ئايغا قاراپ پەرۋاز قىلدى. لېكىن تېزلا دەرمانىدىن كەتتى، ئىشەنچ قىلغان قاناتلىرى بوشاپ ئوشۇقچە بىرنەرسىدەك بولۇپ قالدى. ئورمانلىققا خۇددى بىر چالمىدەك چۈشۈپ كەتتى. ئاي ئۇنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ بۈيۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ھامان بىر كۈنى پەرۋاز قىلىپ ئايغا قونۇشنى، قاشتېشىدەك گەردىشىدىن ئۆپۈشنى ئويلىدى.
    مانا ئەمدىلىكتە بەختى قارا بولۇپ، پۇتلىرى سۇنۇپ، قاناتلىرى قايرىلىپ تۆمۈر قەپەسنىڭ ئىچىدە ھالسىز ياتماقتا.
    شەھەر ئاسمىنىنى قارا بۇلۇت قاپلاشقا باشلىدى. ھايال ئۆتمەي ئاي ھەم يۇلتۇزلارمۇ يۈتتى. ئەتراپ تىنجىق، تۇم قاراڭغۇلۇققا چۆمدى.
    زىنداندەك قاپقاراڭغۇ كەپتەرخانىدا، تۆمۈر قەپەسنىڭ ئىچىدە ياۋا كەپتەر تۇمشۇقىنى تىرەپ جىمجىت ياتاتتى. ئۇنىڭ ئەمدى مىدىرلىغۇدەكمۇ ھالى قالمىغانىدى. ئۇ شۇ تەرىزدە خېلى ئۇزۇنغىچە ياتتى. ئاندىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئورنىدا ياتقان پېتى قەپەسنى چوقۇلاشقا باشلىدى. ئەمدى ئۇنىڭدا تۆمۈر قەپەستىن قۇتۇلۇشقا يارەم بېرەلىگۈدەك ئەنە شۇ ئۆتكۈر تۇمشۇقلا قالغانىدى. باشتا ئاستا، جانسىز چوقۇلىدى. بارا - بارا ئاداققى ئۈمىدىنى، ھەممە غەزەپ - نەپرىتىنى تۇمشۇقىغا يىغىپ، پۈتۈن جان - جەھلى بىلەن چوقۇلاشقا باشلىدى.
       ياۋا كەپتەر زۇلمەت باسقان جىمجىت كېچىدە تۆمۈر قەپەسنى چوقۇلايتتى. تىنىم تاپماستىن، بىر دەقىقىمۇ توختاپ قالماستىن چوقۇلايتتى.
    
       تاڭ يورۇشى بىلەن ھېلىقى ئادەم ئۆگزىدىن ئېچىلغان تۆشۈكتە پەيدا بولدى. ئارقىدىن يۈزلىرى ئاپئاق، ئوماققىنە بىر ئوغۇل بالىنى ئۆگزىگە تارتىپ چىقاردى. بۇ چاغدا كەپتەرلەر بىنا ئۆگزىسىنى بىر ئالغانىدى. ئەمدىلا كۆتۈرۈلۈۋاتقان قۇياشنىڭ ئالتۇن نۇرلىرى رەڭگارەڭ كەپتەرلەرنىڭ ئۈستىدە بىر ساماۋى مەنزىرە ھاسىل قىلىپ جۇلالايتتى. بالا خۇشال ۋارقىراپ، كەپتەرلەرنى ئۈركىتىپ يۈگۈرۈشكە باشلىدى.
    ھېلىقى ئادەم بۇلارغا ئېرەن قىلماستىن ئالدىراپ - تېنەپ قاراڭغۇ كەپتەرخانىدىن ياۋا كەپتەر سولانغان قەپەسنى كۆتۈرۈپ چىقتى. ئۇ قەپەسكە شۇنداق سەپسېلىپلا قاتتىق چۆچۈگىنىدىن ۋارقىراپ تاشلىدى. ئاڭغىچە ئوغۇل بالىمۇ يۈگۈرۈپ كەلدى. كەلدىيۇ، ئۆڭسىلى ئۆچۈپ ئۇنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈۋالدى. قولىغا مەھكەم يېپىشىپ ئاستا پىچىرلىدى.
     -دادا، ئۇ ئۆلۈپتۇ.
       ياۋا كەپتەر ئۆلمىگەنىدى. ئۇ پوكىنىنى مۇزدەك قەپەسكە يېقىپ، بېشىنى تەستە كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى. بىر كۆزى قۇيۇلغان، ئۆتكۈر، ئۇزۇن تۇمشۇقى تۈۋىدىن سۇنۇپ پەسكە ساڭگىلاپ قالغانىدى. ئەبجەق تۆمۈر قەپەسنىڭ ئۇششاق سىملىرى ئۇنىڭ بويۇن ھەم پوكىنىنى ئۆتمە - تۆشۈك قىلىپ قانغا بويىۋەتكەنىدى. شۇ تۇرقىدا ياۋا كەپتەر دەھشەتلىك قىيىن - قىستاقتىن يېرىم جان بولۇپ قالغان مەھبۇسنى ئەسلىتەتتى.
     -ھەي! باغرى تاش ئادەم. بولدى، بەس ئەمدى. مېنى بۇ تۆمۈر قەپىسىڭدىن ئازاد قىلىۋەت. تومۇرلىرىمدىكى ئىسسىق قانلىرىم ئېقىپ تۈگەي دېدى. كۈچ - ماغدۇرۇم قۇرۇپ، ئاخىرقى نەپەسلىرىم قالدى. مەن سەن ئۈچۈن قەدىردان ئايىمدىن سەن ياقتۇرىدىغان ھەممە نەرسىلەرنى تىلەي. ھەر بىر قانات قاققاندا ساڭا مەدھىيە ئوقۇي. تۆمۈر قەپىسىڭنىڭ ئىشىكىنى ئېچىۋەت. مەن ۋۇجۇدۇمدىكى ئەڭ ئاخىرقى كۈچۈمنى توپلاپ، ئۆز ماكانىمغا ئۇچۇپ كېتىۋالاي.
    ياۋا كەپتەر ئادەمگە قاراپ شۇنداق نىدا قىلدى. گەرچە، ئۇ ئەركىنلىكىنى ئەزەلدىن تىلەپ ئالغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا شۇنداق قىلدى.
     -ۋاي ئىسىت! ئەسلىدە قاناتلىرىڭنى بوغۇۋەتسەم بوپتىكەن، دېدى ئادەم.
     -دادا، ئۇنى تاشلىۋېتەيلى، دېدى ھېلىقى ئوغۇل بالا ئوماق چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ يىرگىنچ بىلەن.
     -ياق، ئوغلۇم. ئۇنى تاشلىۋەتمەيمىز. ياۋا كەپتەر دېگەن دورىلىق نەرسە. ئەتە شەنبە. ھەممىمىز ئارام ئالىمىز. ياۋا كەپتەرنى بوغۇزلاپ قېنىنى ئاپاڭنىڭ پۇتىغا ئېقىتىمىز. ئاپاڭ بالكوندا ئاپتاپقا قاقلىنىپ ياتىدۇ. ئىككىمىز ئۇنىڭ گۆشىنى قازانغا سېلىپ مەززىلىك شورپا قىلىمىز. شورپىسىنى مەن ئىچىمەن، گۆشىنى سەن يەيسەن. ياۋا كەپتەرنىڭ گۆشىنى يېسەڭچۇ ئوغلۇم، ئاۋتوماندەك(ئاۋتومان  ياپونىيىنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى باش قەھرىمان) كۈچلۈك بولۇپ كېتىسەن.
       ياۋا كەپتەر كۈن بويى پىژغىرىم ئاپتاپقا قاقلىنىپ، خۇددى بىر پارچە كۈلرەڭ تاشتەك مىدىر - سىدىر قىلماي ياتتى.
       كەچمۇ كىردى. ھېلىقى ئادەم قايتا ئۆگزىگە چىقمىدى. ئاسمان شۇنداق بەترەڭ تۈس ئالغانىدىكى، نە ئاي، نە بىرەر تال يۇلتۇزنى ئىلغا قىلغىلى بولمايتتى.
       ياۋا كەپتەر يەنىلا شۇ ھالدا ياتاتتى. ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ جىسمىدىكى تەبىئەت ئاتا قىلغان تىرىكلىكنىڭ ھەممە ئىزنالىرى تامام خاراب بولغانىدى. پەقەت ئەقىل - ئىدراك ئالىمىدىلا ئۆچۈۋاتقان جىن چىراغدەك ناھايىتىمۇ سۇس، غەلىتە  ھېس - تۇيغۇلار ھۆكۈم سۈرەتتى. گاھ ئۆزىنى كىچىككىنە شاكالنىڭ ئىچىدە كۆرەتتى. ساپسېرىق، يۇمران تۇمشۇقى بىلەن شاكالنى توختىماستىن چوقۇلاپ، يېڭى بىر ئالەمنى كۆرۈشكە تەقەززا بولاتتى. گاھ بەسلەمچى ھەمراھلىرى بىلەن كۆك قەرىدە ھەممە خېيىمخەتەرنى ئۇنتۇپ ئوقتەك ئۈزەتتى. ئورمانلىقنىڭ يۇمشاق، ئىسسىق توپىسىغا مىلىنىپ ئېغىنايتتى...
       ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر ئېزىتقۇ  خىيالىي تۇيغۇ ئىكەنلىكىنى سېزىپ تۇراتتى. ئۆزىنى ئۇنىڭ ئىسكەنجىسىدىن نېرى قىلالمايتتى.
    شۇ ھالەتتە قانچىلىك ئۆتتىكىن، كۆك قەرىدىن ناھايىتى تونۇش بىر سادا كەلدى. ئۇ باشتا ئېرەن قىلمىدى. ساختا تۇيغۇمكىن دېدى. ھېلىقى سادا بارا - بارا كۈچىيىپ، ئەمدىلىكتە ئېنىق ئاڭلاندى.
       ياۋا كەپتەر چۆچۈپ ئەس - ھوشىنى يىغدى. كۆزىنى ئاچتى. پۈتۈن جاھان ئاپئاق نۇرغا تولغانىدى. كۆكتە ھېسابسىز يۇلتۇزلار چاراقلاپ ياناتتى. ئاي قېتىپ قالغاندەك جىمجىت تۇراتتى. ئادەتتىكىدىن خېلىلا چوڭىيىپ قالغانىدى. ئاينىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا بىرنەچچە قارا چېكىت پەيدا بولدى. بارا - بارا پەسلەپ، يوغىناپ ئۇنىڭ باش ئۈستىگىلا كېلىپ قالدى. ئەسلىدە قارا چېكىتلەر ئۇنىڭ ئورمانلىقتىكى ھەمراھلىرى  قان قېرىنداشلىرى ئىدى. ھاياجاندىن ئۇنىڭ يۈرىكى يېرىلغۇدەك بولدى، بىردىنلا پۈتۈن ۋۇجۇدىدا كۈچ - قۇۋۋەت مەۋج ئۇرۇپ، ئۆزىنى زەرب بىلەن قەپەسكە ئۇردى. شۇئان تۆمۈر قەپەس پارە - پارە بولۇپ كەتتى.
    ئۇ ھەمراھلىرىغا قېتىلىپ ئاي تامان ئۇچۇپ كەتتى.
     ئەتىسى كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەندە ھېلىقى ئادەم بىنا ئۆگزىسىدە پەيدا بولدى. قاپاقلىرى ئىششىپ، كۆزلىرى قېزىرىپ كەتكەنىدى. كەيپى ناھايىتى سۇس كۆرۈنەتتى.
       ئۇ قەپەس ئىشىكىنى ئېچىپ ئولجىسىنى ئالدى. ياۋا كەپتەر ئاللىقاچان ئۆلگەنىدى. ئۇ ياۋا كەپتەرنىڭ مۇزلاپ، تاشتەك قېتىپ كەتكەن ئۆلۈكىنى قولىدا تۇتۇپ، بىرھازاغىچە پۇشۇلداپ تۇردى. ئاندىن زەردە بىلەن بىنانىڭ ئارقىسىدىكى ئەخلەتخانىغا پىرقىرىتىپ ئېتىۋەتتى.
      ياۋا كەپتەر ئەسكى قۇلاقچىدەك شاختىن - شاخقا ئۇرۇلۇپ تۆۋەنگە چۈشۈپ كەتتى.

    2003 - يىل 3 - سان
    تەڭرىتاغ ژۇرنىلى

    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-7-27 23:34:11]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.