ئۆي ۋە كۆڭۈل(بەگمەت يۈسۈپ)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-09 22:19:54

ئۆي ۋە كۆڭۈل(نەسىر)بەگمەت يۈسۈپ تۇيۇقسىز بايقاپ قالدىم ئۆيۈمنىڭ چوڭلۇقىنى . ياشايمىز ئۇنىڭدا ھەركۈنى يىگىرمە تۆت سائەت، بەزىدە ئۇنىڭدىن ئاز.يۆتكەپ كىتابلارنى، تېلېۋىزورنى، رادىئونى، يۆتكىگەن...

    ئۆي ۋە كۆڭۈل(نەسىر)
    بەگمەت يۈسۈپ


       تۇيۇقسىز بايقاپ قالدىم ئۆيۈمنىڭ چوڭلۇقىنى . ياشايمىز ئۇنىڭدا ھەركۈنى يىگىرمە تۆت سائەت، بەزىدە ئۇنىڭدىن ئاز.
    يۆتكەپ كىتابلارنى، تېلېۋىزورنى، رادىئونى، يۆتكىگەندەك بىر دەۋرلىك ئۆتمۈشنى، ھازىرنى، كەلگۈسىنى . كۈلۈپ كېتىمىز دېڭىزلاردا چۆمۈلۈپ، تاغلاردا ئۇچۇپ پىرسوناژلار بىلەن تەڭ . يىغلاپ كېتىمىز ھەتتا سەرسانە خەۋەرلەردىكى، كىنولاردىكى ئۇرۇش ئوتىدا قېلىپ، ئاچلىقتىن، ئاپەتتىن زارلىنىپ.
    تالىشىپ كېتىمىز بالىلار بىلەن، مۇنبەر ئۈستىدە ئۈستۈنلۈكنى . «ئادەم ۋە تەبىئەت»، «ئائىلە ۋە جەمئىيەت»...
    قايتىپ كېلىمىز بىر ۋاقىتلاردا قورساقلار كوركىرىغاندا، ئۇيقۇلار پەپىلىگەندە، مەكتەپ، خىزمەتلەر قوڭغۇراق چالغاندا.. . باشلىنىدۇ يىگىرمە تۆت سائەت ياكى ئۇنىڭدىن ئاز، كەڭرى دۇنيادا ياشاشلار باشلانغاندەك «خەير-خوش»، «خۇش كەلدىڭمۇ»، «ئامانمۇ سىلەر ئالەم بەندىلىرى»...
    چىنمۇدەننىڭ تاغلىرى
    چىنمۇدەننىڭ تاغلىرى گۇناھلىق تاغلار ئەمەس . بىزگە بىر ئانا كېرەك بولغاندا ئۇنىڭ ئىللىق مېھرىگە قۇچاق ئاچىمىز، باغاش ئاتىمىز . بىزگە سۆيۈلۈش كېرەك بولغاندا بۇ تاغلاردىن سۆيۈلۈش سورايمىز، سۆيۈنۈش ئالىمىز.
    ھاۋادا ئۇچۇپ يۈرگەن قۇشلارغا زوقلىنىپ، قۇش بولغۇمىز كەلگەندە، مانا مۇشۇ تاغلار بۇلۇتلار ئارا پەرۋاز قىلدۇرغان ئەمەسمىدى . بىز ئوزۇقلۇققا موھتاج بولغىنىمىزدا مانا مۇشۇ تاغلار ئاق قارلىرىنى ئېرىتىپ، ھەۋزىكەۋسەردەك سۇلىرى بىلەن دىل ۋە تىل ئېتىزلىرىمىزغا، ۋۇجۇد تۇپرىقىمىزغا ھاياتلىق ئاتا قىلغان ئەمەسمىدى . قۇشلاردەك سايراپ ناخشا ئېيتقۇمىز كەلگەندە، كېيىكتەك قىيىغىتىپ يايرىغۇمىز كەلگەندە ياپيېشىل باغلارنى قۇچاق قىلىپ ئاچقان ئەمەسمىدى؟!
    چىنمۇدەننىڭ تاغلىرى خاسىيەتلىك تاغلار . ئۇلار بىر بوشلۇق چۆللۈك ئارقىلىق قەد كېرىپ تۇرغىنىغا قارىماي، بىز ئۈچۈن ئەللامە-نەبىيلەرنى، كۈچتۈڭگۈر پالۋان-چېلىشچىلارنى ئاۋۇندۇرۇپ كەلدى . ئۇلار دەۋردىن-دەۋرگە، ماكاندىن-ماكانغا ئۇلىنىپ كەلدى . بىزنىڭ بۇ تاغلار ھەققىدىكى قىسسىمىز تۈگىمەيدۇ . بىزنىڭ بۇ تاغلارغا قەرزىمىز ئاداققى.
    مانا بىز مۇشۇ تاغنىڭ ۋۇجۇدى بولغان تاشتىن يارالغان ئادەملەرمىز، تۇپراقتىن كۆكەرگەن جانلىقلارمىز . مەيلى قەيەردە بولايلى، بىزنىڭ ھىدىمىزدىن قار لەيلىسىنىڭ ھىدى پۇراپ تۇرىدۇ . تاغ قاپتاللىرىدا يىراقلارغا نەزەر سالغىنىمىزدا يولۋاستەك مەغرۇرلۇقىمىز، بۈركۈتتەك سەزگۈرلۈكىمىز بار . ئاتا خۇيىنى تارتقان مىجەزىمىزدە جەسۇرلۇقىمىز قۇياش نۇرىدەك چاقناق، جىلغا تاشقىنلىرىدەك قايناق، يايلاق ھاۋزىلىرىدەك قوۋناق، ئارچا-قارىغاي يىلتىزلىرىدەك ئىتتىپاق، يامغۇر سۇلىرىدەك پاك يارالمىشلار بار . بىز ئۆزىمىزگە تەۋە سائادەتنى ھەققانىي ئەمگىكىمىز بىلەن ئوۋلاپ، ئوۋلاش داۋامىدا ئوۋلىنىپ مەڭگۈلۈك ئابىدىلىرىمىز بىلەن مۇشۇ تاغلار ئارىسىغا سىڭىپ كېتىمىز.
    بىز ئەقىل جەۋھىرىنى سۈزۈپ ئالغۇچىلارمىز، بىز ئاداققى ئىشلارنىڭ قۇرغۇچىلىرىمىز . چىنمۇدەننىڭ تاغلىرى بىزگە تۈگىمەس مۇھەببەت ئاتا قىلىدۇ!
    ئۆمۈر تاغلىرى①
    ئارا تۈرۈكتىن ئۆتتۇق، بەلچىردىن② قايرىلدۇق، باينى ③ نىشانلاپ . كونا جىپنىڭ چاقلىرى چاققان . باشلاپ ماڭار ئېلاخۇن دادام، پاراڭنى ئاھاڭغا يۇغۇرۇپ بىزنى كۈلدۈرۈپ؛ سەپەر ھاردۇقى چىقار يول بويى بىلمىگەننى بىلگەنلىكىمىز، كۆرمىگەننى كۆرگەنلىكىمىز، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىغانلىقىمىز ئۈچۈن.
    ①②③ ئارا تۈرك ناھىيىسىدىكى يەر-جاي ناملىرى
    بۇ يەردە بىز قېزىش قوشۇنى، بۇ يەردە بىز توپلاش قوشۇنى، بۇ يەردە بىز رەتلەش قوشۇنى — يەتمىگەننى يەتكۈزگۈچىلەر، كەينىمىزدە يارەن بالىلار، نەچچە ئەسىر ئۆچرەتتە تۇرۇپ، ساۋاق ئالار خەلپەتلىرىمدىن، ياد ئېتىشەر تور بەتلىرىمدىن «قۇمۇل نەزمىلىرى»نى ئەتىۋارلىشىپ.
    كۆرۈنگىنى ئۆمۈر تاغلىرى، ساي يولىنىڭ — غول لىنىيىسىنىڭ شەرقىدىكى قۇياش ئاستىدا . كۆز ئالدىدا چوقچايغان تاغلار يول ئارقىلىق يېيىلەر شۇنداق، ھېلى كۆرگەن ھېلى يوق سۈرئەت، جىپ ماشىنىنىڭ چاقلىرى چاققان . يىراقلارنى يېقىن ئەكېلىپ، يەپ كېتىدۇ يەپ كېتەر شۇنداق . ئۆمۈر تاغلىرى قاتلىرىڭدا ئاتەشنىڭ كۈلى، كۈل ئۈستىدە قەدىمىي ھاياتلىق . تاش تۇپراقلار كۈلگە ئايلانغان، دەل-دەرەخلەر كۈلگە ئايلانغان، ھەتتا ئېگىز ئاسماندىن چۈشكەن قارمۇ كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان.
    بۇ تارىخنىڭ سەپىرى ئۇزۇن، كۈل كۆيمىگەن پەقەت بۇ يەردە ھەممە نەرسە كۆيۈپ كەتسىمۇ، «ئۆمۈر تاغلىرى» دېگەن ناممۇ ھەم . ئېيىق ئۆلتۈرگەن پالۋاننىڭ گەۋدىسىمۇ ئېيىقتەك باردەك، ئۇ ئېيىقنى ئۆلتۈرگەن چاغدا، قوللىرىنى تىترەك باسقۇدەك، لېكىن ئۇنىڭ يۈرىكى تەمكىن، تەمكىن ئىكەن يۈرىكى تاغدەك.
    بىز قازغىلى كەلدۇق قەدىمكىنى، ئەپسانەڭنى ئېيتقىنا ھاپىز، «ئېيىق» ىڭىنى سۆزلەپ بولۇپلا . بىراق، كۈلدەك توزۇپ كەتمىگەن بۇ يەردىكى تاغدەك قوشاقلار، قوشاقلارنىڭ جىلغىلىرىدا ئاقار يەنە بېيىت ۋە نەزمىلەر، كىم يازغىنى ئېنىق ئەمەستۇر، يېزىلغىنى ھېكمەت ۋە دەستۇر . ئۆمۈر تاغلىرىنىڭ ئارخىپلىرىدا ساقلانغىنى بۇلا ئەمەستۇر . ئۇنىڭ قوينى ئاجايىپ دۇنيا، قارلىق تاغنىڭ شىمال تەرىپى . ئۆمۈر تاغلىرىنىڭ ئاغزى، قۇلىقى، بىز يىراقلاپ كېتىۋاتقان ئۆمۈرلۈك دۇنيا، بىرمۇ كېيىك ياتمىغان تارىخ!
    ئېلاخۇن دادا، ماشىنىنى ھەيدەپ باقايلى . ئۆچىكىدە بولمىسا كېيىك، ئۇچراپ قالار ھېلىقى ئۆلۈك ئېيىق، تەمسىللەرنىڭ مىساللىرىدا! ئۆمۈر تاغلىرىغا قاراپ باقايلى، ھاپىزلارنى ئىزلەپ باقايلى، دەپتىرىمىز ئاق قالمىسۇن-دە، سەپىرىمىز ئۇزۇن ئەمەسمۇ؟!
    سەرۋەڭ تاغلىرى
    قۇمۇلدا بار مۇقەددەس يايلاق، يايلاق يانباغرىدا نامى بار چوققا، ئىرادىسىز بېسىلماس قەدەم، قەدەم باستۇق كۆرۈنەر قۇمۇلنىڭ تۆت تەرىپى، سەككىز بۇرجىكى، ھەم كۆرۈنەر تۆت تەرەپتىن، سەككىز بۇرجەكتىن «خېنىم»① يايلىغان، (①قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ خانىشلىرىدىن بىرى.) ئولتۇرغان، قوپقان، تېشى سىلىق، ئوتلىرى يېشىل «سەرۋەڭ» دېگەن خاسىيەتلىك تاغ . تۆت مىڭ مېتىر مۇئەللەقتىكى.
    ھېلىمۇ ئېسىمدە قالدى، «خېنىم»غا ئوخشاش ئىززەتلىك بىر قىز، ئوي ئويلىغان قەلبىم خانىشى، ماڭا بىر رەت قارىمىغان، لېكىن مىڭ رەت ئويلىغان يۈرىكىنىڭ بېغىشىغا يېزىپ ئىسمىمنى.
    ھېلىمۇ ئېسىمدە تاغ چىغىرتمىقى، تۇنجى قېتىم ئېچىلغان يەردىن، بىر تۈپ گۈلنى ئېلىپ چاپىنىمنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويغان قىزىرىپ تۇرۇپ.
    ھېلىمۇ ئېسىمدە، مۇھەببەت تارىخىم يېزىلغانىكەن ياشلىق خاتىرەمگە، قوي سۈتىدەك پاك ۋە ھالال، ئوغلاق چىشىدەك سۈزۈك ۋە رەتلىك.
    سەرۋەڭ تاغلىرى، قىز باغرىدەك نازۇك ۋە گۈزەل . يارىلىشنى تونۇتقان دۇنيا . بولغان شۇڭا ئون ئىككى تاغنىڭ بىرىگە ئىسىم.
    كۆز يېشىدەك سىرغىيالايدۇ ھەم قاتالايدۇ ئات جىگىرىدەك.
    بوران ئاققاننى كۆرمىگەنلەر بار، سۇلار ئۇچقاننى بىلمىگەنلەر بار، سىرلىرىنى سىرداشمىغانغا بىر ئېغىزمۇ ئېيتمىغانلار بار.
    سەرۋەڭ دېگەن سەرخىلىنى تاللاپ، سەرۋازلارغا يار-يۆلەك شۇنچە، يۆلەكسىزنى يۆلەيدۇ تاغدەك . قۇمۇللۇقلار قول قوۋۇشتۇرمايدۇ، قۇمدەك ھالسىز چېچىلغانلارغا . تۈتەكتەك پورەكسىز ئېچىلغانلارغا.
    سەرۋەڭ تاغلىرى قۇمۇللۇقنىڭ يېشىل يۈرىكى . تاش ئۈستىدە ئوتتەك تاۋلانغان.
    شارلار تېغى
    سالام بەرسەم سالام بەرگۈم كېلەر يېنىشلاپ . تاشلىرىڭنى يانچۇقۇمغا سېلىۋالىمەن . چۆپلىرىڭنى چېچەكسىز دېمەي، گۈلدەستىدەك تىزىۋالىمەن . بەش شەھەرنى① باققان سۈيۈڭنى ئابىھايات دېسەم تىلىم كۆيمەيدۇ،(①قۇمۇلدا قەدىمىي بەش شەھەر ئون ئىككى تاغ بار بولۇپ، شارلار تېغى بەش شەھەرگە تەۋە تاغلارنى كۆرسىتىدۇ.)كۆيىدۇ ئوغۇللۇق يۈرىكىم . قىسسىلىرىڭنى ئاڭلىغۇم كېلىدۇ، ئاڭلىغانچە ئايلىنىمەن قىسسەڭگە، قىسسەڭدىكى باتۇرلۇقنىڭ كۆركىنى رەسىم قىلىپ سىزىپ چىقسام ھۆسنىڭگە.
    شارلار تېغى، قۇمۇلنىڭ غەربىگە سوزۇلغان سېپىل، ئۆلچىگەندەك تارىخ ۋەزنىنى، بۇ يەردىكى قىيا تاشلارنىڭ يىلتىزىدا كۆمۈر كۆيىدۇ . كۆيۈشلەردىن يىلتىز كۆكلەيدۇ، قارىمامسىز بۇ مۆجىزىنى . ئاستىدا كۆمۈر كۆيىدۇ، ئۈستىدە سۇپۇرا تاش، تاش لەڭمەن، تاش پىچاق، داشقازاندا② قاينار ئارمانلار...② غەربىي تاغ يېزىسى يەنى شارلار تېغى يېزىسىدىكى قىيا تاشلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
    ھەممىسىلا تاشقا ئايلانغان، تاشلار يەنە تاغقا ئايلانغان، كۆتۈرەلمەي يەرنىڭ بېغىشى جىرالاردىن تەرلەر ئاقىدۇ.
    شارلار تېغى، سەن زاماننى ئۇپراتقان تارىخ . سەن زاماننى ئويغاتقان تارىخ، تارىخىڭدىن ئويغانغان زېمىن!
    تاشلىرىڭنى تەرگۈم كېلىدۇ، مارجان قىلىپ تىزغۇم كېلىدۇ . بىزدىن قالسا سىزگە قالىدۇ، سىزدىن، كىمدىن-كىمگە قالىدۇ؟
    ئاقچۇق ساي
    ئاقچۇق ساي — ھەققانىيەت نەسەبنامىسى، جورۇنقايدەك سوزۇلغان تاڭغا . چوقچايغاندا ئوق ئۆتمەيدىكەن، باتۇرلاردىن قورقارمۇ ئوقمۇ . ئەقلى يوقنىڭ جېنى تاتلىقتەك . قورغانلارنى تاشتىن قوپۇرغان، جېنى بارنىڭ تېشى بار قولدا، تېشى بارنىڭ جېنى بار يولدا، لەختە-لەختە قان تۆكۈلسىمۇ، تۆكۈلەركەن ئىسسىق تاشلارغا، يىلتىز بولۇپ تاش گۈللىرىگە...
    ئاھ، بۇغۇ بىر بۇرۇنقى ئىشلار، كۆرۈپ تۇردۇق ھەر كۈنى ئۆتسەك، كۆرۈنگەننى رىۋايەت سۆزلەپ، كۆرمىگەننى ئەپسانەسىمان، يېڭى يوللار ياسالغانسىمان، بۈگۈنىمىز بوش كەلمىگەندە، بۈگۈنىمىز راست بوش كەلمىگەن.
    قۇمۇلدىكى قارلىق تاغ
    ھاياتىڭنى ئۆلچەپ باققۇم بار . ئېرىشلىرىڭدىن دەۋرلىكىڭ بار . بار بوۋامنىڭ كۆچەتلىرىنى سۇلىرىڭدا ئاۋۇندۇرغىنىڭ، كۆكلىرىڭدە نەچچە مىڭ يىلنىڭ كۈلكىسى ھەم يىغىسى قايناپ.
    ئاڭلىسام، شەھەر باشلىقى بولغان كىشىدىن، نەچچە كىلومېتىر ئىزدەپ ئاندىن تاپقانىكەن پېشىڭنى . تۇتقانىكەن چۇلۋۇرۇڭنى ئات بىلەن قوشۇپ.
    نېمانچە شاشلىشىپ كەتتىڭ؟ ۋىسال بىلەن ياتلىشىپ كەتتىڭ؟ ئۇسساپ كەتتۇق دەيدۇ بوۋاقلار، تۇيۇقسىزلا تىللىرى چىقىپ، ئۇسساپ كەتتۇق دەيدۇ يۇلغۇنلار، تۇيۇقسىزلا پۇتلىرى چىقىپ . تاغ باغرىغا يامىشار كاككۇك، بىر چاڭقاقلىق ناخشا ئىچىدە ھەممە قۇشقا ۋەكىل سايلىنىپ، سۇلىرىڭدا كۆلچەك ياسىغان باغلىرىڭمۇ بىر غەمدە قالدى، قالدى ھالسىز سۇنايلىنىپ.
    دېھقان:
    كەتمەن كۆتۈرۈپ بارمىغان يەر قالدىمۇ.
    ئىشچى:
    «توك توختىسا بولمايدۇ» دەيدۇ — توختىسىلا ۋاقىت توختارمىش.
    ئوقۇتقۇچى:
    بالىلار كىچىك، ھايات ناتونۇش، دەۋلايچۇ ئىچىمدىكى، بىر پىيالە چاي بىلەن قوشۇپ، تەجرىبىنى ئىشلەپ بولغۇچە.
    ئوقۇغۇچى:
    مۇئەللىممۇ يالغان سۆزلەمدۇ، دۇنيادا كۆپ سۇ دېگەن سۇدەك، قۇرۇقلۇقنىڭ چېكى چېكىتچە.
    ئىشىنىڭلار، ئىشىنىپ كەلدۇق، ئىۋىرغولنىڭ سۈيى دولقۇنلۇق، كۆردۈڭلارمۇ ئاشۇ قارلىق تاغ، ئېقىپ كېلەر نومغا...① بوغازغا...②
    (①② قۇمۇلنىڭ ئەڭ شىمالى ۋە ئەڭ جەنۇب تەرىپىدىكى يېزا-بازار ناملىرى)
    سۇ ئىچىدۇ كەسلۈنچۈكلىرىم، بىخىرامان قامقاق ئاستىدا، قارادۆۋىدىكى ئىلياز بوۋىنىڭ تۆگىلىرى سېمىز ۋە تېمەن، چۈنكى، شېكەر يانتاق يەيدۇ، كۈندە كېچىدە.
    ئالتىزاقتا ئاسىم بوۋىنىڭ نەچچە يەردە ساي بۇلىقى بار . ئوخشاپ كەتكەن بۇغداي، قوناقنىڭ، سورتلىرى بار، ئۇرۇقلىرى بار.
    مەشرەپ قۇرماق بىردەملىك ئىشقۇ، شارلار تېغى ③ قوراينى ④ چىللار . (③④ قومۇلنىڭ شەرقى ۋە غەربىدىكى يۇرت ناملىرى) «ئۇلۇغدۇر» مۇقامىنى ھەممە بىلىدۇ، غىجەكنى ئالدىمۇ ناخشا باشلىنار . ئوسما قويۇش كەتمەيدۇ قىز قېشىغا، تۇغۇلۇشتىن قاشلىرى قارا، كۆزلىرى خۇمار، يۈزلىرى سۈزۈك، چاچلىرى سۇمبۇل، لەۋلىرى لەۋەن، بويلىرى بەلەن، ئۇسسۇللار لەرزان...
    ئارا تۆشلۈك يىگىتلەر بەردەم، جەسۇر شوخ ھەردەم . گۈلى گۈلىگە كەلگەن، ئالتۇن ئۈزۈكنىڭ ياقۇت كۆزلىرى...
    قۇۋانچ تۆككەن ئانا قارلىق تاغ . يوللىرىڭغا سېرىق يۆگەي ئۈنسە دەيمەن، قۇمۇلۇمنى ئالتۇن ھەلگە كۆمۈلسە دەيمەن . بۇ قۇياشنىڭ تىلىكى بولسا دەيمەن.
    بوۋاقلار...
    بوۋايلار...
    ئېتىزلار...
    كۆكلەر...
    ھەتتا بۇلۇتلار...
    باغ تىلەيدۇ كارىز بېشىدا، بىر كۆزى ياش، بىر كۆزى كۈلكە!

    كىچىك جانىكەم
    قارىغانغا كۆرۈنمەيدۇ،
    دۇنيانىڭ ئۇچى.
    دۇنيا دېگەن كونا راۋات،
    مەن يول ئۆتكۈنچى.
    — قۇمۇل خەلق قوشىقى
    غەم يېگەن جېنىڭغا پەلسەپە قوندى، پەلسەپە قونغاچقىلا تۇغۇلغىنىڭنى ھېس قىلدىڭ . سۆزلىمەكچى بولدۇڭ، تىلىڭ تۇتۇلدى، ماڭماقچى بولدۇڭ، يولۇڭ توسۇلدى . ئەسكەرتمەكچى بولدۇڭ، ھاي بەرمەكچى بولدۇڭ سودىگەرلەرگە، تېپىرلاپ كەتتىڭ، يەرلەر ئويۇلغۇدەك، ئاسمانلار تېشىلگۈدەك . بۇغۇ ئۆتمۈش، باھاردا قارلىغاچلار ئەقىللىق كەلدى . قىش بىلەن يازنى پەرقلەندۈرەلىدى . ۋاقىت ساڭا تىل تەگكۈزمەكتە . تىل زەربىسىدىن ئىچىڭ ئۆرتەنمەكتە، كۆيمەكتە . ھەر نېچۈك بولسىمۇ شاماللار ساڭا مەدەتكار بولدى . نىيىتىڭنى چۈشەنگەنلەر قوبۇل قىلدى . قوبۇل قىلغانلاردىن يوللار سورالدى، مانا شۇنداق يوللار ئېچىلدى . بۇ يوللاردا ماڭغانلارنى سوراپ يۈردۇق، يول ئاچقانلار ئۇنتۇلدى.
    ھەي، يۈرەك، ئۆزۈڭ كىچىك، جۇغۇڭ كىچىك، كىچىكلىكنىڭ ئازابلىرى كۆپ، ئازاب كۆپەيگەنسېرى چوڭلاپ باردۇق.
    قارىمامسەن قۇمدەك بىزلەرنى، بىزگە يات بولمىغان دۇنيانى . ئۆرۈلۈپمۇ، سۆرىلىپمۇ ئاقىۋەت قىممەت تاپتۇق، بىراق، ئەمما ھىممەتسىز قىممەتنى توغراق ئاستىغا كۆمۈپ قويغاننىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن؟
    بىز بىلىپ كېتەلمەيۋاتىمىز، بىلدۈرگۈڭ كېلىۋاتامدۇ؟ خۇددى ساتىراشنىڭ قۇدۇققا بېشىنى تىقىپ تۇرۇپ «ئىسكەندەرنىڭ مۈڭگۈزى بار» دەپ توۋلىغىنىدەك.
    بىلدۈرگۈڭ كېلىۋاتامدۇ؟
    قۇمۇللۇقنىڭ «نېرىنكىر، سەرۋەڭ ئارا» ناخشىسىدەك.
    بىلدۈرگۈڭ كېلىۋاتامدۇ يا، كاتىپ يازغان نۇتۇق تېكىستىنى باشلىق ئوقۇپ بەرگەندەك.
    بولدى بەس! يوللار «ئىز»لىنىدۇ . «ئىز»لار يوللىنىدۇ.
    ئاۋارىگەر كىچىك جانىكەم.

    

    يانفونۇمنىڭ ئۇچۇر بېتىدە ياكى كومپيۇتېرنىڭ تور دولقۇنى، يېڭى ناخشاڭ سايرىدى يەنە، گۈزەل تىلەكلەرنىڭ قانىتى راۋان، ئېگىز تاغلارنىڭ چوققىسى جەۋلان.
    ئۈزۈپ بارماقتا قەلبىمنىڭ تاتلىق ھېسلىرى، ئاھ، سېغىنچىم، ئاق كەپتەردەك ئۇچۇپ سەن سايان.
    تولغىنىپ ئاقماقتا مۇھەببەت دەرياسى، بوغۇزلاردىن چىڭقىلىپ، دېڭىزلارغا قوشۇلۇپ، ئېگىز بىنالارنىڭ ئانتىنالىرى، ئەڭ ئىلغار ئالەم كېزەرگە يۈكلەندى، مەيىن شامالدەك سېنى سۆيىدۇ، سېنى ئىزدەپ، مىليون ئادەم ئىچىدە ئازماي! سېغىنچى گۈللىرىم ئېچىلدى . بېغىڭدا سەھەر تۇرۇپ پۇرىغىن ئۇنى، چۈشلىرىڭگە ئۇلاپ كەيپىڭنى . خىزمەت يولۇڭدا خۇشال بىر سېزىم، چۈنكى مەن بار، مەن بار يېنىڭدا، مۈرەڭدىكى ئېسىل سومكاڭدا، سومكاڭدىكى كۈندىلىك خاتىرەڭدە، خاتىرەڭدە ئەتىر پۇرىقى، ئەيلەپ تۇرار سۆيگۈ ئىزھارى . قايتىشىڭدا ئۆيۈڭگە كەچتە . كىرىسلونىڭ يېنىدا، ئالتۇن قۇڭغۇراقلىق تېلېفونغۇ مەن . شىۋىرلاپ ئەڭ سەمىمىي سۆزلىرىمنى ساڭا سۆزلەيمەن . دەملەپ كېلىپ بىر ئىستاكان قەھۋە.
    تىلىكىم:
    ئۆتكەن مەڭگۈ، بىر ئائىلىنىڭ ئالتۇن تۈۋرۈكى، بىر جەمئىيەتنىڭ سەرخىل جەۋھىرى.
    تۆمۈرتى چوققىسى①
    (① شەرقىي تەڭرىتاغلىرىنىڭ ئەڭ ئىگىز چوققىسى)
    قۇمۇلنىڭ ئۆگزىسىگە ياماشقاندەك، يول ئالىمىز، جىرالاردىن-جىلغىلاردىن تۆت مىڭ سەككىز يۈز سەكسەن دېگەن سان، پەستە قالدۇرار دۆڭ-يوتىلارنى، تۈزلەڭنى، كارىز-ئاشمىلارنى، بورانلارغا چاۋاك چالمايدۇ شېغىل-تاشلار، بەل ئەگمەيدۇ، باش چايقايدۇ دېخىل-يالپۇزلار، ئادەملەردىن-تاغچىلاردىن ئۆگەنگەندەك ياشاشنى . يامغۇرلارنى يىغلاتسىمۇ بۇلۇتلار، ئانا زېمىن قۇچاق ئېچىپ باسار باغرىغا، ئابىھايات بىلىپ يەنە، قىرلارنىڭ ئېتىكىدە گۈلشەن ۋادا تۇغۇلار . بۇ ئىناقلىق ناخشىسىنى ئاڭلاڭ-دە، يوللار ئارا ئېچىلىدۇ مەنزىللەر . پادىلارغا مەستلىكى كېلىپ، تاتلىققىنا ئىچەكەپ ۋە زوقلىنىپ، قوللىرىدا ئوچۇم-ئوچۇم سۇلىرى سەپەرداشلارنىڭ، ئاجايىپلا خىلۋەتچىلىك بىر دۇنيا، ئاجايىپلا ساپ-پاكىز بىر جاھان . بۇلغانمىغان بۇ يەردىكى مۇھەببەت، بۇلغانمىغان بۇ يەردىكى دىل . قارىغانچە تاپىنىدىن بېشىغا، قورام-قورام تاشلار ئۆزى مۆجىزە.
    ئەنە سانسىز قورام تاشلار ئۈستىدە، چوقچايغانچە تۇرار بىزنىڭ تۆمۈرتى . ساپ، پاكىز مۇھەببەتلىك بىر چوققا . يامىشىمىز قورام تاشلار ئۈستىگە، (قورام تاشلار ئېگىز، يوغان، يوغىنار) مۇشۇ يەردىن بەخت ياغار يامغۇردەك.
    ساركۆل
    ساركۆل بىز ياشاۋاتىمىز ئۈستۈڭدە، دېڭىز يۈزىدىن ئەللىك ئۈچ مېتىر ئېگىز، قۇمۇل بوستانلىقى كۆكلەيدۇ، يەتتە مېتىر تۇپرىقىڭنىڭ سۈيى گۈل بولۇپ، گۈل پۇرىقىڭدا ئاجايىپ بىر ھاياتلىق ئەندىزىسى بار . يېنىپ تۇرار بىر-بىرىگە تۇتاشقان شەھەر چىرىغى، بىنالارنى بويلاپ ماڭغان ئويغاق كوچىلار . ئەتراپلىرىڭ يېتىشمىسە مانا بىز بار دەپ ئۇزاق-ئۇزاق سەھرالارنىڭ باغرى ئازادە . ساربۇلاق، سارچوققا، سار دەرياسى، ساركۆل قۇمۇلدىكى بىر ئاتىنىڭ بالىلىرى دېمەك.
    ساركۆل ئىۋىرغولغا ئىمىلداش ئېقلىم . توپا-چاڭغا قالغان سۈزۈك سۇلىرىڭ، قۇمۇللۇققا بەخش ھايات ساھىلىڭ . ساركۆل ھەممە يەرگە تۇتاشقان، ھەممە نەرسە تەل بولغان شەھەر . قۇمۇل بوستانلىقىنى ياشنىتىسەن ئۈنسىز-تەمەسىز . بىز نامىڭغا يات ئەمەس ھەرگىز، قېزىلغانچە ئەقىل جۇغراپىيىمىز.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.