قىسمەتلەردە ھېكمەت بار( ئابلەت ئابدۇللا)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-30 15:55:46

قىسمەتلەردە ھېكمەت بار (راست ئىشلار خاتىرىسى) ئابلەت ئابدۇللا ئۇھ، ئىنىم ئاخىر ئوقۇشقا ماڭدى. ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ھەۋىسى ئائىلىمىزنىڭ بېشىغا قانچە كۈلپەتلەرنى سالغانلىقىنى ئويلىسام، ي...

    قىسمەتلەردە ھېكمەت بار
      (راست ئىشلار خاتىرىسى)
      ئابلەت ئابدۇللا

      ئۇھ، ئىنىم ئاخىر ئوقۇشقا ماڭدى. ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ھەۋىسى ئائىلىمىزنىڭ بېشىغا قانچە كۈلپەتلەرنى سالغانلىقىنى ئويلىسام، يۈرىكىم ھەسرەت ئوتىدا كۆيىدۇ. بۈگۈن ئىنىمنى ئۇزىتىۋېتىپ، خۇشاللىق تۇيغۇسى ئىچىدە ئەنە شۇ ئاچچىق خاتىرىلەرنى ئەسلىدىم. مەن بىلەن بىللە ئىنىمنى ئۇزىتىشقا چىققان ئاپامنىڭ ئىنىمنىڭ باش ـ كۆزلىرىنى سىلاۋاتقاندا قوللىرىنىڭ تىتىرىشىدىن ئاشۇ ئىشلارنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى سەزدىم.
       ـ بېرىپلا خەت يازغىن، ـ دېدى ئاپام، ـ ئۆزۈڭگە پەخەس بول، خۇدايىمغا ئامانەت ...!
       ئاپام مەڭزىنى بويلاپ چۈشۈۋاتقان سىمابتەك ياشلىرىنى رومىلىنىڭ ئۇچى بىلەن سۈرتۈپ ئىتتىك چەتكە قارىۋالدى. ئۇنىڭ ئۆز پەرزەنتىنى بۇنداق سەپەرگە تۇنجى قېتىم يولغا سېلىشى بولغاچقا، كۆڭلى قىيماۋاتاتتى. مەن ئىنىمنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ، ئۇنىڭ بەختلىك كۈلۈمسىرەشتىن قىسىلىپ تۇرغان قوي كۆزلىرىگە تىكىلدىم:
       ـ دىلمۇرات، ياخشى ئوقۇپ كەسپىڭنى پۇختا ئىگىلە، ئۆزۈڭ بىلىسەن، بۇ ئوقۇش پۇرسىتى ساڭا ئوڭاي كەلمىدى. بۇنى ئېسىڭدىن چىقارما، خەير، سالامەت بول، پات ـ پات خەت يېزىپ تۇر، ئاپامنى ئايا! ـ دېدىم ئۇنىڭغا تىكىلىپ.
       ئىنىم خوشلىشىپ ئاپتوبۇسقا چىقىپ كەتتى. كەڭ مەيداندىكى قاتار تىزىلغان ئاپتۇبۇسلار گۈرۈلدىشىپ، بىرىنىڭ ئارقىسىدىن بىرى قوزغىلىپ دەرۋازىدىن چىقىپ كەتكەندە، مەن ئاپامنى قولتۇقلاپ شېغىل تۆكۈلگەن مەيدان بىلەن دەرۋازا ئالدىغا چىقتىم. ئاپتۇبۇس دوقمۇستىن ئەگىپ ئۆتۈپ، سەھەر تۇمانىدا كۆزدىن غايىپ بولغۇچە قول پۇلاڭلىتىپ قاراپ تۇردۇق...
       بىز ئۆيگە قايتتۇق، يولدا كېتىۋېتىپ ئاپام ئىختىيارسىز كەينىگە ـ ئامراق ئوغلى كەتكەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ قاراپ قوياتتى. ئۇ لەۋلىرىنى ئۇمچەيتىپ نېمىنىدۇر پىچىرلاۋاتىدۇ، ئېھتىمال ئۇ شۇ تاپتا ئۆتكەنكى قايغۇلۇق پاجىئەلەرنى ئېسىگە ئېلىۋاتقاندۇ يا بۈگۈنكى خۇشاللىق ئۇنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سېلىپ، يۈرىكىدىكى شادلىق فونتانى كۆز بۇلىقىدىن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقاندۇ...
        ئالدىمىزدا ئىتتىك كېلىۋاتقان قارا كۆك سوكنا پەلتو، ئەترەڭ سارجا بۇرۇلكا كىيگەن، ئېگىز بويلۇق، ئۆڭى ئاق سېرىق كەلگەن، قاڭشارلىق، چېغىر كۆز بىرى بىزنى كۆرۈپ دەررۇ توختىلدى.
       ـ دىلمۇرات كەتتىمۇ؟ ـ ئالدىراپ سورىدى ئۇ بىز بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن.
       بۇ بىزنىڭ ئائىلىنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى، دادامنىڭ بىر يۇتلۇق دوستى ھوشۇر قاسساپ دېگەن ئادەم ئىدى.
       ئاپام ياغلىقى بىلەن كۆز يېشىنى سۈرتۈپ ئۈندىمىدى، مەن ئاپامنىڭ ئورنىدا جاۋاپ بەردىم:
       ـ ھەي كەتتى، يېڭىلا ماڭدى.
       ـ ئاپلا، خوشلىشالماي قاپتىمەن ـ دە، ئىسىت، چاپانچىنىڭ ئورنىدا خوشلىشىۋالغان بولسامچۇ، چاپانچى بولسا قانچىلىك خۇش بولۇپ كېتەر ئىدى ...!
       ئۇنىڭ چاپانچى دېگىنى مېنىڭ دادام ئىدى. داداممۇ چاقچاق قىلىپ ھوشۇر قاسساپنى «چاپانچى» دەيتتى. ئۇلار بىر ـ بىرىنى ئەنە شۇنداق چاقىرىشاتتى. ھوشۇر قاسساپ خۇدانىڭ قۇتلۇق كۈنى دۈگۈدەك ئاخشىمى بىزنىڭ ئۆيدە بولاتتى ۋە دادام بىلەن چاقچاقلىشىپ، تۈن تەڭگىچە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشاتتى. تېخى بەزىدە دادامغا:
        ـ ئەمدى بىزنىڭ چاپاننى كۆتۈرىسىلە، ـ دەيتتى. داداممۇ بوش كەلمەي:
        ـ سىلى بىزنىڭ چاپاننى كۆتۈرسىلە، چاپانچى، ئەتە ـ ئۆگۈن قاق سەنەم بولغاندا ۋاي بولمىدى، ئەمدى چاپىنىڭلىنى كۆتۈرەي دەپ كەلمىگىنىڭلىنى بىر كۆرەي، ـ دەيتتى. ئۇلار ئەنە شۇنداق يېقىن ئاغىنىلەردىن ئىدى...
       ھوشۇر قاسساپ ئاپامنىڭ يېغىدىن قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىگە قاراپ:
       ـ بۇھەجەرخان، يىغلىدىلىما، بۇ نېمە قىلغانلىرى ، بالامنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتىمەن دەپ نېمە كۈنلەرنى كۆردىلە، ئەمدى ماڭسا خۇش بولماي يىغلىغانلىرى نېمىسى، رەھمەتلىك ئاغىنەم بولسان بولسا قانچە خۇش بولۇپ كېتەر ئىدى! ـ دېدى.
       ئاپام بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، يېپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۈشكە تەييار تۇرغان كۆز ياشلىرىنى يوشۇرۇشقا تىرىشتى.
       ـ ھوشۇر تاغا، ئاپام خۇشاللىقىدىن يىغلاۋاتىدۇ. دىلمۇراتنىڭ نەچچە ئارزۇسى بۈگۈن ئەمەلگە ئاشتى ئەمەسمۇ، ـ دېدىم مەن ۋە ئىختىيارسىز ئۆتكەن ئىشلارنى ئېسىمگە ئالدىم.
     *                  *
       ئىنىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ كەلگەن كۈنى دادامنىڭ قانچىلىك خوشال بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئىمتىھان ئاخىرلاشقان كۈنى ئىنىم ئۆيگە خوشال كىرىپ كەلدى ـ دە، ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا پوچىلىق بىلەن:
        ـ ھەممە پەندىن ياخشى ئۆتتۈم، ئەمدى ئالىي مەكتەپكە كەتتۇق دېگەن سۆز، ـ دەپ تەنتەنە بىلەن جاكارلىدى.
       ئۇ شۇنچىلىك خۇشال بولۇپ ھاياجانلانغانىدىكى كىچىك سىڭلىمنى ئىككى قولىدىن كۆتۈرۈۋېلىپ، پىرقىرىتىپ ئۇسسۇل ئويناپ كەتتى. لېكىن، سىڭلىم ئانچە ئەجەپلەنمىگەن ھالدا ئىتىراز بىلدۈرۈپ:
       ـ سەن ئۆتمەي كىم ئۆتىدۇ!؟ تولۇق ئوتتۇرىنى ئەلا پۈتتۈردۈڭ، ئوقۇشقا بارسىمۇ سېنىڭدەك ئادەم بارار، ـ دېدى.
       ئۇ چاغلاردا زىيالىيي ياشلارنىڭ تۆۋەندە چېنىقىش چاقىرىقى بولغاچقا، ئىنىم ئىككى يىلدىن بۇيان شەھەرگە قاراشلىق «خەنبىڭ» يېزىسىنىڭ ئورمان ئەترىتىدە چېنىقىۋاتاتتى.
       ـ بىچارە بالام، بىر ياقتىن ئېتىزدا ئىشلەپ، يېرىم كېچىگىچە مۈكچىيىپ كىتابقا قاراۋەرگەچكە، ئېڭەكلىرى كۆرۈنۈپ قاپتۇ، ـ دېدى ئاپام ئىنىمنىڭ باش ـ كۆزلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ.
       ـ ئىمتىھان دېگەن ئوڭاي ئەمەس، ئاپا، ـ دېدى ئىنىم ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇۋېتىپ، ـ ھېچنىمە يازالمىغانلارمۇ بار. يۈسۈپ جۈيجاڭنىڭ بالىسى ئىمتىھاندىن بىرەر سوئالغا تۈزۈكرەك جاۋاپ بېرەلمەي چىقىپ كېتىپتۇ.
       ـ يۈسۈپ جۈيجاڭ دېگىنىڭ كىم ئۇ ؟! ـ سورىدى ئاپام.
       ـ بىزنىڭ سىنىپتىكى تۇرغۇن دېگەن بالىنىڭ دادىسى، ئۇ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»دا بىزنىڭ مەكتەپ مۇدىرىنى سوراق قىلىپ، ئۇرۇپ چىشىنى سۇندۇرۇۋەتكەنىدى، ھازىر سەھىيە ئىدارىسىنىڭ جۈيجاڭى بولۇۋاپتۇ.
       مەن بۇ ئىسىمنى ئاڭلاش بىلەن نۇرغۇن پاجىئەلىك ۋەقەلەرنى ئېسىمگە ئالدىم. بۇ «سىلىڭ» «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە شەخسىي سوراقخانا قۇرۇپ، نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەرنى قىيناپ ئازاپلىغانىدى. ھەتتا مۇرىتلىرىنى يىغىپ ئەتراپتىكى يېزىلارغا باشلاپ چىقىپ، قول ئىلكىدە بار ئائىلىلەرنى بۇلاڭ ـ تالاڭمۇ قىلغان. ياش ۋاقتىدىن باشلاپ لۈكچەكلەرگە ئارىلىشپ، جېدەل چىقىرىپ پىشىشىپ كەتكەن بۇ لۈكچەك «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»دىكى بىر قېتىملىق ئەلەم كۈرىشىدە پۇتىغا ئوق تېگىپ «شەرەپلىك يارىدار»بولغان. شۇنىڭدىن بۇيان يانپىشىغا ناگان ئېسىپ، قارا كۆزەينەك تاقاپ، كىچىك ماشىنىدا كوچىلاردىن ھەيۋە بىلەن ئۆتۈپ يۈرگەنىدى. مەن بۇ مۇتتەھەمنىڭ سەھىيە ئىدارىسىغا جۈيجۈڭ بولۇشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىكەنمەن!
      ئىشتىن كەچ قايتقان دادام شۇ كۈنى ئىنىمنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ خوشاللىقىدىن تېرىسىگە سىغماي قالدى.
       ـ ئانىسى ، مانا ئەمدى تەييارلىق قىلىش كېرەك، بىزنىڭ ئۆيدىن ئالىم چىقتى، ئالىم! ـ ئۆي ئىچىدە دادامنىڭ يوغان، بوم ئاۋازى سىڭىللىرىمنىڭ ۋاراڭ ـ جۇرۇڭىنى بېسىپ گۈرۈلدەيتتى، ـ ئوغلۇم، مانا بۈگۈن ئارزۇ قىلغان كۈنلەر كەلدى، ئەمدى ياخشى ئوقۇ، ـ دەيتتى دادام ئىنىمنىڭ بېشىنى سىلاپ، ـ خەلقتە «بىلىكى چوڭ بىرنى يېڭەر، بىلىملىك مىڭنى» دېگەن گەپ بار. بىز ئوقۇيمىز دېگەندە مۇنداق زامانلار بولمىدى. مانا ئەمدى سەن بولساڭمۇ بىز بار چاغدا ئوقۇۋال.
        دادام ئالدىدا تۇرغان كەلگۈسىنىڭ «ئالىمى»دىن كۆزىنى ئۈزمەي ئىچ ـ ئىچىدىن سۆيۈنۈپ، كۈلۈمسىرەيتتى. كۈلگەندە ئۇنىڭ يارىشىملىق، چىرايلىق، قاپقارا بۇرۇتىنىڭ ئىككى ئۇچىدىكى ئاقلىرى لىك ـ لىك قىلىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، چوڭ، مۇلايىم قارا كۆزلىرى نۇرلىنىپ كېتەتتى. دادامنىڭ ئۈمىدكە تولغان بۇ سەمىمىي سۆزلىرىنى ئاڭلاش قانچىلىك يېقىملىق ئىدى ـ ھە! بىراق، ئۇزاق ئۆتمەيلا بىر قارا بوران ئائىلىمىزنىڭ بۇ خوشاللىق ئارزۇ چېچىكىنى ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇرۇپ كەتتى.
      دەرۋازىمىزنىڭ ئالدىدا ئىككى تەرىپى قويۇق، ئېگىز ئۆسكەن سۇۋادان تېرەك قاپلىغان چوڭ ئۆستەڭ بار ئىدى. مەن بىر كۈنى كەچتە ئىشتىن قايتىپ كەلگىنىمدە ، ئاشۇ تېرەكلەر ئارىسىدىكى قىردا سۈزۈك ئۆستەك سۈيىگە قاراپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغان ئىنىمنى كۆردىم.
      ـ دىلمۇرات...!
      مەن ئۇنىڭ يېنىدىلا ۋارقىرىدىم، ئۇ چۆچۈپ بېشىنى كۆتۈردى. مەن ھەيران بولۇپ ئۇنىڭغا تىكىلدىم، ئۇنىڭ ئاسۇ كۈنكى شادلىق ئۇچقۇنلىرى نۇرلىنىپ تۇرغان قوي كۆزلىرىدە ئەلەم ۋە ئۇمىدسىزلىك ئەلەڭگىسى كۆرۈنەتتى، مەن بۇ ھالنى كۆرۈپ تاقەتسىزلىك بىلەن سورىدىم:
       ـ نېمە بولدۇڭۇي ئۇكام، سالپىيىپ قاپسەنغۇ؟ دوختۇردىن ئۆتەلمىدىڭمۇ ـ يا؟ !
       ئۇ خۇددى كېزىكتىن يېڭى نۇرغۇن ئادەمدەك تاتىرىپ كەتتى ۋە ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ:
       ـ مۇئەللىم!... ـ دېگەن سۆزنى ئارانلا ئېيتالىدى ـ دە، لەۋلىرىنى ئۈمچەيتتى. ئۇنىڭ سابىي كۆزلىرىدە ئىختىيارسىز ياش لىغىرلىدى. مەن بېشىمدىن بىر قاپاق سۇ قۇيۇلغاندەك بولۇپ كەتتىم...
       ئارتۇقچە سۆز ئۇنىڭ دەردىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى سېزىپ، ئۆيگە تېز كىرىپ كەتتىم. بۇ قانداق ئىش بولدى ـ ھە؟... بۇ ئىش بىلەن ئىنىم ئالىي مەكتەپكە بارالماي قالارمۇ؟..
      بۇ ئىشتىن ھەممىمىزنىڭ كۆڭلى غەش بولدى. ئىنىم كەچكى تامىقىنىمۇ يېمەي ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپ يېتىۋالدى. ئەتىسى دادام ۋە مەن ئىشقىمۇ بارماي ئىنىم بىلەن بىللە دوختۇرخانىغا باردۇق. بۇ دوختۇرخانا شەھەردىكى داڭلىق دوختۇرخانىلارنىڭ بىرى ئىدى. بىز ئىشىكنى ئېچىپ زالغا كىرىشىمىزگە رېنتگېن بۆلۈمى تەرەپتىن ئاق خالات كىيگەن ئېگىز بويلۇق، ئوتتۇرا ياشلىق، دۈگىلەك، ئاق يۈزلۈك بىر ئەر دوختۇر تېز ـ تېز قەدەم تاشلاپ چىقىپ كەلدى ۋە زالنىىڭ ئايلانمىسىدىن ئايلىنىپلا يوقاپ كەتتى. ئىنىم ئۇنى كۆرۈپ:
       ـ مېنى تەكشۈرگەن دوختۇر ئاشۇ شۇ، ـ دەپ كۆرسەتتى. دادام ئىككىمىز:
      ـ دوختۇر، يولداش دوختۇر! دەپ ئۇنى چاقىرىپ ، قەدىمىمىزنى ئىتتىكلەتتۇق ۋە بىزمۇ ئايلانمىدىن ئايلىنىپ ئۇ يېڭىلا كىرىپ كەتكەن بۆلۈمگە تاپ بېسىپ كىرىپ كەلدۇق. دوختۇر بىزگە بۇرۇلۇپ، «بۇ نېمە ئادەملەردۇر؟» دېگەندەك ئېسەنكىرەش بىلەن نەزەر تاشلىدى.
        ـ يولداش دوختۇر! ـ دېدى دادام ئۇنىڭغا، مېنىڭ بۇ بالامنى سىز تەكشۈرگەنىكەنسىز، ـ دادام يانچۇقىدىن ئىنىم ئاخشام بەرگەن رېنتىگېن تەكشۈرۈش قەغىزىنى ئېلىپ دوختۇرغا سۇندى، ـ قاراڭا، بۇ بالام گۈسمەستەك تۇرسا، بۇ قانداقلارچە؟... كىچىكىدىن تارتىپلا ئەمگەك بىلەن ئۆسكەن، بىر قېتىممۇ ئاغرىپ ـ تارتىپ قالمىغان...
       دوختۇر ھودۇقۇپ سۆزلەۋاتقان دادامنىڭ قولىدىن قەغەزنى ئېلىپ، دەررۇ ياندۇرۇپ بەردى:
        ـ كۆرمىدىڭىزمۇ، ئۆپكىسىدە داغ بار ئىكەن، ۋاقتىدا داۋالاتمىسىڭىز بولمايدۇ!
       بېرىلگەن بۇ جاۋاپ دادامنىڭ قەغەز تۇتقان قوللىرىنى تىترىتىۋەتتى، دادام ۋە ئىنىمنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ ئاقىرىپ كەتتى. يېقىندىن بۇيان «ئۆسمە گۆش» ، «داغ» دېگەن بىرنېمىلەر پەيدا بولۇپ قالدى، بىرمۇنچە كىشىلەرنىڭ كېسىلى قورقۇنچلۇق «راك» بولۇپ چىقىپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇلار بۇ گۈزەل دۇنيا بىلەن خوشلاشقانىدى. شۇ ئەسنادا يۇقىرىقى قەۋەتتىن بىرسىنىڭ «ئا دوختۇر» دەپ چاقىرغان ئىنچىكە، نازۇك ئاۋازى كەلدى. دوختۇر بىزدىن ئايرىلىپ ئىككىنچى قەۋەتنىڭ ئۈستىگە چىققاندا نېمە ئۈچۈندۈر بىزگە بىر ھازاغىچە تىكىلىپ قاراپ، ئاندىن كۆزدىن غايىپ بولدى. دادام ۋە ئىنىم گاڭگىراپ، تېخىچە جايىدىن مىدىرلىماي تۇراتتى. ئىنىم ھەسرەت تولغان كۆزلىرىنى پىلدىرلىتىپ، بىر دادامغا، بىر ماڭا «مەن ئەمدى قانداق قىلىمەن؟» دېگەندەك تەلمۈرۈپ قارايتتى. «ۋاقتىدا داۋالاتمىسىڭىز بولمايدۇ!» ـ غەم ۋە مۇسىبەتتىن دېرەك بېرىدىغان بۇ دەھشەتلىك سۆز مېنىڭ كاللامدا چاقماق چىقىپ، يۈرىكىمگە نەشتەردەك سانجىلىپ تۇرۇپ قالدى...
     
       *           *
         ـ ئۇكىلىرىم، ئەھۋال مەن ھازىر ئېيتقاندەك، سىلەر مېنى خىجىل قىلماڭلار! ـ پاكار بويلۇق، ئۈستىگە قاراكۆك سوكنا چاپان، ماش رەڭ شىم كىيگەن خۇش چىراي ئوقۇتقۇچى «خەلق» دوختۇرخانىسىنىڭ رېنتىگېن تەكشۈرۈش قەغىزىنى قولىدا تۇرۇپ، بوش ئاۋازدا سۆزلەۋاتاتتى. بۇ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇنىڭ بىزنى قىزغىن قارشى ئالغانلىقى ۋە بۇنداق مۇلايىم گەپ ـ سۆزلىرى قارشى ئالغانلىقى ۋە بۇنداق مۇلايىم گەپ ـ سۆزلىرى بىزگە تەسىر قىلماقتا ئىدى. شۇڭا، بىز بۇ ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوچۇق ـ يورۇق پاراڭلىشىپ، كۆڭلىمىزدىكى سۆزلەرنى تۆكتۇق:
       ـ ئوسمانجان ئاكا، ـ دېدى ئىنىم ئوقۇتقۇچىغا تىكىلىپ، ـ مەن بىر نەرسىنى پەقەت چۈشىنەلمەيۋاتىمەن، تۇرغۇن ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنىدى، ئۇ يەنە قانداقلارچە دوختۇر تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈشكە تېگىشلىك؟ مېنى «ئۆپكەڭدە داغ بار، چاتاق چىقىپتۇ» دېيىشتى. سىلەر گۇڭشېغا چىقىپ ئەھۋال ئۇقۇپ بېقىڭلار، ئىككى يىلدىن بۇيان تۇرغۇننىڭ گۇڭشېدا ئىسمى بار ، جىسىمى يوق. ماڭا ئوخشاش چېنىققىنىمۇ يوق، دېھقانلاردىن سوراپ بېقىڭلار، نېمە دەيدىكىن، شۇ چاغدا ھەممە نەرسە مەلۇم بولىدۇ.
       ـ بۇ قانداق بولىغىنى، ـ دېدىم مەنمۇ ئىنىمىنى قۇۋەتلەپ، ـ بۇ بىرەر قېتىممۇ زۇكامدىغان بالا ئەمەس، دوختۇرنىڭ بۇ ھۆكۈمىگە بىز پەقەتلا ئىشەنمىدۇق. «خەلق» دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتسەك مانا ئۆزىڭىز كۆرۈپ تۇرۇپسىز، بەدىنىدە مەسىلە يوق بولۇپ چىقتى. بۇ يەرسە باشقا بىر غەرەز بارمۇ نېمە؟
       ئوسمانجان مۇئەللىم بىر پەس ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى، ئاندىن:
       ـ ئۇكام، شۇنداق گەپ يوق، ـ دېدى خىجىل بولغاندەك، ـ سىلەر چۈشىنىشىڭلار كېرەك. بىزگە ئاشۇ بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىدىن باشقا ئورۇننىڭ قەغىزى ئۆتمەيدۇ، بىزنىڭ قايسى ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىشىمىزنىمۇ رەھبەرلىك تەستىقلايدۇ.
       ـ ئەستەغپۇرۇللا، ـ دېدىم مەن غەزەپلىنىپ، ـ قانداق رەھبەرلىك ئۇ، نېمىشقا ئىمتىھاننى ئاساس قىلمايدۇ، يا خالىغان ئادىمىنى ئالامدۇ؟ ئېيتىڭا، ئۇنداق بولسا نېمە ئۈچۈن ئىمتىھان ئالىسىلەر؟!
       بۇ سوئال ئوقۇتقۇچىنى بىر ئاز مەڭدىتىپ قويدى. ئۇ ئوڭايسىزلىنىپ ئورنىدىن تۇردى ـ دە، مىيىقىدا كۈلۈمسىرەپ دېرىزىنىڭ سىرتىغا ـ يىراقتا دەرەخلەر ئارىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان ئېگىز، قارلىق چوققىلارغا كۆزىنى تىككەن ھالدا ئېيتتى:
       ـ تۈزۈم شۇنداق، ئۇكام، نېمە قىلىسىز ئۇنى كوچىلاپ.
       ـ «قورسىقىڭنىڭ ئاغرىقى بولمىسا تاۋۇز يېيىشتىن قورقما» دەپتىكەن، مۇئەللىم، بىزنىڭ نېمە قورقۇنچىمىز بار ئىدى؟! ئىمتىھان نەتىجىسى ياخشى، سالامەتلىكى ياخشى، ئۆزى ئىتتىپاق ئەزاسى، بۇ ئوقۇشقا بارماي كىم بارىدۇ؟ ئېتىڭا، كىم بارىدۇ زادى؟!
       مەن كېيىنكى سۆزلەرنى ئېيتقاندا ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كەتتىم يۈزلىرىم چۈپپىدە ئوت ئېلىپ كەتكەندەك بولدى. شۇ ئەسنادا ئىنىم سىرتقا چىقىپ كەتتى. ئوسمانجان يېنىمغا كېلىپ ئولتۇرۇپ مۈرەمگە قولىنى قويدى، سەمىمىي ئاھاڭدا ماڭا نۇرغۇن ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ باشلىقىنىڭ يۈسۈپ جۈيجاڭنىڭ ئۆيىگە كەتكەنلىكىنى دەپ قويدى. ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئىنىمغا كۈچ چىقىرىپ باقىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز ئوسمانجان بىلەن خوشلىشىپ كوچىغا چىققاندا كەچ كىرىپ ئەتراپنى قارا تۈن پەردىسى باسقانىدى.
       مەن خىيال بىلەن جىمجىت كېتىپ باراتتىم، ئىنىم بىردىنلا:
      ـ ئاكا، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىمتىھاندا ئاق قەغەز تاپشۇرغانلارنى ئالىي مەكتەپلەرگە ئاپتۇ دەيدۇ، مەنمۇ ئاق قەغەز تاپشۇرسام بوپتىكەن ـ ھە؟! ئەمىسە، تۇرغۇن قانداقلارچە ئوقۇشقا بارالايدۇ؟ ـ دەپ سوراپ قالدى. مەن ئىنىمنىڭ بۇ ساددا سوئالىدىن كۈلۈپ تۈزۈمىنى تازا ياىشى چۈشەنمىسەممۇ، لېكىن ئىمتىھاندا ئاق قەغەز تاپشۇرغانلارنى ئوقۇشقا ئاپتۇ، دېگەنگە ئىشەنمەيتتىم.
        ـ ياق، ئۇكام، ئۇنداق ئىش بولامدۇ، ئىمتىھان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم نەتىجىسىنى سىنايدىغان نەرسە تۇرسا، ئوقۇغۇچى ھېچنېمە يازماي ئولتۇرۇپ ئاخىرىدا ئاق قەغەز تاپشۇرۇپ چىقىپ كەتسە ... ۋاھا...ھا... مۇنداقمۇ ئىمتىھان بولامدۇ؟!
        مەن سۆزۈمنى داۋاملاشتۇرالماي قالدىم. يان تەرەپتىكى بۈككىدە دەرەخلىك قاراڭغۇ كوچىدىن مۇشتلىشىۋاتقان بىر توپ جېدەلخور ياشلار چوڭ يولغا چىقىپ كەلدى، ئۇلار نۇرغۇن ئىدى، چوڭ يولغا چىقىپ كەلدى، ئۇلار نۇرغۇن ئىدى، چوڭ يولنى ئۇلارنىڭ ئۇزۇن ـ قىسقا كۆلەڭگىسى قاپلىۋالدى. ئۇلار ۋارقىرىشىپ، بىر ـ بىرىنى مۇشتلاپ، يامان تىللار بىلەن تىللىشاتتى. بىردىن توپ ئىچىدىن تىلى كالۋالىشىپ كەتكەن بىرسىنىڭ بوغۇق، دانىمۇدانە ئېيتقان سۆزى ئاڭلاندى:
       ـ ئالدىرىما، تۇرغان داداڭنىڭ مەنسىپىگە ئىشەنمەي، بىز سېنى ئالىي مەكتەپكە بارىدۇ دەپ نەچچە كۈندىن بۇيان كۆڭلۈڭنى ئېلىپ، مېھمان قىلغاننىڭ گۇناھىمۇ بۇ ت ھە، تېخى؟ تۈفى، سەندەك داشۆسىڭگە!
       ئېگىز بويلۇق، گەۋدىلىك كەلگەن، چاچلىرى پاخپىيىپ كەتكەن بىرى دەلدەڭشىپ تۇرۇ:
       ـ ئاناڭنى... دادامنى چىشلەپ تارتما، ھېلى زۇۋانىڭنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىمەن! ـ دەپ ۋارقىراپ ھېلىقى يىگىتكە ئېتىلدى ـ دە، ئۇلار يەنە ئۆپۈر ـ تۆپۈر بولۇشۇپ كەتتى. مەن ھېلىقى جۈيجاڭنىڭ ئوغلى تۇرغان دېگەن مۇشۇ ئىكەن ـ دە، دەپ ئويلىدىم. شۇنداق ئادەممۇ ئالىي مەكتەپكە بارماقچى. مېنىڭ ياۋاش، تىرىشچان ئىنىم بولسا بارالماي تىت ـ تىت بولۇۋاتىدۇ، بۇ نېمىدىگەن تەڭشەلمىگەن جاھان ـ ھە!؟...بېشىمدا مىڭبىر خىيال ـ ئويلار كېزەتتى. دەرۋازا ئالدىغا قانداق يېتىپ كەلگەنلىكىمنى سەزمەپتىمەن.
       ئۆيدە دادام ۋە ھوشۇر قاسساپ تاغام بىزنى كۈتۈپ ئولتۇرغانىكەن، ساقال ـ بۇرۇتىنى دائىم پاكىز قىرىپ، ياسىنىپ يۈرىدىغان بۇ كىشى تەكىيگە يۆلىنىپ دادامنىڭ يېنىدا يانپاشلاپ يېتىپتۇ. دادام تامغا يۆلىنىپ ئۇنىڭ سۆزىنى تىڭشاپ ئولتۇراتتى. ھوشۇر قاسساپ تاغام دادامغا قارىغاندا جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ئىشلاردىن خەۋەردار، شەھەردە تونۇمايدىغان ئادىمى يوق، «مەنسەپدار» كادىلاردىن تارتىپ، ئاددىي پرىكازچىكلارغىچە ئوبدان تونۇشىدىغان ئادەم ئىدى. ھەرقانداق يېڭى خەۋەر ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىناتتى. ئۇ دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ياسىنىپ كوچىغا چىقىپ، يوغان قورسىقىنى ئالدىغا سېلىپ ماڭىدىغان بولسا، ئۇنى ھېچكىم قاسساپ دېمەيدۇ.
        بىزنىڭ ئاۋازىمىزنى ئاڭلاپ، دادام مېنى چاقىردى، مەن دادامغا ئەھۋالنى ئېيتتىم. دادام ئىنىمنىڭ كېسىلىنىڭ يوق چىققانلىقىنى ئاڭلاپ چوڭقۇر ئۇھ تارتىپ، ئاندىن ئەجەبلىنىپ ھوشۇراخۇن تاغامدىن سورىدى:
       بۇ قانداق بولغىنى، چاپانچى؟
      ھوشۇراخۇن تاغام ياتقان ئورنىدىن جەينەكلەپ تۇرۇپ تامغا يۆلىنىپ ئولتۇردى ۋە ئاندىن كۆپنى كۆرگەن كىشىلەردەك سالماقلىق بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى:
       ـ مەن ئېيتتىمغۇ سىلىگە، «زامان ساڭا باقمىسا، سەن زامانغا باق» ، ئۇ «باق» سكزىنى ئالاھىدە تەلەپپۇزدا تەكىتلىدى، ـ يۈسۈپ جۈيجاڭنىڭ بالىسى گۆش ئالغىلى كەلگەندە، مەن ئويلىۋېدىم، ئويلىغاندەك چىقتى. ھەي، مانا سىلى ئەتىگەندىن ـ كەچكىچە «ئىلى فاندىيەن» دە ئاشخانا ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى بولۇۋاتقان ئىشلاردىن تازا خەۋەرلىرى يوق. بىز كۈندە قاسساپ دۇكىنىدا نەچچە مىڭ خىل ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىمىز، بۇ جەمئىيەتنىڭ ئۇجۇر ـ بۇجۇرىنى تازا چۈشەندۇق، ـ ئۇ سول قولىنىڭ ئۇششاق بارماقلىرى بىلەن قوش ئېڭەكلىك كانىيىنى يېنىككىنە ئۇرۇپ قويدى، ـ زادىچۇ، ھەممىنىڭ ئاكىسى مۇشۇ يەر ـ گال، گالنى مايلىمىغۇچە ئىش ئاقمايدۇ، چاپانچى، مانا بىزنىڭ شەپقەتنى زىيالىي قىلمايلا دۇكانغا ئورۇنلاشتۇرۇۋالدۇق، ئېيىغا ئوتتۇز ـ قىرىق تەڭگە ئېلىۋاتىدۇ. ئاڭلىدىڭلىمىكىن، ھازىر «ئالدى ئىشىكتىن يىڭنە پاتمايدۇ، ئارقا ئىشىكتىن پويىز قاتنايدۇ» دېگەن گەپ چىقىپ قالدى. مانا، كۆردىڭلىمۇ، ساپساق بالىنى ئاغرىق دېگىنىنى. بىكار گەپ، زادى مەن ئېيتقاندەك قىلماي بولمايدۇ!
       دادام ئويلىنىپ قالدى. ئۇنىڭ بىر نۇقتىغا تىكىلگەن كۆزلىرىدە غەمكىنلىك، ئۈمىدسىزلىك ئەكس ئېتەتتى. مەن دادامغا قاراپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ قىينىلىۋاتقانلىقىنى سەزدىم. گال مايلاش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل كېرەك، بىزدە بولسا پۇل يوق. ئۇزاق جىملىقتىن كېيىن دادام ئېيتتى:
       ـ شۇنداق قىلساق بولارمۇ، يەنە بىر سەۋەن ـ خاتالىق بولۇپ قالماس، چاپانچى؟ ھازىر زامان ئىنچىكە، ئازراقلا تېيىلىپ كەتسەڭ دۈمبەڭگە بىر ئېشەكنىڭ يۈكىنى ئارتىپ قويىدۇ، ئورنۇڭدىن قوپالمايسەن، ئوتتۇرىغا تارتىپ چىقىرىپ رەسۋا قىلىدۇ.
       ـ ساددىمىكىن دېسە، چوڭ ئادەم سىلى چاپانچى، شۇ ئىشلارنىمۇ چۈشىنەلمەيلا تېخى، باشقىلارغا يول بار، سىلىگە يول يوقمۇ؟ بىزنىڭ چاپاننى كۆتۈرۈڭلا ئەمىسە، ـ ھى، ھى ، ھى... قاسساپ ھوشۇراخۇن تاغام ئۆز گېپىگە زوقلىنىپ كۈلۈپ كەتتى، ـ تارتىپ چىقىرىلىدىغانلار ھېلىقى ئەكسىلئىنقىلابچى، خىيانەتچى دېگەن نېمىلەر، ئۇلار بىلەن بىز قانداق ئوخشايمىز؟
       ـ ئۇلارنىمۇ مېھمان چاقىرغان، ئارقا ئىشىك قىلغان دەپ دۇمبالاۋاتمامدۇ؟
       ـ ھە، شۇنداق دەپ قويىدۇ، قىلغۇلۇقنى كزلىرى قىلىپ، ئاشۇلارغا ئارتمىسا كىمگە ئارتىدۇ؟ قىزقكەنسىلە.
       ـ ئەستاغپۇرۇللا، ـ دېدى دادام ئوڭايسىزلىنىپ، ـ بالىنىڭ رايىغا باقسامزە، ھەر نېمە قىلغۇم بار، بالام ئالىي مەكتەپ دېسە ئوت ـ كاۋاپ بولۇپ يۈرىدۇ. باشنىڭ ئىچىمۇ ـ تېشىمۇ قاتتى ـ دە، ئون ـ يىگىرمە ئادەم، ھاراق ـ شاراب... خۇدانىڭ ئالدىدىمۇ گۇناھكار بولۇپ كېتىدىغان بولدۇق بۇ زاماندا...
      ـ ھا، ھا، ھا، ـ ھوشۇراخۇن تاغام ئالتۇن چىشلىرىنى چىقىرىپ كۈلۈپ كەتتى، ـ ھاراق ئىچكەن ئادەم گۇناھكار بولماي سىلى گۇناھكار بولاملا!؟ بەللى، سىلى چاقىرسىلا، گۇناھى بىزگە بولسۇن!
       دادام ئاخىر قايىل بولدى، شۇنداق قىلىپ بىز مېھمان چاقىرىدىغان بولدۇق.

    *                        *
        ئەتىسى يەكشەنبە ئىدى. دادام ئەتىگەندە چاي ئىچىۋېتىپ بىزگە:
      ـ بۈگۈن ھېچنەگە بارماڭلار، دەرەخ كېسىمىز، ـ دېدى.
      دەرۋازىمىزنىڭ ئالدىدا چوڭ بىر تۈپ سۇۋادان تېرىكىمىز بار ئىدى. ئۇ ياز كۈنلىرى ھويلىمىزغا سايە چۈشۈرۈپ تۇراتتى. بۇتېرەك باشقا تېرەكلەردىن ھەم يوغان ، ھەم قېرى بولۇپ، مەن ئۇنىڭ قانچە ياشقا كىرگەنلىكىنى بىلمەيتتىم. مەھەللىمىزدىكى چوڭلار: ««داداڭ ئۇنى ياش، نۆۋەر چاغلىرىدا تىككەنىدى، ئوتتۇز يىلدىن ئاشتى» دېيىشەتتى. ئىنىم ئىككىمىز بالىلىق چاغلىرىمىزدا ئۇنىڭ كۈل رەڭ، تۇخۇمدەك سىلىق پوستىنى پىچاق بىلەن يۇنۇپ، ئىسىملىرىمىزنى يېزىپ قويغانىدۇق، يىللار ئۆتكەنسېرى تېرەك يوغىناپ، بىزنىڭ «ئابلەت، دىلمۇرات» دېگەن ئىسملىرىمىز تۆگە تاپىنىدەك يېرىلىپ ھۈرەكلىشىپ، يىراقتىنلا كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان بولغانىدى. بىز ئۇنىڭغا قاراپ بالىلىق شوخ يىللىرىمىزنى ، دادامنىڭ ياش ـ قىران چاغلىرىنى ئەسلەيتتۇق.
       مەن دادامدىن:
      ـ دادا، بۇ دەرەخنى نېمىشقا كېسىمىز؟ ـ دەپ سورىدىم.
      ـ كەسمىسەڭ پۇل يوق ئوغلۇم، ئۇكاڭنى ئوقۇشقا ئەۋەتىدىغانغا پۇل كېرەك. مېھمان چاقىرىمىز دەۋاتىمىز، «چاقىرماقنىڭ ئېتى ئۇلۇغ»، ئۇنىڭغىمۇ پۇل كېرەك. بۇنى كەسمىسەڭ باشقىلىرى كىچىك، پۇلغا يارىمايدۇ، ـ دەپ جاۋاپ بەردى. مەن:
        ـ دادا، كەسمەيلىيا، بۇ ھويلىمىزغا سالقىن چۈشۈرۈپ تۇراتتى، پۇلنى بىر ئامال قىلارمىز، ـ دەپ يەنە يالۋۇردۇم.
       دادام ئۇنىمىدى، ئۇ ئارغامچا، پالتىلارنى ئىزدەپ ئامبارغا كىرىپ كەتتى. مەن:
       ـ سېنىڭ كاساپىتىڭدىن بىر ئوبدان كۆكىرىپ تۇرغان دەرەخنىمۇ كېسىۋېتىدىغان بولدۇق!  ـ دەپ ئىنىمغا ئاچچىقلاندىم، ئىنىم دومسىيىپ ماڭا جاۋاپ بەرمىدى. تالادىن دادامنىڭ «ھاي، بۇياققا چىقىڭلار!» دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازى كەلدى، بىز يۈگۈرۈشۈپ تالاغا چىقتۇق. دادام ئاشخانا ئۆيىمىزنىڭ دېرىزىسى ئۇدۇلىدىكى كۆۋرۈك بېقىنىدىكى قېرى سۇۋادان دەرەخكە ئۇزۇن شوتىنى تىكلەپ، چىقىشقا تەييارلىنىۋاتقانىكەن. ئۇ كونىراپ، رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن كۈل رەڭ تىرىكە چاپىنىنىڭ ئۈستىدىن بىلىنى ئارقان بىلەن چىڭ باغلاپ، پالتىنى بېلىگە قىستۇرۇۋاپتۇ، دەرەخنىڭ ئۇچىغا كىلمەك ئۇرۇپ چىگىدىغان چوڭ ئارقاننى مۈرىسىگە ئارتىۋاپتۇ. ئىنىم ئىككىمىز شوتىنىڭ ئىككى ئۇچىنى چىڭ تۇرۇپ تۇردۇق. دادام «يا!» دەپ شوتىنىڭ بىر بالدىقىنى چىڭ دەسسەپ، چاققانلىق بىلەن دەرەخكە چىقىپ كەتتى. بىراق، شۇ چاغدا ئۇنىڭ بېلىدىكى پالتا يەرگە چۈشۈپ كەتتى. مېنىڭ يۈرىكىم «قارت»لا قىلىپ قالدى.
        ـ ئابلەت، پالتىنى ئېلىۋەت! ـ دادام  يۇقىرىدىن تۇرۇپ ماڭا ۋارقىدى. مەن دەرەخ تۈۋىگە چۈشكەن پالتىنى ئېلىپ، شوتىغا مايمۇندەك يامىشىپ چىقتىم ـ دە، دادامغا سۇنۇپ بەردىم. ئۇ دەسلەپ پەستىكى شاخلارنى چاتاپ چۈشۈردى. ئاندىن بارا ـ بارا يۇقىرىدىكى شاخلارنى چاتاپ، چاتىغان شاخلىرىنىڭ تۈۋىگە پۇتىنى قويۇپ مەھكەم دەسسەپ ئۆرلەۋاتقانىدى، ئىنىم ئىككىمىز يەرگە چۈشكەن شاخلارنى چويلىغا توشۇۋېتىپ دادامغا ئەندىكىپ دەككە ـ دۈككىدە قاراپ ـ قاراپ قوياتتۇق، مانا،  دادام دەرەخنىڭ ئۇچىدىكى ئاخىرقى چوڭ شېخىنى ئۇرۇپ چۈشۈردى، شاخ قاراسلاپ تۆۋەنگەن ئېتىلغاندا، ئۇنىڭ ئېغىر سالمىقىدىن دادام تۇرغان دەرەىنىڭ ئىنچىكە ئۇچى خۇددى قاتتىق بوران ئۇرغاندەك ئىغاڭلاپ كەتتى. دادام دەرەخنى چىڭ قۇچاقلىۋېلىپ، دەرەخ بىلەن بىللە پۇلاڭلىماقتا ئىدى. بۇ دەھشەتلىك، ئاجايىپ قورقۇنچلۇق مەنزىرىگە قاراپ ھەممىمىز قىيا ـ چىيا قىلىپ ۋارقىرىشىپ كەتتۇق.
       ـ دادا! يېنىپ چۈش، يېنىپ چۈش، دادا!
       بىر ھازادىن كېيىن دەرەخ سىلكىنىشتىن توختىدى، دادام ھېلىقى شاخنىڭ تۈۋىگە چوڭ ئارغاچىنى مەھكەم باغلىدى ـ دە، ئارقانغا ئېسىلىپ يېنىپ چۈشمەكچى بولدى. تۇيۇقسىز...ئاھ، ئۇنىڭ پۇتى دەرەختىن ئاجراپ كەتتى، ئۇ ئارقانغا ئېسىلىپ قالدى ـ دە، ئېغىر بەدىنىنى كۆتۈرەلمەي تۆۋەنگە ئوقتەك سىيرىلدى. ئۇنىڭ ئىككى پۇتى پۇلاڭلاپ ئارغامچىنى چىڭ تۇتقان ئالقىنى سىيرىلغاندا ئېغىر سالمىقىنى كۆتۈرەلمەي ئوتتەك قىزىپ ياندى بولغاي، ئارغامچا دادامنىڭ قولىدىن ئاجراپ كەتتى. دادام نەچچە غۇلاچ تېرەك ئۇچىدىن تۆۋەنگە ئوقتەك چۈشۈپ كەلمەكتە ئىدى. ئەتراپتا دەھشەتلىك قىقاس ـ چۇقان كۆتۈرۈلدى. دادامنىڭ «ۋاي ...جان...ن!...» دېگەن دەھشەتلىك، ئېچىنىشلىق داد ـ پەريادى يەرنى تىرىتىپ، قۇلاق ـ مېڭەمنى زىڭىلدىتىۋەتتى. ئالدىمغا خۇددى ئاسماندىن چۈشۈۋاتقان تاشتەك دەھشەتلىك ئۇچۇپ چۈشۈۋاتقان دادامنى كۆرۈپ قورققىنىمدىن كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇۋالدىم...
       «گۇپ!...» قىلغان قاتتىق ئاۋاز بىلەن تەڭ كۆزۈمنى ئاچسام دادام ئالدىمدا ـ كۆۋرۈك ئۈستىدە سۇنايلىنىپ يېتىپتۇ، ئاھ ، خۇدا!...دادامنىڭ ئىڭرىغان ئاۋازى مېنى سەگىتتى، ئاڭغىچە ھويلىدىن ئىنى ـ سىڭىللىرىم يۈگۈرۈشۈپ چىقىشتى. بىز كۆتە ـ كۆتە بىلەن ئىينجىقلاپ تۇرغان دادامنى ئۆيگە ئاستا ئەكىرىپ، كارىۋاتتا ياتقۇزۇپ قويدۇق.
        دادام چۈشكەن كۆۋرۈك ناھايىتى مۇستەھكەم ئىدى، بىز ئۆستەڭگە توغرا لىملارنى قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىتون تاش ئېلىپ ئۈستىنى توپىلاۋەتكەنىدۇق. ئەگەر ئۇ ئاجىز ياغاچلار بولغان بولسا دادامنىڭ سالمىقى ئۇنى بېسىپ سۇغا چۈشكەن بولاتتى، ئۇ چاغدا بەلكى دادامنىڭ يانپىشىمۇ قازاندىن ئاجرىمىغان، سۇنمىغان بولار ئىدى، ياكى ئۇ بىر مېتىر نېرىغا ـ ئۆستەڭگە چۈشكەن بولسىمىغۇ...
       سەككىز بالىنىڭ ئاتىسى بولغان دادام تولىمۇ غەيرەتلىك ئادەم ئىدى، ئۇ كۈندۈزى خىزمەت قىلىپ، كەچتە ـ سەھەردە ھويلىمىزغا كېسەك قوياتتى. بىزنى بىرەر قېتىممۇ «ماۋۇ قۇيغان كېسەكلەرنى تىزىڭلار!...»دەپ ئىشقا بۇيرۇمىغان، بىزنى ئوقۇۋالسۇن دەپلا ئويلايتتى، ئېھ، قەدىردان، كۆيۈمچان دادام...!
       دادام كارىۋاتتا ئىنجىقلاپ يېتىپ مېنى دەررۇ دوستى ھوشۇر قاسساپنى چاقىرىپ كېلىشكە بۇيرۇدى. مەن ئوقتەك ئۇچۇپ بېرىپ، ھوشۇراخۇن تاغامنى باشلاپ كەلدىم، ھوشۇراخۇن تاغامنىڭ تېڭىقچىلىقتىنمۇ خەۋىرى بار ئىدى، ئۇ ئىلىدىكى ئاتاقلىق تېڭىقچى نورۇز چوڭنىڭ ئىنىسى ئىدى.
       ھوشۇراخۇن تاغام كېلىپ دادامنى تەكشۈرۈپ كۆردى ۋە «يانپاش قازان سۇنۇپتۇ» دېدى. دادام ئىڭرايتتى، پېشانىسىدىن، يۈز ـ كۆزلىرىدىن بۇژۇلداپ تەر قۇيۇلاتتى. ئۇ تېرەكتىن كۆتىچە چۈشكەنىدى. ھوشۇراخۇن تاغام چاپانلىرىنى سېلىپ تاشلاپ، دادامنى تېڭىشقا تەييارلىق قىلدى، بىز توخۇم، ئاق داكىلارنى تەييارلاپ بەردۇق.
       ھوشۇراخۇن تاغام دادامنىڭ جان ئاچچىقىدا ۋايساشلىرىغا قارىماي، ئۇنى يېشىندۇرۇپ، ئۆرۈپ ـ چۆرۈپ يانپاش قازىنىنى تاڭدى. دادام بىچارە قىينىلىپ، تەرلەپ كەتكەن بولسىمۇ غەيرىتىگە ئېلىپ ئىنجىقلاپ، بەزىدە چىدالماي ۋارقىراپ ياتتى...
       كېچە ئۆتتى، ئەتىسى چۈشتىن كېيىن دادامنىڭ ئارقىدىن تۈتۈندەك قاپقارا بىر نېمىلەر كەلدى. بىز دادامنىڭ ئىچى تازىلىنىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتۇق. ئەمما، كەچكە تارتىپ دادام بولالماي قالدى. ئاپام ماڭا: «بولە بالام، ئابدۇللام دوختۇرنى چاقىرىپ كەل!» دېدى. ئابدۇللام دوختۇر ئۆيىمىزگە يېقىن يەردىكى گۇڭشې دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ھەم بىزنىڭ ئائىلىگە يېقىن، تونۇش دوختۇر ئىدى. مەن قۇيۇندەك يۈگۈرۈپ بېرىپ ئابدۇلكامنى چاقىرىپ كەلدىم. ئابدۇلكام دادامنى خېلى ئۇزاق تەكشۈرۈپ، ھېلىقى ئىچىدىن چىققان قارا بىر نېمىلەرنى )بىز دوختۇرغا كۆرسىتىمىز دەپ ئۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ قويغانىدۇق(كۆرۈپ: «جىگەر يېرىلىپتۇ، مانا مۇشۇ قارا ـ قۇرىلار جىگەرنىڭ پارچىلىرى، بۇنىڭغا ئامال يوق...»دەپ ئاپامنى چەتكە تارتىپ ئېيتتى.
        دادام ئەتىسى يەنە بىر كۈن چىدام بەردى، دادامنى چوڭ دوختۇرغا ئاپىرىشقا پۇلىمىز يوق ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە داداممۇ دوختۇرغا ئاپىرايلى دېسەڭ قەتئىي ئۇنىمىدى، بەلكى رەھمەتلىك دادام ئاشۇ چاغدا ئائىلىمىزنىڭ ھالىنى بىلىپ بىزنى ئايىغاندۇ، بىزنى ئويلىغاندۇ... شۇ كۈنى كەچتە مەن تېڭىرقىغان ھالدا بالىنىڭ چوڭى بولغانلىق مەسئۇلىيىتىم بىلەن يەنە بىرەر چوڭ دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئالماقچى، دادامنى كۆرسەتمەكچى بولدۇم. ئويلىسام، بۇرۇن بىزنىڭ قورۇدا قوشنا بولۇپ ئولتۇرغان ئاخچايېۋنى ئابدۇكېرىم دېگەن ئاتاقلىق دوختۇر ئېسىمگە كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئاشۇ كۈنى كەچتە ئۇنى ئىزدەپ كەتتىم. مەن نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەيتتىم. ئاخچايېۋنى قارا دۆڭدە ئولتۇرغان قورۇسىدىن ئاران تېپىپ، يول بويى ئىچ ـ ئىچىمدىن بۇقۇلداپ يىغلاپ، دەرۋازا ئالدىغا يېقىنلاشقىنىمدا ھويلىمىزدىن يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى: «ئاھ خۇدا، ـ دېدىم مەن ئىچىمدە، ـ دادام...!»
        مەن دوختۇر ئاخچايېۋنى يولدا تاشلاپلا يۈگۈرگەن پېتى ئۆزۈمنى قورۇغا ئاتتىم ۋە ھويلىدا يىغا ـ زار قىلىشىۋاتقان ئاپامنى، ئىنى ـ سىڭىللىرىمنى قۇچاقلىغانچە ھوڭ ـ ھوڭ ئېتىپ، ۋارقىراپ ئۆزۈمنى باسالماي يىغلاپ كەتتىم...
       دادام ئەتىسى 1 ـ نويابىر يەرلىكىدە ياتتى. بىز ئۇنى ئالتەشوئار مەھەللىسىدىكى قەبرىستانلىققا ـ بوۋام، مومام ۋە تاغىلىرىم ياتقان مۇبارەك تۇپراققا دەپنە قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مېھمانلىرىنى ئىنىمنىڭ ئوقۇشىغا ئەمەس، ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك ئايرىلىشىغا ـ ئۆلۈمىگە چاقىردى...
        دادامنىڭ يەتتە نەزىرى تۈگەپ بىر ئازنا ئاخشىمى كيدە دادامنىڭ گېپىنى قىلىشىپ ئولتۇرغان ۋااقتىمىزدا ئاپام ماڭا:
       ـ ئاشۇ ئاخشىمى داداڭ سېنى بەك سوراپ كەتتى: «ئابلەت قېنى! ئابلەتنى چاقىرىڭلار!» دېگەن، بىز : «دوختۇرغا كەتتى...» دېسەك، يەنە قايتا ـ قايتا: «ئابلەت كەلدىمۇ؟ ئابلەت كەلدىمۇ، چاقىرىڭلار!» دەپ سورىغانىدى. رەھمەتلىكنىڭ ساڭا دەيدىغان بىر گېپى بارمىدىكىن!... دەپ شۇ كۈندىكى دادامنىڭ ھالىنى سۈرەتلىۋىدى، كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز ياش قۇيۇلۇپ كەتتى. مەن تا ھازىرغىچە ئاشۇ ئارماندا يانىمەن، رەھمەتلىك دادامنىڭ ماڭا دەيدىغان قانداق مۇھىم گېپى ـ ۋەسىيىتى بار بولغىيىدىكىن، ئۇ ماڭا ۋەسىيىتىنى ئېيتالماي كزى بىلەن بىللە قارا يەر باغرىغا ئېلىپ كىرىپ كەتتى، ئەجەپ بولدى، ئەجەپ بولدى...!
       مەن دادام كۆز يۇمغاندا كۆپ يىغلىمىدىم، ئەمما ئۆزۈم يالغۇز قالغاندا دادامنى خىيال قىلىپ ئىچ ـ ئىچىمدىن يىغلاپ يۈردۈم. مانا ھازىر شۇ تاپتىمۇ مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقاندا دادام كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ كۆز ياشلىرىم مەڭزىمنى بويلاپ چۈشۈۋاتىدۇ، گەرچە ئۇنىڭ ۋاپاتىغا تالاي يىللار سايە تاشلاپ تۇرسىمۇ. دادام تۆھمەت يېشى بىەلن 52 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى، ئۇ ئاجايىپ ساغلاپ ئادەم ئىدى. ئۇ بىزنىڭ بەختىمىزگە بولسىمۇ ياشىشى كېرەك ئىدى...
       نېمە ئىشكىن بىلمىدىم، يا ھەممە ئادەمگە ئۆلۈم بولسا شۇنداق تۇيۇلامدۇ، دادام ۋاپات بولغان كۈندىن تارتىپ تالاي ۋاقىتلارغىچە قۇلىقىمغا يىغا ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇردى، كوچىدىكى ئاۋازلار، ھارۋا چاقىنى غىچىرلىشى، دەرەخ شاخلىرىنىڭ شامالدا شالدىرلىشى، ماشىنىلارنىڭ سىگنال ئاۋازلىرى، ھەتتا ئۆستەڭدىكى سۇلارنىڭ شىلدىرلىشىمۇ: «ۋاي دادام، ۋاي دادام!...»دەپ يىغلاپ نالە قىلىۋاتقاندەك سېزىلىپ تۇردى...
       شۇنداق قىلىپ دادامنى بارسا كەلمەس يەرگە ئۇزىتىپ قويدۇق، ئىنىمنىڭ ئوقۇش ئارزۇسى ۋە بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ تىرىكچىلىكى سەككىز بالىنىڭ ئارىسىدا ئاپام ۋە ماڭا قاراشلىق بولۇپ قالدى. ئەھۋالىمىزنى بىلگەن تاغاملار: «ئەمدى قانداق قىلارسىلەر!؟» دېيىشتى. قانداق قىلىمىز؟ بىر ئانا، چۆچۈرىدەك سەككىز بالا ـ بىز تۆت ئوغۇل تۆت قىز ئىدۇق. مەن ئۇ چاغدا يىگىرمە نەچچە ياشتىن ئاشقان، ئەڭ كەنجى سىڭلىم تۆت ياشتا ئىدى. شۇنداقتىمۇ ھايات يەنە داۋاملىشىۋاتاتتى. ئىنىم ـ سىڭىللىرىم بىرىنىڭ ئاشقىنىنى بىرى كىيىپ چوڭ بولۇۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ئۈستىۋېشى تولىمۇ غورىگۈل ئىدى.
       ئوقۇش ئارزۇسى سۇغا چىلاشقان ئىنىم دىلمۇرات ئورمان ئەترىتىدە ئىشلەپ، چۇخىيىنىڭ ئۇچى تېشىلىپ باش بارمىقىنىڭ كۆرۈنۈپ قالغىنى بىلەن كارى يوق يۈرەتتى. ئۇنىڭ روھى چۈشۈپ  كەتكەن، مۇنداق ئەھۋالدا يەنە ئوقۇشنىڭ ئارزۇسىنى قىلغىلى بولامدۇ؟ ...ئەمما دىلمۇرات يەنىلا ئوقۇشقا ئىچىدە كۆيۈپ يۈرەتتى.
       ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي يۈسۈپ جۈيجاڭنىڭ بالىسىنىڭ ئوقۇشقا كەتكەنلىك خەۋىرى ئاڭلاندى. بۇ خەۋەر ئائىلىمىزگە، بولۇپمۇ دىلمۇراتقا قاتتىق تەسىر قىلدى. ئۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ كېچىچە ئۇخلىيالمىدى. مەنمۇ چىداپ تۇرالمىدىم: «نېمىدېگەن ناھەقچىلىك بۇ...!»
       «يۇقىرىغا ئەرز ياز! ـ دېدى تونۇش ـ بىلىشلىرىم ئەھۋالنى ئاڭلاپ ماڭا مەدەت بېرىپ، ـ مۇشۇ كۈندە ئائىلەڭنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ ھەل قىلىدۇ» . مەن ئەرز يازدىم. مانا ئاقىۋەت بۇ ئىش ماڭا بىرمۇنچە «جىنايەت»لەرنى گەدىنىمگە ئارتىش بىلەن ھەل قىلىندى.
        ھەقىقەتەن قەيەردە قالدى؟ ئىمتىھاندىن ياخشى ئۆتكەنلەر چەتكە قېقىلىپ، ئاق قەغەز تاپشۇرغانلار ئالىي مەكتەپكە كېتىپ بارسا، بۇ قانداقمۇ ئىنقىلابىي مائارىپ لۇشيەنى بولسۇن؟ ...!
       ئۆيدە ئاپام ئەھۋالىمنى ئاڭلاپ يىغلاپ كەتتى.
       ـ نېمىشقىمۇ تىنچ يۈرمىگەنسەن، بالام. نېمە قىلاتتىڭ ئەرز يېزىپ، سېنىڭ ھالىڭغا كىم يېتىدۇ؟ داداڭ بولسىغۇ مەيلىدى...
       ئاپامنىڭ بۇلاقتەك ئېقىپ تۇرغان كۆز يېشى، ھەسرەتلىك ئاۋازى مېنىڭ يۈرەك ـ باغرىمنى ئېزىۋەتتى. چىرايىمغا مۆل ـ مۆل قارىشىپ جىمجىت ئولتۇرۇشاتتى. مېنىڭ ئۇلارغا قارىغانسېرى كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ، كۆزۈمگە ياش كېلەتتى. ئالدىمدىكى تۇرمۇش يولى ماڭا قاراڭغۇ ۋە سىرلىق ئىدى. ئىنىم ئەترەتتىن كەچقۇرۇن ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا كارخانىدىن خاڭغا ھەيدەلگەنلىكىم ھەققىدە ئۈندىمىدىم، ئۇنىڭ كۆڭلىنى پاراكەندە قىلىشنى خالىمىدىم. لېكىن كىچىككىنە بىر ۋەقە يۈز بېرىپ، ئۇنىمۇ، بىزنىمۇ ناھايىتى ئوسال قىلدى.
        ئىنىم يېقىندىن بۇيان قەيەردىندۇر تېپىپ كەلگەن كونا خىمىيە كىتابنى قولىدىن چۈشۈرمەي ئۆگىنىۋاتاتتى. دادامنىڭ ئەھۋالى ئۇنىڭ قەلبىنى ئېيتقۇسىز ھەسرەتكە تولدۇرغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئوقۇش ئىشتىياقىدا ياناتتى. ئۇ، تۈن يېرىمىغىچە كىتاب كۆرۈپ، ئاللىقانداق بىر نېمىلەرنى ياسايتتى، سىزاتتى. ئۇنىڭ كىچىككىنە، كونا تۆمۈر ساقدۇقى ھەر خىل رادىئو زاپچاسلىرى، پارچە سىم، ۋېنتا، گايكا ۋە گۈڭگۈرت، كىسلاتاغا ئوخشاش مەن ئۇقمايدىغان نەرسىلەر بىلەن تولغانىدى. بۇلار ئۇنىڭ تەجرىبە ئىشلىتىشتە پايدىلىنىدىغان ماتېرىياللىرى ئىدى. ئەگەر كىچىك ئىنىـ سىڭىللىرىمنىڭ بىرەرى ئۇنىڭ ساندۇقىنى ئېچىپ قويسا، ئۇلارنى ۋارقىراپ، تىلللاپ ئۆيدىن قوغلاپ چىقىراتتى. ئۇ بىزگە بىر كىچىك رادىئو ياساپ بەرگەندە ھەممىمىز خۇشال بولۇپ كەتكەنىدۇق، ئەمما ئۇ رادىئو ئىككى كۈن سكزلەپلا جىمىپ قالدى. ئۇنىڭ قانداقتۇر بىر نېمىسى كەم ئىدى. پۇل بولمىغاچقا ئىنىم ئۇ نەرسىنى ئالالماي، رادىئو شۇ پېتىچە قېلىپ دېرىزىدە تاشلىنىپ ياتايتتى. ئىنىم ھازىر ئۇنى ئېسىدىن چىقىرىپ، قانداقتۇر خىمىيىلىك بىرنېمىلەرنى تەجرىبە قىلىشقا كىرىشىپ كەكتەنىدى. ئۇنىڭ بۈگۈنكى تەجرىبىسى شۇنچىلىك قورقۇنچلۇق ھەم كۆڭۈلسىز بولدىكى، ئاقىۋەت ئۇ ھەممە بالا ـ قازانى تېرىغان ھېلىقى خىمىيە كىتابنى يىرتىپ پارچە ـ پارچە قىلىۋەتتى.
       ئۇ، پىلىتىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، قەلەي قاچىغا قانداقتۇر بىرنېمىلەرنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قاينىۋاتقاندا، مەن ئۇنىڭ ھەركىتىگە سەپسېلىپ ئولتۇراتتىم، كينى پالاق توخۇمنىڭ پۇرىقىدەك گۈڭگۈرتنىڭ قاڭسىق، سېسىق پۇرىقى قاپلاپ، كۆڭلىمىزنى ئىلەشتۈرۈۋەتتى. مەن بۇ ئىشقا ئەجەبلىنىپ ئورنۇمدىن ئەمدىلا تۇرۇۋېدىم، تۇيۇقسىز شۇنداق كۈچلۈك پارتلاش يۈز بەردىكى، مەن لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدىم. ھېلىقى قەلەي قاچا ئوقتەك ئۇچۇپ چىقىپ تورۇسقا بېرىپ «تاققىدە» تەگدى، يېنىپ چۈشۈپ تاپسىدا چىنە ـ قاچا يۇيۇۋاتقان سىڭلىمنىڭ ئالدىدىكى چىنىلەرنى «جاراڭ ـ جۇرۇڭ» قىلىپ چېقىۋەتتى. «سىڭلىم «ئاپا» دەپ ۋارقىراپ، رەڭگى تامدەك ئاقىرىپ ئولتۇرۇپ قالدى. بىزنىڭ «خىمىك» بولسا، ھېلىقى خىمىيە كىتابى قولىدىن چۈشۈپ كەتكەن ، كۆزلىرىنى چەكچەيتڭكەن ھالدا تامغا يۆلىنىپ تېڭىرقاپ تۇراتتى. مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا ۋارقىدىم:
       ـ ھوي، بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟! ساڭا نېمە قويدى تەجرىبە قىلىشنى؟!... ـ مەن غەزەپلىنىپ ئۇنىڭغا تېخىمۇ قاتتىق سۆزلەرنى قىلماقچىدىم، ئەمما غەمكىن چىرايىنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم. سۇنغان چىنىلەرنى ئېلىپ شىرە ئۈستىگە قويدۇم. ئۇنىڭ ئىچىدە مومىمىزدىن قالغان تەۋەرۈك گۈللۈك ئىككى جانان چىنىمۇ بار ئىدى. ئاپام بۇنى كۆرۈپ نەچچە ۋاقىتلاردىن بۇيان كۆڭلىنى تاتىلاپ تۇرغان ئاچچىق دەردلىرىنى بىراقلا تۆكۈۋەتتى:
       ـ ۋاي ئىست، ۋاي ئىست! ـ دەيتتى ئاپام ئەلەم بىلەن ھېلىقى ئىككى جانان چىنىنى قولىغا ئېلىپ، ـ ئاپامنىڭ تەۋەرۈكى ئىدى. مەن بالا ئەمەس، بالا ـ قازا تۇغۇپتىمەن، خۇدايىمنىڭ ئالدىدا نېمە گۇناھ قىلغان بولغيتتىمكىن؟! ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمەن دەپ داداڭنى ئۇزاتتىڭ، ئاكاڭنى ئىشسىز قالدۇردۇڭ، ئەمدى مەن قالغانىدىم... ـ ئاپام غەزەپ ئوتىدا يېنىپ تىترەيتتى، ـ ئوقۇغان ئادەم شۇنداق بىغەرەز بولسا، ئوقۇشقا، ھېچقايسىڭنى ئوقۇتمايمەن، ئەمدى ئوقۇيمەن، ئالىي مەكتەپكە بارىمەن دەپ باقە قېنى، ئال، ماۋۇ بىر نېمەڭنى، نەگە ئاپارساڭ ئاپار، ـ ئۇ زەردە بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دېرىزىدە تۇرغان ھېلىقى بۇزۇق رادىئونى قولىغا ئېلىپ، پىرقىرىتىپ تاپسىغا تاشلىۋەتتى. ئۇنىڭ ئۇششاق زاپچاسلىرى پارچە ـ پارچە بولۇپ چېچىلىپ كەتتى، ـ ئىست، شۇنىڭغا كەتكەن پۇل...!
        ئىنىم يەردىن بېشىنى كۆتۈرمەي تۇراتتى، خىجالەت ئاستىدا ئۇنىڭ كالپۇكلىرىمۇ قىزىرىپ كەتتى. ھەممىمىز ئۇنىڭ بۇ قىيىن ئەھۋالىغا قاراپ ئېچىندۇق. مانا، ئاخخر ئۇ يەرگە ئېڭىشتى ۋە ئايىغى ئاستىدا بەتلىرى ئېچىلىپ قالغان ھېلىقى خىمىيە كىتابنى قولىغا ئېلىپ ئاپامغا تىكىلدى. شەبنەمدەك ئىككى تامچە ياش كۆزىدىن ئاستا ئېقىپ چۈشۈپ، ئېڭىكىنىڭ ئۈستىدە توختاپ قالدى. مەن ئۇنىڭ نىيىتىنى سېزىپ يۈگۈرۈپ بېرىپ قولىنى تۇتۇۋالدىم. لېكىن ئۇ، كىتابنى پارچە ـ پارچە قىلىپ يىرتىۋېتىشكە ئۈلگۈرگەنىدى.
       شۇ ۋەقەدىن كېيىن دىلمۇراتنىڭ روھىي قۇشى تېخىمۇ پەسلەپ كەتتى. ئۇ مەيۈس ھالدا يىرتىق چۇخىيىنى كىيىپ، ئەتىگەندە ئورمان ئەترىتىگە كېتىپ كەچ قايتاتتى...
       يەنە قىش، يەنە گۈزەل يۈز ئايلىرى كەلدى. ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى بۇ يىللىق ئىمتىھانغا جىددىي تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى. بۇنى كۆرگەن دىلمۇراتنىڭ يۈرىكىدە يوشۇۇرن كۆيۈپ تۇرغان ئوقۇش ئارزۇسى يەنە باشقىدىنلا يالقۇنلاپ، كېچىچە قولىدىن كىتاب چۈشمەيدىغان بولدى، ئۇ بۇ يىلقى ئىمتىھاندىن قانداقلا بولسۇن چوقۇم ئۆتىمەن، دېگەن چوڭ ئۈمىدتە جىددىي تەييارلىق قىلىشقا باشلىغانىدى.
       ئارزۇ، غايە قانچە شېرىن، يۈكسەك بولسىمۇ تۇرمۇش نېمىدېگەن رەھىمسىز، ھايات نېمىدېگەن تاسادىپىي ھادىسىلەرگە باي، بۇ يىلمۇ دىلمۇراتقا تەلەي يۇلتۇزى باقماي، بىچارە ئۇكامنىڭ ئوقۇش ئارزۇسىنى تەبىئىي چەكلىۋەتتى. بۇنىڭغا ئۇنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى بازاردا يېگەن تامىقى سەۋەب بولغانىدى. بۇنداق دېسە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، لېكىن ئاشۇ كىچىككىنە سەۋەب ئۇنى ئىككى ئاي دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇپ قويدى.
       ئۇ ئىمتىھانغا بىرەر ھەپتە قالغان كۈنلىرى تۇيۇقسىز ئاغرىپ قالدى. يەنە كېلىپ خېلىلا قاتتىق ئاغرىدى. ئۇ شۇ كۈنى كېچىسى ئوت ـ كاۋاپ بولۇپ، قىزىپ چىتى. بىردەمدىلا غالىلداپ، چىشلىرى كاسىلداپ تىترەپ كېتەتتى، سوغۇق تەر يۈز ـ كۆزلىرىدىن، بويۇنلىرىدىن، پۈتۈن بەدەن ـ بەدىنىدىن ئېقىپ، يوتقان ـ كۆرپىلەرنى ھۆل قىلىۋېتەتتى. بىز شۇ كۈنى ئۇنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمىدۇق. كېيىن سۈرۈشتۈرۈپ بىلدۇقكى، ئۇ شۇ كۈنى «شېكەرلىك تاماقخانا»دىن قارا شېكەر مانتىسى يېگەنىكەن. غۇلجا شەھىرىنىڭ ھەركىزىي كوچىسىغا جايلاشقان «قىزىل بايراق» تۈرلۈك ماللار ماگىزىنىنىڭ جەنۇبىدا شۇ يىللىرى «شېكەرلىك تاماقخانا» دەيدىغان بىر ئاشخانا بولىدىغان. بۇ ئاشخانىدا تۈرلۈك شېكەرلىك تائاملار، يۇتا ـ موما ۋە باشقا قورۇلمايدىغان تائاملار سېتىلاتتى. دىلمۇرات ئۇ يەرگە پات ـ پات بېرىپ، شېكەر مانتىسى يەپ كېلتەتتى. ئۇ شېكەر مانتىسغا ئامراق ئىدى.
        شۇ كۈنى ئۇ كېچىچە قىزىپ، تەرلەپ، جۆيلۈپ چىتى. تۇرۇپ ـ تۇرۇپلا: « مەن ئالىي مەكتەپكە بارىمەن!» دەپ ۋاقىرايتتى، يەنە تۇرۇپلا :«دوختۇر، مەن ساق، ئىمتھان ، ئىمتىھان!...دوختۇر، مەن ئۆتتىممۇ؟... ئاپايىڭگو ـ لايىڭگو، ئاپا ، ئاپا، ئوتاپاتا!...»دەپ بوۋاق ۋاقتىدىكى سۆزلىرىنى تەكرارلايتتى...
       ئۇنىڭ بېشىدا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي باش كۆزلىرىنى سىلاپ تۇرغان ئاپامنىڭ ئورۇق قوللىرى تىترەيتتى. «بالام، جېنىم بالام دىلمۇرات، كۆزۈڭنى ئاچقىنا ، مانا مەن بالام، سەن ئالىي مەكتەپكە بارىسەن بالام!...» ئاپام دىلمۇراتقا قارىغانسېرى كۆڭلى بۇزۇلۇپ كۆز يېشىنى توختىتالمايۋاتاتتى. ئاپامنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ مېنىڭمۇ ئىچىم سىيرىلىپ بۇندىن بىرقانچە يىلللار ئىلگىرى ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئىنىم ئابلىكىمنىڭ پاجىئەسى ئېسىمگە كېلەتتى ئىھتىمال ئاپاممۇ ئەقىللىق، بەكمۇق ئامراق ئاشۇ ئوغلىنىڭ ئۆلۈمىنى ئويلاۋاتقاندۇ بەلكى...
       ئابلىكىم مېنىڭ كەينىمدىكىلا ئىنىم ئىدى، كىچىككىدىنلا ئاجايىپ ئەقىللىق، زېرەكلىكى بىلىنگەن، بەك ئوماق، ئاپئاق دۈگلەك يۈزلۈك، كۆزلىرى چوڭ، كىرپىكلىرى ئۇزۇن ـ ئۇزۇن كەلگەن، چىرايلىق بالا ئىدى. ئۇ مەكتەپتىمۇ ئەلا ئوقۇيتتى. ھەممىمىز ئۇنىڭغا ئامراق ئىدۇق، ئاپام بەزى كۈنلىرى تۇرمۇش دەردى ۋە ياكى باشقا سەۋەبلەردىن خىيال بىلەن مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ قالسا ئۇنىڭ يېنىغا ئەركىلەپ كېلىپ، ئاپامنى قۇچاقلاپ: «ئاپا، غەم قىلمىغىنا، مەن چوڭ بولغاندا پۇل تېپىپ سېنى باقىمەن، قاراپتۇر جۇمۇ!...» دەپ تاتلىق گەپلىرى بىلەن كۆڭلىنى ئېرىتىپ كۆز ياشلىرىنى سۈرتەتتى.
        ئاپامنىڭ مۇشۇ تاتلىق ئوغلى 12 ياشقا كىرگەن يىلى مەكتەپتىن قايتقاندا بلىلار بىلەن «خامباس» ئويناپ بالىلارنىڭ ئاستىدا قېلىپ ئۆتى يېرىلىپ ۋاپات بولۇپ كەتكەنىدى. شۇ كۈنى ئاخشىمى ئاپام ۋە باشقىلار خۇددى ھازىر دىلمۇراتنىڭ بېشىدا قاراپ تۇرغاندەك كۆز يېشىمىز ۋە ۋەھىمە ـ قورقۇنچ ئىچىدە ئۇنىڭ بېشىدا قاراپ تۇرغانىدۇق. ئۇمۇ كېچىچە: «ئاپا، ئاپا، ماۋۇ يەردە ئۈزۈم بار ئىكەن، ئەجەپ تاتلىق ئۈزۈم ئىكەن ئاپا، سەنمۇ يەپ باقە!...» دەپ جۆيلۈپ ياتقانىدى. شۇ چاغدا ئاپامنىڭ كۆز ياشلىرى خۇددى شائىرى نىياز باقىنىڭ شېئىرىي مىسرالىرىدەك بىچارە ، پىغانلىق ئىدى:

       ئاھ، بالام ، جانىم بالام، قانداق قىلاي خانىم بالام،
       ئون ئىككى يىل دارىل پاناھ مېھمان بولۇپ كەتكەن بالام.
     
       ئاتا ـ ئانا ھەم بوۋىسى قاشىدادۇر ھەم مومىسى،
       ئۈزۈپ بۇلاردىن رىشتەسىنى بويۇن سۇنۇپ ياتقان بالام.
       ئىنىم ئابلىكىمنىڭ بىز بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشقان ئاشۇ ئاخشىمىدىكى ئەھۋال ھازىر دىلمۇراتتا تەكرارلىنىۋاتقاندەك بولۇپ، بىچارە ئاپامنىڭ يۈرىكىنى ئېزىپ پۇت ـ قوللىرىنى تىترىتىۋاتاتتى. دىلمۇراتنىڭ ۋە ئاپامنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ تۇرغان ھەممىمىزنىڭمۇ يۈرىكىمىز چىدالماي يىغلاپ كەتتۇق...
       بىز قورقۇپ، ئەتىسى ئەتىگەندىلا ئۇنى قول ھارۋۇسىغا سېلىپ، يېنىمىزدىكى گۇڭشې دوختۇرخانىسىغا ئاپاردۇق. دوختۇر ئابدۇللا ئاكام ئۇنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپلا: « ھەدە ، بالا كېزىك بوپتۇ، قارا كېزىك، دەررۇ سۇدەرۋازىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسغا ئاپىرىڭلار!» دېدى. بۇ ئىشنىڭ يامان يېرى شۇ بولدىكى، ئابدۇللا ئاكام ئېھتىيات قىلماي، بۇ سۆزلەرنى دىلمۇراتنىڭ يېنىدا ئېيتقاچقا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئاغرىق ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇپ قالدى ۋە ئۇنچىقماي بېشىنى تكۋەن سالدى. مەن كۆڭلۈمدە ئابدۇللا ئاكامغا نارازى بولدۇم. «مۇشۇمۇ پىشقەدەم دوختۇرمۇ، ئىنىمنىڭ كۆڭلىگە كېلەر دېمەي، ئۇنىڭ ئالدىدىلا شۇنداق دەمدۇ!؟...»
       خىيال بىلەن قول ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ كېتىۋاتىمەن، قېلىن يوتقان كۆرپىلەرگە چۈمكەلگەن ئىنىم مەيۈس ھالدا ئاسمانغا قاراپ ياتىدۇ. ھارۋىنىڭ يېنىدا كېتىۋاتقان ئاپام ئارىلاپ ـ ئارىلاپ ئىنىمنىڭ ئىچىلىپ قالغان يوتقان ـ كۆرپىلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ، ئوغلىغا تەلمۈرۈپ قارايدۇ، ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرىنى يوشۇرۇپ، چەتكە قاراپ ياغلىقىنىڭ ئۇچىدا ئېرتىۋالىدۇ.
       ئىنىم ھالسىز ياتماقتا، ئۇنىڭ رەڭگى تامدەك ئاقىرىپ كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنىدى، ئۆزى تولىمۇ مەيۈس ۋە غەمكىن ئىدى. ئۇ ھازىر نېمىلەرنى ئويلاۋاتقاندۇ؟ مەن بولسام ئېغىر خىيالللار ئىلكىدە ھارۋىنى كۈچەپ ئىتتىرىپ كېتىۋاتىمەن، بىر ئاپامغا، بىر ئۇنىڭغا قارايمەن، ئۇلارغا قارىغانسېرى ئىچىم سىيرىلىدۇ: «ھەي بىچارە جاپاكەش ئاپام، ھەي ئوقۇش ئارزۇسىدا كۆيۈپ كۈل بولۇۋاتقان بىچارە ئىنىم!... دادام بولسا بۇ كۈنلەرنى كۆرمەس ئىدۇق، بەلكى ئىنىممۇ ئاغرىپ قالماس ئىدى، ئاشۇ ئوقۇش دەردى ئۇنىڭ ئىچىگە ئۆتۈپ كەتتىمىكىن، ئەمىسە نېمىشقا ئاغرىپ قالىدۇ!؟...»
        مېنىڭ خىيالىمنىڭ ئاخىرى ئۈزۈلمەيتتى. مانا سۇدەرۋازىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغىمۇ يېقىنلاشتۇق. شۇ چاغدا ئىنىم بوش ئىڭرىغاندەك قىلىۋېدى، ئاپام دەررۇلا ھارۋا يېنىغا كېلىپ ئىنىمغا ئېڭىشتى.مەن ھارۋىنى ئاستىلاتتىم.
       ـ ئاپا، ئىنىمنىڭ خۇددى يەر تېگىدىن چىققاندەك ھالسىز ئاۋازى ئاڭلاندى.
       ـ نېمە دەيسەن جېنىم بالام! ـ ئاپام بىر قولى بىلەن ھارۋىنىڭ يېنىنى تۇتۇپ، ئېڭىشىپ ئىنىمغا سۆزلەۋاتاتتى. ئاۋازىدا قانداقتۇ ئەنسىزلىك بار ئىدى.
       ـ ئاپا ، ئىنىم يەنە مەيۈس ھالدا ئاپامغا تەلمۈرۈپ سۆزىنى تەكرارلىدى، ئاپا، مەن ساقىيالارمەنمۇ؟...!
       ئۇنىڭ ئاۋازى تىترەپ كەتتى، ئاپامنىڭمۇ، مېنڭمۇ بۇ ھەسرەتلىك ئاۋازنى ئاڭلاپ كۆزلىرىمىزدىن ياش ئېتىلىپ چىقتى، ئاپام مەڭزىنى بويلاپ ئېقىۋاتقان ياشلىرىغمۇ پەرۋا قىلماي، ئۇنى ئىككى قولى بىلەن قۇچاقلاپ:
       ـ ساقىيىسەن جېنىم بالام، ساقىيىسەن! مانا دوختۇرخانىغا كەلدۇق! ـ دېدى يىغلامسىراپ.
       مەن بۇ چاغدا ھارۋىنى توختىتىپ، ئاپامغا قاراپ تۇردۇم ۋە ئىنىمغرا:
       ـ دوختۇرخانا دېگەن كېسەلنى ساقايتىدۇ، سېنىڭ كېسىلىڭ قاراپتۇر ئىككى كۈن ئوكۇل سالسىلا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، غەم قىلما، سەن يەنە ئوقۇيسەن، ئالىي مەكتەپلەرگە بارىسەن!  ـ دېدىم ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا ئۇنىڭغا مەدەت بېرىپ.
      دېگەندەك ئۇ دوختۇرخانىدا ئىككى ئاي يېتىپ ياخشى بولۇپ، يېنىپ چىقتى.
       ئىنىم ساقايدى، ئەمما بىزنىڭ ئائىلىگە يەنە يېڭى پېشكەللىك چاپلاشتى ـ ئاپام ئاغرىقچان بولۇپ قالدى. ئۇ يۈرەك كېسىلى بولۇپ قالغاندى. دادام دەرەختىن ئۇچۇپ چۈشكەن كۈنى ئاپام قاتتىق قورقۇپ كەتكەچكىمۇ، يا دىلمۇراتنىڭ ئوقۇشقا بېرىش ئارزۇسى يولىدا چەككەن رىيازەتلىرى تەسىر قىلدىمۇ، بىلمىدۇق، ئاپام بۇ قۇرقۇنچلىق كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ قالدى. ئۇنىغانغا يۇنىغاندەك كېينرەك بۇ يۈرەك كېسىلىگە بۆرەك كېسىلى ھەمراھ بولۇپ چاپلاشتى. بۇمۇ ناھايىتى «توخو پوقى» كېسەل ئىكەن. ئۇ ئادەمنىڭ ھېچ ھالىنى قويمايدىكەن. نەچچە تونۇر نان ـ توقاچلارنى ناۋايلەردەك ئويناپ ـ كۈلۈپلا يېقىۋېتىدىغان، دەستە ـ دەستە كىر ـ قاتلارنى خۇددى ھازىرقى كىرئالغۇ ماشىنىسىدەك يۇيۇپ، قەھرىتان سوغۇقلاردىمۇ دەرۋازىمىز ئالدىدىك ئۆستەڭ سۈيىدەك چايقاپ كىرىدىغان بە قۇۋۋەت، ئىشچان ئاپام بۇ كېسەللەر تۈپەيلىدىن بارغانسېرى ئاجىزلاشقا باشلىغانىدى.
       لېكىن، دائىم ھاۋا تۇمان بولۇپ، قار ـ يامغۇرلار ياغىۋەرمەيدىكەن. ھاۋا ئېچىلىپ قۇياش پارلايدىكەن، ياىشى كۈنلەرمۇ بولىدىكەن. ئەنە ئاشۇنداق خۇشچىراي ئاچقان ياخشى كۈنلەر بىزنىڭ ئائىلىگىمۇ يۈز ئاچتى. ئىنىمنىڭ ئوقۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى. ئۇ: «مەنب شىنجاڭ تېببىي ئىنۇستىتۇتىدا ئوقۇيمەن، دوختۇر بولىمەن، ئاپامنىڭ كېسىلىنى ساقايتىمەن!» دەپلا يۈرگەنىدى. ئاخىر ئۇ ئۆزى ئارزۇ قىلغان شىنجاڭ تېببىي ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كەتتى. ئائىلىمىز، ھەممىمىز خۇشاللىققا چۆمدۇق، بىزنىڭ ئائىلىدىنمۇ دوختۇر چىقىدىغان بولدى ـ دە...!
       
      *                  *
        ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمەن، دەپ ئائىلىمىزگە شۇنچە پالاكەتلەرنى سالغان ئاشۇ ئىنىم ئاخىر ئارزۇسىغا يېتىپ، كاتتا دوختۇر بولۇپ يېتىشىپ چىقتى. ئۇنى ھازىر ھەممە تونۇيدۇ، ئۇ ھازىر شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1 ـ دوختۇرخانىنىڭ بۆرەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ۋە ئاتاقلىق مۇتەخەسسىس. ئۇ 2001 ـ يىلى فرانسىيىگە چىقىپ بىر يىل بىلىم ئاشۇرۇپ كەلدى ۋە ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدا بىردىنبىر بۆرەك كېسەللىكلەر بويىچە مۇھىم بولغان «ئادەم ۋە بۆرەك» ناملىق كىتاپ يېزىپ چىقتى. ھازىر ئاپاممۇ، ئۇرۇق ـ تۇققانلارمۇ، يۇرتداشلارمۇ، تونۇش ـ بىلىشلەرمۇ، يىراق ـ يېقىندىكى تاسادىپىي تونۇشۇپ قالغان كىشىلەرمۇ ئۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىشىدۇ.
       مەن بۇ ئەسلىمىلەرنى يېزىۋاقتان، ئەسلەۋاتقان 2007 ـ يىلىنىڭ مۇبارەك روزا كۈنلىرىدە دىلمۇرات ئۆزى بالا چاغلىرىدا ئېيتقان ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، 80 ياشتىن ئاشقان ئاپامنى ئۆيىدە ياتقۇزۇپ داۋالاۋاتاتتى. مەن ئاپامنىڭ  ئەھۋالىنى سوراپ تېلېفون قىلسام ئۇ: «بالام، مەن بۇ يەرگە كېلىپ ياخشى بولۇپ قالدىم. ئىنىڭ داۋالاۋاتىدۇ، ئۆزۈڭچۇ، ئۆزۈڭ قانداقراق، ئامىنەم، بالىلىرىڭچۇ!» دەپ سورايدۇ. ئاپام بىرنەچچە قېتىم ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغاندا ئاشۇ ئىنىم ئايروپىلان بىەلن غۇلجىغا ئۇچۇپ كېلىپ، ئۆزى مەخسۇس داۋالاپ ساقايتقان، بالىلىق قەرزىنى ئادا قىلغانىدى.
       مەن دائىم ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئاشۇ ئىنىمىنىڭ ئۆيىدە تۇرسام، كېلىنىمىز تۇرسۇنئاينىڭ ئەتكەن شېرىن تائاملىرىنى يېگىنىمدە ئۇلارنىڭ دەسلەپكى مۇھەببەتلىك چاغلىرى يادىمغا كېلىدۇ. ئۇ چاغلار ئۇلارنىڭ مۇشۇ تائاملىرىدەك شېرىن چاغلىرى ئىدى. بىراق ئەپسۇسكى، ئۇلار بىر يەردە بولمىغاچقا بىر ـ بىرىگە تولىمۇ ئىنتىزار بولۇپ ياشىغانىدى.
        ئۇلار شىنجاڭ تېببىي ئىنىستىتۇتىدا بىلللە ئوقۇپ، مۇھەببەتلىشىپ، بىللە ئوقۇش پۈتتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما تۇرسۇنئاي ئاپىسىنىڭ خاھىشى بىلەن غۇلجىغا قايتىپ كەلگەن ۋە شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ بالىلار بۆلۈمىگە ئورۇنلاشقانىدى. دىلمۇرات بولسا مەكتەپتە قالغان. ئۇ ئۆتكۈر بالا بولغاچقا، ناھايىتى ياخشى ئوقۇپ مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ كۆزىگە چۈشكەنىدى. مەكتەپ رەھبەرلىكى ئۇنى ئوقۇتقۇچىلىققا بەلگىلىگەندە، ئۇ ئۇنىماي ئاخىر رېنتگېن بۆلۈمىگە ئورۇنلاشقانىدى. ئۇ دەسلەپكى مەزگىللەردە خىزمەت سالمىقى، يالغۇزلۇق ۋە يۈرىكىنىڭ بىر پارچىسى غۇلجىدا بولغاچقا، چىدالماي ئاھ، ۋاھ دەپلا «يىغلاپ» يۈردى. ئۆيگە پات ـ پات خەت يېزىپ غۇلجىغا كېتىمەن دەپلا تۇرۇۋالدى. تۇرسۇنئايمۇ ئۇى «چاپسان كېلىڭ!» دەپ شېرىن گەپلىرى بىلەن چىللاپ تۇراتتى. ئاپام ۋە ئىنى ـ سىڭىللىرىممۇ ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى خالايتتى. ئائىلىمىز ئىچىدە پەقەت مەنلا ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىگە قارشى ئىدىم. ئەسلىدە قالغاندا، مەن ئۆزۈمنى ئويلىسام ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى ئەڭ خالايدىغان ئادەم مەن بولۇشۇم كېرەك ئىدى، چۈنكى ئۇ قايتىپ كەلسە ماڭا بولغان بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ بېسىمى يېنىكلەپ، مەن «ئەركىنلىك»كە چىقىۋالغان بولاتتىم. ئەمما، ئۆزۈمنى ئەمەس ئىنىمنىڭ كەلگۈسىنى ئويلىمىسام بولمايتتى.
        مەن بۇ ئىككى ياشنىڭ مۇھەببىتىنى ئۆزۈمنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىگە سېلىشتۇرۇپ ئويلايتتىم. ئۇلارغا بەزىدە ئىچىممۇ ئاغرىپ قالاتتى، ئەمما ئۇلار شېرىن مۇھەببىتىدىن مەست بولۇشۇپ، ۋىسال تەقەززالىقىدا كەسپىي مۇھەببەتنى، كەلگۈسىنى خىيالىغا كەلتۈرمەيتتى.
       بىر كۈنى دىلمۇراتتىن خەت كەلدى. ئۇ ئاپامدىن غۇلجىغا قايتىپ كېتىشنى قاتتىق تەلەپ قىلغانىدى. ئاپامغا بۇ خەتنى ئوقۇپ بەرسەم، ئۇ بىر پەس كۆز يېشى قىلدى ـ دە:
       ـ بالام ، خەت ياز، ئۇ قايتىپ كەلسۇن بەك قىينىلىپ كېتىپتۇ، ـ دېدى.
       ـ بولمايدۇ ئاپا، ـ دېدىم مەن ئاپامغا چۈشەندۈرۈپ، ـ سىلەر نېمىشقا بىلمەيسىلەر، ئۈرۈمچى دېگەن مەركەز، چوڭ شەھەر، ئۇ يەردە كەسپىي جەھەتتىن تازا ئوبدان پۇرسەت بار. غۇلجىدا نېمە بار، كەلسە «دوستلۇق» دوختۇرخانىسىغا ئورۇنلىشىدۇ شۇ، تېببىي ئىنىستىتۇت دېگەن بىر شەھەر، بىلەمسەن ئاپا، ئۇ يەردە ھەر بىر كېسەللىكلەر تۈرى بويىچە مەخسۇس مۇتەخەسسىسلەر يېتىشىپ چىقىدۇ. ئەگەر «بالام كەلگۈسىدە چوڭ دوختۇر بولسۇن، مۇتەخەسسىس بولسۇن» دېسەڭ دىلمۇراتنى كەلتۈرمە، بىلەمسەن، كەلتۈرمە! ھېلىغۇ ئۈرۈمچى ئىكەن، ھەتتا ناھىيىسىدە بولسىمۇ قالسۇن...!
       مەن شۇ ئاچچىقىمدا ئۆيدىن چىقتىم ـ دە ، سىتالىن كوچىسىدىكى چوڭ پوچتىخانىغا بېرىپ، دىلمۇراتقا تېلېگرامما يوللىۋەتتىم. ئاشۇ تېلېگرامما ھازىرمۇ يادىمدا: «دىلمۇرات، ئوبدان ئاڭلا! ھېلىغۇ ئۈرۈمچى ئىكەن، ئەگەر ئۈرۈمچىنىڭ ناھىيىسىگە تەقسىم قىلسىمۇ قەتئىي قال»!...
        ئاخىر ئۇ ئۈرۈمچىدە قالدى، مانا ئەمدى بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ئاشۇ ئاچچىق تېلېگراممىنىڭ تاتلىق تەمىنى تېتىۋاتىدۇ...مېنىڭ مىجەزىم غەلىتىمۇ، بىلمىدىم، نېمىشقىدۇر ئاشۇ كۈنلەر دائىم كۆز ئالدىمدا تۇرۇۋالىدۇ، شۇڭا راستنى ئېيتسام، ئىقتىسادىم غول، ئۇرۇق ـ تۇغقان، بالىلىرىمنىڭ خاپا بولغىنىغا قارىماي بىرەر يېڭى مودا كىيىم كىيگۈم كەلمەيدۇ، ئەمما ھازىر ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ، ياشناۋاتقان ئىنى ـ سىڭىللىرىم ئۇ كۈنلەرنى ئويلامدۇ، بىلمىدىم...

      ـــــــــــــــــــــــــــــــ
       1974 ـ يىلى يېزىلغان.
       2007 ـ يىلى قايتا ئىشلەندى.
     
     مۇھەررىرى : ئىمىر ھەسەن مەخمۇت
              

    [siddiq تەستىقلىدى . 2010-11-1 8:06:55]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.