ئانىلار ئۇلۇغمۇ؟

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-30 01:27:32

ئانىلار ئۇلۇغمۇ؟ئۇزۇندىن بېرى ئانا ھەققىدە يېزىلغان يازمىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. بۇ يازمىلارنىڭ بەزىلىرىدە «ھىتلېرنىڭ ئانىسى ئۇلۇغ ئانا ئەمەس. ھىتلېر ياخشى بولمىغانلىقى سەۋ...

    ئانىلار ئۇلۇغمۇ؟


    ئۇزۇندىن بېرى ئانا ھەققىدە يېزىلغان يازمىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. بۇ يازمىلارنىڭ بەزىلىرىدە «ھىتلېرنىڭ ئانىسى ئۇلۇغ ئانا ئەمەس. ھىتلېر ياخشى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن، شۇنداق ياخشى ئەمەس بالىنىڭ دۇنياغا ئاپىرىدە بولۇشىغا سەۋەب بولغانلىقى ئۈچۈن، ھىتلېرنى ياخشى تەربىيىلىمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ ئۇلۇغ ئانا بولماسلىقى كېرەك» دېگەندەك مەنىدىكى ئىدىيە ئىلگىرى سۈرۈلدى.
            ئەگەر ھىتلېر گېرمانىيە 3 - ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ ئىمپېراتور بولۇشنى، پۈتۈن دۇنيانى ئالىقىنىغا ئېلىشنى غايە قىلغان بولسا، ئانىسى ئۇنى شۇ غايىسى بويىچە تەربىيىلەپ نىشانىغا يەتكۈزگەن بولسا، ئۇ ئانىنى ئۇلۇغ ئانا دېمەسلىككە نېمە ئاساسىڭىز بار؟!
            «ياخشى ئادەمنىڭ بالىسى ياخشى ئادەم بولىدۇ، ئوغرىنىڭ بالىسى ئوغرى بولىدۇ» دەيدىغان راگونات (ھىندىستان ھېكايە فىلىمى «سەرگەردان» دىكى پېرسوناژ) چە پىكىر رامكىسى بىزگە قانداقلارچە ئۆزلىشىپ كەتتى!؟ بۇ پىكىرچە بولغاندا سوتچىنىڭ بالىسى سوتچى (ياخشى ئادەم) بولۇشى كېرەك ئىدىغۇ؟ ئەمەلىيەتتە قانداق بولدى؟
            ئانا پەرزەنتىنى جەمئىيەتتىن تولۇق ئايرىلغان ھالدا تەربىيىلەلەمدۇ؟ پەرزەنت تەربىيىسىدە جەمئىيەتنىڭ، جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغۇچى ھەربىر ئىنساننىڭ مەسئۇلىيىتى بارمۇ-يوق؟
            بىزدە «خام سۈت ئەمگەن بەندە» دەيدىغان بىر ئىبارە بار. بۇ ئاجايىپ ئىبارىنىڭ «شاراپىتى» بىلەن، بىز ئۆتكۈزگەن ھەربىر خاتالىقىمىزنى بىزنى تۇغقان، بىز ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىغان ئانىمىزغا دۆڭگەشكە كۆنۈپ كەتتۇق. گەپ توغرا كەلگەندە تەتۈرىسىچە تەھلىل قىلىشنى ئويلاپ قالدىم: مۇبادا خالتىلىق سۈت ئىچىپ چوڭ بولغانلار خاتالىق ئۆتكۈزسە، خاتالىقىنى كىمگە دۆڭگىشى مۇمكىن؟ چۈنكى، ئۇ پىششىق سۈت ئېمىپ چوڭ بولغان تۇرسا؟ بۇ خىل ئەھۋالدا ئۇ خاتالاشماسلىقى كېرەك ئىدىغۇ؟
            بالىسى ئاتا - ئانىسىغا ئىش ئۆگىتىدىغان، خىزمەتچى (پەرزەنت) خوجايىن (ئاتا - ئانا) نى ئىشقا بۇيرۇيدىغان ماڭقۇرتلارچە پىكىر يولى بىزگە شۇ دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن بولسا - ھە ؟!
            گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە شۇنى ئويلاپ قالدىم: مەھمۇد كاشغەرىينى دىندار، يەتتە قىزنى تېررورچى دەپ ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ ئۆلمەس سىماسىنى، ئالماستەك تەپەككۇرىنى بىزدىن ئايرىماقچى بولغانلارغا ئەجەبلىنىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئوخشايدۇ.
            دەرۋەقە، ئۇلۇغ پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن ئانىلار ئۇلۇغ ئانىلار بولىدۇ. مەسىلەن، ھەزرىتى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ، ھەزرىتى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئانىسى ئۇلۇغ ئانىلاردىن؛ يەنە ھۆرمەتلىك كىشىلىرىمىزدىن خالمۇرات غۇپۇرنىڭ، ئەركىن سىدىقنىڭ ئانىلىرىمۇ ئۇلۇغ ئانىلار جۈملىسىدىن. ئەمدى، بىزنىڭ ئانىمىز ئۇلۇغ ئانا ئەمەسمۇ؟ ئانىلىرىمىز بىزنى ئالىم قىلىپ چىقالمىغان بولسىمۇ، ئۆز كەسپىمىز دائىرىسىدە قولىمىزدىن ئىش كەلگۈدەك، كىشىنىڭ قولىدىن بىر ناننى تارتىپ ئېلىپ يېيەلىگۈدەك قىلىپ تەربىيىلىدى. فرانسىيە ھەربىي ئالىمى، سىياسىئونى، ئىمپېراتورى ناپالېئوننىڭ تىلى بويىچە ئېيتساق «گېنېرال بولۇشنى ئويلىمىغان ئەسكەر ياخشى ئەسكەر ئەمەس» مۇ؟ ئەجەبا، پەرزەنتلەر ئارزۇ، غايىلىرىدە چوقۇم مەن ئەلباشى بولىمەن، چوقۇم ئارمان شىركىتىنى قۇرىمەن دېيىشى كېرەكمۇ؟ دۆلەتنىڭ پالانى مىنىستىرلىقىدا ئورۇنباسار مىنىستىر بولىمەن، ئارمان شىركىتىنىڭ سېتىش بۆلۈمىدە مەسلىھەتچى بولىمەن دېگەنلەرنى ئارزۇ قىلىشقا، غايە قىلىپ تۇرغۇزۇشقا بولماسمۇ؟
            بۇ يەردە مۇنداق بىر پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى مۇمكىن: سىز ئەلباشى بولۇشنى غايە قىلسىڭىز ئورۇنباسار ئەلباشى، شىركەت قۇرۇشنى غايە قىلسىڭىز شىركەت قۇرغانلارغا ھەمدەمچى بولۇپ چىقىشىڭىز مۇمكىن. ئەمەلىيىتىڭىز غايىڭىزدىن بىر دەرىجە تۆۋەن تۇرىدۇ.
            لېكىن، شەخسەن مەن ئۇنداق قارىمىدىم. ئۆزىڭىزنى كۆزىتىڭ، ئەمەلىي ئىقتىدارىڭىزنى توغرا مۆلچەرلەڭ. ئەلباشى بولغۇڭىز بولسا چوقۇم ئەلباشى بولۇشنى، ئورۇنباسار ئەلباشى بولغۇڭىز بولسا چوقۇم ئورۇنباسار ئەلباشى بولۇشنى غايە قىلىڭ. ھەرگىزمۇ ئۇنىڭدىن يۇقىرىنى ياكى تۆۋەننى غايە قىلماڭ. مەلۇم بىر نىشاننى غايە قىلسىڭىز، شۇ غايىڭىز يولىدا ئۈنۈملۈك تىرىشسىڭىز (ئاللاھ خالىسا) غايىڭىزگە چوقۇم يېتىسىز.
            گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە، ناپالېئوننىڭ مەنتىقىسى بويىچە ھەممە كىشىنى ئەلباشى بولۇشنى غايە قىل دەپمۇ تۇرايلى. ئەمما، ئەلباشىلىق ئورنى پەقەت بىر بولىدۇ، پەقەت بىر كىشىگىلا غايىسىگە يېتىش ئىمكانىيىتى بار. بەلكىم سىز ئورۇنباسار ئەلباشى بولساممۇ بولىدىغۇ دېيىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن، سىز ئەلباشىلىقنى غايە قىلغان ئىكەنسىز تاكى ئەلباشى بولمىغۇچە غايىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولمايسىز. دېمەك، سىز (ۋاقىتلىق بولسىمۇ) مەغلۇب بولدىڭىز. ئەگەر سىز غايىڭىزگە مەڭگۈ يېتەلمىسىڭىز، ئۇ غايىنىڭ نېمە ئەھمىيىتى قالدى؟ مېنىڭ چولتا قارىشىمدا ئەمەلگە ئاشقاننى غايە، ئەمەلگە ئاشمىغاننى خىيال، خىيال بولغاندىمۇ قۇرۇق خىيال دەيمىز. غايە تۇرغۇزۇڭ، غايىڭىزنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇڭ. پەقەت ئەنە شۇ چاغدىلا، سىز غايىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى غالىبلاردىن بولغان بولىسىز، ئانىڭىز ئۇلۇغ ئانا بولغان بولىدۇ.
            سىزگە سوئال: مەغلۇبىيەتتىن تىك تۇرۇپ غەلىبىگە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىيەلەمسىز؟ ئۆزىڭىزنى غايىسىگە يەتكۈچى، ئانىڭىزنى ئۇلۇغ ئانا سالاھىيىتىگە ئىگە قىلالامسىز؟!...
            ئانام رەھمىتى 17 پەرزەنتلىك بولدى. ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن يەتتە بالىنى بېقىپ، ساق - سالامەت قاتارغا قوشتى. ھەربىرىمىزنى بىردىن شەھەرگە شەھەر باشلىقى ياكى بىردىن ئىدارىگە باشلىق قىلىپ چىقالمىغان بولسىمۇ، دىيانەتلىك، ئىنسانىي پەزىلەتكە ئىگە كىشىلەردىن قىلىپ چىقتى. ئانامنىڭ مېنى ئەلباشى قىلىپ تەربىيىلەپ چىقالمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇ ئۇلۇغ ئانا ئەمەس دېسەم مۇۋاپىق بولارمۇ؟ ياق، بولمايدۇ. مەن بالىلىقىمدا ئوقۇتقۇچى بولۇشنى، ئوقۇتقۇچى بولغاندىمۇ تەبىئىي پەن ئوقۇتقۇچىسى بولۇشنى غايە قىلغان. مانا بۈگۈن دەل شۇ تەبىئىي پەن ئوقۇتقۇچىلىقىدا ئادەم تەربىيىلەپ يۈرۈپتىمەن. دېمەك، مەن غايەمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم، ئانام رەھمىتى مېنى شۇ غايەم يولىدا تەربىيىلىدى، مەن ئۈچۈن ئۇلۇغ ئانىلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولدى.
            ئۇنداقتا، ئانىلارنى (پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ ئانىسىلا ئەمەس) ئۆز قارىشىڭىزنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، «ياخشى، يامان» ياكى «ئۇلۇغ، ئۇلۇغ ئەمەس» دەپ كاتېگورىيىگە ئايرىشقا بولامدۇ؟ ياق، بولمايدۇ. (چۈنكى، ئۇ خىل ھوقۇق بىزدە ئەمەس)
            ئادەم تەن بىلەن جاندىن تۈزۈلگەن، ئەڭ مۇھىمى پەقەت ئۆزىگىلا خاس ئىدىيىگە ئىگە بولغان مەخلۇق. شۇ سەۋەبلەرگە كۆرە ئادەمنى، ئادەملەرنىڭ ئىدىيىسىنى مەلۇم بىر رامكىغا سېلىشقا بولمايدۇ.
            دوستلىرىڭىزنىڭ نەزىرىدە سىز ياخشى ئادەم، دۈشمەنلىرىڭىزنىڭ نەزىرىدە سىز يامان ئادەم. ئۇنداقتا سىز زادى ياخشى ئادەممۇ ياكى يامان ئادەممۇ؟
            ياپونىيىدىكى ياسوكانى قەبرىستانلىقى (ئەلنى تىنچلاندۇرغۇچىلار مازىرى) نى كورىيىلىكلەر، جۇڭگولۇقلار «ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى قەبرىستانلىقى» دەپ قارايدۇ. ياپونىيىلىكلەر بولسا «دۆلەت قەھرىمانلىرى قەبرىستانلىقى» دەپ قارايدۇ. ئۇنداقتا قەبرىستانلىقتا ياتقانلار زادى ياخشى ئادەممۇ ياكى يامان ئادەممۇ؟
            تامغا ئېسىلغان « 6 » دېگەن سانغا قاراڭ. ئۇنى پەستە تۇرغانلار « 6 » دەپ ئوقۇيدۇ، تام ئۈستىدە تۇرغانلار « 9 » دەپ  ئوقۇيدۇ، ئۇنداقتا زادى كىمنىڭ گېپى توغرا؟
           مېنىڭ سۆزۈم شۇكى، كۆزىتىش ئورنى، كۆزىتىش مەۋقەسى ئوخشاش بولمىسا، كۆزىتىش نەتىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
            مەن بۇ پىكىرلىرىم بىلەن جەمئىيىتىمىزدە باش كۆتۈرۈۋاتقان، تۆۋەندە يېزىلماقچى بولغان قىسمەن بىر ئېقىمغا كۆز يۇمماقچى، ئۇنى نەزەردىن ساقىت قىلماقچى ئەمەسمەن.
            بالىلارنى ئېلىپ - سېتىۋاتقان، ئوغرىلىققا، پاھىشىگە، زەھەرگە كۆندۈرۈۋاتقان، ئۆزىنىڭ شەخسىي ھۇزۇر ھالاۋىتى ئۈچۈن بالا تەربىيىسىنى تەرك ئەتكەن بىر قىسىم ئىپلاسلارنى (ئۇلارنى «ئانا» دەپ ئاتاپ ئانىلارغا، «ئىنسان» دەپ ئاتاپ ئىنسانلارغا، «ھايۋان» دەپ ئاتاپ ھايۋانلارغا ھاقارەت كەلتۈرۈشنى خالىمىدىم) كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. ئۇلار كەلتۈرۈپ چىقارغان پاجىئەلىك قىلمىشلارنىڭ زىيىنىغا ھەربىرىمىز قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرۇۋاتىمىز. ئۇلارنى بىز تەرىپلەۋاتقان ئۇلۇغ ئانىلار ياكى ئانىلار قاتارىغا ئەمەس، ئىنسانلار قاتارىغا، ھەتتا ھايۋانلار قاتارىغىمۇ قويۇشقا بولمايدۇ. ئۇلار پەقەت «ئۇلار» دۇر، ئۇلار پەقەت ئىپلاسلاردۇر.
            بۇ يازمامنى تۆۋەندىكى بايانلار بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن:
            تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا سىنىپ مۇدىرىمىز «جاھاندىكى قىزلارنىڭ % 95 ى ساراڭ، پەقەت % 5 ىلا ئوڭ. ئۇ بولسىمۇ بىزنىڭ ئانىمىز.» دەيدىغان. مەن بۇ پىكىرنى مۇنداق قوبۇل قىلىمەن:
            «جاھاندىكى قىزلارنىڭ پەقەت % 5 ى ساراڭ، % 95 ى ئوڭ، ئۇلۇغ. ئۇ بولسىمۇ بىزنىڭ ئانىمىز.»

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئانىلار