دوزاخ بەندىسى(ھىكايە)

يوللىغۇچى : ياشلىق يوللىغان ۋاقىت : 2008-05-29 20:15:00

دوزاخ بەندىسى(ھىكايە)ئۆ. س. ياشلىق ئابلىكىم ئابلىمىت تاغتېكىننىڭ «تۇرپان» ژورنىلىنىڭ2004-يىللىق1-سانىغا بېسىلغان «زىمىستان كۈيى»ناملىق ھىكايىسى ئىزىدىن «ئەمدى ئۆلسەممۇ ئارمىنىم يوق، -خىياللار قاي...

    دوزاخ بەندىسى(ھىكايە)

    ئۆ. س. ياشلىق


    ئابلىكىم ئابلىمىت تاغتېكىننىڭ «تۇرپان» ژورنىلىنىڭ2004-يىللىق1-سانىغا بېسىلغان «زىمىستان كۈيى»ناملىق ھىكايىسى ئىزىدىن

     

       «ئەمدى ئۆلسەممۇ ئارمىنىم يوق، -خىياللار قاينىمىدا ئىدى ھېمىت، -ئۆلسەممۇ قىيامەت كۈنى دادامنىڭ يۈزىگە يۇرۇق قارىيالايمەن. ئۇ مېنىڭدىن پەخىرلىنىدۇ، ئەمدى جامائەت ئالدىدا قەددىنى تىك تۇتۇپ يۈرەلەيدۇ.
    نادىرپالۋان دېسە تاغچىمەنلىكلەرنىڭ ئاغزىغا بىر كېلىدىغان كاتتا ئادەمنى داۋۇت بەڭگىدەك سېسىق نامى پۇر كەتكەن بىر نەشىكەشنىڭ بوزەك قىلىشى چوڭ ھاقارات!ئۇ دادامنى قېرى كۆرۈپتىما؟ئۇ قېرىسا مەن بارغۇ مانا؟ئۇ سېسىق بەڭگە بۇنى يادىدىن چىقىرىپ قويغان چېغى ، ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئۆلمىكى ھەق. . . »
      ھىمىتنىڭ خىيالىنى تۇيۇقسىز ئۇنىڭغا ھۇۋلىغىنىچە ئېتىلىپ كەلگەن يالغۇز بۆرىنىڭ ھۇجۇمى ئۈزۈپ قويدى.
     قارىغاندا بۇ جانىۋار خېلىدىن بۇيان ئۇنىڭ پىيىغا چۈشۈپ ئەگىشىپ كەلگەندەك قىلاتتى.
     ھىمىت داۋۇت بەڭگىنىڭ ئۆلۈكىنى ئۇنىڭ بالىلىرىغا تاشلاپ بەرگەندىن كىيىنلا ئۆزى داۋۇت بەڭگىنى جايلىۋەتكەن جاي بىلەن ئايلىنىپ قېچىپ كېتىۋاتاتتى.
     بۇ بۆرىنى داۋۇت بەڭگىنىڭ قېنىنىڭ ھىدى ئېلىپ كەلگەنلىكى، ئەمما تاپنى تاپالماي يۈرگەنلىكى ئېنىق ئىدى.
     بۆرىنىڭ ھىمىتقا غالجىرلىق بىلەن قىلغان ھۇجۇمىدىن ئۇنىڭ ئاچ قالغىنغا ئۇزاق بولغانلىق بىلىنىپ تۇراتتى.
    بۆە ھەدەپ ھىمىتنىڭ كانىيىنى چىشلەشكە ئۇرۇنىۋاتاتتى، ھىمىتكە كانىيىنى بۆرىگە چىشلىتىپ قويسىلا ئۆزىنىڭ تۈگىشىدىغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. بۇ جانىۋار ئاچ قالغىنىغا قارىماي ناھايىتى زورۇقۇپ كۈچ ئىشلىۋاتاتتى.
      ھىمىت دەل ئۆزى داۋۇت بەڭگىنى ئۆلتۈرگەن جايدا بۆرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشىشىنى ئويلاپ باقمىغانىدى.
      ھىمىت بىر سىلكىنىپلا بۆرىنىڭ ياۋۇزلۇق ھەم ئۇزۇققا بولغان تەشنالىقى يېنىپ تۇرغان كۆزىگە غەزەپ بىلەن ئارقا-ئارقىدىن ئىككى مۇشت سېلىۋەتتى، بۆرە كاڭشىغىنىچە ھىمىتنىڭ ئۆستىدىن چۈشۈپ كەتتى.
     پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن ھىمىت يېنىدىن ئۇزۇن ساپلىق پىچىقىنى چاققانلىق بىلەن چىقىرىپ بۆرىنىڭ دەل بوينىغا سېلىۋەتتى.
     بۆرە بىردەم خارتىلداپ تۇرغاندىن كىيىن ئاستا-ئاستا جىمىپ قالدى.
     ھىمىتنىڭ ۋۇجۇدىدىن بۆرىنىڭ ۋەھىمىسى تارقالدى، ئۇ قېنىپ بىر قېتىم ئەركىن نەپەس ئالدى.
     ئۇ داۋۇت بەڭگە بىلەن ئېلىشقان چاغدا ئۇنىڭدا قىلچە «ئۆلۈپ كېتەرمەنمۇ؟»دېگەن ئەجەل ۋەھىمىسى يوق ئىدى،
    ئۇنىڭدا بىرلا مەقسەت ــ داۋۇت بەڭگىنى ئۆلتۈرۈش ئويىلا بار ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭغا يۈكلەنگەن «ئاتا قىساسى»ئۇ ئالماقچى بولغان «ئاتا دۇئاسى»بار ئىدى، ئۇ نىمە قىلىشتىن قەتئىي نەزەر داۋۇت بەڭگىنى ئۆلتۈرمىسە بولمايتى.
      بۆرىنىڭ ھۇجۇمىغا بولسا قورساق تەشنالىقى سەۋەب بولغان ئىدى.
      ھىمىتتىكى ۋەھىمە بۆرىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇش ۋەھمىسى ئىدى.
     ھىمىت پىچىقىنى ئاپئاق قار بىلەن تازىلىدى. نەگە بېرىش توغرىسىدىكى خياللار ئۇنى قىينىماقتا ئىدى.
    ئۇنىڭ خيالىغا شەھەردە «دوزاخ بەندىسى»بۇلۇپ ئۆتكەن ئالتە يىللىق ھاياتى كەلدى، ئۇ ئەمدى ھېلىقى قورۇغا بارالمايدۇ. . . شەھەرە باردى دېگەنلىك تۈرمىگە ئۆز ئىختىيارى بىلەن باردى دېگەن سۆز.
     ئۇ خيالىغا شەھەرگە تنجى يىلى داڭلىق شەھەر لۈكچىكى دېلىم يوغانباش بىلەن بولغان ئېلىشىش كەلدى.
     ھېلىقى دەھشەتلىك ئېلىشىتىن كىيىن سېلىم ئۇنىڭغا:-بۈگۈندىن ئېتىبارەن بىز دوست، ئاي ئۆتۈپ يىللار ئۆتۈپ بېشىڭغا كۈن چۈشسە مىنى تاپ !دېمىگەنمىدى؟
      ئۇ گېپىدە تۇرار-ھە!
    سېلىمنى تېپىش ئۈچۈن شەھەرگە بارماي بولمايتى، ئۇ يەنىلا ئاۋال شەھەرگە بېرىشنى قارار قىلدى.
     ئۇ چەكسىز كەتكەن قارلىق جىرادىن تاڭ ئاتارغا يېقىن چىقىپ شەھەر يولىغا قاراپ يول ئالدى.
     ھىمىت چاشكا ۋاقتىغىچە پىيادە ماڭدى، شەھەرگە ئالتا چاقىرىم چامىسىدا قالغاندا ئۇ يولنىڭ بويىدىكى بىر تۈپ سۆگەتنىڭ ئاستىغا كېلىپ ياتتى.
     ئۇنىڭ قۇلىقىغا يەر تېگىدىن كېلىۋاتقان ئاتنىڭ دۈكۈرلەشلىرىگە ئوخشاش ئاۋاز كىردى.
     ئۇ چۆچۈپ بېشىنى كۆتۈرۈپ شەھەر يولىغا قارىدى، يىراقتا بىر توپ ئاتلىق كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا ئات چاپتۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى.
     ئۇلار يېقىن كەلگەندە ئاتقا ئېغىر يارىلانغان يەنە بىرەيلەننىڭ مىنگەشكەنلىكىنى كۆردى،
     ھىمىت يارىلانغان كىشىنىڭ تۇنۇدى، ئۇ شەھەرنىڭ داڭلىق لۈكچىكى سېلىم يوغانباش ئىدى.
     ئۇ ئاتلىقلارنى توختاتتى.
    قەھرىتان قىشنىڭ ئاچچىق سۇغۇقى يارىلانغان سېلىمنىڭ يۈز-كۆزلىرىدىكى قان داغلىرىنى توڭلىتىۋەتكەنىدى.
     ئىڭەكلىرى يارا ۋە ئىششىقتىن كۆكەرگەن سېلىم ئاتقا چاپلىشىپلا قالغانىدى.
    يولدا ئۇلارنى توسقان يۇچۇن كىشى ئۇلارنىڭ ئەندىشىنى كۈچەيتىۋەتكەنىدى، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ھېلىقى بىر توپ يەجۈجى-مەجۈجىلەرنىڭ قوغلاپ چىقىپ كېلىشىنىمۇ يوق دېگىلى بولمايتى.
     ھىمىت يول تۇسۇپ ۋارقىرىشى بىلەن توپنىڭ ئەڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان ئاتلىق توختىدى، بۇنىڭغا ئەگىشىپلا توپنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇھاپىزەت ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن كېلىۋاتقان سلىم باشلىق كىشىلەرمۇ ئاتنى توختاتتى.
     ھىمىت سېلىمنىڭ بۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىنى ھەرگىزمۇ ئويلاپ باقمىغانىدى، سېلىمنىڭ ئالتە يىل ئاۋالقى كۆرگەن كىشلەرنى تىترەكۈدەك ئەلپازى بۈگۈن قالمىغانىدى. ئۇنىڭ ئاتقا ئاران چاپلىشىپ تۇرغان ھالىتىلا بۇ «ئەركىن دۇنيانىڭ قەھرىمانى»غا نىسبەتەن كىشىنىڭ ئىچىنى سىيرىلدۈرەتتى.
     ھىمىت سېلىمغا بولغان ئېچىنىش ھېسسياتىنى ئاران بېسىپ تۇرۇپ، تىترەڭگۈ ئاۋاز بىلەن:-سىلەر سېلىمنىڭ توپىدىكىلەرمۇ؟سېلىمغا نىمە بولدى؟، -دېدى.
     ئۇلار ھىمىتقا سوئال نەزىرى بىلەن قايتىدىن تىكىلىپ قارىدى، ۋە ئارىدىن بىرى:-سەن ئۆزۈڭ كىم؟بىزنى يولدىن قويما!گېپىڭ بولسا ئۇچۇق قىل!، -دېدى دېدى شەھەر يولىغا قاراپ قۇيۇپ دوق بىلەن.
     - ئالتە يىل ئىلگىرى ھېلىقى قورۇدا سېلىم بىلەن ئېلىشقان ھىمىت مەن بولىمەن!، -دېدى ھىمىت.
     ئاتقان چاپلىشىپ ئاران تۇرغان سېلىم بۇ گەپنى ئاڭلاپ تۇيۇقسىز ئاتتىن باشقىچە چاققانلىق بىلەن ئۆرە بۇلۇپ ھىمىتقا سىنچىلاپ قارىدى. توپىتىكلەر ناھايىتى چاققانلىق بىلەن سېلىمنى ئارىغا ئېلىپ ئالاھىدە مۇھاپىزەت قىلىش ھالىتىگە كىردى.
     سېلىم ئۇلارغا ئىشارەت بىلەن يولنى بوشاتقۇزۇپ ھېمىتنىڭ ئالدىدا ناھايىتى تەسلىكتە ئاتتىن چۈشۈپ خۇددى ئۇزۇن يىل كۆرۈشمىگەن قېرىندىشنى ئۇچراتقان كىشىدەك ئۇنىڭغا ئېسىلىپ بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتى.
     شۇ تاپتا ھىمىتنىڭ يۈرىكىمۇ سېلىمنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ ئېزىلىپ كەتمەكتە ئىدى.
     سېلىم بىر ھازا يىغلاپ ئىچىنى بوشىتىۋالغاندىن كىيىن ئاجىزلاشقان جىسىمىنى قېلىن يۇڭلۇق جۇۋىنىڭ ئىچىگە ئالدى.
     ھىمىت سېلىمنىڭ قانداق بۇلۇپ بۇ ھالغا چۈشۈپ قالغىنى سورىدى، سېلىمنىڭ ئېيتىشىچە ئالدىنقى كۈنى بولغان بىر جېدەلدە ئۇ ئۆزىگە ئۇزاقتىن بۇيان چىشىنى بىلەن كەلگەن دۈشمەنلىرىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويغانىدى، ئۇلاردىن بىرنەچچىسى گۇرۇھلىرى بىلەنلا بىرلىشىپ بۈگۈن سەھەردە سۈت ئۇيقۇدا ياتقان سېلىمنىڭ تۇرالغۇسىغا بىراقلا كالتەك-توقماق بىلەن ھۇجۇم قىلىشقانىدى، ئۆزىنى ئوڭلاپ بولالمىغان سېلىم بىراقلا چېكىنىپ كۆپ بەدەل تۆلىگەننىڭ ئۈستىگە تاياق زەربىسىدىن مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغاندا ئاران قېچىپ قۇتۇلغىنى، ئۇنىڭ بىر قىسىم ئادەملىرىنىڭ بەلكىم ھازىرمۇ مۇشتلىشپ قالغىنى ئېچنىپ تۇرۇپ يىغا ئارىلاش سۆزلەپ بەردى.
     ھىمىت ئۆزىنىڭ ئەينى يىللاردا دادىسنىڭ ئۆيدىن قوغلىۋېتىشى بىلەن شەھەردە «دوزاخ بەندىسى»بۇلۇپ يۈرگەن چاغلىرىدا دادىسنىڭ داۋۇت بەڭگە تەرىپىىدن بوزەك قىلىنغانلىقىنى شۇڭا ھىمىتنىڭ ئۆيىگە چىققان كۈنىلا داۋۇت بەڭگىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ قېچىپ كېتۋاتقانلىقنى، سېلىمنىڭ ھېلىقى سۆزى بويىچە سېلىمنى ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.
     ئىككلەيلەن قايتىدىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈشتى.
     ھىمىت شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا سېلىمنىڭ توپىدىكى بىرسىنىڭ ئېتىغا مىنگىشىپ ئۇلار بىلەن بىللە مېڭىپ كەتتى.

    2

       بوۋاي-نادىرخان ھىمىتنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەقدىرى ئۈستىدە كۆپ ئويلاندى، ھىمىت داۋۇت بەڭگىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ قېچىپ كەتكەن سەكىزىنچى كۈنى تاغدىيارغا ئاندىن تاغچىمەنگە«نادىر پالۋاننىڭ ئوغلى ھىمىت قاراقچىلار توپىغا قۇشۇلۇپ كېتىپتۇ!»دېگەن خەۋر يىتىپ كەلدى.
     بۇ خەۋەرنى ئۆيدىكىلەر نادىر خاننىڭ سالامەتلىكىنى ئويلاپ دەسلەپ ئېيتىشمىدى، بۇ خەۋەر كامالنىڭ ئىچىگە پاتمىدى بولغاي، بىر كۈنى سەھەرلىكى ئەتىگەنلىك تاماق ۋاقتىدا گەپنى ئەگىتىپ يۈرۈپ دادىسىغا پۇرىتىپ قويدى، زېرەك نادىرخان كامالنىڭ نىمە دېمەكچى بولغانلىقىنى سەزدى.
     كامال دادىسىغا نەسىھەت قىلىدىغان پۇرسەتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكنى پەملەپ كونا دېپىنى چېلىشقا باشلىدى:_
     مەن دېگەن قاننى قان بىلەن يۇيغىلى بولمايدۇ دەپ، مەن ھېلىقى چاغدىلا ھىمىتنى چاقىرىشنى توغرا تاپمىغان ئىدىم، مانا ئەمدى ئۇ قاتىلغا ئايلاندى، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى تەقدىرى قېچىش بىلەنلا ئۆتەمدۇ؟بىركۈنى بولمىسا بىركۈنى مۇشۇ قاتىللىقنىڭ جازاسىنى تارتىپ قالمىسىغۇ بولاتتى؟!مەن شۇڭا. . . .
     نادىرخاننىڭ قولىدىكى گۈللۈك پىيالە چۈشۈپ كەتتى، ئۇ خۇددى كامالنى ھازىرلا كۆرۈۋاتقاندەك بىر ھازا چەكچىيىپ تۇرۇپ قالدى ۋە بىردىنلا ھېلىقى بىچارە ھالىتىگە قايتىپ كەتتى.
     تىنىقلىرى ئېغىرلاشقان نادىرخان كامالغا ئېچىنش تەلەپپۇزىدا سۆزلەشكا باشلىدى:-
     سەندە كاشكى ئۇكاڭ ھىمىتنىڭ يېرىمى بولغان بولسا ھىمىت قاتىلغا ئايلىنىپ قالمايتى، ئۇنى شەھەردە خاتىرجەم ياشاۋاتقان يېرىدىن چاقىرتىپ كەلگەنمۇ مانا مەن، مەن سەندىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتكەن، سەن مىنىڭ ئۈمىدىمنى ئاقلىيالمىدىڭ!سەندە ئەقىل بولغان بىلەن ئەقىلنى كۈچكە ئايلاندۇرىدىغان جاسارەت كەم، كامال ئوغلۇم. . . .
     بوۋاينىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى بىردىنلا قېقىلىپ يۆتۈلۈشكە ئۆزگىرىپ كەتتى، ئالاقزادە بولغان كامال دادىسىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ دادىسىنىڭ غولىنى بوش-بوش شاپىلاقلاشقا باشلىدى، بوۋاينىڭ ئېغىزىدىن قاقتەك چوڭلۇقتىكى قېتىپ قالغان قان ئېتىلىپ چىقتى.
     ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى سەزگەن كامال ئۆيدىكلەرگە بۇيرۇق قىلىپ يۈرۈپ دادىسىنى تىزلىكتە شەھەردىكى دوختۇرخانىغا يۆتكەپ كەتتى، تېخى تۈنۈگۈنلا بىر ئوبدان مېڭىپ يۈرگەن نادىرخاننىڭ تۇيۇقسىزلا دوختۇرخانىغا كىرىپ قېلىشنى جامائەتنى ھەيراندا قالدۇردى، مويسىپىتلار «ئىچى كۈچلۈك ئادەم ئىدى، دەردى ئىچىگە پاتماپتۇ-دە؟!»دېيىشتى بىر-بىرىگە.
     دۇختۇرلار بوۋاينى بىر قۇر تەكشۈرۈپ يۈرۈپ ئۆيىگە ئاپىرىپ ئوبدان بېقىۋىشنى تاپىلاپ ئۇلارنى چىرايلىقچە يولغا سالدى.
     بوۋاينىڭ كېسىلى بارغانچە ئېغىرلاپ كەتتى، پۇت-قولى تىترەيدىغان بۇلۇپ قالغاننىڭ ئۈستىگە تەرىتى ئورنىدا بۇلۇپ قالدى.
      مۇشۇنداق قىينىلىپ يۈرۈپ ئارىدىن يىگىرمە نەچچە كۈن ئۆتكەن بىر سەھەرلىكى بىر چاغلاردا تاغدىياردا زور ئابرويغا ئېرىشكەن نادىرخان مەڭگۈلۈككە كۆز يۇمدى، ئۇ كۆز يۇمۇش ئالدىدىمۇ ھىمىتنىڭ ئىسمىنى تەكرارلاپ جان ئۈزدى.
     پۈتكۈل تاغدىيار نادىرخاننىڭ ۋاپاتى بىلەن تەۋرەپ كەتتى، ھاياتىدا ئاددىي ئەمما ئۆز قىمىتىنى يارىتىپ ياشاپ ئۆتكەن بوۋاي- نادىر پالۋاننىڭ مېيىتى ناھايىتى كاتتا ئۇزىتىلدى.
    نادىرخان ۋاپات بۇلۇپ 3-كۈنى سەھەرلىكى نادىر خاننىڭ قەبرە بېشىدا ھىمىت پەيدا بولدى، ئۇنىڭغا بۇ خەۋەرنى كىمنىڭ يەتكۈزگەنلىكى ئېنىق ئەمەس ئىدى،
    ئۇ شۇ كەلگىنىچە ئۆزىنى قەبرىگە تاشلىغىنىچە پىچاق يىگەن بۇقىدەك ھۆركىرەپ بىر ھازا يىغىلدى، يىغىسى توختىغاندىن كىيىن، كىچىك ۋاقتىدا قادىرخان چوڭ دادىسىدىن ئۆگەنگەن ئايەتلىرىنىڭ ئېسىدە قالغانلىرىنى يىغا ئارىلاش قىرائەت قىلدى.
     ھىمىتنىڭ مۈرىسىگە يىنىك بىر قول كېلىپ تەگدى، ئۇ چۆچۈپ ئۆرۈلدى، ئاكىسى كامال ئۇنىڭ كەينىدە تۇراتتى.
     ئاۋال سالام-سەھەت قىلىشقاندىن كىيىن ئىككسى قايتىدىندادىسنىڭ قەبرە بېشىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ قىرائەت قىلىشتى.
     ئۇلار قايتماقچى بۇلۇپ ئورنىدىن تۇردى، ئاۋال كامال گەپ باشلىدى:-
     سەن قاچانغىچە قېچىپ يۈرمەكچى؟ئۆزۈڭنى مەلۇم قىل بىر نەچچە يىلدىن كىيىنلا چىقىپ كېتىسەن، بىزنى ئەمدى بولسىمۇ خاتىرجەم قىلغىن. . . .
     ياق، دېدى ھىمىت تەرسالىق بىلەن، -ئۆلسەممۇ بارمايمەن، مىنىڭ قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلىرىم بار، ئاڭلاپ قوي كامال، دادامنىڭ ئۆلۈمىگە سەن سەۋەبچى بولدۇڭ!سەن دادامغا قانچىلىك ئىش قىلىپ بېرەلىدىڭ!دادام شۇنچە ھاقارەت ئىچىدە ياشاۋاتقاندا سەن بېرىپ داۋۇت بەڭگىنى بىر چېكەلىدىڭمۇ؟دادام ئۈچۈن بىر بەڭگى تەرىپىدىن بوزەك قىلىنىشنىڭ قانچىلىك ئېغىر خورلۇق بولدىغانلىقىنى سەن ھېس قىلالامسەن؟
    - قانداق قىلسام بولاتتى، -دېدى كامال، -باشقا گەپنى قۇيۇپ سەن ئاۋال ئۆزۈڭنى مەلۇم قىل!قالغان گەپنى كىيىن دېيىشەيلى!ماڭ مەن بىلەن. . .
     «قارس»قىلىپ تەگكەن بىر شاپىلاقتىن كامال كەينىگە ئۇچۇپ كەتتى، شۇ ھامانلا ئۇنىڭ ئىڭىكىگە ھىمىتنىڭ بەش بارمىقىنىڭ ئىزى چىقتى.
     ھىمىت قولللرىنى شىلتىپ سۆزلىدى:-مەن مۇشۇنداق يۈرۈيمەن، ساڭا يەنە بىر دەپ قوياي مىنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىم كۆپ، كامال سەن بۈگۈنلا مىنىڭ ھۆرمىتىمدىن چۈشۈپ كەتتىڭ، سەندىن دادامنىڭ روھى قۇرۇنىدۇ، بىلىپ قوي بىزنىڭ جەمەتىمىزدە سەندەك يارىماسلارغا ئۇرۇن يوق!
     
    ھىمىت ئېغىر قەدەملەر بىلەن قەبرىستانلىقتىىن چىقىپ كەتتى، يولنىڭ چېتىدە ئۇنىڭ باغلاقلىق ئېتى پۇشقۇرتۇپ چاپچىپ تۇراتتى، ئۇ ئاتقا مىندى-دە ئاتقا بىر قامچا سېلىپلا ئاكىسى كامالنىڭ كۆزىدىن غايىپ بولدى.

    3

      ئات ئۈستىدە كېتىۋاتقان ھىمىت ئاكىسى كامال توغرۇلۇق خىيال سۈرۈۋاتاتتى، ھىمىتنىڭ قارىشىچە ئاكىسى كامال «ئەركەك»لىكنىڭ تارازىسىغا چۈشەلمەيتى، كامال بولسا ئىنىسى ھىمىتنى قارا كۈچتىن باشقىنى ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغان تەلۋە غۇرۇرنىڭ ئىگىسى دەپ ئويلايتى.
     كامال توغرۇلۇق خىياللار بىردىنلا ئايلىنىپ كېلىپ ھىمىتنى دادىسى نادىرخانغا مەركەزلەشتۈرۈپ قويدى«دادام ئۇنىڭدىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتەتتى، ئىىست دادامنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ئەقىدىسى. . . . ئۇنى مۇشۇنداق لاتا مىجەز قىلىپ قويغان زادى نىمە؟ھېلىقى كېسەكتەك قېلىنلىقتىكى كىتابلارنى ئۇقۇۋېرىپ مۇشۇنداق بۇلۇپ قالدىمۇ-نىمە؟
    كامالنىڭ ئوغلىنىڭ ئېتى نىمىتى. . . بىر نىمە تۈرك. . . . . بۇ لاتا بۇ ئوغلىنىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش جاسارىتى يوق قىلىپ تەربىيىلەپ قويماس-ھە؟»
     ھىمىت بىردىنلا ئاكىسى كامالنى بىر شاپىلاق سالغانلىقىغا پۇشايمان قىلىپ قالدى، يەنە تىزلا ئۆز-ئۆزىگە ئۇ مۇشۇ بىر شاپىلاقنى يىيىشكە ھەقلىق بەلكىم ئۇ ئەمدى مىنىڭ دېگەنلىرىمنى. . . . . دېگەنلەرنى ئويلىدى.
     
    سېلىمنىڭ يارىسى بىر ئايدىن ئۇزۇن ۋاقىتقا سۇزۇلۇپ بارا-بارا ياخشىلىنىپ كەتتى، ئۇ ھەپتىدە بىر قېتىم ئادەملىرىنى بۇيرۇپ ئىشىق ۋە يارىغا شىپا بولىدىغان دورىلارنى ئەكەلدۈرۈپ ىېلى ياخشىلىنىپ قالدى، ئىلگىرىكىدەك سەللىمازا بۇلۇپ بولالمىسىمۇ ھەر ھالدا چىڭ-چىڭ دەسسىگۈدەك بولغانىدى.
     ھىمىتنىڭ ھېلىقى كۈنى ئۇنىڭغا يولدا ئۇچرىشى ئۇنى خۇددى خىزىرغا يولۇققاندەك خوشال قىلدى، شۇڭلاشقىمۇ دەردى ئىچىگە پاتمىغان سېلىم ھىمىتنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ خۇددى كىچىك بالىلاردەك ئۆزىنى قۇيۇۋېتىپ يىغلىۋەتتى.
    سېلىم بىرەر ئىش چىقىپ قالسا پاناھلانغۇدەك جاينى بۇرۇنلا ھازىرلاپ قويغانىدى، شەھەرگە نەچچە چاقىرىم كېلىدىغان يىراقلىقتىكى بىر كونا قىشلاققا ئۇ تاپقان-تۈگكەنلىرىنىڭ بىر قسىمىنى يۆتكەپ قويغانىدى، مۇشۇنداق قىينىلىپ تۇرغان ئەھۋالدا بۇ سېلىمغا تولىمۇ ئەسقاتتى.
     سېلىم ئۆزىنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىنى خىيال قىلىشقا باشلىدى، ئۇ كىچىكىدىلا قېنى قىزىق بالا ئىدى،
    دائىملا توپلىشىپ يۈرۈپ جېدەل تېرىيتى، بىر قېتىم ئۆزىنىڭ مەھەللىسىدىكى بىر قېرى باغۋەننىڭ بېغىغا ياڭاق ئوغرىلاشقا چۈشتى، ئىككى خالتا كەلگۈدەك ياڭاقنى باغدىن ئېلىپ چىقىشقاندىن كىيىن بۇ ياڭاقنى قانداق بۆلۈشۈش توغرۇلۇق كېلىشەلمىدى، سېلىم ياڭاقنىڭ بىر خالتىىسنى ئۆزى يالغۇز ئىگەللەشنى خالايتى، ئەمما ئۇنىڭ بۇ پىكرى باشقا شىرىكلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى، بۇرۇندىنلا دېگىنىنى قىلىپ ئۆگىنىپ قالغان سېلىمنى بۇ ئىش قاتتىق غەزەپلەندۈردى، سېلىمنىڭ ئاغزىنى بۇزۇپ ئۇلارنى تىللىشى جېدەلنى بىراقلا چوڭايتىۋەتتى، بەش-ئالتە بالا بىراقلا كېلىپ سېلىمنىڭ باش -كۆزلىرىگە «مۇكاپات» بېرىشكە باشلىدى.
     شۇ ئارىلىقتا سېلىم ۋىجىكرەك كەلگەن بىر بالىنى باشقىلارنىڭ تايىقىغا پەرۋا قىلمايلا ئاستىغا بېسىلىپ قورسىقىغا ئارقا-ئارقىدىن ئىككىنى تىزلىۋەتتى، بىردىنلا بالىنىڭ ئاغزىدىن كۆپۈك يېنىپ چىقىشقا باشلىدى، بالىلار ۋاڭ-چۇڭ قىلىشپ كېتىشتى، كىمدۇ بىرى«ئۇ ئۆلۈپتۇ»دەپ ۋارقىرىۋەتتى. . .
     بۇ گەپ بىلەن تەڭ سېلىمنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىشقا باشلىدى، قانداق قىلىش كېرەك؟ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى تەنتەك خىياللىرى ئۇنى قېچىشقا بۇيرىدى. ئۇ ئۆزىنى ئورىۋالغان بالىلارنى ئىتتىرىۋېتىپلا ئۇدۇل كەلگەن تەرەپكە كاچتى، بالىلار بولسا ھېلىقى بالىنى كۆتۈرۈشۈپ يۈرۈپ مەھەللە ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ كېتىشتى.
    بۇ سېلىمنىڭ ئەمدىلا ئون بەش ياشقا كىرگەن مەزگىلى بولغاچقا ئۇ شۇ قورقۇنچىدا قاراڭغۇ كىرگۈچە بىر چوڭ كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدا مۆكۈنۈپ ياتتى، قاراڭغۇ چۈشكەندىن كىيىنلا كۆۋرۈك ئاستىدىن چىقىپ توپتوغرا ئىككى كۈن قاچتى، ئۇ ئۆزىگە تۇنۇش بولغان ناھىيە بازىرىدىمۇ تۇرماي ئىككى شەھەرنى ئايلىنىپ يۈردى، بۇ ئارىلىقتا ئۇ ھېلىق بالىنىڭ ئۆلمىگەنلىكىنىمۇ ئاڭلىدى، ئەمما ئۇ ئۆيىگە قايتمىدى، شەھەرىڭ قەيېرىدە كۆپ جېدەل-ماجرا بولسا ئۇ شۇيەردە پەيدا بولاتتى، بۇلۇۋاتقان ئىشقا ھاقۋاققنىچە قارىشىپ قالغانلاردىن بەزىلەرنىڭ يانچۇقىنى كولاپمۇ ئۈلگۈرەتتى، شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ ئۇ شەھەردە ئۆزىگە ئوخشاشلاردىن بىر نەچچىسى بىلەن تۇنۇشتى.
     سېلىمنىڭ قورقۇمسىزلىقى سېلىمنى ئۇلارنى «ئاتامان»قىلىپ قويدى.
    كىيىن بىر قېتىم دادىسى ئۇنى ئىزدەپ كەلگەنمۇ بولدى، ئەمما ئۇ ئۆيىگە قايتقىلى ئۇنىمىدى، ئامالسىز قالغان دادا ئۆيىگە قۇرۇق قول قايتىپ كەتتى.
     ئۇ شۇنىڭدىن بۇيان ئۆيىدىكىلەردىن ھىچكىمنى ئۇچرىتىپ باقمىدى، ئۇمۇ ئىزدەپ بارمىدى، كىيىنكى كۈنلەردە ئۇ شەھەرنىڭ بەزى ئەخمەق كىشىلىرىدىن «قوغداش»نامى بىلەن پۇل يىغشقا باشلىدى، شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ ھىمىت شەھەرگە كەلگەن يىلىلا ئۇنىمۇ «قوغداش »پۇلى تاپشۇرۇشقا قىستىدى، ئىچى كۈچلۈك ھىمىت بىلەن سېلىم مۇشۇ ئىش سەۋەبىدىن تۇتۇشۇپ قېلىشتى، تۇنۇشۇپمۇ قېلىشتى، قىيامەتلىك بۇرادەرلەردىن بۇلۇشتى.

       4

       سېلىم خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغاننىڭ ئۈستىگە ھىمىتنىڭ ئېتىنىڭ كىشنىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى ئاندىن ھىمىت كىرىپ كەلدى، ھىمىت بۈگۈن ئەتىگەن تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەندە سېلىم ھەيران قالغان ئىدى، ئۇنىڭ ئۈن-تىنسىزلا يوقاپ كېتىشى سېلىمنىڭ ئەندىشىگە سېلىم قويدى.
     سېلىم ھىمىتقا بىر نەرسە دېيىشكە ئاغزىنى ئېچىپ بولغۇچە، ھىمىت گەپ باشلىدى:-مىنى نەگە كەتكەندۇ دەپ ھەيران قالغانسەن، دادام تۈگەپ كەتكىلى ئۈچ كۈن بوپتۇ، بۇ خەۋەرنى مەن بۈگۈن سەھەردىلا ئاڭلىدىم، مىنىڭ قانچاىلىك ئازاپلانغانلىقىمنى بەلكىم سەن ھېس قىلارسەن . . . . دادامنىڭ جىنازىسىنى بىر ئوغۇللۇق سۈپىتىم بىلەن كۆتىرەلمىدىم. . . ئاڭلىسام ئۇ تىنىقى توختاش ئالدىدىمۇ مىنىڭ ئىسىمنى چاقىرىپ تۇرۇپ جان ئۈزۈپتۇ. . . . ئاخىرقى قېتىم بولسىمۇ دادامنىڭ يۈزىنى كۆرەلمىدىم. . . .
      ھىمىتنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى ئېسەدەپ يىغلاشقا ئۆزگىرىپ كەتتى، ھىمىتنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان سېلىمنىڭ كۆزلىرىگىمۇ ئىختىيارسىز ياش ئەگىدى. . . ئۇ ئۆزىمۇ بەلكىم دادىسىنىڭ يۈزىنى كۆرەلمىگەندۇ؟سېلىم دادىسىنىڭ ھايات ياكى ھايات ئەمەسلىكىنى جەزىم قىلالمىدى، كۆرۈشمىگىلى شۇنچە يىل بولغان تۇرسا، بەلكىم ھاياتتۇر، ئۆلۈپ كەتكەن بولسا خەۋىرى بولسىمۇ كېلەتتى. . . .
     ھىمىت سۆزلىرىنىڭ ئاخىرىدا قەبرىستانلىقتا ئاكىسى كامال بولغان پاراڭلىرىنى، كامالنى ئۇرغانلىقىنىمۇ سۆزلەپ بەردى، ئۆزىنىڭ بۇندىن كىيىن قانداق قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا بىر قارارغا كېلەلمەيۋاتقانلىقىنى
    ئوڭايسىزلانغان ھالدا ئېيتتى.
     ھىمىىتنىڭ دادىسى توغرۇلۇق ئېيتقان گەپلىرى سېلىمنى ئويغا سېلىپ قويدى، ئۇ ئون بەش يېشىدا ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندىن بۇيان ئۆيىگە قايتىپ باقمىدى، شۇنچە يىل ئىچىدە ئۇنىڭ ئۆيىدە قانداق ئۆزگىشلەر بۇلۇپ كەتتى، بۇنىسى ئۇنىڭغا قاراڭغۇ. . . . ئىككى يىل ئىلگىرى ئۇنىڭ ئانىسى بىر قېتىم سېلىمنىڭ چۈشىگە كىرگەن، ئەمما سېلىم چۈشىگە ئىرەنشىمىگەن ئىدى. . . ئانىسى بۇرۇندىنلا كېسەلچان ئاجىز ئايال ئىدى، ئۆلۈپ كەتكەنمىدۇ-يا؟
     «ئۆلۈپ كەتكەنمىدۇ»دېگەن خىيال كاللسىغا كېلىشى بىلەن تەڭلا سېلىمىنىڭ يۈرىكى«قارت»قىلىپ قالدى، خۇدا . . . ئۇ كۈننى ماڭا ھارام قىلغايسەن. . . دەۋەتتى سېلىم ئۆز-ئۆزىگە خىيالىدا.
     سېلىمنىڭ خىيالىغا ئۆيىگە بېرىپ بېقىش خىيالى كەلدى، ئۇ ھىمىتكە ئوخشاش ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈزىنى كۆرەلمەي قېلىشىتىن ئەنسىرەپ قالدى.
     ھىمىتنىڭ چىرايىغا قارىغىنىچە خىيال دېڭىزىغا غەرق بولغان سېلىمنى ھىمىتنىڭ تۈرتۈشى ئېسگە كەلتۈردى.
      سېلىم ئۆزىنىڭ ئۆيىگە قايتىش بېقىش خىيالىنى ھىمىتقا ئېيتتى، ئالدىنقى قېتىم بولغان جېدەلدە سېلىم بىرئاز يۈرەكئالدى بۇلۇپ قالغانىدى، ئاخرىدا ئۆزىنىڭ ھىمىتكە ئوخشاش ئاتا-ئانىسىنىڭ دىدارىنى كۆرەلمەي قېلىشتىن ئەنسىرەيدىغانلىقنى بىلدۈردى.
     سېلىم شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئۆزىگە ئەگىشىپ يۈرگەن شىرىكلىرىنى چاقىردى، ئۆزى سىرتقا چىقىپ كېتىپ ھايال بولمايلا كىچىكرەك بىر بولاقنى كۆتۈرۈپ كىردى، ئۇنىڭ چىرايىدا بىر خىل مەيۈسلۈك بىلىنىپ تۇراتتى، شىرىكلىرىگە ئۆزىنىڭ
     ئائىلىسىگە قايتماقچى بولغانلىقىنى قانداق ئېيتىشنى بىلەلمەي بىر ھازار تۇرۇپ كەتتى، ئاندىن بىر خىل ۋەزمىن ئاھاڭدا سېلىمنىڭ ئۆي ئىشلىرىنى سۆزلىگەچ ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى تەستە ئوتتۇرىغا قويدى.
      شىرىكلىرى قانداق ئىپادە بىلدۈرۈشنى بىلەلمىگەندەك تۇرۇپ كېتىشتى، سېلىم قولىدىكى بولاقنى ئۇلارنىڭ ئالدىدىلا يەشتى، بولاقنىڭ ئىچىدە كىچىك-كىچىك پارچىلانغان سېرىق ئالتۇنلار تۇراتتى، ئۇ بۇ ئالتۇنلارنى شىرىكلىرىگە تارقىتىپ بەرگەندىن كىيىن ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن ئائىلىگە قايتىپ خاتىرجەم كۈن ئېلىشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىۋاتقانلىقنى ئېيتتى.
     سېلىم شىرىكلىرىگە تېگىشلىك نەرسىنى بۆلۈپ بەرگەندىن كىيىن ئۇلارغىمۇ بۇنىڭىدن كىيىن خاتىرجەم ياشاشنى تاپىلاپ چىرايلىقچە يولغا سېلىپ قويدى.
     ئۇزاپ كېتىۋاتقان شىرىكلىرىگە قاراپ سېلىمنىڭ بوغۇزىغا ئىت ياڭىقىدەك بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك بۇلۇپ بىر ھازا گەپ قىلالماي قالدى، كىيىن ئۈن-تىنسىز ھالدا سېلىم بىلەن ئاخىرقى قېتىم قۇچاقلىشىپ ئايرىلىشتى. 
         بىر ئاينىڭ ئالدىدا سېلىم مۇشۇنداق يالغۇز قالغانىدى، بۈگۈنمۇ يەنە يالغۇز قالدى، ئۇ ئەمدى نەگە بېرىشنى بىلەلمىگەندەك مېڭىپ كەتتى، پۇتلىرى ئىختىيارسىز ئۇنى كىندىك قېنى تۆكۈلگەن تاغدىيار تەرەپكە سۆرەپ كېتىۋاتاتتى.
     تاغدىيارنىڭ سىرتىغا چىقىرىلىپ قۇيۇلغان قەبرىستانلىققا كەلگەندە ئۇنىڭ يادىغا بىردىنلا ئۆزى ھاياتىدا تۇنجى قېتىم ياخشى كۆرگەن قىز ــ ئاينىسا كەلدى، ئەگەر ئالتە يىل ئاۋالقى ھېلىقى ئىش سادىر بولمىغان بولسا بەلكىم ھىمىت ئاينىسا بىلەن بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرگەنمۇ بولاتتى. . . . نىمىلا دېگەن بىلەن تەقدىرگە بىر نىمە دەپ بولغىلى بولمايدىكەن، ئۇ قەبرىستانلىقىنى خېلى ئۇزاق ئارىلاپ يۈرۈپ، ئاينىسانىڭ قەبرىسىنى تاپتى، ئالتە يىلدىن ئاشقان بۇ قەبرە مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇرغان ھالەتتە ئۇنىڭغا ئۈنسىز قاراپ تۇراتتى.


    تۈگىدى

    2008-يىل، ئاپرېل

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ھىكايە