ھالاكەت گىردابىدا ( فانتازىيىلىك رومان ) ئاپتورى:،پەخىردىن موسا

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-11 13:56:07

بىرىنچى باب ئاجايىپ ئۇچرىشىش ئاچىتا، بىز تونۇشقان چاغلار يادىڭدىمۇ؟...يادىڭدا، ئۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايسەن. سېنى مەن ئاشۇ گۈزەل دەريا بويىدىكى قەدىمىي قەبرىس تانلىقتا ئۇچراتقان. بىزنىڭ دەسلەپكى ئ...



     

    بىرىنچى باب

     

    ئاجايىپ ئۇچرىشىش

     

    ئاچىتا، بىز تونۇشقان چاغلار يادىڭدىمۇ؟...يادىڭدا، ئۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايسەن. سېنى مەن ئاشۇ گۈزەل دەريا بويىدىكى قەدىمىي قەبرىس تانلىقتا ئۇچراتقان. بىزنىڭ دەسلەپكى ئاشۇ تۇنجى ئۇچرىشىشىمىز نېمىدېگەن تاسادىپىي، نېمىدېگەن سىرلىق، نېمىدېگەن رومانتىك-ھە! راست، ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ.

    شۇ كۈنى مەن تاڭ سەھەردىلا كېچىدە كۆرگەن چۈشۈمدىن سېھىرلىك خىياللارغا چۆمۈپ دەريانىڭ ئاياغ ئېقىنىنى بويلاپ يۈرۈپ كەتتىم. دەريا بىر خىلدا ئاقاتتى. بىر چاغدا بىر قەبرىستانلىققا كېلىپ قاپتىمەن، ئوي لىسام، بۇ كېچىدە كۆرگەن چۈشۈم- دىكى قەدىمىي قەبرىستانلىقنىڭ ئۆزى ئىدى. مەن چۈشۈمدە مۇشۇ قەبرىستانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغان، بىر ۋاقىتتا كونا قەبرىلەر ئارىسىدىن ساھىبجامال بىر قىز مەن سايان كېلىۋاتقانىدى. ئۇ مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ توختاپ، قەدىناس مەشۇقۇم دەكلا بوينۇمغا گىرە سالغىنىچە باغرىمغا چۆككەنىدى. مەن قانداقتۇر شېرىن ھېس-تۇيغۇلار ئىچىدە بىر دەقىقە كۆزۈمنى يۇمۇپ ئاچسام، قۇچىقىمدىكى قىزنىڭ ئورنىدا بىر دەستە گۈل تۇرغۇدەك...

    مەن قەبرىستانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىمەن. باھار شامىلى چاچلىرىمنى يەلپۈتۈپ، يۈزۈمنى خۇددى قىزلارنىڭ يۇمشاققىنە بوستان چاچلىرىدەك يېقىملىق سىيپاپ ئۆتەتتى. باھاردىن ئۇچۇر بېرىۋاتقان قارلىغاچلار كۆكتە پەرۋاز قىلىپ تىنماي ۋىچىرلايتتى. مامىكاپلارنىڭ يېڭىلا ئېچىلغان سېرىق گۈللىرى مەيىن تاڭ شامىلىدا ھەريان تەۋرىنەتتى. قەبرىستانلىققا يانداش كەتكەن ئانا دەريا كىشىگە قەبرىس تانغا ئۆز تىلىدا نېمىنىدۇر شىۋىرلاۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى.

    كېچىدە كۆرگەن چۈشۈم مېڭەمنى چىرمىۋالغان بولغاچقا، باھارنىڭ ئاشۇنداق مەپتۇنكار جۇلاسىمۇ كۆڭلۈمنى ئۆزىگە ئانچە تارتالمايۋاتاتتى. ئالدىمدا بىر كونە قەبرە دۈمچىيىپ تۇراتتى. مەن نېمىشقىدۇر بۇ قەبرىگە ئۇزاققىچە قاراپ تۇرۇپ كەتتىم. بىردىنلا، ئۇنىڭ ئىچىدە ياتقىنى چوقۇم بىر ئايال زاتى بولۇشى مۇمكىن، دېگەن تۇيغۇ مېڭەمدە يالت قىلىپ ئەكس ئەتتى. مەن ئىختىيارسىز ئۆز-ئۆزەمگە پىچىرلىدىم:ئىھ، چۈشۈم دىكى پەرىشتە، سەن راستتىنلا مۇشۇ يەردە ياتقانسەنمۇ؟ بۈگۈن راستتىنلا بىرەر مۆجىزە يۈز بېرەرمۇ-ھە؟

    ئاجايىپ ئىش، پىچىرلاشلىرىم ئاياغلاشماي تۇرۇپلا،ۋاك قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئالدىمدىكى قەبرە يېرىلىپ، ئەتراپقا سېرىق چاڭ-توزان توزغىدى. مەن چۆچۈپ ئارقامغا بىر قەدەم داجىدىم. توپا توزۇندىلىرى بېسىققاندىن كېيىن يېرىلغان قەبرە ئىچىدە مىسلىسىز گۈزەل بىر قىز يېرىم ئۆرە بولۇپ ئولتۇردى-دە، ئەتراپقا تەكشى قارىۋەتكەندىن كېيىن، يېنىك بىر ئەسنەپ قويۇپ ئاستا ئورنىدىن تۇردى ۋە ماڭا باشتىن بوي سەپسېلىپ چىقىپ سالام دەپ زۇۋان سۈردى. بۇ دەل مەن چۈشۈمدە كۆرگەن قىز-سەن ئىدىڭ. مەنمۇ ئۇنىڭغا، ياق، ساڭا جاۋابەن سالام قىل دىم. سەن ئۇشۇقۇڭنى يېپىپ تۇرىدىغان ئاق يېپەك كۆڭلەك كىيىۋالغان بولۇپ، زىلۋا قامىتىڭ، تەڭداشسىز گۈزەل ھۈسىن-جامالىڭ مېنى بىردىنلا ئۆزىگە ئەسىر قىلىۋالدى. ۋۇجۇدۇمدىكى تارتىنىش، چۆچۈش، ياتسىراش، ھەيرانلىق دېگەنلەرنىڭ ئورنىنى بىردىنلا ئۇرغۇپ كەلگەن ئەركەكلەرچە غەيرەت، بىر خىل تۇسقۇنسىز سۆيگۈ رىشتى ئىگىلىدى. مەن ئالدىمغا دادىل بىر قەدەم تاشلاپ ساڭا قولۇمنى سۇندۇم، سەنمۇ قولۇڭنى بېرىپ مۇزلاپ كەتكەن قولۇمنى تۇتتۇڭ-دە، شۇئان يەڭگىل تىترىگەندەك بولدۇڭ. چوغدەك ئالىقىنىڭدىن تەپچىپ چىققان ئوتلۇق ھارارەت قولۇم ئارقىلىق تومۇر-تومۇرلىرىمغا،پۈتكۈل تېنىمگە يامراپ ۋۇجۇدۇمدا يېقىم لىق،شېرىن بىر خىل جۇغۇلداش پەيدا قىلدى.

                سىزگە كۆپ رەھمەت — دېدىڭ قولۇڭنى ئاستا تارتىۋىلىپ.

                رەھمەت...ماڭا نېمىشقا رەھمەت ئېيتىسىز؟— دېدىم تېڭىرقاپ.

                مەن بۇنىڭدىن ئۈچ مىڭ يىل ئىلگىرى ئەمدىلا رەسىدە بولغان كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە قەبىلىمىزنىڭ ئادىتىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇشۇ دەرياغا سۇغا چۆمۈلگەنلىكىم ئۈچۈن مەڭگۈلۈك بەند قىلىۋىتىلگەنىدىم. ئۇلار مېنى بەند قىلىۋىتىشتىن بۇرۇن، قەبىلە ئاقساقىلى ماڭا:ناۋادا تەلىيىڭ ئوڭدىن كەلسە، ئۈچ مىڭ يىلدىن كېيىن سېنى بىر يېگىت بۇ بەند چەمبىرىكىدىن قۇتقۇزغاي، تەلىيىڭ كاج بولسا، ئۈچ مىڭ يىل توش قان كۈنۈڭ باشقىدىن مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كېتىسەن، ئەبەدىي ئويغانماي سەن دېگەنىدى. بۈگۈن دەل مېنىڭ ئۈچ مىڭ يىل ئۇيقۇدا ياتقىنىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى ئىدى. دېگەندەك، سىز مېنى بۇ تەھدى ئەسرا ئۇيقۇدىن ئويغىتىپ، ماڭا قايتىدىن ھاياتلىق ئاتا قىلدىڭىز. مەن بۇنىڭدىن كېيىن بىر ئۆمۈر سىزنىڭ خىزمىتىڭىزدە بولۇشقا رازى،— دېدىڭ-دە، ئىككى قولۇڭنى كۆسۈڭگە قويۇپ ماڭا باش ئەگدىڭ.

                ياق، ياق، بۇ...مەن...سىز...

    مەن نېمە دېيىشىمنى بىلمەيلا قالدىم، شۇنداقلا كۆز ئالدىمدىكى بۇ رىئاللىققا چەكسىز ھەيران بولغىنىمچە ساڭا ئۈنسىز تىكىلىپ قالدىم.

                كەچۈرۈڭ، بىر گەپنى سورىسام ئەيب ئەتمەسسىز؟— دېدىڭ خىجىل بولغاندەك كۆزلىرىڭنى مەندىن ئېلىپ قىچىپ.

                سوراۋىرىڭ.

                قۇرسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى،— دېدىڭ يۈزۈڭ ۋىللىدە قىزىرىپ،— ئازراق غىزا يېسەم بولاتتى...

                شۇنىڭغىمۇ خىجىل بولامسىز،— دېدىم شۇئانلا، ئاندىن سەل تۇرۇۋىلىپ، —ئۈچ مىڭ يىل ھېچنەرسە يېمەي يەر تىگىدە ياتقىنىڭىزغا پەقەتلا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ،—دېدىم.

                مەن بەند قىلىۋىتىلگەن تۇرسام...

    تەنە گەپ سوراشنى بىئەپ كۆردۈم. شۇڭا، سېنى دەرھال دەريانىڭ باش ئېقىنىغا يانداش ئورمانلىق ئارىسىدىكى ئىككى قەۋەتلىك خاس داچامغا باشلاپ كەلدىم. ئۆيگە كىرىپ سېنى كرېسلوغا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدىم. سەن قەدىمقى مىمارچىلىق سەنئىتىدىن ئۆرنەك ئېلىپ ياسالغان پەشتاق ھەم پىشايۋانلىق سارىيىمغا ئانچە ھەيران قالمىغان بولساڭمۇ، ئۆي ئىچىدىكى ھەرخىل چىراغلار، كومپيۇتېر، تېلېۋىزور، تېلېۋىزورلۇق تېلېفون،VCDCD،ئاپتوماتىك ھاۋا تەڭشىگۈچ، ئاپتوماتىك تېمپېراتۇرا تەڭشىگۈچ، ئائىلە ماشىنا ئادىمى...دېگەندەكلەرگە قاراپ ھەيرانو-ھەس قالدىڭ. ساپاغا ئاۋايلاپ ئولتۇرۇپ، ئۇنى كىچىك بالىنى سىلىغاندەك سىلاپ قويدۇڭ. سەن ئۈچ مىڭ يىل بۇرۇنقى ئادەم بولغاچقا، سېنىڭ ھەرىكىتىڭ ھۋە ھەيرانلىقىڭغا ئانچە ئەجەپلەنمىدىم.

    ئۇزاق ئۆتمەي، ئۆيۈمدىكى ماشىنا ئادەم تاماق شىرەسىگە نان-توقاچ، پېچىنە-پىرەنىك، ناۋات، قۇتىلىق مېۋە شەربىتى دېگەندەك نەرسىلەرنى رەت-رىتى بىلەن تىزىۋەتتى. مەن مىس چەينەككە قېنىق، خۇشپۇراق چاي دەملەپ كېلىپ، ئالدىڭدىكى كۆمۈش پىيالىگە چاي قۇيدۇم. سەن نان-توقاچلارغا پەقەتلا ھەيران قالمىغان بولساڭمۇ، باشقا يېمەكلەكلەرگە ۋە راست ئادەمدەكلا خىزمەت قىلىۋاتقان ماشىنا ئادەمگە چەكسىز ھەيران لىق ھەم زور قىزىقىش ئىچىدە قاراپ قالدىڭ. ئارقىدىن نان-توقاچلارنى مەززە قىلىپ يېدىڭيۇ، باشقا يېمەكلىكلەرگە يۇچۇن نەزەردە قاراپ قويۇپ ئۇلارغا پەقەت قول تەگكۈزمىدىڭ.

    —بۇلاردىنمۇ يەڭ، ماۋۇ مېۋە شەربىتىدىنمۇ ئىچىڭ،—دېدىم. ئاندىن ئۇ نەرسىلەرنى ئاۋۋال ئۆزەم يەپ كۆرسەتتىم. سەن شۇندىلا ئۇلاردىن تېتىپ كۆردۈڭ.

    قۇرسىقىڭ تويۇپ مەڭزىڭگە قان يۈگۈرگەندەك بولدى. مەن سېنى تېخى مۇ ھەيران قالدۇرماق بولۇپ، شەھەرگە كىرىپ كۆڭۈل ئېچىپ كېلىش تەكلىپىنى بەردىم. سەن ئاۋۋال ييۇنۇپ-ترىنىۋىلىشنى ئىلتىماس قىلدىڭ. مەن ساڭا مۇنچىنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگىتىپ قويۇپ يېنىپ چىقتىم.

    سەن يېرىم سائەتلەردىن كېيىن، مۇنچىدىن تېخىمۇ گۈزەل، چېھرىڭ نۇرلانغان قىياپەتتە چىقىپ كەلدىڭ. تېقىمىڭغا چۈشكەن ئۇزۇن قۇڭۇر چاچلىرىڭ باشقىدىن پارقىراپ ھەم كۆپكەن بولۇپ، دۈمبەڭنى ئات يايلى دەك ياپقانىدى.چاقناپ تۇرغان زەھلا كۆزلىرىڭ، ئورماندەك ھەم زىچ، ھەم ئۇزۇن كىرپىكلىرىڭ، ئىلىپتەك قىرلىق بۇرنۇڭ، سەل سوزۇنچاق كەلگەن ئۇماق يۈزۈڭ، ئۇيماقتەك ئاغزىڭ ۋە ھىلال ئاينى ئەسلىتىدىغان ئەگىم قېشىڭ قوشۇلۇپ، سېنى راستتىنلا تەڭداشسىز پەرىشتىگە ئوخشىتىپ قويغانىدى.

    بىز ئۆيدىن چىقىپ شەھەرگە پىيادە ماڭدۇق. شەھەرنى پىكاپىم بىلەن ئايلاندۇ رۇشنى ئويلىغان بولساممۇ، نېمىشقىدۇر پىيادە مېڭىشنى مۇۋا پىق كۆردۈم.شەھەرگە كىرگۈچە مەن سېنىڭ قىسقىچە ئەھۋالىڭدىن خەۋەردار بولدۇم. سۆزلەپ بېرىشىڭچە، سەن تەكلىماكان پادىشاھلىقىدىكى چوڭ بىر قەبىلىنىڭ بىردىنبىر مەلىكىسى ئىكەنسەن. سەن بەند قىلىۋىتىلگەندە ئون سەككىز ياشتا بولۇپ، ئۈچ مىڭ يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە يەنە شۇ ئەسلى ھالىتىڭ بۇيىچە ئەسلىڭگە كېلىپسەن، ياق، ئويغىنىپسەن...

    سەن بىلەن پاراڭلىشىپ شەھەرگە قانداق كېلىپ قالغىنىمىزنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن. سېنى ئاۋات كوچىلارغا، ھايۋانات باغچىلىرىغا، ماگىزىنلارغا، دېسكو زاللىرىغا، تەنتەربىيە مەيدانلىرىغا...ئاپىرىپ ئايلاندۇرۇپ چىقتىم. سەن سىلىق ھەم تۈز ئاسفالت يوللارنى، ئاپتوموبىللارنى، ئاسمان-پەلەك يېڭىچە بىنالارنى، رەڭگارەڭ كېيىنگەن مىغ-مىغ ئادەملەر توپىنى كۆرگىنىڭدە، ھەيرانلىق ھەم ھاياجىنىڭنى باسالمايلا قالدىڭ. ھايۋانات باغچىسىغا كىرگەندە، ھەرخىل ھايۋانلارنى كۆرۈپ چەكسىز خۇشال بولغان بولساڭمۇ، ئۇلارنىڭ تۆمۈر قەپەسلەرگە سولاپ قويۇلغىنى كۆڭلۈڭنى غەش قىلدى بولغاي، تىترەڭگۈ ئاۋازدا سورىدىڭ:

    —بۇ بىچارىلەرنى نېمىشقا قەپەزگە سولاپ قويۇسىلەر؟

    —قېچىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن.

    سەن چوڭقۇر بىر تىنىۋىتىپ بىر پەس جىمىپ كەتكەندىن كېيىن يەنە سورىدىڭ:

    —ئاۋۇ كوچىلاردا مېڭىپ يۈرگەن قانداق ھارۋىلار ئۇ؟

    —ئۇ ھارۋا ئەمەس، ئاپتوموبىل، ئۇنى ئادەم ھەيدەيدۇ.

    —ئۇلار ئوت-چۆپ يەمدۇ؟

    —ياق، ماي يەيدۇ.

    —غىزا-قورۇمىلارغا ئىشلىتىدىغان سۇ مېيىمۇ؟

    —شۇنىڭغا ئوخشاپراق كېتىدىغان بىر خىل سويۇق ماي...

    سەن ماگىزىنلارغا كىرگەندە، ئاسقۇدىكى ئاسقۇدىكى رەڭگارەڭ كىيىملەرنى كۆرۈپ ھەيران بولغىنىڭدىن ئاغزىڭ ئېچىلىپلا قالدى. مەن ساڭا يارىغان كۆڭلەكتىن ئىككىنى سېتىۋىلىپ سوۋغا قىلدىم. سەن خۇشاللىقىڭدا رەھمەت-ھەشقاللا ئېيتىپ كەتتىڭ،...كېيىن بىز دېسكو زالىغا كىردۇق. بۇ يەردە ياڭراۋاتقان شوخ مۇزىكىغا بىر توپ ياش قىز-يېگىتلەر دېسكو ئوينىماڭتا ئىدى. مۇزىكا بىلەن دېسكو ئۇسسۇلى سېنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالدى. سەن گۇيا مېنى ئۇنتۇپ قالغاندەك، جايىڭدا تۇرۇپ مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ مىدىرلاشقا باشلىدىڭ...بىر چاغدا ئۆزۈڭنى سەزمىگەن ھالدا ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتتىڭ. سېنىڭ ئويناۋاتقىنىڭ دېسكو ئەمەس ئىدى.بىزنىڭ ھازىرقى ئۇسسۇلىمىزغا بەزى ھەرىكەتلىرىڭ ئوخشاپمۇ قالاتتى.

      سېنىڭ ئۇسسۇلۇڭنى كۆرگەن ياشلار، ئەزەلدىن ئۆزلىرى كۆرۈپ باقمىغان بۇ ئۇسسۇلغا مەپتۇن بولۇپ، سەھنىنى ساڭا بىكارلاپ بەردى-دە، ئەتراپىڭدا چەمبەر شەكلىدە تىزىلىپ مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ چاۋاك چېلىشقا باشلىدى. سەن ئۆزۈڭنى ئونتۇغان ھالدا شۇنچىلىك جەزبىلىك ئوينىدىڭكى، سېنىڭ ئۇسسۇلۇڭدا قەدىمكى ۋە يېقىنقى زامان ئۇسسۇللىرىنىڭ تاق قەدەم، جۈپ قەدەم، ئەگەشمە قەدەم، قاچۇرما قەدەم، مۇكا قەدەم، تاپان ئېچىش، جۈپ قەدەمدە چېكىنىش، تاپان چىكىپ چۆرگىلەش، يان تەپمە، سېيرىلما، تاق قەدەمدە بەدەننى ئالدى-كەينىگە دەڭسەش، كۆكرەك ئوينىتىش، دوپپا چىكىش، قاش-كۆز ئوينىتىش، ئۆكچىلەرنى بىر-بىرىگە ئۇرۇش، بەدەننى لېغىرلىتىپ مېڭىش، تەلپۈنۈش، تارتىنىپ يەرگە قاراپ مېڭىش...دېگەندەك تەسۋىرىي ۋاستىلەر ۋە شەكىللەر شۇنداق ماھىرلىق بىلەن ئىپادىلىنىپ، ھەممىنى تاڭ قالدۇردى. مۇزىكا قايسى رېتىم، قايسى ئۇداردا چېلىنمىسۇن سېنىڭ ھەرىكىتىڭ ئۇىڭغا خۇددى ئاللىبۇرۇن مەشق قىلىۋالغاندەكلا ماسلىشاتتى. ئۇسسۇلۇڭدىكى يۇمۇر خاراكتېرلىك قىياپەتلەر، سەن ئوينىغان قىلىچۋاز ئۇسسۇلى، ئۆچكە ئۇسسۇلىدىكى بەدەن گۈزەللىكى، ھەرىكەت گۈزەللىكى، نازۇ-كەرەشمە گۈزەللىكى ياشلارنى،جۈملىدىن مېنىمۇ ھەيرەت ۋە ھۆرمەت ھېسسىياتىغا غەرق قىلدى.

      بىر چاغدا سازەندىلەر ھېرىپ قالدىمۇ ياكى سەن چارچىدىڭمۇ مۇزىكا، ئۇسسۇل تەڭلا توختىدى. سەن ئۈزۈلمەس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە كۆپچىلىككە ئىگىلىپ تەزىم قىلغىنىڭچە سەھنىدىن چۈشۈپ مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردۇڭ.ئىلىپتەك چىرايلىق بۇرنۇڭنىڭ ئۇچى بىلەن نۇرلۇق پىشانەڭدە تاڭدىكى شەبنەم تامچىلىرىدەك يالتىراپ، ئىككى مەڭزىڭ ۋايىغا يېتىپ پىشقان ئاناردەك قىزىرىپ كەتكەنىدى، شۇ ئەسنادا ياشلار، سازەندە ۋە باشقا مۇلازىملاردىن بولۇپ بولۇپ يۈزدىن ئارتۇق قىز-ئوغۇل ئەتراپىمىزغا ئولاشتى-دە، سەندىن ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سوراپ كېتىشتى:

    —خىنىم، سىز قايسى سەنئەت ئۆمىكىدە ئىشلەيسىز؟

    —ھېچيەردە ئىشلىمەيمەن.سەنئەت ئۆمىكى دېگەن قانداق جاي ئۇ؟

    —سىز بەك چاقچاققا ئۇستىكەنسىز، ئېيتىڭە خىنىم، ئۇنداقتا سىز بۇ ئۇسسۇلنى قەيەردىن ئۆگەنگەن؟

    —مۇشۇ يۇرتتا ئۆگەنگەن.

    —يەنە چاقچاق قىلغىلى تۇردىڭىزغۇ. بىز سىزنى پەقەتلا كۆرۈپ باقمىغان ئىكەنمىز ياكى سىز بىز بىلمەيدىغان كىنو چولپىنى مۇ؟

      —چولپان دېگەن ئاسماندا بولمامدۇ؟

    بۇ جاۋابىڭدىن ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتى.

    —چاقچاقچى خىنىم، ئىسىم شەرىپىڭىز نېمە؟

    —ئاچىتا.

    مانا مۇشۇ چاغدىلا مەن سېنىڭ ئىسمىڭنىڭ ئاچىتا ئىكەنلىكىنى بىلگەنىدىم.

    —ئاچىتا؟ بۇ قانداق ئىسىم؟ مەنىسى نېمە؟

    —بۇ قەدىمقى ئۇيغۇر ئىسمى، سىلەر ئانچە بىلمەيدىغان ئوخشايسىلەر-ھە؟ بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسى-ئاسماندىكى مۇزىكانت دېگەن بولىدۇ.

    ياشلار سېنىڭ بۇ گىپىڭدىن ھەيران بولغىنىدىن بىر-بىرىگە قارىشىپ قويدى ۋە ئارىدىن بىرسى سورىدى:

    —بۇ گەپچە سىز ئاسماندىن چۈشكەن پەرىشتىمۇيا؟ تەڭداشسىز گۈزەل چىرايىڭىزدىنمۇ پەرىشتىگىلا ئوخشايدىكەنسىز.

    —بۇ قىز پەرىشتە بولسا، تاشقى پىلانىتا ئادەملىرىدىن ئاشامدۇ؟—دەپ چاقچاق قىلدى يەنە بىر يېگىت. ياشلار يەنە كۈلۈشۈپ كەتتى.مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ دېدىم:

    —دوستلار، ئاۋۇ يىگىت راست ئېيتتى، بۇ قىز راستتىنلا پەرىشتە!

    —ئۇنداقتا سىز ئۇنى تاشقى پىلانىتلىقلارنىڭ قولىدىن تارتىۋاپسىزـدە؟—دەپ چاقچاق قىلدى يەنە بىر يىگىت.

    —شۇنداق دېسەكمۇ بولىدۇ،—دەپ كۈلۈپ تۇرۇپ جاۋاپ قايتۇردۇم ئۇنىڭغا. ياشلار كېلىشىۋالغاندەكلا:

    —يارايسىز، سىز دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك يىگىت ئىكەنسىز، مەڭگۈ بەختلىك بولۇڭلار، —دەپ چۇرقىراشتى.

    ئۇلارنىڭ بۇ سۆزى قارىماققا چاقچاقتەك بىلىنسىمۇ، ئىنتايىن سەمىمىي ئىدى.

    —رەھمەت يىگىتلەر، خىنىملار، دېگىنىڭلار كەلسۇن!

    مەن ھاياجان ئىچىدە بۇ سۆزنىڭ ئاغزىمدىن قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنى سەزمەي قاپتىمەن. قارىسام، سەن خىجىل بولغىنىڭدىن بېشىڭنى تۈۋەن سېلىۋاپسەن.

    بىز قايتىپ كەلدۇق. سەن چارچىغان بولساڭ كېرەك، ئۆيگە كىرىپلا كرىسلوغا ئۆزۈڭنى تاشلىدىڭ.

    —بۈگۈنكى تاماشىدىن رازى بولدىڭىزمۇ؟—دەپ سورىدىم ساڭا بىر قۇتا مېۋە شەربىتى سۇنۇۋىتىپ.

    —بەكلا رازىمەن، لېكىن، توۋا، سىلەردىكى بۇ ئاجايىپ-غارايىباتلارغا زادىلا ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ. مەن ياشىغان زامانلاردىن ئازراقمۇ ئىزنا قالماپتۇ،—دېدىڭ سەن قۇتىدىكى مېۋە سۈيىنى ئىچىۋېتىپ.

     —ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ-دە. ھازىر دېگەن 21-ئەسىر، ئارىدىن ئاز دېگەندىمۇ ئوتتۇز ئەسىر ئۆتۈپ كەتكەن تۇرسا،—دېدىم ۋە سەندىن سورىدىم،—سىز بىزنەڭ بۇ 21-ئەسىرىمىزنى سۆيەمسىز؟

                سۆيەمسىز؟ بۇ قانداق گەپ؟

                ياقتۇرامسىز دېمەكچىمەن.

                ياقتۇرىمەن، سۆيىمەن.21-ئەسىر بەك گۈزەلكەن.

      سەن بىردىنلا ھاياجانلاندىڭ، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ كەتتىڭ، يەنە جايىڭدا كېلىپ ئولتۇردۇڭ. ھاياجانلانغىنىڭدىن تولغان بىر جۈپ كۆكسۈڭ بىر كۆتۈرۈلۈپ بىر پەسىيەتتى. چولپان يولتۇزدەك يېنىپ تۇرىدىغان شەھلا كۆزلىرىڭ ئويناپ كەتكەنىدى. مەن سېنىڭ ئوچۇق-يورۇق، دادىل مىجەزىڭدىن ھەمدە ماڭا بەرگەن بۇ سەمىمىي جاۋابىڭدىن تولىمۇ خۇشال بولدۇم. سېنى زېرىكىپ قالمىسۇن دەپ ئويلاپ، تېلېۋىزورنى ئاچتىم. ئويلىمىغان يەردىن سەن چىرقىراپ تاشلىدىڭ.

    —نېمە بولدىڭىز! —مەن چۆچۈپ ساڭا قارىدىم.

    —ۋاي، قاراڭە، بۇ ئەينەك ساندۇقنىڭ ئىچىگە ئەجەپمۇ جىق ئادەم پاتىدىكەن،—دېدىڭ كۆزلىرىڭنى چەكچەيتىپ.

    مەن ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتىم ۋە كۈلكىدىن زورمۇزور توختاپ ساڭا چۈشەندۈردۈم:

    —بۇ دېگەن تېلېۋىزور، ئۆزى جانسىز نەرسە. ئاۋۇ توك دېگەن نەرسىگە چاتقاندىن كېيىن ئاشۇنداق سۈرەت چىقىدۇ.

    مەن سېنىڭ بۇ جاۋابىمغا قايىل بولمايۋاتقانلىقىڭنى بىلىپ، تېلېۋىزور، توك، تېلېفۇن، كومپيۇتېر...دېگەنلەرنىڭ ئىنسانلار تەرىپىدىن كەشپ قىلىنىشىدىن تارتىپ ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى ھەققىدە خېلى ئۇزاق چۈشەنچە بېرىپ سېنى ئاران قايىل قىلدىم. بۇ چاغدا كۈن كەچ بولۇپ قالغانىدى. بىز ئولتۇرۇپ كەچلىك تاماق يېدۇق.

      تاماقتىن كېيىن تېلېۋىزور كۆرگەچ پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق، ساڭا ھازىرقى دەۋر ئىنسانلار تۇرمۇشىدىكى تەرەققىياتلار ھەققىدە سۆزلەپ بەردىم.

      بىز يېرىم كىچىگىچە مۇڭداشتۇق. قارىسام، سەن ئۇخلايدىغاندەك ئەمەس، مېنىڭ بولسا ئۇيقۇ لەشكەرلىرىگە تەسلىم بولىدىغان ۋاقتىم بولۇپ قالغانىدى. توغرا، سەن ئۈچ مىڭ يىل ئۇيقۇدا ياتقان پەرىزات تۇرساڭ، بەلكىم يەنە ئۈچ مىڭ يىل ئويغاق تۇرساڭمۇ ئۇيقۇغا تۇتقۇن بولماسلىقىڭ مۇمكىن. ئەمما، مەن ئۇخلاشتىن بۇرۇن ساڭا قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قالاملىرىدا ئويغانغان سۆيگۈ سىرىمنى ئاشكارىلىشىم كېرەك. بولمىسا ئەتە-ئۆگۈننىڭ ئىچىدە ئۆز يولۇڭغا كېتىپ قالساڭ، مەن بۇ ئازابلىق پۇشامانغا چىداپ تۇرالايمەنمۇ؟ شۇنداق، ساڭا ھەتتا توي تەلىپى قويۇپ، سەن بىلەن توي قىلىۋىلىشىم كېرەك! بولمىسا بىر قىسىم ئادەملەر يۇقىلاڭ بەدناملارنى ئۇيدۇرۇپ چىقىشى مۇمكىن. ئەپسۇس، سېنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىڭدە ماڭا نىسبەتەن ھېچقانداق بىر سۆيگۈ-مۇھەببەت ئىزناسىنى سەزمىدىم، ياكى سەن سۆيگۈ-ئاشىقلىق دېگەننىڭ نېمىلىكىنى بىمەمدىغانسەن.

    ئاچىتا، مەن جۈرئەت قىلالمىدىم، ساڭا بولغان ھاياتىمدىكى تۇنجى ھەم يالقۇنلۇق مۇھەببىتىمنى ئىزھار قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. توۋا، مەن نېمانچە جۈرئەتسىز، روھسىزدۇرمەن-ھە!...مەن ئاخىر سېنى ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ھۇجرىغا باشلاپ قويۇپ، ئۆزۈم تۆۋەنكى قەۋەتتىكى ھۇجرىدا ئۇخلاشقا كىرىشىپ كەتتىم.

    ئۆزۈم كارىۋاتتا ياتساممۇ، خىيالىم پۈتۈنلەي ساڭا ھەمراھ بولماقتا. باياتىن ئۇيقۇسىراپ تاشتەك ئېسىلغان ئېغىر قاپاقلىرىم ئەمدىلىكتە بىردىنلا يەڭگىللەپ، ئۇيقۇممۇ نەلەرگىدۇر قېچىپ كەتتى. خىيالىمدا، ئەتىلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ سېنى باغرىمغا باسماقچى، چىرايلىق لەۋلىرىڭگە سۆيمەكچى، قوڭۇر چاچلىرىڭنى سىلاپ تۇرۇپ سۆيگۈ-مۇھەببىتىمنى قۇلىقىڭغا پىچىرلاپ ئېيتماقچى بولدۇم. مەن چوقۇم شۇنداق قىلىش قارارىغا كەلدىم...

      ئىشىكلەرنىڭ تۇيۇقسىز ئېچىلىپ-يېپىلغان ئاۋازى خىيالىمنى بۆلدى. يېنىك بىرنى يۆتىلىپ قويۇۋىدىم، ئۆينىڭ چېرىغى ئاپتوماتىك ياندى. ئۆي ئىچىنى كۆزەتتىم، ھېچكىم كۆرۈنمىدى. كارىۋاتتىن چۈشۈپ ئىشىك-دېرىزىلەرنى تەكشۈردۈم، بىرەر ئادەم كىرگەندەك ئەمەس. ئۆزغمدە خاتا تۇيغۇ پەيدا بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ كارىۋىتىمغا كېلىپ ئولتۇردۇم. ئەمدىلا ئولتۇرۇشۇمغا كۆز ئالدىمدا ئاقۇچ تۇمانغا ئوخشاش بىر نەرسە پەيدا بولدى-دە، مەن ئەس-ھۇشۇمنى يىغىپ ئۇنى كۆزىتىپ بولغۇچە، بۇ ئاقۇچ تۇمان بىردىنلا غەلىتە ئادەمسىمان مەخلۇققا ئايلىنىپ، قىپقىزىل كۆزلىرىنى ماڭا تىككىنىچە مىتمۇ قىلماي قاراپ تۇردى. شۇئان مېڭەمدە، قاچانلاردىدۇر ئوقۇغان‹تۇمان ئادەم› دېگەن بىر ھېكايە ئەكس ئەتتى، لېكىن ھېكايىدىكى تۇمان ئادەم ئالدىمدىكى بۇ مەخلۇققا ئوخشىمايتتى. مەن دەرھال ئورنۇمدىن تۇرغان بولساممۇ، ئەمما ئۇنىڭ ماڭا قارىتىپ سوزغان بىر قولىنىڭ ئالىقىنىدىن چىققان سېرىق رەڭلىك نۇر دولقۇنى ئۇدۇل كۆكرىكىمگە كېلىپ يەڭگىل ئۇرۇلۇپ مېنى جايىمدىلا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى، مەن قىمىر قىلالماي قالدىم. گەپ-سۆزلىرىم چاشقانلار كىسىلدىغاندەك ئاۋازدا ئۆزۈمگە ئارانلا ئاڭلىناتتى.

      شۇ ئەسنادا، يۇقىرىقى قەۋەتنىڭ پەلەمپىيىدە ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى. ئېغىرلاشقان بېشىمنى تەستە شۇ ياققا بۇاپ كۆردۈمكى، سېنى خۇددى ئالدىمدىكى مەخلۇق بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش يەنە بىر مەخلۇق قولۇڭدىن يېتىلىگىنىچە پەسكە ئېلىپ چۈشۈۋاتاتتى. ئىككىڭلار مېنىڭ ئالدىمۈا كېلىپ توختىدىڭلار.

    —ئاچىتا، بۇلار كىم؟ نېمە ئىش بۇ؟—دەپ سورىدىم كىسىلدىغان ئاۋازدا.

    —بىلمىدىم،—دېدىڭ سەن قۇڭغۇراقتەك جاراڭلىق ھەم سۈزۈك ئاۋازىڭ بىلەن،—مېنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىمىز دەيدۇ، سىزنىڭ دوستلىرىڭىز ئوخشايدۇ دەپ ماقۇل دەپتىمەن، چۈنكى، سىلەرنىڭ بۇ زاماندىكى تەرەققىياتىڭلار بىلەن ئاسمانغىمۇ چىققىلى بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ قالدىم.

    —بۇلارنىڭ تەققى-تۇرقىغىمۇ سەپسالمىدىڭىزما؟ بۇلار دېگەن بەئەينى ئالۋاستىغىلا ئوخشاپ تۇرمامدۇ!—دېدىم بىردىنلا غەزەپكە كېلىپ.

    —ئالۋاستى دېگەن نېمە ئۇ؟—دېدى ئالدىمدا تۇرغان غەلىتە مەخلۇق بۇغۇق ئاۋازدا،—بىز دېگەن تاشقى پلانېتا ئادەملىرى.

      —تاشقى پلانىتا ئادەملىرى!

      شۇئان كاللامدىن بىر خىيال كەچتى. ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، بىر چاغلاردا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۇرۇشلۇق بىنادا بىر سىرلىق تاشقى پلانىتا ئادىمى تۇتۇلغان. بۇ ئادەم ئۇستىلىق بىلەن ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ پولكوۋنىك دەرىجىلىك ئوفىستېرى قىياپىتىگە كىرىۋىلىپ، بۇ يەردە بىر نەچچە ئاي تۇرغان. ئۇ ئامېرىكىنىڭ پلانىتلار ئارا ئۇرۇش قىلىش پىلانىغا ئالاھىدە قىزىققان. ئۇ ئۆزىنىڭ يۇشۇرۇنۇش كۆزەينىكىنى يوقىتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن سېزىلىپ قالغان. ئۇنىڭ كۆزى يۇمىلاق بولماستىن بەلكى مۈشۈكنىڭ كۆزىدەك سوزۇنچاق ئىكەن. تەكشۈرگەندە ئۇنىڭ ئىككى يۈرىكى بارلىقى، بەدىنىدىكى قاننىڭ شىلىمغا ئوخشايدىغانلىقى، ئۈچەيلىرىنىڭ بىرقانچە غەلىتە بەزلەردىن تەركىب تاپقانلىقى ئېنىقلانغان. ئۇنىڭ ئۆيىدىن لازىر قۇراللارغا ئائىت نۇرغۇن ھۆججەتلەرنىڭ نۇسخىسى، ئىنتايىن نەپس ياسالغان ئالەم رادىئو ئۈسكۈنىسى تېپىلغان...

      مەن بۇنىڭغا ئوخشاش ماتېرىياللارنى ھەم تاشقى پىلانىتا ئادەملىرىنىڭ ئەڭ ئىلغار فوتو ئاپپاراتلاردا تارتىۋېلىنغان ھەرخىل سۈرەتلىرىنىمۇ خېلى كۆپ كۆرگەنىدىم. لېكىن، مۇنۇ قىزىل كۆزلۈك، بەدىنى كۆكۈش كەلگەن ئادەمسىمان تاشقى پلانىتا ئادىمىنى كۆرۈپ باقمىغان ھەم ماتېرىياللاردىنمۇ بۇ ھەقتە ئوقۇمىغانىدىم. شۇڭا، مەندە تۇرۇپلا بۇلارغا قىزىقىش پەيدا بولدى.

    —ئاۋازىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويالامسىز، ئەپەندى؟—دەپ سورىدىم ئۇدۇلۇمدىكى تاشقى پلانىتا ئادىمىدىن ئەدەپ بىلەن.

    —بولىدۇ.

    ئۇ ئوخشاشلا مېنىڭ تىلىمدا سۆزلەپ جاۋاب بەردى-دە، ئوڭ قۇلىنىڭ پەنجىسىنى ماڭا قارىتىپ يايدى. شۇ ھامان ئۇنىڭ پەنجىلىرىدىن توك سىمى زەرەتلەنگەندە چىقىدىغان ئۆمۈچۈك تورىدەك يېشىل رەڭلىك ئىرماش-چىرماش نۇر تالالىرى چاچراپ چىقىپ ئانچە ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۆچتى.

    —ئەمدى سۆزلە،—دېدى ئۇ قىمىرمۇ قىلماستىن.

    —بۇ قىزنى راستتىنلا تاشقى ئالەمگە ئېلىپ چىقىپ كېتەمسىلەر؟

    ئاۋازىم راستتىنلا ئەسلىگە كېلىپ قالغانىدى.

    —بىزنىڭ چەكسىزلىكنى كۆزەتكۈچى ئىلغار رادارلىرىمىز بۇ قىزنىڭ ئۈچ مىڭ يىل ئىلگىرىكى ئادەم بولۇپ، تۇساتتىن قايتا تىرىلگەنلىكى ھەققىدە بىزگە ئىشەنچلىك ئۇچۇر يەتكۈزدى. شۇڭا، بىز ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ دۇنيايىمىزغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈپ كۆرمەكچى. ناۋادا بۇ سىر يېشىلسە، ئۆلگەن ھاياتلىقنى تىرىلدۈرۈش ئىمكانىيىتى تۇغۇلىدۇ.

    —بۇغۇ ئۇلۇغۋار پىلان ئىكەن، ئەمما سىلەر بۇ قىزغا بىرەر زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈپ قويىدىغان بولساڭلار، مەن پۈتكۈل يەرشارىلىقلار نامىدىن سىلەرگە ئېتىراز بىلدۈرىمەن. ئۇ چاغدا...

    —خاتىرجەم بول، ئۇنىڭغا ھېچ ئىش بولمايدۇ. بىز سېنىمۇ بىللە ئېلىپ كېتىمىز.

    —مېنىمۇ تاشقى پلانېتقا ئاچىقامسىلەر؟

    —شۇنداق.

    —مەنغۇ بۇنىڭغا خۇشال، بىراق مېنىڭ سىلەرگە نېمە كېرىكىم بار؟

    —سەن بۇ قىزنىڭ تىرىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك بىردىنبىر ئادەم. يەر شارىدا سېنىڭدىن باشقا ھېچكىم تېخى بۇ ئىشنى بىلمەيدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن سەن دېگەن ھازىرقى زامان يەر شارى ئادىمى، ئىنتايىن خەتەرلىكسەن. شۇڭا، سېنى ۋاقىتلىق تۇتقۇن قىلىمىز.

    —سىلەرنىڭ بۇ قىزنى ئۆلگەن دېيىشىڭلار خاتا. ئۇ ئۆلمىگەن. ئۈچ مىڭ يىللىق ئۇيقۇغا بەند قىلىۋىتىلگەن. ئەگەر ئۇ ئۆلگەن بولسا جەسىتى چىرىپ توپىغا ئايلىنىپ كەتمەي شۇ پېتى تۇراتتىمۇ؟

    —سىلەردەئۇيقۇ-يېرىم ئۆلۈم دېگەن گەپ بارغۇ، بىز ئۇيقۇ بىلەن ئۆلۈمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك باغلىنىشى ھەققىدە بىرەر يىپ ئۇچىغا ئېرىشەلىسەكلا كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىمىز. بەند قىلىۋىتىش دېگەن بىزدە ئاددىيلا بىر ئىش.

    بىزنىڭ سۆھبىتىمىز مۇشۇ يەرگىچىلا داۋام قىلدى. ئۇلار سەن بىلەن مېنى ئالدىغا سېلىپ تۈن قاراڭغۇلۇقى قاپلىغان دالىغا ئېلىپ چىقتى-دە، كۆزۈڭلارنى يۇمۇڭلار! دەپ بۇيرۇق قىلدى. ئىككىمىز كېلىشىۋالغاندەكلا بىر-بىرىمىزگە قاراشتۇق. چېھرىڭدىن تەبىئىي خاتىرجەملىك يېغىپ تۇراتتى. سەن ئاۋۋال كۆزۈڭنى يۇمدۇڭ، ساڭا ئەگىشىپ مەنمۇ يۇمدۇم. كەينىدىنلا ئۆزۈمنى يەڭگىل ئۇچۇۋاتقاندەك ھېس قىلدىم-دە، كۆزۈمنى ئاچماقچى بولدۇم، ئەمما ھەرقانچە قىلىپمۇ ئاچالمىدىم...كۆزۈمنى ئاچسام ناتۇنۇش بىر ئۆيدە تۇرۇپتىمەن. ماڭا خۇددى ساقچىدەك تىكىلىپ قاراپ تۇرغان ئىشىكباقاردىن سورىسام، ئۇ بۇ يەرنىڭ مەلۇم بىر تاشقى پلانېتا دۇنياسىدىكى نەزەربەند ئۆيى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. سېنى سورىسامبىلمەيمەندەپ بىر ئېغىزلا جاۋاپ بەردى.

      مەن ئەمدى سەن بىلەن قايتا كۆرۈشەلىشىمدىن ئۈمىدسىزلەندىم. دەسلەپتە تاشقى پلانېتىغا سەن بىلەن بىرگە چىقىدىغانلىقىمنى بىلىپ خۇشال بولغان بولساممۇ، ئەمدىلىكتە بۇ يەرگە كېلىپ قالغىنىمدىن قاتتىق ئۆكۈنۈشكە باشلىدىم. چۈنكى، مەندە ھازىر ھېچقانداق ئەركىنلىك يوق، ياسىداق، زامانىۋى ھەم ئۆزگىچە قۇرۇلمىلىق بىر ئۆيدە قامىلىپ تۇرماقتىمەن، سىرتقا چىقالمايمەن. مۇھىمى يېنىمدا سەن يوق. ئاچىتا، سەن قەيەردە؟ ھاياتمۇسەن؟ ھايات بولساڭ سالامەت تۇرغانسەنمۇ؟...

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.