ھالاكەت گىردابىدا، (فانتازىيىلىك رومان)

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-24 11:02:33

سەككىزىنچى بابيەرشارى توغرىسىدىكى ئەندىشىلىك سۆھبەتزىياپەت ئۈستىلىگە ئەمدى ھەرخىل مېۋە-چىۋە، كەمپۈت-پىرەنىكلەر ۋە مېۋىدىن كېيىن ئىچىلىدىغان بىر خىل چۈچۈمەل ئىچىملىكلەر تىزىۋىتىلگەنىدى. بىز ...



    سەككىزىنچى باب

    يەرشارى توغرىسىدىكى ئەندىشىلىك سۆھبەت

     

    زىياپەت ئۈستىلىگە ئەمدى ھەرخىل مېۋە-چىۋە، كەمپۈت-پىرەنىكلەر ۋە مېۋىدىن كېيىن ئىچىلىدىغان بىر خىل چۈچۈمەل ئىچىملىكلەر تىزىۋىتىلگەنىدى. بىز ئولتۇرۇپ مېۋە يېگەچ پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق. ئۇلارنىڭ ئۇزايىدىن مەن بىلەن جىقراق پاراڭلاشقۇسى باردەك قىلاتتى. ئۇلاردىن بىرسى قولىدىكى بىر دانە قىزىل رەڭلىك، ئەمما بىزنىڭ يەرشارىدىكى شاپتۇلغا ئوخشاش تۈكلۈك كەلگەن بىر خىل مېۋىنى شالاپ-شۇلۇپ قىلىپ سۈيىنىمۇ ئېقىتماستىن تېزلا يەۋەتتى-دە، ئالدىدىكى ياغلىققا قولىنى سۈرتۈۋەتكەندىن كېيىن سۆز باشلىدى:

       —ھە، يىگىت، بىزنىڭ بىلىشىمىزچە، ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان يەرشارىغا تاشقى ئالەمدىن ھەرخىل مېتېئورېت تاشلار چۈشۈپ، ئىنسانلارغا پاراكەندىچىلىك سالغانلىقى مەلۇم. سېنىڭ بۇ ئىشلاردىن بەلكىم خەۋىرىڭ بار، سىلەر ئىنسانلار مۇشۇ نۇقتىدىن يەرشارىغا تاشقى ئالەمدىن بالا-قازا كېلىدۇ، دەپ قارامسىلەر؟

    —بۇ مەسىلە ئاساسەن يەرشارىغا سوقۇلىدىغان ئاسمان جىسىمىنىڭ دىئامېتىرى ۋە ئۇنىڭ تەركىبىگە باغلىق،—دەپ جاۋاب بەردىم بىلىدىغانلىرىمنى ئەسلەپ ئولتۇرۇپ،—دېئامېتىرى تەخمىنەن 10 مېتىر كېلىدىغان كىچىك ئاسمان جىسىمىنىڭ ئېنېرگىيىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 50 مىڭ توننا ترى نىترو تولۇئول ئېكۋىۋالېنتقا يېتىدۇ، يەنى يەرشارىدىكى ئىككى يېرىم ھەسسە خروسما تىپلىق ئاتوم بومبىسىغا تەڭ. ئەمما، ئۇ ئاتموسفېرا قاتلىمىغا كىرگەندىن كېيىن، ئادەتتە كۆيۈپ ساناقسىز ئۇششاق پارچىلارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ-دە، يەرشارىغا سوقۇلسىمۇ ھېچقانداق زىيان كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.

    —ئۇنىڭدىن چوڭراقلىرىچۇ؟

    —دېئامېتىرى 10 مېتىردىن 100 مېتىرغىچە بولغان تاش مېتېئورېتلار ئاتموسفىرا قاتلىمىغا بۆسۈپ كىرسە، كۈچلۈك پارتلاش يۈز بېرىپ بۇنىڭ خەۋپى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. مېنىڭ ئوقۇشۇمچە، 20-ئەسىرنىڭ 1908-يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنى سەھەردە يەرشارىدىكى سىبىرىيەدە يۈز بەرگەن تۇڭگۇس ۋەقەسىدە، دېئامېتىرى 70 نەچچە مېتىر كېلىدىغان تاش مېتېئورېت ئاتموسفېراغا كىرىپ، 8000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ھاۋا بوشلۇقىدا پارتلىغان. ئۇنىڭ كۈچى 12 مىليون توننا ترى نىترو تولۇئول ئېكۋىۋالېنت بولغان. 50 كىلومېتىر دائىرىدىكى بۇغا ماراللارنىڭ ھەممىسى ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلۈپ كەتكەن. 1800 كۋادرات كىلومېتىر دائىرىدىكى ئورمانلىقنىڭ ئىز-تىزىمۇ قالمىغان. بۇنىڭدىن قارىغاندا، مېتېئورېت نىكېللىق تۆمۈر بولسا، يەرگە بىۋاستە سوقۇلىدۇ. دېئامېتىرى 70 مېتىر كېلىدىغان نىكېللىق تۆمۈر مېتېئورېتتىن ئىككىسى بىرەر يېزىغا چۈشسە، 20 كىلومېتىر دائىرىدىكى ئىمارەتلەرنى ۋەيران قىلىپ، ئاز دېگەندە، 70 مىڭ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولىدۇ. ناۋادا شەھەرلەرگە سوقۇلىدىغان بولسا، ئاز دېگەندە 300 مىڭ ئادەم ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن.

    —ئەگەر ئۇنىڭدىنمۇ زور كۆلەملىك سوقۇلۇش يۈز بەرسىچۇ؟

    —ئالىمادىس دېئامېتىرى 800 مېتىر كېلىدىغان بىرەر كىچىك سەييارە يەرشارىغا سوقۇلىدىغان بولسا، ئۇ پارتلىغاندىن كېيىن پەيدا بولغان چاڭ-توزان دانچىلىرىنى پۈتۈن يەرشارى دۇنياسى بىر يىلغىچە يىغىپ بولالمايدۇ.بۇنىڭدىن كېلىدىغان يەرشارى خاراكتېرلىك پاجىئەنىڭ قانداق ھالاكەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى سەن ئەلۋەتتە پەرەز قىلالايسەن، دوستۇم،—مەن شۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا مەنىلىك تىكىلدىم ۋە مۇنۇ ئىلتىجايىمنىمۇ قوشۇپ قويدۇم،—سىلەر بىزدىنمۇ تۇقىرى پەن-تېخنىكىغا ئىگە بولغاندىكىن، يەرشارىغا سوقۇلۇش ئېھتىمالى بولغان كىچىك سەييارە-مېتېئورېت تاشلارنى ئۆز جايىدىلا پارتىلىتىۋەتسەڭلار ياكى يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىۋەتسەڭلار زور ئىنسانپەرۋەرلىك قىلغان بولاتتىڭلار.

    —بىز بۇنداق ئىشنى قىلغان. بۇنى بەلكىم يەرشارى ئادەملىرى بىلىدۇ يا بىلمەيدۇ،—دېدى ئۇ بېشىنى توختىماي لىڭشىتىپ تۇرۇپ.

    —قاچان شۇنداق ئىش بولغان؟ مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن،—دېدىم ئۇنىڭ سۆزىگە ئالاھىدە قىزىقىپ.

    —20-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىلى، يەنى 1999-يىلى يەرشارىنى بىر قېتىملىق زور بالا-قازادىن ساقلاپ قالدۇق،—دېدى ئۇ بىردىنلا بېشىنى ئۈزلۈكسىز لىڭشىتىشتىن شاققىدە توختىتىپ،—يەرشارىلىق رىچارد داماس ئىسىملىك بىر كەلگۈسىشۇناس خېلى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرىلا ئۆزىنىڭ «ئەسىرلەر» ناملىق داستانىنىڭ 10-توم 72-پارچىسىدا «1999-يىلى 7-ئايدا ئاسمان بوشلۇقىدىن دەھشەتلىك كارول چۈشىدۇ» دەپ يازغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن يەرشارىدا رىچارد داماس قىزغىنلىقى ئەۋج ئېلىپ كەتكەنىكەن. 1991-يىلى يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ياپونىيىلىك ئالىم ئافاڭزى يازغان «ئادەمزات تەقدىرنىڭ ئاچقۇچلۇق كۈنى-مېتېئورېتنىڭ سوقۇلۇشى» دېگەن كىتاب ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى كەڭ تۈردە قوزغاپ، ئىنسانلاردا بىر خىل ۋەھىمە پەيدا قىلدى. ئافاڭزى بۇ ئەسىرىدە:« دەھشەتلىك كارول» دېگىنى بىر پارچە چوڭ مېتېئورېت بولۇپ، ئۇ 1999-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى ( دېھقانلار كالىندارى بويىچە 7-ئاي ) ياپونىيە ۋاقتى چۈش سائەت بىردىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى ئورنىپاس تېغىغا قاتتىق سوقۇلىدۇ، دەپ يازدى. ئۇ كىتابىدا رىچارد داماسنىڭ ئون يەتتە مىسرا شېئىرى ئارقىلىق مېتېئورېتنىڭ ئاسماندىن چۈشۈش جەريانىنى تەپسىلىي ھەم ئىنچىكىلىك بىلەن چۈشەندۈرۈپ، 1999-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە سانسىز ئۇششاق مېتېئورېت يەرشارىغا ئۈزلۈكسىز چۈشىدۇ. ئۇششاق مېتېئورېتلارنىڭ ئۈزلۈكسىز چۈشۈشىگە ئەگىشىپ ئاسمان قىزىللىققا بويىلىدۇ، 8-ئاينىڭ 12-كۈنى دېئامېتىرىبىر كىلومېتىردىن ئاشىدىغان زور ھەجىمدىكى مېتېئورىت ئورنىپاس تېغىغا شىددەت بىلەن سوقۇلۇپ، يەرشارىدىكى ھەممە دۆلەتلەردە تاشقىن يامراپ، يەر تەۋرەش كەينى-كەينىدىن يۈز بېرىپ، يەر-جاھان ئاستىن-ئۈستۈن بولىدۇ، دەپ يازدى. ئافاڭزى يەھۇدىيلار ئارىسىدا بىرقانچە يۈز يىلدىن بېرى تارقىلىپ كەلگەن «قابار مەخپىي ھېسابلاش ئۇسۇلى » ۋە سان-سېپىرلارنى ئالاھىدە تىزىش چارىسى ئارقىلىق رىچارد داماسنىڭ داستانىغا يۇشۇرۇنغان مەخپىي رەقەملەرنى چۈشەندۈرگەن. بىزنىڭ يەرشارىغا مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ رىچارد داماس بىلەن ئافاڭزىنىڭ ئەسەرلىرىنى يۇشۇرۇن تەكشۈرتۈپ كۆرۈشىمىزچە، رىچارد داماسنىڭ ناپولېئوننىڭ تەختكە چىقىشى، فرانسىيە ئىنقىلابى ۋە گىتلېرنىڭ ھوقۇق ئىگىلىشى قاتارلىقلارغا ۋاقىت جەھەتتىن ئالدىن بەرگەن بىشارەتلىرى ۋە ئافاڭزىنىڭ رىچارد داماسنىڭ مېتېئورېت سوقۇلۇش ھادىسىسىنى ھەقىقەتەن 1999-يىل 8-ئاينىڭ 12-كۈنى دەپ ئېنىق دەلىللەپ چىقىشى بىزنىڭ پەرەز ھەم تېخنىكىلىق كۆزىتىشىمىزدىمۇ ھەقىقەت بولۇپ شەكىللەنگەنىدى. شۇڭا، بىز دەرھال يۇقىرى تېخنىكىلىق كۈچ-قۇدرىتىمىزگە تايىنىپ، 1999-يىلى بۇ قاباھەتلىك مېتېئورېتنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى يەرشارىغا مەڭگۈ يېقىنلاشماس ماكانغا يولغا سېلىۋەتكەن. بۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ يەرشارىڭلار بىر قېتىملىق زور ھالاكەتتىن ئامان قالغان.

    ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشىگە مەن مۇنداق دېدىم:

    —مەن بۇ ھەقتە بەزى ئاقما گەپلەرنى ئاڭلىغان بولساممۇ بىۋاستە ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەس ئىكەنمەن. لېكىن، شۇ چاغدا يەرشارىدىكى بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ: رىچارد داماس بىلەن ئافاڭزى چىقارغان قورقۇنچلۇق يەكۈن يالغانىكەن، مانا، يەرشارىغا ھېچ نەرسە سوقۇلمىدىغۇ؟ ئۇ ئىككىسى ئەسلىدە نېرۋىسىدىن ئازغان ساراڭلار ئىكەن، دېگەندەك گەپلەرنى قىلىشقانلىقلىرىنى دادامنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان. ئەمما، ئۇ چاغدا مەن تېخى توغۇلمىغانىكەنمەن. ئەسلىدە بىزنىڭ يەرشارىنى ئاشۇ بىر قېتىملىق بالا-قازادىن سىلەر ساقلاپ قالغانىكەنسىلەر-دە. مەن يەرشارىلىقلار نامىدىن سىلەرگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن. يەرشارىلىقلار سىلەرنىڭ بۇ خالىس تۆھپەڭلارنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ ھەم سىلەرگە سەمىمىي جاۋاب قايتۇرىدۇ.

    —لېكىن،—دېدى ئۇ يەنە بېشىنى ئۈزلۈكسىز گىلدىڭلىتىپ،—سەن بۇ ۋاقتى ئۆتكەن خەۋەرنى يەرشارىلىقلارغا يەتكۈزسەڭ، ئۇلار گېپىڭگە ئىشىنەمدۇ؟

    —مېنىڭچە ئىشىنىدۇ. ئۇلار ھازىر ئاسمان جىسىملىرى ۋە تاشقى پلانېتا ئادەملىرىگە خېلى چوڭقۇر ھەم ئىجابىي تونۇشقا ئىگە،—دېدىم مەن ئىشەنچلىك ھالدا،—مۇشۇ ئەسىرنىڭ 2028-يىلى كىچىكرەك بىر سەييارىنىڭ يەرشارىغا سوقۇلىدىغانلىقىنى ئالىملار خېلى بۇرۇنلا مۆلچەرلىگەنىكەن. دېگەندەك، بىر سەييارە شۇ يىلى يەرشارىغا قاراپ ناھايىتى تېزلىك بىلەن ئۇچۇپ كەپتۇ، لېكىن يەرشارى ئالىملىرى ئۇ جىسىم ئاتموسفېرا قاتلىمىغا بۆسۈپ كىرىشتىن بۇرۇنلا دەل ھەم توغرا كۆزىتىش، ئانالىز قىلىش ھەم زور قۇۋۋەتلىك ئالەم راكىتاسىنى يىراقتىن كونترول قىلىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭغا يادرو ئۇقى ئېتىپ، چوڭ پارتلاش زەربە دولقۇنى ئارقىلىق ئۇ سەييارىنىڭ ئوربىتىسىنى ئۆزگەرتىۋىتىپ، يەرشارىنى يەنە بىر قېتىملىق زور بالايىئاپەتتىن ساقلاپ قالغان.

    —ئىنسانىيەتنىڭ ھازىرقى ئەقىل-ئىقتىدارىغا ئاپىرىن ئوقۇشقا ئەرزىيدۇ،—دېدى ئۇ يەنە بېشىنى گىلدىڭلىتىپ،—ئەپسۇسكى، ئۇلارنىڭ ھېچنىمىگە ئوخشىمايدىغان باشقا بىرخىل ياۋۇزلۇقى باركى، ئۇلاردىن يەرشارىدىن ئىبارەت ئاشۇ بىردىنبىر ماكانىنى تەلۋىلەرچە تالان-تاراج قىلىپ، ئۇنى ۋاقىتسىز قېرىلىققا يۈزلەندۈردى. 20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىلا جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئامازۇنكا دەرياسى بويىدىن ھىندۇنېزىيە، مالايسىيا، ياپۇئا يېڭى گېۋىنىيىسىدىكى ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىقىغىچە بولغان جايلارنىڭ ھەممىسىدە ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىرى مىسلىسىز بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانىدى، ھازىر بولسا ئەھۋال ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر. بۇ ھالغا نېمە دېگۈلۈك ئەمدى؟

    —مېنىڭ بىلىشىمچە،—دەپ ئۇنىڭ گېپىنى بۆلدى يېشىل كۆزلىرى سىرتقا پولتىيىپ چىققان يەنە بىر ئالىم،—20-ئەسىرنىڭ 90-يىلىدىن 21-ئەسىرنىڭ ھارپىسىغىچە ھەريىلى يەرشارىدا 130-150 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىدىكى ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىقى قاقاش چۆللۈككە ئايلىنىپ ماڭغان. بىرازىلىيەنىڭمۇ ئىسسىق بەلۋاغ ئورمىنى 34 پىرسەنت ئازىيىپ كەتكەن. ئافرىقىدىكى ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمىلا قالغان. 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى بىر سانلىق مەلۇماتتا دېيىلىشىچە، يەرشارىدىكى 11 مىليون 200 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر سائىرىدىكى ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىقىنىڭ 1 مىليون 500 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرى يوقالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، روسىيە، سىبىرىيە قاتارلىق جايلاردا ھەريىلى 1 مىليون گىكتار ئورمانلىق ۋەيران بولغان. سىلەر ياشاۋاتقان يەرشارىدا دۇنيا بويىچە مۆتىدىل بەلباغ ئورمىنى يىلىغا 2 پىرسەنتلىك سۈرئەت بىلەن ئازىيىپ ماڭغان. ئالىملارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئورمانلار مۇشۇ سۈرئەت بىلەن ئازىيىپ ماڭسا، ئەللىك يىلدىن كېيىن ئادەملەر تەبىئىي ئورمانلىقنى كۆرەلمەيدىغان پاجىئەلىك ئەھۋالغا يولۇقىدىغانلىقى قەيت قىلىنىپ، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلگەن. لېىكن، يەرشارىلىقلار ھەرھالدا ئۆزىنىڭ تەبىئەتنى ۋەيران قىلىشتەك بۇ ياۋۇزلۇقىنى كونترول قىلىپ، كېيىنكى ئەللىك يىلدا ئۆز ماكانىنى، ئورمانلىقلىرىنى ئاز-تولا ساقلاپ قالدى ھەمدە سۈنئىي ئورمان بەرپا قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز ماكانلىرىنى خېلى كۆكەرتىۋالدى.

    —ئەمما، ئۇلار ئۆزلىرى ئويلاپمۇ باقمىغان زىيانغا دۇچ كەلدى،—دېدى زىياپەت باشلانغاندا تۇنجى بولۇپ گەپ باشلىغان پاينەكۋاش ئالىم،—ئورمانلىقلارنىڭ يوقىتىلىشىغا ئەگىشىپ، يەرشارى پەيدا بولغاندىن بۇيان پەيدا بولغان جانلىقلارنىڭ 80 پىرسەنتىنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتتى. جانلىقلار ئىكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپلا قالماي، ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ۋە ساغلاملىقىغا بىۋاستە پايدىلىق ئىدى.

    —شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئىنسانلار زىيادە تېرىقچىلىق قىلىش، يايلاقلاردا زىيادە چارۋا بېقىش تۈپەيلى ئۆز تۇپرىقىنىڭ قۇملىشىپ كېتىشىنى تېزلىتىپ، يەرنىڭ قاقاسلىققا ئايلىنىشىنى كۈنسايىن ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا ئافرىقىدا 10مىليون ئادەم ئاشۇ سەۋەبتىن باشقا جايلارغا كۆچۈپ كەتتى. كېيىنكى ئەللىك يىلدا بولسا، يەرشارىدا تەخمىنەن 150 مىليون ئادەم ئىكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشى سەۋەبىدىن باشقا جايلارغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى،—دېدى ھېلىقى يېشىل كۆزلىرى سىرتقا پولتىيىپ تۇرىدىغان ئالىم كىرپىكسىز كۆزلىرىنى كۆڭۈلسىز بىر قىياپەتتە چىمچىقلىتىپ قويۇپ.

    مېنىڭ يېنىمدا باشتىن-ئاخىر زۇۋان سۈرمەي ئولتۇرغان ۋىجىكرەك بىر تاشقى پلانېتلىق ئادەم ئاغزىنى خۇددى ئەسنىگەندەك يوغان ئېچىپ قويۇپ سۆز باشلىدى:

    —بىز دەسلەپتە تىلغا ئالغىنىمزدەك، يەرشارى مۇھىتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىشىغا ئەگىشىپ، سۇ كىرىزىسى ئىنسانلارغا ئېغىر بېسىم پەيدا قىلدى. يەرشارىدىكى كۆپلىگەن جايلاردا بىر تەرەپ قىلىنمىغان يۇندىلار ۋە كېرەكسىز سانائەت سۇلىرى دەريا، دېڭىز، كۆللەرگە چىقىرىۋىتىلگەچكە، سۇلار سېسىق سۇغا ئايلىنىشقا باشلىدى. مەسىلەن، جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىكىدە ھەريىلى 30 مىليارد كۇب مېتىر، شەھەرلىرىدە يىلىغا ئالتە مىليارد كۇب مېتىر سۇ يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلگەن. شۇ چاغنىڭ ئۆزىدىلا بۇ دۆلەتتە 60 مىليون ئادەم سۇدىن قېينالغانىدى ( ھازىر قانچە مىليون ئادەمنىڭ سۇدىن قېينىلىۋاتقانلىقى ماڭا نامەلۇم). شۇ چاغلاردىن باشلاپلا جۇڭگودا خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئۈزۈلۈش ۋاقتى بارغانسېرى ئۇزارغان، ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدىكى بەش چوڭ كۆلنىڭ، ئافرىقىدىكى ۋىكتورىيە كۆلىنىڭ سۈيىمۇ بارغانسېرى ئازىيىشقا باشلىغانىدى. ھېندىستاندىكى قۇدۇقلارنىڭ 90 پىرسەنتىنىڭ سۈيى ئازىيىپ كەتكەنىدى. كېيىنمۇ ئەھۋالدا ئانچە ياخشىلىنىش بولماي، 2025-يىلىغا كەلگەندە يەرشارى نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمى بۇ خەۋپتىن قوتۇلالمىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا ئەھۋال تېخىمۇ يامانلاشتى.

    ئۇ سۆزلەشتىن توختاپ، يۇقىرىقى پاكىتلىق سۆزلىرىنى ماڭا تەستىقلاتماقچى بولغاندەك كۆزۈمگە «شۇنداقمۇ؟» دېگەن نەزەردە قاراپ قويدى. ئارىدا بىرلا قېتىم سۆزلەپ ئۆتكەن يەنە بىر ئالىم ئالتۇن قەدەھكە تولدۇرۇلغان رەڭسىز ئىچىملىكنى بىر كۆتۈرۈشتىلا ئىچىۋىتىپ، مېنىڭ خىيالچان ھالىتىمگە خېلى ئۇزاق قاراپ تۇرغاندىن كېيىن سۆز باشلىدى:

    —يەرشارىدىكى كۆپكۆك دېڭىزلار 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە يۇندى-ئەخلەت ماكانىغا ئايلىنىپ قالدى. كېرەكسىز سۇلار، داشقاللار، كېرەكسىز مايلار  ۋە خىمىيىلىك ماددىلار كەينى-كەينىدىن دېڭىزغا تۆكۈلىۋەردى. بۇنى پۈتكۈل ۋۇجۇدى ھەم چىن قەلبىدىن توسۇيدىغان بىرەر رەھبەر ياكى بىرەر دۆلەت چىقمىدى دېسەكمۇ بولىدۇ. يەرشارىڭلاردىكى روسىيىنىڭ سانت-پېتربۇرگ شەھىرى كۈنىگە بالتىق دېڭىزىغا 1 مىليون كۇب مېتىر كېرەكسىز سۇ تۆكتى. دوناي، دون، دنپېر دەريالىرى 170 مىليون توننا كېرەكسىز سانائەت بۇيۇملىرىنى ئېقىتىپ، قارا دېڭىزغا تۆكتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ جايدىكى ئۆسۈملۈكلەر، جانلىقلار ۋە مىكرو جانلىقلار ھەسسىلەپ ئازىيىپ كەتتى. فىلىپپىندىكى چىخۇ كۆلى 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىپ، بۇلغانغان دېڭىز سۈيى مەززىلىك دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئادەم ئۆلتۈرىدىغان زەھەرگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ ئەقىللىق ئىنسانلارنىڭ قىلمىشى ئەمەسمۇ!

    —ئىنسانىيەتنىڭ بۇنداق ئۆز-ئۆزىنى ھالاكەتكە ئىتتىرىشتەك قىلمىشى تۈپەيلى،—دەپ گەپ ئالدى ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرغان پاينەكۋاش ئالىم،—يەرشارىنىڭ يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدىكى ئىنسانلارنى زەھەرلىك نۇردىن قوغدايدىغان ئوزۇن قاتلىمى بارغانسېرى نېپىزلىدى. ئاتموسفېرا قەۋىتىدە ئوزۇن قەۋىتىنى كاردىن چىقىرىدىغان خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ كۆپىيىشى ئارقىسىدا، جەنۇبىي قوتۇپنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا كۆلىمى 22 مىليون كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان غايەت زور تۆشۈك پەيدا بولدى. 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا يەنە، روسىيىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا غايەت زور ئىككى ئاتموسفېرا تۆشۈكى بايقالدى، بۇنىڭ بىلەن ئولترا بىنەپشە نۇرنىڭ زىيانلىق تەسىرى 40 پىرسەنتتىن ئېشىپ، بۇ جايدا تېرە راكى، كۆزگە ئاق چۈشۈش، قاتارلىك كېسەللىكلەر كۆپىيىپ كەتتى. دېمەك، ساپ، پاكىز ھاۋا ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىدىن بارغانسېرى يىراقلاپ، ھاۋادىكى زەھەرلىك ماددىلار ئېھتىيات سىزىقىدىن ئېشىپ كەتتى. لېكىن، ھازىر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانغان بولساڭلارمۇ ئەھۋال يەنىلا ئېغىر. شۇڭا، سىلەر ئىنسانلار ھەقىقي ماكانلىشىشقا بولىدىغان يەنە بىر سەييارە تاپقۇچە ئۆزۈڭلارنىڭ ئانا ماكانى بولغان يەرشارىنى قاتتىق مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قوغداپ، يېڭى بىر مۇھىت ئەخلاقى مەدەنىيىتىنى قايتىدىن بەرپا قىلىپ، ئامال بارت كېيىنكى ئەۋلادلىرىڭلارغا گۈزەل بىر دۇنيا قالدۇرۇشۇڭلار كېرەك.

     

    مەن ئۇلارنىڭ يەرشارى ۋە ئىنسانىيەت ھەققىدىكى ياخشى كۆڭۈل، خالىس نىيەت بىلەن ئېلىپ بارغان بۇ مۇنازىرىلىرىنىڭ ئاياغلىشىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ، مۈكچىيىپ كەتكەن گەۋدەمنى سەل كۆتۈرۈپ زۇۋان سۈردۈم:

    —رەھمەت، رەھمەت ئەپەندىلەر. سىلەرنىڭ شۇنچە يىراقتىكى يەرشارىغا ۋە ئۇنىڭدىكى ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ھەم كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىڭلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن. مۇمكىن بولسا، يەرشارىلىقلار بىلەن يېقىنلىشىپ، دوستلۇق ئورنىتىپ، سەمىمىي تەكلىپ ۋە ياردەم بېرىشىڭلارنى، بىزگە ئەقىل كۆرسىتىشىڭلارنى، بىز بىلەن مەدەنىيەت، تېخنىكا ئالماشتۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ مېنىڭلا ئەمەس، پۈتكۈل يەرشارىلىقلارنىڭ سىلەردىن كۈتىدىغان ئۈمىدى!

    سۆزۈم ئاخىرلىشىشى بىلەنلا گۈلدۈراس چاۋاك ساداسى ئەتراپنى بىر ئالدى. ئۇلارنىڭ ئەسلىدىلا ئۆلۈكنىڭكىدەك كۆرۈنىدىغان سوغۇغق نەزەر كۆزلىرى نۇرلىنىپ، كۆز جىيەكلىرى كېرىلىپ كەتتى، قارىچۇقلىرى تېنىمسىز پىرقىراپ، باشلىرى ئۈستۈن-تۆۋەن گىلدىڭلاپ كەتتى. ئۇلار مېنىڭ سۆزلىرىمدىن ھاياجانلانغاندەك قىلاتتى.

    —ئاخىرىدا، مېنىڭ بۇ يەرشارىلىق دوستىمىزغا ھاۋالە قىلىپ تۆۋەندىكى سۆزلەرنى ئېيتقۇم كېلىۋاتىدۇ،—دېدى ھېلىقى ھېلىقى يېشىل كۆزلىرى سىرتقا پولتىيىپ چىقىپ تۇرىدىغان ئادەم،—يەرشارىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 5 مىليارد 500 مىليوندىن ئېشىپ، 6 مىلياردلىق چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەنىدى، 2050-يىلىغا قەدەم قويغان بۈگۈنكى كۈندە 10 مىلياردتىن ئېشىپ كەتتى. بۇنىڭ ئېچىدىكى 9 مىلياردتىن ئارتۇق نوپۇسلا ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسىدا ياشاۋاتىدۇ. 21-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا بارغاندا، يەرشارى نوپۇسى 12 مىليارد 500 مىليونغا يېتىپ، ئاندىن داۋاملىق كۆپىيىشتىن توختىشى مۇمكىن. مۇشۇنداق كۆپ نوپۇسلۇق يەرشارى ئادەملىرى بۇنىڭدىن كېيىن، يەنە نېمىلەرنى قىلسا، قانداق قىلسا ئۆزىگە پايدىلىق شارائىت يارىتالايدۇ؟ مېنىڭچە، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى ئازايتىپ، پاكىز ئېنېرگىيە مەنبەسىنى ئىشلىتىشى، كاربونلۇق يېقىلغۇ ماتېرىياللىرى ۋە يادرو ئېنېرگىيىسىنىڭ سەرپىياتىنى تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرۈپ، قۇياش ئېنېرگىيىسى، شامال ئېنېرگىيىسى، سۇ ئېنېرگىيىسى، يەر ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى، تېمپېراتۇرا پەرقى ئېنېرگىيىسى قاتارلىق قايتا پەيدا بولىدىغان ئېنېرگىيىنىڭ نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك؛ ماتورلۇق قاتناش قۇراللىرىنى ئىشلىتىشنى ئازايتىپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئاھالىلەرنى خىزمەتكە، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا، پاكىز مۇھىتقا، ئارام ئېلىشقا دەۋەت قىلىپ، ئىنسانىيەت ساغلاملىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نوپۇس تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش كېرەك؛ كەڭ-كۆلەمدە ۋەيران قىلغۇچى قۇرال-ياراغلارنى ئۈزۈل-كېسىل چەكلەپ، ئەسكەرلەرنى كۆپلەپ قىسقارتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردە تېرورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى چەكلىك ساندىلا ئەسكەر قالدۇرۇش كېرەك. بۇنداق بولمايدىكەن، يەنە بىر مەيدان يەرشارى خاراكتېرلىك دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاپ، يەرشارىدا مەدەنىيەتلىك جەمئىيەت ئاياغلىشىدۇ! مەن يۇقىرىدا ئېيتقان بىر قانچە تۈرلۈك ئىشلار ھازىر يەرشارىدىكى بەزى دۆلەتلەردە ئومۇملاشقان، ئىزچىللاشقان بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەردە تېخى ئەمەلگە ئاشمىدى. ئاخىرىدا يەنىلا تەكىتلەيدىغىنىم-يەرشارىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى مەڭگۈ بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك.

    مەن ئۇنىڭ بۇ سەمىمىي تەكلىپىنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئاڭلاپ، تەسىرلەنگىنىمدىن ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ قولىنى مەھكەم سىقىپ تۇرۇپ رەھمەت ئېيتتىم.

    ئاچىتا، دەل مۇشۇ چاغدا سېنىڭ خېلىدىن بېرى ئۈن-تىنسىز ئولتۇرغىنىڭ ئېسىمگە كەلدى. بۇرۇلۇپ ساڭا قارىدىم، سەن ئاجايىپ لاتاپەت بىلەن ئولتۇرغان بولساڭمۇ، چىرايلىق كۆزلىرىڭ بىر خىل مۇڭغا، ھاياجانغا تولغانىدى. قارىغاندا سەن باياتىن بولۇنغان مۇنازىرىلەرنى چۈشەنگەندەك قىلاتتىڭ. مانا شۇنىڭدىنلا سېنىڭ ئاڭ-سەۋىيەڭدىمۇ ئۆزگىرىش بولغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى.

    شۇنداق قىلىپ بىز بۇ كۆڭۈللۈك زىياپەتتىن تارقاپ، ھەرقايسىمىز ئۆز ھۇجرىمىزغا راۋان بولۇشتۇق.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.