لاتارىيە چۈشى (مىكرو ھېكايە) ئابۇزەر تۇرسۇن

يوللىغۇچى : spruce يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-29 12:15:45

لاتارىيە چۈشى (مىكرو ھېكايە) ئابۇزەر تۇرسۇن ئۇ يېقىندىن بېرى لاتارىيە ئويناۋاتاتتى . قىسقىغىنە نەچچە ئاي ئىچىدە ئۇ ئون مىڭ يۈەندىن ئوشۇق پۇلنى لاتارىيە ئويۇنىغا تىقىۋەتتى . بۈگۈنمۇ ك...



     

       لاتارىيە چۈشى
                (مىكرو ھېكايە)     

                  ئابۇزەر تۇرسۇن

           ئۇ يېقىندىن بېرى لاتارىيە ئويناۋاتاتتى . قىسقىغىنە نەچچە ئاي ئىچىدە ئۇ ئون  مىڭ يۈەندىن ئوشۇق پۇلنى لاتارىيە ئويۇنىغا تىقىۋەتتى . بۈگۈنمۇ كۈندىكىدەك ئىشىتن قايتىپ ئۆيگە ماڭىدىغان ئۆتەر يولدىكى لاتارىيە ساتىدىغان دۇكانغا كىردى . ئۇ دۇكانغا كىردىيۇ، ئۇدۇل تامدىكى ئېلان قىلىنغان نومۇرلارغا قاراپ داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدى،ئۇنىڭ يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ،چىرايى شۇنداق ئۆزگىرىپ كەتتى،ئۇ قىمىر قىلماي تۇرۇپلا قالدى، خۇددى يەر شارى ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشتىن توختىغاندەك، تومۇرلىرىدىكى قان ئايلىنىشتىن توختىغاندەك ،ئەتراپتا ئۇنىڭدىن بۆلەك ئادەم يوقتەك ئىدى.ئەنە 7 خانە سان ئۇنىڭ قولىدىكى لاتارىيە بېلىتى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش.

         ئۇنىڭ كاللىسىغا چاقماق تېزلىكىدە ھەر خىل خىياللار كېلىشكە باشلىدى،قانداق ماشىنا ئالسام بولار،ياق، ئاۋال ئۆي ئېلىش كېرەك،ئۆي ماشىنىدىن مۇھىم،بالىلار چوڭ بولۇپ 15 ياشتىن ئاشتى،كىچىككىنە 75 كۇۋادىرات مېتىرلىق ئۆي بولمايدۇ، چوقۇم 150 كۇۋادىرات مېتىر ئۆي ئېلىشىم كېرەك... يەنە، يەنە ... ئۇ ئويلاشقا باشلىدى، تۇرۇپلا ئۇ كۈندە ئىشقا ماڭغاندا ئۇنىڭ قارشى يۆنىلىشىگە قاراپ ماڭىدىغان ، ھەر قېتىم ئۇنىڭغا كۈلۈپ قويىدىغان زىلۋا، ئېگىز بويلۇق، ئاپئاق يۈزلۈك، قاپقارا ئۇزۇن چاچلىق، قاشلىرى قىياقتەك، چوڭقۇر قوي كۆزلۈك ، ئاغزى قوشۇقتەك چىرايلىق قىز يادىغا كېلىپ قالدى. ئۇ ئۇ قىز بىلەن پەقەت بىر قېتىملا ‹ياخشىمۇ سىز› دەپ سالاملىشالىدى، ئۇنىڭدىن ئوشۇق پاراڭ قىلىش پۈرسىتى بولمىدى. ئۇ خىزمەتكە بېرىش يولىدا بىر يىلدىن بېرى داۋاملىق كۆرىۋاتقان بۇ 20 نەچچە ياشلىق قىزنى ئۆزىنىڭ 40 ياشتىن ئاشقان، چاچلىرىغا ئاق سانچىغان،كۆز ئەتراپلىرىنى قورۇق قاپلىغان، بويى ئارانلاm  1.60 كېلىدىغان،تولا كوتۇلدايدىغان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان خوتۇنىغا سېلىشتۇردى، ھەي ئالدىنقىسى بىر پەرىزاتتە...

        ئۇ تاماقلىرىنى چېكىپ قويدى. ئەگەر خوتۇننىڭ خېتىنى بېرىۋېتىپ يېڭى ئالغان ماشىنىغا ( ماشىنا چوقۇم 300 مىڭدىن يۇقىرى باھادىكى ماشىنا بولۇشى كېرەك! ) ئۇ قىزنى سېلىپ ، شەھەرنىڭ ئاۋات يېرىدىن 150 كۇۋادىرات مېتىر ياكى 200 كۇۋادىرات مېتىرلىق ئۆيدىن بىرنى ئېلىپ كېينكى ئۆمرۈمنى ئۇ نازىنىن بىلەن ئۆتكۈزسەم جەننەت ھوزۇرى دىگەن شۇ ئەمەسمۇ؟!

    ئۇ بۇ خىل ئويلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە سەۋەپ ئىزلىدى . توغرا سەۋەبلەر قۇمدەك جىق،ئايالى دائىم ئۇنىڭغا:

    « تالاغا چىقىپ تاماكا چېكىڭ ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالدا بالىلار ئالدىدا يۈرمەڭ ، ئىناۋىتىڭىزنى ساقلاڭ،تاماق يىگەندە ئاۋاز چىقاردىڭىز، شالاپلىتىپ يىمەڭ، بالىلارنىڭ دەرىسىگە كۆڭۈل بۆلۈڭ، بالىلارنى تەربىيىلەش ئىشىغا دىققەت قىلىڭ، سىز ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى،سىزنىڭ رولىڭىز چوڭ . لاتارىيە ئوينىماڭ ئەخمەقلەرچە قۇرۇق خىيالغا بېرىلمەڭ، ماجاڭ ئوينىماڭ ، پۇلنى ئىقتىساد قىلىپ يىغايلى، »دىگەندەك تۈكى يوق گەپلەرنى تولا قىلىدۇ.ھەي بۇ خوتۇننىڭ دەردى، بۇ خوتۇننىڭ گېپىنىڭ ئاچچىقلىقىچۇ تېخى.

    ئۇ ئويلىغانسىرى ئۆز قارارىنىڭ توغرىلىقىنى ھىس قىلدى. ئەلۋەتتە لاتارىيەدە چىققان نەچچە مىليون پۇل ئۇنىڭ بۇ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى تامامەن قاندۇرالايدۇ،-دە.

     تۇيۇقسىز دۇكاندار ئۇنىڭ مۈرىسىگە بىرنى ئۇردى ۋە :

    • بۇرادەر ئەجەپ چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈپ كەتتىڭىز، قايسى تۈردىكى لاتارىيە؟
    • مەن...مەن....،- ئۇ كېكەچلەپ تىلىنى چايناپ قالدى.

    -ئەكىلىڭا ، قولىڭىزدىكى لاتارىيە بېلىتىنى ،- دۇكاندار بېلەتنى قولىغا ئېلىپ تەپسىلى كۆردى ۋە ۋاقىراپ كەتتى،- ھەي ئېسىت بۇرادەر ، خۇدايىم دىلىڭىزغا 7 خانىلىق ساننى توغرا ساپتۇ، بىراق تاللاشتا ئېزىپ كېتىپسىز،سىز 35 خانە ئىچىدىكى 7 خانىنى تاللىماي،قوش رەڭلىك لاتارىيە ئىچىدىن 7 خانىنى تاللىۋاپسىز».

    ئۇنىڭ بەدىنىدىن مۇزدەك تەر چىقىپ كەتتى.ئۇ ئۆزىنى توختىتېۋىلىپ تامغا قايتا قارىدى، توغرا بىرمۇ سان خاتا ئەمەس ، قولىدىكى كۆك-قىزىل قوش رەڭلىك لاتارىيەنىڭ يۈزىدىكى 7 خانىلىق سان . 35 خانە ئىچىدىن 7 سان تاللاش تۈرىدىكى ئېلان قىلىنغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى مۇكاپات بىلەن ئوخشاش ئىدى.

     ئۇ ئېگىز بىنا ئۈستىدىن تاشلىۋېتىلگەندەك لاسسىدە بوشىشىپ كەتتى.پۇت-قوللىرى جانسىزلىنىپ،خۇددى سۇ ئۈزۈپ بولغاندىن كېيىن بوشىشىپ كەتكەندەك بولۇپ قالدى.

     « ئۇھ ، خۇداغا شۈكرى، ھېلىمۇ توغرا چىقىپ قالماپتۇ، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ نىمە خىياللارنى قىلىپ كەتتىم ھوي مەن؟! »ئۇ بايىقى بىمەنە خىياللىرىمنى بىراۋلار بىلىپ قالمىغاندۇ دەپ خۇدۇكسىرەپ ئەتراپىغا قاراپ قويدى. دۇكان ئىچىدە ئۇ ۋە دۇكاندار ئىككىسىلا بار ئىدى ، دۇكان سىرتىدا ئاپپاق قار يېغىۋاتاتتى. ئۇ ئالدىنقى ھەپتە تۇغۇلغان كۈنىدە ئايالى تاللاپ ئېلىپ بەرگەن پەلتويىنىڭ ياقىسىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ قويۇپ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.ھەر راست ئايالى بۈگۈن چۈشتە ئۇ ياخشى كۆرىدىغان تاماق- نارىن ئەتمەكچى ئىدى.قىشتا قېزا بېسلغان نارىن ھەقىقەتەن بەك ياخشى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئايالى نارىن، پولۇ دىگەندك تاماقلارنى ئاجايىپ ئوخشىتىپ ئېتىدۇ.

    ئۇ ئاپپاق قارلار لەپىلدەپ يېغىۋاتقان كوچىدا ئۆيىگە ئالدىراپ ماڭدى.ئۇنىڭ قورسىقى ھەقىقەتەن ئاچقان ئىدى.

     

    2009 -12-9

    2010- يىللىق ‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى›دە ئېلان قىلىنغان .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.