ئېرپاننىڭ چۈشلىرى(2)

يوللىغۇچى : Abral يوللىغان ۋاقىت : 2008-04-11 21:43:00

ئېرپاننىڭ چۈشلىرى مومىسىدىن « يولۋاسقا مىنگەن موماي » ھەققىدىكى ھىكايىنى ئاڭلىغان ئېرپان چۈشىدىمۇ ئەشۇ «يولۋاسقا مىنگەن موماي » نى كۆرۈۋاتاتتى...****************************************« ئېرپان مومىسى بىلەن ئاپت...

     ئېرپاننىڭ چۈشلىرى

        مومىسىدىن « يولۋاسقا مىنگەن موماي » ھەققىدىكى ھىكايىنى ئاڭلىغان ئېرپان چۈشىدىمۇ ئەشۇ «يولۋاسقا مىنگەن موماي » نى كۆرۈۋاتاتتى...
    ****************************************
    « ئېرپان مومىسى بىلەن ئاپتوۋۇزدا ئولتۇرغۇدەك، ئاپتوۋۇز مومىسى ئېيتڭپ بەرگەن ھىكايىدىكى  قومۇشلۇقنى بويلاپ بىر خىلدا كېتىۋاتجۇدەك ،يىراقتا چەكسىز كەتكەن قومۇسىلۇقلار ئارىسىدا يوغان تاغىل يولۋاسقا مىنگەن ئاق لىچەكلىك بىر موماي يىراقلارغا نەزەر سالغىنىچە مەغرۇر ئولتۇرغۇدەك ، ئۇنىڭ قولىدىكى ئالتۇن رەڭلىك ھاسىسى قۇياش نۇرىدا يالت- يۇلت قىلىپ چاقناپ تۇراتتى...
    ماشىنا ئەمدى چەكسىز كەتكەن قۇم بارىخانلىرى ئارىسىدا كېتىۋاتاتتى ، ئېرپان بۇ قۇملۇقنى قەيەردىدۇر كۆرگەندەك قىلاتتى، « موما - موما ، قارىغىنا ، بىز قەيەردە ھازىر ؟ » « تەكلىماكان چۆللىگىدە بىز بالام ! بوۋىلىرىمىز ياشىغان گۈزەل ماكانلار ئىدى بۇ..»مومىسى خىيالغا كەتكەن ئىدى.
     ئېرپان مومىسىدىن يەنە جىققىدە سواللارنى سورىماقچى ئىدى ، يوغان تاغىل يولۋاس موماينى دۈمبىسىگە مىندۈرگىنىچە تەكلىماكان چۆللۈكىنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ كېتىۋاتاتتى....
    ئېرپان ئاستاغىنە مومىسىنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇۋالدى ، ئۇ يولۋاستىن كۆزۈنى ئۈزمەستىن ئاستا پىچىرلىدى ،« موما ئۇ ماماي نەگە بارىدۇ؟» ئەمما مومىسى جاۋاپ بەرمەستىن دەرىزە سىرتىغا قارىغىنىچە جىممىدە ئولتۇراتتى.
    « گەپ قىلغىنا موما ،» ئرپان مومىسىنىڭ بىلىكىنى سىلكىشكە باشلىدى....
    **************************************
      «ئورنۇڭدىن تۇر قوزام، تاڭ ئاتتى ، سۈتۈڭنى ئىچىۋالغىن !»
    مومىسىنىڭ ئويغۇتۇشى بىلەن ئېرپان تەسلىكتە كۆزۈنى ئاچتى ، دەرىزىدىن چۈشكەن كۈن نۇرى ئۆ ئىچىگە تارام- تارام نۇرلىرىنى چاچقان ئىدى...

       سەندىن سەل چوڭراق چاغلىرىم ئىدى ،مەلىمىزدە نۇخان تەتەم دەيدىغان بىرخوشنىمىز بولۇپ ،نۇخان تەتەمنىڭ پاتى ئىسىملىك تولىمۇ چىرايلىق بىر قىزى بولىدىغان ، ئۇ قىز 16 ياشقا كىرگەن يىلى چۆچەك شەھرىنىڭ يىراق بىر يېزىسى يەنى قارا ئۆڭكۈر دەيدىغان يېرىدىكى بىر چارۋىدارنىڭ ئوغلى بىلەن توي قىلدى .
    ئېرپان گەپ ئارىلىدى:
    -موما چارۋىدار دىگەن قانداق ئادەم؟
    -ھە، بالام، چارۋىدار دېگىنىمىز نۇرغۇن مال چارۋىلىرى، يەنى قوي- كالا، تۆگىلىرى بار كىشىنى كۆرسىتىدۇ.
    -بىلدىم ،-ئېرپان چوڭ- چوڭ كۆزلىرىنى مومىسىغا تىككىنىچە ھىكايىنىڭ داۋامىنى ساقلاۋاتاتتى.
    -توي ناھايىتى چوڭ بولدى داۋۇتكام بىلەن نۇخان تەتەم قىزىنى نۇرغۇن مال- دۇنيا بىلەن داغ- دۇغا ئىچىدە «قارا ئۆڭكۈر»دىگەن يىراق قىرغا ئۇزۇتۇپ قويدى.
    ئەمما توي بولۇپ 2 كۈندىن كېيىن نۇخان تەتەمنىڭ قىزىنى «ئېيىق ئېلىپ قېچىپ كېتىپتۇ !»
    دىگەن خەۋەر يېتىپ كەلدى .
    ئاپام بىلەن نۇخان تەتەمدىن ھال سوراپ ئۇلارنىڭ ئۆيۈگە كىرگىنىمىزدە نۇخان تەتەمنىڭ ئۆزۈنى كاچاتلاپ قاتتىق يىغلاپ كەتكىنى يادىمدا.
    ئېرپاننىڭ يوغان كۆزلىرى چاقناپ كەتتى،
    -موما، نۇخان تەتەمنىڭ قىزىنى ئېيىق يەپ كەتمىگەندۇ- ھە ؟!
    -ياق بالام ، نۇخان تەتەمنىڭ قىزىنى ئېيىق يەپ كەتمەپتۇ ، بەلكى ئۇ قىزنى توي كۆچۈرۈپ ماڭغانلار قولىدىن ئېيىق بۇلاپ ئېلىپ قېچىپ كېتىپتۇ !
    -داۋۇتكام ۋە نۇخان تەتەملەر ۋە ئۇلارنىڭ قۇدىسى نۇرغۇن پۇل خەجلەپ، ئوۋچىلارنى ياللاپ ،تاققا قىزىنى ئىزدەپ تېپىشقا ئەۋەتتى.
    -تويى بولغان يىگىتچۇ؟ ئۇمۇ بارغاندۇر-ھە ؟
    -ئەلۋەتتە بالام ئۇ باتۇر يىگىتمۇ ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك ئايالىنى ئېيىقنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئوۋچىلار بىلەن تاغ ئارىسىغا كىرىپ كېتىپتۇ.
    ئۇلار تاغ ئارىسىدا بىر ھەپتە ئىزدىگەن بولسىمۇ لېكىن ئۇ قىزنى تاپالماپتۇ ، ئۆز سۆيگەن قىزىنى تاپالمىغان يىگىت ئۈمىتسىزلىنىپتۇ ، نۇخان تەتەم بولسا بۇ كۈنلەردە تۈگۈشۈپلا كەتتى، خوشنىلار ئۇنى يوقلاپ ھەر كۈنى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ تۇراتتى.
    يالغۇز قىزىدىن ئايرىلىپ قالغان داۋۇت باينىڭ ھالى تېخىمۇ خاراپ ئىدى . « كىمدە - كىم ،قىزىمنىڭ ئۇچۇرۇنى ئېلىپ كېلەلىسە مەيلى ئۇنىڭ تىرىك تېنى ياكى ئۇنىڭغا تەۋە بولغان ھەرقانداق بىر نەرسىنى تېپىپ كېلەلىسە مەن ئۇنىڭغا بايلىغىمنىڭ يېرىمىنى بېرىمەن !» داۋۇتكام ئەشۇ قارارنى جاكالىغاندىن كېيىن ئەينى يىللىرى پۈتۈن چۆچەك تەۋەسىدىكى ئوۋچىلار ، چارۋىچىلار گۈزەل كېلىنچەك پاتىنى ئىزدەشكە كىرىشىپ كەتتى.
    ئېرپان ئىنتىزارلىق ئىچىدە ھىكايىنىڭ داۋامىنى ساقلاۋاتاتتى، شۇ تاپ ئۇنىڭ كۆزلىرى ئۇيقۇدىن يىراق ئىدى.
    -پاتىنى ئېيىق ئېلىپ قېچىپ كېتىپ 12 كۈن بولغاندا تاغدىن نۇخان تەتەمنىڭ قىزىنىڭ ئېيىق ئۆڭكۈرىدىن تاغدىكى قويچى تەرىپىدىن تېپىلغانلىق خەۋىرى كەلدى.
    _ئۇھ ، موما ! گۈزەل كېلىنچەك پاتى ھاياتتۇ-ھە؟ سەن دىگەن ئىدىڭ ئېيىق بىكاردىن بىكار ئادەملەرگە ھۇجۇم قىلمايدۇ، ئاچ قالمىسىلا ئادەملەرنى يىمەيدۇ- دەپ!
    ئېرپان ئۈمىت بىلەن مومىسىغا تىكىلدى .
    -شۇنداق بالام پاتى تىرىككەن ، قويچى بوۋاي ئۇنى ئېيىقنىڭ ئۇۋىسىدىن قۇتقۇزۇۋالغىنىدا ئۇنىڭ تىنىغى ئارانلا قالغان ئىكەن.ئېيىق ئۇۋىسىدىن سىرتقا ئوزۇق ئىزدەپ چىقىپ كەتكەن چاغدا ،شۇ ئەتراپتا قوي بېقىۋاتقان بۇ بوۋاينى ئۇنىڭ ئمراق ئىتى قاۋاپ ، ئېيىق ئۆڭكۈرۈگە ئېلىپ كېلىپتۇ .
    _«ئېيىق ئۆڭكۈرىدە گۈزەل قىز بار ،» دەپ قاۋاپتىمۇ؟-ئېرپان ھوزۇر بىلەن كۈلدى . ەۈزەل كېلىنچەك پاتىنىڭ ھايات قالغىنىدىن ئۇ شۇنداق خوش بولۇپ كەتكەن ئىدى .
    نەۋرىسىنىڭ  تاتلىق گەپلىرى مومىسىنى سۆيۈندۈردى.
    -شۇنداق دىگەن بولسا كېرەك ، ئىتىنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئېيىق ئۆڭكۈرىگە كەلگەن قويچى ئۆڭكۈر ئاغزىدىكى تاشنى تەسلىكتە يۆتكەپ ،ئۆڭكۈر ئىچىگە كىرىپتۇ ،ئۇ كىشىلەر ئاغزىدىن پاتىنى ئېيىق ئېلىپ قاچقانلىغى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغان ئىكەن . ئۇ ھۇششىز ياتقان پاتىنى ئۆيۈگە ئېلىپ كېتىپتۇ، ئەتىسى داۋۇت باي بېرىپ قىزىنى ئەكىلىۋالدى. 1 ئايدىن كېيىن پاتى سەللىمازا ئەسلىگە كەلدى، 2 ئاي بولغاندا داۋۇت باي كۈيۆ ئوغلىنى تاغدىن چاقىرىپ كېلىپ پۈتۈن يۇرتقا قايتىدىن چوڭ توي قىلىپ بەردى،ئەلۋەتتە پاتىنى قۇتقۇزۇۋالغان قويچىغا داۋۇتباي ئۆزىنىڭ تاغدىكى قويلىرىنىڭ يېرىمىنى بېرىۋەتتى .پاتىنى بولسا تاققا ئىككىنچىلەپ ئەۋەتمىدى ، كۆيۆ ئوغلىنى يېنىدا ئىچ كۆيۆ ئوغۇل قىلىپ ئېلىپ قالدى.
    مومىسى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ھىكايىسىنى ئاخىرلاشتۇردى ، ئۇ چارچىغان ئىدى.
    -ئەمدى ئۇخلىغىن قوزام ! يېرىم كەچە بولۇپ كەتتى.
    ئەمما ئېرپاننىڭ ھىچ ئۇيقۇسى كەلمىگەن ئىدى،ئۇنىڭ مومىسىدىن سورىماقغى بولغان نۇرغۇن سواللىرى بار ئىدى .
    -موما ، پاتى ئېيىقنىڭ ئۇۋىسىدىكى چاغدا نىمە يەپتۇ ؟ ھەسەل يەپتىمۇ -يا ؟
    -ئېيىق ئۇنىڭغا ئۆزى ئوۋلىغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىنى ئەكىلىپ بېرىپتۇ ، ئەلۋەتتە تاغ مىۋىلىرى ياۋا ئالما، ياۋا ئۈرۈكلەرمۇ بولسا كېرەك.
    قورسىقى ئاچقان پاتى ئامالسىز بۇلارنى يەپتۇ، لېكىن يەنىلا بەك ئاجىزلاپ كېتىپتۇ ، ئەگەر قويچى كېلىپ قۇتقۇزۇۋالمىغان بولسا ئۇ بەلكىم ئەشۇ ئېيىق ئۆڭكۈرىدە ئفچلىقتىن ئۆلۈپ قېلىشى مۈمكىن ئىكەندۇق . بۇنى پاتى ئكزى بىزگە دەپ بەرگەن ئىدى. بولدى قوزام ئەمدى ئۇخلا !
    مومىسى بەكلا چارچىغان ئىدى .
    _موما بۇ راست ۋەقەمۇ ؟-ئېرپان بۇ ۋەقەنىڭ راستلىغىغا يەنىلا ئىشىنەلمەيۋاتاتتى.
    _راست قوزام بۇ راست بولغان ۋەقە .ئەدى ئۇخلايلى._مومىسى ئۇيقۇلۇق پىچىرلىدى .
    ئېرپاننىڭ كۆزلىرى ئۇيقۇغا كەتتى ....

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق