گۇناھ-21(ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-09 06:39:43

گۇناھ(21)ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد   دەھشەتلىك ئازابنى تىل بىلەن ئىپادە قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى، سەمەت مەخسۇم خۇدادىن ئەجەل يەتكۈچە ھەم ئوغلىغا كېسىم كەلگۈچە بارلىق كۈلپەت ۋە خانىۋەيرانلىققا چىدا...



    گۇناھ(21)
    ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد


     
     دەھشەتلىك ئازابنى تىل بىلەن ئىپادە قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى، سەمەت مەخسۇم خۇدادىن ئەجەل يەتكۈچە ھەم ئوغلىغا كېسىم كەلگۈچە بارلىق كۈلپەت ۋە خانىۋەيرانلىققا چىداپ ياشاش قارارىغا كەلدى، ئايىمخانمۇ ئۇنىڭغا گويا ۋاپادار ئايالىدەك كۆيۈنۈپ، ئۇنىڭ ياشاش ئىستىكىنى پەيدا قىلىپ تۇراتتى. ئۇ دوختۇرخانىدا بىر ئاي يېتىپ ئاران ئەسلىگە كەلدى، داۋالىنىش پۇلىنى ئايىمخاننىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئالتۇن بىلەيزۈكنى سېتىپ تۆلىدى.

      سەمەت مەخسۇم تېخىمۇ غېرىبلىشىپ كەتكەن ئۆيىگە يېنىپ كەلدى. ئەتىسى كەچتە شام نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ، ياش تۆكۈپ ئۇزاق دۇئا قىلىپ ئوغلىنىڭ ئۆمرىنى تىلەپ ئولتۇراتتى، ئۆيگە نىياز تۇيۇقسىز كىرىپ كەلدى؛ مەخسۇم گويا ئەزرائىلنى كۆرگەندەك چۆچۈپ كەتتى. نىياز گەپ- سۆز قىلماستىنلا كېلىپ مەخسۇمنىڭ ئۆچكە ساقىلىنى كاپپىدە تۇتۇپ، بېشىغا نەچچە مۇشت ئۇرۇۋەتتى، يۈزىگە تەستەك سالدى، ئارقىدىن بۇقىدەك ھۆكىرىدى:

      — ھۇ پوق ساقال موللام، ھۇ نىجىس موللام، ئۆزەڭنىڭ بېشىغا بالا تېرىدىڭمۇ مانا! بالاڭ ئادەم ئۆلتۈردىغۇ مانا! بالاڭنى موللىغا بېرىپ تويدۇڭمۇ ئەمدى! بالاڭنى ئوبدان تەربىيىلمەي ئۇنى ئاخىرى ساراڭ، قاتىل قىلىپ چىقاردىڭغۇ مانا! خوتۇنۇمنىڭ قىساسىنى ئەسلى سەندىن ئالسام بولاتتى، خەير، ئۆزەمگە ھاي بېرەي! ئۆتكەندە بالاڭنىڭ بۇرنىدىن كىچىككىنە قان ئاققىنىغا شۇنچىۋالا قىلىپ ئۆيۈمگە ئىككىڭ باستۇرۇپ كىرگەنتىڭ، ئەمدى بۇنىڭغا نېمە دەيسەن، جانغا جان تۆلەمسەن؟!

      — قۇلۇڭنى تارت، گەپ بولسا جىم تۇرۇپ قىل!-مەخسۇم بوغۇلۇپ كەتتى، نىيازنىڭ تاياقلىرىنى توراپ بولالماي جان ئاچچىقدا ئىڭراپ كەتتى،- بالامنىڭ دەردىمۇ يېتىپ ئاشىدۇ ماڭا، ئاغرىقجان ئادەمنى ئايا!

      نىياز ئۇرۇشتىن توختىدى، ئارقىدىن سەمەت مەخسۇمنىڭ يۈزىگە شالاققىدە بىرنى تۈكۈرىۋېتىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

      — ماڭا بويسۇنمىغانلىقىڭ، گېپىمگە كىرمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن مانا خۇدايىم ئاخىر جاجاڭنى بەردى، بالاڭ ئەسلى مەكتەپتە ئوقۇپ ساق ئادەم بولۇپ چىقاتتى، سەن ئۇنى ساراڭ قىلدىڭ، جىنايەت سەندە، لېكىن ھۆكۈمەت سېنى ئەمەس، قاتىللىق قىلغان بالاڭنى تونۇيدۇ! ئاغرىق باھانىسى بىلەن ساقچىدىن قۇتۇلدۇم دەپ ئالدىراپ خوش بولما، مەنلا بۇ يەردە باشلىق بولۇپ تۇرىدىكەنمەن، سەندەك پالاكەت موللامغا بۇ مەھەللىدە ئەمدى كۈن يوق! ئەتىلا ئۆيۈڭنى سېتىپ بۇ يەردىن يوقال، باشقا يەرگە بېرىپ يەر تېرامسەن ياكى قەلەندەرچىلىك قىلامسەن كارىم يوق، سەن بىلەن بۇ يەردە قوشنا بولۇپ ئولتۇرۇش ئەمدى ماڭا ھارام! بۇ يەردىن يوقىلىدىغانلا ئىشىڭ بولسا، ئۆي ساتىدىغان ياكى كۆچىدىغان ئىشىڭ بولسا رەسمىيىتىڭنى مەن دەرھال بېجىرىپ بېرىمەن!

      نىياز بېشىنى تۇتۇپ ناھايىتى بىچارە ھالەتتە ئولتۇرۇپ قالغان سەمەت مەخسۇمنى يەنە چەكسىز خورلۇق ۋە ئازاب-ئوقۇبەتكە تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. مەخسۇم نىيازنىڭ قولىدىن ھەر قانداق پېشكەللىكنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ، مېھىر-شەپقەتلىك پەرۋەردىگارىنى ۋە رەھمەتلىك ئاتا-ئانىسىنى سېغىنىپ، جاينامازدا ئولتۇرۇپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى.


    (ﺗﯜﮔﯩﺪﻯ)

    مەنبە: ئاقسۇ ئەدەبىياتى


     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.