كۆرگەنلىرىم(ئوسمانجان ئىسمائىل)

يوللىغۇچى : dolani22 يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-18 22:06:49

كۆرگەنلىرىم(ئوسمانجان ئىسمائىل دولانى) مەن بۈگۈن سەھەردىلا بازارغا باردىم،بازاردىكى ئاجايىپ مەنزىرىلەر گە قاراپ ھەيرانلىقتىن ئورنۇمدا داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدىم. ئادەتتە ھارۋىغا چىقسا ئات سۆرىي...

    كۆرگەنلىرىم
    (ئوسمانجان ئىسمائىل دولانى)


        مەن بۈگۈن سەھەردىلا بازارغا باردىم،بازاردىكى ئاجايىپ مەنزىرىلەر گە قاراپ ھەيرانلىقتىن ئورنۇمدا داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدىم. ئادەتتە ھارۋىغا چىقسا ئات سۆرىيەلمەيدىغان ،يولدا ماڭسىمۇ يول ئويۇلۇپ كېتىدىغان ئادەملەر ئورۇقلاپ تۈكى تەتۈر ئۈنۈپ كېتىپتۇ .ئادەتتە شامال چىقسىلا ئۇچۇپ كەتكۈدەك  ئورۇق  سودىگەر ،باققال ،قاسساپلار سەمىرىپ ئۆزىنى كۆتۈرەلمەي قىلىشىپتۇ.

        تازا ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقان چاغ،ھەر-ھەر سېمىز  ئادەملەر مەلۇم بىر ھۆكۈمەت بىناسىغا كىرىپ كېتىپ شۇنداق ئورۇق،قولىدا بىر پارچە قىزىل قەغەزنى كۆتۈرگەن ھالدا يېنىپ چىقىۋاتاتتى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.