ﯞﺍﻧﻜﺎﻏﺎ  ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ  ﺧﻪﺕ(ئاينۇر دولقۇن)

يوللىغۇچى : aynurr يوللىغان ۋاقىت : 2007-08-09 13:53:00

ۋانكاغا يېزىلغان خەت(ئاينۇر دولقۇن) مانا ئۇ كىچىك تۇرۇپلا ئەللەي ناخشىسىنى شۇنداق يېقىملىق ئېيتالايدىغان بولۇپ كەتتى. بالنىمۇ شۇنداق ياخشى باقالايدۇ. چۈنكى ئۇ ئۇكىسى ۋە سىڭلىسىنى بېقىش جەريا...

    ۋانكاغا يېزىلغان خەت
    (ئاينۇر دولقۇن)

      مانا ئۇ كىچىك تۇرۇپلا ئەللەي ناخشىسىنى شۇنداق يېقىملىق ئېيتالايدىغان بولۇپ كەتتى. بالنىمۇ شۇنداق ياخشى باقالايدۇ. چۈنكى ئۇ ئۇكىسى ۋە سىڭلىسىنى بېقىش جەريانىدا بالا بېقىشنى ، ئەللەي ناخشىىسىنى ئېيتىشنى ، بالىنى قانداق ئەركىلتىشنى سۇتنى قانداق بىرىش ، زاكىسىنى قانداق ئالماشتۇرۇشتىن تاماق ئىتىشكىچە كۆپ ئىشلارنى ئانىسىدىن ئۈگىنىۋالغان ئىدى. راست، يېقىندىن بىرى ئانىسىدىن شۇنداق پەخىرلىنىدىغان ، رەخمەت ئېيتىدىغان، ھەم بەكلا ئىچ ئاغرىتىدىغان بولۇپ قالدى. دادىسى ئۈستىدە ئويلايدۇ-يۇ، خىياللاردىن ئۆزىنى سىلكىپ ئويغىتىدۇ، يېنىدا يىنىك تىنىپ ئۇخلاۋاتقان ئۇكىسغاقاراپ ، ئۇنىڭغىمۇ ئىچى ئاغرىپ قالىدۇ.  «ئۇ نىمە دىگەن بىچارە ، ئەمدىلا 6ئايلىق بولغان بالا ئانىسىنى ئەمەس ، نەيفىڭ (سۈت تالقىنى ). ئەمسە قانداق بولىدۇ؟!ئىشتىن كەلسىمۇ ، قولىغا ئېلىپ ئەركىلتىپ قويمايدىكەن، بالىسىنىڭ قانداق قىلقىلارنى چقىرۋاتقىننى، ئوماق ھەركەتلىرىنىمۇ كۆرمەيدىكەن . ئىشتىن كىلىپلا يەنە نەلەرگىدۇ مىھماندارچىلىق ، ئولتۇرۇشلارغا كىتىپ قالىدىكەن. بالىسىدىنمۇ مۇھىم يەنە نىمە ئىشى باردۇ ؟!توۋا . . . ئانام نېمىدىگەن ئۇلۇغ » دىگەنلەرنى ئويلايدۇ.  ھەجەپ ئىش ، ئۇ خېلى چوڭ بولغۇچە ئانىسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ يېتىۋالاتتى.  كىچىدە ئۇخلاپ ، قالغاندىن كىيىن ئۆز ئورنىغا قانداق كىلىپ قالغىننىمۇ بىلمەيتتى. بىراق بۇ ئۆيگە كەلگەن 3ئايدىن بىرى،  بالا ئىزچىل ئۇنىڭ يېنىدا يېتىپ كەلدى. بەزى چاغلاردا «ئاچاش»نىڭ قانداق چاغلاردا قايتىپ كەلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ؟«ئۇكاش»نىڭ دادىسى يىراق يەردە ئشلەيدىغان ئوخشايدۇ . ئۇپەقەت بىر قانچە قىتىملا كۆ ردى.  بالىنڭ يىغىسى ئۇنى خىيالدىن ئويغاتتى. ئۇ بالىنىڭ ئىمىزگۈسىنى سېلىپ، يىنىك ئۇرۇپ ئەللەيلىتىپ ئۇخلىتىپ قويدى. تۇيۇقسىز ئۇ ئاخشام ئوقۇپ يېرىمىغا كەلگەن ھىكايە ئىسىگە كەلدى-دە، ئىزدەشكە كىرىشتى. -«ھەي، نەگە تىقىپ قويغاندۇ؟»ئۇ ئۇزاق ئىستەپ كىتاپنى ھاجەتخانىدىن تاپتى.  -ئۇھ ، خۇداغا شۈكىرى ، ھېلقى ھىكايە بار يېرى يىرتىلىپ كەتمەپتۇ، ھەجەپكىنا بۇلار كىتاپتىمۇ. . . - .
        ئۇ كىتاپنى شۇنچىلىك بىرىلىپ ئوقۇدىكى ، ئۆزىنىڭ قەيەردە تۇرغانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئوقۇۋاتقىنى 5-يىللىقلارنىڭ ئەدەبىيات دەرىسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن «ۋانكا »دىگەن ھىكايە ئىدى. ئۇ ھەتتا كۆنۈكمە سۇئاللىرىنمۇ بىر-بىرلەپ ئوقۇپ جاۋاپ بىرىپ چىقتى. كىتىاپقا تىكىلگەن كۆزلىرى تۇيۇقسىز چاقناپ كەتتى-دە ، قەيەرلەردىندۇ قەلەم قەغەز تېپىپ چىقتى. ئۇ قەلەمنى چىشلەپ خىلى ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتتى. ئەمدى گوياجەڭگە تەييارلانغان جەڭچىلەردەك جۇشقۇن كەيپىياتتا ، خەت يېزىشقا باشلىدى.  «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! قەدىرلىك ۋانكا ، ياخشىمۇ سىز ، ئاۋۋال سىزگە ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.  -ئسمىم. . . . . » ئۇ تۇيۇقسىز ۋانكانىڭ ئىسمى ئۈستىدە ئويلىنىپ قالدى. «راست ، ئۇنىڭ ئىسمىدىن چەتئەللىك ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇرچە گەپلىرىمنى چۈشنەلمىسىمۇ ، بىراق دوستۇم بولۇشقا يارايدىكەن . مەكتەپكە باراالىغان بولسام خانىم نۇرغۇن سۇئاللىرىمنىڭ جاۋابىنى ئېيتىپ بىرەر ئىدى. ياق، بەلكىم ئىسمىنى چەتئەللىكتەك قويۇپ قويغان ئۇيغۇر بولىشى مۇمكىن پەس قەۋەتتىكى قوشنىمىزنىڭ قىزىنىڭ ئىسمى ئاشۇنداق غەلىتە ، نىمىدى، ئىلاھىم، ئىشقىلىپ ئۇ دىيەلمىگەن،  فىرو بىر نىمە دىگەندەك قىلغان ، ئسمىغا قاراپمۇ مىللىتىنى بىلەلمەيۋاتىمەن، مەن دۆت بولۇپ قالدىممۇ ياكى كىشلەر گە ئاشۇنداق ئىسىملارنى قويۇش مودىمىدۇ؟! بولدىلا. » مەيلى نىمىلا بولمىسۇن ئۇ ئەمدى ئىسمىنى يازماسلىقنى ئويلىدى-دە ، «ئىسمىم »دىگەن خەتنى ئۆچۈرۋىتىپ ، يېزىشقا باشلىدى. ئۇ يەنىلا ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشنى توغرا تاپتى.
        «ۋانكا ، مەن- جۇڭگۇلۇق، جۇڭگۇنىڭ شنجاڭ قەشقەر دىگەن يىرىدىن ، مىللىتىم -ئۇيغۇر ، بۇ يىل 11ياشقا كىرگەن قىزمەن . نىمىشقىكىن سىزگە شۇنداق خەت يازغۇم كەلدى. بىلىمەن، خىتىمنى سىزگە بىرەلمەيمەن، ھەم كۆرۆپ چۇشىنەلمەيسىز؟ بىراق بۇمۇ سىردىشىشنىڭ ياخشى يولى . سىز ئوقۇمايدىكەنسىز ، سىزگە ئوقۇشنى ، يېزىشنى خوجاينىڭىزنڭ قىزى ئولگا ئىگىنا تېۋىنا ئۈگىتىپ قويۇپتىكەن ، يېقىندىن بىرى ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختسىز ھىس قىلۋاتىمەن. مەن بۇ يىل ئەسلى 5-يىللىققا كۆچكەن ئىدىم ، ئوقۇش باشلاشقا ھەپتە قالغاندا گويا قارا باسقاندەكلا ھەممىدىن مەھرۇم قالدىم.  ھەراست ، سىزگە ئوقۇتقۇچىمنى تونۇشتۇرۇپ قوياي. ئىسمى-تۇنساگۇل 40 ياشلاردىكى بۇغداي ئۆڭ ، ئوتتورا بويلۇق ئايال. ئۇ تولىمۇ مىھرىبان .  يىڭى مەكتەپكە كىرگەن چاغلار ئىدى. قىشتا ئۇنىڭ ھەممىمىزدىن بۇرۇن كىلىپ،  مەشكە ئوت ياققىنى كۆرەتتۇق. بىر كۈنى مەن مەكتەپكە سەھەر كىلىپ ئوت يېقىشنى قارار قىلدىم . بارسام مەكتەپ دەرۋازىسمۇ ئېچىلماپتۇ . مەن خوشلۇقىمدا دەرۋازىنى قېقىپ ئاچقۇزدۇم ۋە سىنىپقا كىرىپ ئوت يېقىشقا كىرىشتىم . ئوت شۇنچە قىلساممۇ تۇتاشمىدى، مەن« كانايغا ئىس تولىۋالغان ئوخشايدۇ» دەپ يىنىك ئۇرغاندەك قىلدىم ، چاتاق يېرى كاناي ئۆرۇلۇپ كىتىپ ، سىنىپ ئىچى ئىسقا تولۇپ كەتتى . دەل شۇ چاغدا تۇنساگۇل خانىم كىلىپ ، مىڭبىر جاپادا كاناينى قايتىدىن ئورنىتىپ ئوت ياقتى. ئىش تۈگىگەندە ، . تۇنساگۇل خانىم «خانىم نىمە دەر » دەپ قورقۇنۇچتا تۇرغان مىنى چىڭ قۇچاقلاپ «بەك ئەقىللىق قىز جۇمۇ سىز ، بۇندىن كىيىن ئۆزۈم قىلاي ، سىز ھازىر سەل كىچىك ، رەھمەت ، قانداق دىدىم؟» دەپ سۆيۈپ قويدى.  ئاھ ئۇ چاغدىكى ئىللىقلىق . . . .  ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويدى، مەنمۇ ئۇنىڭ بۇرنى ۋە پىشانىسىدىكى قارىلارغا قاراپ كۈلۈپ كەتتىم. ئەسلى ھەر ئىككىمىزنىڭ يۈزىدە قارا بار ئىكەن ئەمەسمۇ؟. . .  نەتىجىمىز ياخشى بولسا قېرىنداش ، دەپتەرلەر بىلەن مۇكاپاتلايدۇ . بەش يۇلتۇز بىرىدۇ ھەم بىزنى چىڭ قۇچاقلاپ ، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ قويىدۇ ، بىز ھەممىمىز ئۇنىڭ قۇچاقلىشىشىنى ھەممىدىن بەك ياقتۇرىمىز.
         ۋانكا ، ئۈلۈشكۈن «بىرسى كەم بولسا بولمايدۇ» دىگەن كىنۇنى كۆرگەن ئىدىم . تۇيۇقسىز تۇنساگۇل خانىم ئىسىمگە كەلدى . ئۇ مىنى ئىزدەپ نەلەردە يۈرۈيدىغاندۇ ، بەلكىم ھېلقى قاپىقى يامان ، سىمىز ، سۆرۈن تەلەت مەكتەپ مۇدىرى  « بىر بالىڭىز مەكتەپكە كەلمەپتۇ ، جەرىمانە تۆلەڭ » دەپ باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئالدىدا تەنقىدلەپ ، تىللاپ كەتكەندۇ . ئاھ ، كەچۈرۈڭ . مەنمۇ ئامالسىز خانىم .
       ۋانكا سىز ئوقۇيالماپتىكەنسىز ، بۇ قىز نىمىشقا ئوقۇشتىن توختاپ قالغاندۇ؟! دەپ سوراۋاتامسىز . بىزنىڭ يۇرتىمىزدا مەكتەپ ، ئوقۇتقۇچىلارمۇ كۆپ ، شارائىتىمىزمۇ سىزنىڭكىدىن كۆپ ياخشى. 
        ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ بىز ھېچقانداق پۇل تۆلىمەي ئوقۇدۇق، كىتاپلىرىمىزمۇ ھەقسىز تارقىتىلدى .  ئوقۇشتىن قېلىشتىكى سەۋەەپنى سىزگە ئېيتىپ بىرەي . دەردىمنى تۆكەي دىسەممۇ بولىدۇ.  بىزنىڭ ئۆيدە دادام ، ئانام ، بىر ئىنىم ، بىر سىڭلىم ۋە مەن بەشىمىز بولۇپ ، ھەر ھالدا كۈنلىرىمىزمۇ ياخشى ئىدى . ئەقلىمنى بىلسەم بىزنىڭ ئۆي بەك ئۆزگىرىشچان ، ھېلى ھەممە ئۆيلەر قۇپقۇرۇق بولۇپ بىكارلىنىپ قالسا، ھىلى خىلى سەرەمجانلىنىپ قالاتتى . بەزى چاغلاردا بىز چوڭ ئانامنىڭ ئۆيىدە قورساق توقلاپ يۈرەتتۇق.  چوڭ ئانام بەك ياخشى . مەن ئۇنىڭ ئەتكەن تاماقلىرىنى ، بولۇپمۇ قىزىقارلىق چۆچەكلىرىنى ئاڭلاشنى بەك ياقتۇرىمەن. يەنەتېخى ئالا ئاسلان ۋە نۇرغۇن چۆجىلەر بىلەن«قارا قوزا »مۇ بار تېخى، مەن بىلەن بىللە ئوينايدۇ.
         ۋانكا ، كىيىن مەن دادامنىڭ قىمار ئوينايدىغننى بىلدىم. دادام باشتا قىمار ئوينايتتى، كىيىن ھاراق ئىچىدىغان، تاماكىمۇ چىكىدىغان بولىۋالدى . ئانامنىڭ ئۆپكە كىسىلى بار ، تاماكا ئىسى بەك زىيان قىلىدۇ. بىراق دادام ئانامنى پەقەت ئايىماي، ھەممىمىزنىڭ ئالدىدىلا چىكىۋىرىدىغان ، مەست كىلىپ ، ئانامنى ئۇرىىدىغان بولىۋالدى. بىراق دادام مىنى چوڭ دەمدىكىن ياكى بەك ئامراقمىكىن گاھى ئانامنى ئۇرىۋاتقاندا ، تازا پۇرقىرتىپ چىكىۋاتقاندا ئاچچىق ئارىلاش تىكلگەن كۆزلىرىمگە قاراپ ئۈن -تۈنسىز باغقا چىقىپ كىتەتتى.  بىر كۈنى ئەمدىلا 6ياشقا كىرگەن ئىنىمىنىڭ كىشلەر تاشلىۋەتكەن يول ياقىسىدىكى تاماكىنى تىرىپ ، تاپالمىسا ئېشەك تىزىكىنى ئۇۋااپ چىكىدىغىننى بىلىپ قېلىپ دادامغا بۇ ئىشنى ئېيتتىم ۋە قەتئىي چەكمەسلىكنى دىدىم . بۇنى بىلسە دادامنى چەكمەسمىكىن دەپتىمەن، كىم بىلسۇن دادام ئىنىمنى «نىمىشقا چەكتىڭ» دەپ قاتتىق ئۇردى. شۇنىڭدىن كىيىن ئالدىمىزدا چەكمىدى-يۇ، چىكىشنى تاشلىمىدى .
         8-ئاينىڭ ئوتتورسىدىكى بىر بازار كۈنى (بىزنىڭ يىزىدا پەيشەنبە كۈنىدە بازار بولاتتى)دادام بىر كىشىنى باشلاپ كەپتۇ. ئۇ ئۆيدىكى بارلىق قوي -كالا ، ئات-ئىشەكلەرنى سېتىۋەتتى. چوڭ ئانامنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ كەلگەن ھېلقى قارا قوزىنىمۇ سېتىۋەتمەكچى بولدىيۇ، مىنىڭ ، «دادا»  دىگەن گىپىىمنى ئاڭلاپ ساتمىدى. ئۇقسام ، دادام ئالدىنقى كۈنى كەچتە خېلى كۆپ ئۇتتۇرىۋىتىپتىكەن ، بەك قىززىپ كەتتىمۇ، ئۇتتۇرۋەتكەنلىرىنى قايتۇرۋىلىش ئۈچۈن ، تېخىمۇ چوڭ قەرز بولۇپ قاپتۇ . شۇ ئىش بولۇپ ئۈچ كۈندىن كىيىن ، تۈن كىچىدە ، مەن ۋە ئۇكىلىرىمنى ئانام سىلكىپ ئويغاتتى.
         -تۇرۇڭلار ، تىز كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار .  بىزمۇ نىمە ئىش بولغىننى تازا ئاڭقىرالمىدۇق. ئىشىك ئالدىدا توختىتىپ قويۇلغان تىراكتۇرغا چىقتۇق. خېلى ئۇزۇن مېڭىپ تاڭ سۈزۈلەي دىگەندە ، دادام ئالدىن ئىجارە ئېلىپ قويغان ئۆيگە يىتىپ كەلدۇق ۋە نەرسىلەرنى چۈشۈردۇق. « تامنىڭ ئۇلى بىر مېتىر يەرگىچە چۈشۈپ كەتكەن ، بىر تۈڭلۈكتىن باشقا يورۇق چۈشكۈدەك بىرەر جاي يوق قاراڭغۇ،  تار بۇ ئۆيگە قانداقمۇ بەشىمىز پاتىمىز ؟» دىگەنلەرنى ئويلاپ شۇنداق يىغا تۇتتى. بىر قولىدا كۆزلىرىدىن چىقىۋاتقان ياشنى ئىرتىپ تۇرۇپ ، بىر قولىدا ئۆي يىغىشتۇرىۋاتقان ئانامغا قاراپ ئارتۇق گەپ قىلمىدىم.  ھەر ھالدا بىز بۇ ئۆيگە ئورۇنلىشىۋالغانمۇ بولدۇق . شۇ كۈنى كىچىنى شۇنچىلىك تەستە تاڭ ئاتقۇزدۇم. ئەتىسى مەن قەتئىي كىتىمەن دەپ تۇرۇۋالدىم . ئانام بىلەن دادام مەسلىھەتلىشىپ مىنى چوڭ ئاپامنىڭ قېشىغا ، ئۇكامنى يەنە بىر ناھىيدىكى تاغامنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ قويماقچى، سىڭلىم ئەمدىلا 2گە كىرگەچكە ئانام يېنىدا ئېلىپ قالماقچى بولۇشتى.  ئەتىسى كىچىدە دادام مىنى ئەكىلىپ قويۇپلا غىمىسسىدە كىتىپ قالدى.  بىراق مومامنىڭ چۆچەكلىرى ئازلاپ ،  يۆتىلى كۆپىيىپ قېلىۋاتاتتى. مىنىڭمۇ كۆڭلۈم غەش ، ئوقۇش باشلىنىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتتۈم. ئوقۇش باشلىغان تۇنجى كۈنى ساۋا قداشلىرىم بىلەن كۆرۈشۈپ ، بەك خۇشھال بولدۇم. مەكتەپتىن قايتاشىمدا مومامنىڭ ئۆيىگە بېرىشنى ئىسىمدىن چىىقرىپ ، ئۆزىمىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قاپتىمەن. ئىشىكنىڭ قۇلۇپى چىقىۋىتىلگەن بولۇپ ، ئىشىك ئالدىغا خېلى كۆپ كىشىلەر يىغلۋىلىشىپتۇ . ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئانچە -مۇنچە بىزنىڭ ئۆيگە كىلىدىغان ، دادامنىڭ ھېلقى «جانجىگەر» ئاغىنىلىرى ئىدى. ئۆيدىكى بۇغداي ، تېلۋىزۇر ، ئۈنئالغۇ ، ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە ئەسكى كىگىز . . . . .  ھەممىسى بىر -بىرلەپ ماشىنىغا سېلىندى. ئۇلا ر 3 يىل بۇرۇن دادام تۇغۇلغان كۈنۈمدە ئېلىپ بەرگەن كىچىك ۋېلسىپىتىمنىمۇ ئېلىپ چىقتى.
        -ئۇ ۋېلسىپىت مىنىڭ - دىدىممەن . ئۇلار گويا گىپىمنى ئاڭلىمىغاندەك ۋېلسىپىتىمنى ماشىنىسىغا بېسىشقا تەمشىلۋىدى، ۋېلسىپىتقا چىڭ ئېسلىۋالدىم.
        -نەدىن كەلدى ماۋۇ شۇمتەك ، ئۆتە بىر يانغا .
         - بۇ مىنڭ ۋېلسىپىتىم .  ئۆتە ، ھۇ قانجۇق ، جالاپ ، خۇمسىنىڭ باللىرى...
           ئاھ ، بۇ ھاقارەت . . .  . ئەرلەر بەك ئىپلاسكەن، ئۇ ئەبلەخنىڭ مەنچىلىك قىزى بولسا خەق شۇنداق دىسە قاراپ تۇرارمىدى؟. شۇ چاغدا دادامغىمۇ بەك نەپرەتلىنىپ كەتتىم . بۇ گەپنى ئېغىزىمدىن چىقىرىپ سالسام ئانام چوقۇم بەك رەنجىيدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە دادىلار بەك ئۇلۇغ. بەلكىم بوۋام شۇنداق ئۇلۇغ كىشى بولغىيتى. ۋانكا ، ئەسلى ئاتا-ئانىلار ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ئىدى، بىراق ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى بارغانسىرى بۇ سالاھىيەتتىن يىراقلاپ كەتتى. نىمىشقا يەنىلا ئۇلۇغ دەۋىرىمىز. دادا ، سەن ئەسلى نەزىرىمدە بەك ئۇلۇغ ئىدىڭ ، يەنە شۇ ئۇلۇغلۇققا قايتسىاڭ كاشكى. . .  مەن بار كۈچۈم بىلەن ھېلقى ھاكىمدىگەن ئاغىنىسنىڭ قولىنى چىشلىۋالدىم، پەقەت كۈچۈم شۇنىڭغىلا يىتەتتى. ئۇنى قىيما- چىيما قىۋەتكۈم كەلدى . قاتتق تەگكەن بىر تەستەك بىلەن ئوڭدامغىلا چۈشتۈم،  مومام ئىتىك ھويلىدىن يۈگۈرۈپ چىقتى-دە، مىنى يۆلىدى ۋە ھەسرەتلىك يىغلاپ كەتتى. بۇرنۇمدىن چىققان قان خېلى ئۇزۇنغىچە توختىمىدى، ئۇلار ئالدىغىنىنى ئېلىپ كىتىپ قېلىشتى. ئىككى كۈندىن كىيىن ئانام خىلى كەچ بولغان ۋاقتىدا كىلىپ ،  مىنى ئېلىپ شەھەرگە ماڭدى .  ھەش -پەش دىگۈچە بىر ئاي توشۇپ ، ئۆي ئىگىسى ئۆي ئىجارىسىنى سۈيلەپتۇ. ئۆي ئىگىسى ئايالىنىڭ سىڭلىسى بالا باققۇچى تاپالماي يۈرۈپتىكەن، »قىزىڭىز بالا بېقىپ بەرسە ئۆي ئىجارىسى ئالمايتتۇق، بالىڭىزنىمۇ كىيىن ياخشىراق يەرگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىدۇ، سىڭلىمنىڭ ئىرىنىڭ بەك يولى بار ›دەپتۇ . شۇنىڭدىن بۇيان مەن ئۇلارنىڭ ئۆيىدە بالا بېقىۋاتىمەن.  ۋانكا ، مەنمۇ سىزگە ئوخشاش ئانامغا خەت يېزىپ تۇردۇم ۋە ئۇنى ئەڭ مەخپىي جايدا ساقلىدىم . سىزگە ئوقۇپ بەرسەم ئاڭلاشنى خالامسىز .
         ★ ★ ★ ★
      جېنىم ئانا، ياخشى تۇرۇۋاتامسەن. ئېھتىمال ، تېخىچە كۆمۈر ئالالمىدىڭلار، شۇنداقمۇ؟سىڭلىمچۇ ؟سەن بىر تەرەپتىن ئاشخانىدا ئىشلەپ ، ئۇنىڭغا قانداق قاراۋاتقانسەن؟دادامچۇ؟نىمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈيد ۇ؟ ئانا، دىگىنىڭنى ئېسىمدە چىڭ تۇتتۇم. ئەتىگەندە سائەتنى جىرىڭلايدىغان قىلىپ توغۇرلاپ قويۇپ ، ئۇلاردىن بۇرۇن تۇرۇۋاتىمەن. بەزىدە شۇنداق ئۇخلىۋالغۇم كىلىدۇ، بىراق نىمىلەردىندۇر قورقۇپ ئۇخلىيالمايمەن، شۇڭىمۇ كۆزۈمدىكى ياشلىرىمنى سۈرتۈ پ ، ئورنۇمدىن تۇرۇپ تۈگمەس ئۆي ئىشلىرىغا كىرىشىمەن. سىنىڭ قانچىلىك جاپا تارتىدىغانلىقىڭنى تېخىمۇ چۇڭقۇر ھېس قىلىۋاتمەن.  سەن تېخى ئېتىز ئىشلىرىنىمۇ ئۆزۈڭ قىلاتتىڭ ئەمەسمۇ، جىنىم ئانا !؟ ئانا ، سىنى شۇنداق سېغىندىم، بىراق ئۆيگە بېرىشتىن قورقىمەن. يەنە بىر تەرەپتىن «ئۇكاش»قا قارايدىغان ئادەم يوق. ئانىسىنىڭ پەقەت كارى يوق. ئاجايىپ ئايالكەن ئۇ. . . ! 10كۋادرات مېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان ، ھازىرلا ئۆرۈلۈپ كىتىدىغاندەك ، مەش قويۇلمىغان ، كونا كۈيە يەپ كەتكەن كىگىز ، ئىككى قۇراق تەكىي ، پاختىسى قالمىغان كونا يوتقان-كۆرپە ، ئازراق قاچا -قۇمۇشتىن باشقا بىساتى بولمىغان، ھېلقى بىر ئېغىز ئۆينى ، قاپىقى يامان ئۆي ئىگسىنى ، ئۇكىلىرىمنىڭ قارا قىشتىكى يالىڭاياغ ، كۆرپىگە يۆگىنىۋالغان پۇتلىرىنى ، سىنىڭ توڭاپ تىترەپ كەتكەن ھالىتىڭنى ، دادامنىڭ ئەشۇ ھالىنى كۆرۈشنى خالىمىدىم دىسەممۇ بولىدۇ.
         بۈگۈن 21- دىكابىر . تېخىچە مەش قويماپسىلەر ، بىر خام كىسەك بىلەن سېلىۋالغان ئوچاققا 2تال كاناينى قىستۇرۇپ ، كىشىلەر ئەخلەتخانىغا تاشلىۋەتكەن ئەسكى ئاياغلارنى قالاپ يۈرۈپسىلەر. ئەشۇ ئاچچىق تۈتۈن ئارىسىدىكى قېقىلىپ يۆتىلىۋاتقان ھالىتىڭنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەملا، يىغا تۇتىدۇ.  سەن بۈگۈن يەنە قايسى ئەخلەت دۆۋىلىرىدە كىشىلەر تاشلىۋەتكەن ئەسكى ئاياغ ، كىيىملەرنى تىرىپ يۈرۋاتقانسەن؟ ئىلگىركىدەك قېتىق ساتاي دىسەڭ كالىمىز يوق ، 100تاغار بۇغداي، 8مو يەردىكى كىۋەز ، 4مو يەردىكى قوناق كۆكىدىلا خەقنىڭ بولۇپ كىتىپتۇ. ھەممىنى دادام ئۇتتۇرۋىتىپتۇ.  چوڭ ئانام« تەۋەرۈك بولسۇن قىزىم ، ماڭىمۇ ئانام بەرگەن »دەپ بەرگەن ، ھېلقى ياقۇت كۆزلۈك ئالتۇن ھالقىنى 4ئاي ئىلگىركى قەرىزدارلار سۈيلەپ كەلگەندە ، ھېلقى ۋىجدانسىز ، نامەرتلەر«پۇلنى تاپشۇرمىساڭ ، خوتۇنۇڭنى ئاچىقىپ بەر »دىگەندە ،  يۈزىگە ئېتىپ تۇرۇپ ، «يولدىشىمنى ، خوتۇننى ئۇتتۇرىۋىتىدىغان ئۆزۈڭگە ئوخشۇتۇپ قېلىشتىڭما، ھۇ پەسلەر » دەپ ، دادامنىڭ غۇرۇرىنى قوغدىغىنىڭدا ، ئۇ پىشايۋان ئاستىدا تاماكىسىنى پۇرقىرتىپ ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ، ئۈنسىز ئولتۇرغان ئىدى. سەن ئۆزۈڭنى ، دادامنىڭ ھۆرمىتىنى قوغدىدىڭ ، بىراق دادامچۇ؟! تىخى سىنى ئۇرىدۇ؟سەن ئەزەلدىن بىزنىڭ ئالدىمىزدا دادامنىڭ يامان گىپىنى قىلىپ باقمىغان . ھەممە ئىشنى «تەقدىر شۇنداق ئوخشايدۇ» دەپ ئۆتكۈزۋىتەتتىڭ.  كەچۈرگىن ئاپا، بۇلارنىڭ ھەممىىسى دادامنىڭ خاتالىقىغۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئۇ ئۆزىنى كونتىرول قىلىشنى بىلمەيدىكەن . . . . . نىمىلەرنى دەپ كەتتىم،  ھىلقى خوتۇن قىزىڭىز بىلەن 15 كۈندە بىر قىتىم كۆرىشىسىز دىسە ماقۇل دەپ . . . . . . . . . . . . . . . . ؟ خەيىر كۆپرەك تىلفون قىلىپ تۇرغىن.  سىنى سېغىنىپ قىزىڭ.
     2006-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى
      ★ ★ ★
        ۋانكا ،  سىزگە دىسەم ، خېتىڭىز بوۋىڭىزغا تەگمەيدۇ.  چۈنكى ، سىز ئادرىسنى تولۇق ،  ئىنىق يازماپسىز ئەمەسمۇ؟ بايا ئانامغا يازغان خېتىمنىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا كۆرسەتمەيمەن. پەقەت شۇلارنى يېزىش ئارقىلىق ئۆز-ئۆزۈم بىلەن سىردىشىپ تەسەللى تاپىمەن. . . . . . .
        بالىنىڭ يىغا ئاۋازى ئۇنىڭ خېتىنى توختىتىپ قويدى. ئۇ بالىنىڭ ئايىغنى قۇرۇغداپ سائتكە قارىدى. چۈشلۈك تاماققا ۋاقىت ئاز قالغان ئىدى . ئۇ ئىتتىك تاماققا تۇتۇش قىلدى . ئۇ بۈگۈن شۇنداق يىنىكلەپ قالغاندەك ،  ئەتكىچىمۇ ، يىگۈچىمۇ تاكى ئۆيدە ئۆزىدىن باشقا ئادەم قالمىغانغا قەدەرخىيالىدا ۋانكا بىلەن مۇڭدىشىپ چىقتى.  چۈشتىن كىيىن ئۇيەنە خېتىنى داۋاملاشتۇردى.
         ۋانكا ، شەھەرلىكلەرگە تولىمۇ ھەيرانمەن . ئۆي بىلەن ئۆينىڭ ئارلىقى شۇنچىلىك يېقىن ، ئەمما تام قوشنىلارمۇ ئاي-يىل ئۆتۈپ بىر -بىرىنڭ ئۆيىگە ئاياغ باسمايدۇ،  ئۇچىرىشىپ قالسا بېشىنى سۇس ئىگىپلا قويىدىكەن . بىراق ئۆيىدە ئولتۇرماي دوست ، ئولتۇرۇش دەپ كىچە- كىچىلەپ ئۆيگە كىرمەيدىكەن. يىنىدىكىسى بىلەن تونۇشمىغىلى تاس قالىدۇ ، يىراقتا توختىماي ئادەمگەرچىلىك ئۈچۈن چاپىدۇ. تولىمۇ قىززىق ، ئۇلارنىڭ باللىرى بىلەن كارى يوق ئوخشايدۇ. مەن ھىكايە -چۆچەك توقۇشقا ، ئېيتىشقا خېلى ئۇستا ، تاماقنىمۇ ھەر ھالدا ئىتەلەيمەن . بىراق بۇ يەردىكى باللار كارتۇن فىلىملەرنىلا كۆرىدىكەن، چۆچەك ئىيتىپ بىرىدىغان مومىسى يوقتە؟بىچارە مومام نىمە قىلۋاتقاندۇ؟، بۇ يەردىكى بالىلار كومپىيۇتىردا نىمىلەرنىدۇ قىلىدىكەن . سىنىپتا ۋە مەھەللىدە ھەممە باللار ماڭا ئامراق ئىدى. «بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا . . . »دەپ باشلىسام «يېرىلىڭ تاشىم»، «مەختۇمسۇلا »، «قىزىل بۆك»، «ئېيىق باتۇر»، «خېمىر باتۇر» . . . ۋاي-ۋۇي ، بەك كۆپ ھىكايىلەرنى ئېيتىپ بىرەتتىم. بۇ يەردە ئاڭلايدىغانلار يوق ئوخشايدۇ. راستىمنى دىسەم ، مەن ئۇلارغا ئىيتىپ بىرەي دىسەممۇ «سەھرالىق»دەپ ئارىغا ئالمايدۇ. شۇڭا ئۇلار بىلەن خوشۇم يوق.  ھازىر پەقەت مۇشۇ 6ئايلىق «ئۇكام»غىلا ئېيتىپ بىرىمەن . ئۇ چوقۇم ئاڭلاپ ، بىرەر نەرسە ھېس قىلالىشى مومكىن، شۇنداقمۇ؟ئۇنىڭدىن باشقا ھەر خىل ئويۇنلارنى ئوينايتتۇق،  ھەممىمىز بىر يەرگە يىغىلىپ شۇنچىلىك كۆڭۈللىك ئۆتەتتۇق.
       شەھەردىكى بالىلار ئۆزى يالغۇز ماشىنا ، كومپىيۇتىر بىلەنلا ئوينايدىكەن ، زىرىكمەمدىغاندۇ؟ ۋانكا ، يەنە بىر ئىشنى دىسەم بۇ ئۆيدىكىلەر كىتاپ ماتىرىيالنى پەقەت ئاسىرىمايدۇ ، بۇنداق كىشىلەرنى مەن پەقەت ياقتۇرمايمەن.  ئانام ئالدىغا بىر تال قەغەز ئۇچىرىسىمۇ «بالام ، بۇ ئىشلىتىغان قەغەزمۇ »دەپ مەندىن سوراپ تۇرىدۇ.  ھەي . . . مىنىڭ ھەيرانلىقىم بارغانسىرى ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ . تۆكۈلىۋاتقان يىمەكلىكلەرگە قاراپ كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ قالىدۇ ، نىمىدىگەن ئىسراپچىلىق -ھە! دۇنيادا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاچارچىلىقتا قالغىنىنى ئاڭلاپ تۇرۋاتىمىزغۇ؟ھەم «يەيدىغان نەرسىنى بۇزسا يامان بولىدۇ »دەيدۇ مومام، بۇ يەردىكىلەر يامان بولۇشتىن قورقمىسا كىرەك.  مەن بۇ ئۆيگە كىلىپ بىر ئايدىن كىيىن رىستۇراندا «تۇغۇت چېيى» ئۆتكۈزگەن ئىدى. پۈتۈن رېستۇراننى كۆتۈرە ئېلىۋالغان ئوخشايدۇ . راستىمنى دىسەم مەن ئىلگىرى شەھەرگە كىرىپ باقمىغان ، بۇنداق جايلارنى كۆرۈپمۇ باقمىغان . ئۆيۈمدىكى چاغدا تېلۋىزۇرنىمۇ كۆپ كۆرمەي ، «يىشىيۇ»،  «سىمبا» ، «ماركۇ»لارنىلا كۆرەتتىم.
        باشقا چاغدا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ ، ئۇكامنى بېقىپ ، دەرسىمنى ئۈگۈنۈشكە ئاران ۋاقت چىقاتتى. رېستۇراندىكى ئىشلارنى كۆرۈپ بەك ئەپسۇسلىنىپ كەتتىم، تاماقنى ئىسراپ قىلىپلا قالماي ، ئۇسۇلنىمۇ غەلىتە ئوينايدىكەن. سەت چىرقىراشلىرىچۇ؟!ئاياللىرى باشقا ئەرلەر بىلەن تانسا ئوينىسا ھېچنىمە خىيالىغا كەلمەيدىكەن .  ئاچاشمۇ نۇرغۇن ئەرلەر بىلەن تانسا ئوينىدى. بىزنىڭ يۇرتتا «تۇغۇت تويى»غا ئاياللارلا كىلىدۇ . بۇ يەردە بەك غەلىتىكەن، مەن ئاچاشنىڭ ئاپىسىدىن سورىسام «چاي »مۇ بار دەيدۇ ، بۇ گىپىنى تازا چۈشۈنەلمىدىم. ئىشقىلىپ دىسەم گەپ تولا . ئىلگىرى شەھەرلىك باللارغا شۇنداق ھەۋىسىم كىلەتتى ، ئەمدى ئىچىم ئاغرىپ قالدۇ، بەزىدە.  ئۇلار نۇرغۇن باللار ئويۇنلىرىنى ئوينىيالمايدىكەن.  ئەڭ چاتاق يېرى ئاتا -ئانىلار بەك ئالدىراشلا يۈرۈپ ،  ئۇلار بىلەن ئانچە كارى بولمايدۇ. ئىليارمۇ (مەن بېقىۋاتقان ئۇكاشنىڭ ئاكىسى ) مەن بىلەن ئوخشاش 5-يىللىقتا ئوقۇيدۇ . ئۇ دادىسى ۋە ئانىسىنىڭ قايسى كۈنى كەچ قايتىپ ، قايسى كۈنى بالدۇر قايتىدىغىنىنى ئېنىق بىلسە كىرەك ،  ئۇلار كەچ قايتىدىغان كۇنى ئىليارمۇ ئۇلاردىن سەل بۇرۇنلا ئىشىكتىن كىرىدۇ- دە ، بىرىلىپ ئۈگۈنۈش قىلىۋالغان قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ، قايسى كۈنى ئۇ مىنڭ خەت يېزىپ ئولتۇرغىنىمنى كۆرۈپ ، تارتىۋالدى ، شۇنچە يالۋۇرساممۇ بەرمىدى. ئۇ تېخى يەنە «مىنىڭ بىر قانچە ئىشىم بار ، قىلىپ بەرمىسەڭ ، بۇ خەتتىكى گەپلەرنى ئانامغا دەپ قويىمەن» دەپ مىنى قورقاتتى . ئۇنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەشتىن باشقا يەنە تۈنۈگۈن بىر ئېغىر مۈشكۈل ۋەزىپىنى تاپشۇردى. نىمە دىسەم بولار ، ئۇ بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ . شۇڭا «سېنىڭ خېتىڭ چىرايلىق ، قاملاشتۇرۇپ ياز»دەيدۇ.  توۋا ، ئەجەپ نۇمۇس قىلمايدىغان بالىكىنا بۇ ، كىچىككىنە تۇرۇپ. . . بۇنى ھەرگىز يازمايمەن ، تاپشۇرۇقلىرىنىمۇ ئىشلەپ بەرمەيمەن، ئەمدى ئۇنىڭدىن قورقمايمەن .
      ★ ★ ★
    ۋانكا ، سىز ھېيىت ھارپىسىدا ئۆيىڭىزگە خەت يېزىپسىزتىكەنسىز ، يەنە ئۈچ كۈندىن كىيىن ، بىزنىڭمۇ بۇ يەردە ئەڭ چوڭ ھېيتىمىز -قۇربان ھېيىت بولىدۇ . ئاڭلىغانمىتىڭىز ،  ھېيىتتن بۇرۇن ئۆي-ئۆيلەردە ساڭزا -قۇيماق ، پىچىنە قاتارلىقلار سېلىنىدۇ . ھويلا- ئاراملار پاك-پاكىز تازلىنىپ، ھېيىت كۈنى چوڭ داستىخان سېلىنىپ ھەممە نەرسىلەر تىزىلىدۇ. ئەڭ موھىمى بۇ كۈندە قوي سويۇپ ، مەھەللىدىكىلەرگە نەزىر بىرىمىز . «قوي سويغاندا، تۈكىگە ئېسىلىۋالسا ساۋاپ بولارمىش »دەيتتى مومام ماڭا . بىراق بۇ يىل ماڭا بۇ ئىش نىسىپ بولمايدىغان ئوخشايدۇ،  شەھەردەھېيىتنى قانداق ئۆتكۈزدىغاندۇ ؟قارىغاندا ئەتە ئاچاشنىڭ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بارىدىغان ئوخشايمەن . ئۇلارنىڭ ھېيىت تەييارلىقىغا ياردەملەشسەم كىرەك.  ★ ★ ★ ★
     ۋانكا،  ئەتە ھېيىت بولىدۇ ، نىمىقشقىكىن مەن ئۆيىمىزنى ، بۇرۇنقى ئۆيىمىزنى بەك سېغىنىۋاتىمەن . لىكىن بىز ئۇ ئۆيىمىزگە قايتالمايمىز ، چۈنكى قەرز ئىگىسى پەقەتلا ئارام بەرمەيدۇ .  شۇنچە كۆپ نەرسىنى ئېلىپمۇ يەنە تۈگىمىگەن ئوخشايدۇ ئۇ قەرز .  ئەسلى ئوماق ئىككى ئۇكام ، دادام ، ئانام بىلەن بىرگە ھېيىت ئوينىسام مەن تۇرىۋاتقان بۇ ئۆيدىكى باللىلاردەك چىرايلىق كىيىملەنى كىيمىسەممۇ ، ھېيىتلىق ئالالمىساممۇ مەيلى ئىدى.  يىراق توپىلىق مەھەللىمىزگە قايتىپ ، دوستلىرىم بىلەن ، ئۇكىلىرىمنى ئەگەشتۈرۈپ كىچىككىنە يىزا بازىرىمىزدا بىر مولۇق قوماچلارنى ئېلىپ يەپ يۈگۈرۈشۈپ، چېپىشىپ ئوينىسام ، ئانامنىڭ ئوخشىتىپ ئەتكەن پولۇسىنى يىسەم ، دەپ شۇنچىلىك ئارزۇ قىلىۋاتىمەن.  بۇ ئۆيدىكى چوڭ ئاپاش «ھېيىتتا ئۆيگە قايتامسىز ؟»دەپ سورىدى ، مەن ئۈن -تىنسىز باش چايقىدىم . بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئانام بۇ ئۆيگە كەلدى . چوڭ ئاپاش راستىنلا ئوبدان ئايال . ئانامغا خېلى كۆپ كىيىم -كىچەك، يەيدىغان نەرسىلەردىن بىرىپ يولغا سالدى. ئانام مېڭىشتىن ئاۋۋال مەن ئۇنى ئۇزىتىشقا چىقمىدىم. ئۇ چوقۇم چىقمىدى ، ئازاپلاندى. «قىزىم مەندىن ئاغرىنىپتۇ»دەپ ئويلاپ قالدى ، لىكىن مەن ئانامنىڭ ئالدىدا يىغلاپ تاشلىشىمدىن ، ئۇنىڭ بۇ ھالىتىمنى كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ چىقمىدىم . ئانام سەي بازىرىدا ئىشلەۋاتقان ئوخشايدۇ.
       تۈنۈگۈن ئانام تاپقان 12يۈەننى دادام ئۇرۇپ ئېلىۋاپتۇ. بۇ گەپلەرنى مىنى ئاڭلاپ قالمىسۇن دەپ شۇنچە بوش ئاۋازدا دىسىمۇ يەنىلا ئاڭلاپ قالدىم. قۇلاق تۈۋىمدە شۇ بىر ئېغىزلا گەپ ياڭراپ تۇرىدۇ. «قەرزنى بىرەلمىسەڭ ، خوتۇنۇڭنى ئاچىقىپ بەر »دەپ ئاغزىنى بۇزۇپ تىللىغان ئەشۇ كىشىلەرنىڭ ئالدىدا دادام بىر ئېغىز گەپنىمۇ قىلالماي ،  بېشىنى كۆتۈرۈپ تىك قارىيالمىغان .  ئۇ ئەمدى ئانامنى ئۇرۇپتىغۇ،  ئىسىت . . .  ! ۋانكا ، سىزگە سېلىشتۇرغاندا مەن خېلىلا بەختلىكمەن ، يەيدىغان نەرسىلەردىن غەم قىلىپ كەتمەيمەن . بىراق ئائىلىمىز ۋەيرانە ھالدا ھەممىمىز ھەر يەردە يۈرۈيمىز،  بۇنىڭ سەۋەپچىسى دادام.  بەزىدە دادامغا قارىساملا ، «مەڭگۈ توي قىلمايمەن »دەپ كىتىمەن (بۇنداق دىسەم مىنى زاڭلىق قىلماڭ). بىزنىڭمۇ كۈنلىرىمىز ياخشى بولۇپ كىتەر . قەرزلەرنى تۈگۈتىۋالساق ،  ئەتىيازدا يېرىمىزنى تېرىساق ، چوقۇم ياخشى بولۇپ كىتىدۇ . ئارزۇيۇم -دادام ھاراق ، تاماكۇ ، قىمارنى تاشلىغان بولسا ، ئائىلىمىز تىزراق جەم بولۇپ ، مەنمۇ ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئوقۇيالايتىم . تۇرسۇنگۇل خانىم بىلەن كۆرۈشەلەيتتىم. ئىشىنىمەنكى ، گەرچە يېرىم يىل مەكتەپكە بارالمىساممۇ (كىلەر ماۋسۇم ئوقۇشقا نىسىپ بولار)مەن بەك ئەقىللىق، تىرىشچان . چوقۇم ئاسانلا ئۈگۈنۈپ كىتەلەيمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىليارنىڭ كىتاپلىرىدىن بوش ۋاقت بولسىلا ، ئۈگۈنۈپ تۇرۇۋاتىمەن.  ئاپلا سىزنىڭ خېتىڭىز بوۋىڭىزغا تەگمىگەندەك ، مىنىڭ خىتىممۇ سىزگە يىتىپ بارالمايدۇ . چۈنكى ئادرىسىڭىزنى بىلمەيمەن -دە. مەيلى ، ھېچقىسى يوق ، سىزەە داۋاملىق خەت يېزىپ ، سىردىشىپ تۇرىمەن. ئائىلە شارائىتىمىز ياخشىلانسىلا سىلەرگە ياردەم قىلىمەن . ياخشى ئۈگەنسەم چوڭ بولغاندا ئوقۇش ئۈچۈن سىزنىڭ يۇرتىڭىزغا بېرىپ قالسام ، سىزنى تاپالىشىم مومكىن. يەنە خەت يىزىپ تۇرىمەن.  خەير-ئامان بولۇڭ .  ★ ★ ★
     ئۇ خېتىنى قاتلاپ ئۆزىنىڭ مەخپىي نەرسىلىرنى قويىدىغان جايغا تىقىپ قويدى-دە ، ئەتىگەن يىغىپ قويغان كىرلەرنى يۇيۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ئاجايىپ بىر ئۈمىد چاقناپ تۇراتتى.
     2007-يىل 3-ئاۋغۇست قەشقەر

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 20:57:53]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.