ئېرپاننىڭ چۈشلىرى(1)

يوللىغۇچى : Abral يوللىغان ۋاقىت : 2008-03-27 02:09:00

ئېرپاننىڭ چۈشلىرى ئېرپان تەسەۋۋۇرغا ئاجايىپ باي بالا بولۇپ، كىچىكىدىنلا ئاجايىپ ئىشلارنى ئويلايتتى ۋە بالىلارچە چۈچۈك تىللىرى بىلەن ئۆزى ئويلاپ يېتەلمىگەن ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى ئاپىسىدىن سور...

                            ئېرپاننىڭ چۈشلىرى

    ئېرپان تەسەۋۋۇرغا ئاجايىپ باي بالا بولۇپ، كىچىكىدىنلا ئاجايىپ ئىشلارنى ئويلايتتى ۋە بالىلارچە چۈچۈك تىللىرى بىلەن ئۆزى ئويلاپ يېتەلمىگەن ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى ئاپىسىدىن سوراپ بىلىۋېلىشقا تىرىشاتتى،  مانا ئۇ 5 ياشقا كىرگەندىن بۇيان مومىسىغا ھەمرا بولۇپ ھەر كۈنى ئاخشىمى مومىسىنىڭ ئۆيىدە قونىدىغان بولدى. شۇندىن بۇيان ئۇ ئۆزى ئويلاپ يېتەلمىگەن ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى مومىسىدىن سوراپ بىلىۋالىدىغان بولدى، ئەلۋەتتە چۆچەكچى مومىسىدىن ئاجايىپ گۈزەل چۆچەكلەرنى ئاڭلىيالايدىغان بولدى. مانا ئەمدى بۇ چۆچەكلەرنى چۈشىدە قايتا كۆرۈشكە باشلىدى، بەزىدە مومىسى ئېيتقان چۆچەكلەردىكى مەنزىرىلەرنى، چۆچەك قەھرىمانلىرىنى چۈشىدە كۆرەتتى، ئۇ ئەتىسى بۇ چۈشىنى دوستلىرىغا ئېيتىپ بېرىپ، ئۇلارنى ھەيران قالدۇراتتى. 

                     1-ھايۋاناتلار باغچىسىدا


    بالىلار بايرىمىنىڭ ھارپىسىدا ئېرپان دادىسى بىلەن ھايۋاناتلار باغچىسىغا كەلدى.  ئەمدىلا 5 ياشقا كىرگەن ئېرپان خىلمۇ-خىل ھايۋانلارنى كۆرگىنىدە شۇنداق خۇشال بولۇپ كەتتى .  ئىككى يىل ئىلگىرى ئۇ 3 ياش چېغىدا بۇ باغچىغا بىر قېتىم كەلگەن ئىدى، ئەمما كىچىك بولغىنى ئۈچۈن بولسا كېرەك پەقەت ئويۇنچى مايمۇنلارنىڭ،  چىرايلىق توزنىڭ قېشىغىلا بېرىپ،  باشقا ھايۋانلارنى كۆرۈشكە ئۇنىمىغان ئىدى .  بۇ يىل ئېرپان چوڭ بولۇپ قالغاندەك قىلاتتى . ئۇ دادىسى بىلەن باغچىدىكى ھەممە ھايۋاننى كۆرۈپ چىقماقچى بولدى.  ئۇ مومىسى ئېيتىپ بەرگەن چۆچەكلەردىكى تۈرلۈك ھايۋانلارنىڭ زادى قانداقلىقىنى بىلمەكچى، ئۇلار بىلەن ئەڭ يېقىن ئارىلىقتا تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي باتۇر بالا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى ئىدى.  ئەنە ئويۇنچى مايمۇنلار،  ئەتراپى سىم تور بىلەن قورشالغان چوڭ ئويمانلىق ئىچىدە بىر -بىرىنى قوغلىشىپ ئوينىشىۋاتاتتى، ئېرپان ئۇلارغا يانچۇقىدىكى كەمپۈتلەردىن تاشلاپ بەرگەن ئىدى،  ئۇلار يەپ بولۇپ ئېرپانغا قاراپ يەنە كەمپۈت تەلەپ قىلىپ چىرقىراشتى،  ئېرپاننىڭ يانچۇقىدىكى كەمپۈتلەرنىڭ ھەممىسى تۈگىگەندىلا مايمۇنلار ئاندىن نېرى كېتىشتى.  چىرايلىق توزلار قاناتلىرىنى ئېچىپ بېرىشتى،  كەپتەرلەر توپ-توپى بىلەن ئېرپاننىڭ ئەتراپىدا ئۇچۇپ يۈرۈشەتتى، ئۇ چېچىپ بەرگەن دانلارنى تەرىپ يېيىشەتتى،  ھەتتا بىر كەپتەر ئېرپاننىڭ مۈرىسىگە قونۇۋېلىپ،  ئۇنىڭ ئالىقىنىدىكى داننى يېدى، ئۇزۇن بويۇنلۇق زىراپە ئېرپان سۇنۇپ بەرگەن قارىياغاچ نوتىسىنى تۆت پۇتىنى كېرىپ تۇرۇپ تۆۋەنگە ئېڭىشىپ تۇرۇپ ئاستا تارتىپ يېيىشكە باشلىدى، شىمالى مۇز ئوكياندىن كەلتۈرۈلگەن ئاق ئېيىق سۇدىن بەشىنى چىقىرىپ ساياھەتچىلەرگە پەرۋاسىزلىق بىلەن قاراپ قوياتتى-دە يەنە سۇغا شۇڭغۇيتتى، قارىغاندا بۇ ئېيىق بۇ يەرنىڭ ئىسسىق ھاۋاسىغا كۆنەلمەيۋاتسا كېرەك.  مانا ئېرپان ھايۋاناتلار ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىككى ھايۋان شىر بىلەن يولۋاس سولانغان ناھايىتى چوڭ قەپەسنىڭ قېشىغا كەلدى ، شىر بىلەن يولۋاس قوشنا قەپەسلەردە بولۇپ شىر ھۇرۇنلۇق بىلەن كۆزىنى يېرىم يۇمغىنىچە ياتاتتى، يولۋاس بولسا قەپەسنىڭ ئىچىدە ئايلىنىپ يۈرەتتى. ئېرپانغا يولۋاس شىرغا قارىغاندا يامانراق كۆرۈندى «شۇنداق يولۋاس دېگەن ھايۋاناتلارنىڭ پادىشاھى ئەمەسمۇ،  ئۇ ئەلۋەتتە ياماندە!» ئېرپان باغچىدىن قايتقۇچە شۇلارنى ئويلاپ ماڭدى.  ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا «شىر پادىشاھى» دېگەن كارتون فىلىمىدىكى يولۋاس بىلەن ئېلىشىدىغان شىر پادىشاھ «لىئون»نىڭ تۇرقى كەلدى-دە، « زادى يولۋاس يامانمىدۇ،  شىر يامانمىدۇ »دېگەنلەرنى ئويلاپ بېشى قېتىشقا باشلىدى.  ئۇ ئىختىيارسىز دادىسىدىن
       ـ: دادا يولۋاس كۈچلۈكمۇ،  شىر كۈچلۈكمۇ؟:ـ دەپ سورىدى. 
       ـ: ھەر ئىككىسى كۈچلۈك بالام،  بەزى چاغلاردا يولۋاس يېڭىۋالسا يەنە بەزىدە شىر يېڭىۋالىدىكەن.
       ـ: دادا،  سەن ئۇلارنىڭ ئېلىشقىنىنى كۆرگەنمىدىڭ؟
       ـ: ياق بالام،  ئۇلار ئادەملەردىن يىراق ئورمانلىقتا،  دالادا ياشايدۇ،  ئادەملەر بار يەرگە ئەزەلدىن كەلمەيدۇ
       ـ: ئەمىسە بۇ يەردىكى يولۋاس ۋە شىرلار قانداق كېلىپ قالغان؟
       ـ: ئۇلارنى ئادەملەر تۇتۇپ ئەكېلىپتۇ بالام.
       ـ: ئۇلارنى سولاپ قويمىسا بوپتىكەن. . .
       ـ: شۇنداق بالام،  ئادەملەر ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە زىيان يەتكۈزۈشىدىن قورقۇپ سولاپ قويۇشۇپتۇ
       ـ:ئەمىسە ئۇلارنى ئورمانلىققا كەتكۈزۈۋەتسۇن! :ـ دادىسى ئېرپانغا قاراپ بىردەم تۇرۇپ كەتتى-دە ، ئېغىر خورسىندى
       ـ: شۇنداق بالام ئادەملەر ئۇلارنى تۇتمىسا ،  قەپەسكە سولىمىسا بولاتتى. . . ئېرپان بۈگۈن نۇرغۇن ھايۋانلارنى كۆرگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ قەپەسكە سولاپ قويۇلغىنى ئۇنىڭ كۆڭلىنى بەكلا يېرىم قىلىۋەتتى. ئۇ يول بويى قەپەسكە سولانغان ھايۋانلارنى ئويلاپ كەلدى،  ئاپتوبۇس بېكىتىگە كەلگەندە ئۇلار 7- يول ئاپتوبۇسىغا چىقىشتى، باغچا ئايلىنىپ چارچىغان بولسا كېرەك، ئېرپان ئاپتوبۇسقا چىقىپلا مۈگدەشكە باشلىدى. . . . .  ئېرپان ئۆزى باغچىدا كۆرگەن ھايۋاناتلارنى چۈشىدە كۆردى، ئۇلار ئېرپاننىڭ ئەتراپىدا ئەركىن مېڭىشىپ يۈرەتتى،  ئۇزۇن بويۇن زىراپە دەرەخ ئۇچىدىكى ياپ- يېشىل يۇمران يوپۇرماقلارنى بەھۇزۇر يەيتتى،  مايمۇنلار خۇشال ھالدا دەرەخلەر ئۈستىدە شاھتىن-شاھقا يامىشىپ قوغلاشماق ئوينىشىۋاتاتتى،  ئۇلار ئېرپاندىن كەمپۈت سوراشمايتى، تۈلكە ئوتلاق ئىچىدە توشقان قوغلاپ يۈرەتتى، بۆرىلەر توپ-توپ بولۇشۇپ يىراقتىكى كىيىكلەرنى قوغلاپ كېتىۋاتاتتى، ئەنە ئاۋۇ تەرەپتە يىراق يەردە ئىككى شىر بالىسى پومداقلىشىپ ئويناۋاتاتتى ،  ئېرپان يولۋاسنى ئىزدىدى ئەمما تاپالمىدى،  «يولۋاس نەگە مۆكۈۋالدىكىنە؟»ئېرپان شۇلارنى ئويلاپ تۇرغىنىدا ئۆزىنىڭ يېنىدىلا كۈندۈزى قەپەس ئىچىدە كۆرگەن يوغان يولۋاسنىڭ تۇرغىنىنى كۆردى،  ئۇ يولۋاس شۇنداق مۇلايىملىق بىلەن يوغان قۇيرۇقىنى ئاستا شىپاڭشىتىپ ئېرپاننىڭ يېنىدا ئەركىلەپ ياتاتتى. . . . . . . 
       ـ:  بالام كۆزۈڭنى ئاچقىن،  ئاپتوۋۇزدىن چۈشىمىز :ـ دادىسىنىڭ ئويغىتىشى بىلەن ئېرپان تەسلىكتە ئاچتى،  ئەمما چۈشىدە كۆرگەن بايىقى ئىشلارنى زادىلا ئۇنتۇپ قالمىدى. .

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    ئېرپاننىڭ بۈگۈن كېچە ھىچ ئۇيقۇسى كەلمىدى .  ئۇ مومىسىنىڭ يېنىدا يوغان كۆزلىرىنى تورۇسقا تىككىنىچە جىممىدە ياتاتتى . 
       _: ئۇيقۇڭ كەلمىدىمۇ قوزام؟- مومىسى مېھرى بىلەن ئۇنىڭ پىشانىسىنى سىلىدى. 
       _: ھىكايە ئېيتىپ بەرگىنە موما،  بىرنىلا ئېيتىپ بەرسەڭ بولدى. 
       _: بولىدۇ قوزام ،  بۈگۈن ساڭا قارا ئېيىق بىلەن سېرىق قۇچقاچنىڭ ھىكايىسىنى ئېيتىپ بېرەي. 
    مومىسى ھىكايىسىنى باشلىدى. . . 
    « ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى ،  يىراق بىر ئورمانلىقتا بىر قارا ئەيىق بار ئىكەن، ئۇ قىيا تاشلار ئارىسىدىكى ئۆڭكۈر ئىچىدە ياشايدىكەن ،  لېكىن تاغ باغرىدىكى ئورمانلىققا دائىم كېلىپ تۇرىدىكەن ؛ ئۇ ئورمانلىق ئىچىدە ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ كۆنىكىنى تاپىدىكەندە ،  ھەرىلەرنىڭ گۈل شىرنىلىرى يىغقىلى كەتكەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ،  تاتلىق ھەسەلنى ھوزۇرلىنىپ يەۋالىدىكەن. . . . » ھىكايە مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئېرپان ھوزۇرلىنىپ كۈلۈپ كەتتى ، 
    _« شۇنداقمۇ موما،  ھەرىلەر ئۇ قارا ئېيىقنى چېقىۋالمامدىكەن؟»
    _ «ئەلۋەتتە ،  بەزىدە ھەرىلەر تۇيۇقسىز قايتىپ كېلىدىكەن-دە ئۇنى ھەسەل ئوغرىلاپ يەۋاتقان ھالىتىدە كۆرۈپ ،  ئۇنىڭ باش- كۆزىنى ئايىماستىن راسا چاقىدىكەن ،  بۇنداق چاغلاردا قارا ئەيىق ھەپتىلەپ ئۆڭكۈردىن چىقماستىن ، 
    ھەرىلەر چېقىۋالغان يەرلىرىگە قارا لاينى سۇۋاپ يارىلىرىنى داۋالايدىكەن ،  لېكىن يارىسى ساقايغان ھامان يەنە ئورمانلىققا ھەسەل يىيىش ئۇچۇن كېلىدىكەن .  ئەنە شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ،  ئۇ ئورمانلىقتا ئوزى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان شۇنداق يېقىملىق بىر ئاۋازنى ئاڭلاپتۇ-دە ،  بەشىنى كوتۇرۇپ ،  ھەرە كۆنىكى ئۈستىدىكى شاختا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سايراۋاتقان سېرىق رەڭلىك بىر قۇشنى كۆرۈپ قاپتۇ .  قۇشنىڭ ئاۋازى شۇنداق يېقىملىق ھەم مۇڭلۇق ئىكەنكى ،  قارا ئەيىق ھەسەل يىيىشنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتۇ .  سېرىق قۇچقاچنىڭ ئاۋازىغا مەپتۇن بولغان قارا ئەيىق دەرەخ تۈۋىدە ئولتۇرۇپ ،  ئۇنىڭ يېقىملىق ناخشىسىنى ئاڭلاشقا باشلاپتۇ ،  قارا ئېيىق بۇ ئۆمرىدە بۇنداق لەرزان ناخشىنى ھىچ بىر زامان ئاڭلىمىغان ئىكەن. . . »
    _« شۇنداقمۇ موما ،  سېرىق قۇچقاچ ئەشۇنداق يېقىملىق ناخشا ئېيتامدۇ؟»_ئېرپان مومىسىدىن شۇ سوئالنى سورىدىيۇ ،  كۆزلىرى ئىلىشىپ ئۇيقۇغا كەتتى. 
    مومىسى مېھرى بىلەن ئۇنىڭ پىشانىسىگە سويۇپ قويدى، _« شۇنداق قوزام ،  سېرىق قۇچقاچنىڭ ناخشىسى قارائېيىقنى مەپتۇن قىلىۋاپتۇ . »
    ئېرپان مومىسىنىڭ باغرىدا تاتلىق ئۇيقۇغا كەتتى .  ئۇ چۈشىدە مومىسى ئېيتقان ئورمانلىققا بېرىپتۇ .  ئۇ بۇ گۇزەل ئورمانلىقتا قارا ئېيىق بىلەن سېرىق قۇچقاچنى كۆرۈپتۇ. . 

    ( سۆيۈملۈك كىچىك دوست ،  ھېكايىنىڭ داۋامىنى ئەتە ئېيتىپ بېرەي ،  بۈگۈن ئۇخلاڭ)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

         يولۋاسقا مىنگەن موماي

     بۇ كېچە ئېرپاننىڭ يەنە ئۇيقۇسى كەلمىدى ،  «موما ھىكايە ئېيتىپ بەرگىنە،  پەقەت ئۇيقۇم كەلمىدى!»
    «سېرىق قۇچقاچنىڭ ھىكايىسىنىڭ داۋامىنى ئېيتىپ بىرەيمۇ؟»-مومىسى مېھرى بىلەن ئېرپاننىڭ بېشىنى سىلىغاچ شۇنداق سورىدى.
    «ياق موما،  بۈگۈن ماڭا يولۋاس ھەققىدىكى ھىكايىنى ئېيتىپ بەرگىنە. »
    مومىسى يېنىك ئۇھ تارتتى ،  بولىدۇ قوزام مەن ساڭا  يولۋاسقا مىنگەن موماي ھەققىدىكى
    ھىكايىنى ئېيتىپ بېرەي. «ئېرپاننىڭ يوغان كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى،  » موما ، يولۋاسقىمۇ مىنگىلى بولامدىكەن؟ يولۋاس بەك يامان تۇرسا ، ئۇ موماينى يەۋەتمەپتىمۇ؟
       ـ: ياق قوزام ،  بۇ ھەقىقى ھىكايە ،  مېنىڭ ئۇلۇغ مومام يولۋاسقا مىنگەن ئىكەن. . . .
    مومىسى ھىكايىسىنى باشلىۋەتتى.
       ـ: خۇددى ساڭا ئوخشاش گۆدەك چاغلىرىمدا بۇ ھىكايىنى ماڭا مومام ئېيتىپ بەرگەن.  يولۋاس ئەمەلىيەتتە تولىمۇ مۇلايىم ھايۋان، ئادەملەر ئۇنىڭغا چېقىلمىسا ،  ئازار بەرمىسە ئۇ ئادەملەرگە چېقىلمايدۇ.  مومامنىڭ ئانىسى قوڭتاجى (جۇڭغار خانلىرىدىن خۇنتەيجىنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئاتىلىشى( دەۋرىدە غۇلجىدا ئۆتكەن شەلىكلەر )ئەينى يىللاردىكى غۇلجا شەھرىدە سودا قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنى دىمەكچى(دىن ئىكەن،  ئۇ 09 ياشقا كىرگەن يىلى تۇيۇقسىز غۇلجىدىن ئايرىلىپ سەپەرگە چىققۇسى كەپتۇ، ئۇ زامانلاردا ھازىرقىدەك ماشىنىلار يوق ئىكەن ، كىشىلەر ھارۋا بىلەن سەپەرگە چىقاتتىكەن، ھارۋىكەش ناخشىلىرىچۇ بالام ، بىلسەڭ شۇ زامانلاردىن قالغان ناخشىلار ئۇ، ھەر قېتىملىق سەپەردە 3-4 ھارۋا بىر بولۇپ سەپەرگە چىقاتتىكەن، ھارۋىكەشلەر ھازىرقى شىخۇدىكى دەڭگە كەلگىنىدە، دەڭ ئالدىدىكى قومۇشلۇقتا ئۇلارغا بىر يولۋاس ئۇچراپتۇ!
      ـ:يوغان يولۋاسمىكەن؟:ـ ئېرپاننىڭ  كۆزلىرى ئاجايىپ قورقۇنچ بىلەن مومىسىغا تىكىلدى. 
       ـ: شۇنداق بالام، بەك چوڭ يولۋاس ئىكەن  ،  ئۇ يولۋاس ھارۋىنىڭ ئالدىدا توغرا يېتىۋاپتۇ،  يولۇچىلار ھەممىسى قورقۇپ قېچىپ كېتىپتۇ. . .
       ـ: ئۇلۇغ مومىمىزچۇ؟
        ـ: ياق بالام ،  ئۇلۇغ مومىمىز قاچالماپتۇ، ئۇ ئاستا ھارۋىدىن چۈشۈپ يولۋاسنىڭ ئالدىغا كەپتۇ
       ـ: يولۋاس ئۇلۇغ مومىمىزنى يىمەپتىمۇ؟:ـ ئېرپان يەنە گەپ ئارىلىدى . 
       ـ:ياق يولۋاس ئۇنى يىمەپتۇ، ئالدىدا توغرا يېتىۋېلىپ ئېچىنىشلىق ئىڭراپتۇ، ئۇلۇغ مومىمىز، ئۇنىڭغا قاراپلا ئۇنىڭ ئوڭ قولىغا تىكەن كىرىپ ، ئىششىپ يىرىڭلاپ كەتكىنىنى كۆرۈپتۇ  ۋە يولۋاسنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ،  چىشى بىلەن ناھايىتى تەسلىكتە ئۇنىڭ قولىدىكى تىكەننى سۇغۇرۇپ ئېلىۋېتىپتۇ، ئاندىن ئاۋايلاپ يىرىڭنى چىقىرىپ ، يولۋاسنىڭ قولىنى بېشىدىكى داكا ياغلىقى بىلەن تېڭىپ قويۇپتۇ.
       ـ: يولۋاس ئەندى خوشال بولۇپ كېتىپ قالغاندۇ-ھە؟!
       ـ: ياق بالام يولۋاس كەتمەپتۇ ،  ئۇ ئۇلۇغ مومىمىزنىڭ قولىغا چاچرىغان يىرىڭلارنى تىلى بىلەن يالاپ تازىلاپ قويۇپتۇ ،  ئاندىن ئۇنىڭ ئالدىدا توغرىسىغا يېتىۋېلىپ زادىلا تۇرغىلى ئۇنىماپتۇ، ئۇلۇغ مومام «ئەندى يولۋاس مېنى بالىلىرىغا يىيىش ئۇچۇن ئاپىرىپ بېرىدىغان ئوخشايدۇ » دەپ يولۋاسقا يالۋۇرۇپتۇ ،  ئۇنىڭ رەھىم قىلىشىنى ئىستەپ يىغلاپتۇ ،  ئەمما يولۋاس يەنىلا كەتمەپتۇ ،  ئۇ دۈمبىسىنى ئىشارە قىلىپ ياتقىنىچە قوپقىلى ئۇنىماپتۇ ،  ئامالسىز قالغان ئۇلۇغ مومىمىز يولۋاسقا مىنىپتۇ...
       ـ: مىنمىسە بوپتىكەن :ـ ئېرپان ئاستاغىنا شۇنداق دىدى ،
       ـ: ئەنسىرىمە بالام ، يولۋاس ئۇلۇغ مومىمىزنى دۈمبىسىگە ئولتۇرغۇزۇپ ، ئۇنى باشقا يولوچىلار چۈشكەن دەڭگە ئاپىرىپ قويۇپتۇ. . . ئېرپان يېنىك تىندى ،  مومىسىنىڭ بۇ ھىكايىسى ئېرپاننى ھەيران قالدۇرغان ئىدى،
        ـ: بۇ راستمۇ ، موما؟
       ـ: ئەلۋەتتە راست بالام ،  ھەرقانداق ھايۋان ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇرىدۇ!
       شۇ كۈنى ئېرپان يەنە چۈش كۆردى ، چەكسىز قومۇشلۇق ، قومۇشلۇق ئارىسىدا ئېرپان  كىنولاردا كۆرگىنىدىكىدەك ناھايىتى چوڭ بىر يولۋاس يۈگۈرگىنىچە كېتىۋاتقىدەك ،  ئۇنىڭ دۈمبىسىدە ئاق لېچەكلىك بىر موماي ئولتۇرغىدەك. . .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق