قىزلار ياتىقىدىن ياڭرىغان كۈلكە

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-24 09:07:22

قىزلار ياتىقىدىن ياڭرىغان كۈلكە مەن ئالىي مەكتەپتە كېلىپ مۇھەببەتلىشەرمەن دەپ ئويلىۋىدىم، خىيالىم ئەمەلگە ئاشمىدى. رىئاللىق مەن ئويلىغاندەك ئەمەسكەن، بۇنى بۇرۇنمۇ بىلەتتىم، لېكىن يېشىم چوڭاي...

    قىزلار ياتىقىدىن ياڭرىغان كۈلكە

     

          مەن  ئالىي مەكتەپتە كېلىپ مۇھەببەتلىشەرمەن دەپ ئويلىۋىدىم، خىيالىم ئەمەلگە ئاشمىدى. رىئاللىق مەن ئويلىغاندەك ئەمەسكەن، بۇنى بۇرۇنمۇ بىلەتتىم، لېكىن يېشىم چوڭايغانچە رېئاللىق تېخىمۇ رەھىمسىزلىشىپ كەتكەندەكتۇيۇلىدىغان بولۇپ قالدى. قورسىقىم بەك ئاچاتتى، دەرس سائىتى توشۇپ بولغىچە قورساق ئالدىرىتىپ كېتەتتى، شۇنىڭ بىلەن قىزلارغا قارايدىغانغا نەدە چولا، نەپسىم موما-سەي.. كوكا-كولانى تارتىپلا تۇراتتى. ياتاققا كىرىپلا زېرىكىشلىك كىتابلارنى كارىۋاتقا تاشلاپ باشقىلار بىلەن بەسلەشكەندەك ئاشخانىغا چاپاتتىم، قىزلار بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالاتتۇق، ئەمما ئۇلارنىڭ نەپسىمۇ تاماققا تاقىلدايتتى، بىزنىڭمۇ شۇنداق. ھېسسىيات دېگەن قورساق تويغاندا ئاندىن پەيدا بولىدىغان نەرسە. قورسىقىم تويغاندا ئاندىن قىزلارغا سەپسېلىشقا باشلايتتىم، كۆزۈم ئوغۇللارنى پەقەت كۆرمەيتتى. كىم ئاقسا، كىم بىچارە... بەرىبىر ئىدى. ھەممىسىنىڭ خىيالى مەندەك، ياشاش ئۇسۇلىمۇ مەندەك ئىدى، قىزىقتۇرىدىغان نەرسە يەنىلا ئاشۇ رەڭگارەڭ قىزلار ئىدى. گۈزەللەرنىڭ بوينى،  بېلى، ساغرىسى خۇنۇك ھېسسىياتلىرىمنى چاقنىتىۋېتەتتى. كىنوغا، تانسىغا ئامراق ئىدىم، شۇ يەردىمۇ قىزلار بار ئىدى، غۇچچىدە ئېچىلغان گۈللەردەك توپ-توپ قىزلار مەيلىمنى شۇنچىلىك تارتىپ تۇراتتىكى، گۈزەل مەنزىرىلەرگە زوقلانغاندەك قاراپ تۇراتتىم. مەكتەپتىكى ھەقىقىي چىملىق ۋە گۇلزارلىق، ئەڭ ھاياجانلىق مەنزىرە يەنىلا قىزلار ئىدى. تانسىخانىدىكى قىزلار ئېتىزلىقتىكى يۇمران گۈل-چېچەكلەرگە ئوخشايتتى، ھەممىسى ئەمەس، كۆپلىرى غۇنچىسى تۆكۈلگەن، غولى قالغان ياۋا گۈللەر ئىدى، قارىماققا چىرايلىق كۆرۈنەتتى، ئەمما تۈۋىدىن سېسىپ چىرىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيتتۇق. ئوغۇللار_ يىلىكى قاتمىغان ئەركەكلەر تانسىخانىغا كىرسە قارنى ئاچ موزاي-توپاقلاردەك تاقىلداپ كېتەتتى، پۇشۇلدايتتى، كۆزلىرى تويمايتتى، راسىتىنى ئېيتقاندا نەپسى تويمايتتى، قايسىسى گۈل، قايسىسى تىكەن، قايسىسى سېسىغان ئوت-چۆپ، ئىلغىماي يەيتتى.  مۇئەللىم نەدە، دەرس نەدە، كەلگۈسى غايە نەدە... كۆتەر قاسقاننى، كىم كۆردى ئۇيغۇردىن ئالەمشۇمۇل ئالىم بولغاننى، پەقەت كۆرۈۋاتىمىز زالىم بولغاننى. ھەممىسى بېسىم، ھەممىسى مۇشەققەت. پەقەت مۇشۇ دۆت قىزلارلا كۆڭۈلنى ئارام تاپقۇزىدۇ، ھەممىسى پوكانغا لايىق ئىشرەت ئالمىلىرى، پۇراپ باقىمىز، چىشلەپ باقىمىز، تاشلايمىز. ئۇلارنى يەنە بىر كىم تېرىۋالىدۇ. ... تانسىخانا چىراغلىرىدەك مەستخۇش ئايلىنىۋاتقان باشتا ھەۋەس قاينايدۇ. 


      مەن ھاكاۋۇر قىزلارغا يولۇقتۇم، رەت قىلىندىم، چىرايلىقنىڭ ھېچقايسىسى قوپمىدى، غۇرۇرۇم سۇندى،  ھەممىسىنى تىللىدىم. سىنىپتىكى قىزلارنى ئېلىپ كىرىش خوشياقمايتتى، ئېلىپ كىرسەڭ تانسا تۈگىگىچە شۇنىڭ بىلەنلا ئوينايدىغان گەپ، بۇنىڭدىن زېرىكىشلىك ئىش بارمۇ جاھاندا! بىرەرسىگە مەيلىڭ بولسىغۇ كاشكى...
          مۇھەببەتنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ كەتتى. باشلانغۇچنى يەسلى بالىلىرىنىڭ،  تولۇقسىزنى  باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىنىڭ، تولۇق ئوتتۇرىنى تولۇقسىزدىكى شوركىلارنىڭ ئاڭ سەۋىيىسىدە تۈگەتتۇق، كاللا خام قاپاق قالدى، ئاڭ تۆۋەن سەۋىيىدە تۇرۇپ قالدى. ئالىي مەكتەپكە  ئۆتۈپلا  كاللام ئىشلەشتىن توختاپ قالدى، ئەقىلدىن ھېسسىياتىم ئارتىپ كەتتى، دىققىتىمنى كىتاب ئەمەس، قىزلار تارتىپ كەتتى. ئۆزەمگە تەسەللىي بەردىم؛ نەچچە ۋاقىتتىن ئۆگەندىم، چارچىدىم، بۇنىڭ ئاچچىقىنى چىقارمىسام بولامدۇ؟ «ئۆزەڭگە بېسىم قىلىپ نېمە قىلىسەن، ئوينىمامسەن؟» دەيتتى چوڭ سىنىپتىكى ئويۇنچىلار. ئەمما ئۇلارنىڭ قانداق ئوينايدىغانلىقىنى دوراپ بولالمىدۇق، ئىچىپ-چېكىپ، توپ تېپىپ، مۇشتلىشىپ ئويناش ئويناش ئەمەس، قىزلارنى ئويناش ھەقىقىي ئويناش ھېسابلىناتتى.  ھارامتاماقلار، قاپىقىنىڭ بېزى بارلار، بۇرتلۇقلار، مەيدىسىدە تۈكى بارلار، بېلىدە كۈچى بارلار كۈچ-قۇۋۋىتى زايە كېتىۋاتقان پالۋانلاردەك ئاھ ئۇرۇشۇپ، كارىۋاتلىرىدا كېسەلدەك تۈگۈلۈپ يېتىشاتتى.
      ئىشلەتمىگەن كاللا تانسىخانىدىكى چىراغدەك بىر ئىزىدا پىقىراپ ئايلىنىۋېرەتتى؛  ئەتراپ زامانىۋى جاڭگاللىق ئىدى،  «پادىلار» توپ-توپ ئوتلايتتى، بىر-بىرىگە چېىپىلاتتى، يەم تالىشىپ بەسلىشەتتى.  بۇ يەردە مەن نېمىگە ھەمراھ، ماڭا نېمە ھەمراھ؟  سويۇق قىزلار، شەكىللىك قىزلار بەدىنىمگە تەگدى، ھېسسىياتىمنى بىر لەھزە سويۇلدۇرۇپ ئېقىپ كەتتى.  كۆپۈكتەك ئىززەت-غۇرۇر، مازغاپتەك ئېتىلدى، يوقالدى. 
      تانسىخانىدىن چىقىپ قىزلار ياتىقىنىڭ يېنىدىن  ئۆتتۈم.  سىنىپىمىزدا ئەسلىگۈدەك بىرەر چىرايلىقنىڭ تايىنى يوق ئىدى. باشقا سىنىپتىكى بالىلار تېخى بىزنىڭ سىنىپتىكى قىزلارنى چىرايلىق دېيىشەتتى، سەنلەر جىم تۇرۇشساڭ بىز چاچرايمىز دەپ پو ئېتىشاتتى. سويۇق گۇيلار چاچرىغىلى ئاران تۇراتتى. بىر سىنىپتا بولغان بىلەن ئۇ قىزلار بىزنىڭ خوتۇنلىرىمىزمىدى؟ نېمە قىلىشساڭ قىلىشمامسەن دەيتتۇق.  ناتونۇش قىزلار ناتونۇشلۇقى بىلەن چىرايلىق ئىدى. كۈندە كۆرۈپ تۇرىدىغان قىزلارنىڭ چىرايلىقلىقى پەقەت بىلىنمەيتتى، ھەتتا زېرىكەتتىم. خوتۇن ئېلىپ قالساممۇ، شۇ بىر چىراينى نەچچە يىل كۆرۈپ زېرىكىدىغانلىقىمنى ئالدىن ئويلاپ يەتكەنىدىم. مېنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكىم مۇشۇنچىلىكلا ئىدى.
      بىزنىڭ سىنىپتىكى قىزلارنىڭ ياتىقى يورۇق ئىدى، چىراغلار پەقەت ئۇلارنىڭ پەرداز قىلىشى ئۈچۈنلا يورۇق تۇراتتى. چىراغ سائەت 11 دە ئۆچۈرۈلۈشى بىلەن تەڭلا  8 قىز  بەلكىم ئوغۇللارنىڭ پارىڭىنى قىلىشقا باشلايتتى، سۆزلەپ ھارمايتتى، زېرىكمەيتتى.
    شۇ تاپتا بىرسى مېنىڭ ئۈستۈمدە غەيۋەت قىلىشقا باشلىغان بولۇشى ئېھتىمال.
    _ مۇشۇ مۇختەرنى دەيمەن، ھەر شەنبە تانسىدىن قالمايدىكەن.
    _ مۇھەببىتى بولمىغاندىكىن شۇ -دە بىچارە...
    _ بىرەرسىمىزنى تانسىغا كىرىلى دەپمۇ قويمايدىغۇ ئۇ نېمە.
    _ جۈرئىتى يوق، پۇلى يوق، نوچىلىقى يوق، ھېچنېمىسى يوق.
    _ شۇڭا ھالى يوق سەتلەرنى پوكىنىغا بېسىشقا ئالدىرايدۇ.
    _ ھوزۇرلىنالامدىغاندۇ؟
    _ ۋاي تاڭ، ئۆزىدىن سورا
    _ ئۇنى دېسەڭ بىزنىڭ ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى شۇ. گومۇشلارنىڭ ھەممىسىنى بىزنىڭ سىنىپقا ئەكىرىپ قويغاندەكلا...
      قىزلار  مەندىن ئاتلاپ سىنىپىمىزدىكى باشقا ئوغۇللارنىمۇ چىشلەپ تارتىشقا باشلىغاندا غەيۋەتتىن قۇتۇلىدىغانلىقىمنى تەسەۋۋۇر قىلدىم. توساتتىن ئۇ ياتاقتىن بىنانى ئۆرۈۋەتكۈدەك قاتتىق كۈلكە ئاڭلاندى، بەش، ياق ئالتە قىز تەڭ كۈلگەندەك قىلاتتى. مېنى بىرسى كۆرۈپ قېلىپ مازاق قىلىپ كۈلۈۋاتامدىكىن دەپ سىنچىلاپ قارىدىم، دېرىزىدىن بىرسى قارىغاندەك ئەمەس. خاتىرجەم بولۇپ يولۇمغا ماڭدىم. ئەمما بۇ كۈلكە قۇلاق تۈۋىمدىن كەتمەيتتى.  قىقاس-چوقانلىق بۇ كۈلكە كۈچلۈك، دەھشەتلىك ئىدى.

        ئەتىسىدىن باشلاپ بۇ كۈلكىنىڭ نېمە سەۋەبتىن پارتىلىغانلىقىنى بىلىش سەۋداسى ئىچىمگە كىرىۋالدى. سىنىپتىكى قىزلار ھېچقاچان ئۇنداق كۈلمىگەندەك خىيالىدا يوق يۈرۈشەتتى،  دەرس ۋاقتىدا ئۇخلاپ-ئەسنەپ،  تەنەپپۇس ۋاقتىدا قىن-قىنىغا سىغماي كېتىشەتتى؛ ھەتتا پارتىغا بېشىنى قويۇۋالغان خىيالچان قىزلارمۇ لىق ھەسرەت ياكى ئارماننى ئىچىگە قاچىلىۋالغاندەك، ئېتىلاي-ئېتىلاي دەپ ئېتىلالماي تۇرغاندەك شارلاردەك كۆپۈپ،  ئۆزىنىڭ خىيال دۇنياسىدا يەڭگىل تەۋرىنىپ تۇرۇشاتتى؛ ئانىلىق بەلگىسى بولغان كۆكسىلىرى بىر قارىسا قول يەتكۈسىز، بىر قارىسا تۇتۇپلا زېدە  قىلىۋەتكىلى بولىدىغان ئالمىغا، ياق، سويمىغا ئوخشايتتى. مانا بۇ  قىزلار ئۈلۈشكۈن ئاخشام  قاتتىق كۈلگەن، كۈلكىدىن مۇشۇ  كۆكسىلىرىمۇ تەۋرىنىپ كېتىشكەنىدى.
        بۇنى بىرەرسىدىن ئۇدۇللا سورىغىلى بولمايتتى، بۇنى بىلىش ئۈچۈن مەن بىلەن  مۇڭدىشالايدىغان بىر قىز بولۇشى كېرەك ئىدى. بۇ قىز بىلەن مۇڭدىشالىغۇدەك بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈشۈم كېرەك ئىدى. شۇنىڭ بىلەن قىزلارغا قايتا زەن سېلىشقا باشلىدىم. ھەر كۈنى ئارقا ئورۇندۇققا بېرىۋېلىپ قىزلارنى كۆزەتتىم، ئۇلارنىڭ چىرايى، مىجەزىنى كۆڭلۈمدە بىرمۇ بىر سۈرەتلەپ چىقتىم. ئەمما ھېچقايسىسىدا كۆڭۈل توختىتالمىدىم. مۇھەببەتنىڭ رەڭگى يەنە ئۆزگىرىپ كەتتى، ئۇلارغا دىققەت قىلىشقا باشلىۋىدىم، ئادەتتە چىرايلىق كۆرۈنمەيدىغان قىزلارمۇ بۆلەكچە چىرايلىق، ساھىبجامال كۆرۈنىدىغان بولۇپ كەتتى. قەلبىمدىن ئېتىلغان مۇھەببەت نۇرى شۇ قىزلارنىڭ بەدىنىگە چۈشكەندە ئۇ قىزلار توزدەك رەڭ تۈزەپ، كۆزۈمنى ئالىچەكمەن قىلىشقا باشلىغان بولۇشى مۇمكىن،  جەزمەن شۇنداق بولدى. مانا بۇ يەككە مۇھەببەتنىڭ يىگانە قۇدرىتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مەن بىچارە بولدۇم، چىرايلىقلار بىر-بىرلەپ چىقىشقا باشلىدى، ئەسلىدىمۇ ئۇلار چىرايلىق ئىدى، گۈزەللىك پەقەت ئۇلارغا قانداق قاراش مەسىلىسى ئىكەن ئەمەسمۇ!  18 قەغەزگە 18 قىزنىڭ ئىسمىنى يېزىپ چەك تارتىپ باقتىم، قولۇمغا چىققان چەكتە ئەڭ چىرايلىق بىر قىزنىڭ ئىسمى يېزىقلىق ئىدى.
    ئۇنىڭغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. قاراپ تۇرۇپ ئۆزەمنى ئۆزەم بىچارە قىلىپ قويغانىدىم.
      ئەڭ ئاخىرى ھەممىسىدىن ۋاز كەچتىم، ئەمما شۇ كۈلكىنىڭ سەۋەبىنى بىلىش قىزىقىشىم تېخى تۈگىمىگەنىدى. بۇنى ھەرگىز  ئەرزىمەس، بىنورمال قىزىقىش دەپ ئويلىمايتتىم. قىزلارنىڭ قىزىقتۇرۇشى  ۋە ئېزىقتۇرۇشى شۇ كۈلكىدىن باشلاندىمۇ؟ نېمانچە قىلىپ كېتىمەن دەپ ئويلايتتىم، ئەمما ئىچىمدە مەن بىلەن قېرىشىدىغان، ماڭا قىتىغۇرلۇق قىلىدىغان بىر نەرسە بار ئىدى ۋە  ئىچىمدە پات-پات غەليان قوزغايتتى،  ئۇ كۈلكە قىزلار دۇنياسىنىڭ ئەسەبىيلىكى، ياتاقلىرىغا پاتماي قالغان قىقاس سادالىرى، سىنىپتا بىر خىل، ياتاقتا بىر خىل ياشاشلىرىنىڭ ئەڭ يارقىن ئىپادىسى ئىدى.  ھاياتىمنىڭ مەنىسى، چېچىلاڭغۇ خىيالىمنىڭ باش ئۇچى، ئويلايدىغانلىرىم، قىلىدىغانلىرىمنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى شۇ ياتاقنىڭ دېرىزىلىرىدىن كېلىدىغاندەك، شۇ ياققا ھەر كۈنى قارايتتىم، يەنە بىر كۈلكە ساداسى ئاڭلىنىپ قالىدىغاندەك قۇلاق سالاتتىم. ئەمما ئۇنداق كۈلكە ئىككىنچىلەپ ئاڭلانمىدى، بەلكىم ماڭا ئۇدۇل كەلمىدى.
          مەن بۇنداق ئۆتۈۋەرمەسلىكىمنى ، ھېچ بولمىغاندا شۇ ياتاقتىكى پاكار، سېمىز، يۇۋاش قىزنى ئىندەككە كەلتۈرۈشنى قارار قىلدىم. بۇ ساۋاقدىشىم سىنىپ بويىچىمۇ كۆرۈمسىزرەك بولغاچقا باشقا قىزلاردەك بەك ياسىنىپ، گىرىم قىلىپ كەتمەيتتى، تالا-تۈزىدە غىتىلداپ يۈرمەيتتى؛  بىرسى گەپ سورىمىغىچە ئالدىراپ  گەپ قىلمايتتى، ئوغۇللار ئۇنى نۆلگە چىقىرىۋەتكەندەك ئۇنىڭ گېپىنى پەقەت قىلىشمايتتى. ئەمما  بۇ ياشتىكى قىزلارنى سەت دېيىش ھەقىقىي گۈزەللىك قانۇنيىتىگە چۈشمەيتتى، 17، 18 ياشلاردىكى ھەر قانداق قىزنىڭ چىرايىدىن لىۋەنلىكى بالقىيتتى، بەدىنىدىن ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇراتتى، سەت دېيىلگەن قىزنىڭمۇ بىر يەرلىرى باشقىچە گۈزەل ئىدى. مەسىلەن، مەن نىشانلىغان قىزنىڭ كۆزى باشقىچە يېقىملىق، كۆكسى چوڭ ئىدى. بۇنى مەن بىرىنچى بولۇپ بايقىغان ۋە قەدىرلەشكە باشلىغانىدىم. 
        گۈزەللىك_ قانداق قاراش مەسىلىسى، مەن بۇ ئىشەنچىمدە چىڭ تۇردۇم. ئىككى ھەپتە قىزغىنلىق، سەمىمىيلىك كۆرسىتىپ ئۇ قىزغا يېقىنلاشتىم. قىز باشتا گۇمانلاندى، ئۆزىنى ئېلىپ قاچتى؛  چىرايى ئۇنى شۇنداق گۇمانخور، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان قىلىۋەتكەنىدى؛ ئۇنىڭدا ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ بولالماي جىق تىركەشتىم. ئۇ ئاخىر قىزغىنلىقىم ۋە سەمىمىيلىكىمدىن تەسىرلەندى، مۇھەببەت قاينىمىغا كىرگەندىن كېيىن شوخلىشىپ، مەندىن ئايرىلالماسلا بولدى. مۇڭداشتۇق، شۇنىڭ بىلەن مەن ھېلىقى كۈنى ئاخشىمى تانسىدىن يانغاندا ئاڭلىغان كۈلكىنىڭ ئىشىنى سورىدىم.

    _  بىز ياتاقتا دائىم كۈلۈشىمىزغۇ... سىز قايسىسىنى دەيسىز.
    مەن ئېسىمدە قالغان ئېنىق ۋاقىتنى دەپ بەردىم.
    ئۇ دەسلەپتە تېڭىرقاپ، كېيىن تېزلا ئېسىگە ئالدى:
    _ ھە... ئۇ ئاخشىمى مەنمۇ بار ئىدىم.
    _  بەك سەت كۈلدۈڭلار، قۇلاق تۈۋىمدە ھازىرغىچە جاراڭلاپ تۇرىدۇ، نېمە ئىش بولغانىدى؟
    _ ۋاي بولدىلا، بۇنىمۇ سوراپ يۈرەمسىز!
    _ مەخپىيەتلىك ئىكەن-دە!
    _مەخپىيەتلىكقۇ ئەمەس، سىزگە دەۋەرسەممۇ بولىدۇ. ئۇ ئاخشىمى ياتاقتىكىلەر ماڭا كۈلگەنىدى.
          شۇ ئان كاللامدا « بۇ قىز كۇسىرىنى تەتۈر كىيىۋالغان بولغىيمىدى؟» دېگەن سوئال تۇغۇلدى،لېكىن بۇمۇ چوڭ ئىش ئەمەس ئىدى.
    _ نېمىشقا؟ _ دېدىم مەن كوچىلاپ.
    _ ئۇ كۈنى ماڭا بىر پارچە خەت كەلگەن دەڭا، ئىلگىرى ياخشى ئۆتكەن بالا ئىدى، ئايرىلىپ كەتسەك دەپتۇ. ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈۋالغىچە قىلمىغانلىرى قالمىغان، ئەمدى مېنىڭ ھېسسىياتىم بىلەن ئوينىشىپ ئۇ خەتنى يېزىپتۇ. كەچلىك ئۆگىنىشتىن قايتىپ كىرسەم كارىۋىتىمدا ئۇ خەت تۇرۇپتۇ، ئوقۇپ يىغلاپ ساپتىمەن، ئاندىن  شۇ خەتتە بۇرنۇمنى سۈرتۈپ « ئەجەپ ئىچىمنى پۇشۇردى بۇ سولتەك ماڭقا» دەپتىمەن. يىغلىغىنىمغا قاراپ ئىچىدە كۈلۈشۈپ ئولتۇرغان قىزلار بۇ گەپتىن ئۆزلىرىنى تۇتالماي  قاتتىق كۈلۈشتى.  ئارقىدىن مەنمۇ كۈلۈپ سالدىم. بولغان ئىش مۇشۇ...
      تۈگۈن يېشىلدى، ئەسلىدە شۇنچىلىك ئىش ئىكەن، شۇ ئان بۇ بودەك سۆيگۈنۈم كۆزۈمگە تېخىمۇ چىرايلىق كۆرۈنۈپ كەتتى.
      مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن ئىلھامىم قايناپ تاشىدىغان، يېزىقچىلىق ھەۋىسىدە بىر نەرسىلەرنى جىجىلاپ باقىدىغان بولدۇم. بودەك مۇھەببىتىم ئۆزىنىڭ مەغلۇب بولغان مۇھەببەت تارىخىنى ئېيتقاندىن كېيىن، تولۇق ئوتتۇرىدا مەن يوشۇرۇن كۆيۈپ يۈرگەن قىز _ ئاخىرقى كۈنلەردە مۇھەببەت خېتىمنى باشقىلارغا كۆرسىتىپ مازاق قىلىپ يۈرگەن قىز ئېسىمگە كېلىپ ئىچىمنى قاينىتىدىغان بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى باش پىرسۇناژ قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاندىن ئۆتكۈزۈپ(ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۆتەلمىگەنىدى) ئۈرۈمچىگە يولغا سالدىم. ئۈرۈمچىدە ئۇ  بىر ئاقسا بىلەن مۇھەببەتلىشىدىغان،  شەھۋەت  قاينىمىغا كىرىپ كېتىپ ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قالىدىغان قىلىپ تەسۋىرلىدىم، گويا راستىنلا شۇنداق بولىدىغاندەك پىغان-ھەسرەت بىلەن پۈتۈن ھېسسىياتىمنى سىڭدۈرۈپ يازدىم. ئاندىن ئۇ ھېكايىنى بودەك مۇھەببىتىمگە كۆرۈپ بېقىشقا سۇندۇم، ئۇ ئوقۇپ تەسىرلىنىپ كېتىپ ياتىقىدىكى باشقا قىزلارغا كۆرسىتىپتۇ.
        بىر كۈنى ئاخشىمى كەچلىك مۇزاكىرىدىن يانغىنىمدا بودەك مۇھەببىتىم مېنى «قىزلار سىز بىلەن پاراڭلاشساق دەيدۇ» دەپ، مەكتەپ سەيناسىدىكى چىملىققا ئېلىپ كەلدى.
      _ ھەجەر، سەن بىر دەم ھاۋا يەپ كەل..._ دېدى قىزلار مۇھەببىتىمنى كەتكۈزۈۋېتىپ.
    بۇ قىزلار مۇھەببىتىمنى ياتاقتىمۇ بەك باشقۇرسا كېرەك دەپ ئويلاپ بىئارام بولدۇم.
    _ سىز ھېكايىڭىزدىكى ئۇ  قىز بىلەن يۈرۈپ باققانمۇ؟-دېدى بىرسى.
    _ يۈرۈپ باقمىغان. لېكىن ياخشى كۆرەتتىم.
    _ قول يەتمىگەن ئۈزۈم ئاچچىق دەپ، شۇڭا ئۇ قىزنى بۇزۇققا چىقىرىۋېتىپسىز-دە!
    بۇ گەپتىن ئېسەنكىرەپ قالدىم،  باشقا قىزلارمۇ گويا ئوخشاش پىكىرگە كەلگەندەك ئاچچىق بىلەن قاراپ تۇراتتى، بىر-بىرىگە گەپ بەرمەي سۆزلەيتتى:
    _ چىدىماس بىر بالىكەنسىز، شۇنداقمۇ يازامسىز؟ ھەممە قىزلار ئالىي مەكتەپكە بارسىلا مۇھەببەتلىشىپ بۇزۇلۇپ كېتەمدىكەن؟!
    _ شۇنى دەيمەن، ئۇ  قىزدا نېمە گۇناھ، ھېلىقى ماز ئېشەكتە مەسىلە يوقما؟! سىزمۇ بەلكىم شۇنداق بولۇشنى ئويلايدىغانسىز؟
    _ قىزلار شۇنچە ئاسان بۇزۇلۇپ كېتەمدىكەن؟
    _ بەزى يەرلىرىنى ئۆزىگە ئوقۇپ بېرەيلى بولمىسا...
    _ بولدى قىلايلى، ئۇنى يىرتىپلا تاشلىۋەتسەك بولمىدىمۇ؟
      _ نېمىنى؟!_ دېدىم مەن چۆچۈپ،_ مېنىڭ ئەمگىكىم ئۇ!
    _ قىزلارنى ھاقارەتلەيدىغان بۇنداق بىر نېمىنى يازغىچە قىزلارنى كۈيلەيدىغان شېئىر يازساڭ بولمامدۇ؟_ دېدى بىرسى مېنى سەنلەپ. قالغانلارغىمۇ بولۇپ بەردى.
    _ ئاڭلساق، سەن ھەجەرنىڭ ئاغزىدىن گەپ ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن جىق ئىلھاملارغا ئېرىشىدىكەنسەن. ئۇنىڭ بەدىنى ساڭا يەتمەمدا؟  ئۇنىڭدىن ئېرىشىدىغانلىرىڭغا ئېرىشىپ بولغاندىن كېيىن تاشلىۋەتمەكچى شۇنداقمۇ؟
    _ ماڭا تۆھمەت قىلماڭلار؟_ دېدىم مەن ئاچچىقتىن بوغۇلۇپ.
    _ سېنى يۇۋاش دەپتۇق، ئەسلىدە ئىچىڭدە يىلان ماڭىدىكەن. ئەمدى بىلدۇق، سەن  ھەجەرنى مەقسەتلىك كەلتۈرۈۋاپتىكەنسەن. ئۇنىڭ ئاغزىدىن گەپ ئاڭلاپ بىزنىمۇ سېسىتاي دەمسەن؟
    _ ئىككى يۇۋاش تازا تېپىشىپتۇ دەپتىكەنمىز، ئەسلىدە ئىش باشقىچە ئىكەن.
    _ ئەتراپىمىزغا دىققەت قىلايلى قىزلار، دۈشمەن ئىچىمىزدىن چىقىدۇ.
    _ ئادەمنىڭ ئەسكىسى يۇۋاشتىن چىقىدۇ دېسە ئىشەنمەپتىكەنمىز... توۋا.
      مەن تۇشمۇ تۇشتىن كېلىۋاتقان تىل-دەشناملاردىن ئۇجۇقۇپ، ئوڭ-سولۇمنى بىلمەي ئولتۇرۇپ قالدىم.  بىر سىنىپتا بولغان بىلەن مەن قەتئىي چۈشەنمىگەن، چۈشەنگىلى بولمايدىغان بۇ قىزلار مېنى تىتماتالاڭ قىلغاننى ئاز دەپ ھېكايەمنى يىرتىپ يوق قىلىشتى. مەن ھەجەرگە «نېمىشقا ئۇنى باشقا قىزلارغا كۆرسىتىسىز» دەپ دوق قىلدىم، ئۇ  بۇنىڭغا چىدىمىدى،  مەندىن قايتا گۇمانلاندى، مەن بىلەن تولا سوقىشىدىغان، قېيداپ نەچچە كۈنلەپ گەپ قىلمايدىغان بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتتىم.


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر كۈلكە قىزلار