ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان(پوۋست)

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-12 02:32:52

ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان(پوۋست) مۇقەددىمە ئورنىدا قاراڭغۇ تۈننىڭ قېنىق تونىغا ئورالغان كېچە، جىمجىت، ئەتراپ خۇددى بارلىق ھاياتلىق ئۈنلىرىنى يوقاتقاندەك خىلۋەت...مەيىن شامالنىڭ ئىللىق پەپىلەشلىرى...

    ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان(پوۋست)

     

    مۇقەددىمە ئورنىدا


        قاراڭغۇ تۈننىڭ قېنىق تونىغا ئورالغان كېچە، جىمجىت، ئەتراپ خۇددى بارلىق ھاياتلىق ئۈنلىرىنى يوقاتقاندەك خىلۋەت...
    مەيىن شامالنىڭ ئىللىق پەپىلەشلىرىگە جاۋابەن قىرغاققا ئۇرۇنىۋاتقان سۇلار كۆل بويىدىكى ئىككى سايىنىڭ پۇتلىرىنى سىيپاپ ئۆتمەكتە. بىر بىرىگە ياندىشىپ ئولتۇرغان بۇ قامەتلىك ۋە نازاكەتلىك ئىككى سايە يۇلتۇزلارنىڭ خىرە يورۇقىدا ئىيۇل ئايلىرىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىلىرىنى تاماشا قىلماقتا...
    ـ نېمىدىگەن گۈزەل! خۇددى ھەممە نەرسە قېتىپ قالغاندەك... ـ نازۇك، ئەمما تىترەك چىققان بۇ ئاۋاز جىمجىتلىقنى بۇزدى ـ نېمە ئويلاۋاتىسەن؟
    ـ مەنمۇ؟ نېمىنىمۇ ئويلاي... يەنە شۇ كەلگۈسىمىزنى، بۇندىن كېيىنكى ئىشلارنى ئويلاۋاتىمەن... ـ بۇقېتىمقى ئاۋاز شۇنچە مەيۈس، لېكىن شۇنچە ھاياجان ئىچىدە چىققان بۇ سادا ئاسماندىكى بىر ئىككى چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزنىمۇ ئويغا چۆمدۈرگەندەك قىلاتتى...
    ـ بولدىلا! ھەمىشە شۇنداق ئازابلىق، تېگى يوق ئىشلارنى ئويلايدىكەنسەن، مەنچۇ ئۆتمۈشتىكى گۈزەل چاغلارنى ئەسلەۋاتىمەن...
    راست! شۇنداقمۇ گۈزەل، غەمسىز چاغلارمۇ بولغان ـ ھە!
    ئىككى گەۋدە ئاستا ئاستا ئۆتمۈشنىڭ مانانلىرى ئىچىدە غايىپ بولدى...


    يېزا
    يېزىغا قاتنايدىغان ئاپتوموبىل ئۆزىگە تونۇش بولغان ئەگرى-بۈگرى يوللاردا ھېچ دەخلىسىز كېتىپ بارماقتا... ئاپتوموبىل سىرتتىن تىنىچ كېتىۋاتقىنى بىلەن ئىچىدە خۇددى قازان قايناۋاتاتتى...
    -ھەي! ياقۇپ بازاردا قويۇڭنى قانچىگە ساتتىڭ؟
    -ئەل نەرخى، ئوغۇلبالىچىلىقتا بىر تونۇشۇمغا 700يۈەنگە ساتتىم!
    -ھەي ئەرزان سېتىپ قويۇپسەن دەيمەن! مەن چېغىمدا ئاۋۇ قوتۇر ئۆچكىنى 500يۈەنگە ئالدىم، سېنىڭ ئۇ پاقلىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 800يۈەنگە ياراركەن!
    -راستما؟ ئۇنداقتا.......
    ھېلىلا مال بازىرىدىن يانغان ياقۇپ بىلەن سەمەت قويلارنىڭ باھاسى ئۈستىدە تالاشماقتا ئىدى، ئۇلار ھېلى قىزىپ، ھېلى ئۇھ تارتىپ، ھېلى مەيۈسلىنىپ ئاللىكىملەرنىدۇر تىللەيتتى...
    ئاپتۇبۇسنىڭ ئوتتۇرىدا ئولتۇرغان ئوتتۇرا ياش ئاياللار كىيىم كېچەك پارىڭىغا چۈشۈپ كەتكەنىدى، كىمنىڭ دۇكىنىدا قايسى خىل مال مولكەن، قايسى خىل كىيىم ئۇلارنىڭ ئىچىدە مودىكەن، باھاسى، رەڭگى، پاسونى... ئىشقىلىپ كىيىم كېچەك توغرىسىدىكى ھەرخىل مەزمونلار ئۇلارغا نىسبەتەن قىزىق تېما ئىدى....
    كەينىدىكىرەك ئورۇندا ئولتۇرغان 5قىمارۋاز كىمنىڭ قاچان كىمدىن قانچە پۇل ئۇتىۋالغانلىقىنى، كىمنىڭ چار خورىزىنىڭ يامانلىقىنى، كىمنىڭ ساختىلىق قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى تەھلىل قىلغاچ تاماكا چېكىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ تاماكىسىدىن چىققان ئىسقا چىدىمىغان 16~17ياشلاردىكى بىر بالا ئۈنلۈك ۋارقىرىدى:
    -ھەي! ماۋۇ ئاپتۇبۇس، ھەممە ئادەم ئولتۇرسا قايسى يۈزۈڭلار بىلەن تاماكا چېكىۋاتىسىلەر؟ چەككۈڭلار كەلسە توختىغاندا يەرگە چۈشۈپ چەكسەڭلار بولمامدۇ؟
    -تام تۈۋىدىن ھوشۇۋاي چىققاندەك نېمانداق ھۆرپىيىدۇ ما ئاداش! نېمە؟ نىمە دەيسەن؟ چەكسەك ئىسىنى سېنىڭ قۇلۇقىڭغا پۈۋلىدۇقمۇ؟ ياكى بېلەت بىلەن تەڭ ماشىنىنىڭ ھاۋاسىنىمۇ سېتىۋالغانمىتىڭ؟-دەپ كايىشقا باشلىدى ئورۇق ئەمما ئېگىزرەك بىرى. ئۇ سۆزلىگەنسېرى قىزىرىپ كېتىۋاتاتتى. بەستلىك گەۋدىسىگە ماس كەلمىگەن زىل ئاۋازى ئۇنىڭغا يۇمۇرلۇق تۈس بەرگەنىدى...
    -شۇنى دەيمەن! كەيپىمنى ئۇچۇرىۋەتكىنىڭنىڭ ھېسابىنى قىلمدىم تېخى!
    سېمىز دوغىلاق كەڭ يۈزلۈك بىرى گەپكە پاس چىقاردى...
    -توغرا!
    -قانداق ئاقساقال بىر نېمە بۇ؟
    -......
    قىمارۋازلار بۇ يىگىتنى گەپكە توشقۇزىۋەتتى. ئارىدىن بىرى:
    -كىمسەن؟ قەيەرلىك شۇم بۇ؟ ياقا يۇرتلۇق تۇرۇپ نېمە بىزنىڭ ئالدىمىزدا پو ئاتىدۇ ماۋۇ!
    -مەن مۇشۇ يېزىدىن، ياقۇپ دوللارنىڭ ئوغلى بولىمەن.
    -ياقۇپ دوللار...
    -ياقۇپ دوللارنىڭ ئوغلىكەن!
    -كىمنىڭ دەيسەن؟
    -ھېلىقى ياقۇپ دوللارچۇ؟!!
    -ھە! ....
    قىمارۋازلارلا ئەمەس پۈتۈن ئاپتۇبۇستىكىلەر بۇ بالىغا يەنە باشقىدىن قاراشقا باشلىدى. بۇرۇتلىرى ئەمدىلا خەت تارتقان، ئېگىز بويلۇق، ئاق يۈزلۈك،  قارا قاش، كۆزىدىن قەيسەرلىك ئۇچقۇنلىرى پارقىراپ تۇرىدىغان، قامەتلىك، تۇرقىدىن بىر خىل شىجائەت ۋە كەمتەرلىك چىقىپ تۇرىدىغان، قوشۇمىسىغا يىغىلغان قاپقارا قاشلىرى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغان بۇبالا يېزىدىكى كاتتا باي ياقۇپنىڭ ئوغلى ئىدى. قىمارۋازلار جىم بولۇشتى، كىشىلەر بالىغا قاراپ باش لىڭشىتىشتى. بىراق بالىنىڭ چىرايى تېخىمۇ تۇتۇلۇپ كەتتى، نېمە ئۈچۈندۇر ئۇ ئاتىسىنىڭ نامى شەرىپى بىلەن باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشسە ئۆزىگە ھاقارەت قىلغاندەك ھېس قىلاتتى، ئۇ ئويلايتتى ئاتىنىڭ شەرىپى ئاتىغا تالىق، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلالمايتتى، ئاتىسىنىڭ سايىسىدا سايىداپ، كۈنلىرىنى ئېسىل بايۋەتچىلەردەك ئۆتكۈزۈشكە قەتئىي بولمايتتى. شۇڭا ئۇ « ھەي ئەخمەق، ئاتاڭ شۇنچە باي تۇرۇپ يەنە نېمىشقا بۇنچە بېرىلىپ ئوقۇيسەن؟ چوڭ بولساڭ بايلىقلارنىڭ ھەممىسى ساڭىلا قالمامدۇ؟» دېگەن سوئاللارنى كۈلۈپلا ئۆتكۈزىۋېتەتتى.
    بۇ قېتىممۇ ئۇ يەنە بىر قېتىم كۈلۈپلا قويدى....
    يېزىنىڭ بۇلۇڭىدا بىر تۆمۈرچى قاتتىق بېرىلىپ ئىشلەۋاتاتتى، قاپىرىپ كەتكەن قوللىرى ئۇنىڭ تىرىكچىىكتىكى مۇھىم قورالى ئىدى. ئۇنىڭ تۆمۈرچىلەرگە خاس بەستى، تولغان مۇسكۇللىرى قىززىق تۆمۈردىن چىققان ئۇچقۇنلار ۋە ئاپپاق يەكتەك، دوپپىلىرى بىلەن بىر ئېسىل گۈزەل سەنئەت ئەسىرىدەك كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى، ئۇنىڭ يېنىدا 10نەچچە ياشلاردىكى بالا ئاتىسىنىڭ ئىشلىشىگە قىزىقىش بىلەن قاراپ تۇراتتى. ئۇ:
    -ئاتا، مەن چوڭ بولغاندا ساڭا ئوخشاش تۆمۈرچى بولىمەن، مەنمۇ ھەرخىل سايمانلارنى ياسايمەن!
    -ياق بالام! ھەن ھەرگىز بۇنداق ئويلىما! سەن ئوقۇشۇڭ كېرەك! ئوقۇپ كاتتا ئادەم بولۇشۇڭ كېرەك!
    تۆمۈرچى بولۇشنى ئارزۇلاۋاتقان بۇ بالا يۈسۈپ تۆمۈرچىنىڭ يالغۇز ئوغلى ياقۇپ ئىدى. يۈسۈپ كىچىكىدىن ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ تۆمۈرچىلىك قىلاتتى، تۆمۈرچىلىك بۇ يېزىدا راسا ئاققاچقىمۇ ياكى يېزىدا ئۇنىڭدىن باشقا تۆمۈرچى بولمىغاچقىمۇ ئۇنىڭ ئوقىتى خېلى ياخشى ئىدى. يۈسۈپ 20ياشقا كىرگەندە ئاتىسى ئەمەت تۆمۈرچى ئۇنى مەھەللىنىڭ گۈلى رەناقىز بىلەن بىر ئۆيگە ئەكىرىپ قويغانىدى. يۈسۈپ كېلىشكەن يىگىت ئىدى، رەناقىز بولسا خۇددى بىر غۇنچىدەك چوڭ بولغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى ياش ئامراق ئەر خوتۇنلاردىن بولۇپ قالغانىدى. ئىككەيلەن ئۆي تۇتۇپ 5يىل بولغان بولسىمۇ پەرزەنت يۈزى كۆرمەي ئەمەت بوۋاينى نەۋرە يۈزى كۆرۈش ئارزۇسىغا يەتكۈزەلمەي ئۇزىتىپ قويدى، ھەمراھىغا چىدىمىغان ئالتۇنخانمۇ قەدىناسىنىڭ كەينىدىنلا ۋاپات بولدى. بىر يىلدىن كېيىن رەناقىز ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنى سەزدى، بىراق ئۇ شۇنچە خوشاللىقنىڭ كەينىدە بىر پاجىئەنىڭ ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى بىلمەيتتى. رەناقىز ئاي كۈنى توشمايلا ياقۇپنى تۇغۇش ئۈستىدە ۋاپات بولىدۇ، يۈسۈپ يىغلايدۇ، قاقشايدۇ، يېڭىلا تۇغۇلغان بالىسىنى چىڭ قۇچاقلاپ ئۆز ئۆزىگە قەسەملەرنى بېرىدۇ. قايتا ئۆيلەنمەي مۇشۇ پەرزەنتىنى ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيلەشنى ئۆز ھايات مىزانى قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ياقۇپ ئاستا ئاستا چوڭ بولۇشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭ چېچەنلىك چىقىپ تۇرغان كۆزى ئاتىسىنى سۆيۈندۈرسە، بالىلارچە قىلىقلىرى ئاتىسىنى پەخىرلەندۈرىدۇ، يۈسۈپ ئۆزىنىڭ بارلىق ۋاقتىنى مۇشۇ پەرزەنتىگە ئاتايدۇ.
    يۈسۈپ چوڭقۇر ئاتىلىق مېھرى بىلەن ئوغلىغا تويماي قارايتتى.
    ياقۇپ ئاتىسىنىڭ ئۈمدىنى يەردە قويۇشنى ئۆزىنىڭ ياشاش مەقسىتىنى يوقۇتۇش دەپ قارايتتى، شۇڭا تىرىشتى، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوقۇدى، ئاخىرى ئۇ شىنجاڭ سودا مەكتىپىگە يوقۇرى نومۇر بىلەن قوبۇل قىلىندى، بىراق يۈسۈپ ئوغلىنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى كۆرەلمەيلا بۇ ئالەم بىلەن ۋىدالاشتى. ياقۇپنىڭ ھېچنېمىسى يوق ئىدى، ئەمدىكى تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىم بىر مەسلە ئىدى، چىقىش يولى پەقەت بىر، ئۇ بولسىمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش!
    ياقۇپ ئاتىسىدىن قالغان بارلىق مال دۇنيانى سېتىپ يۇرتىدىن ئايرىلدى، ئۇنىڭ ئۆزىنى باققۇدەك ئىشەنچى بار ئىدى. ئەينى چاغلاردا مەكتەپتە ئوقۇش پۇلى ئالمىغاچقا ياقۇپنىڭ پۇلى يەنىمۇ تىجىلىپ قالدى، ئۇ بىر تەرەپتىن ئوقۇسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ئىشلەيتتى. ئالىي مەكتەپ ھاياتى ناھايىتى مەنىلەرگە ۋە قىزىقارلىق ھەۋەسلەرگە، قايناق تۇرمۇشقا ئىگە بىر ھايات، لېكىن ياقۇپ ئۈچۈن ئۇنداق بولماي قالدى، نە ئاتىسى يوق، نا ئانىسى....
    ياقۇپ ئەنە شۇنداق تەرىقىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتتەردى، پۈتتەرگەندىمۇ شۇنداق ياخشى نەتىجە بىلەن پۈتتەردى. مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئۇ يۇرتقا قايتىشنىمۇ ئويلىمىدى، خىزمەت ئىزدەپمۇ يۈرمىدى. بىر چوڭ شىركەتكە ياللىنىپ ئىشلەپ قالدى. 《ئالتۇن بۇلاق تاشقى سودا شىركىتى》ئەينى چاغدىكى روناق تاپقان بىر شىركەت ھېسابلىناتتى. ياقۇپ بۇ شېركەتكە كىرىپ ناھايىتى تېزلا ئۆز قابىلىيىتى ئارقىلىق كۆزگە كۆرىنىشكە باشلىدى. ئۇ خىزمەتكە چۈشۈپ بىر يېرىم يىل بولغاندا شىركەتنڭ دۇبەيدە تۇرۇشلۇق تارمىقىنىڭ دېرىكتورى بوپ قالدى. لېكىن ياقۇپ بۇنداق باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلىگەندىن كۆرە ئۆزى ئىگىلىك تىكلەشنى ئويلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ شېركەتتىن قول ئۈزدى. ئۇنىڭ كۆزى يۇرت كۆرۈش، چەتئەللەردە يۈرۈش جەريانىدا خېلى ئېچىلىپ قالغانىدى. شۇڭا ئۇ قولنى ئۆز يۇرتىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولغان چىلان ۋە ئۈزۈمدىن باشلىدى.
    بۇ ئىش ئۈچۈن دەسمايە كېتەتتى، شۇڭا ئۇ قاراملىق بىلەن باشقىلاردىن قەرز ئالدى. بۇ يۇرتتا قۇرۇق مېۋە سۈپەتلىك چىقاتتى شۇنداقلا چەتئەللەردە يېڭىدىن بازار تېپىۋاتاتتى. ئۇنىڭ يۇرتقا كېلىپ قىلغان بىرىنچى ئىشى ئۆيلىنىش بولدى. ئۇ نەچچە يىل ئۆزىگە ئەقىدە ساقلاپ كېلىۋاتقان ئاسىيە بىلەن ئاددىيلا توي ئۆتكۈزۈپ ئاندىن تىجارىتىنى باشلىۋەتتى. دەسلەپتە قىيىنچىلىق بولدى، ماللارنى چەت ئەلگە چىقىرىش ناھايىتى چوڭ بىر مەسلە ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن چەت ئەلدىكى مەلۇم دۆلەتنىڭ سودا ۋىيزىسى بولىشى كېرەك. ئۇ دۈبەيدىكى بۇرادەرلىرىنى ئەسلەپ قالدى...
    شۇنداق قىلىپ ياقۇپ سودىغا بېشىچىلا كىرىپ كەتتى. بۇ جەرياندا ئۇنىڭغا ئاللاھ بىر ئوغۇل، ئىككى قىز ئاتا قىلدى. ھازىر ياقۇپ <دوللار> لەقىمى بىلەن شىنجاڭدا تەسىرى بار سودىگەرگە ئايلانغانىدى...
    ئەمدى بۇ يىگىت بىلەن تونۇشۇپ قويايلى. بۇ ئوغۇل ياقۇپباينىڭ ئوغلى ئالىم ئىدى. ئالىم ياقۇپباينىڭ تۇنجى پەرزەنتى، شۇنداقلا يالغۇز ئوغلى ئىدى، شۇڭا ياقۇپباي بالىنىڭ كەلگۈسىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرەتتى. كىچىكىدىن زىيالى ئائىلىسىدە چوڭ بولغاچقىمىكىن ئالىم تولىمۇ زېرەك ھەمدە ئوقۇشقا ھېرىسمەن چوڭ بولغانىدى. ئۇنداقلا بولۇپ قالماي تەنھەرىكەت تۈرلىرىگە ئالاھىدە قىزىقاتتى. ئۇمۇ خۇددى ئاتىسى ۋە بوۋىسىغا ئوخشاش ناھايىتى بەستلىك چوڭ بولغانىدى. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى قىزغىنلىق ۋە ھېچ نەرسىدىن ئەيمەنمەيدىغان لېكىن چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ئالامەتلەر ياقۇپباينى خۇش قىلاتتى. ئۇ ئۆزى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان كۆپ بىلىم ئىگەللەشتەك بۇ مەقسەتنىڭ ئۆز ئوغلى تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا كېلىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى.
    بىزنىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزدە 90-يىللار مابەينىدە بالىلارنى خەنزۇچە مەكتەپكە بېرىش دولقۇنى ئەۋج ئېلىپ كەتتى. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى بىز تىل مەسلىسىدە بەك قىينالدۇق، بىراق بىز بۇ قىلمىشىمىزدىن قانداق سەۋەنلكلەرنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىدۇق. لېكىن كۆپ ئىش كۆرگەن ياقۇپ بۇنداق سەۋەنلىكنى سادىر قىلمىدى. ئۇ ئالىمنى باشتىن ئاخىرى مىللىيچە يېزىقتىكى مەكتەپتە ئوقۇتتى، لېكىن شۇنداقتىمۇ ئالىمنىڭ خەنزۇچە سەۋىيىسى خېلى-خېلى كىشىلەردىن ئېشىپ چۈشەتتى. باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ يوقۇرى ئۆرلەشتە تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىگە گەرچە نومۇرى توشسىمۇ لېكىن ئالىم ئۇ يەردە ئوقۇشنى خالىمىدى. باشقىلار سەۋەبىنى سورىسا ئۇ پەقەت: <خۇشياقمىدى، ئوقۇغۇم كەلمىدى> دەپلا قويدى. لېكىن سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمىدى. چۈنكى ئۇ بۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ بۇنداق < ئەخمىقانىلىقنى> قوبۇل قىلالمايدىغانلىقنى بىلەتتى. ئۇلار ئۇيغۇرتىلىنىڭ ھازىر بىز ئۈچۈن مۇكەممەل ساقلىنىپ قېلىشىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى بىلىپ يېتەلمەيتتى، ئانا تىلنىڭ خۇددى ئانىدەكلا ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيتتى، ئەگەر مۇشۇنداقلا كېتىۋەرسەك ھامان بىر كۈنى پۇشايمان ئالىدىغانغا قاچا تاپالماي قالىدىغانلىقىمىزنى تونۇپ يېتەلمەيتتى. شۇڭا ئۇ ئاددى كاللىسى ۋە ئەمەلىيىتى بىلەن ئانا تىلىنى ياخشى ئۆگەنمەكچى، ئۆز ئۇسۇلى بىلەن ئۇنى سۆيمەكچى. شۇڭا ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىككى يىلىنى مىللىي يېزىقتىكى ئادەتتىكى سىنىپتا ئوقۇدى. لېكىن ئۇ تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈش ئىمتاھانىنى ئۆز يۇرتىدىكى يېزا مەكتىپىدە بەرمەكچى. بىرىنچىدىن ئۇ مۇھىت ئالماشتۇرماقچى، يەنە بىردىن ئۆزىنى چېنىقتۇرماقچى. ئۆز ئانا يۇرتىدا ئۇزۇنراق تۇرماقچى. چۈنكى ئۇ تېخىمۇ يوقۇرى ئۆرلەپ ئوقۇشتا يۇرتتىن، ۋەتەندىن ئايرىلمىسا بولمايتتى. شۇڭا ئۇ مانا ھازىر يېزىغا قاراپ يولغا چىقتى...
    سەككىزىنچى  ئاي بۇ يېزىدىكى ناھايىتى ئاۋات مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. ئۈزۈم پىشقان، چىلان پىشقان بۇ مەزگىلدە يۇرتتا مولچىلىق، خۇشالچىلىق. ھەممە ئەتراپ شۇنچە گۈزەل. خۇددى تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى مۇۇ يەردە ئۆز قىممىتىنى تاپقادەك. رەت-رەت ئۈزۈملەر، جانان چىنە چوڭلىقىدىكى يوپۇرماقلار ئارىسىدا مارجاندەك ئېسىلىپ تۇرغان كىشمىش، مۇناقى ئۈزۈملەر، تەكلەر ئەتراپىغا تىكىلگەن چىلان دەرەخلىرى ئۈستىدە جۇلالىنىپ تۇرغان قىپقىزىل چىلانلار، يولنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى سايە تاشلاپ تۇرغان دەرەخلەر، چىلان باغلىرىدا چىلان تېرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۈلكىسى، ئۈزۈملەرنى تېتىپ باش لىڭشىتىپ مەمنۇن بولغان چىرايلار، تاش ئېرىقتا سۇغا چۆمىلىۋاتقان بالىلار، ئامبار بويىدا بېلىق تۇتىۋاتقان، سۇغا چۆمۈلىۋاتقان ياشلار.... ئىشقىلىپ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالىمنى شۇنچىلىك زوقلاندۇرىۋاتاتتى. بۇ چەت يېزا بولغاچقىمۇ بۇ يەردىكى قاتناش ۋاستىلىرى ئانچە تەرتىپلىك ئەمەس ئىدى. كىچىك بالىلارنڭمۇ موتسىكىلىت ھەيدىۋالغانىقىنى ئۇچراتقىلى بولاتتى. ئالىممۇ بىر يىل بۇرۇن موتسىكىلىت ھەيدەشنى ئۆگىنىۋالغانلىقىدىن مەمنۇن بولدى. ئالدىدىكى يېزىلىق دوختۇرخانا، بۇ يېزىنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالايدىغان ئوتتۇرا تىپتىكى دوختۇرخانا بولۇپ نەچچە يىل بۇرۇن يېڭىلانغانىدى. ھازىرقى ئىككى قەۋەتلىك بۇ دوختۇرخانا بىناسى يېزىدىكى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان ئىمارەتلەرنىڭ بىرى. دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدىكى تار يولدىن 100 مېتىرچە مېڭىپ ئاندىن سولغا قايرىلىپ ماڭسا ئالىملارنىڭ ئۆيىگە بارغىلى بولاتتى.
    ياقۇپ بۇ ئۆينى ئۆز تويىدىن كېيىن يۇرتقا كەلگەندە تۇرۇشقا قولاي بولۇش ئۈچۈن يەر سېتىۋېلىپ سالغانىدى. ئەينى چاغدا يېزىغا نىسبەتەن خېلى ياخشى ئۆيلەردىن ھېسابلىنىدىغان بۇ ئۆي ھازىر كۆرۈمسىز ئۆيلەردىن بولۇپ قالغانىدى. ئاسىيە بىر ھەپتە بۇرۇن كېلىپ ئۆيلەرنى تازىلاپ تەييارلىق قىلىپ بولغانىدى، ياقۇپباي بولسا سودا ئۈچۈن دۇبەيگە كەتكەنىدى. ئۇ ئالىمنىڭ يېزىغا كېتىشىنى ئانچە توغرا قارىمىغان بولسىمۇ لېكىن ئوغلىنىڭ پىكرىگە قوشۇلدى. دېمىسىمۇ ھازىر شەھەرلەردىكى بالىلارنىڭ بارا-بارا يامان يوللارغا كرىپ كېتىۋاتاتتى. ئالىم گەرچە ئۆزىنى باشقۇرالىسىمۇ لېكىن مۇھىت كىشىگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنى ياقۇپباينىڭ بىرىنچى سەۋەبى دەپ قاراش ئانچە توغرا ئەمەس. ئۇنىڭ ئويى ئوغلىنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلغاندا ھالقىلىق پەيتلەردە ئاتىنىڭ سۆزى بالىغا دەستۇر بولىدۇ. <ئاتام مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىمايدۇ، مەن نېمە ئۈچۈن ئاڭلىغىدەكمەن؟ > دېگەندەك ئويلىرى شەكىللىنىپ قالمايدۇ. ئالىمنىڭ بويى مۇشۇنچە بولۇپ ئاتىسىنىڭ سۆزىنى رەت قىلغىنى، ھەتتا ئاتىسىنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتۈپ باغقىنى يوق، شۇنداق بولسىمۇ ياقۇپباي بۇ قېتىم ئوغلىنىڭ پىكرىگە قوشۇلدى، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئىككى سىڭلىسى ۋە ئانىسىنىمۇ يېزىغا ئاپىرىۋەتتى. ياقۇپباينىڭ چوڭ قىزى تېخى ئەمدىلا  مەكتەپ يېشىغا توشتى، كچىكى بولسا ئەمدىلا ماڭدى. شۇڭا يېزىنىڭ ساپ ھاۋاسى بالىلارنىڭ ساغلام چوڭ بولىشىغا پايدىسى بولىدۇ ئەلۋەتتە.
    ئالىم ئۆيىگە كەلدى، بۇ ئۈچ ئېغىزلىق كۆرۈمسىز ئۆي ئالىمغا شۇنچە سۆيۈملۈك كۆرىنىپ كەتتى. ئانىسى كۈلۈپ ئالدىغا چىققاندا ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەيلا قالدى، شەھەردە خېلى خېلى ئاياللارنىڭ ئىچىنى پاژ-پاژ كۆيدۈرىدىغان ئاپىسى، مانا ھازىر ھەقىقىي ئائىلە ئايالى بولۇپ قالغانىدى.
    _ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئاپا، قانداقراق ئەھۋالىڭ؟
    _ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!ياخشى بالام، سەنچۇ؟ شەھەردىكى ئىشلىرىڭنى ياخشى بېجىردىڭمۇ؟
    ئۆيگە كىرگەچ ئانا بالا پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى.
    _ھەئە، ھەممە ئارخىپلارنى يۆتكەپ بولدۇم. 9-ئاينىڭ 1-كۈنى مەكتەپكە بارساملا بولىدۇ.
    _ياخشى بوپتۇ، كۆڭلۈڭ نېمىنى تارتىدۇ؟ مەن تاماق قىلاي.
    _ئاپا، مېنىڭ سەن قىلغان تاماقلارنىڭ ھەممىسىنى يەيدىغانلىقىمنى بىلىسەنغۇ؟ مەن ئۇخلاپ تۇراي، نېمە تاماق قىلساڭ مەيلى، پىشقاندا قىچقىرارسەن. مەن بەك ھېرىپ كەتتىم.
    ئالىم شۇنداق دېگەچ تازىلىنىپ قويۇلغان ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. ئاسىيە ئوغلىنىڭ قامەتلىك بەستىگە ئانىلارچە مېھرى بىلەن قاراپ قويۇپ تاماق تەييارلىقى قىلىشقا تۇتۇش قىلدى.
    ئىككى سائەتلىك تاتلىق ئۇيقۇدىن كېيىن ئالىم ئاپىسىدىن ئاغرىنغاندەك ياتاق ئۆيىدىن چىقتى:
    _ئاپا! نېمە ئۈچۈن بۇرۇنراق قىچقىرىپ قويمىدىڭ؟ بەك ئۇخلاپ كېتىپتىمەن!
    _سېنى ئۇخلىۋالسۇن دەپ بولمامدۇ. قېنى تېز بول، لەغمەن ئەتتىم.
    ھورى چىقىپ تۇرغان بىر تەخسە لەغمەن. دېمىسىمۇ ئالىم تاتلىق قورۇلغان سەينى پۇراپلا ئاپىسىنىڭ ئۆزى ئەڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغان لەغمەن قىلغانلىقىنى بىلگەنىدى. دېمىسىمۇ نەچچە ۋاقىتتىن ئۆيدە ئۆزى يالغۇز بازار تامىقى يەۋېرىپ تولىمۇ چاچىغانىدى. ئۇ لەغمەننى يەپ بولۇپلا سىرتلارنى ئايلىنىپ كىرىشنى ئويلىدى....

    چېقىرتماق يېزىسى تولىمۇ تارىخى ئۇزۇن يېزا ئىدى. 70نەچچىنچى يىللاردا تېپىلغان 3200يىللىق تارىخقا ئىگە جەسەت بۇنىڭ قۇرۇق گەپ ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىغانىدى. بۇ يۇرت تولىمۇ بەرىكەتلىك يۇرت ئىدى. يىل بويى پەقەت بر نەچچە پۇڭغا ئىشلەپلا نۇرغۇن پۇلنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالغىلى بولاتتى. ئاساسلىق ئۈزۈم چىلاننى ئاساسى گەۋدە قىلغان دېھقانچىىلق ۋە قوشۇمچە چارۋىچىلىق بۇ يەردىكىلەرنىڭ ئاساسىي كىرىم مەنبەسى ئىدى. بىراق بۇ يۇرتتا سۇ كەمچىل ئىدى، شۇڭا 5-6يىل بۇرۇن بىۋاستە تاغ سۈيىنى باشلايدىغان تاش ئېرىق ياسالغان ۋە سۇ ساقلاش مىقدارى ۋىلايەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى، ئوتتۇرا تىپتىكى ئامبار قۇرۇلغان. ئەتراپىنى سايلىق قورشاپ تۇرغان بولسىمۇ لېكىن يۇرت ئىچى تولىمۇ ئاۋات شۇنداقلا يېشىللىق... بولۇپمۇ ھازىرقىدەك باش كۈزدە... ئالىم شۇلارنى ئويلىغاچ ئەتراپنى سەيلە قىلىۋاتاتتى. ئەمدى ئۇ مۇشۇ يۇرتتا تۇرىدۇ، مۇشۇ يەرنىڭ سۈيىنى ئىچىپ، نېنىنى يەيدۇ.... كىچىكىدىن قېنىپ پۇرالمىغان ھىدلارنى ئەمدى چوڭقۇر سۈمۈرىدۇ، ئانا يۇرتىدا يىلتىز تارتىدۇ، ئۆزىنى مۇشۇ يۇرتقا ئاتايدۇ... ئالىم ئەتراپتىكى دوپلىشىپ پاراڭدا ئولتۇرغانلارغا، يول بويىدا سەي سېتىۋاتقانلارغا، چوڭ يول بويىدا تاۋۇز-قوغۇن سېتىۋاتقانلارغا سالام بېرىپ بولۇپ ئانىسىنى بۇيرۇغان سەيلەرنى ئېلىپ ئۆيگە ماڭدى، ئۇ شۇنچە خۇشال ماڭاتتى، مەكتەپتىكى قايناق ۋە ناتونۇش تۇرمۇشنى ئويلاپ ھاياجانلىناتتى... ئۇ بۇ يەردىكى بالىلارنى ھېچ تونۇمايدۇ، لېكىن يوللاردا ئۇچرىسا كۆز سالىمى قىلىشىدۇ، قېنى كىملەر بىلەن ساۋاقداش بولۇپ ئوقۇيدىكىن...

    مەكتەپتە
    كۈز پەسلىنىڭ گۈزەل كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئوقۇش باشلاندى، مەكتەپ قاينام تاشقىنلىققا تولغان بىر خىل ھاياتى كۈچ تەرىپىدىن تولىمۇ جەزبىدار بولۇپ كەتكەنىدى. تاشيولغا قارىتىپ قويۇلغان دەرۋازا، دەرۋازا ئالدىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان ئۆستەڭ... دەرۋازىدىن كىرگەندە قاتار كەتكەن ئىككى قۇر قالىغاچ دەرىخى بىلىم ئېلىش ۋە بىلىم بېرىش ئۈچۈن ئالدىرىغانلارنى كۈتىۋالاتتى. دەرۋازىنىڭ ئوڭ تەرىپى چوڭ مەيدانغا تۇتىشىدىغان يول بولۇپ يول ئوڭ تەرىپىدە ۋەلسىپىت، توك ۋەلسىپىت، شۇنداقلا موتسىكىلىتلارنىڭ ئارامگاھى بار ئىدى. سول تەرىپى ۋالىبول مەيدانى ۋە ۋاسكىتبول مەيدانى ئىدى. ئوتتۇرىدىكى چوڭ يولنى بويلاپ 50مېتىرچە ماڭغاندىن كېيىن چوڭ مەيدانغا تۇتىشىدىغان يەنە بىر ئوڭ يۆلىنىشتىكى يول، سول تەرەپ ئوقۇتۇش بىناسىغا تۇتىشىدىغان يول كۆرىنىدۇ. بىر تەرەپتە لەپىلدەپ تۇرغان قىزىل بايراق دىققىتىڭىزنى ئۆزىگە تارتسا يەنە بىر تەرەپتە:<بارلىقىمىز بالىلار ئۈچۈن> دېگەن چوڭ لوزۇنكا دىققىتىڭىزنى تارتىدۇ. يەنە ئىچكىرلەپ ماڭسىڭىز مەكتەپ باغچىسىغا كىرىپ قالىسىز... ئوقۇتۇش بىناسى مەكتەپ قوروسىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە سېلىنغان بولۇپ تولىمۇ ھەيۋەتلىك كۆرىنىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش 2005-يىلى پۈتكەن بولۇپ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ياردەم قىلغان بىر تۈر ھېساپلىناتتى. چېغىرتماق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن بۇرۇنلا بار بولۇپ ئون يىللىق قالايمىقانچىلىقتا زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. 86-يىلى بىر قېتىم رېمونت قىلىنغاندىن كېيىن بۇرۇنقى ئوقۇتۇش بىناسى تاكى 2005-يىلىغىچە ئىشلىتىلگەن. ھازىر چېقىلىپ ئورنىغا پۇتبول مەيدانىدىن بىرنى قۇرغان....
    مەكتەپ يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى بولغاچقىمۇ تولىمۇ قايناق ئىدى. يارىشىملىق مەكتەپ فورمىسى كىيىۋالغان بىر نەچچە قىز يولنى سۈپىرىۋاتىدۇ. بىر نەچچە ئوغۇل ئوقۇغۇچى ئۇلار بىلەن چاقچاقلاشقاچ سۇ سېپىۋاتىدۇ، بىر نەچچە بالا پارتا-ئورۇندۇق تېشىۋاتىدۇ... بىر نەچچە بالا يېڭى كىتابلارنى تېشىۋاتىدۇ... بەزى توپخۇمارلار مەيداندا توپ ئويناۋاتىدۇ... ئالىم شۇنداق مەنزىرىلەردىن ھۇزۇلانغاچ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەلمەكتە... ئۇ ئۆز سىنىپىنىڭ قايسى ۋە قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئىلمىي بۆلۈمگە كىرمىسە بولمايتتى. شۇڭا ئۇ ئوقۇتۇش بىناسىغا كىردى، بەزى يېڭى چىققان سىنىپلاردا مۇئەللىمى بىنا ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش توغرىلىق تەربىيە قىلسا، بەزىلىرى سىنىپ ھەيئىتى تاللاش بىلەن بەند ئىدى. ئۇ بىر دەسسەپ ئىككى دەسسەپ ئوقۇتۇش بىناسىغا ئىچكىرلەپ كىرىشكە باشلىدى. ئىلمىي بۆلۈم قەيەردە بولغىيتتى؟ ئۇ نىشانسىزلا يۈرۈشنى خالىمىدىمۇ قانداق ئالدىدىكى كارىدور سۈپۈرىۋاتقان قىزدىن سورىماقچى بولدى.
    _ئىلمىي بۆلۈم نەدىدۇ؟_قىز جاۋاب بەرمىدى، ھەتتا قاراپمۇ قويمىدى، ئۇ يەنە بىر قېتىم تەكرالىغاندا ئاندىن كەينىگە بۇرۇلدى...
    تارتىپ قويغاندەك قارا قاشلارنىڭ ئاستىدا ئويناپ تۇرغان بىر جۈپ كۆز. كۆزلەرگە سايە تاشلاپ تۇرغان يادەك كىرپىك، ئېلىپتەك تارتىلغان قاڭشار، جىنەستىدەك بىر جۈپ لەۋ، كۈلۈمسىرىگەندە كۆرۈنۈپ قالغان سەدەپتەك چىش... قاملاشقان ئوتتۇرا بوي بىرى ئالىمغا قاراپ سۆزلىگەندە ئالىم قېتىپلا قالغانىدى.
    _خاپا بولماي يەنە بىر دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن؟!
    ئالىم ئەمدى ئۆزىنى ئوڭشىۋالغانىدى، قىز كۈلۈپ تۇرۇپ يەنە بىر قېتىم:
    _ئالدىدىن سولغا قايرىلىپ ئەڭ ئاخىرىدىن سانىغاندا ئۈچىنچى ئىشخانىغا كىرسىڭىز ئىلمىي بۆلۈم شۇ...
    _رەھمەت!
    _ئەرزىمەيدۇ...
    ئالىم <ھەجەپ چىرايلىق قىزكەنغۇ بۇ > دەپ ئويلىدى ۋە قىزدىن كۆزىنى تەستە ئۈزۈپ ئىملىي بۆلۈمگە قاراپ مېڭىپ كەتتى....
    9-يىللىق 1-سىنىپ تولىمۇ قايناق سىنىپ ئىدى، ئىلمىي بۆلۈمنىڭ ئۇدۇلىدىكى بۇ سىنىپقا كىرىپ كېتىۋاتقان ئالىم سىنىپ ئىچىگە كۆزىنىڭ ئۇچىدا قاراپ قويدى، سىنىپ تولىمۇ قالايمىقان كۆرۈنەتتى، تەخمىنەن 30نەچچە بالا بولسا كېرەك، سىنىپ ئىچىدىكى بالىلارنىڭ كۈلكە چاقچاقلىرى كارىدورنى بىر ئالغانىدى، قىزلارنىڭ زىل كۈلكە ئاۋازىمۇ، ئوغۇللارنىڭ بوم چاقچاقلىرىمۇ ئېنىق ئاڭلانماقتا ئىدى.
    ئاھ! سەھرا.... قوينىڭدا ئۆسۈپ يېتىلگەن پەرزەنتىڭمۇ خۇددى باغرىڭدا ئېچىلغان ئەتىرگۈلدەك شۇنچە گۈزەل شۇنچە ساغلام، شۇنچىلىك ساپ... ئۆزى ساپ شۇڭا دىلى ساپ... قارا ئۇلارغا... 15-16ياشنىڭ قارىسىنى ئېلىپ قالغان بولسىمۇ تەييارلىق بالىلىرىدەك چاقچاقلارنى قىلىشىۋاتقىنىنى... ئۇلاردىكى بۇ چاقچاقلار شەھەردىكى ئوخشاش ياشتىكى بالىلار قىلىشىدىغان قىز ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدىكى ھەزىل چاقچاقلار ئەمەس، بەلكى كەم تېپىلىدىغان_ دوستلار ئارىسىدىكى چاقچاقلار... ئۇلارنىڭ دوسلىقى چىن، مۇھەببىتى چىن، ئۇلار ھەرگىزمۇ بۇلغانمىغان، ئويۇنغا ئايلانمىغان... ئۇلارنىڭ كۆڭلى شۇنچە تۈز، شۇنچە ساپ، شۇنچە چىن......... ئالىم شەھەردىكى سىنىپىنى ئەسلىدى، سىنىپ تەنەپپۇستە ئوغۇللارنىڭ قىزلارغا كۆڭۈل ئىزھار قىلىدىغان سورۇنى، قىزلار بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىدىغان، گۇرۇھۋازلىق بىلەن گەپ تاكاللىشىدىغان سورۇنى، ئوغۇللارنىڭ بىر چەتتە دوپلىشىپ ئاللىقانداق ھاياسىز چاقچاقلارنى قىلىدىغان سورۇنى، شەھەر بالىلىرى ئوتتۇرىسىدا بۇنداق ساپ يېقىنچىلىق كەم ئۇچرايدۇ، ئۇلارنىڭ ئېڭىدا كىچىكىدىن يېتىلگەن شەخسىيەتچىلىك، مەنمەنچىلىك شۇنداقلا چوڭچىلىق مەۋجۇت بولىدۇ، ئاتا-ئانىلىرىدىن بىلىپ بىلمەي يۇقتۇرغان <يوقۇرىغا ئۆرلەش> خاھىشىمۇ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىدە ھەقسىز تۆلىنىدىغان بەدەل بولمايدۇ. بىكارغا قۇرۇلغان ئۈلپەتچىلىك بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ھەممە ئادەم قىلسا ئۆزىگە، ئەتراپىدىكىلەر بىلەن ئالاقىسى يوق، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە يالغۇزلۇق ھېچ گەپ ئەمەس، يالغۇز قالسا يەيدىغان نېنى كەملەپ قالمايدۇ، كىيىدىغىنى كەملەپ قالمايدۇ....
    لېكىن يېزا بالىلىرى ئارىسىدا يالغۇز قېلىش، توپتىن ئايرىلىش ئۇ كىشىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئۇنىڭ شەخسىيەچىلىكىنى ئىسپاتلايدۇ... بۇ پەرقلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى سۆزلەپ ئالىمنىڭ ساۋاقداشلىرىنى كۆرۈشىنى كېچىكتۈرگۈم يوق، بەلكىم ئۇ ئۆزى سېلىشتۇرۇپ بىلىۋالار....
    ئىلمىي بۆلۈم ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ لېكىن تولىمۇ ئالدىراش ئىدى، ئادەم كۆپ بولغاچقا ئالىم ئىشىك تۈۋىدە بىردەم تۇرۇپ قالدى. ئۈستەل ئالدىدا ئولتۇرغان كۆزەينەكلىك مۇئەللىم ئۇنىڭغا <نېمە ئىشىڭ بار؟> دېگەندەك نەزەردە قارىغاندىلا ئۇ ئىشخانىغا كىردى. بېشىنىڭ ئۈستىدە چېچى شالاڭراق، سېمىز، ئاق يۈزلۈك ۋە بەستلىك كۆزەينەكلىك مۇئەللىم بىر قاراشتا مۇلايىم كۆرۈنسە يەنە بىر قاراشتا تولىمۇ سۈرلۈك كۆرىنەتتى، لېكىن كۆرىۋېلىشقا بولىدىكىن ئۇ بىر خىزمەتكە ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتىدىغان مۇئەللىم ئىدى.
    _بىرەر ئىشىڭ بارمىتى؟
    _ھەئە، مەن بۇ مەكتەپتە ئوقۇي دېگەن، رەسمىيەتلىرىم تولۇق....
    _ئىلگىرى قايسى مەكتەپتە ئوقۇغان؟
    _شەھەرلىك ئوتتۇرىدا...
    _ئىسىم فامىلەڭ؟!
    _ئالىم ياقۇپ...
    مۇدىر جەدىۋەل ۋە تونۇشتۇرۇشلارغا قاراپ بىر ئاز چۆچىگەندەك قىياپەتتە ئالىمدىن سورىدى:
    _نەتىجەڭ شۇنداق ياخشىكەن، نېمە ئۈچۈن شەھەردىن يېزىغا كېلىپ ئوقۇش قارارىغا كېلىپ قالدىڭ؟
    _ئۆزۈم مۇشۇ يەردىن، يەنە بىردىن سەھرانىڭ ساپ مۇھىتىدا ئوقۇسام تېخمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ قارىدىم. ئوقۇتۇش سۈپىتىنى كۆزدە تۇتقان بولساڭ قەيەردىلا بولسا ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق...
    _ياخشى، 9-يىللىق 1-سىنىپقا كىرىپ ئوقۇساڭ قانداق؟ 9-يىللىقتا جەمئىي 2 سىنىپ بار، 2-سىنىپتا بالا بىر ئاز كۆپ... شۇڭا....
    _بولىدۇ....
    شۇنداق قىلىپ ئالىم چېغىرتماق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ 9-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالدى.... ئۇ سىنىپقا كىرگەچ ئويلىدى... شەھەردىكى مۇئەللىملىرى سورىغان سوئالنى ئىلمىىي مۇدىرمۇ سوراۋاتىدۇ... بۇندىن كېيىنمۇ چوقۇم شۇنداق سوئال يەنە سورىلىدىكەندە؟~ يېزا شەھەر، يېزا شەھەر......
    سىنىپ شۇنچىلىك ئازادە ئىدى. ئاپئاق ئاقارتىلغان تام، قاپقارا سۈرتۈلگەن دوسكا، رەتلىك تىزىلغان جوزا ئورۇندۇقلار.... گەرچە يېزا بولسىمۇ لېكىن سىنىپ ئەسلىھەلىرى شەھەرنىڭكىدىن قېلىشمايتتى. ئىلمىي مۇدىر ئالىمنى سىنىپ ئىشىك ئالدىغا ئەكىلىپ قويغاندىن كېيىن <بۇ يېڭى ئوقۇغۇچى> دەپلا قايتىپ كەتتى. سىنىپ ئىچىدىكى ئاۋازلار ئۆچۈپ ھەممە ئالىمغا تىكىلىشتى. قاپقارا قاشلىرى يىمىرىلگەن، كۆزلرى كۈلۈپ تۇرغان، پېشانىسى كەڭ كەلگەن، ئاق يۈزلۈك بۇ قامەتلىك بالىنىڭ ئۆز ساۋاقدىشى ئىكەنلىكىدىن ھەيران قېلىشماقتا....
    _ھەجەپ كۆرۈپ باقمىغان بالىكەنغۇ بۇ؟~
    _قەيەرلىكتۇ؟
    _ھەجەپ قاملاشقان بالىكەن...
    _ھوي، بويى ئېگىزكەن بەلكىم ۋاسكىتبول ئوينىيالىسا كېرەك...
    _دەرسلەردە بىر رىقابەتچى كۆپلىگەندىمۇ ياكى بىر سۆرەلمىمۇ؟
    _سۆلەت دېگەن سۆگەتتىمۇ بار...
    _ئۇنداق دېمە! بىر يېقىملىق بالا تۇرمامدۇ....
    ئالىم سىنىپ ئىچىگە بىر قۇر كۆز يۈگەرتتى... يەنە شۇ كۆز.... ئالىم ئۆزىگە قاراپ كۈلۈپ تۇرغان بىر جۈپ كۆزنىڭ قاراشلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي باشقا ياققا قارىۋالدى........ ئۇ تەمكىنلىك بىلەن سۆز باشلىدى...
    _ئىسمىم ئالىم! مۇشۇ يۇرتتىن. كىچىكىمدىن باشقا جايدا چوڭ بولغان. يېڭى يۆتكىلىپ كەلدىم. ياخشى ساۋاقداشلاردىن بولۇپ قېلىشىمىزغا ئىشىنىمەن. سىلەر بىلەن ئاستا تونۇشىۋىلارمەن....
    ئۇ شۇنداق دەپ تۇرىشىغىلا سىنىپ مەسئولى مېھراي مۇئەللىم كىرىپ كەلدى. مېھراي مۇئەللىم چىرايىدىن كۈلكە كەتمەي تۇرسىمۇ لېكىن تولىمۇ قاتتىق قول مۇئەللىم ئىدى. يەنە ئەدەبىيات دەرسىمۇ بېرەتتى. ئوقۇتقۇچىلارغا خاس كىيىنىشى ۋە ياسىنىشى ئۇنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزىرىدە بىر ئۈلگىگە ئايلاندۇرسا، تەلەپچان دەرس مېتوتى ئۇنى بىر سۆيۈملۈك ئوقۇتقۇچىغا ئايلاندۇرغانىدى. ئۇ تېخى بايىلا سىنىپىغا يېڭى ئوقۇغۇچىنىڭ كىرگەنلىكىنى ئاڭلاپ تازلىق مەيدانىدىن ئۇدۇل سىنىپقا كىرگەنىدى. ئالىم مۇئەللىمنى كۆرۈپ بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى ۋە كەينىدىكى بىر بوش ئورۇنغا بېرىپ ئولتۇردى_دە، ئەتراپىدىكىلەرگە كۆز سالىمى قىلىپ قويدى. مېھراي مۇئەللىم ئالىمنى بىر ئاز تونۇشتۇرغاندىن كېيىن سىنىپ ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىدى....بۈگۈن بىرىنچى كۈنى بولغاچقا دەرس ئوقۇلماي تازىلىق ۋە كىتاپ تارقىتىش ۋەزىپىسىلا بار ئىدى. ئەمدى باشقا ئوقۇغۇچىلار قايسا بولاتتى. ئالىم كىتاپ ئېۋىلىش ئۈچۈن مېھراي مۇئەللىمنىڭ كەينىدىن ئىشخانىغا يۈرۈپ كەتتى...
    مېھراي مۇئەللىم ئالىم بىلەن ئەستايىدىل سۆزلەشتى. ئۇنىڭ بىر ئېسىل مىجەزلىك تىرىشچان بالا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ھەمدە ئۇنى يېزىدىمۇ ئوخشاشلا ياخشى ئوقۇپ كېتەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ رىغبەتلەندۈردى. ئاندىن ئوقۇغۇچىلار بىلەن چىقىشىپ كېتەلەيدىغان كېتەلمەيدىغانلىقىنى سورىدى. بۇنى ئاڭلىغان ئالىم بىر ئاز ئويلىنىۋېلىپ مۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى:
    _ياخشىلىققا ياخشىلىق قىلىش ھەر كىشىنىڭ ئىشى، يامانلىققا ياخشىلىق قىلىش ئەر كىشىنىڭ ئىشى. ياخشىلىق قىلىشنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان ئادەمنىڭ دوستى دۈشمىنىدىن كۆپ بولىدۇ.... بۇنى ماڭا ئاتام ئۆگەتكەن...
    مېھراي مۇئەللىم ئۇنىڭغايېڭى كىتابلارنى تەڭلەپ مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈمسىرىدى... شۇنداق قىلىپ ئالىمنىڭ يېڭى مەكتەپ ھاياتى باشلاندى، بۇ ئەلۋەتتە قاينام تاشقىنلىققا تولغان ھايات.... ئالىم يەنە ھېلىقى سېھىرلىك بىر جۈپ كۆزنى ئەسلىدى... ئاھ! ئۇ ئۇ كۆزلەرگە مەپتۇن بوپ قالغانىدى....
    _بىرىنچى كۈنۈڭ قانداقراق ئۆتتى؟ بالام، كۆنەلىگۈدەكسەنمۇ؟
    _ياخشى، ياخشى بولمامدىكىن ئەمىسە، ئۆزۈمنىڭ يۇرتى تۇرسا....
    _ياخشى بولسىلا بولدىغۇ!
    ئالىم ياتاق ئۆيىگە ئاپىسى بىلەن سالاملىشىپلا ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. ئۇ خيال قىلىشقا باشلىدى، بۈگۈنكى ھېلىقى قارا كۆز، ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرىگەن ھېلىقى كۆزلەر، ئۇنى ئۆزىگە مەپتۇن قىغان ھېلىقى كۆزلەر.... ئاھ! بۇ نېمە دېگەن مۇرەككەپ ھېسسىياتلارھە؟! نېمىدىگەن دەھشەت، مەكتەپكە كىرگەن تۇنجى كۈنىلا.... ئالىم بىر كېچە ئۇخلىيالمىدى.... ھېلقى كۆزلەرنىڭ ئىگىسىنى، ئالىمنىڭ يۈرىكىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغۇچى ئۇ.... ئالىمغا قاراپ ئىللىق كۈلۈمسىرىگەن ئۇ... ئالىمنى بىر كېچە ئۇخلاتمىغان ئۇ.... ئالىمنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلغان ئۇ.... ئۇ زادى كىم؟! ئالىم نېمە ئۈچۈن ئۇنى شۇنچە كۆپ خىيال قىلىدۇ؟ ئۇ بەلكىم بىرى بىلەن يۈرىۋاتقاندۇ؟ بەلكىم باشقا بىرىنى سۆيىدىغاندۇ؟ بەلكىم..... ئاھ! نېمىدىگەن دەھشەت! ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا..... ئالىم ئورنىدىن تىك تۇرۇپ كەتتى... ئەمدى بۇ كېچە ئۇنىڭغا ئۇيقۇ ھارام بولغانىدى. ئۇ ئۇيقۇدىن بىزار.... ئالىم ئورنىدىن سۇغۇرلۇپ چىقىپ ئاستا سىرتقا قاراپ ماڭدى. ئالىملارنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ سول تەرەپكە ئازراق ماڭغاندىن كېيىن بىر تار يول بار ئىدى، بۇ تار يولدا 300مېتىرچە ماڭغاندىن كېيىن بىر ئائىلىلىكنىڭ ئۆي ئارقىدىكى باغچىسىغا قۇرۇلغان شەخسى كۆل بار ئىدى. بۇ باغچىنىڭ ئەتراپى تولۇق قورشالمىغاچقا ئەتراپتىكى كىشىلەر كىيىملىرىنى يۇغىلى، كىچىك بالىلار سۇغا چۆمۈلگىلى كېلەتتى. بۇ كۆل ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ لېكىن سۈيى سۈزۈك ۋە بۇلۇق ئىدى، ئەتراپىدا قويۇق ئوت چۆپلەر ئۆسكەن، كۆلگە تاللار سايە تاشلاپ تۇراتتى. ئالىم شۇ كۆلنى نىشان قىلىپ ماڭدى، بەلكىم ئۇ كۆلنىڭ سالقىن، ساپ ھاۋاسى ئالىمنىڭ چارچىغان نېرۋىلىرىغا ئارام بەرسە كېرەك....
    كېچە، تولىمۇ ئايدىڭ... ئاسماندا يېرىم تۇرغان ئاينىڭ ئەتراپىدىكى يۇلتۇزلار توختىماي جىمىرلىشىپ قاپقاراڭغۇ كېچىنى كۈمۈش رەڭ لىباس بىلەن بېزىگەنىدى. كۆل سۈيى كۈمۈش رەڭدە جىمىرلاپ، باش كۈزنىڭ سالقىن شامىلى تەرىپىدىن قىرغققا بوش ئۇرىلىۋاتاتتى.... بۇ گۈزەل مەنزىرىگە يىراقتىنلا مەپتۇن بولغان ئالىم ئىختىيارسىز قەدىمىنى تېزلاتتى، تېزلاتتىيۇ دەرھاللا توختاپ قالدى، ئالىم كۆزلىرىنى ئىختىيارسىز ئۇۋىلىۋەتتى، كۆل بويىدا تولىمۇ نازۇك بىر قامەت ئولتۇراتتى. ئاينىڭ نۇرسىز شولىسى ئۇنىڭ بەرنا قامىتىنى يورىتىپ، خۇددى چۆچەكلەردىكى پەرىلەرگە ئوخشىتىپ قويغانىدى، خۇددى ئايمۇ ئۇ نازۇك قامەتنىڭ ئۇزلىقىدىن ئۆزىنى دالدىغا ئالغاندەك، خۇددى ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرىۋاتقاندەك، نازۇك قامەتنىڭ يۈزلىرى ئۆزىدىن بەكرەك نۇرلۇقتەك بىلىنگەندەك، بۇلۇتلار كەينىگە ئاستا مېڭىپ كەتتى... ئۇ گەۋدە ئەتراپقا يەنە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن قولىدىكى گۈلنى ئوينىغاچ، بىر نېمىلەرنىدۇ پىچىرلاۋاتاتتى.... ئالىم ئورنىدا قېتىپلا قالدى، بۇ كىمدۇ ئەمدى؟ ئالىم نېمە بولسام بولدۇم، ھېچ بولمىغاندا يۈزۈمنى يۇۋېلىپ بولسىمۇ كىرىپ كېتەي...دېگەن ئويدا بىر دەسسەپ، ئىككى دەسسەپ كۆلگە يېقىنلاشتى.... قىز ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى، ئالىم ئەمدى ئۇنى ئېنىق كۆردى، ئىككى گەۋدىنىڭ كۆزلىرى ئۇچراشتى... ئۇلاردىن چىققان نۇر ئەتراپنى يورىتىۋتكەندەك بولدى... يەنە شۇ سېھىرلىك كۆزلەر.... ئالىم ئاران دېگەندە ئۆزىنى تۇتىۋالدى، ئۇ ۋارقىرىۋەتكىلى ئازلا قالغانىدى.... قىزنىڭ كۆزلىرىدە ئازراق تەشۋىش ھۆكۈم سۈرگەندىن كېيىن ئورنىنى ھاياجان ئىگىلىدى. بۇ كۆزلەر خۇددى ئىچ سىرلىرىنى ئاشكارلاپ قويىدىغاندەك نەلەرگىدۇ بېقىپ جىم تۇردى. ئالىم ئۇنچە جۈرئەتسىزلەردىن ئەمەس ئىدى، ئۇ جىمجىتلىقنى بۇزدى...
    _سەن بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسەن؟ بۇنچە كەچتە.... مەنغۇ سۇ ئىچكىلى كەلگەن....
    قىز يېنىككىدە كۈلۈپ قويغاندىن كېيىن جاۋاپ قايتۇردى:
    _باشقىلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپمۇ يەنە ئۆي ئىگىسىدىن مۇشۇنداق سوئال سوراش ئورۇنلۇقمۇ؟
    ئالىم گاڭگىراپ قالدى.... قىزنىڭ سۆزمەنلىكىگە قول قويدى، قىز پەقەت بۇ يەرنىڭ ئۆز ئۆيى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپلا قويماي، ئالىمنىڭ قوپاللىقىنى ئەيبلەپ ئۈلگۈرگەنىدى.... ئارىنى بىر پەس جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەندىن كېيىن قىز جىمجىتلىقنى بۇزدى:
    _ئىسمىم ئايپەرى، مۇشۇ ئۆينىڭ خوجايىنىنىڭ قىزى، بۇ كۆلنىڭ مۇڭدىشى....
    قىز قورقۇپ كەتتى، ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغان بىرىگە كۆڭۈل سىرىنى ئاشكارا قىلىپ قويغىنىدىن ئەنسىرىدى، ئۆزى بالدۇر تونۇشلۇق بەرگىنىگە پۇشايمان قىلىپ ئۈلگۈردى، ھېسياتىنى باشقۇرالمىغىنىدىن ئۆزىنى ئەيىبلىدى، لېكىن ئامال يوق، ئېغىزدىن چىققان سۆز يادىن ئايرىلغان ئوق، ئۇنى يىغىشتۇرغىلى بولمايدۇ.....
    _ئىسمىم ئالىم، بەلكىم بىلەرسەن، بۈگۈندىن باشلاپ سىلەرنىڭ سىنىپقا بىر ئەزا، ئۆيىمىز مۇشۇ ئەتراپتا، بۇ كۆلگە بۈگۈن ئىككىنچى قېتىم كېلىشىم، سېنى، بۇ كۆلنى ياخشى بىلمەيمەن، لېكىن كېيىن....
    ئاپلا! ئالىم تاس قالدى، تاس قالدى ھەممىنى ئاشكارە قىلغىلى....
    قىز كەينىگە بۇرۇلۇپ مېڭىشقا تەييارلاندى...
    _خوش ئەمىسە، ئەتە كۆرىشەرمىز....
    ئالىم ئارانلا خوش دېيەلىدى، ئاستا ئاستا كېچە قوينىغا سىڭىپ كىرىۋاتقان سايە ئارقىدىن ئۇزۇنغىچە قاراپ قالدى....
    ئايپەرى ئۆيىگە شۇنچە تېز قەدەملەر بىلەن قايتتى، خۇددى يۈگەرگەندەك، خۇددى ھېلىقى، ھېلىقى قامەتلىك بىراۋلارغا قىيدىغاندەك، خۇددى ئۇ كەينىدىن قوغلاپ كېلىدىغاندەك، خۇددى ئۇ كېلىپلا ئۇنىڭغا كۆڭۈل ئىزھار قىلىدىغاندەك!!!! ياق، ياق... بۇ پەقەت چۈشۈم.... بۇ ئايپەرىنىڭ يولبويى ئۆزىگە بەرگەن تەسەللىيسى... ياتاق ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى يېپىپلا ئۇ دەرھال دەرىزىدىن قارىدى، بۇ چاغدا ئۆتكەن يىلى ئاتىسى ئەكىلىپ بەرگەن دۇربۇن ھەقىقەتەن ئەسقاتتى، ئۇ بۇ دۇربۇن بىلەن كۆل بويىدا ئۆزىنىڭ مەيلىنى تارتىۋاتقان بىراۋلارنى ئېنىق كۆرەلىدى، ئۇ يەنىلا شۇ جايىدا تۇرىۋاتىدۇ، خۇددى جانانى تېزلا ئۇچۇپ كېلىدىغاندەك.... ئايپەرى ئالىم قايتقاندىن كېيىنلا ئاندىن كارۋىتىغا چىقىپ تىزلىرىنى قۇچاقلىغىنىچە خىيال دۇنياسىغا غەرق بولدى.... كارىدوردا ئۆزىگە تىكىلىپ قاراۋاتقان ھېلىقى نۇرلۇق كۆز كىمنىڭ كۆزى؟ قۇلاقلىرىغا كىرىپ ئۇدۇللا يۈرىكىنى تىترەتكەن كىمنىڭ ئاۋازى؟ ئۇنىڭ تىپتىنىچ كۆڭلىگە سانسىرلىغان تاشلارنى ئېتىۋتىپ كەينىگىمۇ قاراپ قويماي ماڭغان ئاۋۇ يىگىت كىم؟ ئايپەرى ئۇنچە ھېسياتچان قىز ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ بىرەر ئوغۇل بالا بىلەن ئايرىم پاراڭلىشىپ باققىنىمۇ، بىرەر كىملەر بىلەن كۆز بېقىشىپ كۈلۈشۈپ باققىنىمۇ يوق، ئاللاھ ئاتا قىلغان ساپ تېنىنى، قەلبىنى ياتلارنىڭ تاجاۋۇزىدىن ساقلاپ ياشاۋاتقىلى، ھېچكىمگە كۆڭۈل تاشلىماي پاك ياشاۋاتقىلى مانا توپتوغرا 16يىل بوپتۇ، قىز بولۇپ رەسىدە بوسۇغىسىغا ئاتلىغاندىمۇ، تالاي سۆيگۈ خەتلىرىنى ئوقۇپ، كۆيدۈرگەندىمۇ، مەھەللىدىكى ئالىقاناتلار كەينىگە ئەگىشىپ خېلى ماڭغانلاردىمۇ ئۇنىڭ يۈرىكى بۈگۈنكىدەك تىترىمىگەن، كۆزى بۈگۈنكىدەك كۈلمىگەن، يۈرىكى بۈگۈنكىدەك ئوينىمىغان..... بۈگۈن ھېلىقى شۇڭقار كەبى قوشۇما بىلەن بۈركۈت كەبى كۆز ئايپەرىنىڭ ھەممە ھەممە جىمجىتلىقىنى بۇزىۋەتتى.... ئۇ ئەمدى ئۇيقىدىن بىزار بولدى، ئۇنىڭ كاللىسىنى شۇنچە تېز شۇ سىيمالار ئىگىلەپ بولدى... ياق! بۇ قانداق بولغىنى؟ بەلكىم ئۇ بالىنىڭ شەھەردە مۇھەببىتى باردۇ؟ بەلكىم باشقا بىرىنىڭ ئاشىقىدۇ؟ بەلكىم ئۇنىڭدەك كېلىشكەنلەرگە ئەگىشىپ يۈرگەن قىزلار كۆپتۇ؟ ئايپەرى نېمىسى بىلەن ئۇنىڭغا ئېرىشەلەيدۇ؟ ساپ كۆڭلى بىلەنلىمۇ؟ لېكىن ئۇ ئوغۇل بالىنىڭ ئۆزىگە كۆڭلى بولمىسىچۇ؟ ئەگەر ئۇ شەھەردىكى شاللاقلىقلارنى ئۆزىگە يۇقتۇرىۋالغان بولسىچۇ؟ كۆرىنىشتىغۇ خېلى تۈزۈك كۆرىنىدۇ.....
    بايا كۆل بويىدىكى ئۆز ئۆزىگە دېگەن سۆزلەرنى شاماللار ئۇنىڭغا يەتكۈزگەندىمۇ؟ يۇپۇرماقلار شىۋىرلىغاندىمۇ؟ مەن نېمە ئۈچۈن ئۇنىلا ئويلايمەن؟ نېمە ئۈچۈن؟ مەن مۇشۇنداق قىزمىتىم؟ مەن مۇشۇنداق ئادەممىتىم؟ ئۆزۈم چۈشەنمىگەن ئادەمگە كۆڭۈل بېرىپ مەن ساراڭمۇ؟....
    ئالىمنىڭ كۆڭلى قانچە قالايمىقان بولسا ئايپەرىنىڭ تېخمۇ قالايمىقان ئىدى.... ئۇلار بىر-بىرىنى يوشۇرۇن ئەسلەۋاتاتتى، بايىقى سۆھبەتنى قايتا-قايتا زىكرى قىلىۋاتاتتى... كۆزلىرىنى يۇمۇۋېلىپ يەنە بىر جۈپ كۆزلەرنى ئەسلاۋاتاتتى....
    ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە كۆز ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ، قەلىپ سىرى كۆزدە ئۆزىنى ئاشكارە قىلىپ قويىدۇ، تىل يالغان سۆزلسىمۇ كۆز يالغان سۆزلمەيدۇ.... شۇڭا كۆز بارلىق مۇھەببەت ھېكايىسىنىڭ باشلانمىسى، كۆز ئارقىلىق ئاشىق-مەشۇقلار بىر-بىرىنىڭ قەلب قەسىرىنى تاماششا قىلىشىدۇ... ئەنە قاراڭ! ئۇ ئىككى ياشقا! تېخى ئەمدىلا 16-17نىڭ قارىسىنى ئالغان غۇنچىلەرنىڭ يۈرىكىدە يەنە بىر مۇھەببەت دەپ نوتىنىڭ شاخلىشىنى كىممۇ ئويلىسۇن؟ يۈرەككە تالىق ئىشلارنى ئۇلارنىڭ چۈشىنىدىغانلىقىنى كىم بىلسۇن؟ ئۇلار ئۆزىمۇ بىلمىسە... ئۇلۇغ ئاللاھ ئىشقنى شۇنداق سالىدىغان ئوخشايدۇ، تېخى بىر قېتىملا كۆرۈشۈپ بىر-بىرىنى خالايدىغان بولۇپ قالغىنىنى كۆرمەمسىز بۇ شۇمتەكلەرنىڭ! شۇنداق جاھان ئىكەن بۇ.... مۇھەببەت ئېيتىشنى بىلەلىگەنلەر ئۈچۈن مۇڭغا تولغان گۈزەل سېمفونىيە.... بىلەلمىگەنلەرگە بولسا ئازابلىق ماتەم مۇزىكىسى.... بۇ ئىككى ياشنىڭ بېشىغا قانداق كۈنلەر كېلەر؟ ئەتىسى، ئۆگىنى قانداق ئۆتەر؟ ئۇلار مۇھەببەتنى چۈشىنەرمۇ؟ مۇھەببەت..... ئۇ ھەقىقەتەن مەڭگۈلۈك تېما!

     

    مەنبە: كۈلچى قىز بىلوگى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئارمان پوۋسىت