تەبىرسىز چۈش(ئىزلەنمە ھىكايە)

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-15 09:00:01

تەبىرسىز چۈش(ھېكايە) تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار مەن ئۆيىمىزنىڭ دەرۋازىسىدىن چىقىپ، پەقەت تۆت قەدەملا ماڭغان ئىدىم.ھازىرلا مېنى ئۇزۇتۇپ قويغان ئانام، بارى-يوقى تۆت قەدەمچە كېلىدىغان ھويلىدىن ئۆتۈپ،...

    تەبىرسىز چۈش(ھېكايە)

    تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار

     

    مەن ئۆيىمىزنىڭ دەرۋازىسىدىن چىقىپ، پەقەت تۆت قەدەملا ماڭغان ئىدىم.ھازىرلا مېنى ئۇزۇتۇپ قويغان ئانام، بارى-يوقى تۆت قەدەمچە كېلىدىغان ھويلىدىن ئۆتۈپ، ئۆينىڭ بۇسۇغىسىدىن ئەمدىلا ئاتلىغان بولىشى مۇمكىن ئىدى.

          مەن ئۆيىمىزنىڭ دەرۋازىسىدىن چىقىپ، پەقەت تۆت قەدەملا ماڭغان ئىدىم. مەن ئوزاق بىر جايغا سەپەرگە چىقىدىغان بۇلۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن، ئانام بىلەن خوشلاشقىلى كەلگەن ئىدىم، مەن ئانام بىلەن خوشلاشقىلى كەلگەندە دادام ئۆيدە يوق ئىدى. ئارىدا خىزمىتىمنىڭ ئالدىراشلىقىدىنمۇ ياكى مېنىڭمۇ بىر ئۆيۈم بولۇپ، ئىككى كىچىك بالىنىڭ دادىسى بۇلۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈنمۇ، ئانامنى يوقلاپ كېلەلمىگىنىمگە پەقەت تۆت كۈنلا بولغان ئىدى.بۈگۈن پەقەت ئۇزاق بىر جايغا سەپەرگە چىقىدىغانلىقىم ئۈچۈنلا ئانامنى يوقلاپ كەلگەن ئىدىم. يىراق سەپەرگە چىقىدىغانلىقىم ئۈچۈن چاچلىرىمنى تاراپ، قېتىپ كىيىنىپ، چىكىت گۈللۈك قىزىل گالاستۇك تاقىۋالغان ئىدىم. قولتۇغۇمدا كىچىك بىر سومكاممۇ بار ئىدى، سومكامدا كىملىكىم، خىزمەت كىنىشكام، ئىشھەققى كارتىسى، ئامانەت كارتىسى، سوغۇرتا كارتىسى...يەنە بىر تال ماي قەلەممۇ بولىشى مۇمكىن ئىدى. لېكىن قولتۇغۇمدىكى كىچىككىنە سومكامغا بىرەر پارچە قەغەزمۇ سېلىۋالمىغىنىم ئۆزەمگە ئايان.

    مەن ئوزاق بىر جايغا سەپەرگە چىقىدىغانلىقىم ئۈچۈن، ئانامنى يوقلاپ كەلگەندە، ئانام سامساق ئاقلاۋاتقانكەن، مەن ئۆيگە كىرىپ ئولتۇردۇممۇ، ئولتۇرمىدىممۇ بىلمەيمەن. ئىككى بالىلىق بىر ئۆينىڭ ئىگىسى بۇلۇپ قالغان بىر ئادەم ئۈچۈن، يىراق بىر جايغا سەپەرگە چىقىدىغان چاغدا ئانىسىنى يوقلاپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن بىردەم-يېرىمدەم مۇڭدۇشۇپ ئولتۇرۇش-ئولتۇرماسلىق ئالايتەن دىققەت قىلمىسا بولمايدىغان ئىش ئەمەستەك، مەنمۇ يىراق سەپەرگە چىقىدىغان بۇلۇپ قېلىپ، ئانامنى يوقلاپ كەلگەندە ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان-ئولتۇرمىغانلىقىمنى ئەسلىيەلمىدىم.

    مەن ئۆيىمىزنىڭ دەرۋازىسىدىن چىقىپ، پەقەت تۆت قەدەملا ماڭغان ئىدىم. مەن يىراق سەپەرگە چىقىدىغانلىقىم ئۈچۈن ئانامنى يوقلاپ كەلگىنىمدە، سامساق ئاقلاۋاتقان ئانام پىچاقنى تاشلاپ قويۇپ، يىراق سەپەرگە چىقىد ىغانلىقىم ئۈچۈن چاچلىرىمنى تاراپ، قېتىپ كىيىنىپ، ئاق كۆڭلىگىمنىڭ ياقىسىنى بوغۇپ چىگىۋالغان چىكىت گۈللۈك قىزىل گالاستۇگۇمنى تۈزەپ، سەل چىڭىتىپ، ئۈستىگىرەك كۆتۈرۈپ، پۇتىنىڭ ئوچچىدا دەسسەپ تۇرۇپ پىشانەمگە سۆيۈپ قويغان ئىدى. خۇددى مەن يىراق سەپەرگە چىقىدىغانلىقىم ئۈچۈنلا ئانامنى يوقلاپ كەلگىنىم ئۈچۈن ئەمەس، خۇددى يىراق سەپەردىن كەلگىنىمدەك...

    مەن ئۆيىمىزنىڭ دەرۋازىسىدىن چىقىپ، پەقەت تۆت قەدەملا ماڭغان ئىدىم.ھازىرلا مېنى ئۇزۇتۇپ قويغان ئانام، بارى-يوقى تۆت قەدەمچە كېلىدىغان ھويلىدىن ئۆتۈپ، ئۆينىڭ بۇسۇغىسىدىن ئەمدىلا ئاتلىغان بولىشى مۇمكىن ئىدى.

    مەن قولتۇغۇمدىكى كىچىك سومكامدا ئانامغا بېرىدىغان بىر نېمىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك، ئانام ماڭا بېرىد ىغان بىر نېمىنى سېلىشنى ئۇنتۇپ قالغاندەك، سومكامنى ئاختۇرمىسام بولمايدىغاندەك توختاپ، ئاۋال، يىراق سەپەر گە چىقىدىغانلىقىم ئۈچۈن ئانامنى يوقلاپ كەلگەندە، چاچلىرىمنى تاراپ، قېتىپ كىيىنىپ، ئاق كۆڭلىگىمنىڭ ياقىسىنى بوغۇپ چىگىۋالغان چىكىت گۈللۈك قىزىل گالاستۇگۇمنى ئانام بايا ئاقلاۋاتقان سامساقنى ۋە پىچاقنى تاشلاپ پىشانەمگە سۆيۈپ تۇرۇپ چىڭىتىپ قويغان گالاستۇك گېلىمنى بەك سىقىۋەتكەندەك ھاسىراپ، يۈرۈگۈم سېلىپ كەتكەندە گالاستۇگۇمنى بوشۇتۇش ئۈچۈن قولۇمنى ئەمدىلا ئۇزاتقان ئىدىم.

    مەن ئۆيىمىزنىڭ دەرۋازىسىدىن چىقىپ، پەقەت تۆت قەدەملا ماڭغان ئىدىم. ھازىرلا مېنى ئۇزۇتۇپ قويغان ئانام، بارى-يوقى تۆت قەدەمچە كېلىدىغان ھويلىدىن ئۆتۈپ، ئۆينىڭ بۇسۇغىسىدىن ئەمدىلا ئاتلىغان بولىشى مۇمكىن ئىدى. دەل شۇ چاغدا مېنىڭ نېمە ئۈچۈن مەكتەپكە بارمىغانلىقىنى بىلمەيدىغان سىڭلىم:

    - ئاكا!-دەپ ئارقامدىن ۋاقىرىدى.

    مەن ئۆيىمىزنىڭ دەرۋازىسىدىن چىقىپ، تۆت قەدەملا ماڭغان يەردىن، قولتۇغۇمدىكى ئانامغا بېرىدىغان بىر نېمىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك، ئانام ماڭا بېرىدىغان بىر نېمىنى سېلىشنى ئۇنتۇپ قالغاندەك، ئاختۇرمىسام بولمايدىغاندەك توختاپ ئاختۇرماقچى بولغان سومكامنىمۇ ئاختۇرماي، يىراق سەپەرگە چىقىدىغانلىقىم ئۈچۈن ئانامىنى يوقلاپ كەلگەندە، چاچلىرىمنى تاراپ، قېتىپ كىيىنىپ، ئاق كۆڭلۈگۈمنىڭ ياقىسىنى بوغۇپ چىگىۋالغان چىكىت گۈللۈك قىزىل گالاستۇگۇمنى بوشۇتۇپ قويۇش ئۈچۈن ئەمدىلا ئۇزاتقان قولۇمنى قايتۇرۋالغاندەك كەينىمگە قارىدىم.

    مەن نېمە ئۈچۈن مەكتەپكە بارمىغانلىقىنى بىلمەيدىغان سىڭلىم، پاڭڭىدە يىغلايدىغاندەك، پاڭڭىدە يىغلاپ بولغاندەك ئېسەدەپ تۇرۇپ:

    -ظا...نا...م، يئ...قئ...لىپ!-دېدى.

    مەن ئۆيىمىزنىڭ دەرۋازىسىدىن چىقىپ، تۆت قەدەملا ماڭغان يەردىن يەنە بىر قېتىم مېڭىپ، يىراق سەپەرگە چىقىدىغانلىقىم ئۈچۈن ئانامنى يوقلاپ كەلگەندە، ئانام سامساق ئاقلاۋاتقان ئۆيگە كىردىم.

    ئانام ئاقلاۋاتقان سامساقنىڭ قېشىدا، ئانام تاشلاپ قويغان پىچاق ماڭا مۇزدەك كۆرۈندى. ماڭا مۇزدەك كۆرۈنگەن پىچاقنىڭ قېشىدا، دادامنىڭ قۇچىغىدا ئانام ياتاتتى، دادام قۇچىغىدا ياتقان ئانامنىڭ مەن يىراق سەپەرگە چىقىدىغانلىقىم ئۈچۈن، ئانامنى يوقلاپ كەلگىنىم ئۈچۈن ئەمەس، يىراق سەپەردىن كەلگىنىمدەك پىشانەمگە سۆيگەن لەۋلىرىگە سۇ تېمىتىۋاتقانكەن، سۇ ئانامنىڭ لەۋلىرىدىن سېرىق مەڭزىلىرىنى بويلاپ قولىقىنىڭ تۈۋىگە ساقىپ چۈشۈپ تۇراتتى، ئانام بارى-يوقى تۆت قەدەمچە كېلىدىغان ھويلىدىن ئۆتۈپ، ئۆينىڭ بۇسۇغىسىدىن ئەمدىلا ئاتلىغاندەك قىلاتتى...

    قاراتەرگە چۆمۈپ ئويغىنىپ كەتكەندەك، ئويغىنىپ كەتكەن بۇ چۈشكە ھېچكىمدىن تەبىر سوراشقا پېتىنالمىدىم.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.