گۇناھ-14(ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-09 06:20:54

گۇناھ(14)ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد   — ھۆرمەتلىك رەھبىرىي كادىرلار،- دەپ ئورنىدىن تۇردى سەمەت مەخسۇم گويا مىڭ پاتمان تۈگمەن تېشىنى يۈدۈۋالغاندەك ناھايىتى تەستە ئورنىدىن تۇرۇپ،- مالال كۆرمىسەڭلار، ...



    گۇناھ(14)
    ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد

     


      — ھۆرمەتلىك رەھبىرىي كادىرلار،- دەپ ئورنىدىن تۇردى سەمەت مەخسۇم گويا مىڭ پاتمان تۈگمەن تېشىنى يۈدۈۋالغاندەك ناھايىتى تەستە ئورنىدىن تۇرۇپ،- مالال كۆرمىسەڭلار، مېنىڭ ئىككى ئېغىز پىكرىم بار.

      — يىغىن تۈگىمەي تۇرۇپ نېمە دەپ ئورنىلىرىدىن تۇرۇۋالىلا!-دېدى نىياز ئۇنىڭ يېنىغا چېپىپ بېرىپ،- گەپلىرى بولسا ھېلى يىغىن تۈگىگەندە دېسىلە!

     

      ياق، ھازىر دېمىسەم بولمايدۇ، تەرەت قىستىغاندا ھاجەتخانىغا بېرىش كېرەك، ئىشتانغا چىقىرىۋەتسەك بولمايدۇ،-دېدى مەخسۇم ئەتراپىدا ئۆزىگە قاراپ قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ ئولتۇرغانلارغا بىر قارىۋېتىپ،- باياتىن بېرى رەھبەرلەر ئوبدان گەپ قىلدى، بىزمۇ ئوبدان ئاڭلىدۇق، مەجلىسنىڭ مەزمۇنىدىن ئاساسەن ۋاقىپلاندۇق؛ ئەمدىكى گەپ، ۋاقىتمۇ بىر يەرگە باردى، ئۈچ ۋاق نامىزىمىز قازا بولدى، قورساق ئېچىپ، تاھارەت قىستاپ كەتتى. ئۆيگە بالدۇرراق بارساق، قورساقنى توقلاپ قازا نامازنى ئوقۇۋالساق دەيمەن. مېنىڭ پىكرىم شۇ، مەن گېپىم تۈز ئادەم، رەھبەرلەر بۇنىڭغا قانداق قارايدىكىن، بىلمەيمەن. ئەمما مەن مەجلىسنى ئوبدان ئاڭلىدىم، رەھبەرلەرنىڭ سۆزىنى تامامەن قوللايمەن؛ باشقىلارنىمۇ مەن بىلەن ئوخشاش پىكىردىغۇ دەپ ئويلايمەن.

     

      يىغىن مەيدانىنى تەشۋىشلىك سۈكۈت باستى. يىغىن مۇنبىرىدە گىدىيىپ ئولتۇرغان كادىرلارنىڭ كۆزى چەكچىيىپ، ئاغزى ئېچىلىپلا قالدى. نىياز خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقىغا يىغىن تۈگىگەندىن كېيىن سەمەت مەخسۇمنى ئايرىم ئېلىپ قېلىپ، ئۇنىڭغا قايتا تەربىيە ئىشلەشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئېيتتى. باشلىق بۇ تەكلىپنى دەرھال قوبۇل قىلدى. يىغىن تارقالدى، سەمەت مەخسۇم توردىن سۈزۈلگەن بىر تال بېلىقتەك ئايرىلىپ قالدى.

     

      — سىلىنىڭ ئىدىيىلىرىدە ھەقىقەتەن مەسىلە بار ئىكەن،-دېدى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى كۆزەينىكىنى سۈرتىۋېتىپ،-شۇنچە خەق ئالدىدا ھېلىتىنلا بۇنداق قۇتراتقۇلۇق گەپلەرنى قىلغىلى تۇرسىلا، بىزنىڭ بۇ يەردە يېرىم كۈن گالۋاڭ بولۇپ ئاچقان يىغىنىمىزنىڭ ئۈنۈمى نەگە كېتىدۇ؟ ناماز دېگەننى كەچتە ئۆيلىرىگە بارغاندا ئوقۇۋالسىلىمۇ بولىدىغۇ؟! قالغانلارمۇ سىلىدەك دىنىي زاتقۇ، ئۇلار چىداپ ئاڭلاپ ئولتۇرغان يەردە سىلە نېمىشقا ئولتۇرالماي قالىلا؟! سىلە نامازنى كۈندە ئوقىۋەرگەن بىلەن بۇنداق يىغىننى بىز كۈندە ئاچالمايمىز. بىز ئاشۇ يىراقتىن كېلىپ، ئائىلىمىزدىن ئايرىلىپ جاپا تارتىپ بۇ يەردە تۈزەش ئېلىپ بېرىۋاتساق، سىلە قوپۇپ بۇ تەرتىپنى بۇزىمەن دېسىلە، دەپ باقسىلا غەرەزلىرى زادى نېمە؟!

     

      — مېنىڭ ھەرگىز يامان غەرىزىم يوق، ئۆزلىرى زىيالىي ئادەمدەك قىلىلا، ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ئەركىنلىك سىياسىتىنى ئوبدان بىلىلا، شۇنى بىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا ناماز ئوقۇغىلى قويمايلا، ناماز دېگەن ۋاقتىدا ئوقۇشقا بۇيرۇلغان پەرز ئەمەسمۇ؟!

     

      — مەخسۇماخۇن، ھاي- ھاي، مەخسۇماخۇن، ئۆپكىمىزنى بېسىۋالايلى، خاتالىقنى گەدەنگە ئالايلى!- دېدى نىياز مەخسۇمنىڭ ئالدىغا دېۋەيلەپ،-ھېچكىم قىلمىغان خاتا ئىشنى قىلىپمۇ يەنە تەن بەرمەملا؟!

     

      — مەن قايسى ئىشنى خاتا قىپتىمەن؟! ئوغرىلىق قىپتىمەنمۇ، ھۆكۈمەتكە مۇشت كۆتۈرۈپ چىقىپتىمەنمۇ، زادى نېمە قىپتىمەن، دەپ بېقىڭلارچۇ؟!-دېدى مەخسۇم ساقاللىرىنى تىترىتىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرىدىن ناھەقچىلىققا چىدىيالماسلىق ئالامەتلىرى ئوت ئۇچقۇنىدەك چېچىلىپ تۇراتتى.

     

      — شۇنىڭغا يېقىنلىشىپ قاپلا،-دېدى باشلىق چىرايىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ.

     

      — ئادەمنى تەتۈر قىينايدىغان سىلەردەك ئەمەلدارلار قاچانمۇ تۈگەر،-دېدى مەخسۇم خۇداغا ئىلتىجا قىلىۋاتقاندەك ئايانچلىق، ھەسرەتلىك تۈستە.

     

      — بۇ ئادەم كەچكىچە ھۆكۈمەتنى، باشلىقنى تىللاپلا يۈرىدۇ، كاللىسىنىڭ سۈيى بار،-دېدى نىياز كۆزەينەكلىك باشلىقنىڭ يېنىغا يېقىن كېلىپ،-بالىسىنى ئوتتۇرا مەكتەپكە بەرمەي موللىغا بەرگەن ئادەم مۇشۇ، بۇ ئىشنىمۇ ئەمدى سۈرۈشتۈرىدىغان ۋاق كېلىپ قالدى!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.